قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1420|ئىنكاس: 4

پەرزەنتلىرىمىز بىزگە ئامانەتتۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

0

دوست

117

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   39%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36874
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-23 22:29:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھەربىر ئىنسانغا ئوخشاش خوشاللىق ياكى ئوخشاش خاپىلىق ھەردائىم يار بولىۋەرمەيدۇ، تەقدىردە نېمە بولسا شۇنى كۆرىمىز بەزىدە قىلغان سەۋەبلىرىمىز، ئەمەللىرىمىز بىلەن بەزى تەقدىر ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە يول ئاچىمىز. بۈگۈن بۇ يەردە بۇ يازمىنى يېزىش تۇيۇقسىزلا كەلگەن ئىلھام دېيىشكىمۇ، ھەمدە يېڭىدىن ئالغان بىر ئىلىم ساۋاق تۈپەيلى دېسەممۇ بولىدۇ. بۈگۈن بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى ياخشى بىر كۈن بولدى، قىزىم مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ ئائىلىدىكى ئىشلىرىمىزنى تۈگەتكەندىن كېيىن يەنە كۈندىكىدەكلا مەكتەپنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە سومكا ماتېرياللىرىنى رەتلەش ئىشىغا چۈشتۇق ۋە ئەتە مۇھىم بىر ۋەزىپىنىڭ مەكتەپكە تاپشۇرۇلىدىغان كۈنى ئىكەنلىكىنى بۈگۈن كۈندۈزدە مەكتەپتىن كەلگەن ئېلخەت ئارقىلىقمۇ خاتىرلىگەن ئىدىم ۋە قىزىمغا قايتا خاتىرلەتتىم، شۇ ئەسنادا ئۈندىدارغا بۇ مەزمۇندا ئازراق بىر نېمە يازغۇم كەلدى، ئىشلارنى تۈگىتىپ بالىلىرىمنى ئۇخلىتىپ بولۇپ تېلفوننى قولۇمغا ئالدىم ۋە بايا تارتىۋالغان سۈرەتلەرنى تەكشۈرۈپ بۇ يازمىنىڭ قىسقىچە يېزىلىشىنى يوللىدىم شۇ ئەسنادا  كىشلەر كۆپرەك كۆرىۋاتقان بۇ تور بەتكىمۇ يازغۇم ۋە يەنىمۇ تەپسىلىيرەك يازغۇم كېلىپ قالدى. بۇ تېمام بەلكىم قايسى بىر ئائىلىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىگە يەنە قايسى بىر كارخانچىنىڭ يېڭى بىر پىلانىغا ئۇيغۇن كېلىپ پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. چەتئەللەردىكى پۈتۈن نەسە پايدىلىق بولۇشى ناتايىن ئەمما ياخشىسىنى ئۆگىنىمىز دەپ ياشاۋاتقان بۇ چەتئەللەردىكى ياخشى نەرسىلەرنى ئانا يۇرت بىلەن ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ ئەلۋەتتە.
webwxgetmsgimg.jpg

webwxgetmsgimg (1).jpg

  بۇ نېمىلەر ؟ سۈت قاپلىرىنى يىغىپ نېمە قىلار دەمسىز . بۇ سۈت قاپلىرىدىكى ئاۋۇ ئۈچ بۇرجەك ياپراقچىنى مۇشۇ قاپلاردىن كېسىپ ئالدۇق ، ئۇنىڭ ئۈستىدە دۆلەت تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنغان يەرشارى يېشىللىققا تۆھپە قوشۇش تەسىسى  قىلىنغان بەلگىلەنگەن خەتلەر يېزىلغان ، بۇنى يىغىش بولسا  باشلانغۇچ 1 - يىللىقتا ئوقۇيدىغان قىزىمنىڭ مەكتىپىدىن ئىختىيارى قىلىنغان ساخاۋەت ۋەزىپىسى بولۇپ بالىلارئاتا ئانىلىرىنىڭ ياردىمىدە بۇنى بىر مەزگىل يىغىپ مەكتەپ بەلگىلىگەن ۋاقىتتا  مەكتەپكە چىرايلىق رەتلەپ ئېلىپ بارىدۇ .بۇنى مەكتەپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرۇپ يەرشارى مۇھىت ئاسراشقا تۆھپە قوشقان سانىغا قارىتا بەلگىلىك دەرىجىدە ئىقتىسادىي قىممەتكە ئايلاندۇرۇپ ئۇ ئىقتىساىي كىرىمنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساخاۋەتكە مۇھتاج يەرلەرگە ئىئانە قىلىدۇ . ياپونىيە كۆپرەك ئافرىقىغا قىلىدۇ بىلىشىمچە. بالىلارغا كىچىكىدىن تارتىپ ئۆزىدە بار بولغاننى بولمىسىمۇ باشقا بىر يول ئارقىلىق ` ئاز بولسسىمۇ باشقىلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇش ۋە ئاۋۇ تاشلاندۇق قەغەز قاپلارنى قالايمىقان تاشلىماستىن مۇھىتقا يېشىللىققا تۆھپە قوشۇش روھىنى يېتۈلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بۇ مائارىپ تۈزۈلمىسى نېمىدېگەن مەنىلىك ھە.
    مەن بالىلىرىمنىڭ چۈچۈك تىللىرى بىلەن  بۇنى نېمە قىلىدۇ دېگەن سوئالىغا بۇ ئاي رامىزان ئېيىدۇر دۇنيادا ئاچ يالىڭاچ نۇرغۇن بالىلا بار شۇلارغا ئۆيدە بار بولغان مۇشۇنداق پۇلغا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان نەرسىلەرنى يىغىپ ئىئانە قىلساق بىر يىلدا شۇنداق جىق ياخشى ئىش قىلغان بولىمىز دېسەم ، ئوماق قىزىم ئاندىن جەننەتكە كىرەلەمدۇق دەپ سورىدى .
webwxgetmsgimg (2).jpg

    ئارقىدىنلا 4 ياشلىق ئوماق زېرەك ئوغلۇم يۈگرەپ  بېرىپ قولىغا قەلەم قەغەز ئېلىپ بۇ 3 - رەسىمنى سىزىپ كۆتۈرۈپ كەپتۇ ، ئاپا بۇنىمۇ ئەۋەتىپ قويە بۇ مېنىڭ سالام خېتىم ئۇ ئافرىقىدىكى بالىلارغا دەپ  ، بۇندىن بۇرۇنمۇ بالىلىرىم بىر قېتىملىق تېلېۋىزور پروگرامىسىدىن كېيىن ئۇلارغا ئاتاپ رەسىمگە سىزىپ بۇنى ئەۋەتەيلى دېگەن ئىدى . مانا بۇ ئاتا ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن بىرگە ئۆگىنىشىكەن دەپ ھېس قىلدىم . ئاللاھنىڭ بىزگە  بەرگەن بۇ نېئمەت،  بۇ ئامانەتلىرى بىزلەرگە قانچىلىكئىلىم بىلىملەرنى بىللە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ ئامانەتلەرگە خىيانەت قىلماي ياخشى پەرۋىش قىلساقلام ۋەزىپىمىزنى ياخشىلىقلااغا ئۆزلىرى باشلاپ ئاپىرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قەدەەم ھېس قىلدىم .  بۇ قۇرلارنىڭ ئاخىرىنى يېزىشىم ھاجەتسىزدۇر ، ئەقلى ھوشى ئېتقادىي ئىنسانىلىقى جايىدا بىرى بولسا بۇمەزمۇنلارنىڭ تېگى تەكتىگە يېتەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن . ئىنسان ئەتراپىدىكى ھەر بىر گىياھقىچە مەسئۇلىيەت  بىلەن ياشىغاندا ئاندىن مۇكەممەل بولالايدۇ .
   خوش ئەمدى بۇ يازمامنىڭ ئەسلى تېگى تەكتى يەنى نەپ بېرىش نۇقتىلرىدىن ئازراق ئۆز مۇلاھىزەمنى ئوتتۇرىغا قوياي.
   1. يەنى ياپونىيە كارخانا شىركەت سانى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ كارخانا شىركەتلەر قانداق قىلسا پۈتۈن دۇنيا ئېھتىياجى چۈشۈپ ياخشى كۆرۈپ ئالىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئويلىشىدۇ ئەلۋەتتە بۇ ئىقتىسادىي كىرىم بولغاچقا ئەڭ باشقا ئۇنى ئويلىشىدۇ، ئەمما بۇلار ئويلاشقاندا ھۈزەكى ئەمەس ئەڭ ئىنچىكە يەرلىرىگىچە ئويلىشىدۇ. مەسىلەن مانا بۇ سۈت ۋە ئىچىملىك شىركەتلىرى دۆلىتىنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى ۋە دۇنيادىكى چوڭ مەسىلىلەرگىچە ئۇلىشىدىغان بىر نۇقتىنى قېزىپ چىقىپ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ كىشلەرگە بېرىدىغان ئوزۇقلۇق پايدىسى بىلەن بىرگە ئىلمىي بىر ئۆگىنىش نۇقتىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن دېيىشكە بولىدۇ. بۇنى يەنىمۇ چوڭقۇر يەشسەك نۇرغۇن نۇقتىلارغا ئۇلىشىدۇ يەنى ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن دۆلەت ۋە خەلقنىڭ بىر نۇقتىغا ئىتتىپاقلىشىشىتەك ئەڭ ئىنچىكە نۇقتىغا ئېلىپ بارىدۇ. مانا بۇ يەردە سىز ۋە مەن بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىچۇ دېدىڭىز شۇنداقمۇ؟ بىزدە ئابىدە، نارات دېگەنگە ئوخشاش خېلى چوڭ تىپتىكى كارخانىلار بارلىققا كەلدى ، يەنى ئۇ يەردىكى ئىچىملىكلەرنى ئېسىمگە ئالسام ئوزۇقلۇق نۇقتىسىنى ئويلىسام كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ، ئەمما ئاستا ئاستا ياخشى بوپ كېتەر دەپ تەسەللىي بېرىمەن، ياخشىلىرىمۇ بازارغا كېلىۋاتىدۇ ئەلۋەتتە. ئەنە شۇ كارخانىچىلار بۇ تېمىنى كۆرۈپ قايتا بىر ئويلىشىپ كۆرسە يەنى بىرنى ئىچسىڭىز يەنە بىرگە ئىگە بولىسىز دەپ نەپسىي ئوزۇقنىلا كۆزدە تۇتماي ئىچىملىك قۇتىلىرىنىڭ ئاغىزىغا  مانا مۇشۇنداق دۇنيا مۇھىت ئىشلىرىغا ياردىمى تېگىدىغان پىلاننى ياخشى تۈزۈپ يەرلىك ھۆكۈمەتكە سۇنسا مەنچە ئوڭۇشلۇق بولسا دۆلەت ياردەم پۇلىغىمۇ ئېرىشەلەيدۇ تېخى.
    2. تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنىڭ قايتا ئىشلەپچىقىرىش خام ماتېرىيالى بولۇش نىسبىتى يۇقىرى شەخسەن ياپونىيەدە ھەممە ئەخلاتلەر ئايرىلىپ تۆكىلىدۇ. مەقسەت قايتا ئىشلەپ چىقىرىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ خام ماتېرىياللىرىنى دەل بۇ ئايرىلغان ئەخلەتلەر ئىچىدىن ئايرىپ شۇ كارخانىلارغا ئۆتكۈزىلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئىلغار تېخنىكىلىرى بىلەن قايتا مەھسۇلات قىلىپ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىدۇ. بىلىمەن بىزنىڭ يۇرتلاردا ئۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىققا كېلىشى خېلى يىراقتا . ئەمما 80 - يىللاردا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەھەلىلەردە چوڭ بولغان ھەرقانداق بىرى تۆۋەندە دېمەكچى بولغانلىرىمغا زامانداش شائىتلار بولالايدۇ دەپ ئويلايمەن. ئېسىڭىزدىمۇ كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئەتراپىمىزدىكى ئۆيدىكى ئىشلەتمەيدىغان بوتۇلكا، قەغەز يەشىك، تۆمۈر، توك سىملىرى، كونا كىتابلار ھەتتاكى ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكلىرىگىچە يىغىپ ئاز بولسىمۇ كىرىم قىلىشنى بىلەتتۇق، بۇ كىرىملىرىمىزگە سەبىيلەرچە خوشاللىقلارغا چۆمەتتۇق. مانا ئەشۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق شارائىتلار ئىدى. ھازىرقى شارائىت ئوخشىمايدۇ شۇنداقمۇ؟ ئۇنداقتا  زامان ساڭا باقمىسا سەن زامانغا باق دەپتىكەن ، بارچە خەلق تەڭ نەپ ئالىدىغان يېڭى پىلانلارنى ئويلاپ يۇقارقىدەك پىلانلارنى يولغا قويساق، پەرزەنتىلىرىمىزگە يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىتىشكە مۇيەسسەر قىلساق نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە.
   بۈگۈنكى ئىلھامىمىم مۇشۇ يەرگىچە بولدى. مەنچە بۇ مەزمۇنلارنى ئوقۇغان شۇ شارائىتلاردا مەندىنمۇ پىششىق تەجرىبە ساۋاقلارغا ئىگە بىرى بولسا بۇ تېمىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ يېشىپ چىقالايدۇ دەپ ئويلايمەن. ئاخىرىغىچە ئوقۇپ بەرگەن قېرىنداشلىرىمغا تەشەككۈرلەر بولسۇن. يارىغان بولسا تارقىتىپ قويۇڭ.

       كارۋان قىزى ياپونىيە توكيو رايونى

   ياپونىيە  توكيو رايونلىرىدىكى تىل مەكتەپلىرىگە يىل بويى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. قىززىققۇچىلارنىڭ  بىز بىلەن ئالاقە قىلىشىنى سورايمىز. ئالاقىلىشىش ئېلخەت ئارقىلىق بولىدۇ. ئاۋال قىسقىچە تەرجىمھالىڭىزنى يوللاڭ ئاندىن بىز سىز بىلەن ئالاقە قىلىمىز. ئەڭ تۆۋەن تەلەپ تولۇق ئوتتۇرا پۈتتۈرگەن بولۇش ۋە ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇنۋاندا بولۇش شەرتتۇر.
uyuljp@yahoo.co.jp

uyghuray

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

29

دوست

6532

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   30.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 456
تۆھپە : 1662
توردىكى ۋاقتى: 139
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-25 17:25:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوماق بالىلىرىڭىزغا ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە بەخت -سائادەت تىلەيمەن ، سىزنىڭمۇ ھەم گۈزەل تىلەكلىرىڭىز ئىشقا ئاشقۇسى !

بىزنىڭ مۇھىت قارىشىمىز قاچانمۇ باشقىلاردەك ئىلغارلىشار دەيمەن ؟

67

تېما

65

دوست

5779

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33614
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 164
تۆھپە : 1894
توردىكى ۋاقتى: 127
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-26 18:48:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىڭلىم
سىز ياخشى نىيەتتە، چىرايلىق تىل بىلەن يېزىپسىز، ئەمما ماۋزۇيىڭىز مەزمۇنغا ماس كەلمەپتۇ. يەنە بىرى يازمىڭىزدا ئەڭ كامىدا ئۈچ مەزمۇن سۆزلىنىپتۇ، لېكىن ھىچ بىرى تەپسىلى ئەمەس ئىكەن. ئۈمىدىم، نېمە قىلسىڭىز ئەستەيدىل قىلسىڭىزكەن. توغرا ۋاقتىمىز قىس، ئەمما ۋاقتىمىزنىڭ قەدرىگە يېتىپ بىزنى قوللايدىغان، دۇئالىرىدا ياد ئېتىدىغان كىشىلىرىمىز چوقۇم بار. شۇڭا قەلىمىزنىڭ ھېرىپ قالماسلىقىنى، ئىلھاملىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىنى، ئانا دىيارغا بولغان سۆيگۈڭىزنىڭ تېخىمۇ ياقۇنلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن.

1

تېما

25

دوست

5276

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 36
تۆھپە : 1539
توردىكى ۋاقتى: 240
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-26 23:44:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما   ،

   ئۆزىڭىز چەتئەلدە  تۇرۇپ  ئەبجەش بولماي  ئانا تىلىدا  نادىرلانغۇدەك تېما يازغىنىڭىزغا بەكمۇ سۈيۈندۈم  ،  تىنىڭىز سالامەت بولسۇن  .
uyghuray

2

تېما

15

دوست

5864

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   17.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1798
توردىكى ۋاقتى: 416
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-6-28 12:31:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما   ئىكەن............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )