قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 920|ئىنكاس: 0

قىش پەسلىدە تېرە ئاسراش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

72

تېما

0

دوست

4756

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 1175
تۆھپە : 627
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-28 15:36:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىش پەسلىدە تېرىگە سۇ يېتىشمىسە، تېرە قىچىشىش، قىزىرىپ ئىششىش، ئاخىرىدا تېرە قۇرغاقلىشىپ يېرىلىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

  ئاسراش ئۇسۇلى: كۈز پەسلى كىرىشى بىلەنلا تېرىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرىدىغان يۈزلۈكلەرنى ئىشلىتىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش، ئەڭ ياخشىسى تەركىبىدە سۈت، زەيتۇن يېغى قاتارلىق ېببىي ساھەدە ھەممە بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان نەملىك ساقلاش تەركىبلىرى بولغان يۈزلۈكلەرنى تاللاپ ئىشلىتىش لازىم.

  ئەگەر تېرە بەكرەك قۇرغاقلىشىش ئالامىتى كۆرۈلسە، گىرىم قىلىشتىن بۇرۇن لۆڭگىنى ئىسسىق سۇ بىلەن نەمدەپ يۈزنى سۈرتۈپ، ئۆلگەن تېرىلەرنى يۇمشاتقاندىن كېيىن، يۈزگە 1:1 نىسبەت بويىچە ئۇپا ۋە نەملىك ساقلاش مەلھىمى سۈرۈپ، تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. ئۇپا سۈرۈشتىن بۇرۇن، يۈزدە ئۇششاق تېرە كېپەكلىرى بولسا، ئۇپا سۇيۇقلۇقىنى شۇ تېرە تاشلىغان ئورۇنغا ئاستا-ئاستا سۈركەپ يوقىتىشىمىز كېرەك.

  تېرە ئاستى بەك قۇرغاقلىشىپ، تېرىنى قوغدايدىغان ئاجراتمىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرالمىسا تېرە يىرىكلىشىپ، ئۇششاق مايلىق دانىخورەكلەر پەيدا بولىدۇ.

  ئاسراش ئۇسۇلى: بىۋاسىتە تېرىنىڭ سۇ تەركىبىنى تولۇقلاش، ئەڭ ياخشىسى چاي دەرىخى مېيى قاتارلىق ئاسراش مايلىرىنى ئىشلىتىپ، تېرىنىڭ يەنە بىر قېتىم غىدىقلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  ئەگەر ئېغىرراق بولسا كۈندە ئىككى قېتىم كەندىر تەركىبلىك قەغەز ئىشلىتىپ بېرىش كېرەك.

  قىش پەسلىدە ھاۋادا نەملىك ئىنتايىن ئاز بولغاچقا، تېرىنىڭ سىرتقى قىسمى ئاسانلا قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مايلىق ئاجراتمىلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىمۇ ئازلىغانلىقتىن، مەڭىز قىسمىنىڭ ھەددىدىن زىيادە قۇرغاقلىشىشى ۋە قىزىرىپ ئىششىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ئاسراش ئۇسۇلى: يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن يۈز نەم ھالەتتىلا تەركىبىدە ۋىتامىن 5B ۋە يۇمشاقلىق دەرىجىسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان نەملىك ساقلاش مايلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق سۇ تەركىبىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، بۇ مايلارنىمۇ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىش لازىم، بەك كۆپ سۈرۈۋەتكەندە، تەر تۆشۈكچىلىرىنى ئېتىۋېلىپ يۈزدە دانىخورەك پەيدا قىلىپ قويىدۇ.

  ئەگەر تېرىگە نەملىك يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئېغىرراق بولسا، ئۇن، ھەسەل ۋە سۈتنى 2:1:1 نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرۈپ، 15 مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە تۇرغۇزۇپ يۇيۇۋەتسەك بولىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە يېنىمىزغا نەملىك پۈركۈگۈچ سېلىۋېلىپ، يۈز تېرىمىز تارتىشقان ۋاقىتلاردا پۈركۈپ يۈزنىڭ نەملىكىنى ھەر ۋاقىت ساقلاشقا دىققەت قىلساق بولىدۇ.

  تېرە بىردە سوغۇق، بىردە ئىسسىق ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا، تۇيۇقسىز سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىپ، قىزىرىش ۋە قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ

  ئاسراش ئۇسۇلى: تەركىبىدە ئۇپا-ئەڭلىك(پۇراقلىق ماددا)، ئىسپىرت، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى قاتارلىقلار بار بولغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەستىن، كىسلاتا تەركىبى تۆۋەن بولغان ياكى مەخسۇس سەزگۈر تېرىلەر ئۈچۈن لايىھىلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش لازىم. مەسلەن، تەركىبىدە ئەتتىرگۈل، ئالوي قاتارلىقلار بار بولغان، تېرىنىڭ سۇ تەركىبىنى موللاشتۇرىدىغان تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك.

  ئەگەر ئەھۋال ئېغىر بولسا، يۈزنى مۇز سۈيىدە يۇيۇش، يۇيۇپ بولۇپلا يۈزگە ۋازلىن سۈرۈۋېلىش لازىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )