نەتىجە ھاسىل قىلىشتا بىلىشكە تېگىشلىك مەقسەت بىلەن نىشاننىڭ 7 خىل پەرقى
تاشپولات روزى
سودا ئىشلىرى، ئاكادېمىك ساھەلەر ۋە ئادەتتىكى تۇرمۇشىدا، قانداقتۇر بىر نەرسىگە قاراپ قەدەممۇ قەدەم ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇ يەردىكى «قانداقتۇر بىر نەرسە» دېگىنىمىز مەقسەت ياكى نىشان بولىدۇ. بىراق بارلىقىمىز مۇشۇ «مەقسەت» ياكى «نىشان» نىڭ پەرقىنى بىلىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانمىدۇق؟
«مەقسەت» (目的) بىلەن «نىشان» (目标) بىر قارىماققا ئوخشاشتەك بىلىنىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنىسىدە چوڭ پەرق بار. بولۇپمۇ زور نەتىجىلەرنى تەلەپ قىلغىنىمىزدا ئۇلارنىڭ پەرقىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرمىساق ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان نەتىجىلەرگە ئېرىشەلمەيمىز. شۇڭا بۇ تەرجىمە ماقالەمدە «مەقسەت» بىلەن «نىشان» نىڭ پەرقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.
ئۇلاردىكى پەرق 1: نىشان بولسا ئاخىرقى مەقسەت ئۈچۈندۇر.
نىشان بولسا مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قىلىنغان قەدەم باسقۇچ. شەرتسىزكى «مەقسەت»كە يېتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت ۋە مۇشۇ ھەرىكەتنىڭ ئىزىنى ئىپادىلەيدىغىنى «نىشان» بولىدۇ. مەقسەتسىز نىشانغا يەتكىلى بولمايدۇ. مەقسەت بولغاندىلا نىشان دېگەن نەرسىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇشىمىز لازىم.
ئۇلاردىكى پەرق 2: نىشان بولسا كونكرېت، مەقسەت ئابستراكت بولىدۇ.
مەقسەت «دۇنيا تىنچلىقى» ۋە «بەختلىك بولۇش» دېگەن چۈشەنچە بولسىمۇ، نىشان ئاشۇ مەقسەتنى ئادا قىلىشتىكى يول بەلگىسى بولىدۇ. شۇڭا مەقسەتنى كونكرېت روشەن ئىپادىلەيدىغان چارە ۋە ئۇسۇل بىلەن ئايرىمىساق، مەقسەتكە يەتكۈچە بولغان ئارىلىقتىكى يول قۇرۇلمايدۇ.
بەك كونكرېت مەقسەت ئوتتۇرىغا قويۇلسا، ئۇنى بېجىرىشتىكى مەسىلىلەرمۇ كۆپىيىپ، مەقسەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بىرقانچە «نىشان» زۆرۈر بولۇپ قېلىپ، مەقسەتكە يېتىش قىيىنلىشىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز لازىم.
ئۇلاردىكى پەرق 3: نىشان كۆرۈنىدىغان، مەقسەت كۆرمەكچى بولغان نەرسە.
يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، نىشان بولسا مەقسەتكە قاراپ ئېلىنغان يول بولغاچقا، ئاشۇ نىشانغا قارىتىپ قانداق ھەرىكەتتە بولسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلمىسەك بولمايدۇ. ھەمدە نىشانغا يەتكەندە، مەقسەت قىلىنغان نەرسىگە يېقىنلاشقانلىقىمىزنى ھېس قىلساق، ئاشۇ نىشان ئۈچۈن باسقان يولىمىزدا خاتالىق يوق ئىكەن دېسەك بولىدۇ.
يەنى نىشان ئېنىق بولغان ۋاقتىدا «مەقسەت» نىڭ كۆزىتىلىشىچە ئۆزگىرىشىمۇ بولۇپ تۇرىدۇ. مەقسەتنىڭ كۆزىتىلىشى ياكى ئۇنى قانداق تۇتۇشنى جەزمەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان نەرسە نىشان ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك.
ئۇلاردىكى پەرق 4: نىشان بولسا جەريان، مەقسەت بولسا مەنزىل.
«نىشان» بولسا «مەقسەتكە» يېتىشتىكى يول بولۇپ، مەنزىلدىن ئىبارەت. بىر «نىشان» غا يەتكەندە، «مەقسەت»گە يېقىنلىشىش ئۈچۈن يۇلۇنۇشنى مۆلچەرلەپ، كېيىنكى نىشاننى بېكىتىپ ئىلگىرىلىگەندىلا «مەقسەت»نى ئادا قىلىش مۇمكىن بولىدۇ.
مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر نىشان بولىدۇ. ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ سانى سىزنىڭ قابىلىيىتىڭىز ياكى مەقسەتكە قاراپ ئوخشىمايدۇ.
ئۇلاردىكى پەرق 5: نىشان بولسا كۆپ خىل، مەقسەت بولسا بىرلا بولىدۇ.
«مەقسەت» گە قاراپ مېڭىپ «نىشان» نى بەلگىلەپ ئىلگىرىلىگىنىڭىزدە، قىلىدىغان نىشان بىر دەپ چەكلەنمەيدۇ. يەنە، بىر نىشاننى ھەل قىلغان ۋاقتىمىزدا، مەقسەتكە قاراپ ماڭغان يولىمىز بىرقانچە تارماقلارغا ساقلىنىدىغان ئىشمۇ بولىدۇ.
ئادەملەرنىڭ قابىلىيىتى ياكى مەقسىتىنىڭ چوڭلۇقىغا قاراپ، مەقسەتكە يېقىنلىشىشنىڭ ئۇسۇللىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. ناھايىتى چوڭ نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بىراقلا مەقسەتكە قاراپ ئىلگىرىلەش ئۇسۇلىمۇ بار، يەنى تەپسىلىي نىشاندىن بىر نەچچىسىنى بېكىتىپ، يولنى روشەنلەشتۈرۈپ پۇختا قەدەم بىلەن مەقسەتكە قاراپ ئىلگىرىلەش ئۇسۇلىمۇ بار.
بۇ يەردىكى مۇھىم ئىش بولسا «ئىككى توشقان قوغلىغان ئادەم بىرىگىمۇ ئېرىشەلمەپتۇ» دېگەندىن ئىبارەت. كۆپلىگەن مەقسەتلەرنى نىشانلاپ، نىشاننى تەرتىپلەش قىيىن بولىدۇ. بىر مەقسەتكە نىسبەتەن، زۆرۈر بولغان نىشان باسقۇچلىرى ئارقىلىق ئىلگىرىلەش مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئۇلاردىكى پەرق 6: نىشان ۋاز كېچىلسىمۇ، مەقسەت ۋاز كېچىلمەيدۇ.
يەنە، بىر نىشانغا يەتكەندىمۇ مەقسەتكە يېقىنلىشالمايدىغان ئەھۋالىمۇ ئۇچرايدۇ. ھازىر يۈزلىنىپ كېتىۋاتقان نىشانغا نىسبەتەن باشقا نىشاننى ئادا قىلىش، مەقسەتنى تېز ئادا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ. چوڭ مەقسەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى مۆلچەرلەپ، نىشاننى ئۆزگەرتىش زۆرۈرىيىتىمۇ بولىدۇ.
چوڭ نىشان مەغلۇپ بولسىمۇ، مەقسەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەقسەتتىن ئايرىلىپ قالمىسىلا باشقا ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىش پۈتۈنلەي مۇمكىن.
ئۇلاردىكى پەرق 7: مەقسەت بولسا نىشاننىڭ مەنزىلىسىدە بولىدۇ.
«نىشان» بولسا «مەقسەت» گە يېتىشنىڭ جەريانى بولۇپ، نىشاننى ئېنىق قىلمىسا مەقسەتكە يېقىنلىشىش مۇمكىن بولمايدۇ. ئالدى بىلەن مەقسەتكە نىسبەتەن ئېنىق قىلمىسا بولمايدىغان نىشاننى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. نىشان چوڭ بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ ئېنىق بولغان دائىرىڭىز ئىچىدە نىشاننى قۇرۇپ، مەقسەتنى يوقاتماي نىشاننى ئېنىق قىلىپ مېڭىڭ.
نىشانغا يېتىش جەرياندا، مەقسەتنىڭ كۆرۈنۈشى ۋە ئۇنى قانداق تۇتۇشلاردا ئۆزگىرىش ھاسىل بولىدىغانلىقى ئۈچۈن مەقسەتنىڭ كەلگۈسىنى ئۇنتۇپ قالماي دائىم ھەرىكەت قىلايلى.
يۇقۇرىدىكىلەرگە قانداق قارايسىز؟
يۇقىرىدا كۆرگەندەك «مەقسەت» بىلەن «نىشان» نىڭ مەنىسى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، چوڭ مەقسەت ياكى نىشانغا قاراپ يول ئالغاندا، بۇ ئىككىسىنىڭ مەنىسىنى خاتا چۈشىنىۋالىدىغانلار كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ نەتىجىسىدە، نىشاننى ئېنىق قىلغاندىن كېيىن مەنىسىزلىك تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ، دەسلەپتە تەسەۋۋۇر قىلىنغان مەقسەت پۈتۈنلەي قارشى نەتىجىگە ئېرىشىپ ئۈمىدسىزلىك پەيدا بولىدۇ.
مەقسەتنى يوقاتماي نىشانغا قارىتىپ تىرىشقاندىلا، دەسلەپكى نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىز ئۈچۈن، «مەقسەت» ۋە «نىشان» نىڭ پەرقىنى ئېنىق تونۇپ، ھەر كۈنلۈك ھەرىكىتىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى.
پايدىلانغان مەنبە: MT Lifehacher
http://en.motivation-upgrade.com/
|