ئىلاۋە : مەزكۇر تىما باغداش تورى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ،باغداش تورى ئىلىمى مۇنازىرە سورۇنى ھازىرلاپ بىرىش ئۈچۈن ھېچقانداق مۇنازىرىگە ئارلاشمايدۇ !باغداش تورى ئەزەلدىن مۇشۇ خىلدىكى مۇنازىرلەردە ئۆزىنىڭ بىتەرەپ ئورنىنى ساقلاپ كەلدى !
ئىلىم چېيى كولىكتىۋىنىڭ باياناتى
ھۆرمەتلىك تورداشلار، ھۆرمەتلىك ئۈندىدار ئابونتلىرى:
ئىلىم چېيى سورۇن مەدەنىيىتىمىزدىكى ئىلغار يۈزلىنىش سۈپىتىدە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىۋاتقان كۈنلەردە بىز قاتنىشىۋاتقان ئىلىم چېيىنىڭ سابىق ماسلاشتۇرغۇچىسى ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەرنىڭ «مەن نېمىشقا ئىلىم چېيىدىن چېكىنىمەن» ماۋزۇلۇق ئەمەلىي ئەھۋالنى بۇرمىلىغان ئاتالمىش باياناتى ئۈندىدار سالونلىرىدا ۋە مۇنبەرلەردە تارقالدى. ئاتالمىش بايانتتىكى گەپ-سۆزلەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس بولۇپ، بۇ باياناتنى ماسلاشتۇرغۇچىنىڭ بىر قېتىملىق ھېسسىيات داۋالغۇشىدىن كېلىپ چىققان جۆيلۈش دەپ ئاتاش مۇمكىن. ئەسقەرجان ئەنۋەرنىڭ ئەسلى باياناتىدا ئەمەلىي پاكىت بۇرمىلانغان، ئىلىم چېيىنىڭ ۋە ئىلىم چېيى يىگىت بېشىنىڭ نام- شۆھرىتىگە دەخلى تەرۇز قىلىنغان. ئاتالمىش باياناتتا يەنە زىيالىيلار ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش خاھىشى ئېغىر. شۇڭا، بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىچە ئىلىم چېيى ئەزالىرى نامىدىن بىلدۈرگۈ بېرىشنى لايىق تاپتۇق:
بىرىنچى: ئەسقەرجاننىڭ ئاتالمىش باياناتىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە. ئەسقەرجان ھازىرغىچە شۆھرەت تېپىش، مۇناسىۋەت چەمبىرىكىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە ئىلىم چېيىغا ئارىلىشىپ كەلدى؛ دەسلەپكى ئىلىم چايلىرىدا سورۇن ۋە ھەر بىر قاتناشقۇچىنىڭ يىتەرلىك پىكىر قىلالىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بىرىش مەقسىتىدە قاتناشقۇچىلار سانىغا چەكلىمە قويۇلغان ئىدى ھەم ئوقۇلىدىغان كىتاب خىلى بۇرۇنلا ئۇقتۇرۇلاتتى. بىراق ئەسقەرجان يىگىت بىشىغا دەپمۇ قويماي، مەسلىھەتمۇ سالماي، ئۆز ئالدىغا ئىلىم چېيىغا خالىغانچە ئادەم ئەكىرىپ، خالىغانچە ئادەم چىكىندۈردى. بۇنداق قىلمىشلار ئىلىم چېيىغا بەزى يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ يەنە يازمىسىدا دوست تارتىپ تىلغا ئالغان توختىنىياز نىدايى، ئابابەكرى مىسرانىملارنى رەت-رەت ئىلىم چىيىدا ئەيىپلىدى، بۇنداق چاغلاردا مۇئەللىمنىڭ ئەسقەرجاننى بۇنداق غەيۋەتلەردىن، ئۇلارنىڭ كەينىدىن گەپ قىلىشتىن توسقانلىقىغا بىز گۇۋاھ. ئۇ ماسلاشتۇرۇغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ياخشى ئۆتىمىگەنلىكى ئۈچۈن يىگىت بېشى تەرىپىدىن بىر قېتىم تەنقىدلەندى ۋە 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلىم چېيىغا قاتناشتۇرۇلمىدى. ئۇ پىسخىكىسى ئاجىز، تۇراقسىز بالا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىلىم چېيىغا بىر قېتىم قاتناشتۇرۇلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىش مەقتسىدە بۇ باياناتنى ئېلان قىلغان. باياناتىدا قەستەنلىك ئېغىر بولۇپ ئەمەلىي ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس.
ئىككىنجى: ئەسقەرجان ئاتالمىش باياناتىدا باشقىلارنىڭ ھېسىداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نامەردلەرچە ئۇسۇلنى قوللىنىپ مىجىت ناسىر، ھاجى ئۆمەر رەھىم ئوغلان، ياسىنجان سادىق قاتارلىقلارنىڭ ئىسمىنى قېتىۋالغان ۋە ئۇلار بىلەن زۇلپىقار مۇئەللىمنىڭ ئارىسىغا زىددىيەت سېلىشقا ئۇرۇنغان. بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاسىتىسى قەبىھ، تەسىرى يامان بولدى. ئېنىقلاپ باقتۇق، ئۇ زىياليىلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇ تەرزدە گەپ قىلمىغان ھەم يىگىت بېشى بىلەن ئۇ زىيالىيلار ئارىسىدا ھېچقانداق زىددىيەت يوق، ئۇلارمۇ ئەلسۆيەرنىڭ بۇ يازمىسىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۈچىنچى: ئەسقەرجان ھازىرغىچە ئىلىم چېيىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ «شىنجاڭ ياشلىرى»، «قانۇنچىلىق گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا «سورۇن مەدەنىيىتىكى يېڭى يۈزلىنىش ـــ ئىلىم چېيى»، «بىز نېمىشقا ئىلىم چېيى ئۆتكۈزدۇق؟» قاتارلىق يازمىلارنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇرۇنقى يازمىلىرىدا دېيىلگەن ئىجابىي مەزمۇنلار بۇ قېتىم يېزىلغان ئاتالمىش باياناتتىكى گەپ-سۆزلەر بىلەن زىت. بۇ زىتلىقتىن بىز ئەسقەرجاننىڭ پىسخىكىسىنىڭ نەقەدەر ئاجىز ئىكەنلىكىنى، مەيدانىنىڭ تۇراقسىز ئىكەنلىكىنى، ئىلىم چېيىغا بىر قېتىم قاتناشمىغانلىقىنى ئېغىر ئېلىپ ناچارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
تۆتىنچى: ئاتالمىش باياناتتا ئىلىم چېيىنىڭ يۈزىگە قارا سۈرتۈلگەن. ئىلىم چېيىنىڭ مۇقىم ئەزاسى يوق. مېھىمانلار ئىلىم چېيىغا خالىغان ۋاقىتتا كىرىپ، خالىغان ۋاقىتتا چېكىنسە بولىدۇ. ئەسقەرجان تىلغا ئالغان سابىق ئەزالىرىنىڭ ئىلىم چېيىغا قاتنىشالماسلىقى ھەرگىزمۇ ئۇ دېگەندەك سەۋەبتىن ئەمەس. ئىلىم چېيىدا ھېچقاچان شەخسىي ئىرادىنى باشقىلارغا تاڭىدىغان ئىش بولمايدۇ، بەلكى يۇقىرى سۈپەتلىك، سەۋىىيلىك دىئالوگ ۋە سۆھبەت بولىدۇ. ئىلىم چېيىغا قاتنىشالمىسا بايانات بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق.
بەشىنچى: بىز شۇنىڭغا گۇۋاھ بېرىمىزكى، ھازىرغىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلىم چېيى نوپۇزلۇق كىتابلار مۇھاكىمە قىلىنىدىغان ئىلغار، پاكىز سورۇن بولۇپ كەلدى. ئىلىم چېيىمىز تەشەببۇسى ئىلغار دېموكراتىك سورۇن، قاتلام سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ. ئىلىم چېيىمىزدا ھازىرغىچە «زورو ئاستىر شۇنداق دەيدۇ»، «سوقراتنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى» (ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمە قىلغان) «فارابىنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى»، «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» (يالقۇن روزى نەشىرگە تەييارلىغان)،«سوفىيەنىڭ دۇنياسى» قاتارلىق دۇنياۋى نادىر كىتابلار مۇھاكىمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھېچقاچان ئۇيغۇر ئاپتورنىڭ گېپى بولمايدۇ. ھەر كىم كىتابتا دېيىلگەن مەزمۇنلارغا بىرلەشتۈرۈلۈپ ئۆز پىكىرىنى ئەركىن ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقۇقىغا ئىگە؛ ھېچكىمنىڭ ئىرادىسى ھېچكىمگە تېڭىلمايدۇ.
ئالتىنچى: ئىلىم چېيىنىڭ مەقسىتى مەركەزنىڭ كىتابخۇمارلار جەمئىيىتى قۇرۇش چاقرىقىغا يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ، جەمئىيەتتە كىتاب ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش، ئىلغار سورۇن ئىرادىسىنى كۈچەيتىش بولۇپ، ئەخلاقنى، ئىلىم روھىنى تەكىتلەيدۇ. كىتابنى، ئىلىمنى سۆيگەنلەرنى قارشى ئالىدۇ. ئەسقەرجاننىڭ يازغانلىرى بېمەنە قۇرۇق گەپ، سەپسەتە.
يەتتىنچى: شۇنى كەڭ ئىلىم سۆيەر دوستلارغا دەپ قويغۇمىز باركى، بىز ئىلىمگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىمىز بىلەن ئىلىم چېيىغا تىزىملاتتۇق. بۇنىڭغا بىزنى ھېچكىم مەجبۇرلىمىدى، پۈتۈنلەي ئۆز رازىلىقىمىز بىلەن تىزىملىتىۋاتىمىز، قارامايدىن، غۇلجىدىن كېلىپ ئاڭلاۋاتىمىز، ئازلاپ قالماي، بەلكى جىقلاۋاتىمىز، 12دىن 40-50كىچە كۆپەيدۇق. ئۆز باش ئىلىم چىيىدا سالاھىيەت ۋە قاتلام سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ. ھېچكىمنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازىمۇ يوق، ھەممە شۇنداق باراۋەر. ئارىمىزدا دوكتۇر، ماگىستىرلارمۇ، دېھقان-ھۈنەرۋەنلەرمۇ، چايچى، كاۋاپچىلارمۇ، سودىگەر، ئەھلى ئىلىملەرمۇ بار. ھەممىمىز بۇ ئىلىم چېيىدىن رازى، زۇلپىقار مۇئەللىمدىنمۇ رازى، بىز ئىلىم چېيىغا داۋاملىق قاتنىشىمىز. بۇ ئىلىم چېيىدا ئەلسۆيەرنىڭ دېگىنىدەك مۇستەبىتلىك، ئىدىيە زورلاش ھادىسىسى يوق.
بىز ئىلىم چېيى ئەزالىرى ئەسقەرجان ئەنۋەرنىڭ ئىلىم چېيىدىن ئىبارەت ئېسىل سورۇننىڭ يۈزىگە قارا سۈرتۈش، پىتنە- پاسات تارقىتىشتىن ئىبارەت ناچار قىلمىشىغا تەۋبە قىلىپ، يىگىت بېشى باشچىلىقىدىكى ئىلىم چېيى ئەزالىرىدىن ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلىمىز، شۇنداقلا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىلىم چېيىغا سۈيقەست پىلانلاۋاتقانلارنىڭ دامىغا چۈشمەسلىكىنى سەمىمىيلىك بىلەن سورايمىز.
ئىلىم چېيى ئەزالىرى كوللېكتىپى
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى
ئەسكەرتىش: بۇ ھەممىمىزنىڭ ھەقىقىي يۈرەك سۆزى بولۇپ، ھەر بىر شەخسنىڭ ئۆز نامىدىكى كۆز-قاراش ۋە تەسىراتلىرىمىز تولۇقى بىلەن پات ئارىدا ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.
|