قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 4169|ئىنكاس: 48

زوردۇن سابىرنىڭ قەبرىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

1

دوست

1224

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   22.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20244
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 392
توردىكى ۋاقتى: 83
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-10 01:08:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                          

     زوردۇن سابىرنىڭ قەبرىسى

زوردۇن سابىرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنىغا باھا بېرىش قىيىن ئەمەس. كۈنىمىزدىكى كىتاب بازارلىرىنىڭ كۆپلىكى، لېكىن ئوقۇشقا تىگىشلىك كىتابلارنىڭ بارغانسىرى ئازلاپ بېرىۋاتقانلىقى بىلەن «ئانا يۇرت»روماننىڭ يەنىلا ئەڭ بازارلىق كىتابلار قاتارىدىن چۈشمەي كېلىۋاتقانلىقى بۇنى دەلىللەيدۇ. زوردۇن سابىر ۋە ئۇنىڭ كاتتا ئەسىرى«ئانا يۇرت» تۇغرىسىدا تالاي ماقالە ۋە ئەسلىمىلەر يېزىغان ۋە يېزىلىۋاتقان بولسىمۇ، مۇئەللىپنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدىكى تەتقىقات تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق. ئەسەرلەر تەتقىقاتى داۋامىدا «ئانايۇرت» ۋە زوردۇن سابىر قايتا باھالىنشى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنىغا قايتىدىن باھا بېرىلىشى مۇمكىن. تارىخ بۇنىڭ ئەڭ ئادىل سودىيەسى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئەلگىكىدىن تاسقاپ ئۆتكۈزىدۇ.  بۈگۈنكى كۈنىمىزدە «ئانا يۇرت» ئەدەبىيات بېغىمىزدىكى يىگانە بىر گۈل سۈپىتىدە نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلماقتا. شۇ نوقتا ئېنىقكى زوردۇن سابىرنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تۇتقان ئورنىغا نىسپەتەن يېزىلغان ماقالە ۋە ئەسلىمىلەر ئاپتۇرنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىسىنىڭ ناھايىتى كىچىك بىر قىسىمىنى كۆرسىتىپ بېرىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.« ئۇلۇغ قەرزدار،ئۇلۇغ يازغۇچى» ناملىق ئەدەبىي خاتېرە ۋە «ئابرال ئوغلى» ناملىق كىتابتىن «ئانا يۇرت» ۋە زوردۇن سابىر توغرۇلۇق بىلسەكمۇ، ئەمما يازغۇچىنىڭ ھايات ۋە تۇرمۇشىدىكى رىيازەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھېس قىلالمايمىز. بۇ سەۋەبلىك مۇئەللىپكە بولغان ھۆرمەت مۇۋاپپىق رەۋىشتە بولمايۋاتىدۇ دەپ ئېيتالىشىمىز مۇمكىن. بۇنداق دېيىشىمىزدە يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بىرى كىتاپ توغرىسىدا بولۇنغان پاراڭلاردا ئۇشبۇ يازغۇچىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقى. كىمنىڭ نېمەدېيىشى ئۆزىنىڭ شەخسى ھوقۇق دائىرىسىدىكى ئىش. ئەدەبىياتتا مۇستەبىتلىك ئاقمايدۇ، ئۆزىنىڭ پىكىرى ۋە كۆز قارىشىنى مۇۋاپپىق سورۇندا ئىلمىي رەۋىشتە ئوتتۇرغا قويسا بولمايدىغان ھېچ يىرى يوق. باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىغاندا دەرھال رەت قىلىش ۋە قىزىپ كېتىش بىزدىكى ئۇزۇن يىىلاردىن بىرى مەۋجۇد بولغان ئەجەللىك كېسەللىك. كىشىلەرنىڭ ساپاسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بىلىم سەۋىيىسى ئاشتى. ئەمما بىراۋنىڭ پىكىرىگە سوغاققان تەرەزدە مۇئامىلە قىلىدىغان ئىلمى روھ ۋە پەزىلەت تېخى مەيدانغا كېلىپ بولالمىدى. بۇ ھەممىزنىڭ تەپەككۈرىدە بىر مەسلە بارلىقدىن دېرەك بەرسە كېرەك. بۇ مەسلە بىزنى نۇرغۇن جاھان يېڭىلىقلىرى ۋە بىلىمدىن مەھرۇم قۇيۇش بىلەن بىرگە ھەمدەملىكنى بۇزىدۇ ئەلۋەتتە.
ئەمما ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدانېمىلا گەپ بولمىسۇن ئومۇمى جەھەتتىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئەسەر بولۇش سۈپىتىبىلەن «ئانا يۇرت» روماننىڭ ھازىرقى ئورنى چوقۇم مۇئەييەنلىشىشى كېرەك. بۇنداق دېيىشمدا مۇنداق بىر مەقسەتنى كۆزدە تۇتتۇم: بىر ئەسەرنى ھەممەيلەننىڭ ياقتۇرۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس ھەم باشقىلارمۇ شۇ ئوقۇرمەنگە بۇنى ئوقۇمىساڭ بولمايدۇ دېگەن تەلەپنى قويسا ھەم بولمايدۇ. ئەمما، كوللىكتىپنىڭ بىردەك ئېتراپىغا ئىرىشكەن ئەسەرلەرگە قارىتا باشقىلارنىڭ مەقسەتلىك ھالدا چۆكۈرۈشى ۋە مەنسىتمەسلىكى ئەدەبىياتنىڭ ھاۋاسىنى سۇسلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ سەرخىل ئەسەرلەرنىڭ روياپقا چىقىشىغات وسقۇنلۇق قىلىدىغان ناچار بىر شارائىتنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق كىتابلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيتىدە مۇئەييەن نىسپەتتە بۇلىشى مۇھىم ئەلۋەتتە.
   يېقىنىقى كۈنلەردە كىتاپ ئوقۇش ھەققىدىكى ئىنكاسلارنىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا قارىماي ئۇيغۇرچە كىتاب توغرىسىدىكى بەزى ئىنكاسلار خېلى تەسىر قوزغىدى. بۇنىڭىدا بىز ئىككى نەرسىنى ھېس قىلالايمىز: بىرى، خەلقنىڭ كىتابقا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى. يەنە بىرى، ئۇيغۇرچە كىتابلارئوقۇرمەننىڭ كۈتكەن چىققان يېرىدىن چىقمايۋاتقانلىقى. بۇ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ يېڭى بىر سناققا دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى«ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ» دېگەن سادا چىققان ئىكەن ئەمدى بۇساداغا ئەگىشىدىغانلارمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن. چۈنكى ھەقىقەتەن كىتابخانىلار ئادەمنى رازى قىلالمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى دەل ئۆزىنى پىدا قىلالايدىغان يازغۇچىلارنىڭ ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقى. دەل مۇشۇنداق پەيتتە بىزنىڭ ئېسىمىزگە كېلىدىغىنى ئۆز ياخشى كۆرگەن ئىشنى ئاخىرىغىچە قىلالايدىغان پىداكار كىشىلەر بولۇپ، يازغۇچىلىق ساھەسىدە زوردۇن سابىر دەل بۇنىڭ ئۈلگىسى.
  ئالدىنقى يىلى ئىيۇننىڭ باشلىرىدا ئابدۇقادىرمۇئەللىم(جالالىدىدىن)  گۈلساي قەبرىستانلىقىغا چىقپ كىرشنىڭ گىپىنى قىلىپ قالدى. مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە شائىر،يازغۇچىلار توغرىسىدىكى ئۈلۈم خەۋەرلىرىنىڭ ئاينىپ قالغانلىقى سەۋەبلىكمىكىن مۇئەللىم شۇ تەەرپلەرگە بېرىشنى  خىيال قىلىپ قالغان ئىدى. بىز شۇ كۈندىكى دەرسىنى شۇ تەرەپلەردە ئاڭلىماقچى بولدۇق. بۇنڭدا يەنە دەرسنىڭ ئۈنىمىمۇ ياخشى بولاتتى. بىز جەمئىي ئون نەچچە ئوقۇغۇچى گۈلساي قەبرستانلىقىغا چىقتۇق.
گۈلساي قەبرىستانلىقى ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ چوڭ قەبرىستانلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن شۇنداقلار ئا. ئۆتكۈر، ز. سابىر، ئىبراھىم مۇتىئى، ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ۋە شۇنىڭدەك يۈرىكى خەلق ئۈچۈن تىنىمىسز سوقۇپ، ئازاپ ۋە يوقسۇزلۇق ئىچىدە ئارمانسىز كەتكەن ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ مۇبارەك قەبرىلىرىنى قۇچۇپ ياتقانلىقى بىلەنمۇ داڭلىق. ئىنساننىڭ بەندىچىلىك قىلىشى نورمال بىر ئىش بولسىمۇ، ئەمما تازا كېرەكلىك كىشىلەرنىڭ تۇيۇقسىز كېتىشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بولۇپمۇ مىللەتتىكى ئورنى پات يېقىندا تولدۇرۋالغىلى بولمايدىغان كىشىلەرنىڭ ۋاپاتىغا ھەم شۇنداق. مېنىڭ نەزىرىمدەزوردۇن سابىر ئەنە شۇنداق مۇھىم كىشىلەرنىڭ بىرى. زوردۇن سابىر ۋاپاتىدىن كىيىنئۇيغۇر پىروزىچىلىقىنىڭ سۈپەت جەھەتتە توختاپ قېلىشى زوردۇن سابىرنىڭ ئۇيغۇرئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بەخىتسىزلىك ۋە ئازاپ ئىچىدە يېزىلغان شۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەربىر بېتىدە يازغۇچىنىڭ چەكسىز ئەلەملىرى بار ئىدى. مانا بۈگۈن بىز شۇ گىگانت يازغۇچىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرۇپتىمىز. – يازغۇچىنىڭ قەبرىسىمۇ ئۆزىدەك مانا مۇشۇنداق ئاددىي بولىدۇ-دېگەن ئىدى مۇئەللىم زوردۇن سابىرنىڭ گۈلباغ يولىدىكى (قەبرىستانلىق كىچىك يوللارغا بۆلۈنۈپ ئىسىم قويۇلغان ئىكەن)  جىمجىت قەبىرىسى ئالدىدا توختاپ.  قەبرە ھەقىقەتەن بۇ ئۇلۇغ يازغۇچىدەك ئاددىي ئىدى. ئويلاپ باقسام مەن بىلگەن نۇرغۇن ئۇلۇغ كشىىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەيلى تۇرمۇشتا بولسۇن ياكى باشقا ئىشلاردا بولسۇن تولىمۇ ئاددىي ئىدى. ھېس قىلدىمكى مەنىۋىيىتى توق كىشىلەرلا ئاددىيلىق ئىچىدە ياشىيالايدىكەن. ھەشەمگە بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇلۇغلارنىڭ چىقىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن.ئىنسانىي پەزىلەتىنى ۋايىغا يەتكۈزۈشكە ئورۇنىۋاتقان كىشىلەر تۇرمۇشنىڭ جاپاسىدائۆزىنىڭ نەپسى خاھىشىغا چەك قويۇپ، خاراكتېرىنى تاۋلايدىكەن. ساۋاقداشلارنىڭ ئىچىدىن ھېچكىم ھېچنىمە دېمىدى. بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىز زوردۇن سابىرنى بىلەتتۇق، ھۆرمەتلايتتۇق. ھەممەيلەن سۈكۈتكە چۆمگەن، باشلار ساڭگىلىغان، سۈكۈتتە تۇرۇپقەبرىگە قارىدۇق. كىمنىڭ نېمىلەرنى خىيال قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىش قىيىن ئىدى.بەلكىم ھەممەيلەن ئۆزلىرىمۇ ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان تۇيغۇدا تولغۇنۇۋاتقاندۇ.  ئەمما مېنىڭ ئېسىمگە تۇنجى بولۇپ زىياۋدۇن بىلەن مۇختەر باي كەلدى.  شۇنىڭ بىلەن خىياللىرىم ئۇلغايدى.  خىياللىرىم كۆپرەك «ئانا يۇرت» توغرسىدا بولاتتى. بەش قېتىم ئوقۇپمۇ ھىچ قانائەت قىلماي، ئاپتورغا بولغان قايىللىقىم تازا كۈچەيگەن ۋاقىتتا ھەتتا غولجىغا بېرىپ «ئانا يۇرت» رومانىدا تېلغا ئېلىنغان ھەربىر يەرلەرنى قۇربىمنىڭ يىتىشىچە ساياھەت قىلغان ئىدىم. بەلكىم شۇچاغدا يەرلىك كىشىلەردىن بايتوقاي ۋە چىغلىق مازارلارنىڭ قەيەردىلىكىنى سوراپ يۈرگەنلىرىمىزدە ئۇلار مېنىڭ نىمىشقا شۇنچە يىراقتىن بۇ يەرگە كەلگەنلىگىمگە قىزىقىمىغاندۇر... شۇ چاغدا خۇددى سەبىخە، زەيتۇنەلەر قايسىدۇر بىر يېزىدىن چىقىپ كېلىدىغاندەك ھاياجانلانغان ئىدىم. بۇرادرلەر بىلەن مۇختەر باي توغرىسىدا چاقچاقمۇ قىلىشقان ئىدۇق. زوردۇن سابىرغا بولغان ھۆرمەت ۋە قايىللىق، ئىپتخار ۋە ھەۋەس بىزنى شۇ يىراق يېزىلارغىچە ئاپارغان ئىدى... گۈلساي قەبرىستانلىقىدىكى باشقاقەبىرىلەرنىمۇ ئايلاندۇق. قەبرىلەر كۆپ ئىدى. ئۇندىن كېيىن بىز ئىسمىنى تولا ئاڭلايدىغانبىر قانچەيلەننىڭ قەبرىسىنى ئۇچراتتۇق. نېمىشقىكىن مېنىڭ خىياللىرىم ھامان زوردۇن سابىردا ئىدى. قەبىرىستانلىق كەڭ ھەم جىمجىت. ئارىلاپ-ئارىلاپ زىيارەتچىلەرنىڭ ماشنىسىنىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ قالىدۇ. يىراقتىن قارىيىپ كۆرۈنگەن تاغ خۇددى مۇنۇ تاشلىق تۇپراق ئاستىدا ياتقان پەرزەنتلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈۋاتقاندەك تىك تۇرماقتا ئىدى.  ئىيۇن ئايلىرىنىڭ ئىزغىرىن شاماللىرى تاغ باغرىدىن ئاستا كېلىپ، قەبىرىلەرنى سۆيۈپ ئۆتۈپ، قەبىرنىڭ  ئەتىراپىدىكى ئوت-چۆپلەرنى يەگىل تەۋرەتمەكتە ئىدى. قەبرىلەر- دۈمچەك-دۈمچەك غېرىپ قەبرىلەرمۇ، ياغاچ بىلەن بەلگە قويۇلغان ئاددىي قەبىرىلەرمۇ، سۈپەتلىك چىنە خىشتا كۆركەم بېزەلگەن ھەيۋەتلىك قەبرىلەرمۇ ئوخشاشلا سۈكۈتتە. بەلكىم قەبرە ئىچىدە تالاي ئاۋازلار باردۇر، ھېكىمەت ۋە شاپائەت بىلەن ئاپىرىدە بولغان ئىنسانلار قەبرىلەردىن چىققان ئاۋازلارنى ئاڭلاشقا ئاجىزدۇر. ئەنە شۇنداق تالاي قەبرىلەرنىڭ ئارىسىدا زوردۇن سابىرنىڭ مۇڭسىراق،ئاددى قەبرىسىمۇ بار. بۇ قەبرە بۇ يەردىكى ھەرقانداق قەبىرىگە قارىغاندا ئاددي، كىچىك رىشاتكىنىڭ ئىچىدە يەردىن ئىككىلىك ئېگىزلىكتىكى توپا، توپىنىڭ ئۈستى ۋە ئەتراپىدا ئۆت-چۆپلەر ئۆسكەن، «مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىر» دېگەن خەت يېزىلغان كىچىك ئاق تاشنىڭ سەل بېرىسىدىكى ئىىشك سۇنۇپ ساڭگىلاپ قالغان، رىشاتكىنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئوبدانلا بوجا تاشللاپ كۆكەرگەن جىگىدە كۆچىتى خۇددىي بۇ مۇڭلۇق قەبرىگە سايە تاشلاپ تۇرغاندەك. قەبرە يازغۇچىنىڭ تۇرمۇشىدەكلا ئاددىي ئىدى. قەبرىنىڭ ھەيۋىتى مەرھۇمنىڭ ئاخىرىتىنىڭ ياخشى بولىشىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز قەبرىنىڭ ھەشەمەلىگى گۆردىكى كىشىگە ئازاپ بولىدۇ دەيدىغان بىر قاراشنىڭ كۈچىدە ئىلاجى بار قەبرىنى ھەشەمەتلىك قىلمايدىغان. ئاددىي ئەقىل بىلەن ئويلانغاندىمۇ ئۆلگەن كىشىنىڭ قەبرىسىنىڭ ھەشەمەتلىك بولشىنىڭ ھچىبىر زۆرۈرىيىتى يوق. ئەمما خەلقنىڭ بۇ قاراشلىرى بۈگۈنكى شەھەر كىشىلىرى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. بۇ يەردىكى گاھى قەبرىلەرنىڭ ھەشەمەتلىگى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، ھەتتا بىر كۈنى بىر مەسجىدنىڭ ئىمامىدىن گۈلساي قەبرىستانلىقىدا گۈمبەزنىڭ ئىچىگە سافا ۋە گىلەم سېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزنى  ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇ ۋاقىتتا ھەرقانچە بولسىمۇ كىشىلەر بۇ دەرىجىدە نادانلىشىپ كەتمىگەندۇر دەپ ئويلىغان ۋە ئەقلىم يەتمىگەن ئىدى. ئەمما قەبرىستانلىقتىكى بەزى قەبىرىلەرگە قاراپ ھەيران بولماي تۇرالمىدىم.بۇنى يېڭى زاماندىكى خۇراپىيلىق دېسەك ئارتۇق كەتمەس. كىشىلەر قەبىرە گۈمبىزىنىھەيۋەتلىك قوپۇرۇش بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرنىڭ بەك ئۇلۇغلۇقىنى، ياتقانباشقا كىشىلەردىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچىمۇ ياكى مەرھۇملارنىڭ سۈرۈپبولالمىغان ھوزۇرلىرىنى ئۇ دۇنيادىمۇ سۈرسۈن دەپ ئويلىدىمۇ؟ ناۋادا بىر كىشىنىڭشانۇ-شەۋكىتى قاتۇرۇلغان قەبرىنىڭ ھەيۋىتى بىلەن ئۆلچىنىدىغان بولسا ئافاق خۇجا ئۈلۈپكەتكەن بارچە كىشىلەردىن ئۇلۇغ ۋە شانۇ-شەۋكەتلىك بولماسمىدى؟  ناۋادا راستىنلا شۇنداق بولسا قىزىل يۇلغۇنتۈۋىدە ئاخىرقى تىنىقلىرىدا ئاتا-ئاناسى ياكى مەھبۇبىسىنى ئويلاپ جان بەرگەنقەبرىسىز باھادىرلارنىڭ ئۈلۈمىنىڭ ھىچبىر قىممىتى بولماسمدى؟ ئەقلى بىلىش شۇنچىلىكتەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەردىكى نادانلىق كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئىزەتتى. ناۋادا قەبرىنىڭ ھەيۋىتى شانۇ-شەۋكەتنى بەلگىلەيدىغان بولسا شۇبھىسىزكى زوردۇن سابىر بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس ئادەم بولغان بولاتتى. ھەيۋەتلىك قەبىرىلەرنىڭئىگىلىرى پۇلدارلار ياكى ئەمەلدارلار بولۇپ، «مىراسنى خەجلىشىپ بولغاندىن كىيىن ھەتتا نەۋرە-چەۋرىلرىمۇ بۇنداق كىشىلەرنى ئۇنتۇپ كېتەتتى» (ئا.م) ئەمما زوردۇنسابىر ئۇنداق ئەمەس. ئەسەرلىرىنىڭ قايتا-قايتا نەشىر قىلىنىشى، زوردۇن سابىرنىڭ پەزىلەتلىرى توغرىسدىكى خاتىرلەرنىڭ ئۈزۈلمەي يېزىلىپ تۇرىشى زوردۇن سابىرنىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ دەلىلى ئىدى. كىشىلەر ئۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىشاتتى. ئۇيغۇر يېقىنقى زامان ئەدبىيات تارىخىدا ئالەمدىن ئۆتكەن قەلەمكەشلەركۆپ بولسىمۇ مېنىڭچە مۇنۇ ئىككى كىشىنىڭ قەدرى ھەممىدىن بەكرەك ئۈتۈلدى. بىرى؛تەتقىقاتچى، شائىر، ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن. يەنە بىرى يازغۇچى زوردۇن سابىر. ئۆز زامانداشلىرى ئارىسىدا ئەڭ ھاقارەتلەنگەن ۋە رىيازەت چەككەن (مېنىڭ قىياسىم) بۇ ئىككى زات ئۆز دەۋرىنىڭ يىراقنى كۆرەر بىلىملىك كىشىلىرىدىن ئىدى.ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ ۋە مېڭىۋاتقان يوللىرىنىڭ توغرىلىقىغا ۋە بۇنىڭ مۇكاپاتانىڭ بولىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەنگەن ئىدى. زامانداشلىرىنىڭ خۇسۇمەتلىرىگەۋە جاھاننىڭ زۇلۇمىغا مەردانلىكى بىلەن تەمكىن تۇرۇپ جاۋاپ قايتۇرغان بۇ ئىككى زات ئىلىم يولىنىڭ ۋە توغرا يولنىڭ رىيازەت بىلەن بولىدىغانلىقنى ۋە پۈتكۈل ئۆمرىنىڭ جاپا-مۇشاقەت ئىكەنلىكنى ئالدىن ھېس قىلغان كىشىلەردىن ئىدى. ئۇلار ئېيتقاندەك «تاۋار-دۇردۇن ئۈستىدىن ھەقىقەت تاپقىلى بولمايتتى». ھاياتنىڭ قىيىنچىلىقى ئىچىدە ئىرادىنىڭ تاۋلىنىدىغانلىقىنى، قىيىنچىلىق، جاپا، ۋە يەكلىنىش ۋە خۇسۇمەتلەر ئىچىدە «گۈھەردەك يالتىراپ تۇرالىغاندىلا» ئاندىن ھاياتتىن جاۋاھىرات سۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى بۇ  كىشىلەر زامانداشلىرىدىن بۇرۇن بىلگەن ئىدى.تۇرمۇشنىڭ شەكلى ئۆزگەرسىمۇ ئەمما ھاياتنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، ھەر زاماننىڭ ئۆزىگە يارىشا خۇلق-مىجەزلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۈلگۈرگەن بۇئىككى زات ئۆز قەبرىسىنىڭ خەلقنىڭ قەلبىدە بولىدىغانلىقىنى ھەقىيقى يوسۇندا بىلگەنئىدى. چۈنكى، كىشى دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى شەكلەن چۈشىنىپ ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەنمىگەندە، زاماننىڭ جەۋر-جاپالىرىغا ئۇنچىلىك ئاقىلانلىك بىلەن مۇئامىلە قىلالمىغان بولاتتى ۋە ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىدىن ۋاز كەچمەي ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرالمىغان بولاتتى. مەنسۇر ھەللاجى نىمىشقا ئۆلۈمدىن ئۆزىنى قاچۇرمىدى؟مەشرەپ نە سەۋەپتىن دار ئالدىغا كۈلۈپ بارالىدى؟ ياۋورپا تارىخىدىكى يەر مەركەز تەلىماتىنى ئوتتۇرغا قويغان  ئوتتا كۈيۈشكەرازى بولدىكى نىمىشقا سۆزىدە چىڭ تۇردى؟ چۈنكى ئۇلار ھاياتنىڭ قانۇنىيىتىنى ۋەئۆزلىرىنىڭ بىلگەنلىرىنىڭ قۇياشتەك روشەن ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. يىىللار ئۆتۈپ كىىشلەر ھەقىقەتەن يەر شارىنىڭ ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلىشكىنىدە ئۆزلىرىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ئىتىراپ قىلدى.
  باشقىلار بىلمىگەننى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار قىممەتلىك ھاياتىنى «ئالتۇن پۆپۈك ۋە يالتىراق شۆپۈك»(ئا.م) كە تىگىشىۋەتمىدى. ھاياتىنى قەدىرلىدى، ۋاقتىنى چىڭ تۇتتى، ئۈگەندى، تىرىشتى. دۇنيانىڭ مەپتۇنكار نەرسىلىرىگە ئالدانمىدى. «دانىشمەن بولغانلىق سەۋەبلىك دۇنيانىڭ ساختا خۇشاللىقدىن كېچىپ، ھەقىيقى ئازاپلىرىدا ياشىدى «ئا.م»چۈنكى ئۇلار ھەممە نەرسىنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. پەقەت ئەلنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىشلار مەڭگۈلۈك مەۋجۇدلۇق ئىدى. شۇڭا ئۇلار خەلق بىلمىسىمۇ، ئۇلارنى چۈشەنمىسمۇ خەلق ئۈچۈن دۇنيانىڭ راھەتلىرىدىن، ئۇيۇن-تاماشىلىرىدىن كېچىپ خەلق ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈۋىدى مانا بۈگۈنكى كۈندە خەلق بۇ لارنىڭ قەبىرىسىنى ئۆز قوينىغا كۆچۈردى. مانا شۇ ئەلنى دەپ تارتقان ئەرزىيەتلىرى بەدىلىگە بۇ ئىككى مۆھتىرەمزاتنىڭ قەبرىلىرى ئوتتەك ئىسسىق يۈرەكلەرنىڭ ئچىىدە ۋە گۈلدەك ئالقانلارنىڭئارىسىدا بولدى. مېنىڭچە ياخىشى ئىنسانغا مۇشۇنىڭ ئۆزى كۇپايە بولسا كېرەك. قوللار ئۈمۈد بىلەن كۆتۈرۈلگىنىدە مۇشۇ كىىشلەر يادىدىن چىقمىسا. بۇلارنىڭ شۇنىڭدىن باشقايەنە قانداق مۇھتاجلىقى بولسۇن؟! ئۈرۈمچىگە كېلىپ يازغۇچىلار ئوتتۇرسدىكى تالاي ھەسەت ۋە خۇسۇمەت غەۋغالىرىنى ئاڭلىدىم. بۇ پاراڭلارنى ئاڭلاپ بىرمۇ ئەدىب پەزىلەتلىك ئەمەسمۇ نېمە دېگەننى ئويلاپ ئۈلگۈرگەن چاغلىرىممۇ بولغان. ھىچ كىشىنىڭ ئاغزدىن مۇشۇ ئىككى مۆھترەم زات ئوتتۇرسىدىكى شىكايەت، ئىغىۋالارنى ئاڭلىمىغان بولساممۇ ئەمما، ئۇلارنىڭ تەقدىر-قىسمىتىنىڭ ئوخشاشلىقى توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىمەن.بۇ رىيازەتكار ئەدىبلەر ئۈچۈن قۇللار ئىلتىجاغا كۆتۈرۈلگنىدە «ئەينى دەۋرقەھرىمانلىرىنىڭ قەبىرىسنىڭ قەيەردىلىكىنى ياراتقۇچى ئۆزى بىلىدۇ»(ئا.م) مانا بۇ تارىخنىڭ قانۇنىيتى. ھايات ۋاقتىدىمۇ «ياغ چايناپ» ئۆلگەندىمۇ كىيىنمۇ «چىش كوچىلايدىغان» مەنتىقە ھىچ يەردە يوق. ياكى ئۆزى ياخىشى كۆرگەن نەرسىدىن كېچىش بەدىلىگە زەردارلاردەك ياشاپ، تىلەمچىدەك ئۆلۈش ياكى ياخشى كۆرگەن نەرسىلىرىگەئىخلاس قىلىش بەدىلىگە ساھىللاردەك ياشاپ، بايۋەچچىدەك كېتىش، ئۆزىنڭ پىداكارلىقىۋە جاپاسى بەدىلىگە خەلقگە ئازراق ئىش قىلىپ بېرىپ ئارمانسىز كېتىش. ئەمما كىيىنكىيول بىر ئۆمۈر رىيازەتنىڭ ئىچىدە يۈرۈش دېگەنلىك بولۇپ، تولا ھاللاردا خەلق ئۆزى ئۈچۈن ئىش قىلغانلارنى كىچىكىپ چۈشىنىدۇ ۋە ئۇلارنى ھۆرمەت بىلەن ئەسكە ئېلىشىدۇ. شۇڭا خەلق ئۈچۈن ئىش قىلغانلار ئىنتايىن ئاز چىقىدىغان بولۇپ، ئۆزى ياخىشى كۆرگەن كىشىسىدىن ھاقارەت ۋە رىيازاتلەرگە ئۇچراش كۆپ كىىشلەرنى بۇ يولدىن قايتۇرىۋېتدۇ. زوردۇن سابىر ۋە ئا. مۇھەممەتئىمىن نەق مۇشۇ يولنى تاللىغانلار. ئەلگە كۆپرەك ئىشقىلىپ بېرىش ئىشتىياقى ۋە مۇھتاجىلق، قىس ۋاقىت ۋە يوقسۇزلۇق بۇنداق كىىشىلەرنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان يول بولۇپ، مۇشۇلارغا بەرداشلىق بىرىش بەدىلىگە ھاياتىنى مەنەبىلەن بېزەش بۇلارنىڭ ھاياتقا بولغان پوزىتىسيىسى. تىرىكچلىك قىيىن بولغان شارائىتتا بۇنداق كىشىلەر مۇنداق دوقالغا دۇچ كېلىدۇ: ھاياتنىڭ ئۆتكۈنچى نەرسىلىرىنى رەت قىلىش بىلەن ئۆزى ياخشى كۆرگەننى قىلىش ۋە ئۆزى ياخشى كۆرگەندىن كىچىش بەدىلىگە دۇنيانىڭ مەئىشىئەتلىرىگە ئېرىشىپ، باياشات ياشاش.  ئالدىنقى تاللاشنىڭ ئازابى ۋاقىتلىق. كىينكىسنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇپ، ئەڭ ئېچىنىشلىقى قېرىغاندا چېكىنىشكە يول يوق. بۇ ۋاقىتتا كىشىگە ھەمراھ بولىدىغنى ئاچچىق ھەسرەت ۋە تۈگىمەس ئەلەم. ئالدىدىكى يولدىكىلەر پەللە بېشىدا كۆرەڭ. كىيىنكىسى پەللە ئاخىرىدا مەغرۇر. قايتا بەيگىگە پۇرسەت بارمۇ؟! «مەشرەپ ئېيتىپتۇ: - ئى سوپۇم. پىلسىرات، پىلسىرات دەيسىز. مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆزى پىلسىرات ئەمەسمۇ». «دانىشمەنلىكىنىڭ ئىككى ئالقىنىنى ئوچۇم قىلغان چېغىدا قارا! ئۇنىڭ ئالقانلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئىنسانىيەتكە ئاتىغان يېڭى ھەقىقەت جاۋاھىرىنىڭ نۇرى چاقنايدۇ. ئۇنىڭ ئالقانلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۇنىڭ شەخسىي ھايات پاجىئەلىرىدىن ئۇرغىغان پاك-ئىششىق قان تامچىلايدۇ. ئۇ، كاناي-سونايلار بىلەن چۇقان كۆتۈرگەنكوچىدا نېمە قىلسۇن. ئۇنى ناگان-ناگانلاردا بەلكىم ئاھ-پەريادلار بىلەن ياش تۆككەنلەر ئارىسىدا ئۇچرىتالىشىڭ مۇمكىن.
دانىشمەنلىكنىڭ دەردى تولا! گۈزىلىم، ھەربىر مۈشكۈل داۋاندا ساڭا:«ئەمدى قال!» دېگەن ئىدىمغۇ!
ئۇ ئۆمرىنىڭ قىسقىلىقىنى بىلىپ، كېچە-كۈندۈز تىنىمسىز ئەجىر-ئەمگەك قىلىدۇ» (ئا.م)
شۇنى ئېيتىش كېرەككى، بۇلار ئۆز دەۋرىنىڭ قەھرىمانلىرى. قەھرىمان زامان ۋە ماكانغا قاراپ ھەرخىل بولىدۇ. بۇلار ھاياتنىڭ مەينەتلىرى بۇلغىيالمىغان، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشى-قەلەم ئىشىنى ئاخىرىغىچە ھىچبىر شەخسى مەنپەئەت ئۈچۈن يورغىلاتماي، ئۆمرىنىڭ ئاغىرىغىچە ئۆزىنىڭ يولىدا چىڭ تۇرالىغان قەھرىمانلار. بۇنداق قەھرىمانلىق ھەممە كىشىگە نىسىپ بولىدىغان بەخىتئەمەس. بۇنىڭ رىيازەت ۋە مۇشاقەتلىرىگە پەقەت زوردۇن سابىر ۋە ئا.مۇھەممەتئىمىندەكپەللە بېشىدىلا پەللە ئاخىرىنى، مۇساپە جەريانىدىكى پۇتلىكاشاڭلارنى كۆرۈپ،شۇنڭىغا يېتەرلىك مەنىۋى ئوزۇق-چەكسىز سەبىر ۋە قانائەت تەييارلىيالىغان كىشىلەرلار بۇ بەخىتكە ئېرىشەلەيدۇ. بۇنىڭسىز  بۇ يولسا ئوڭۇشلۇق ھالدا پەللىگەيېتىش مۈشكۈل. بۇنداق كىشىلەرگە «تاشقى كۆرۈنىشى ئەپسۇنكار، ئىچى تۈگمەن تېشىىدەك ياۋۇز، ھىلىيگەر قېرى دۇنيا»(ئا.م) ئۆزىنىڭ ھەقىيقى ئەپتى-بەشىرسىنى ئېچىپ كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ دۇنياغا ئېھتىياجى بار، ئەمما تەمەسى يوق. «تەمەخورلۇق ئىنسانىي قىممەتنى پۈچەكلەشتۈرۋېتىدۇ» (ئا.م). مۇھتاجلىق ئۇلارنىڭ گېلىنى ئامبۇردەك سىقى تۇرسىمۇ «ئاخىرىقى بىر تال شام» ئۆچكەنگە قەدەر ئۆزىنى غەيۈر سېزىپ، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتدۇ. بۇنداق كىشىلەر تارىختا تولىمۇ ئاز بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلاردىن ئىبرەت ئالالمايدۇ-دە، ئۆز ھاياتنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلالمايدۇ. شۇنداق جاپادا ياشايدىغان كىشىلەر بىر پۈتۈن ھاياتىدا  نېمىگە ئېرىشىدۇ؟ ھايات ۋاقتىدايەكلىنىش ۋە خۇسۇمەت، كۆرەلمەسلىك ۋە ھەسەتكە، ۋاپاتىدىن كېيىن خەلقنىڭ رەھمىتى ۋەئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. بۇ تارىخىتىن بىرى تەكرار ئىسپاتلانغان ھەقىقەت. ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، دەۋر ۋە زامان ئۆزگەردىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ھايات ۋاقتىدا قەدىرسىز قېلىپ، ۋاپاتىدىن كېيىن چاقنايدىغان قانۇنىيتى زادىلا ئۆزگەرمىدى. ئەمما قەبرە قەلبكە كۆمۈلگەندە بۇ قەبرە ھەقىيقى يوسۇندىكى ئۇپرىماس قەبرىگە ئايلىنىدۇ. خەلقلا مەۋجۇد بولىدىكەن بۇنداق قەبرىلەرمۇ مەڭگۈ مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ. ئەل قەلبى زوردن سابىرنىڭ ۋە ز.سابىرغا ئوخشايدىغانلارنىڭ قەبرىسى. خەلقنىڭ قوينى كەڭ بولسىمۇ ئەمما قانداق تاللاشنى خەلق ھەممدىن بەك بىلىدۇ ۋە كىمنى قانداق ئۇلۇغلاشنى ھەم تېخىمۇ ياخشى بىلىدۇ.گۈلساي قەبرىستانلىقىدىكى مۇڭلۇق قەبرە يىللارنىڭ ئۈتۈشى بىلەن كۆمۈلۈپ كەتسىمۇ، ئەمما زوردۇن سابىرنىڭ ئەل قەلبىدىكى قەبرىسى كۆمۈلمەيدۇ.
زوردۇن سابىرنىڭ30 يىللىق قان-تەرىنىڭ ئەجىرى بار. ناۋادا ئەجىر دېگەن سۆز ئىنكار قىلىنسا شۈبھىسىسزكى بۇلارنىڭ رىيازەتلىرى بىكار كەتكەن بولاتتى. كىشىلەر ھازىر بۇ سۆزنى ئۇنتۇپ كەتتى. شۇڭا كىشىلەر نەق پايدىغا تۇرىدىغان بولۇپ كەتتى. بۇنداق سۆزنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىشى كىشىنى چۆچۈتدۇ.
بوكىس چىمپىيونى ئابدۇراھماننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشى توغرىسىدىكى تالاي مۇنازىرىلەرنى كۆرگەن بولدۇق. غورۇر، خەلق، تىرىكچىلىك، ئىززەت توغرىسدىكى بىرتالاي گەپلەر توختىماي تارقالدى. مەن نىمىشقىكىن ئابدۇراخماننىمۇ زوردۇن سابىر ۋە ئا،مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىگە ئوخشاتتىم. ئۇلارنىڭ قىسمىتى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش ئىدى. ئوخشىمايدىغان يېرى ئابدۇراخماننىڭ مۆتىۋەر ئىككى زات ياىشىغان دەۋردىنمۇ بەك قىيىن بىر دەۋردە ياشىغانلىقى ۋە تېخى زامانداشلىرى ئارىسىدا خۇسۇمەتلەرگەئۇچرىمىغانلىقى. چۈنكى ئابدۇراخماندەك كىلىشتۈرۈپ مۇشت ئاتىدىغانلار كۆپ ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭغا خۇسۇمەت قىلغانلار جامائەت ئالدىدا چانماي مۇش تئاتالىشى كېرەك. ئەمما ئەدبىيات ئوخشىمايدۇ. ئەدەبىياتتا ئارقىسىدىن ئازىراقلا گەپ چىقىپ قالسا سسىيدىغان گەپ. قەلەم كۆتۈرۈپ يۈرگەن كىشىلەر كۆپرەك، ئەمما ھەقىيقى يازالايدىغانلرى ئازراق. ئۈگەنگەنلىرى قەلبىگە ئەمەس كاللىسىغا تەسىر قىلغانلار كۆپ سالماقنى ئىگەلەيدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ پىكىرىگە ئازىراقلا ئوخشىمىسا،باشقىلارنىڭمۇ ئوخشىمىغان يېرىنى كۆرۈشكە ئامراق. ئابدۇراھمانمۇ يوقسۇل ئىكەن.ز.سابىرمۇ يوقسۇل ئىكەندۇق. ئەمما ھەر ئىككىلىسىدە ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن ئىشقا ئىشتىياق بار ئىكەن.  ئۇيغۇردا ئۇمۇمى جەھەتتىن پۇل بولمىسىمۇ، ئەمما بۇنداق كىشىلەردە تېخىمۇ پۇل بولمايدىكەن. زوردۇن سابىر يېزىقچىلىققا تاينىپ پۇل تاپالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئەمما يازغۇچىلىقتىن ئىبارەت بىر كوچىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ. باشقىلار پۇل تېپىۋاتقاندا زوردۇن سابىر ھىچ بولمىسا كىتاپ ئوقۇش كېرەك. كىتاپ ئوقۇغانغا قورساق تويمايدۇ. ئېنقىكى بۇنداق كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى غورگۈل ئۆتەتتى ھەم شۇنداق بولدى. (ئۇلۇغ  قەرزدار،ئۇلۇغ يازغۇچى» ناملىق ماقالىگە قارالسۇن) بىلىم سەۋىيىسىدىن قارىغاندا ئابدۇراھمانمۇ شۇنداق ئويلىغان بولىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلاردا سەنئەتچى ئويۇن قۇيۇپ پۇل تاپالايدۇ. ئەمما تەنتەربىيە ساھەسىدە پۇل تېپىش قىيىن. چۈنكى، بۇنداق كىشىلەرگە خەلق مەدەتتىن باشقا ھىچنىمە بېرەلمەيدۇ.  ئەمما مەدەتكە قورساق تويمايدۇ.  لىكىن خەلقتىن ئاغرىنىش تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس. بۇنى بېشىدا تىلغا ئالغان ئىدۇق.  ئەمما ئۇنىڭ نامىزىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپلىكى،ئابدۇراھماننىڭ بىر مۇشتىنىڭ ۋەزنىنىڭ يىنىك ئەمەسلىكىنى تونۇتتى.  مېنىڭچە ئابدۇراھمانمۇ (ياش كەتكەن بولسىمۇ)ئۆزىنىڭ قەبرىسىنى قاتۇرۇپ بولدى.  خەلقنەۋرىلىرىگە ئابدۇراھمان توغرىسىىدىكى گۈزەل ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ. چۈنكىخەلق ھېلىغىچە قەھرىماننى ئۇنتۇپ قالغان ئەمەس. « قەھرىمان-ئۇلۇغ مەشئەلچى! توسقۇن بۆسكەن ۋە ئىنسان ھاياتىغا يېڭى سەۋىيە بەخىش ئەتكەن زات ئومۇمەن قەھرىمان ھېسابلىنىدۇ. قەھرىمانلار ئىككى خىل بولۇپ، بىرى، ھېكايەتلىك قەھرىمان. يەنە بىرى،ھېكمەتدار قەھرىمان» (ئا.م) تارىخ ئابدۇراھماننىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇرىدۇ، ھەم ئاشۇرغۇسى.خەلق قەبرىسىز  كشىلەرنى ياد ئەتكىنىدەك ، قەبرىسى ئاددىي كىشىلەرنى ھەم ياد ئېتىدۇ. بەلكىم قۇرۇق ھۆرمەتكە نېمە كېلىدۇ دەپ سورىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، خەلقنىڭ ياخشى تېلىكى كېلىدۇ. رەھمەت ۋە ياخشى تىلەك دېگەن دۇنيادىن تەمەسىز  كەتكەن كىشىلەرگە بېرىلىدىغان مۇكاپات. بۇ مۇكاپاتنىڭ ۋەزنىنى ھىچكىم دەپ بېرەلمەيدۇ.
خەيرىيەت. زوردۇن سابىرنىڭ گۈلسايدىكى قەبرىسىدىن باشلانغان مۇھاكىمىلەر مانا مۇشۇنداق ئەبجەشلىشىپ كەتتى. زوردۇن سابىر ۋە ئا. مۇھەممەتئىمىنلارنىڭ ۋاپاتىدىن 20يىللار ئۆتكەن بۇ كۈندە نىمىشقا بۇلارنى ئەسلەش زۆرۈر بولۇپ قالدى؟ چۈنكى ئۇيغۇرلار تەپەككۈر جەھەتتىكى تولىمۇ بىچارىلىكى ۋە كىتابخانىلاردىكى مەنىسىزلىك بىلەن بۇلارنى كۈنسىرى سېغىنماقتا . بۇ سېغىنىش ئەۋجىگە چىققان كۈنلەردە «ئانا يۇرت»رومانىنىڭ  لىرىكىغا تۇيۇنغان ھەر بىر بەتلىرىدىن ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەڭداشسىز گۈزەللىكىدىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىمەن. بۇھوزۇر تومۇر-تومۇرلىرىمدا ئۆركەش ياساپ، ئۆز تىلىمنى مۇھاببەت بېلەن سۆيىدىغان بىر پەرزەنت بولۇپ يىتىشسەم دەيمەن. ئاخىرىدا ئا.مۇھەممەتئىمىننىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى قوشۇپ قويۇشنى لايىق تاپتىم:
-شەخىسنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ نەسەپ سالاھىيىتى، ئىگىلىگەن ئىمتىياز ۋە بايلىقى بىلەن ھېسابلانمايدۇ، دېگەن سۆز.
-شەخىسنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئېرىشكەن مەدھىيە ياكى ئۇچرىغان ھاقارەتلىرى، غەلبە ياكى مەغلۇبىيەتلىرى، ئۆزى ياكى  باشقىلار چوقۇنۇپ ياسىغان ئوبراز ھەيكەللىرى بىلەن بەلگىلەنمەيدۇ،دېگەن سۆز.
(ئا.م)
2015-يىل
uyghuray

0

تېما

0

دوست

696

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   39.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22113
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-11 10:29:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ رومانىنىڭ ئاخىرىنى زۇردۇن سابىر چىقاردى .

23

تېما

0

دوست

2625

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11617
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 354
تۆھپە : 606
توردىكى ۋاقتى: 159
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-11 11:20:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ ، مەن غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرېشىت ئوسمان.ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇئەللىم ناھايىتى توغرا قىپتۇ. راست، تىل-ئەدەبىيات دەرىسى يالغۇز دەرىسخانىدىلا ئۆتۈلمەيدۇ.تەتىلدە غۇلجىغا كىلىڭلار،مەن سىلەرنى ‹‹زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى››گە ئاپىراي.

23

تېما

0

دوست

2625

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11617
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 354
تۆھپە : 606
توردىكى ۋاقتى: 159
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-11 11:34:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

02[1].jpg
uyghuray

aaot=oghuztigin=和平之子

46

تېما

9

دوست

9705

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   94.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10330
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1504
تۆھپە : 1941
توردىكى ۋاقتى: 321
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-11 11:35:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ   ئىش، تىرىكلىكىدە  ئىززەتىنى  قىلمايمىز؟
ئازغۇندەك ئۆلۈك كەينىدىن،تاپ يېگەندەك غاجايمىز؟
ئويلانمايمىز ئەجەبا.... دەپ،يا بىزلەر كالۋا؟ نادانمۇ؟
تارىخ لىللاھ  گۇۋاھچى، بۇنى نەچۈك  بىلمەيمىز؟

23

تېما

0

دوست

2625

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11617
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 354
تۆھپە : 606
توردىكى ۋاقتى: 159
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-11 11:38:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

01[1].jpg

0

تېما

0

دوست

3364

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   45.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34908
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1050
توردىكى ۋاقتى: 300
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-11 13:33:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   MIH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-11 13:34  

مەن زوردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرىنى سويۈپ ئوقۇغان ھەم نۇرغۇن بەدىئى زوق ئالغان ، ئۇنىڭ ‹‹ئېھ توپىلىق يول !›› ناملىق ھېكايىسى ، ‹‹ئامەت ›› ناملىق پوۋىستى ،‹‹ ئىزدىنىش ›› ، ‹‹ئانا يۇرت ›› قاتارلىق  رومانلىرى بەك داڭلىق . مەن ئۇنىڭغا چوقۇنغاچقا ئۆتكەندە شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مەلۇم بىر رىياسەتچىسى زوردۇن سابىر توغرىسىدا ‹‹ ئۇ قانداق نوبىل  مۇكاپاتىغا ئېرىشەلەيدۇ ؟ ئۇ 200 يىلدىمۇ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيدۇ›› دېگەندە غەزەپتىن قۇيقا چېچىم تىك تۇرۇپ كەتتى ، ئىختىيارسىز ھالدا ‹‹ سەندەك 100 رىياسەتچىنى قوشسا بىر زوردۇن سابىر چىقمايدۇ ›› دېگىىم كېپ كەتتى .

0

تېما

0

دوست

70

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   23.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35912
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-11 15:29:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )