قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 915|ئىنكاس: 6

ئۆتۈك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجادىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

10

دوست

8373

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   67.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35433
يازما سانى: 778
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 2514
توردىكى ۋاقتى: 642
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-12 22:15:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۆتۈك- ئوۋچىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، يەنى ئىنسانلار ھايۋانلارنى(چارىپاي) لارنى قولغا ئۆگەتكەن ۋە ئۇنى كۆندۈرۈپ ئىشلىتىش، گۆش- تېرىلەردىن پايدىلىنىش جەريانىدا پەيدا بولغان. قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قۇرغاق ھاۋا شارائىتىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ئىنتايىن جاپا- مۇشەققەتلىك، خەتەرلىك بولغان ئوۋچىلىق تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ياۋا ئات، ياۋا كالا، ياۋا تۆگە، ياۋا ئېشەك، ۋەھاكازالار قاتارلىقلارنى تونۇپ يەتكەن ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشنى بىلگەن، يۇقىردىكى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى پىشۇرۇپ روزىغارقىلسا، تېرىسىدىن كېيىم- كېچەك سۈپتىدە پايدىلانغان. سۆڭەكلىرىدىن قورال(ئوق ئۇچى، سانجىغۇچ، پىچاق، يىڭنە، بىگىز ۋە باشقا زىننەت بۇيۇملىرى) ياساپ پايدىلانغان. بولۇپمۇ ئات، كالا، قوتاز، تۆگە قاتارلىق چوڭ ھايۋانلارنى قولغا ئۆگەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تېرىسىدىن«ئاياغ كىيىمى» ئىشلەپ كىيىشنى ئىجاد قىلغان(ئىپتىدائىي ئاياغ كىيىمى ئىنتايىن ئاددىي ۋە قوپال بولۇپ، ھاتتاكى دەسلەپكى مەزگىلدە خام تېرىلەرنى كېسىپ پۇتىغا ئورىۋالغان، ئۈستۈدىن خام تاسما بىلەن چىگىۋالغان) نەتىجىدە يالىڭاياغ يۈرگەندىن ئاياغ كىيىمى كىيىۋالسا سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇقتىن توڭلىمايدىغانلىقىنى، بىخەتەر بولدىغانلىقىنى، پۇتىنى مۇداپىئە قىلىپ، زەخىمىلنىش، يارلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولدىغانلىقىنى بىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاياغ كىيىمىنىڭ قىسقا بولغىندىن ئۇزۇن بولغىنىنىڭ ياخشى بولدىغانلىقىنى، «ئۆتۈك» كىيگەندە تىزىغىچە مۇداپىئەلەنگىلى بولدىغانلىقىنى بىلگەن. ئەجدادلىرىمىز ئىپتىدائىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلنىشىغا ئەگىشىپ، خام تېرىدىن ئۆتۈك تىكىپ كىيىشنى ئىجاد قىلغان. «مىكوۋنىڭ (ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخى»دېگەن كىتابىدا: (نىل ۋادىسى، ھىندى ۋادىسى، تېگرىس، يېۋفىرات ۋادىسى شۇنداقلا خۇاڭخې ۋادىسىدىكى رايۇنلاردا ياشىغان قەدىمكى كىشلەر ياغاچتىن ئىشلەنەەن كەش كىيەتتى. تېرە ئۆتۈك كىيمەيتتى، ئۆتۈك ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ دەپ خۇلاسىلىگەن). يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارخېئولوگلارتەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئىپتىدائىي قەبرە، يادىكارلىقلار بىلەن دەريا ۋادىلىرى ۋە شەھەر، قەلئە خارابىلىرىدىن 2000، 3500 ۋە 4000 يىللىق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىز بىلەن بىللە بىر قىسىم ئۆتۈك ئەۋرىشكىلىرىنى تاپقان. قەدىمكى زامانلاردا مۇشۇ زېمىندا تىرىكچىلىك قىلىپ ئۆتكەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ تىكىپ كىيگەن ئۆتۈكلىرى ناھايىتى سىپتا تىكىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن خام ماتېرىيال (مەسىلەن، خام تېرە، چەم، كۆن، خۇرۇم ) لارنىڭ پۇختىلىقى، ئۆتۈكلەرنىڭ چەمى، باشلىقى، قونچى ۋە پاشنىلىرىنىڭ مەزمۇتلىقى، بوياقلىرىنىڭ ھېلىمۇ ئۆڭمىگەنلىكى بىلەن ئارخېئولوگلارنى ھەيران قالدۇردى. «1980- يىلى 10- ئايدا كىروران تەكشۈرۈش ئارخېئولوگىيە ئەترىتى كىروران رايۇندىكى لوپنۇر دەرياسى بىلەن كۆنچى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقى، تىبەن دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىندىكى قەبرىستانلىقتا بىر ئايالنىڭ جەسىتىنى بايقىغان. «كىروران گۈزىلى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ ئايالنىڭ جەسىتىنىڭ پۇتىغا بۇغا تېرىسىدە تىكىلگەن ئۆتۈك كىيدۈرۈلگەن. ئۆتۈك بۇنىڭدىن 3800 يىل بۇرۇنقى دەۋردە تىكىلگەن بولۇپ ئۆز پىتى تۇرغان. ئىلىمىز ۋە چەتئەل مۇئەللىپلىرىنىڭ ئەجدادلىرىمىز ھەققىدىكى تۆۋەن مۆلچەرلىك بايانلىرى بىلەن ئارخېئولوگىيە نەتىجىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلساق، قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىدا ئۆز ھاياتىنى نەچچە ئون مىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئەجدادلىرىمىز ئۆز بىشىدىن مۇز دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى قۇرغاق كىلمات مەزگىلىنى ئۆتكۈزگەن، ئۇلار ئوت، تاش قۇرال، ئوقيا، ساپال، مىسنى ئىشلىتىشنى ۋە ئاتنى قولغا ئۆگتىۋالغاندىن كېيىن، ئۆز ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش يولدا تەبئەت بىلەن ھارماي كۆرەش قىلىپ تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق، مەدەنچىلىك، توقۇمچىلىق ، تىبابەتچىلىك، قاتناش- كارۋانچىلىق قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللانغان. قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللىق مول تەخرىبىسىگە ئاساسەن، زۆرۈرىيەت ئالىمىدىن ئەركىنلىك ئالىمىگە ئۆتۈش جەريانىدا«ئۆتۈك»دېگەن بۇ ئاياغ كىيىمىنى ئىجاد قىلغان. ئەمدى ئۆتۈك ھەققىدىكى تارىخىي خاتىرلەرگە كەلسەك، ئىلمىزنىڭ يېغلىق دەۋرىدە ئۆتكەن ئوردا پۈتۈكچىلىرى بۇ ھەقتە ئاز- تولا خاتىرىلەر قالدۇرغان. بۇ خاتىرلەردە:«ئۆتۈك غەربىي يۇرتتىكى كۆچمەن چارۋىچى خەلىقلەرنىڭ كىيىمى، ئۇ غەربتە تىكىلىدۇ»، دەپ تەبىر بىرىلگەن. «جۇڭخۇانىڭ قەدىمدىن بۈگۈنىگىچە ئىزاھ » دىگەن كىتابتا:«ئۆتۈك قەدىمدىن غەربىي يۇرتتا تىكلەتتى، جاۋۋۇلىڭ خان دائىم غەربىي يۇرىت ئۆتۈكى كىيەتتى»، دېيىلگەن. خەن دەۋرىدە ئۆتكەن لىيۇشى:« ئۆتۈك غەربىي يۇرتتا تىكلىدۇ، ئۇ، ئەمىنىيە دەۋرىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان. ئۇنى ئىككى پۇتقا بىردىن كىيىپ ماڭىدۇ» دەپ خاتىرلىگەن.كىيىنكى دەۋرلەردە مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشى ۋە ئارلىشىپ ئولتۇراقلىشىىشى نەتىجىسىدە، مەدەنىيەتلەر تىخىمۇ راۋاجلىنىپ گۈللىنىپ بارغان تاڭ دەۋرىدىكى مەشھۇر شائىر يۈەن جېن ئۆزىنىڭ بىر شېئىرىدا:
«بولدى ئۇيغۇرچە ياسانماق قىز- چوكانلار مەشغۇلى»
زور ماھارەت بولدى چالماق سازنى ئۇيغۇرلارسىمان.
ئاتقا ئۇيغۇرچە مىنىش، زىبۇ- زىننەت، تىل ئۆگىنىش،
بولدى بەس- بەسلىك ھەۋەس بۇ ئەللىك يىلدىن بۇيان: دەپ مەدھىيە ئوقۇغان. تېخىمۇ مۇھىمى، تاڭ دەۋرىگە كەلگەندە ئۇيغۇر ئۆتۈكچىلكى تەرەققىي قىلىپ بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن. شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار تاڭ سۇلالىسى لەشكەرلىرىنى ئۆتۈك بىلەن تەمىنلىگەن. دېمەك ئەجدادلىرىمىز يىراق قەدىمكى زاماندىن تارتىپلا ئۆتۈكنى ئىجاد قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىغا تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشقان ۋە بۇ كەشپىيات تېخنىكىسىنى شەرقىي ئاسىيا بىلەن جەنۇبىي ياۋروپا ئەللىرىگە تارقاتقان، شۇڭا، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ئۆز ئەقىل- پاراسىتىگە تايىنىپ ئىجاد قىلغان ئۆتۈك تىكىش تېخنىكىسى، مەدەنىيەت تارىخىمىزدىن ئورۇن ئالغان.
ئارخېئولوگىيە خادىملىرى تاپقان بىر قىسىم ئاياغلار:

جەسەتنى دەپنە قىلغاندا پۇتىغا ئاياغ كىيدۈرۈپ قويۇش:
                                                                                                                                                                                                     

uyghuray

0

تېما

1

دوست

1849

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   84.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33477
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 564
توردىكى ۋاقتى: 106
سائەت
ئاخىرقى: 2015-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-13 13:42:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلغا ئىلىنمىغان نۇرغۇن ئىجادىيەتلەر بار  ئەمما  ھازىر  ئۇلار   باشقىلارنىڭ بوپ بولدى .  تىما ئىگىسىگە رەھمەت   .

0

تېما

1

دوست

3257

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1069
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1014
توردىكى ۋاقتى: 161
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-14 02:06:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇچۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تەۋە «ئاتىلار سۆزى» ناملىق ئەسەردە مۇنداق بىر مىسرا بار:
ئەردەملىك كىشى ئەردىنى بىرلە تۈز ئول، ئەدەمسىز كىشى ئەتۈك ئىچىندەكى ئولياق بىرلە تۈز ئول - پەزىلەتلىك كىشى گۆھەر، پەزىلەتسىز كىشى ئۆتۈك ئىچىدىكى پىتەك.  مۇشۇنىڭدىنلا ئۆتۈكنىڭ تارىخىنى بىلۋالغىلى بولىدۇ.

0

تېما

0

دوست

876

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   75.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36603
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 248
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-15 13:38:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاساتون( كاستىيۇم)، گالغا ئاستۇق ( گالاستۇك)، دەزمال ...لارمۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجادىيىتى. بولسا بۇ ھەقتىمۇ يازما يوللاش كېرەك ئىدى. بەزىلەر بۇ نەرسىلەرنى غەرپنىڭ نەرسىلىرى دەپ قارايدۇ.  
uyghuray

9

تېما

34

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 1673
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 4489
توردىكى ۋاقتى: 910
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-15 17:12:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە بۇ تېما ئانچە تەپسىلىي ۋە ئىلمىي يىزىلمىغان بولسىمۇ ئۇچۇر مەلۇمات قىممىتىگە ئىگە تېما بوپتۇ.
ئۆتۈكنى ئۇيغۇرلار ئىجات قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆنچىلىك مەدنىيتى خىلى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. پۇتىغا تىرە چورۇق تارتىپ كەلگەن مۇڭغۇللارغا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئۆتۈك كىيىشنى ئۈگەتكەن. ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى  ئۆتۈكنى ،لاتىدىن تىكىلگەن ئاياق كىيىم كىيدىغان ئىچكىرگە ئىلىپ كىرگەن.
ئۆتۈك تارىم ۋادىسىدىن تەدرىجى كافكاز، بۇلغارىيە ھونگىريە ئارقىلىق ياۋرۇپاغا تارقالغان.

0

تېما

10

دوست

2337

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23638
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 690
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-16 12:35:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە رەھمەت   

5

تېما

1

دوست

9181

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   83.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11972
يازما سانى: 803
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 616
تۆھپە : 2354
توردىكى ۋاقتى: 411
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-16 19:42:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر نۇرغۇن نەرسىلىرىمىزگە ئۆزىمىز ئىگە بۇلالمايۋاتىمىز. ئالىم ئۆلىمالىرىمىز، كەشپىياتلىرىمىز، باشقا مىللەتلەر بىر بىرلەپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالدى، ھەم شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. ...... يەنە تېخى بىزنى شىنجاڭغا كىيىن كۆچمەن بۇلۇپ كەلگەن دىگەندەك گەپ سۆزلەرمۇ خېلى بار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )