- تىزىملاتقان
- 2013-12-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4710
- نادىر
- 0
- يازما
- 325
ئۆسۈش
90.33%
|
سەئۇدى ئەرەبىستانى 2015-يىلى 21-ئاپرېل يەمەندىكى 1-باسقۇچلۇق ھەربىي ھەرىكىتىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، «ئوتتۇرا شەرقتىكى باففېت» دەپ نام ئالغان سەئۇدى ئەرەبىستانى شاھزادىسى ۋالىد توردا يەمەندىكى جەڭگە قاتناشقان 100 ئۇچقۇچىنىڭ ھەر بىرىنى مىليون يۈەنلىك ئېسىل پىكاپ بىلەن تارتۇقلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 28 مىڭ تورداش بۇ ئۇچۇرنى تارقاتقان، نۇرغۇن كىشىلەر ۋالىدنى «مەرد شاھزادە» دەپ ماختىغان. ئەمەلىيەتتە، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ۋالىددەك شاھزادىلەر ناھايىتى كۆپ، ئۇلار پۇل خەجلەش«پىرى» غا ئايلانغان. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، يېڭى پادىشاھ سالمان تەختكە چىققاندا، خۇشاللىقىدىن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە 21 مىليارد فوندستېرلىڭ پۇل تارقاتقانىدى. بۇ 200 مىليارد يۈەنگە باراۋەر. سالمان بۇلتۇر شاھزادە ۋاقتىدا تەكلىپكە بىنائەن مالدىۋىغا كەلگەن ۋە 18 مىليون فوندستېرلىڭ خەجلەپ ئۈچ كىچىك ئارالدىكى بەش يۇلتۇزلۇق ئارامگاھنى بىر ئاي ئىجارىگە ئالغان. ئارامگاھ مەسئۇلى شاھزادە ئۈچۈن باشقا بارلىق ساياھەتچىلەرنىڭ زاكازلىرىنى بىكار قىلىۋەتكەن.
2013-يىلى، شاھزادە فاھىد 15 مىليون ياۋرو (تەخمىنەن 120 مىليون يۈەن) غا پارىژدىكى دېسنىي باغچىسىنى كۆتۈرىگە ئېلىپ، 60 نەپەردىن ئارتۇق دوستىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۈچ كېچە ئۈچ كۈندۈز تەنتەنە قىلغان، بۇ پەقەت ئۇنىڭ ئوقۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغانلىقى ئۈچۈنلا تەبرىكلەنگەن. دېسنىي باغچىسى سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى ئۈچۈن ئالاھىدە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان ھەمدە بىر قىسىم ئادەتتە كۆپ ئۇچرىمايدىغان كارتونلارنى چىقارغان. ئەكسىچە بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق قىلغان ئىشى ئەمەسكەن، 2012-يىلى، پارىژ دېسنىي باغچىسى قۇرۇلغانلىقىنى 20 يىللىقىدا، ئۇ 800 مىڭ ياۋرو (تەخمىنەن 6 مىليون 410 مىڭ يۈەن ) سەرپ قىلىپ بىر قىسىم دوستلىرىنى يىغىپ باغچىدا خۇسۇسىي يىغىلىش ئۆتكۈزگەن. شۇ يىلى شاھزادە ۋالىد 600 مىليون دوللارغا ناھايىتى ئېسىل سەيلە پاراخوتى سېتىۋالغان، بۇ پاراخوتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 180 مېتىر، ئىچىدە 50 ياتاق بار، بۇ رۇسىيىلىك باي ئابراموۋىچنىڭ پاراخوتىنى دۇنيادىكى ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان. ۋالىد شاھزادىنىڭ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئىلغار «A380» بەلگىلىك ئايروپىلانى بار. ب ئايروپىلاننى ياساشقا 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كەتكەن، چوڭلۇقى ئۈچ چويلا توپ مەيدانى بىلەن تەڭ بولۇپ، ئۈچ قەۋەت، زۇڭتۇڭ يۈرۈشلۈك ئۆيىدىن نەچچىسى بار، يىغىن زالىنىڭ ئۈستىلى چوڭ تاختا كومپيۇتېرغا ئوخشايدىكەن، بارماق بىلەن مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىكەن، كۆڭۈل ئېچىش ئۆيىنىڭ بىرى ئېلېكترونلۇق ئېكران بولۇپ، تېگىنى كۆرگىلى بولىدىغان قىلىپ تەڭشىگىلى، ئۇچقاندا پۈتۈن مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.
ئىلگىرى «دۇنيادىكى ئەڭ باي بالا» دېگەن خەۋەر تارقالغان بۇ بالا ۋاپات بولغان پادىشاھ فاھىدنىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى ئابدۇل بولۇپ،2005-يىلى، ئاران 14 ياشقا كىرگەن كىچىك شاھزادە ئابدۇل ئەزىز بىن فاھىد يەتتە كادىلاك ۋە ئۈچ ئايروپىلانغا ئىگە بولۇپ بولغان، ئۇ ھەر ھەپتىدە 6 مىليون دوللار سەرپ قىلغان. بۇندىن سىرت، ئىگىلىنىشىچە ئۇنىڭ بانكا ھېساباتىغا ئالدىن 1 مىليارد 600 مىليون دوللار ئالدىن ئامانەت قويۇلغانىكەن. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قېتىم ئۇ دادىسى بىلەن لوندونغا ساياھەتكە بارغان، كۆركەم ھەشەمەتلىك بۇككىنھام سارىيىنى كۆرۈپ ناھايىتى ياقتۇرۇپ قېلىپ ئۇنى سېتىۋالماقچى بولغان، كېيىن ناھايىتى تەستە نەسىھەت قىلىپ ئۇنىڭ «سېتىلمايدىغان بۇيۇم» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، ئابدۇل ئەزىز بىن فاھىد ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەن.
ھازىر خان جەمەتىدە 5000 دىن ئارتۇق شاھزادە بار بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە سەئۇدى ئەرەبىستان خان جەمەتىدىكىلەرنىڭ بايلىقى تەخمىنەن بىر تىرىليون 400 مىليارد دوللاردىن ئاشىدۇ. ئۇنداقتا بۇ بايلىقلار زادى قەيەردىن كەلگەن؟«ۋىكى مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» تورى 2011-يىلى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 1996-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرغان سەئۇدى ئەرەبىستان خان جەمەتى ئىشخانىسى توغرىسىدىكى بىر مەخپىي تېلېگراممىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇ مەخپىي تېلېگراممىدا سەئۇدى ئەرەبىستان خان جەمەتىدىكىلەرنىڭ بايلىقىنىڭ كېلىش مەنبەلىرى يېزىلغان.
سەئۇدى خان جەمەتىدىكىلەرنىڭ بايلىقى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئايلىق مائاشى بولۇپ، خان جەمەتىدىكىلەر تۇغۇلۇش بىلەنلا مائاش ئېلىشقا باشلايدۇ، بۇ تېلېگراممىدا دېيىلىشىچە، 90-يىللاردا سەئۇدى ئەرەبىستاندا ناۋادا خاننىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك شىرەم تۇغقىنىمۇ ئېيىغا 800 دوللار مائاش ئالىدىغانلىقى، پادىشاھ ئابدۇل ئەزىزنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئايلىق مائاشىنىڭ 200 مىڭ دوللاردىن 270 مىڭ دوللارغىچە بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ نەۋرىلىرىنىڭ ئايلىق مائاشى 27 مىڭ دوللار، ئەۋرىلىرىنىڭ مائاشىنىڭ 13 مىڭ دوللار بولىدىغانلىقى، بۇلارنىڭ مائاشىغا سەئۇدى ئەرەبىستان مالىيە مىنىستىرلىقىدىكى مەخسۇس بىر تارماقنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقى، بۇلار توي قىلغاندا ۋە باشقا مۇراسىم بولغاندا يەنە قوشۇمچە «قىزىل بولاق» قا ئېرىشىدىغانلىقى يېزىلغان.
ئەمما ئايلىق پۇللار شاھزادىلەرنىڭ نەپسىنى قاندۇرالمايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئايرىم سودىسى بار بولۇپ، كۆپىنچىسى چەتئەل كارخانىلىرى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، ئومۇمىي توختام سوممىسىنىڭ %20 ىچىلىك كىرىم قىلىدىكەن.
1978-يىلى كانادا «بېر» شىركىتى 4 مىليارد دوللارلىق توختامغا ئېرىشكەندە، فاھىد شاھزادە 6 مىليون دوللار كىرىم قىلغان.ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن ئىلگىرى، خان جەمەتى ئەزالىرىنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلەنگەن، چۈنكى سودا«خان جەمەتىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ» دەپ قارىلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن خان جەمەتىدىكىلەر ئۆيدە يەپ يېتىپ دۆلەت خەزىنىسىگە 400 مىليون دوللار قەرز بولۇپ كەتكەن. فايسال پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، بۇ قائىدىنى ئۆزگەرتكەن. ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللا شۇ چاغدا تۇنجى بولۇپ سانائەت كارخانىسى قۇرغان، شاھزادە كاراد قورال-ياراغ سودىسى قىلىپ پۇل تاپقان، كېيىن ئۇ سانائەت زاۋۇتى ۋە فېرما قۇرغان. سۇغۇرتا كەسپىنى راۋاجلاندۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى شاھزادە باشقا ئەزالارغا ئۈلگە بولۇپ بەرگەن، ۋالىد شاھزادە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قۇرۇلۇش شىركىتى قۇرغان، كېيىن ئىراق كۇۋەيتكە تاجاۋۇز قىلغاندا ئۇ نۇرغۇن زېمىن سېتىۋېلىپ ، رىيادتىكى ئەڭ چوڭ زېمىن ئىگىسىگە ئايلانغان. 1990-يىلى ئۇ «سىتى» بانكسىغا ياردەم قىلىپ بۇ بانكىنى كرىزىستىن قۇتقۇزۇۋالغان، بۇ بانكىنىڭ ئەڭ چوڭ پاي چەك ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن نام چىقارغان. ھازىر ئۇنىڭ سالغان مەبلىغى خەلقئارانىڭ ھەر قايسى سودا ساھەلىرىگە سىڭىپ كىردى،«كوكاكولا»،«ماك دونالد»،«دېسنىي»،«ۋارىسېر» شىركىتى، «ئامازون» ئاخبارات گۇرۇھى قاتارلىق كارخانىلارغا مەبلەغ سېلىپ، ئۇدا نەچچە يىل ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ باي ئادەم دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. ئۇ پەقەت نېفىت كەسپىگىلا مەبلەغ سالمىغان، بۇ ئۇنىڭ «مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلىگەن شاھزادە» دېگەن شەرىپىنى مۇستەھكەملىگەن.
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى
|
|