قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1611|ئىنكاس: 14
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يەكەن خانلىقىنىڭ يىمىرىلگەن يىل دەۋرى توغرىسىدا (1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

دوست

771

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   54.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27875
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 244
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-13
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-3 19:17:15 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
يەكەن خانلىقىنىڭ يىمىرىلگەن يىل دەۋرى توغرىسىدا(1)
ئابدۇغېنى مامۇت

قىسقىچە مەزمۇنى: نۆۋەتتىكى تارىخ تەتقىقاتى ساھەسىدە، شىنجاڭ زېمىنىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىرىدە ئىككى ئەسىردىن ئۇزاقراق ھۆكۈم سۈرگەن، يەكەننى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان يەكەن خانلىقىنىڭ يىمىرىلگەن كونكرېت يىل دەۋرى توغرىسىدا ھەر خىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە. ماقالىدە ئالاقىدار تارىخىي ئۇچۇرلار ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى ئارقىلىق، يەكەن خانلىقىنىڭ يىمىرىلگەن يىل دەۋرى توغرىسىدىكى بەزى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: يەكەن خانلىقى؛ يىمىرىلگەن يىل دەۋرى
يەكەن خانلىقى — ئۇيغۇرلاشقان موڭغۇللاردىن تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ 7-ئەۋلاد نەۋرىسى سەئىدخان تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ، يەكەننى پايتەخت قىلىپ ھۆكۈم سۈرگەن شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر خانلىق بولۇپ، بۇ خانلىق ئۆزىنىڭ ئىككى ئەسىردىن ئۇزاقراق ھۆكۈم سۈرگەن سەلتەنەتلىك تارىخىي مۇساپىسىدە، شىنجاڭنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە ھەربىي ئىشلار تارىخىنىڭ مۇئەييەن گۈللىنىش دەۋرىنى ياراتقانلىقى بىلەن مەشھۇردۇر. تارىخ تەتقىقاتى ساھەسىدە سەمەرىلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى بىلەن، يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان يىل دەۋرى توغرىسىدا: «ھىجرىيە 920-يىلى، مىلادىيە 1514-يىلى قۇرۇلغان» دېگەن بىرلىككە كەلگەن كۆزقاراش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خانلىقنىڭ يىمىرىلگەن (تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغان) يىل دەۋرى توغرىسىدىكى بەزى ئېنىقسىز ئۇقۇملار ھازىرغىچە ئايدىڭلاشماي كەلمەكتە.
يەكەن خانلىقىنىڭ يىمىرىلىپ تارىخ سەھنىسىدىن يوقىلىشى، شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېقىنقى زامان سىياسىي تارىخىدىكى زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، بۇ تېما كۆپلىگەن تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ، بىر بۆلۈك تەتقىقات نەتىجىلىرى مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ خانلىقنىڭ قايسى يىلى يىمىرىلىپ، تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغانلىقى مەسىلىسىدە ھازىرغىچە «مىلادىيە 1678-يىلى»، «مىلادىيە 1680-يىلى» ۋە «مىلادىيە 1682-يىلى» دېگەنگە ئوخشاش ئۈچ خىل قاراش تەڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىنمەكتە. شۇنداقلا بۇ قاراشلارنىڭ ھەممىسىدە بىردەك، ساتقىن خوجا ھىدايىتۇللا (ئاپپاق خوجا) (1625ــــ1694) نىڭ يول باشلىشى بىلەن غالدان (1645ــــ1697) باشچىلىقىدىكى جۇڭغار قوشۇنلىرىنىڭ يەكەن خانلىقىغا باستۇرۇپ كىرىپ، بۇ خانلىقنى قىسقا مۇددەت ئۆزىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويغان ۋاقىتنى بۇ خانلىقنىڭ يىمىرىلىپ تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغان ۋاقتى، دەپ چۈشەندۈرۈپ كەلمەكتە. ھازىر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپ سانلىق ئۇيغۇرشۇناس ۋە موڭغۇلشۇناسلار تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق، غالدان باشچىلىقىدىكى جۇڭغار قوشۇنلىرىنىڭ يەكەن خانلىقىغا باستۇرۇپ كىرگەن ۋاقتىنى مىلادىيە 1680-يىلى دەپ مۇقىملاشتۇرغان،[1] شۇنداقلا بۇ خانلىقنىڭ تارىختىكى سەلتەنەت سۈرگەن يىل دەۋرىنى مىلادىيە 1514-يىلىدىن 1680-يىلىغىچە بولغان 166يىل دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن تارىخىي ماتېرىيالىزملىق مەيداندا تۇرۇپ، تارىخشۇناسلىقنىڭ ئەنئەنىۋى ۋە ئەقەللىي تەتقىقات ئۆلچىمى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، 1680-يىلىنى بۇ خانلىقنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغان ۋاقتى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىزگە يېتەرلىك ئاساس يوقتەك قىلىدۇ. چۈنكى، مېنىڭچە تارىختىكى مەلۇم بىر خانلىقنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىرىنچى ئۆلچەم: باستۇرۇپ كىرگۈچى سىياسىي كۈچ تەرىپىدىن باستۇرۇلغان خانلىقنىڭ ئەسلىدىكى دۆلەت نامى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى كېرەك. ئىككىنچى ئۆلچەم: باستۇرۇلغۇچى خانلىقنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇق قاتلىمىدىكى خان-پادىشاھلارنى (خان جەمەتىنى) ھۆكۈمدارلىق قىلىش ھوقۇقىدىن قالدۇرۇش ۋە يېڭى بىر ھۆكۈمرانلىق جەمەت قاتلىمىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش لازىم. ئۈچىنچى ئۆلچەم: باستۇرۇپ كىرگۈچى سىياسىي كۈچ تەرىپىدىن باستۇرۇلغۇچى خانلىقنىڭ ئەسلىدىكى بارلىق سىياسىي-قانۇن تۈزۈلمىسىنى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ئېلىپ بېرىش زۆرۈر. تۆتىنچى ئۆلچەم: باستۇرۇپ كىرگۈچى سىياسىي كۈچنىڭ ۋەكىلى باستۇرۇلغان خانلىقنىڭ بارلىق زېمىن دائىرىسىدە ئۆز نامىدا پۇل قۇيدۇرۇپ تارقىتىش ۋە يەكەن خانلىقىدەك مۇسۇلمان ئەللىرىدە ھەر جۈمە نامىزىدىكى خۇتبىنى ئۆز نامىدا ئوقۇتۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. تارىخنامىلەردىن مەلۇمكى، جۇڭغار خانلىقىنىڭ خانى غالدان مىلادىيە 1680-يىلى 10-ئاي (ھىجرىيە1091-يىلى رامىزان ئېيى) دا ساتقىن خوجا ھىدايىتۇللانىڭ يول باشلىشى بىلەن زور قوشۇننى باشلاپ يەكەن خانلىقىنىڭ خان جەمەتىدىن بولغان تۇرپان، قومۇلدىكى نائىبلىرى ئابدۇرەشىد ۋە مۇھەممەد ئىمىنلەرنى بىللە ئېلىپ، بۇ خانلىقنىڭ سىياسىي-ئىقتىسادىي مەركىزى بولغان يەكەننى ئىگىلىگەن ھەمدە شۇ ۋاقىتتا يەكەن خانلىقىنىڭ تەختىدىكى پادىشاھى ئىسمائىلخاننى ئەسىر ئالغان. ئاندىن كېيىن ھەر يىلى جۇڭغار خانلىقىغا مەلۇم مىقداردا سېلىق تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن ساتقىن خوجا ھىدايىتۇللانى ئەمەس، بەلكى يەكەن خانلىقىنىڭ خان جەمەتىدىن (چاغاتاي ئەۋلادىدىن) بولغان تۇرپان نائىبى ئابدۇرەشىد (يەكەن خانلىقىنىڭ 2-قېتىم تەختتە ئولتۇرغان پادىشاھى سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ كەنجى ئوغلى ئابدۇرەھىمخاننىڭ بەشىنچى ئوغلى باباقخاننىڭ چوڭ ئوغلى) نى يەكەن خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىگە چىقارغان.[2] گەرچە مىلادىيە 1680-يىلى يەكەن خانلىقى غالدان باشچىلىقىدىكى جۇڭغار خانلىقى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ، ھەر يىلى مەلۇم مىقداردا سېلىق تۆلەيدىغان مۇستەملىكە قىلىنغۇچىغا ئايلىنىپ قالغان (بۇ ھالەت ئۇزۇن داۋاملاشمىغان) بولسىمۇ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى يەكەن خانلىقى پادىشاھى ئىسمائىلخاننى ئەسىر ئېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىسمائىلخاننىڭ جىيەنى ئابدۇرەشىدنى خانلىق تەختىگە چىقارغانلىقىدەك تارىخىي پاكىتقا ئاساسلانغىنىمىزدا، بۇ خانلىق تارىخ سەھنىسىدىن پۈتۈنلەي يوقىلىپ كەتمىگەن. يەنى يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، تارىختىكى خانلىقلارنىڭ يىمىرىلىپ تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولۇشقا تېگىشلىك شەرتلەر تولۇق ھازىرلانمىغان، دەپ قارايمىز. مەسىلەن: بىرىنچىدىن، غالدان باشچىلىقىدىكى جۇڭغار خانلىقى قوراللىقلىرى يەكەن خانلىقىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئىسمائىلخاننى ئەسىر ئېلىپ ئابدۇرەشىدنى خانلىق تەختىگە چىقارغاندىن كېيىنمۇ، بۇ خانلىق نامىنىڭ ئىشلىتىلىشتىن قالغانلىقى توغرىسىدا ئەينى دەۋرنىڭ پازىللىرى تەرىپىدىن خاتىرە قالدۇرۇلغان سالنامىلەردە، ياكى كېيىنكى دەۋرنىڭ تارىخچىلىرى تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغان تارىخنامىلاردە ھېچقانداق ئېنىق ئۇچۇر يوق. ئەكسىچە، ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ خانلىق نامىنىڭ يەنىلا بۇرۇنقىدەك «يەكەن خانلىقى» ياكى «سەئىدىيە خانلىقى» دەپ ئاتىلىپ كېلىنگەنلىكى توغرىسىدا ئەينى دەۋردىكى ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئازبولمىغان ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىمىز. ھەتتا، بۇ ھەقتە خەنزۇچە مەنبەلەردىمۇ بەزى ۋاستىلىك ئۇچۇرلار قالدۇرۇلغان بولۇپ، «بۈيۈك چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن تەزكىرىلەر» نىڭ 355-جىلد «يەكەن» ماۋزۇسىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «يەكەن تۇرپاننىڭ غەربىي جەنۇبىغا 2000 چاقىرىمدىن كۆپرەك كېلىدىغان جايدا... كاڭشىنىڭ 35-يىلى (مىلادىيە 1696-يىلى) 8-ئايدا پادىشاھ ئابدۇرەشىد خانىمىنى ئېلىپ تاۋاپقا كەلدى». «غەربىي يۇرتنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» نىڭ 18-جىلد «چېگرا-ھۇدۇدلار» دىكى «يەكەن» ماۋزۇسىدىمۇ يۇقىرىدىكىدەك ئۇچۇرلار بېرىلگەن.[3] بۇ يەردە نامى زىكىر قىلىنىۋاتقان ئابدۇرەشىد دەل يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەردىكى يەكەن خانلىقىنىڭ خانى ئابدۇرەشىد ئىدى. دېمەك، يۇقىرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن خەنزۇچە مەنبەلەردىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندىمۇ، ئابدۇرەشىدخان زامانى (مىلادىيە 1680-يىلىدىن 1696-يىلىغىچە) دا يەكەن خانلىقىنىڭ نامىنىڭ تېخى ئىستېمالدىن قالمىغانلىقىنى، تارىخ سەھنىسىدىن تېخى پۈتۈنلەي يوقالمىغانلىقىنى بىلەلەيمىز.
ئىككىنچىدىن، مىلادىيە 1680-يىلى كۈزدە غالدان زور قوشۇننى ئېلىپ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىغا باستۇرۇپ كىرىش قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرغان. بىراق، غالدان ئىسمائىلخاننى ئەسىر ئېلىپ شىمالدىكى يايلىقىغا قايتقاندا، يەكەن خانلىقىغا، بۇ رايونغا باستۇرۇپ كىرىش ئىشلىرىغا زور تۆھپە كۆرسەتكەن خوجا ھىدايىتۇللانى ئەمەس، بەلكى نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان بۇ زېمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن چاغاتاي ئەۋلادىدىن سەئىدخاننىڭ 4-ئەۋلاد نەۋرىسى (يەكەن خانلىقىنىڭ خان جەمەتى ئەزاسى) ئابدۇرەشىدنى «خان» قىلىپ تىكلەپ، ئۇنىڭغا ۋەتىنىنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش بىلەن بىرگە، ھەر يىلى ئولپان سۈپىتىدە جۇڭغار خانلىقىغا يۈز مىڭ تەڭگە تاپشۇرۇش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويغان.[4] دېمەك، يەكەن خانلىقىغا ئىسمائىلخاندىن كېيىنمۇ، بۇ خانلىقنى قۇرغان سەئىدخاننىڭ 4-ئەۋلاد نەۋرىسى ئابدۇرەشىد خان بولغان. بۇنىڭدىن قارىغاندىمۇ، گەرچە مىلادىيە 1680-يىلى يەكەن خانلىقى ئەسلىدىكى مۇتلەق مۇستەقىل خانلىق ھالىتىدىن نىسپىي مۇستەقىل خانلىق ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن تارىخ سەھنىسىدىن پۈتۈنلەي يوقىلىپ كەتمىگەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز.
ئۈچىنچىدىن، غالدان ئىسمائىلخاننى ئەسىر ئېلىپ، ئابدۇرەشىدنى خان قىلىپ تىكلىگەندىن كېيىنمۇ، يەكەن خانلىقنىڭ ئاساسىي سىياسىي-قانۇن تۈزۈلمىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان. يەنى، تارىخنامىلەردىكى ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارغا نەزەر ئاغدۇرغىنىمىزدا، خان يەنىلا بۇ خانلىقنىڭ قۇرغۇچىسى سەئىدخان ئەۋلادى (چاغاتاي ئەۋلادى) دىن بولغان. يەكەن يەنىلا بۇ خانلىقنىڭ پايتەختى ۋە سىياسىي مەركەزلىك ئورنىدىن قالمىغان. خانلىقنىڭ ھەر قايسى مۇھىم مەمۇرىي، ھەربىي ۋە قانۇن-ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرى، چوڭ ۋىلايەت-شەھەرلەرنىڭ نائىب-ھاكىملىرى يەنىلا خان تەرىپىدىن ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ۋە بىۋاستە تەيىنلەنگەن ۋە قالدۇرۇلغان.[5] خانلىقنىڭ خېلى زور كۆلەمدە مۇستەقىل ھەربىي قوشۇنى بولغان. ئەدلىيە، قانۇن ۋە جامائەت ئامانلىق ئىشلىرى شەيخۇلئىسلام (دىنىي، ئەدلىيە ئىشلىرى ئەمەلدارى)، قازىبەگ (قانۇن ئىشلىرى ئەمەلدارى) ۋە پاششاپ بېگى (ساقچى، تۈرمە-زىندان ئىشلىرى ئەمەلدارى) قاتارلىقلار تەرىپىدىن يەنىلا بۇرۇنقىدەك قانۇن-تۈزۈم بويىچە باشقۇرۇلۇپ كېلىنگەن. بۇ ۋاسىتىلىك ئۇچۇرلار ئارقىلىق تەھلىل قىلىپ كۆرىدىغان بولساقمۇ، ئىسمائىلخاندىن كېيىن تەخىتكە چىققان ئابدۇرەشىدخاننىڭ سەلتەنەت دەۋرىگە كەلگەندىمۇ، يەكەن خانلىقىنىڭ يەنىلا تارىخ سەھنىسىدە مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.
تۆتىنچىدىن، ئوتتۇرا ئەسىر ۋە يېقىنقى زامانلاردىكى ئەنئەنىۋى قاراش بويىچە، مەلۇم بىر خانلىقنىڭ تارىخ سەھنىسىدىكى مەۋجۇدلىقىنىڭ نامايەندىسى بولسا شۇ خانلىقنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان خان-پادىشاھلىرىنىڭ ئۆز سەلتەنىتىنى جاھانغا جاكارلىشىنىڭ سىمۋول خاراكتېرىلىك ئىپادىلىرىنىڭ بىرى، مەزكۇر خانلىقنىڭ زېمىن دائىرىسىدە ئۆز نامىدا پۇل قۇيدۇرۇپ تارقىتىشىدۇر. يەنە بىرى بولسا، مۇسۇلمان ئەللىرىدە ھەر جۈمە نامىزىدىكى خۇتبىنى شۇ زاماندا خانلىق تەختىدە ئولتۇرغان خان-پادىشاھلارنىڭ ئۆز نامىدا ئوقۇتۇشىدۇر. ئەمەلىيەتتە، بىز يەكەن خانلىقىنىڭ تەختىگە ئىسمائىلخاندىن كېيىن تەختكە چىققان پادىشاھ ئابدۇرەشىدخاننىڭ سەلتەنەت دەۋرگە تەئەللۇق تارىخىي مەنبەلەردىن بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئىزدىگىنىمىزدە، غالدان باشچىلىقىدىكى جۇڭغار خانلىقى (1635ـــ1754) قوشۇنلىرى يەكەن خانلىقىغا باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن، بۇ زېمىندا غالداننىڭ نامىدا پۇل قۇيدۇرۇلۇپ تارقىتىلغانلىقى ياكى جۈمە خۇتبەسىنىڭ ئۇنىڭ نامىدا ئوقۇتۇلغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق بىر مەنبەگە ئىگە بولالمايمىز. ئەينى دەۋر تارىخىي رېئاللىقىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ كۆرىدىغان بولساقمۇ، بۇنداق ئىشلارنىڭ ئەسلا يۈز بېرىپ باقمىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز. ئەكسىچە ئابۇرەشىدخاننىڭ نامىدا پۇل قۇيۇلۇپ تارقىتىلغانلىقى ۋە ھەر جۈمە خۇتبەسىنىڭ ئۇنىڭ نامى بىلەن ئوقۇلغانلىقىنى تارىخىي خاتىرىلەردىكى بەزى ۋاسىتىلىك ئۇچۇرلار ئارقىلىق بىلەلەيمىز. مەسىلەن: «غالدان باشچىلىقىدىكى جۇڭغار خانلىقى قوشۇنلىرى يەكەن خانلىقىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئىسمائىلخاننى ئەسىر ئېلىپ، ئابدۇرەشىدنى خان قىلىپ تىكلەپ قايتىشىدا، جۇڭغار خانلىقى يەكەن خانلىقىغا ھەر يىلى ئولپان سۈپىتىدە يۈز مىڭ تەڭگە تاپشۇرۇش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويغان». ئابدۇرەشىدخاننىڭ بۇ «يۈز مىڭ تەڭگە» ئولپاننى يەكەن خانلىقىدا قۇيدۇرۇلغان پۇللاردىن تاپشۇرىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇ ۋاقىتتا ئۆزى پادىشاھ بولغاچقا، بۇ پۇللارنى ئۆز نامىدا قۇيدۇرىدىغانلىقى ئېنىق، ئەلۋەتتە. يەنە بىر جەھەتتىن، «ئابدۇرەشىد تەختكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا قولىدىكى ھەربىي كۈچكە تايىنىپ، خوجا ھىدايىتۇللانىڭ پائالىيىتىنى خېلى زور چەكلىمىگە ئۇچراتقان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن خوجا ھىدايىتۇللا بىر مەھەل يەكەندىن ئايرىلىپ تاغقا كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.» [6] بۇ يەردىكى مەسىلە، جۇڭغار خانلىقىنىڭ يەكەن خانلىقىغا باستۇرۇپ كىرىشىنىڭ بىرىنچى سەۋەبكارى بولغان خوجا ھىدايىتۇللانىڭ، جۈملىدىن ئەينى زاماندا يەكەن خانلىقى زېمىنىدا خېلىلا زور تەسىرگە ئىگە بىر سىياسىي كۈچ رەھبىرىنىڭ ئابدۇرەشىد تەختكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا يەكەندىن ئايرىلىپ تاغقا كېتىشى، بۇ زېمىندا ئابدۇرەشىدنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي كۈچنىڭ ۋەكىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ دەۋردە ھەر جۈمە كۈنىدىكى خۇتبىنى ئابدۇرەشىدنىڭ ئۆز نامىدا ئوقۇتىدىغانلىقى ئېنىق. دېمەك، يۇقىرىقى بايانلاردىن قارىغاندىمۇ، ئىسمائىلخاندىن كېيىن تەختكە چىققان ئابدۇرەشىدخان زامانىغا كەلگەندىمۇ، يەكەن خانلىقىنىڭ ھېلىھەم تارىخ سەھنىسىدە مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.  
يىغىپ ئېيىتقاندا، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كۆپ سانلىق تارىخ تەتقىقاتچىلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆز قارىشى بويىچە، «يەكەن خانلىقى مىلادىيە 1680-يىلى تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغان» بولماستىن، بەلكى غالدان باشچىلىقىدىكى جۇڭغار خانلىقى قوشۇنلىرى مىلادىيە 1680-يىلى يەكەن خانلىقىغا باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىنمۇ، بۇ خانلىقنىڭ تارىخ سەھنىسىدە تېخى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتەلەيمىز.  (داۋامى بار)
«قەشقەر پىداگوكىكا ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2015-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى



bagdax

0

تېما

1

دوست

444

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36129
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 136
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-6
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-4 00:53:46 |ئايرىم كۆرۈش
ئىسمائىلغاندىنكىيىن 16يىل ئابدۇرىشتخان تەخىتتە ئولتۇرۇپتۇ دە ئەمىسە مۇھەممەت ئىمىنخانچۇ؟سىز بۇ يازمىلىرىڭىزنى قايسى تارىخى مەنبەلەردىن ئالدىڭىز بولسا شۇ توغرىسىدا ئەسكەرتىۋەتىڭىز ئۇنداق بولغانلىقى ئىنىق بۇندا بولغانلىقى ئىنىق دەيسىز بۇ قايسى كىتاپ ياكى قايسى مەنبەدىن ئىلىنغان مەنبەسىنى ئىنىق ئەسكەرتىڭ   پەرەز قىلغان يەرلىرى تولا لىكىن بىرە يازما پاكىت يوق تىما بوپتۇ

1

تېما

2

دوست

8888

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   77.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13005
يازما سانى: 579
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 2570
توردىكى ۋاقتى: 599
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-10
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-4 01:46:55 |ئايرىم كۆرۈش
داۋامى بار دەپتۇ، سەۋر قىلىپ ساقلايلى.

0

تېما

0

دوست

41

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   13.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36398
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-6-4
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-4 02:30:57 |ئايرىم كۆرۈش
جوڭغار غالدەن كىلپ  نەچە يۇز يىل بيسۋالغان مۇڭغىللاردىن ازات قىلدى  
bagdax

0

تېما

0

دوست

242

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   80.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7170
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 50
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-6-5
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-4 09:20:39 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yoluqi76 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-4 09:22  

تارىخ كىشىلەردىن سوغۇققانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاغدۇرۇلىشى ئافاق خوجىنىڭ قورچاق ھاكىمىيىتى تىكلەنگەنگە قەدەر مۆلچەرلىنىدۇ.

67

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1710
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 2958
تۆھپە : 2293
توردىكى ۋاقتى: 944
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-6
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-4 09:34:18 |ئايرىم كۆرۈش
bagdax571 يوللىغان ۋاقتى  2015-6-4 00:53
ئىسمائىلغاندىنكىيىن 16يىل ئابدۇرىشتخان تەخىتتە ئولتۇر ...

«قەشقەر پىداگوكىكا ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2015-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى

67

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1710
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 2958
تۆھپە : 2293
توردىكى ۋاقتى: 944
سائەت
ئاخىرقى: 2016-10-6
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-4 09:37:40 |ئايرىم كۆرۈش
تارىخ ئۇچۇق بولمىغاندا مۇشۇنداق كىشلىرىمىز ئوتتۇرغا چىقىپ، تارىخنىڭ تېخى ئۇچۇق بولمىغان تەرەپلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشى كېرەك، بۇ تېما ياخشى بىر ئىزدىنىش بوپتۇ. ئاپتۇرنىڭ ئەجرىگە تەشەككۇر، ماقالىنىڭ داۋامىغا تەشنابىز.
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )