ئەسسالامۇئەلەيكۇم باغداش تورىدىكى تورداشلار، تۆۋەندىكى فىلىم شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاخبارات ئۇنۋېرسال قانىلى يولغا قويغان دېھقانلارغا خوشاللىق ئاتا قىلىش ھەم شۇنداقلا بۈگۈنكى يېزىلىرىمىزنىڭ يېڭى قىياپىتىنى تونۇشتۇرۇشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان «دېھقانلارشادلىقى» پىروگىراممىسىنىڭ يېڭى يىللىق ئالاھىدە سانى . قەدىرلىك دوستلار، ھەممىمىزگە مەلۇم، يېزا ، يېزا ئىگىلىكى ۋە دېھقانلار مەسىلىسى مەركەزۋە ئاپتونوم رايون ھەر ۋاقىت تەكىتلەۋاتقان ۋە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ھەم پۈتۈن جەمئىيەت دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مۇھىم تېما . ئەنە شۇ سەۋەپتىن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆتكەن يىلى 6 –ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقان – چارۋىچى دوستلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىدە «دېھقانلار شادلىقى» پىروگىراممىسىنى يولغا قويغانىدى .كۆزنى – يۇمۇپ ئاشقۇچە بۇ پىروگىرامما كۆرسىتىلىۋاتقىنىغا مانا توپتوغرا بىر يىل ۋاقىت بولدى . بۇ جەرياندا «دېھقانلار شادلىقى» پىروگىراممىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىدىكى ھەر قايسى يۇرتلاردا جەمئىي 24 سان ئىشلىنىپ، ياخشىئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى . بىز «دېھقانلار شادلىقى» پىروگىراممىسىىڭ بۈگۈنكى يېڭى يىللىق ئالاھىدە سانى ئارقىلىق بىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان كەڭ كۆرۈرمەن دوستلارغا سېغىنىشلىق سالام يوللاش بىلەن بىرگە ئۆتكەن بىر يىلدىكى خىزمەتلىرىمىزنى ئەسلەپ ئۆتمەكچىمىز .
«دېھقانلار شادلىقى» پىروگىراممىسىنىڭ يېڭى يىللىق ئالاھىدە سانى
(15 -سان)
[media=x,500,375][/media]
يۇقىردىكى سىن فىلىمى نورمال چىقمىسا بۇ ئادىرىستى كۆرۈڭ :
http://static.video.qq.com/TPout.swf?vid=z0157uoewou&auto=0
دېمەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈشى، ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ ياردىمى، دېھقان – چارۋىچى دوستلارنىڭ پىروگىراممىمىزغا قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىشى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ ئورتاق قوللىشى نەتىجىسىدە شۇنداقلا ئىستانسا ۋە قانال رەھبەرلىكىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكدە مانا بۈگۈنگە قەدەر «دېھقانلار شالىقى» پىروگىراممىسى جەمئىي 24 سان مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىنىپ، كەڭ كۆرۈرمەن دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلدى . ئەمما بىزنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىز پارتىيە – ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىدىن يەنىلا خېلىلا يىراق . شۇڭا بىز بۇنىڭدىن كېيىن «دېھقانلار شادلىقى» پىروگىراممىسىنى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىپ، پىروگىراممىمىزنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان پىروگىرامما قىلىپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىمىز .
مەنبە : ئۆزۈم
|