قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1737|ئىنكاس: 8

قۇۋان تازنىڭ ھېكايىسى (3)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

10

دوست

4984

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   99.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27113
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 1608
توردىكى ۋاقتى: 1112
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-3 01:21:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خەنزۇچە بىلمەيدىغان قۇۋان تاز


يەنە شۇ تەتىلدە يۈز بەرگەن ئىشلار. ئوقۇغۇچى بولغان ئادەم تەتىلدىن باشقا چاغدا كاتەكچىلىك مەكتەپتىن چىقماي، تەيپۇنەم زامانىسىدىن قالغان كىتابتىكى مەزمۇنلارنى ئۆگىنىپ، جەمئىيەتتىن بىخەۋەر ياشايدىكەنمىز. شۇنداق تەتىل كۈنلىرىنىڭ بىرىدە تاغام بىتاپ بولۇپ قېلىپ بىللە چوڭ دوختۇرخانىغا باردىم. چوڭ دوختۇرخانا دېسەم قانداق دوختۇرخانىدۇ دېمەڭلار، شۇ يېزىمىزدىكى تامغىسىنىڭ كۈچى بار دوختۇرخانا. باشقا شەخسىي دوختۇرخانىلاردىن چوڭ بولغاچقا چوڭ دەمدۇ ياكى چوڭ-چوڭ ئالىدىغانلىقى ئۈچۈن چوڭ دەمدۇ بىلمىدىم. ئالدىغا كېلىپ پېشانىسىگە يېزىلغان «بارلىقىمىز بىمارلار ئۈچۈن» دېگەن شوئارنى كۆرۈپ، «بارلىقىمىز پۇلدارلار ئۈچۈن» دەپ خىيال قىلدىم. دېمىسىمۇ راستقۇ؟ پۇلىڭىز بولسا «ياتاق قالمىغان» دوختۇرخانىنىڭ بىر يەرلىرىدىن ياتاق چىقىدۇ. پۇلىڭىز بولسا دىياگنوز ئېنىق، تەكشۈرۈش تېز بولىدۇ. پۇلىڭىز بولسا دوختۇر-سېسترالارنىڭ غورا يېگەن تازدەك تۈرۈلۈپ قالىدىغان چىرايى سىزنى كۆرسە ئاپتاپپەرەستەك ئېچىلىدۇ. پۇلىڭىز بولسا يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا يۆتكىلىش ئىلتىماسىڭىز ئاسانلا تەستىقلىنىدۇ. بۇنداق سۆزلىگىلى تۇرسام گەپتىن گەپ چىقىدۇ. شۇڭا دەيمەن، پۇلىڭىز بولسا ئەلەي-بەلەي توكۇر زىلەي دەپ يۈرمەي بېرىدىغاننى بېرىپ، تەستىقلىتىدىغاننى تەستىقلىتىپ، ھېچ بولمىسا ناھىيەگە بېرىپ داۋالىنىپ كېلىڭ دەپ. بۇ يەردە جاننى تونۇمايدۇ پۇلى تونۇيدۇ. بىز دېھقان خەقتە ئۇنچە كۆپ پۇل بولمىغاچقا مۇشۇ يەردە داۋالانماي ئامال يوق. ئاغزىمىزدا «ئادەم سويىدىغان قاسساپ»، «ئاق خالاتلىق ئەزرائىل» دېگەن بىلەن، جان ئاغرىغاندا كېسەمسىلەر چاپامسىلەر داۋالاپ ساقايتساڭلار بولدى دەپ ئالدىغا بېرىپ ياتىمىز شۇ.

شۇنداق قىلىپ ھەر ئىككى ئادەمدە بىر نۆۋەت يانفونىغا قاراپ، خوش ياقا خوش ياقماس ئىشلەۋاتقان نومۇر كېسىدىغان دوختۇرنىڭ جامالىنى خېلى ئۇزۇن ساقلاپ ئاندىن كۆردۇق. نومۇر ئېلىپ بولۇپ دوختۇر ئىشخانىسىغا بارساق ئىككىلا ئىشخانىدا لىق ئادەم. بىرىگە كىرىپ رەتنىڭ ئاخىرىغا تىزىلدۇق. دوختۇر ھەر بىر بىمارنى يولغا سېلىپ بولۇپ، ئۆچرەتتە تۇرغانلارغا سوغۇق قارىۋېتىپ كېيىنكى بىمارنى قوبۇل قىلاتتى. ئۈرۈمچىنىڭ پويىزىدەك چىقىپ كېتىدىغانلاردىن كىرىدىغانلار كۆپ، دىمىقتا ئاران تۇراتتۇق. بىر چاغدا دوختۇر «كەلسىلە» دەپ كۈلۈمسىرەپ بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتماسما، تاغام بىلەن بىلىش-تونۇش بولغىيمىتى دەپ ئويلاپ بولغۇچە ئىشخانىغا ئەمدى كىرگەن بىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئالدىدىكى ئورۇنغا تەكلىپ قىلىپ ئۈلگۈردى. تاغامدىن سورىسام مۇئاۋىن يېزا باشلىقى دەيدۇ. ئىشلارنى چۈشىنىپ تۇرۇشۇمغا كۇسۇر-كۇسۇرلار باشلىنىپ كەتتى. دوختۇر ئۇ كىشى بىلەن بىر ھازا ئەھۋاللىشىپ، دىياگنوز قەغىزىنى قولىغا تۇتقۇزۇپ ئىشخانا ئالدىغىچە ئۇزۇتۇپ چىقتى. ئۇزۇتۇپ كىرىپلا «نېمە بولۇشتۇڭلار» دېگەندەك بىر قاراپ قويىۋىدى ھەممىمىز جىم بولدۇق.

تاغامنىڭ ئەھۋالىنى بىر قۇر سوراپ، قەغەزگە بىر نېمىلەرنى يازدى ۋە:- ئىككى كۈنلۈك دورا-ئوكۇل يېزىپ بەردىم، ئاۋۋال دورىنى يەپ، ئوكۇل ئاستۇرۇپ بېقىڭ،- دەپ قەغەزلەرنى تاغامغا تەڭلىدى.

- دوختۇر، بولسا بىر تەكشۈرتۈپ باقساق، نېمە كېسەللىكىنى بىلىپ ئاندىن...

- ئاۋۋال دورا يەپ، ئوكۇل ئاستۇرۇپ بېقىڭ. پايدا قىلماي قالسا مۇشۇ يەرگە كىرسىڭىز مەن تەكشۈرۈشكە خەت قىلىپ بېرەي.

تاغام قەغەزلەرنى ئېلىپ ئورنىدىن تۇردى. تەكشۈرتۈپ باقارمىز دەپ كەلگەن ئادەم يەنە قۇرۇق سۇغا گول بولمايلى دەپ دوختۇرغا:- ئاكا، ئاۋۋال تەكشۈرتۈپ باقساق، نېمە كېسەللىكىنى بىلىۋېلىپ ئاندىن دورا يەمدۇ، ئوكۇل ئاسامدۇ ياكى ياتاقتا ياتامدۇ...

- ئۇكام سېنىمۇ تەكشۈرۈپ باقايمۇ؟

گەپ قىلماي تاغام بىلەن ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتىم. سىرتقا چىقىپ قاقشىدىم:- ئىنساۋىنى تىراكتور مىجىۋەتكەن ئوغرى گۇيلار، ئاق-كۆك دېمەي قۇرۇق سۇ ساتقىلى ئاران تۇرىدۇ ئادەمگە.

- بولدى بالام، يا بۇ خەق بىلەن ئۇرۇشقىلى بولمىسا، ئوكۇل ئاستۇرۇپ بېقىپ ئاندىن بىر نېمە دېمەمدۇق.

تاغام قەغەزلەرگە ئۆرۈپ-چۆرۈپ قاراپ بېقىپ ماڭا تەڭلىدى ۋە :- بالام ماۋۇ قەغەزگە يازغىنىنى ئوقۇپ باقە، نېمە كېسەل، قانداق دورا-ئوكۇللارنى يېزىپتۇ، مەن خەنزۇچە خەتلەرنى تونۇمايدىكەنمەن،- دېدى.

قەغەزلەرگە قاراپ تاۋۇزلۇققا ئوغرىلىققا كىرىپ تۇتۇلۇپ قالغان بالىدەك تۇرۇپ قالدىم. ئوقۇيالمىدىم دەي دېسەم تېخى، ئوقۇي دېسەم دەردىم ئۆزۈمگە ئايان. ئەقلىمگە كەلسەم دىياگنوز قەغىزى ئۇيغۇرچە يېزىلىدىكەنتۇق. قاچاندىن باشلاپ خەنزۇچە يېزىلىشقا باشلىدى بىلمەيمەن. خەنزۇچە يازسىمۇ مەيلى ئىدى، دوختۇرلار نەسىردىن ئەپەندىنىڭ قانچىنچى ئەۋلادىكىن بىلمىدىم، دوختۇر يازغان خەتنى دوختۇردىن باشقىلار مۇتبەر ئوقۇيالمايدۇ. ئاكامنىڭ يەسلىدىكى بالىسىنىڭ تامغا چۇچۇلدا يازغان خەتلىرى بۇ خەتلەردىن چىرايلىقمىكىن دەيمەن. ئەگەر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان، خەنزۇچە بىلىدىغان بىرەر جىنايەتچىگە مۇشۇ قەغەزلەرنى تەڭلەپ، تولۇق ئوقۇيالىساڭ كەچۈرۈم قىلىمىز دېسە، ئېتىلىپ كەتسە كېتىدۇكى جېنىنى قىيناپ ھاشىخاننىڭ چېچىدەك يېزىلغان بۇ خەتلەرگە جېنىنى قىينىماسمىكىن دەيمەن.

- بالاموي، نېمىلەرنى يېزىپتۇ ئوقۇمامسەن؟ ئوقۇيالماسەن يا؟

- ياق تاغا، شۇ...

- سەن ئوقۇۋاتقىلى ئون نەچچە يىل بولدى، خەنزۇچە ئۆگەنگىلىمۇ يەتتە-سەككىز يىل بولغاندۇ. تۆت قۇر خەتنى ئوقۇيالماي تۇرىسىنا ئەمدى.

مۇنداق گەپ، دوختۇر دېگەن خەتنى بەك ئالدىراپ سەت يازىدۇ. دوختۇر يازغان خەتنى دوختۇر ئوقۇمىسا باشقا ئادەم ئالدىراپ ئوقۇيالمايدۇ. ئىشەنمىسەڭ باشقا خەنزۇچە بىلىدىغان بىرەرسىگە ئوقۇتۇپ باقە ئوقۇيالامدىكىن.

- دوختۇرلارمۇ سىلەر ئۆگەنگەن خەنزۇچىنى ئۆگىنىدىغاندۇ؟

- شۇنى ئۆگەنگەن بىلەن بىزدەك يازمايدىكەن شۇ. خەقلەر كېسىلىنى ئۇقۇپ قالمىسۇن دەمدىكىن يا.

مۇشۇنداق سۆزلەر بىلەن ئۆزۈمنى ئاقلاپ قالدىم. لېكىن كۆڭلۈم بىر خىل بولۇپ قالدى. دېمىسىمۇ راستقۇ، يەتتە-سەككىز يىل خەنزۇچە ئۆگىنىپ، تۆت قۇر خەنزۇچە خەتنى ئوقۇيالمىسام كىمدىن كۆرەي. باشلانغۇچتا تەربىيەنى بەك ياخشى ئالغاچقىمىكىن بىرى نېمىشقا ئوقۇيسەن دەپ سورىسا، ۋەتەن-خەلق ئۈچۈن دەپتىكەنمەن. مانا ھازىر ۋەتەن-خەلق ئۈچۈن تاپشۇرۇق ئىشلەشمۇ خوش ياقمايۋاتسا، يەتتە-سەككىز يىل خەنزۇچە ئۆگىنىپ يەنە بىلمەي يۈرمەمدىم.

مەكتەپ ھەر يىلى يازلىق تەتىلدە قولىمىزغا ۋاراقچىلەرنى تۇتقۇزۇپ قوياتتى، كەنتتىن ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن تامغا باستۇرۇپ كېلىسىلەر دەپ. كەنتتىنغۇ ئاسانلا باسقۇزاتتىم. لېكىن مۇشۇ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تامغىسىنى باستۇرۇش ھېلىقى چۆچەكلەردىكى شاھنىڭ مەلىكىلىرىنى ئېلىشتىنمۇ تەس ئىدى. يېزا باشلىقىنى تاپماقنىڭ تەسلىكى. بىر كۈنى كەلسەك كەنتلەرگە چىقىپ كەتتى دېگەن، ئەتىسى كەلسەك يىغىنغا كەتتى دېگەن، ئۆگۈنى كەلسەك ھېچكىم بىلمىگەن. تەلىيىمىز بولسا شۇ كۈندە، بولمىسا ئۈچ-تۆت كۈن ساقلاپ، بەزىدە ھەپتە ئاخىرى بولۇپ قالسا يەنە بىر ھەپتىگە ئاتلاپ ئاران باستۇرىمىز بىر تال تامغىنى. ئىلگىرى يېزا باشلىقىنى تاپالمىساق يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى تونۇش ئەسكەر بالىلارغا (بىزلەر يەرلىك تىلدا مىنبۇڭ دەيتۇق) بىرىپ قويساق باستۇرۇپ قوياتتى. ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ يېڭى سىياسەت چىقىپتىكەن، تامغا باستۇرىدىغان ئادەم ئۆزى كىرىپ، يېزا باشلىقىغا قول قويغۇزۇپ ئاندىن يېزا باشلىقىنىڭ كاتىپىغا ئەكىرسە تىزىملاپ تامغا بېسىپ بېرىدىكەن. ئۈسسۈيدىغان ئىشىكتىن بىرى، ئىزدەيدىغان ئادەمدىن بىرى، بىزنىڭ گېپىمىز بويىچە ئېيتسام سېپىلداقتىن بىرى كۆپەيدى دېگەن گەپ.

ئەسكەر بالىلار بىلەن ئىككى-ئۈچ كۈن ئامانلىق ساقلاپ، بىر كۈنى ئەتىگەن يىغىندىن تارقىغاندا يېزا باشلىقىنى ئاران تاپتىم. كەينىدىن پالاقشىپ ئىشخانىسىغا كىرىپ بىر مۇنچە ئادەمدىن كېيىن ئاران نۆۋەت تەگدى. نەچچە يىلدىن بۇيان تامغا باستۇرۇپ ئاز-تولا تونۇش بولۇپ قالغان. بىر قاراپلا «تامغا باسىدىغان ئىشمىدى» دەيدۇ، «ھە» دەپ قەغەزلەرنى تەڭلىدىم. ئارتۇق گەپ سورىماي ئىمزا قويۇپ بېرىپ «ئارقا ھويلىدىكى ئىشخانىدا بىر خەنزۇ كاتىپ بار، شۇ بېسىپ بېرىدۇ» دېدى. رەھمەت-تەشەككۈرلەرنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتىم. ئارقا ھويلىغا چىقسام يەنە بىر ئادەممۇ قولىدا قەغەزلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرەتتىكەن. ئىككىمىز تامغا باسىدىغان ئىشخانىنى تاپالماي ئالالمىغان قارچۇغىدەك ئۇياق-بۇياققا قاتراپ يۈرسەك، ياشتا چوڭراق بىر دەرۋازىۋەن (ھازىر ئامانلىق قوغدىغۇچى دەيدىكەن) ئاكىمىز كەپ قالدى.

- بىرەر ئىشىڭلار بارمىدى؟

- تامغا باستۇرغىلى كىرگەن.

- مۇشۇ ئۇدۇلدىكى ئىشخانا شۇ ئىدى، ئاچماپتۇ. كاتىپ ئاخشام مەست كەپتىكەن، تېخىچە ئۇخلاۋاتقان چېغى. ئاۋۇ بۇلۇڭدىكى ئۆي ياتىقى شۇ، كىرىپ بېقىڭلار.

ئىككەيلەن بېرىپ ئىشىكنى چەكسەك جىم، قاتتىقراق ئۇرىۋىدۇق بىرسىنىڭ ساپما كەشنى سۆرەپ ماڭغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئىشىكنى ئېچىۋىدى قارىساق ئۇيقۇچىلىقتىن كۆزلىرىنى ئاچالمىغان، قاپاقلىرى ئىككى مېتىر ساڭگىلىغان بىرى تۇرىدۇ.

- نېمە ئىش؟

- ناھىيەگە يۆتكەيدىغان كېسەل بار ئىدى، دوختۇرخانىدىن خەت ئېلىپ تامغا باستۇرۇپ بولغان. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تامغىسى لازىمكەن.

- ئاستا دە، بىلمىدىم.

- يۆتكىلىش قەغىزىگە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تامغىسىنى باسىدىغان ئىش ئىدى.

- تامگىما؟ تامگا يوك.

ماڭا قاراپ «سەنچۇ» دەيدۇ.

- مەكتەپكە ئاپىرىدىغان خەتكە تامغا باسىدىغان ئىش.

- سەنمۇ تامگىما؟ تامگا يوك.

كاتىپ ھە دەپ كىرىپ كەتكىلى ئالدىرايتتى. باشتا كىرگەن كىشى ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە كىرىۋاتقىلى ئۈچ كۈن بولغانلىقىنى، كېسەلنى جىددى يۆتكىمىسە بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرسە، «ئاستا دە، بىلمىدىم» دەپ، ئەمىسە تامغا بېسىپ بەر دېسە «تامگا يوك» دەپ تۇرىۋەردى. مەن ئۇ كىشىنىڭ دېگەنلىرىنى خەنزۇچە ئۆرۈپ بەرسەممۇ «تامگا يوك» دەپ تۇرىدۇ. ئۇ كىشى ئالدىرىغىنىچە چىقىپ كەتتى. لېكىن مەن بۇنداق چىقىپ كەتسەم بولمايتى. يەنە قاچان كېلىپ ئىزدەپ يۈرەي بۇنى دەپ ئويلاپ ئۇدۇللا يېزا باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم.

- ھە تامغا بېسىپ بەردىما؟

- تامغا يوق دەپ بېسىپ بەرگىلى ئۇنىمىدى.

- نېمىشقا ئۇنىمايدىكەن، تامغا شۇنىڭدا تۇرسا.

- ئۇيغۇرچە گەپ قىلسام بىلمىدىم دەيدۇ، خەنزۇچە گەپ قىلسام تامغا يوق دەيدۇ.

- خەنزۇچە بىلگەندىكىن چۈشەندۈرۈپ دەڭە، بېسىپ بېرىدۇ ئاشۇ.

ماۋۇ گەپ خېلى تەگدى. ھېلىقى خىيمەن دۆڭگە چىقىپ قىلىچىنى چىقىرىپ بىر توۋلاپلا غەيرەتكە كەلگەندەك، بۇ ئاچچىق گەپلەرنى ئاڭلاپ بولۇپ ئاچچىقىمدا كاتىپ ياتىقىنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم. ئىشىكنى ئېچىپلا «تامگا يوك» دەيدۇ.

- يېزا باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا چىقسام تامغا سەندە دەيدۇ، سەن تامغا يوق دەيسەن، ئەمىسە كىمدە دەپ بەر، شۇنى تېپىپ باسقۇزاي.

- ئاستا دە، بىلمىدىم.

ئەمدى خەنزۇچە سۆزلەپلا چۈشتۈم.

- ئۇياقتىن-بۇياققا يۈگۈرتۈپ تامغا يوق دەيسەن، مەن بىلەن يېزا باشلىقى ئىشخانىسىغا چىقىپ شۇ يەردە ئېيت تامغا يوق دەپ، بار ئادەمنى تېپىپ باسقۇزاي.

مەن سۆزلەۋاتىمەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتىدۇ. مەندىن زېرىكتىمۇ يا گېپىم تەسىر قىلدىمۇ بىلمىدىم، سىرتقا چىقىپ كەتتى. ئەگىشىپ چىقسام ئىشخانىسىنى ئېچىپ، تارتمىدىن تامغىنى ئېلىپ قەغەزلەرگە تامغا بېسىپ بولۇپ ئالدىمغا تاشلىدى.

مانا ئىش بېجىرمەكنىڭ تەسلىكى. مانا مەن خەنزۇچە بىلىدىغان ئادەم ئىشنى مۇشۇنداق بېجىرىۋاتقان يەردە خەنزۇچە بىلمەيدىغانلار قانچە قىينالغاندۇ؟

خەنزۇ تىلىنىغۇ بىلمەي، كىچىكىمدىن سۆزلەپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر تىلىنى بولسىمۇ جايلاپ ئىشلىتەي دەپتىم. بىراق ئەتراپىمدىكى «ئۇيغۇرنى سۆيمەيدىغان ئۇيغۇرلار» ئوڭايسىز ئەھۋالدا قويدى.



uyghuray

15

تېما

10

دوست

4984

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   99.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27113
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 1608
توردىكى ۋاقتى: 1112
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-3 01:23:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچىنچى پارچىسى كېچىكىپ قالدى.
يەنە بىر پارچە يېزىۋەتسەم بىرىنچى قىسمى تۈگەيدۇ. كېيىنكى قىسىملىرى يېزىلامدۇ يوق، يېزىلسا قاچان يېزىلىدۇ بىلمەيمەن.

0

تېما

0

دوست

2344

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34244
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 714
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-3 10:55:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
MSM يوللىغان ۋاقتى  2015-6-3 01:23
ئۈچىنچى پارچىسى كېچىكىپ قالدى.
يەنە بىر پارچە يېزىۋەتس ...

يېزىلسۇن،،،

2

تېما

1

دوست

2198

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12063
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 208
تۆھپە : 535
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-3 11:03:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹قۇۋان تاز›› دىگەن سىزما؟
بولمىسا بۇ ھىكايىدىن مەن قۇۋان تازنى تاپالمىدىميا؟
ئەگەر بۇ ئىشلار راسىت بولسا ،خەنزۇچىگە ئۈرۈپ ،شۇ يەرلىك ھۈكۈمەتنىڭ توردىكى خەت ساندۇقىغا ،بۇ مۇشۇ يەردە يۈزبەرگەن ئىش دەپ يوللاپمۇ قويىدىغان ئىشكەنتۇق...
بۇ ئېنىقلا ئىشنى ئاقساتقانلىق ،بىيوكىراتلىق قىلغانلىق ،يەنە كىلىپ ،زۇڭلى لى كېچىياڭنى قاتتىق ئاچچىقلاندۇرغان ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىنكەنتۇق مانا....
uyghuray

0

تېما

0

دوست

205

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   68.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34052
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-3 12:09:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى يىزلسۇن ، بۇندا ياخشى چىققان ئەسەر توختاپ قالسا بولماس ،

2

تېما

17

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 1515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 3768
توردىكى ۋاقتى: 412
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-3 19:55:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى ( 2 - قىسىمىغۇ دەيمەن ) قىسىملىرىنى ئوقۇپ كۈلۈپ توختىيالماي ئۈستەل ئاستىدىن قوپقان ئىدىم . ئايالىم نىمە بولدى دەيدۇ ئوقۇپ بەردىم ئۇمۇ كۈلۈپ ساراڭ  توختىيالماي قالغان ، ھېلىقى ساقچىنىڭ ئىشخانىسىدىكى ۋەقەلىكچۇ ..............

0

تېما

10

دوست

813

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   62.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34406
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 234
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-3 23:32:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي بۇرادەر،قولىىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن،ئىلگىرىكى قىسملىرىنىمۇ ئوقۇۋاتىمەن،شۇنداق ياخشى يىزىپسىز،نەچچە يەردە كۈلۈپ تاشلىدىم.داۋامىنى ساقلايمىز ئەمسە جۇمۇ!

0

تېما

27

دوست

2269

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35121
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 690
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-4 03:52:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چېقىپتۇ . مېنىڭچىمۇ داۋامىنى يېزىڭ .
3 ـ بۆلۈمى ئاخىرى « نەشىر » دىن چېقىپتۇ ـ دە  ، دېگىنىمچە ئالدىرىماي بىر ـ بىرلەپ ئوقۇشقا باشلىدىم . مانا كۈلىدىغان يېرىغا ھازىر كېلىمەن ، ھېلى كېلىدىغان بولدۇم بىلەن بىللە ، ئەسەرنىمۇ ئوقۇپ تۈگەتتۈق . قارىسام جېمجىت تۇرىمەن . كۈلـمۈدۈم دېمەكچى . يا مەن كۈلىدىغان يېرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتىممۇ ، بىلـمىدىم .
مانا ئەمىسە دەپ شۇنىڭ بىلەن ، مەنمۇ 2 - بۆلۈمىنى يەنە قايتا ئوقۇپ ، قاقاقلاپ  كۈلىۋالدىم .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )