مەن ئامېرىكىغا چىقىشىم كىرەك
مەن ئامىرىكىغا چىقىشىم كىرەك. نىمىشقا دەپ سورماڭ،ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ئارزۇ-ئارمانلىرى ،يۈكسەل بولغان غايىلىرى مەۋجۇد بولىدۇ. مىنىڭمۇ ھەم شۇنداق ئارزۇ-ئارمانلىرىم، ئۇلۇغۋار پىلانلىرىم بار. بەلكىم دۆلتىمىزنىڭ سەۋىيەسى سىنىڭ سەۋىيەسىڭگە يەتمىدىمۇ دەيسىز،ياقەي مىنىڭ سەۋىيەسىم دۆلەتنىڭ سەۋىيەسىگە يەتمەيدۇ،لىكىن ئارزۇ-ئارمانلىرىمغا يىتىشكە سەۋىيەسىم تولۇق يىتىدۇ. تىپىرلاپ يۈرۋاتقان جان بىزگە ئامانەت بىرىلگەن،بىز مۇشۇ ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىقىمىز كىرەك. نىمىنىڭ مەدەنىيەت،نىمىنىڭ ئىلغارلىقلىقنى چۈشىنشىمىز كىرەك.
مەن ئامىرىكىغا چىقىشم كىرەك. ئۇلۇغۋار ئارزۇلىرىم ئۈچۈن چىقشىم كىرەك. مەن ئۇ يەرنىڭ تەرەققىياتىنى دەپ چىقىمەن دىگەن يىرىم يوق،ئىلغار كىشلەرنىڭ ئىلغارلىقىنى،جانىلق تەپەككۇرنى بىلگىلى،كۆرگىلى چىقىمەن. بىلىمەن يوللار جاپالىق،لىكىن جاپالىق يوللاردىن ئىسل تۇرمۇش ئادىتىنى ئۈگەنگىلى،ئۆزۈمگە قۇرال قىلغىلى چىقىمەن…
ھەرۋاقىت ماڭا ياخشى بولغان تەپەككۇر مەيدانى بولىشى كىرەك،باشقىلارنىڭ تەپەككۇر يازمىلىرنى داۋاملىق ھالدا كۆرۈشنمنىڭ نىمىدىن دىرەك بىردىغانلىقىنى بىلمەيمەن. شۇنداق ئىلغار تەپەككۇرنىڭ،شۇنداق كۈچلۈك بولغان پىكىر قىلىشنىڭ ئۆزۈمدە بولشىنى بەكمۇ خالايمەن. ئىلغار بولغان دۇنيا قاراشنى،ئىلغار بولغان مەدەنىيەت قارشىنى ھەقىقىي تۈردە ئۈگەنگىم ھەمدە ئىلىپ كەلگۈم بار . بۇ مىنىڭ ئامىرىكىغا چىقىشىمنىڭ سەۋەبى.
مەن ئامىرىكىغا چىقىشىم كىرەك. ئۆز ئەقىدەمنى ياخشىلاش،روھىتىمنى بىيتىش ئۈچۈن چىقىمەن. مىللەتنىڭ،كەلگۈسنىڭ بىزدەك ياشلاردىن كۈتكۈننى ئىلىپ كىلش ئۈچۈن چىقىمەن. دۆلەتكە يۈكۈمنى سالماسلىق ئۈچۈن چىقىمەن. ھەم چوقۇم شۇنداق قىلشىم كىرەك.
ھەقىقەتەنكى مەندە ئۇ يەرگە چىققۇدەك تىل سەۋىيەسى يوق،لىكىن مەن بۇ باسقۇچتىن چوقۇم تىزلا ئۆتۈپ كىتەلەيمەن. نىمشقا دىمەڭ ،مەن ئامىرىكىغا چىقىشىم كىرەك. كىشلەر بىلەن مۇكەممەل ھالەتتە پاراڭلىشالايدىغان بولشۇم كىرەك.
ھەقىقەت ،تىل ئىنسان كۆۋرۈكىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى. مەن چوقۇم نىمىنى قىلىشنى بىلىپ يولغا چىقىشىم كىرەك.بۇ ئارزۇ بىر كىچىدىللا ئەمەلگە ئاشمايدۇ،شۇڭا ئىنساننى سىنايدىغان ئۆتكەنلەردىن چوقۇم ئۆتۈشۈم كىرەك.
مەن بىر ئەقىل-پاراسەتلىك ئادەم بولۇشىم، غايە- نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان ئىنسان بولۇشىم،كىم بۇ دىسەجوڭخۇا مىللىتى،يەنە ئۇيغۇر دىيەلەيدىغان بولۇشىم كىرەك
مەن ئامىرىكىغا چىقىشىم كىرەك
مەھمۇدجان ئەنۋەر . 2014-12-11 كۈنى |