قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 949|ئىنكاس: 4

(خاندولۇق)سېتىش پاراسىتى-كونا ئاياغنىڭ ھىكايىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

2

دوست

2332

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18913
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 38
تۆھپە : 790
توردىكى ۋاقتى: 124
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-16 10:37:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلاۋە: سېتىش بولسا پايدا نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان قىيىن خىزمەت ،شۇنداقلا پايدا نىسبىتى ئىنتايىن تۈۋەن بولغان يەڭگىل خىزمەت.سېتىشنى چوڭ دىسەك چوڭ،كىچىك دىسەك كىچىك خىزمەت.كىچىكى بىرتال يىڭنە سېتىش،چوڭى دۆلەت ھالقىغان گوروھ.ئەمما ماھىيىتى ئوخشاش .ساتقۇچىنىڭ ھەرىكىتى ۋە پاراسىتى پايدا نىسبىتىنى ئىگەللەيدۇ.
سېتىش خىزمىتى ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر خىزمەت بۇلۇپ سودا ماشىنىسىنىڭ ماتورى ھىساپلىنىدۇ.سېتىش خىزمىتى تەرەققىي تاپقان ئەللەردە ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بىر كەسىپ بۇلۇپ،ئاللىقاچان سېستىمىلاشقان ،ئۆنۈملۈك بىر كەسىپكە ئايلانغان.
رايونىمىز شىنجاڭدا بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرلاردا سىتىش خىزمىتى ھەرقاچان ئۆزىنىڭ سېتىش جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەپ كەلدى.نۇرغۇن كارخانىلار سېتىش قۇشۇنى تەشكىللەشكە ،سېتىش سېستىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىتىبارسىز قاراپ،يەنىلا كۆنگەن تەپەككۈرى بۇيىچە قۇشۇن تەشكىللىدى،سېتىشنىڭ ئۆنۈمىنى يۇقىرى كۈتۈرۈشنى ئارزو قىلدىيۇ كۈتكەن نەتىجىسىدىن يىراق بولدى.چۈنكى يىڭى دەۋىردىكى سېتىش ئۇقۇمىغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ يىتەرسىز بۇلىشى، سېتىش خىزمىتىنىڭ يىڭى دەۋىردىكى ئالاھىدىلىكلېرى بۇيىچە ئىلىپ بېرىلىدىغان تەپەككۈر يۈنىلىشىگە كىرەلمىگەنلىكى سەۋەپ بولدى.
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ چىققان بۇغۇنلېرىمىزدىمۇ بۇنىڭغا خاس ھالدا ئىشخانا مەمورى خىزمەتلېرىگە بولغان قىزغىنلىق سېتىش خىزمىتىگە بولغان قىزغىنلىقتىن يۇقىرى بۇلىۋاتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە سېتىش دىگىنىمىز خېرىدارغا ساتماقچى بولغان مەھسۇلاتنىڭ قىممىتىنى تۇنۇشتۇرۇپ،خىرىدارنىڭ مەلۇم بىر ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. يىنىمىزدىكى ئىچكىرى ئۆلكىلەر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بازار بۇلۇپ،پۈتكۈل دۇنيادىكى كارخانلار،سودىگەرلەر ئالدىن ئويلىشىدىغان بازار بۇلۇپ، بۇ جەھەتتە بىز جوغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بولساقمۇ، سېتىش،بازار ئىچىش تەپەككۈرىمىز تېيىز،بۇ جەھەتتىكى ئىختىساسلىقلېرىمىزنىڭ كەم بۇلىشى سەۋەبىدىن بۇ چوڭ بازارغا كىرەلمەيۋاتىمىز. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ چىققان سىتودىنتلېرىمىز سېتىشتىن ئىبارەت قالتىس كەسىپنىڭ رولىنى ،پايدىسىنى تېخىچە چوڭقۇر تۇنۇپ يىتەلمەيۋاتىدۇ.
سېتىش خىزمىتى ئارقىلىق سىز بىر يۇقىرى كىرىملىك،جاپالىق ئىشلەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىشىڭىزمۇ ياكى تۆۋەن كىرىملىك ،يەڭگىل ئىشلەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىشىڭىزمۇ مۇمكىن. سەۋەبى سىزنىڭ سېتىش خىزمىتىنى قانداق چۈشىنىشىڭىز ۋە ئۇنىڭغا قانداق قارىشىڭىزغا باغلىق.سېتىش خىزمىتى سېتىش تېخنىكىسى بىلەن ئەقىل-پاراسەت بىرلەشكەندىلا ئاندىن ھەقىقىي مەنىسىنى تاپالايدۇ.شۇڭا سېتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئىتىبار بېرىشىمىز ،ئۇنى بېرىلىپ ئىشلىشىمىز كېرەك.
1952-يىلى ئامىرىكىدىكى ئۈچ چوڭ گىزىتنىڭ بىرى بولغان «لوس-ئانژىلىس ۋاقىت گىزىتى»نىڭ باش بېتىدە بىر مەزگىل زىلزىلە پەيدا قىلغان ئېلان بىسىلدى:« 1932-يىلى لوس-ئانژىلىس ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئىيدى.تولىن تاماشىبىلارغا تاشلاپ بەرگەن بىر پاي ئادىداس ماركىلىق يۈگىرەش ئايىقى يۇقىرى باھادا سېتىۋىلىنىدۇ».سېتىۋالغۇچىنىڭ چىقارغان باھاسى 5000ئامىرىكا دوللىرى ئىدى.
ئىيدى.تولىن ئامىرىكا تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق تەنھەركەتچىلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ،ئۇ 1932-يىلى لوس-ئانژىلىس ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ 100مىتىرغا يۈگىرەش تۈرىدە 10.3سىكونتلوق نەتىجە بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى رىكورىتنى بۇزۇپ،دۇنياۋى چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.ئۇنىڭ چىپمىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ۋاقىتتا كەيگەن تەنھەرىكەت ئايىغىنىڭ تەبئىيلا ساقلاش قىممىتى بار ئىدى.
ئېلان چىقىرىلىپ ئالتە ئاي ۋاقىت ئىچىدە ،100پايدىن ئارتۇق ئاتالمىش ئىيدى.تولىن چىپمىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ۋاقىتتا كەيگەن تەنھەرىكەت ئايىغى ئېلان چىقارغۇچى گاللىينىڭ ئالدىغا كەلدىيۇ لىكىن ھەممىسى گاللىي تەرىپىدىن ئىنكار قىلىندى.چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى گاللىينىڭ قۇلىدا ساقلانغان يەنە بىر پاي ئاياغ بىلەن قەتئىي ماس كەلمىگەن ئىدى.گاللىي گېزىتكە يەنە ئېلان بېرىپ سېتىۋىلىش باھاسىنى 8000دوللارغا چىقاردى،ئەمما ئۇ بىر پاي ئاياقنىڭ يەنىلا خەۋىرى بولمىدى.
ئوتتۇرىدا بەزىلەر  ئېلاننىڭ راسىت-يالغانلىقى ھەققىدە گۇمانلىنىپ،بەلكىم ئىيدى.تولىن ئايىقىنى تاماشىبىنلارغا زادىلا  تاشلاپ بەرمىگەن بۇلىشى مۇمكىن دەپ قىياس قىلىشتى.ئەمما ئەينى ۋاقىتتا تېلۋىزىيە بىۋاستە كۆرسىتىلىشى بولمىغانلىقى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 20يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۈتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ خىل گۇمانلار يەنىلا كۆپچىلىكنىڭ ئىيدى.تولىننىڭ بىر پاي ئايىقىنى ئىزدەش سادالىرى ئىچىدە يۇقاپ كەتتى.
1953-يىلى ئىيدى.تولىننىڭ ئايىقى يەنىلا تىپىلمىدى. ئۆمىدسىزلىك ئىچىدە گاللىي ئىيدى .تولىننىڭ ئايىقىنى جۈپلەش ئارزوسىدىن ۋاز كىچىپ،ئۆزىنىڭ قۇلىدىكى بىرپاي ئاياقنى قولدىن چىقىرۋەتمەكچى بولدى ۋە ئاخىرىدا 4000ئامىرىكا دوللىرىلىق باھا بىلەن ئاياقنى سېتىۋەتتى. ئەمما كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى  ،بۇ بىر پاي ئاياغ سېتىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە بىر پىيىمۇ تېپىلغان ئىدى.بىر نەپەر باشتىن-ئاخىر ئۆزىنى ئاشكارلىمىغان شەخىس سىرلىق ھالدا يەنە بىر پىيىنى ئۇتتۇرىغا چىقاردى،بۇ بىر پاي ئاياغ يەنە بىر پاي ئاياغ بىلەن دەلمۇ-دەل ماس كىلىدىغان بۇلۇپ،ئەڭ ئاخىرىدا 6000دوللارلىق باھا بىلەن سېتىۋىلىنغان.شۇنىڭ بىلەن بىرمەھەل زىلزىلە قوزغىغان ئاياغ سېتىۋىلىش ۋەقەسى ئاياغلاشقان بولدى.
بۇ ئاياغلارنى سېتىۋالغۇچى ئىدۋارىد ئەپەندى ئۆزىنىڭ ساقلىغان بۇيۇملىرى قاتارىدا بۇ ئاياغلارنى يەرلىكتىكى بىر تەنتەربىيە موزىيىدا كۆرگەزمىگە قويۇپ،ئىيدى.تولىننىڭ بۇرۇنقى شان-شەرىپىنى كۆپچىلىككە كۆرسەتتى. ئەمما ئىككى يىلدىن كىيىن ئاللىبۇرۇن ياۋرۇپاغا كۆچمەن بۇلۇپ كەتكەن ئىيدى.تولىن تەكلىپكە بىنائەن بۇ موزىيغا كىلىپ ئاياغنى ئىكىسكۇرسىيە قىلغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ بۇ ئايىقىغا قاراپ قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ تۇرۇپ« بۇ نەدىمۇ مىنىڭ ئايىقىم بولسۇن»دىدى.
بۇ گەپتىن چۈچۈپ كەتكەن ئىدىۋارىد دەرھال ئەينەك پوكەينىڭ ئىچىدىن ئاياقنى ئىلىپ،ئىيدى.تولىنغا كەيگۈزۈپ باقتى ،دىگەندەك بۇ ئاياغلار تولىننىڭ پۇتىغا ئىككى نۇمۇر كىچىك ئىدى.خەۋەر تارقالغاندىن كىيىن بىرمەھەل مۇنازىرە قوزغالدى،بۇ ئەسلىدە گاللىي كۈڭۈل قۇيۇپ پىلانلىغان بىر مەيدان ئالدامچىلىق ئىدى.ئىيدى.تولىنمۇ ئەسلەپ ئەينى ۋاقىتتا ئاياقنى تاماشىبىنلارغا تاشلاپ بەرمىگەنلىكىنى ،باھاسىنىڭ بۇنچە قىممەت بۇلۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىنى ،بەلكىم ئۇ بىر جۈپ ئاياغ ئاللىقاچان ئەخلەت توڭىغا تاشلىنىپ يۇقالغانلىقىنى ئىيتتى.
بۇنىڭ بىلەن گاللىي ئاخىر ئوتتۇرغا چىقىپ پۈتكۈل جەرياننىڭ ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى ،بۇ ئاياغلارنىڭ ئىلگىرى ئۆزى كىيگەن ئاياغ ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلدى.
ئۇ ئالدى بىلەن بىر ئادەمنى تىپىپ،يالغان ھىكايە ئويدۇرۇپ چىققان ،ئارقىدىنلا يۇقىرى باھادا ئاياغ سېتىۋىلىش ئېلانىنى ئۇتتۇرغا چىقىرىپ،ۋاستىلىك ھالدا ئۆز قۇلىدىكى بىر پاي ئاياغنىڭ ھەقىقي بۇيۇم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ۋە بىر قەدەر يۇقىرى بولغان بازار باھاسىنى مۇقىمدىۋالغان.مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئاياغ سېتىۋىلىش دۇلقۇنى ھاسىل قىلىۋالغاندىن كىيىن،ئۆز قۇلىدىكى ئاياغنى بىر ئاز تۆۋەن باھادا سېتىپ چىقىرىۋەتكەن.ئارقىدىنلا تېخىمۇ يۇقىرى باھادا ئاياغنىڭ يەنە بىر پېيىنى سېتىۋەتكەن، جەمئىي 10000دوللار پايدىغا ئىگە بولغان.
ئۆزىنىڭ ئالدام خالتىغا چۈشكەنلىكىنى بىلگەن ئىدىۋارىد گاللىينى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەپ سوتقا ئەرىز قىلماقچى بولغان، بىراق ئويلىمىغان يەردىن گاللىي ئادۋۇكاتى ئارقىلىق ئىدىۋارىدقا بۇ بىر جۈپ ئاياغنى ئىككى ھەسسە باھادا سېتىۋالىدىغانلىقىنى  ئۇقتۇرىدۇ.ساپ 10000دوللار پايدا ئالىدىغان بۇخىل زور قىزىقتۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئىدىۋارىد  بۇ تەكلىپنى قۇبۇل قىلىپ،ئەرزىنى قايتۇرىۋالىدۇ.
قارىماققا  گاللىي ئۆزىنىڭ ئالدامچىلىقى ئۈچۈن 10000دوللار بەدەل تۆلىگەندەك قىلاتتى.ئەمما ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغانكى ئۇ دەرھال قايتۇرۇپ سېتىۋالغان بىر جۈپ ئادىداس ئاياقنى 30000دوللار باھا بىلەن ئادىداس شېركىتىنىڭ كۆرگەزمىخانىسىگە سېتىپ بېرىدۇ.شېركەت مەسئولى بۇ بىرجۈپ ئاياقنى سېتىۋالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ-ئولىمپىكنىڭ 100مىتىرلىق يۈگىرەش تۈرىدە تۆت يىلدا بىرقىتىم چىمپىيون چىقىدۇ،ئەمما بىزنىڭ ماركىدىكى ئاياغ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇنداق سېتىش پىلانىدىن يۈز يىلدىمۇ بىرسى چىقمايدۇ.
بۇ بىر جۈپ نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن ئاياغ ئەمەلىيەتتە ئادىداس شىركىتىگە 300مىڭ دوللارلىق ئېلان ئۆنۈمىنى يارىتىپ بەرگەن ۋە جەمىيەتكە بىر قېتىملىق يىغىپ-ساقلاش قىزغىنلىقىنى ئىلىپ كەلگەن،بۇ بىر جۈپ ئاياقنى سېتىش جەريانى ياراتقان سېتىش ،پىلانلاش،ئەقىل-پاراسەتلەرنىڭ قىممىتى ھەرگىزمۇ يۇقىرىدىكى باھالار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.
گاللىي بۇ پۈتكۈل جەرياندىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز پىلانى بۇيىچە بولغانلىقىنى ، ئۇ مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كىشىلەرگە ئەقىل-پاراسەتنىڭ تۈۋەندىكى قىممىتىنى :«ئۆتكۈر ئەقىل-پاراسەت ،بىر ئەسكى ئاياغ بىلەن باغلانسىمۇ ،ئۇنىڭدىن زور قىممەت يارىتالايدىغانلىقىنى »تۇنۇتماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
uyghuray

0

تېما

13

دوست

788

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   57.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36543
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 226
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-16 12:03:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپەت پاراسەت بىلەن ئامەتكە ئايلىنىپتا باللا....
يائاللاھ......مەھرۇمىيەت، مۇيەسسىريەت دەيتتى چوڭلار.
يىقىلغان جايدا بىر نەرسە بارلىقىغا ئىشەندىم جۇمۇ .

0

تېما

0

دوست

19

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36691
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-16 12:15:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل مەزمۇنكەن، مۇشۇنداق نادىر تېمىلارغا تەشنامىز!رەھمەت،داۋاملىق يىزىپ تۇرۇڭ.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

1329

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   32.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15891
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 392
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-22 14:40:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس ئەقىللىق  ئادەمكەن بۇ . قارىغاندا تۈلكە يىللىق ئۇخشايدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )