شەكىل نەزەرىيەسى 29-تېئورېمىسىنىڭ تەجرىبىسىدىن دوكلات بېرىلدى
6- ئاينىڭ 18-كۈنى غۇلجا شەھەر دادامتۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە قاسىم سىدىق ئوتتۇرىغا قويغان شەكىل نەزەرىيەسى29-تېئورېمىسىنىڭ تەجرىبىسىدىن دوكلات بېرىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا قاسىم سىدىق ۋە بۇ تەتقىقاتقا يېڭىدىن قاتناشقان ئابدۇقاھار ئابدۇللا شەكىل نەزەرىيەسى 29-تېئورېمىسىنىڭ تەجرىبىسىدىن دوكلات بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەكىل نەزەرىيەسى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ماتېماتىكىلىق ۋە فىزىكىلىق نۇقتىدىن ئىلمىي شەرھىيلىدى. دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئىلىدىكى ھەرقايسى ئالىي، كەسپىي، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرقىسىم تەبىئىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ، مۇشۇ ساھەگە قىزىقىدىغان ھەر ساھە كىشىلىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتى. بۇ قېتىمقى تەجرىبە دوكلات يىغىنىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت ناسىر، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ھوشۇر ئىسلام تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ قۇتلۇقلىدى. قاسىم سىدىقنىڭ شەكىل نەزەرىيەسىگە بولغان قىزىقىشى ئۇنىڭ 1978 - يىلى «ئىمپولۇس يۇلتۇزلار» ناملىق كىتاب بىلەن ئۇچرىشىشى بىلەن باشلانغان. بۇ كىتاب ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىنى يەر شارى، ئاسمان جىسىملىرى ۋە كەڭ كائىناتتىكى سىرلىق ئاجابىيات قوينىغا سۆرەپ، بۇ ھەقتە تەپەككۇ ريۈرگۈزۈشك ەئۈندەيتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ تەبىئەت دۇنياسى، ئاسمان جىسىملىرى،ماددا، جىسىم ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتى ھەققىدە توختاۋسىز ئىزدەندى. بۇ جەرياندا ئۇ تەدرىجى كىلاسسىك فىزىكىنىڭ بەزى قاراش ۋە نۇقتىئىينەزەرلىرىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى. ئەسلى بۇلاردىن گۇمانلىنىشقا بولمايتتى. چۈنكى نيۇتون، ئېينېشتېيىن قاتارلىق ئىلىم-پەن ساھەسىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن ئالىملار بۇ قاراشلارنى دەلىللىگەن ۋە بېيىتقانىدى. بىراق ئىلىم-پەن ساھەسى ھامان ئەنئەنىنى يېڭىلاشنى تەلەپ قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگ ەئىنسانلارنىڭ دۇنيانى بىلىشى تېخى بوۋاق ھالەتتە تۇراتتى. شۇڭا قاسىم سىدىق ئۆزىنىڭ گۇمانىي قاراشلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، بۇ ھەقتە ئەتراپلىق ئىزدەندى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى «بوشلۇق نەزەرىيەسى» نامىدا ئوتتۇرىغا قويدى. 1990-يىلى ئۇ غۇلجا ناھىيەلىك بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپىدە تۇنجى قېتىم «بوشلۇق نەزەرىيەسى » ھەققىدە نەزەرىيەۋى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ،ئۆزىنىڭ ئالەم، ماددا، جىسىم ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيەتلىرى ھەققىدىكى نەزەرىيەۋى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. توغرىسىنى ئېيتقاندا مۇشۇ ھەقتىكى ئىلگىرىكى نوپۇزلۇق قاراشلارغا «جەڭ» ئېلان قىلدى شۇ تەرىقىدە ئۇئۆزىنىڭ يۇقىرىقى قاراشلىرى ئۈستىدە ئىزچىل ئىزدىنىپ، ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىلىرىنى تەدرىجى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلدى. غۇلجا، ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدە بىر نەچچە قېتىم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. گەرچە ھەر قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇنىڭ غەيرىتىگە،جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇلغان بولسىمۇ، ئەمما نەزەرىيەۋى قاراشلىرىنى ھەقىقىي مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇ تېمىغا ئىشتىراك قىلىدىغانلار چىقمىدى. چۈنكى بۇ ئالدىراپ باھا بەرگىلى بولىدىغان تېما ئەمەس ئىدى.كېيىنچە بەزى مۇتەخەسسىسلەر قاسىم سىدىققا ئۇنىڭ شەكىل نەزەرىيەسى ھەققىدىكى قاراشلىرىنىڭ تېخى ئادەتتىكى نەزەرىيە باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى، بۇنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرى كەمچىل، ئىقتىساد ياربەرمىگەن ئەھۋالدا ئۆزىنى قوللىغۇچىلارنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى بىلەن ئاددى ۋە ئەنئەنىۋى تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ، شەكىل نەزەرىيەسى ھەققىدەتەجرىبە ئېلىپ باردى. بۇ قېتىمقى شەكىل نەزەرىيەسى29-تېئورېمىسىنىڭ تەجرىبىسىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى دەل قاسىم سىدىقنىڭ 37 يىلدىن بۇيانقى شەكىل نەزەرىيەسى ھەققىدە ھاسىل قىلغان ئۆزگىچە قاراشلىرىنى دەلىللەيدىغان نەق مەيدان پائالىيىتى بولۇپ، ئۇ ئاددىي تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئالەم دەۋرىي بولىدۇ، كېڭىيىپ-تارىيىپ ئىزچىل دەۋر قىلىدىغان ئالەمنىڭ باشلىنىش-ئاخىرلىشىش نۇقتىسى بولمايدۇ؛ مۇتلەق تىنچ بولغان نيۇتونچە ماكان-يوقلۇق مەۋجۇد؛ ئوبيېكتىپ زامان ئەسلا مەۋجۇد ئەمەس، ئالەمدىكى بارلىق ماسسا ئېنېرگىيە تۇراقلىق ھەجىمگە ئىگە؛ ھەرىكەتنىڭ خۇسۇسىيىتى ئەگرى بولىدۇ، بۇ خىل ئەگرىلىك دەۋرىي ئالەمنىڭ ئالدىنقى شەرتى؛نيۇتوننىڭ تارتىش كۈچى ئىدىيەسى، ئېينېشتېيىننىڭ ماكان -زامان ئىدىيەسى چەكلىمىلىككە ئىگە، دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇلارنى ئىلمىي شەرھىلەپ ئۆتتى ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تەجرىبە دوكلاتى پات ئارىدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان شەكىل نەزەرىيەسى 29-تېئورېمىسىنىڭ تەجرىبىسىدىن دوكلات بېرىش،ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئالدىن ئىشلەنگەن تەييارلىق خىزمىتى ئىكەن. ئەگەرشەكىل نەزەرىيەسى 29-تېئورمىسىنىڭ تەجرىبىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، بۇ تېما تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىنسا، نيۇتون مىخانىكىسى، ئېينېشتېيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ۋە كۇۋانت مىخانىكىسى ئوتتۇرىسىدىكى ماكان، زامان، ئۈزۈلمىلىك،ئۈزلۈكسىزلىك قاتارلىقلارنى مەركەزقىلغان زىددىيەت ۋە تالاش -تارتىشلارغا خاتىمە بېرىلىدىكەن ھەم ئىلىم-پەن ساھاسىدىكى يېڭى تەتقىقاتلار ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك رول ئوينايدىكەن. قاسىم سىدىق بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: << شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ ھازىرقى رېئاللىقىنى پەقەت مۇكەممەل ئۇقۇم ۋە ئىدىيە سىستېمىسى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ نەزەرىيەنىڭ چېتىلىش دائىرىسى بەك كەڭ بولۇپ،ھازىرقى زامان فىزىكىسىدىكى نۇرغۇن يادرولۇق مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ. نۆۋەتتە سالاھىيەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ29-تېئورېمىسىنىڭ تەجرىبىسىنى قايتا ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ دەلىللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش بۇ تەتقىقاتنىڭ ئەڭ مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى. بۇ نەزەرىيە تەتقىقاتىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش يېتەرلىك ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئالاقىدارئورۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ بۇئىشنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ كۆرۈشىنى ئۈمىدقىلىمەن››.
نۇرمۇھەممەت ئەخمەت (ئۆز مۇخبىرىمىز)
ماياتنىكتا ئېلىپ بېرىلغان 29-تىئورېمىچە ئېغىش تەجىربىسىدىن دوكلات تەجىربە مەقسىدى:
شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ 29-تىئورمىسىنىڭ ئورۇنلۇق ياكى ئورۇنسىزلىغىنى ئىسپاتلاش.
شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ 29-تىئورېمىسىنىڭ بايانى
ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان زەررىچە ۋە جىسىملارئوقىدا ئايلىنىشتىن كېلىپ چىققان سىزىقلىق تېزلىكى ئاستا تەرەپكە ئاغىدۇ.ئېغىشنىڭ قىممىتى ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. ئېلېكتىر ماتۇر: ئومۇمى ماسسىسى:0.608كىلوگىرام، روتۇر ماسسىسى:0.228كىلوگىرام، ئايلىنىش تىزلىكى:40 قېتىم (سېكۇنت ) 110 ۋولتلىق ئېلېكتىر مەنبەسى. ماياتنىك يىپى : ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىر بولغان ئىلىكتىر سىمى. ماياتنىك تەۋرىنىش جەريانىدا ئېغىرلىق كۈچى ۋە ماياتنىك يىپنىڭ تارتىش كۈچى تەسىرىدە ۋېرتىكال تەكشىلىكتە تەۋرىنىش ياسايدۇ.بۇ جەرياندا كورىئولىس كۈچى قاتارلىق تاشقى كۈچلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ۋېرتىكال تەكشىلىكتىن ئېغىشىدۇ. ماياتنىك شارچىسى ئۆز ئوقىدا ئايلاندۇرۇلۇپ تەۋرىتىلگەن شارائىتتا بېرنوللى قانۇنى ۋە ماگنۇس ئېففېكتىنىڭ تەسىرىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
بۇ تەجرىبىدە بىرنوللى قانۇنى ۋە ماگنۇس ئېففېكتىنىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىش مەقسىتىدە تاشقى قېپى ئايلانمايدىغان ئېلېكتىرماتۇر ماياتنىك بېشى قىلىنىپ تەجرىبە ئېلىپ بېرىلدى. ئېلېكتىر ماتۇر ئۈچ مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئېلېكتىر سىمغا ئۇلىنىپ تورۇسقا ئېسىلىدۇ ۋە 110 ۋولتلىق تۇراقلىق توكقا ئۇلىنىدۇ.ئايرىم - ئايرىم ئايلاندۇرۇلمىغان، سائەت ستىرىلكىسىغا قارشى ئايلاندۇرۇلغان سائەت بويىچە ئايلاندۇرۇلغان ئۈچ خىل ئېغىش سانلىق مەلۇماتلىرى خاتىرىلىنىدۇ. ماتۇر سائەت ستىرىلكىسى بويىچە ئايلاندۇرۇلغاندىكى ماياتنىك تىرايېكتۇريىسى ئېغىشتىن خاتىرلەنگەن سانلىق مەلۇماتلار تۆۋەندىكىدەك:
تەجرىبە نەتىجىسى ۋە خۇلاسىسى تەجرىبە ۋە ماتىماتىكىلىق ھىساپلاشلاردىن ئايان بولدىكى شەكىل نەزىريەسى 29- تېئورمىسىدا تەشەببۇس قىلىنغان ئېغىش ھەقىقەتەن مەۋجۇت.ئېغىش كۈچىنىڭ يۆنىلىشى ئوڭ قول قائىدىسى بويىچە بەلگىلىنىدۇ. يەنى جىسىم ياكى زەررىچىلەرنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلانغاندىكى بۇلۇڭلۇق تېزلىك يۆنىلىشى ئالقاندىن تېشىپ ئۆتكەن تۆت بارماقنىڭ يۆنىلىشى ئۇلارنىڭ سىزىقلىق يۆنىلىشى بىلەن بىردەك بولسا،باشمالتاق كۆرسەتكەن يۆنىلىش ئېغىش كۈچىنىڭ يۆنىلىشى بولىدۇ. بۇ خىل ئېغىش كۈچىنىڭ چىتىلىش دائىرلىرى بۇنداق ئىغىش كۈچى ئالەملىك تارتىش كۈچىنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكى ۋە ئۇنىڭ ئەمىلى مىقدارلىرى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ.|
2. دېبېروگلى ماددى دولقۇن قىياسى دې بېروگلى ئوتتۇرغا قويغان ماددى دولقۇن قىياسىدىكى دولقۇن ھەقىقى ماددى دولقۇن بولماي شەكىل نەزىريىسىدە تەشەببۇس قىلىنغان 29-تېئورمىچە ئېغىش ۋەجىدىن كېلىپ چىققان زەررىچىنىڭ ئەگرى ھەركەت شەكلى بولۇشى مۈمكىن. 3 .يورۇقلۇقنىڭ ماھىيىتى; يورۇقلۇقنىڭ دولقۇنلۇق خۇسۇسيىتىمۇ ماھىيەتتە ئايلىنىۋاتقان فۇتۇننىڭ 29-تېئورمىچە ئېغىشتىن كېلىپ چىققان ئەگرى ھەركەت شەكلى بولۇشى مۈمكىن.
مەنبە: ئىلى كەچلىك گېزىتى 2015- يىلى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى سانى.
|