قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1369|ئىنكاس: 5

كەچمىش رومانى توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

9

دوست

5321

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   6.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 1578
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-17 22:59:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب ئىسمى: كەچمىش   رومان
نەشىر قىلىنغان ۋاقتى؛2010-يىلى 4-ئاي 1-نەشىرى
باھاسى؛ 46 يۈەن
ISBN    كىتاب نۇمۇرى : 978-5373-1992-8
كىتاب ئوقۇلغان ۋاقىت: 2015.3.1~2015.4.10
ئوقۇرمەن ئىسمى؛ ئابدۇسەمىجان
ئۈندىدار :1941843202
ئادىرسى: دالىيەن تەبىي پەنلەر سانائەت ئۇنۋېرسىتىتى
(地址:辽宁省大连市大连理工大学西山学生生活区28412   阿不都赛米江  18840842067


قوشۇمچە:  بۇ ئوقۇشتىن كىيىنكى تەسىرات ماقالىسىنىڭ تەتقىقات خارەكتىرى بولغاچقا ئەگەر گىزت-ژۇرناللاردا ئىلان قىلدىغان  ئىش بولسا ،مىنىڭ باشقا پىكىرىم يوق .ئەمما ئەسكەرتىپ قويىشىڭلارنى سورايمەن .رەھمەت!

كەچمىش رومانى توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش
ئابدۇسەمىجان تۇرغۇن
(دالىيەن تەبىي پەنلەر سانائەت ئۇنۋېرسېتى )

قىسقىچە مەزمۇنى : بۇ ماقالىدە خالىدە ئىسرائىلنىڭ 2011-يىلى نەشىردىن چىققان تۇنجى رومانى توغرىسىدا بىر ئوقۇرمەننىڭ كۆزىدە كۆرۈپ تەھلىل قىلىندۇ ۋە قىسقىچە باھا بىرىلدۇ.قوشۇمچە قىلىپ،تارىخى مەشھۇر ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك » دىكى ئاكتۇئال ئىدىيەلەر بىلەن كەچمىش رومانىدىكى تەپسىلاتلارنىڭ ئىچكى باغلىنىشى ۋە ئىددىيۋى بىرلىكى توغرىسىدا دەسلەپكى چۈشەنچىلەر ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : كەچمىش ،خالىدە ئىسرائىل ،خەلق فولىكلور مەدەنىيتى،قۇتادغۇبىلىك
خالىدە ئىسرائىل يېڭى دەۋر ئۇيغۇر پروزىچىلىقى ئۈچۈن مۇناسىپ ھەسسە قوشقان ۋە ئىجادىيەتتە مەلۇم يۈكسەكلىك ياراتقان يازغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىدىكى ھەقىقىي «ئادەم» لىك ھېس- تۇيغۇغا، مۇرەككەپ، كۆپ قىرلىق زىددىيەتكە تولغان ماھىيەتكە ئېگە پىرسوناژلىرى، ساددا، گۈزەل ئۇسلۇبى، دەبدەبىسىز، ئەمما ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ ئەڭ نازۇك تۈگۈنلىرىگىچە سۈرەتلەپ بېرەلەيدىغان  چۈچۈك تىلى بىلەن كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. ئۇ 1985- يىلى «ئېھ، ھايات» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى باشلىغاندىن بۇيان مۇھەببەت ۋە ئەخلاق تېمىلىرىغا بېغىشلانغان بىر تۈركۈم نادىر ھېكايە پوۋىستلارنى يېزىپ ناھايىتى ئاددىي، ئۇششاق تەپسىلاتلار بىلەن ھاياتلىقنىڭ كىشىلەر تازا زەن سېلىپ كەتمەيدىغان، ئاسان ھېس قىلىپ يېتەلمەيدىغان نازۇك تەرەپلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن كۆرسىتىپ بەردى.  
ئۇنىڭ ئەسەرلىرى سان جەھەتتىن ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ  ئەمما يۇقىرى بەدىئىي قىممىتى، ئۆزگىچە بەدىئىي ئۇسلۇبى ۋە ئىپادىلەش ماھارىتى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۆزىگە خاس ئورۇن تۇتىدۇ.
كەچمىش رومانى خالىدە ئىسرائىلنىڭ تۇنجى رومانى بولۇپ،25 يىللىق پىروزا ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك نامايەندىسىدۇر .بۇ ئەسەر نەشىر قىلىنغان قىسقىلا 5 يىل مابەينىدە ئاددىي ئوقۇرمەنلەر ،ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ،ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى قاتارلىق ئوخشىمىغان قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ،مۇئەييەنلەشتۈرشىگە ئىرىشىپ،ئەسەرگە مۇناسىۋەتلىك ئوبزور ،ماقالە ،تەسىراتلار ئوخشىمىغان ژۇرنال كىتابلاردا ،ئىلمىي سورۇنلاردا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاغزىدا زىكىر قىلىنماقتا .مۇئەييەن بەدئىي ئەسەر ئوقۇش ۋە ئۇنىڭغا ئىلىمىي باھا بىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئوقۇرمەنلەر بىردەك كەچمىش رومانىنى ئۇيغۇر چاغداش ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن يەنە بىر مۇنەۋۋەر رومان ،يىڭى بىر پەللە دەپ كۆرسەتمەكتە.ئوقۇرمەنلەرگە ئايان بولغىنىدەك ،بۇ رومان ئاساسەن مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان بولۇپ،مەنمۇ ئوقۇرمەنلىك سالاھىيەت ۋە نەزەردە بۇ روماندىن ئالغان تەسىرات ،كۆز قاراشلىرىمنى رومانننىڭ ئىددىيۋىلىك چوڭقۇرلىقىدا تۇرۇپ ئوتتۇرغا قويماقچىمەن .
روماندىكى خەلق فولىكلور مەدەنىيتى توغرىسىدا بايان1.
كەچمىش»«باغۇ ئىرەمدەك خىيابانلىق بىر غايىۋى ماكان »نىڭ بەرپا بولىشىدىن تارتىپ ئۇنىڭدىك نەچچە ئەۋلاد كىشى باشتىن كەچۈرگەن ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى خاتىرلەشكە بىغىشلانغان رومان .ئۇ چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى ئەمەس ،بەلكى دەل مۇشۇ ئۆزگىرىشلەر پەيدا قىلغان تۇرمۇش ئۇسۇلى،كىشىلىك مۇناسىۋەت ،دۇنيا قاراش،قىممەت چۈشەنچىسى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىرشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە بىغىشلانغانلىقى بىلەن ئەدەبىياتىمىزدا مەيدانغا كەلگەن ھەرقانداق روماندىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ئۆزگىچە ئىجتىمائىي شەجەرىدۇر.ئۇنىڭ خاتىرلىگىنىيىلنامە ئەمەس ،تارىخ ئەمەس ،تارىختا يۈز بەرگەن چوڭ-چوڭ ۋەقە ،بۈيۈك داۋالغۇشلار ئەمەس،ئۇلۇغ قەھرىمان ياكى داڭلىق شەخىسلەر تېخىمۇ ئەمەس ،بەلكى تارىخ تولا ھاللاردا ئۇنتۇپ قالىدىغان ،ئۇلۇغلار تولا ھاللاردىن يادىدىن چىقىرۋېتىدىغان ، بۈيۈك ئۆزگىرىشلەر ئاسانلا دومىلتىپ ئوينايدىغان ئەڭ ئاددىي ئادەملەر ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى جىمجىت ئۆزگىرىشتۇر ②.رومان رىۋايات كەبى بىر خيابان ماكاندىن باشلىنىپ ،شۇ يەرنىڭ ئىكولوگىيە ۋە ئىدىلوگىيە توغرىسىدا دەسلەپكى ئۇچۇر مەلۇمات بەرگەندىن كىيىن چۆچەك سۆزلەش بايانىدا  داۋاملىق كىڭىيىش تارىيىش رامكىسى ئىچىدە توغراقلىقلارنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي مەدەنىيەت تىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن .خالىدە ئىسرائىل ئىجادىيەت مۇساپىسىدەخەلق فولىكلور مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئاڭلىق قوللىنىپ كەلگەن بولۇپ،پىروزا ئىجادىيىتىگە خەلق ئىغىز ئەدەبىياتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بۇ توغرىسىدا ئاپتۇر ئۆزىمۇ توختۇلۇپ ( ئانا دەريانى ئىزدەپ ) (تارىخىنىڭ سىنقىدىن ئۆتكەن ھەر بىر رىۋايەت بىر بەدئىي تارىخ ،ھەر بىر چۆچەك بىر  بەدئىي قامۇس ،ئۇلار بىز ئۈچۈن تىپىلماس بايلىق دەپ توختالغان .(ئەدەبىيات كوچىسىدىن تەرمەچلەر ) .قۇملۇقنىڭ چۈشى ئاپتۇرنىڭ ۋەكىل خارەكتىرلىك پوۋسىتى بولۇپ ،كۈچلۈك چۆچەك پۇرقىغا ئىگە،تىراگىدىيەلىك توقۇنۇش ۋە جەزبىدار ئاياللىق ئاڭ گۈپۈلدەپ ئۇرۇلۇپ تۇرغان بۇ ئەسەردىن خەلق ئىغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئاپتۇرغا قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلەلەيمىز .  ئۇنىڭدىن باشقاخەلق ئېغىز ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىدىن ئۈلگە ۋە ئوزۇق ئالغان«مەختۇمسۇلا» پوۋېستىنىمۇ يازغۇچى خەلق داستانى«چىن تۆمۈر باتۇر» ئاساسىدا يېزىپ چىققان (3).
سېھرىي رىئالىزىملىق ئپادىلەش ئۇسۇلىدا تەشەببۇس قىلىنىدىغان نەرسە ئالدى  بىلەن شۇ خەلقنىڭ ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ ئىپتىدائىي ۋە بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھاياتى قاراشلىرى، قىممەت قاراشلىرى ۋە ئەخلاق ئۆلچىمىنى قېزىپ، شۇ خەلقنىڭ تەپەككۇر مەۋقەسى، تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە تەپەككۇر شەكلىنى قوللىنىپ، شۇ خەلقنىڭ بۈگۈنكى جەمىئيەت ھادىسىلىرىگە، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلىرىگە، تەرەققىيات يولى ۋە جەريانىغا تۇتقان پۇزتىسيىسى ۋە مۇناسىۋەتلىرىنى ئاشكارىلاپ بېرىشتىن ئبارەتتۇر. بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا شۇ خەلقنىڭ كۆزى بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى كۈزىتىپ، بۇنىڭ نەتىجىسىنى شۇ خەلقنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىپ، بۈگۈنكى مەدەنىيەتلەر تۇقۇنۇشى مۇھىتى ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىغى ۋە يېتىشسىزلىكىنى، ئۇلارنىڭ مەۋجۇدلىغى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر بولغان نەرسىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بېرىش دىمەكتۇر. سېھرىي رېئالىزىم ماھىيەتتە رېئالىزىمنىڭ يەنە بىر ئپادىلەش شەكلى بۇلۇپ، ئۇنىڭ جېنى چىنلىقتىن ئىبارەت. ئۇنىڭدا قوللىنىلغان سېھرىي ۋاستىلەر پەقەت چىنلىقنى كۈچەيتىش ۋە يارقىنلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان ۋاستەدۇركى، ئۇ ھەرگىز ئىختىيارىچە تۇقۇۋالىدىغان بىمەنە تۇقۇلما بولماستىن، بەلكى شۇ خەلق قۇبۇل قىلالايدىغان ۋە ئىشىنەرلىك دەرىجىدىكى  ئىككىنچى چىنلىقتۇر ③ .كەچمىش رومانىنىڭ بىشىدىكى ۋە ئاخىردىكى   توغراقلىقلارنىڭ تەبىي تەسۋىرى ،توختاخۇن ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ شۇنچە ئۇزاق ئۇخلاپ قىلىشى ۋە خۇرجۇنىدىن تۈكۈلگەن بىر تال بۇغداينىڭ بىر غىرىچ ئۆسۈپ قىلىشى ،ئايشىخان باخشىنىڭ پەيدا بولىشى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت تەپسىلاتلار ،ئاكا-ئۇكا شاتىرلارنىڭ قۇملۇقتا بايلىق ئىزدەش جەريانىدا ئۇچرىغان ئاجايىپ-غارايىپ كەچمىشلىرى ،توختى قارىينىڭ تۇيۇقسىز ئاغرىپ قىلىشى ،ھېلىماخۇننىڭ ئايالى ئۆلۈپ كەتكەندە دىگەن سۆزلىرى روماننى قويۇق چۆچەك پۇرقىغا ئىگە قىلىپ ، چۈش بىلەن رىئاللىق ،چوڭقۇر پەلسەپىۋى مەزمۇن بىلەن بىمەنىلىك، ئۆتمۈش ، كەلگۈسى ۋە ھازىرنى ئۇستىلىق  بىلەن كىرىشتۇرۈپ ،ئەپسانىۋى بەدئىي مۇھىت ھازىرلىغان .

. 2.روماندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىددىيۋى پەلسەپىسى
ھەر بىر يەككە شەخسنىڭ ئەس – يادى، خاتىرىسى بولغانغا ئوخشاش، بىر ئۇرۇق  ياكى بىر قەۋم شۇنداقلا بىر مىللەتمۇ ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا كوللېكتىپ ئەس – خىيال ياكى كوللېكتىپ خاتىرىلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن بولىدۇ. بۇ مەزكۇر  ئىجتىمائىي توپ ياكى مىللەت ئورتاق بېشىدىن كەچۈرگەن ئۆتمۈشى بولۇپ، بەلگىلىك مەدەنىيەت – كۈلتۈر ئالاھىدىلىكلىرى،  ۋاستىلىرى ئارقىلىق قېلىپلىشىش ۋە تۇراقلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بۇ بىر خىل ئۆز مەدەنىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسى بولۇپ، ھەر بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئەستلىكىنى  زامان نۇقتىسىدىن  يېراق ئەپسانە – رىۋايەت دەۋرلىرىگە ياكى  يېزىق پاكىتلىرى ئارقىلىق تەكشۈرگىلى بولىدىغان  يېقىنقى يىللارغىچە تەكشۈرۈش مۈمكىن④.كەچمىش رومانىدا ئاپتۇرئادەم بىلەن تەبىئەت،ئادەم بىلەن دۇنيا،ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدىكى ئىچكى گارمونىيە ۋە يۈكسەك باغلىنىش مۇناسىۋىتىنى خىلى زور دەرجىدە روشەنلىككە ئىگە قىلغان بولۇپ ،مەڭگۈلۈك بىر ئوتوپىيەنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.بۇ نۇقتىدىن ئەسەرنىڭ ئىددىيۋى مەزمۇنىدىكى تۈپكى خاھىش 11-ئەسىر ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» دىكى مەزمۇنلارغا يىقىندىن ياندىشىشى مۇمكىن.يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇبىلىك داستانى بولسۇن ياكى خالىدە ئىسرائىلنىڭ كەچمىش رومانى بولسۇن ئىككىلى ئەسەردە ئورتاقلا جەمىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەنكى قاتلامدىكى كىشىلەرنى مەركەز قىلىپ ،بىر مىللەتنىڭ قىممەت قارىشى ،تەبىئەت قارىشى ،ئىددىيۋى ھىسياتى قاتارلىق ئامىللاردىن پايدىلىنىپ ،ئىنسانىيەت ئورتاق تەلپۈندىغان ئۆلمەس ئوتوپىيە بولىمىش غايىۋى ماكان (دۆلەت) ئىددىيسىنى ئوتتۇرغا قويغان .كەچمىش رومانىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىددىيۋە بىرلىك خاھىشى ئورتاق ئارزۇ نىشان ئىستەكلىرى قۇتادغۇبىلىك مەيدانغا قويغان غايىۋى دۆلەت پىكىرىگە يەندىن يانداشقان بولۇپ توغراقلىقلىقلارنىڭ ئىڭىغا سىڭىپ كەتكەن قاتائەتچانلىق ،يىڭىلىققا ئىنتىلىش،تەبىئەت بىلەن تەڭرى ئىدىيەسىنىڭ بىرلىكى بولغان ئۇلۇغ قائىدە -نىزاملاغا بولغان ئىتائەت ۋە بويسۇنۇش ۋە ئىتقاد قىلىش قاتارلىقلار روماننىڭ ئوخشىمىغان ئورۇنلىرىدا ،مەنە قاتلاملىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان .تۆۋەندە مەن بۇلارنى ئايرىم-ئايرىم قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن .
قانۇن : كۈنتۇغدى «قۇتادغۇبىلىك»تىكى باش قەھرىمان .يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەدەبىي يول بىلەن تەسۋىرلىگەن غايىۋى خانلىقنىڭ ھۆكۈمرانى ،دانا ،ئادىل،مېھرىبان قابىل خاقاننىڭ سىموۋلى .پۈتۈن ئۆمرىنى ئەل-يۇرتنى گۈللەندۈرۈش ئىشىغا بىغىشلىغان ،ئەل-يۇرتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئۈچۈن بارلىق پايدىلىق ئامىللارنى ئىشقا سېلىشقا بەكئەھمىيەت بىرىدىغان شەخىس،شۇنداقلا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ،ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە ۋە قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باب-باراۋەر دەپ قارايدىغان،مەملىكەتتىكى بارچە پۇقراغا ئوخشاش مۇئامىلىدە بولىدىغان،يۇرت-جامائەتنىڭ دانا،ئادىل،مىھرىبان ،قابىل ھۆكۈمراننىڭ بولۇشىنىڭ مۇتلەق زۆرۈرلىكىنى ئەمەلىي ھەرىكى ئارقىلىق ئىسپاتلىغان  يەككە شەخىس مەيدانىدىكى بەدىئىي غايىۋى ئوبراز.كەچمىش رومانىغا قارايدىغان بولساق بۇ يەردىكى قانۇن-نىزان يەككە شەخىس مەيدانىدا ئەمەس پۈتكۈل بىر جەمىيەتنىڭ ئىدىلوگىيەسىنىڭ باش ھۆكۈمرانى سۈپتىدە مەيدانغا چىقىدۇ.«بىز كەلمەستە بۇ يەرنىڭ -ئەسلىي ئىگىسى ھايۋانلار ئىكەن،ئۇلارنىڭ رىسقىغا توپا چاچساق خۇدا راۋا كۆرمەيدۇ»دەيدىغان ئىدىيەدىن ،ئاكا-ئۇكا شاتىرلارنىڭ قۇملۇققا غايىب مال دۇنيا ئىزدەپ كىرىشى ،ۋە ئۇلارنىڭ يانلىرىدىكى مال دۇنيانى زىمىنغا قايتۇرغاندىلا ئاندىن ئامان قالغانلىقى،كىشىلەرنىڭ قاتتىق چىققان بوران  ،يەر تەۋرەش قاتارلىق  تەبىئەت ھادىسى بىلەن بىۋاستە ئۇچرااشقاندا بۇنى ئۆز خاتالىقىنىڭ جازاسى دەپ قاراپ ئۆز قىلمىشلىرىغا تۆۋبە قىلىشى قاتارلىق ئۇششاق تەپسىلاتلاردىن شۇنى كۆرۋىلىشقا بولىدىكى،توغراقلىقنىڭ ئىجتىمائي قۇرۇلمىسىدا قارىماققا ھىچقانداق تەرتىپ-مىزان،تۈزۈم يوقتەك قىلىدۇ.ئەمما ئۇنىڭدا ناھايىتى ئىنىق چەك،تەرتىپ ،ھوقۇق،مەجبۇرىيەت چۈشەنچىسى مەۋجۇت.ئادىل، باراۋەر ھەر كىمنىڭ ئىززەت نەپىسى،خاھىشى تولۇق نەزەرگە ئىلىنغان جەمئىيەت ئەندىزىسى ھەممىنى ئۆز يولىدا ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىپ تۇرىدۇ.تەبىئەت بىلەن ئىنسان ۋۇجۇدى،ئىنسان بىلەن ئىنسان تەبئىيتى ،ئىنسان بىلەن ئىنسان ئۆز ماھىتى ئوتتۇرسىدىكى يۈكسەك بىرلىك ،ئىچكى گارمونىيە بىر مۇكەممەل قانۇن-نىزان تەتىپىنى ھەسىل قىلغان بولۇپ ،ھەممە باراۋەر قاتنىشىدىغان،تەڭسىزلىك يوق ،يۇقىرى تۆۋەن ئايرىلمىغان ،بىر-بىرىنى بوزەك قىلىدىغان ياكى بۇلاڭ تالاڭ قىلىدىغان ئەھۋال شەكىنلەنمىگەن ،ھەر كىشى ئۆز ئىھتىياجىغا قارىتا تەبىئەت بىلەن مۇناسىۋەتلىشىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن رىزقىغا يارىشا نەپ ئالىدىغان ،بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچ ،ساداقەت ،ئۇلۇغ ئەقىدە كۆز قارىشى پۈتكۈل بىر خەلىقنىڭ ئىدىئولوگىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ بايان قىلىنىپ ،بۇ زىمىندا ياشاۋاتقان خەلىقنىڭ ئىنساننىڭ ئىرادىسىدىن تاشقىرى كۈچلەر بىلەن باغلىنىدىغان ئۇلۇغ بىر قانۇننى ۋە ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنى چوڭقۇر بەدئىي ۋە ئىددىيۋى مەزمۇنلار ئارقىلىق سۈرەتلەپ بەرگەن .
ئەقىل -پاراسەت ۋە نادانلق
ئىلىم-پەننى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق ئىنسانلارغا بەخت يارىتىپ بىرىشنى ،مائارىپنى يولغا قويۇش ئارقىلىق شەخىسلەرنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى ئەتراپلىق تەرەققى قىلدۇرۇشنى تەكىتلەش گۇمانىزىملىق ئەدەبىيات ئىقىمىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولۇپ «ئادەم ئاساس ،ئادەم مەركەز»دىگەننى تەشەببۇس قىلىپ ئادەمنىڭ قىممىتى،ئىززەت ھۆرمىتى ۋە كۈچ قۇۋۋىتى تەكىتلەنگەن.ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى گۇمانىستىك مۇتەپەككۇر يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»دا غايىۋى شەخىس ئۈگدۈلمىش ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەزمۇنلار كۈچلۈك گۇمانتارلىق روھىغا ئىگە.ئۈگدۈلمىش-پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئەل-يۇرتنىڭ بەختى ئۈچۈن پىدا قىلىدىغان،ئومۇمنىڭ مەنپەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان،ھەرقانداق مۈشكۈل ئىشنى ئەقىل ۋە بىلىم بىلەن ھەل قىلىدىغان ھەم بۇنىڭغا ئەھمىيەت بىرىدىغان ئالىيجاناپ غايىۋى پىرسوناژ. كەچمىش رومانىدىكى توغراقلىققا مەزىننىڭ باشلاپ كىلىنىشى،دىننىي ئەھكاملاردىن كىشىلەرگە بىلىم بىرىلىشى،كىيىنچە مەيدانغا كەلگەن كالتە چاپان مۇئەللىملەر قۇرغان مەكتەپ ئۆز ئىچىگە ئالغان يىڭى مائارىپ بىخلىرى ۋە قۇتلۇق ھاجىمنىڭ ئىلىپ بارغان مائارىپ ئاقارتىش ھەرىكەتلىرى ،يەرلىك كىشىلەرنىڭ تىگى-تىگىدىن ئۇرغۇپ تۇرغان ئىلىمسۆيەر خارەكتىرى بۇ روماندىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتا بولۇپ ،بۇ ماھىيەتتە توغراقلىقلارنىڭ خارەكتىرىدىكى ئىلىم-سۆيەر ،مەرىپەتۋەر خارەكتىرى بىلەن كىيىنچە ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن بۇرمىلانغان قاششاقلىق ،نادانلىق،بىكىنمىلىككە ئوخشاش پاسسىپ خاراكتىر ئاجىزلىقلىرى ئۆز ئارا يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە سىلىشتۇرۇلغان .خالىدە ئىسرائىلنىڭ بۇ تەپسىلاتلىرى قانداقتۇر پىلانسىز ،ئاڭسىز ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان تەپسىلاتلار بولماستىن ،تىگى-تەكتىدىن ئىيتقاندا بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى دۇنيا ئەدەبىيات ئىقىمىدىكى ئىلىم-مەرىپەتنى قىزغىن سۆيۈش ،ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشى ،چەكتىن ئاشقان خۇراپاتلىق،ھورۇنلۇق ،ساددىلىق توغرىسىدىكى بايانلىرىغا،بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىيەت يۈكسەكلىكىگە ۋە ساغلاملىقىغا بولغان   ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى سىڭدۈرىۋەتكەن .ئاپتۇرنىڭ مەسلىنىڭ تۈپ يىلتىزىنى كۆرسۈتۈپ بىرىش ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتىىنى ئىچىپ بىرىش خاھىشى بويىنچە ،خالىدە ئىسرائىلنى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى گۇمانتارلىق روھقا ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى بولمىش مەرىپەتۋەرلىك،خەلىقپەرۋەرلىك،ئىنسانپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلغان دىيىشكە بولىدۇ.
قانائەت
«قۇتادغۇبىلىك»تە ئوتتۇرغا قويۇلغان كىشلىك قاراش ،ئىجتىمائىي پىكىر ۋە غايىۋى مەزمۇنلار ناھايىتى مول بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر تىپىك ۋە ئومومىي خارەكتىر ئالغىنى قانائەتتۇر.
ئۇدغۇرمىش-يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەسەۋۋۇرنىڭ ياردىمى بىلەن ياراتقان ئادالەتلىك غايىۋى خانلىقتىكى بىر غاردا ئىستىقامەت قىلىدىغان زاھىد،ناھايىتى مۇرەككەپ يارىتىلغان بەدىئىي ئوبراز.كەچمىش رومانىىدىمۇ تەقدىرچىلىك ئىددىيسى ۋە قانائەت كەڭ تەسۋىرلەنگەن بولۇپ ،ئوخشىمىغان ۋاقىتتا ،ئوخشاشمىغان پىرسوناژ تىلىدا بايان قىلىنغان .تەقدىرچىلىك ۋە شۇنىڭغا يانداشقان قانائەت قارىشى ئىنسانىيەتكە ئەزەلدىن بار قاراش بولۇپ،بارغا شۈكۈر قىلىش،يوققا ئامال قىلىش مەركىزى ئىدىيە قىلىنغان ئەنئەنىۋى كەيپىيات ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.ئەھمەد يەسەۋى باشچىلىقىدىكى  كىيىنكى دەۋىرلەردە كەڭ يىلتىز تارتقان تەسەۋۋۇپ ۋە سوفىزىم ئىدىيەلىرى ئىنساندا بولۇشقا تىگىشلىك ئەركىن تاللاش،قەيسەر ئىرادە ۋە ئالغا ئىنتىلىش روھى ، كۈچلۈك رىقابەت ئىڭى قاتارلىقلارغا خىرىس قىلىپ،ئۇزاق ئەسەرلەردىن بۇيان بۇرمىلىنىش ۋە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد دەستىلىنىش نەتىجىسىدە،كىشىلەرنىڭ ئىدىيە-خاراكتىرىدە پاسسىپ قانائەتچانلىق،ھورۇنلۇق،بوشاڭلىق ،رىقابەت ئىڭى سۇس بولۇش،ياتتىن كىرگەن ھەرقانداق بىر شەيئى ۋە ۋەقەگە نىسپەتەن ھىچقانداق تاللاش ۋە يەكلەش ئىنكاسىدا بولماستىن ھەممىنى ئۆز ئىچىگە سىغدۇرۇش شۇنداقلا بۇ سىغدۇرۇشنىڭ ۋاقىتىنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ «كۆنۈپ قىلىش » قا ئۆزگىرشىدەك پىسخىك ئاجىزلىقلار شەكىنلەنگەن .خالىدە ئىسرائىل كەچمىش رومانىدىكى شۈكرى قانائەت قىسمەن جايلاردا توغرا مەۋقەدە  سۈپەتلەنگەن ، شۇ ئارقىلىق توغراقلىقلارنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكىدىكى يارقىن تەرەپلەر يورۇتۇپ بىرىلگەندەك قىلسىمۇ ،ئەمما ئاپتۇر مۇشۇ يارقىنلىق ئارقىسىدىكى نۇرغۇن-كىشىلىرىمىز ئانچە تونۇپ يىتەلمەيدىغان بىر پاجىئەنى كۆرسىتىپ بەرگەن .
ئاپتۇر  روماندا  ئوخشىمىغان ۋاقىت ،زامان ،ماكان بوشلۇقىدىكى ئوخشىمىغان قىممەت قارىشىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان چىىكىدىن ئاشقان قانائەت ۋە ئۇنىڭ كەلتۇرۈپ چىقارغان ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋى يوقۇتۇش ۋە ئازاپلارنى يوشۇرۇن سۈرەتلەپ ،تارىخىمىزدىكى ئەڭ ئەجەللىك ۋە ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغىچە يورۇتۇپ بەرگەن .يۈكسەك مەدەنىيەت تورىدا ياشايدىغان ،ئۆز روھىيەت ئالىمىدە مەنىۋى يۈكسەكلىككە ئىنتىلىدىدغان پاكىز ئەقىدە -ئىتقادنى ئۇلۇغلايدىغان ، قانائەتچان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى يىڭى دەۋىردە يىڭى دۇنيا بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇلاردىكى پاكىز ئەقىدە ،مەنىۋىيەت دۇنياسىدا ئالەمشۇمۇل بۇرۇلۇش ياسايدۇ .توغراقلىقلىقتا يۈز بەرگەن ھەر بىر كىچىككىنە ئۆزگىرىشمۇ كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىگە زور داۋالغۇشلارنى ئىلىپ كىلىدۇ.نەمەت دادۈيجاڭ سەللىنىڭ يوغىنىنى يۆگەپ مەسچىتكە كىرىۋالىدۇ ،پارتىيەگە بارلىقىنى ئاتىغان ،پارتىيەگە يۈكسەك ئەقىدە بىلەن يانداشقان ۋە بىر ئۆمۈر پارتىيە ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەن ئابدۇغىنى ئاخۇن ئىسلاھات ئىچىۋىتشنىڭ ئالدى كەينىدە گاڭگىراپ نىمە قىلارنى بىلەلمەي قالىدۇ ،ئىككىلىندۇ.ئالتۇنگۈل دۇككان ئاچىدۇ ،تەرەپ-تەرەپگە يۈگۈرۈپ يۈرۈپ پۇل تاپىدۇ ،ئائىلىدە نەمەت ئىككىلەمچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ(بۇ يەردىكى جىنىس پەرقىدىكى ئىش تەقسىماتى كەينىدە قانداق مەۋقە بار بۇنى ھازىرچە دىمەي تۇرايلى ). كەنىتتە ھەر خىل ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئاشخانىلىرى پەيدا بولىدۇ ،نىفىتلىك ئۈچۈن يىڭى يول ياسىلىدۇ ، نۇرغۇن كىشىلەر كۆچمەن بولۇپ كىلىدۇ ، پاھىشە قىزلار پەيدا بولىدۇ ...ئۇنداقتا روماندىكى  بۇ كىشىلەرنىڭ ئەقىدىسىدىكى قانائەت نىمىشقا مۇشۇ دەۋىردە سۇسلىشىپ كىتىدۇ ،ياكى يوقاپ كىتىدۇ ؟ شۇنچە چوڭ ،خار-زەبۇنلۇق بورىنىدىن سالامەت چىققان توغراقلىقلارنىڭ گۈزەل مەنىۋىيەت دۇنياسى ،توغراقلىقلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى جەمەتىگە باغلانغان ھايات ،دۇنيا ،ئالەم ،تەبىئەت ئوتتۇرسىدا كىشىنى تاڭ قالدۇرغىدەك تەڭپۇڭلۇق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلغۇچى ۋە شۇنىڭ ۋارىسلىرى بولغان توغراقلىقلار نىمە ئۈچۈن ھەممە كىشى كىيىمى پۈتۈن ،قورسىقى توق بولغان چاغدا ئەنئەنىدىن بىراقلا ياتلىشىپ كىتىدۇ ؟ روماندىكى قانائەتكە يانداشقان قەلىب تەڭپۇڭلىقىنى زادى قايسى نۇقتىدىن كۆزىتىشكە بولىدۇ ؟ ئۇنى ۋەيران قىلغۇچى ئامىل زادى نىمە ؟ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى بۇ يەردىكى قانائەت پاجىئەسى ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى پاجىئە ئەمەس ئەلۋەتتە .
بەخت -سائادت
ئايتولدى-«قۇتادغۇبىلىك»تە بەخت-سائادەت سىموۋلى سۈپتىدە تەسۋىرلەنگەن ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەسەۋۋۇر ئارقىلىق ياراتقان غايىۋى دۆلەتنىڭ ۋەزىرى.ئايتولدى ئوبرازىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىكىلى ئۇنىڭ يۈكسەك پەزىلەت ئىگىسى ئىكەنلىكىدە كۆرۈلىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك»تە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەخلاقنى ئەڭو چوڭ تىمىلارنىڭ بىرى قىلىپ بىكىتىپ ئەخلاقنىڭ پادىشاھتى قەلەندەرگىچە بولۇشىنى،ئەخلاقنىڭ جەمئىيەت،خانلىق،قانۇن،بىلىم ،ئائىلە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى توغرا تەھلىل قىلىپ جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ھالقىسى ھەر بىر ھۈجەيرىسىدە ئەخلاقنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتىنى توغرا تونۇشنى تەكىتلەيدۇ.كەچمىش رومانى مىللىي ئەدەبىياتىمىزدا بارلىققا كەلگەن نادىر ئەسەر بولغىنىدەك ئۇ تەسۋىرلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتنىك مەنبى قارىشى،دۇنيا قارىشى،سىياسىي-ئىقتىساد ،دىن-پەلسەپە،جىنسيەت چۈشەنچىسى ،توي-تۆكۈن ئۆلۈم يىتىم قاتارلىق نۇرغۇن خەلق فولىكلور ئۇچۇرلىرى بىز ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك .«كەچمىش»نىڭ بىزگە بايان قىلىپ بەرگىنى ماھىيەتتە توغراقلىقتىن ئىبارەت بۇ غايىۋى ماكاندىكى مەدەنىيەتنىڭ يىتەكچىلىك كۈچىدىكى ئۆزگىرىشتۇر.قۇرۇلمىنىڭ ئۆزگىرىشى تەگ-تىگىدىن ئىيتقاندا ئەگەشمە ھادىسە بولۇپ ،مەسلىنىڭ تۈپ نېگىزى توغراقلىقتىكى ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنى تەشكىللىگۇچى مەدەنىيەتتىكى «قايتا چۇۋۇلۇپ توقۇلۇشتۇر ».مانا مۇشۇنداق مەدەنىيەت تورلىرىنىڭ چۇۋۇلۇش ،توقىلىشى ۋە يەنە قايتا چۇۋۇلىشى داۋامىدا توغراقلىقلارنىڭ روھىيىتىدە پەيدا بولغان داۋالغۇش -گاڭگىراشلار ،دۇنيا-قاراش ،قىممەت قاراشلىرىدا يوشۇرۇن ئاشكارى كۆرۈلگەن ئۆزگىرىشلەر توغراقلىقلارنىڭ يىڭى بىر ئەخلاق-پەزىلەت ،كىشلىك قاراش چۈشەنچىسىگە ئىگە قىلدى. تەبىئەت ۋە زىمىننى ھەممىدىن ئۇلۇغ بىلىدىغان ،دەرەخ تىكىپ ،ئورمان بەرپا قىلغان كىشىلەرنى خىزىردەك ئۇلۇغلايدىغان توغراقلىقلار يىڭى داۋالغۇش ئۆزگىرىش جەريانىدا ئۆز ئەقىدە-ئەنئەنىسىدىن ياتلىشىپ بارلىق دەرەخلەرنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ ،ئورمان ۋە باغلارنى ۋەيران قىېلىپ،مەنپەئەت ،نام-ئاتاق ،ئەمەل-مەنسەپ ئۈچۈن ساتقىنلىق ،مۇناپىقلىق كەبى ئىللەتلەتلەرگە يول ئاچتى.تىخىمۇ چوڭ ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا دۇنياۋى يىڭى ئىقلىملارغا يۈزلەنگەن توغراقلىقلار توختاخۇن جەمەتى باشچىلىقىدىكى ئەڭ پاك،ئۇلۇغ ئىدىيە ،ئەخلاق-پەزىلەت قاراشلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ ھىچقانداق تەييارلىقسىزلا يىڭى بىر  جەمئىيەتكە قەدەم باستى.ئۇلارنىڭ ئىرىشكىنى يوقاتقىنىدىن ئاز بولۇپ ،زامانىۋىلىشىش قانيىمىنىدا ئەجدادلىرنىڭ يۈكسەك ئەنئەنە-ئادەتلىردىن ياتلاشتى.ئەڭ قورقۇنۇشلۇق يىرى شۇكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىپلاس ئىش-ئىزلىرىنى بىلىپ تۇرسىمۇ سۈكۈت قىلىدى .
رۇستەمنىڭ ۋىژدان غۇرۇرىنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ تۇرۇپ ئىرىشكەن ئەمەل مەنسەپلىرى، دىلمۇراتنىڭ ئايالىنىڭ قىزىنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ ياشىشى ،رۇستەمنىڭ بالىسى ،توغراقلىتىكى ئەڭ قەدىمكى جەمەتنىڭ يەتتىنچى ئەۋلادى بولىمىش ئالىمنىڭ ئەڭ بۈيۈك بوۋىسىنىڭ قەبرىسىگە بەخرامان سىيىىشى بىزنى ئۆزىمىز ئۈچۈن تىخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ .ئاپتۇر بۇ تەپسىلاتلار ئارقىلىق يىڭى دەۋىردىكى يىڭى ئەۋلادلاردىكى ئۆز مەدەنىيتىنى ئۇنتۇش ،ئۇنىڭدىن يىرگىنىش ،ئانا-تىلىدىن نۇمۇس قىلىش،يىڭى ئىقلىم يىڭى مودىغا ئۆزىنى ئۇرۇش ۋە قارىغۇلارچە دوراش،ئۆزلۈك سەيناسىدىن ئۇزاپ كەتكەن ،ئەخلاق-پەزىلەت ،ئىمەن ئىيتقاد ئۈزۈندىلىرىدىن قەلبى زەررىچە نۇرلانمىغان يىڭى دەۋىردىكى  ماڭقۇرۇتلارغا بولغان تەنقىدى پوزىتسىيەسىنى ئوتتۇرغا قويسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ ئۇزاق يىللار داۋامىدا سىناقتىن ئۆتكەن تاۋلانغان ئىتقاد-ئەقىدىسىنى ،ئىنسان ،تەبىئەت ،ئالەم ،دۇنيا توغرىسىدىكى پەلسەپىۋى قاراشلىرىنى ،ھىكمەت دۇندانىلىرىنى يىڭى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ۋە ئۇلارنى ئۆز مىللىي ئەخلاق قاراشلىرىدا چوڭ بولۇش مۇھىتى يارىتىپ بىرىش ،شۇ ئارقىلىق ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئەنئەنە يەتكۈزۈش ۋە ئۇنى مەدەنىيەت سۈزۈكلىكىگە ئىگە قىلىشنى تەشەببۇس  قىلغان .
     «قۇتادغۇبىلىك »ئىددىيۋى مەزمۇن ،بەدئىي ئىستىدات ،ئەسەر قۇرۇلمىسى جەھەتتىن يىپيىڭى بىر ئەسەر . ئۇنىڭدا ئالەم ،تەبىئەت توغرىسىدا قىممەتلىك پىكىرلەر بايان قىلىنغان بولۇپ ،يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئالەمنى چۈشۈنۈش ،تەبىئەتنى سۆيۈشتەك ھەم رىئال،ھەم دىنىي قارىشىنى مەركەزلىك ئىپادىلەيدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق دەۋىرلىك تەرەققىيات جەريانىدىكى ئىستىتىكىلىق قاراشلىرىنىمۇ ئىپادىلىگەن .بۇ نۇقتىدىن كەچمىش رومانىدىكى مول خەلق فولىكلور خۇرۇچلىرى،تارىم بوستانلىقىدىكى قەدىمىي خەلىقنىڭ ئالەم ،دۇنيا ،ئادەم ،تەبىئەت توغرىسىدىكى مۇكەممەل پەلسەپىۋى ئىددىيۋى مەيدانى «قۇتادغۇبىلىك» گە  مەزمۇن جەھەتتىن زور دەرىجىدە يانداشقان بولۇپ ،ئىددىيۋى مەزمۇن ۋە بەدىئىي ئۇسلۇبتىكى چوڭقۇرلۇق ھەم كەڭلىك كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ سۆيۈندۈرىدۇ.قۇتادغۇبىلىك ئوتتۇرا ئەسىر دىكى ئوتتۇرا  ئاسىيا خەلىقلىرىگە بىر دۇنياۋى ئابىدە تىكلەپ بەرگەن بولسا ،شۇنىڭدىن ئازغىنە كەم  10ئەسىردىن كىيىنكى بۇگۇنكى كۈندە كەچمىش رومانى ئۆزىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋاپىقىيەتلىرى بىلەن يىڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا يەنە بىر چوققا يارىتىپ ،مەزمۇن ۋە بەدئىي ئىستىتات قاتارلىق تەرەپلەردە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئىپادىلەنگەن دۇنياۋى قاراشلارنى چاغداش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئىزچىللىققا ئىگە قىلغانلىقى ۋە بىر قەدەر مۇۋاپىقىيەتلىك ۋارىسلىق قىلالىغانلىقى بىلەن تىخىمۇ قىممەتلىكتۇر .

2015.4.11 كۈنى

:پايدىلانمىلار
① رۇقىيە قادىر  خالىدە ئىسرائىل پوۋسىتلىرىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى
②  نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن  تارىخنىڭ ئەرۋاھى ،بۆسۈلگەن تور ۋە ئۆلمەس ئوتوپىيە   شىنجاڭ مەدەنىيتى 2012 يىللىق 2-سان 20-بەت
③ ئاتاقلىق يازغۇچى مۇھەممەد باغراش بىلەن سۆھبەت
uyghuray

0

تېما

3

دوست

884

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   76.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36060
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 264
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-18 14:28:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوشۇمچە:  بۇ ئوقۇشتىن كىيىنكى تەسىرات ماقالىسىنىڭ تەتقىقات خارەكتىرى بولغاچقا ئەگەر گىزت-ژۇرناللاردا ئىلان قىلدىغان  ئىش بولسا ،مىنىڭ باشقا پىكىرىم يوق


گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان بەزى ئەسەرلەر توردا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن، لېكىن توردا ئېلان قىلىنىپ بولغان  ئەسەرلەر گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنمايدۇ.

0

تېما

3

دوست

884

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   76.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36060
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 264
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-18 14:32:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«كەچمىش رومانى توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش» دېگەن بۇ ماۋزۇنى چۈشمىگەندەك ھېس قىلدىم، «كەچمىش رومانى توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىشىم» دېسىڭىز ياكى «دەسلەپكى» دېگەن خەتنى ئېلىۋەتسىڭىز بولغۇدەك. چۈنكى بۇ رومان توغرىسىدىكى سىزنىڭ دەسلەپكى ئىزدىنىشىڭىز بولغان بىلەن ئۇنىڭدىن ئاۋۋال ئابدۇقادىر جالالىدىن، نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن، ياسىنجان ئابدۇۋەلى قاتارلىقلارنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيتى» «تارىم»، «تەڭرىتاغ» قاتارلىق ژۇرناللاردا ماقالە-ئوبزورلىرى ئېلان قىلىنغان

يوق

14

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27688
يازما سانى: 1457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3468
توردىكى ۋاقتى: 901
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-19 01:39:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sotchi يوللىغان ۋاقتى  2015-6-18 14:32
«كەچمىش رومانى توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش» دېگەن بۇ  ...

قۇللايمەن .
uyghuray

5

تېما

0

دوست

856

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   71.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9865
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 120
تۆھپە : 195
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-23 21:38:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق ئىزدىنىپسىز....ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.....

0

تېما

0

دوست

543

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   8.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27199
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 168
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-24 10:24:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسىرات خارەكتىلىك تەتقىقات ماقالىسى دېسەك ياخشى بولغۇدەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )