- تىزىملاتقان
- 2015-6-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 654
- نادىر
- 1
- يازما
- 3
ئۆسۈش
30.8%
|
ئەتراپمىزغا قارايدىغان بولساق ئۆزلىرىنىڭ ئاددى خىزمەت ئورۇنلىرىدا تىنىمسىز ئىشلەپ بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن قىز-ئوغوللىرىمىز ئاز ئەمەس. بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان پەخىرلىك قىزىمىز ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى،قەيسەر-جاسارىتى بىلەن" سىنگاپور خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى" دۇبەي تارماق شىركىتىگە تۇنجى قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر قىزى -فاتىمە.
گەرچە ئۇ ئەينى ۋاقىىتتا باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئامرىكا،ئەنگىلىيە،ياپونىيە قاتارلىق تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرگە ئوقۇشقا چىقالمىغان بولسىمۇ بىراق 2007-يىلى"شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتى"نىڭ ئىنگىلىزتىلى كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ بىر يىل تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق 2008-يىلى ھىندونوزىيەنىڭ سولو شەھرىگە بېرىپ شۇ يەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى.
ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: تۇنجى قېتىم ھىندىنوزىيەنىڭ پايتەخـتى جاكارتا شەھرىگە چۈشتۇم . ھاياجانلىق ئىلكىدە ئەتراپقا تويماي قارايتتىم . بۇ بىر يېڭى دۇنيا ئىدى ، . ئەتراپتىكى مۇھىت ،ئادەملەر يۇرتۇمغا ئوخشىمايتتى . ئۈچ كۈن بۇ شەھەرنى ئايلانغاندىن كىيىن سولو شەھرىگە كەلدىم . بۇ شەھەر پايتەخت جاكارتاغا قارىغاندا كىچىك ، جىمجىت ئىدى . نەرسىلىرىمنى جايلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن خىزمەت قىلماقچى بولغان مەكتەپكە باردىم . مەكتەپ ئاددى ، پاكىزە ئىدى . مېنىڭ جۇڭگودىن بۇ مەكتەپكە يېڭى كەلگەنلىكىمنى بىلىپ ئوقۇتقۇچىلار ناھايىتى قىزغىن قارشى ئېلىشتى . ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق مەن بۇ مەكتەپتە ئىنگىلىزچە ۋە خەنزۇتىلى دەرسلىكى بېرىدىغان بولدۇم .
ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا بىلىمىنىڭ چەكلىك ، تەجرىبىسىنىڭ كەمچىل بولىشى تۈپەيلىدىن دەسلەپتە ئۇ خېلىلا قىينالدى. ئەمدىلا ئالىي مەكتەپ بوسوغىسىدىن ئاتلىغان بۇ قىز تەمتىرەپ قالدى . ناتونۇش مۇھىت،ناتونۇش ئادەملەر.........كىمدىن،قەيەردىن ياردەم سوراشنى بىلمىدى .
- ئەينى ۋاقىتتا شۇنداق قايتا مەكتەپكە قايتىپ ھەممىنى قايتىدىن باشلاپ ئوقۇغۇم كەلدى بىراق بۇ بىر شېرىن چۈش خالاس . قانداق قىلىش كېرەك ؟ بۇنىڭ بىردىنبىر چارىسى داۋاملىق ئۆگىنىش ئىدى. مەن قايتا كىتابنى قولغا ئالدىم ۋە قايتىدىن ئۆگىنىشكە كىرىشتىم . ئۆگەنگەنسېرى بىلىمىمنىڭ نەقەدەر كەم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم .دېدى بۇ قەيسەر قىز .
2009-يىلى فاتىمە ساياھەت بىلەن دۇبەي شەھرىگە كىلىدۇ ، ھەم بۇ شەھەرنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ . ياشلىق ئۇ بىزدىن كۈچلۈك جاسارەت ، چىدامچانلىق ، تەۋەككۈلچىلىكنى تەلەپ قىلىدىغان مەزگىل . فاتىمە قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىرى سولو شەھرىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ ، دۇبەيدە ھەممىنى قايتىدىن باشلىماقچى بولىدۇ .
- دەسلەپتە دۇبەيگە كېلىپ نىمە خىزمەت قىلسام بولار دېدىم ، مەندە پەقەت پىداگوگىكا ،ئىنگىلىزتىلىغا ئائىت ئازىراق بىلىم بار ئىدى . ئۆزەم قىلالايمەن دىگەن ئورۇننىڭ ھەممىسىگە ماتىريالىمنى سۇندۇم . بىراق ، بىر ئاي بولغۇچە ھېچيەردىن خەۋەر كەلمىدى، ئەنسىرەشكە باشلىدىم ، ۋىزىنىڭ ۋاقتىمۇ توشۇپ قالاي دىدى. قاتتىق ئۈمۈدسىزلىنىش ، قورقۇش ، ئەندىكىش ئىچىدە خەۋەر كۈتتۇم . خاتا قارار چىقاردىممۇ قانداق ؟ ئۆزەمگە بەك تەمەننا قويۇپ كەتتىممۇ ؟ باشقىلار ياشاپ پۇت تىرەپ كىتەلىگەن بۇ شەھەردە ئەجىبا مەن تۇرۇپ قالالماسمەنمۇ ؟ ..........ئەزەلدىن كەچمىگەن خىياللار كاللامدا ئەكىس ئېتىۋاتاتتى . شۇ ھالىتىمدە مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلالمايتتىم . كۇنلەر ئۆتۈپ ئاخىرى يۇرتقا قايتىش قارارىغا كەلگەندە بىر بانكىنىڭ يۇزتۇرانە ئىمتىھان خەۋىرى كەلدى . ئۈمىد ، ئىشەنچ ، تەمتىرەش ئىچىدە ئىمتىھانغا قاتناشتىم ۋە ئۆتتۇم . مېنىڭ بانكىدا قىلىدىغان خىزمىتىم خېرىدارلارغا پۇل ئالماشتۇرۇپ كۈندىلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش ئىدى . بۇ خىزمەت ئاددى ، بەك كۆپ بىلىم تەلەپ قىلىپ كەتمەيدىغان ، كېرىمى تۆۋەن خىزمەت ئىدى . گەرچە خىزمەت بۇنداق بولغىنى بىلەن مەن دۇبەيدە تۇرۇپ قالالايتتىم . دېدى ئۇ .
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتمەكتە ، فاتىمە ئىقتىساد جەھەتتە قىينالدى ھەمدە بۇ خىزمەت بىلەن جان بېقىش كىيىنكى ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن سۆز ئېچىش قىيىن ئىدى . ئۇ يەنە قايتىدىن ماتىريالىنى ھەر قايسى تورلارغا سۇندى شۇندىلا غەلبىلىك ھالدا 2010-يىلى "جۇڭگو جەنوب ئاۋىئاتسىيە شىركىتى " نىڭ دۇبەيدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىغا ئۆتتى . يېڭى خىزمەت ئورنى ئۇنىڭدىن نۇرغۇن بىلىملەرنى تەلەپ قىلدى . ئاۋىئاتسىيە ، مۇلازىمەت بىلىملىرىدىن ئۇنىڭ قىلچىلىك خەۋىرى يوق ئىدى . ئۇ يەنە قولىغا كىتاپنى ئېلىپ ھەممىنى نۆلدىن ئۆگەندى . 3 ئاي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇ ئاساسى بىلىملەردىن خەۋەردار بولدى .
مانا ئۇنىڭ بۇ يەردە ئىشلىگىنىگىمۇ 3 يىل بولدى . شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ دۇبەيگە ساياھەتكە كېلىدىغان شىنجاڭلىق مېھمانلارنىڭ قەدىمىمۇ دۇبەيدىن ئۈزۈلمىدى . دۇبەي ئايرۇدىرومى بىر قەدەر چوڭ بولغان ئايرۇدىروم بولۇپ ، تىل ئۇقماسلىق سەۋەبلىك بەزى يولوچىلار ۋاقتىدا ئايرۇپىلانغا ئۈلگىرەلمەي سەپەردە قىيىنچىلىققا ئۇچرايتتى . بۇ ئەھۋالنى ئۇققان "جۇڭگو جەنوبى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى " دۇبەيدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى رەھبەرلەر مۇزاكىرلىشىش ئارقىلىق ، يولۇچىلار بېسىق مەزگىللەردە دۇبەي خەلقئارالىق ئايرۇدىرومنىڭ رادىئو ئۇزۇلىدا ئۇيغۇرچە ئۇچۇر ئاڭلىتىش ئارقىلىق يولۇچىلارغا كۆپ قولايلىق يارىتىپ بەردى . بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختالغاندا فاتىمە مۇنداق دېدى : ھېلىمۇ ئېسىمدە شۇ كۈنى تۇنجى قېتىم دۇبەي ئايرىدىرومىدا ئۇيغۇرچە ئايرۇپىلانغا چىقىش ئۇچۇرىنى ئاڭلاتتىم .
غەلبە ھامان ئالدىن تەييارلىق قىلغۇچىلارغا مەنسۇپ . فاتىمە تىنىمسىز تىرىشماقتا ئىدى . 2014- يىلى 11- ئايدا ، ئۇ قايتا-قايتا ئېلىنغان يېزىقچە ، يۇزتۇرانە ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈپ "سىنگاپور خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى " دۇبەيدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىغا ئۆتتى . يېڭى ئىش ئورنى ئۇنىڭدىن خېلىلا يوقىرى سەۋىيەدىكى تىل ، بىلىمنى تەلەپ قىلاتتى .
- مەن بۇ شىركەتتىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر، بۇ شىركەتكە يېڭى كىرگەن ۋاقتىمدا ئۆزەمنى ئەزەلدىن ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنىپ باقمىغاندەك ،مۇلازىمەت ، ئاۋىئاتسىيە بىلىملىرىممۇ يوقتەك ھىس قىلدىم . بۇ خىزمەت مەندىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى تەلەپ قىلاتتى . تاما تاما كۆل بولار دېگەندەك مەن كۈندە ئاز ئازدىن ئۆگەندىم . مانا ھازىر ھەرقايسى جەھەتلاردە يېتىشىپ شىركەتنىڭ غوللۇق خادىمىغا ئايلاندىم . دۇبەي بۇ بىر قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ، تىرىشچانلىقنى ، جاسارەتنى تەلەپ قىلىدىغان زامانىۋى شەھەر. نۇرغۇنلار بۇ شەھەردە تۇرۇپ قالسام دەيدۇ بىراق ھەقىقىي قالىدىغىنى بەك ئاز . مانا بۇ يەرگە كەلگىلىمۇ 6 يىل بوپتۇ ، ۋاقىت نىمىدىگەن تىز ئۆتكەن . ئويلاپ قالدىم ، ئادەمدە تىرىشچانلىق بولىدىكەن ھەممە ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىكەن .
شۇنداق ، تىرىشىش كېرەك ، ئالدىغا قاراپ دادىل قەدەملەر بىلەن ئالغا بېسىش كېرەك ، ئاخىرىدا فاتىمەنىڭ بۇندىن كىيىنكى خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن .
|
|