قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 11557|ئىنكاس: 59

بۈيۈك ئابىدە-ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئەسلەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

163

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   54.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  37415
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-4 20:55:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇراخمان مۇتىلا

تارىخ ئۇخلىدى، ۋاقىت ئۇيغاق؛
         جاھان ئۇخلىدى، سىلەر ئۇيغاق.
                          - لوفۇ                                       
  تارىخ  ئىنسانلارنىڭ  ئوقۇتقۇچىسى
  بولۇشقا تىگىشلىك.
                                  -خېربات
  
    خەلق چىن دىلىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلغان ئۇلۇغ ئالىم مەرھوم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1995 – يىلى 10 –  ئاينىڭ 5 – كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى. بىز- شۇ چاغدىكى قومۇل ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئايۇپ قۇربان ۋە كەمىنە مەن مېيىتىگە ئۈرۈمچىگە چىقتۇق. ئۇدۇل مەرھومنىڭ ئۈيىگە بارغانىدۇق، مېيىتنى مەسچىتكە ئېلىپ كىتىپتۇ. ئاندىن بىزمۇ مەسچىتكە باردۇق. مەسچىت ئەتراپىدا تىقما – تىقما ماشىنا، مىغ – مىغ ئادەم. كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئەينى چاغدىكى مۇئاۋىن رەئىس يۈسۈپ ئەيسانى مېيىت ئۇزىتىش ئىشلىرىغا مەسئول بولۇشقا تەيىنلەپتۇ. تاۋۇتنى كىشىلەر مەسچىتتىن ئالقىنىدا   كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقتى. كەينىمىزگە ئۆرۈلۈپ ماڭغاندا، كەينىدىكى بىز ئالدىغا ئۆتۈپ قالدۇق.   كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، گۈلساي قەبرىستانلىقى  12  كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جەنۇبىتاغ  ئىتىگىدە ئىكەن. كىشىلەر تاۋۇتنى مۈرىسىگە قويماي يەنىلا ئالقىنىدا كۆتۈرۈپ ماڭدى، تاۋۇتنىڭ ئالدىدا بىر ئېگىز بويلۇق يىگىت بىر قۇچاق گۈلنى ئىككى قولى بىلەن ئېگىز كۆتۈرۈپ ماڭدى. مېيىت ئۇزىتىش قوشۇنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يان ئىشكىگە كەلگەندە  باشلىرىغا بىردەك يېڭى ئاق تەقىيە كېيگەن  200 دەك ئوقۇغۇچى چىقىپ سەپنىڭ ئالدىغا قوشۇلدى. ئىسلام ئىنىستېتوتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە 50 ــــ 60 دەك تالىپ چىقىپ سەپنىڭ ئالدىغا قوشۇلۇپ،  ئۈنلۈك « دۇرۇت » ئوقۇپ ماڭدى. شۇنىڭ بىلەن مېيىت ئۇزىتىش قوشۇنى ھەممىنىڭ ئالدىدا ئىسلام ئىنىستېتوتىنىڭ تالىپلىرى، ئاندىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، ئاندىن گۈل كۆتەرگەن يىگىت، ئاندىن تاۋۇت، تاۋۇتنىڭ كەينىدە تاۋۇتنى سېلىپ ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن تەييارلىغان، لېكىن قۇرۇق كىتىۋاتقان قارا ماشىنا، ئاندىن مەرھومنىڭ پەرزەنتلىرى ئولتۇرغان مىنىبۇس، ئاندىن ماشىنا ئەتىرىتىدىن ئىبارەت ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر بەھەيۋەت قوشۇن بولۇپ شەكىللەندى. يول بويى موتسىكلىت مىنگەن ساقچىلار ماشىنا ۋە ئادەملەرنى مېيىت ئۇزىتىش قوشۇنىغا يول بېرىشكە بۇيرۇپ ئامانلىقنى ساقلاپ ماڭدى.                                       
    ئارىدىن بىر قانچە ۋاقىت ئۆتۈپ بىر توي ئىشى  بىلەن ئۈرۈمچىگە چىققانىدىم، توي داستىخانىدا  مەرھومنى تاھارەت ئالدۇرۇپ ، نامىزىنى چۈشەرگەن مەسچىتنىڭ ئىمامى « مەن بۇ مەسچىتكە ئىمام بولغىلى 30 يىل بولدى، شۇنىڭدىن بۇيان مەسچىتىمىزدە مۇنداق سەلتەنەتلىك مېيىت ئۇزاپ باققىنى يوق. » دەپ تەرىپلىدى.ئەينى چاغدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى تۆمۈر  داۋامەت «ئارمان نىمە» دىگەن مەرسىيىسىدە مۇنداق دەپ يازغان؛
ۋاھ دەرىخ،ئۆتكۈر جۇدا بولدۇققۇ سىزدىن بىمەھەل،
بۇ ئەلەمنىڭ ھەسرىتىدىن كۆز يېشىم دەريايۇ سەل.
يۈزىڭىزنى بىر كۆرەلمەي بولدى كۆڭلۈم بەك يېرىم،
كۆز يۇمۇپسىز يوق چىغىمدا ( مەن سەپەر قىلغاندا دەل).
سىز بىلەن مۇڭداش ئىدۇق،سىرداش ئىدۇق، يولداش ئىدۇق
دىل خۇمارىمنى ئېلىپ، قىلغانتىڭىز نى ئىشنى ھەل.
مەن ئەمەس، پۈتكۈل دىيارىم ماتەم – مۇسىبەتتە شۇ دەم،
چۈنكى ئۆچكەن تۇرسا ئىرپان كۆكىدە خۇددى زۇھەل.
بىر ئۆمۈر نى – نى ئەسەرلەر يازدىڭىز قان – تەر بىلەن،
قالدۇرۇپ كەتكەن شۇ « ئىز »لارنى سۆيەر مەڭگۈگە ئەل.
سىز كەبى ھۆرمەت تېپىپ كەتسە كىشى ئارمان نىمە،
شۇ نىيەتتە ھەم تۆمۈر سىزدەك ياشاشقا چىگدى بەل.

   ئابدۇلئەزىزئىسمائىل تۈزگەن، مىللەتلەر نەشرىياتى    نەشر قىلغان  « ئابدۇرېھىم  ئۆتكۈر  ئابىدىسى »  دىگەن كىتاپقا    تۆمۈر داۋامەت  قاتارلىق 127 كىشىنىڭ مەرسىيىسى،   مەرھوم ئىمىن تۇرسۇن قاتارلىق  19 كىشىنىڭ  ئەسلىمىسى  قاتارلىقلار  كىرگۈزۈلگەن.مەزكۇر  يازمامدا  مەرھومنىڭ  مېيىتىنى ئۇزىتىش  جەريانىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتۈشۈم، بارلىق مەرسىيە،  ئەسلىمە  قاتارلىقلاردىن ۋەكىل سۈپىتىدە   تۆمۈر  داۋامەتنىڭ   مەرسىيىسىنى  نەقىل ئېلىشىم،   ياشلارنىڭ ئابدۇلئەزىز  ئىسمائىل  تۈزگەن « ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئابىدىسى » دىگەن كىتاپنى ئوقۇشىنى تەۋىسىيە قىلىشىم،   ياشلارنىڭ مەرھومنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىگە،  ئۈلگە تىكلەپ،نىشان بېكىتىشىگە ياردىمى بولۇر دىگەن ئۈمىددىمەن. مىنىڭ ھاسىلاتىم:

ئەلنى سۆيگەن ئەرنىڭ، ئەل يىتىدىكەن قەدىرىگە.
ئەل دۇئاسى مىنەلھەق، بولۇر ياتقان ئورنى جەننەتتە.

     يېقىندىن بۇيان، ئالىي  ھۈرمەت، چەكسىز  سېغىنىش  ئىلكىدە  مەرھوم  ئابدۇرېھىم  ئۆتكۈرنىڭ  « ئىز »،  « ئويغانغان  زېمىن » ( 1  -،2 -قىسىملىرى ) دىگەن تارىخىي رومانلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقدىم.
    بۇ  رومانلار  پىچاق ئۇستىخاندىن  ئۆتۈپ ،  يىلىككە  يەتكەندە  قومۇل دىيارىدا پارتىلىغان « تورپاق يېغىلىقى » ، « تۆمۈرخەلپە  يېغىلىقى »، مەرھۇم  خوجىنىيازھاجى باشچىلىقىدىكى « دېھقانلار قوزغىلىڭى» دىن ئىبارەت  قومۇل خەلقىنىڭ  فىئودال   ۋاڭ  بەگلەر،  مۇستەبىت  مىلىتارىسىىتلارنىڭ  زۇلۇمىغا  قارىشى  ئازاد  لىق ،  باراۋەرلىك ، ئەركىنلىك  ئۈچۈن ئېلىپ  بارغان  كۈرەشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ  پۈتۈن  شىنجاڭدىكى غايەت  زور  تەسىرى، باشتىكى «  ئۈچ يۈز نەچچەيىللىق قومۇل ۋاڭلىقىنىڭ كۈيىقاپقا ئوخشاپ كېتىدىغان سۈرلۈك ئوردىسى بىلەن  ئۈرۈمچى   جاڭجۇڭلىرىنىڭ قارا دەرۋازلىق يامۇللىرى زىلزىلىگە كېلىپ ، گۇم  بولۇشقا ئاز قالغان. » شانلىق  غەلبىلىرى، ئاقىۋەتتە  جاللاتلارنىڭ   قانلىق قىلىچى بىلەن ئەمەس،  بەلكى شىكەر يالىتىلغان ھيلە – نەيرەڭلىرى بىلەن مەغلۇپ بولغان  پاجىئەلىك  ئاقىۋىتى، شۇ جەرياندا  مۇھىم  رول ئوينىغان، ھازىرغىچە تىللاردا  داستان بولۇپ كېلىۋاتقان  بىر مۇنچە  تارىخي شەخسىلەرنىڭ  بەدىئىي  ئوبرازى  يورۇتۇپ    بېرىلگەن.
   ئۆتكۈر ئەپەندىم « ئىز »  رومانىنىڭ  مۇقەددىمىسىدە  مۇنداق  دەپ يازىدۇ: « 1936 – يىلى، يازدا،  مەرھۇم  ئابدۇكېرىم  ئابباسوف بىلەن ئىككىمىز ئۈچتۇرپاندىن ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا  كەلدۇق. ئوتتۇرا  مەكتەپ دەرىسلىرى باشلانغىچە، 1931 – يىلدىكى قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى ۋە   قوزغىلاڭدىن  كېيىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك  ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان خوجىنىياز ھاجىنىڭ  مېھمانخانىسىدا يېتپ تۇرۇشقا  توغرا كەلدى . ھاجىم   چۈشلۈك  غىزاسىنى مېھمانخانىدىكىلەر بىلەن بىللە  يەيتتى. داستىخان  ئۈستىدە ، ھەر خىل ماۋزۇلاردا پاراڭ بولاتتى. بىر كۈنى، ھاجىم ئۆزىنىڭ   يىگىتلىك   چاغلىرىدا « تۆمۈر خەلپە يېغىلىقى » غا  قانداق  قاتناشقانلىقى، تۆمۈر خەلپىنىڭ ئاجايىپ ئىش – ھەرىكەتلىرى، مىجەز – خۇلقى توغرىسىدا   سۆزلەپ   كېلىپ ،  تۆمۈر خەلپە  ئۈچۈن خاڭچېڭ  قەۋرىستانلىغىد ا بىر گۈمبەز قوپۇرۇپ قويۇش نىيىتى بارلىغىنى ئېيتتى.
   -« تۆمۈر خەلپە  يېغىلىقى » توغرىسىدا، سېنىڭمۇ ئاڭلىغانلىرىڭ بارمۇ؟- دىدى ئابباسوف، ئىككىمىز يالغۇز قالغاندا.
   مەن بالىلىق چاغلىرىمدا ، مارىخان مومىمىز بىلەن  تۆگىچى   بارات بوۋىدىن بىر مۇنچە ھىكايە – چۆچەكلەر قاتارىدا  « تۆمۈرخەلپە يېغىلىقى » ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىمدىن ئېسىمدە  قالغانلىرىنى  سۆزلەپ بەردىم. ئابباسوف قىزىقىپ ئاڭلىدى  ۋە خاڭچېڭ  قەۋرىستانلىقىغا بېرىپ كېلىشنى تەكلىپ قىلدى.
   بىز قەۋرىستانلىق يېنىدىكى كىچىككىنە مەسچىت ئالدىدا،  بېشىغا سەللە ئورىغان بىر بوۋاينى ئۇچراتتۇق. ئۇ  كۆرۈنۈشىدىن  شۇ مەسچىتنىڭ مەزىنى ئىدى. سالامدىن كېيىن، تۆمۈرخەلپىنىڭ    قەۋرىسىنى سورىدۇق. بوۋاي: « سىلەر تۇققانلىرى بولامسىلەر؟ » دىدى ۋە جاۋابىمىزنى ئاڭلاپ، بىزنى كونا بىر قەۋرە   ئالدىغا  باشلاپ  باردى. « مانا مۇشۇ قەۋرە  شۇ . بۇ  قەۋرىنى مەن ئۆز قولۇم  بىلەن قاتۇرغان » دىدى بوۋاي. ئاندىن، - « قېنى ئولتۇرۇڭلار ، بۇ   يەرگە كەلگەن بولغاندىن كېيىن، ئايەت ئوقۇپ ئۆتكۈلۈك » دەپ  قىرائەت  باشلىدى. دۇئادىن كېيىن،بىز يانچۇقلىرىمىزنى كولاپ بار پۇلىمىزنىڭ ھەممىسىنى بوۋاينىڭ ئالدىغا قويدۇق. بوۋاي بىزگىمۇ دۇئا قىلدى.
  - بۇ قەۋرە بەك ئولتۇرۇشۇپ كېتىپتۇ. يېڭىلاپ قويساق بوپتىكەن. يا بولمىسا ، بىر گۈمبەز قوپۇرۇپ قويساق، ياخشى بولغىدەك.  –  دىدى ئابباسوف بوۋايغا قاراپ.
- ئوبدان گەپ  قىلدىڭىز  بالام، گۈمبەز  قوپۇرۇپ قويساق، ئوبدان بولاتتى. بۇ ئىش مىنىڭ قولۇمدىن كەلمىدى. بۇ   ئەمدى  سىلەرنىڭ ئىشىڭلار. دىدى بوۋاي بىزگە قاراپ.
  - بۇ كىشى ناھايىتى ھىكمەتلىك  گەپ  قىلدى.  تۆمۈر خەلپىگە چوقۇم بىر گۈمبەز قوپۇرۇش لازىم. – دىدى ئابباسوف،   قەۋرىستانلىقتىن چىقىپ كېلىۋېتىپ.
  ئەپسۇسكى، بۇ گۈمبەزنى قوپۇرۇشقا خوجىنىياز ھاجىمنىڭمۇ، ئابباسوفنىڭمۇ ئۆمىرى يار  بەرمىدى. يىللارنىڭ  بوران – چاپقۇنلىرىدا، تۆمۈرخەلپىنىڭ   قەۋرىسىمۇ ئىزسىز  يوقىلىپ كەتتى.  ھىلىقى بوۋاينىڭ ئېيتقىنىدەك تۆمۈرخەلپە  ئۈچۈن بىرگۈمبەز قوپۇرۇش كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ ئىشى ئىدى. تاش – توپا ياكى پولات –  بىتوندىن ئەمەس، ئېقى قەغەز، قارىسى سىيا بىلەن قوپۇرۇلغان گۈمبەزلا، ھەر قانداق بوران – چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرىپ، ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا   قالىدىغان گۈمبەز بولالايتتى. مەرھۇم  ئابباسوفنىڭ  دىگىنىمۇ  شۇ  بولسا   كېرەك.»
  « يۈز مىڭ شۈكرىكىم،قايتا  باھار  باشلاندى. باھار  يامغۇرلىرى  يېغىپ،  سۇلىرى  تاشتى . باھار  قۇشلىرى سايراپ، دىلىمغا ئىلھام  ۋە  ئۈمىد ، قولۇمغا كۈچ ۋە قوۋۋەت بەخىش قىلدى. دەۋران ماڭا  يېڭى قەلەم بەردى. ئەمدى يازماي قاچان يازغۇلۇق ! » شەر – شەر !      
   مەرھۇم  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يۈكسەك مەسئولىياتچانلىق  بىلەن بۇ مۈشكۈل، شەرەپلىك تارىخىي ۋەزىپىنى ناھايىتى كاتتا ئورۇنلىدى . ئۇ « قەۋرىسىز قالدى دىمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالىدا، گۈل –چىچەككە پۈركىنۇر تاڭنا  باھاردا  قەۋرىمىز. » دەپ يازغىنىدەك ، چىن مۇھەببەت، ئاجايىپ مەردانىلىق، ھەقىيقەتنى   ئەمىلىيەتتىن  ئىزدەيدىغان ئىلمىي پوزىتسىيە ، قېتىرقىنىپ ئىزدىنىدىغان تىرىشچانلىق، يۈكسەك يېزىقچىلىق ماھارىتى بىلەن « ئىز »، « ئويغانغان زېمىن » ( ئىككى قىسىم ) دىن ئىبارەت تارىخىي رومانلارنى  يېزىپ،  شېھىتلەر ئۈچۈن « چىقسا بوران، كۆچسە  قۇملار ھەم  كۆمۈلمەس ئىزىمىز. » دىگىنىدەك « ھەر قانداق بوران – چاپقۇنلارغا  بەرداشلىق  بېرىپ،  ئەۋلاتتن -  ئەۋلاتقا  قالىدىغان »  بۈيۈك ئابىدە قوپاردى.            
مەن بۇ رومانلارنى ئوقۇش جەرياندا يېزىقچىلىق ئىستىلى ۋە سەنئىتى خوسۇسىدا تۆۋەندىكىلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم:
     1 – تارىخي چىنلىققا  ھۆرمەت  قىلىنغان،  تارىخي چىنلىق  ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ ھەقتە مۇئەللىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ : « تارىخ ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ ئاددىي خاتىرىسى ئەمەس،  بەلكى  ماركس ئېيت قاندەك « ئۆز مەقسىدىنى ئىزلەپ يۈرگەن ئادەمنىڭ پائالىيىتىدىن ئىبارەت » بولغاچقا، تارىخي  تېمىدا يېزىلغان رومان، چىن مەنىسىدىن ئېيتقاندا ھەم ھەقىقى تارىخ، ھەم بەدىئىي ئەسەر بولۇشى، يەنى تارىخشۇناسلىق  بىلەن  رومانچىلىق سەنئىتىنىڭ  جانلىق  بىرىكمىسى بولالىشى، ھەممىدىن ئاۋۋال ، تارىخي چىنلىقنى ئاسا س ۋە  ئالدىنقى شەرت  قىلىشى لازىم. مۇنداق ئەسەر مۇئەللىپتىن تارىخ ئىچىگە چوڭقۇرلاپ كىرىشنى ۋە تارىخ  ئىچىدىن قاڭقىپ چىقىش ماھارىتىنى بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەن بۇ روماندا ئاشۇ پىرىنسىپلارغا  قاتتىق ئەمەل قىلىشقا تىرىشتىم. ».  مۇئەللىپ كۆپ قىتىملىق ئىلتىماس، ياخشى نىيەتلىك رەھبەرلەرنىڭ ھىسداشلىقى بىلەن ئارخىپ بۆلۈملىرىدە ساقلىنىۋاتقان  بۇ ئىنقىلاپلارغا  دائىر ئارخىپ ماتىرىياللارنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىققان؛ بىر مۇنچە، مەسىلەن: 104  يېشىدا قازالىغان تاراتىلىق روزى بوۋا قاتارلىق   ئىنقىلابنىڭ  ھايات ئىشتىراكچىلىرىنى ، شاھىدلىرىنى زىيارەت قىلغان؛ ھوشيار بۇرادەرلىرى  يېغىپ ساقلىغان  نۇر غۇن يازما  ماتىرىياللارنى توپلىغان؛   نەق مەيدانلارغا  بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ،  بىرىنچى قول ماتىرىياللارنى توپلىغان. دىمەك   بەدىئىي ئەسەرلەردە  توقۇلما تەركىب  بولىدۇ دەپ  بۇ  رومانلاردىكى ئاساسى ۋەقەلىككلەردىن شەكلىنىشكە ھەرگىز بولمايدۇ.  
  2 – قۇرۇلمىسى زىچ باغلىنىشلىق بولغان.مۇئەللىپ ئەينى چاغدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئوبراز يارىتىش،ئاساسىي مەزمۇننى ئىپادىلەش تەلىپى بويىچە  تۈرلۈك  بەدىئىي  ئىپادىلەش ۋاستىلىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ  پىرسۇناژ، سيۇژىت، مۇھىتنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىگە   ئاساسەن مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ،رومانلارنىڭ جەزبدارلىقىنى ئاشۇرغان.
  3 – ئىدىيىۋىلىكى كۈچلۈك بولغان. پېرسوناژلارنىڭ  دىئالوگى ۋە ۋەقەلىكنىڭ  ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى  ئارقىلىق يەتكۈزمەكچى  بولغان ئۇچۇر ماھىرلىق بىلەن  ئىپادىلەنگەن. ئەلۋەتتە  ئاپتور    قانچىكى ئۆتكۈر  پىكىرلىك    بولسا،  ئەسىرىنىڭ ئىدىيىۋىلىكىمۇ   شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ.  
  4– مۇئەللىپنىڭ  مۇھاكىمىسى چوڭقۇر بولغان . مۇئەللىپ   پىرسۇناژ  ياكى ۋەقەلىك توغرىسىدىكى چوڭقۇر، ئەتراپلىق مۇھاكىمە ئارقىلىق روماننىڭ مەركىزىنى روشەن قاتلامغا چەكىلەپ، كىتاپخانلارنىڭ  روماننىڭ ئاساسىي مەقسىدىنى تېخىمۇ  ئوبدان  چۈشىنىشىگە  ئاسانلىق  تۇغدۇرۇپ بەرگەن.   
  5 – تىلى ئاممىباب بولغان. ئاممىۋىي تىل، نامىدىن  مەلۇم    بولدىكى،كەڭ خەلق ئاممىسى دائىم ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن سۆز،  يېزىق تىلىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق،ئەڭ باي مەنبەسى ۋە خەزىنىسىدۇر. مۇئەللىپ مەزمۇنى مول ، ھاياتى  كۈچى ئۇرغۇپ   تۇرغان ئاممىۋىي  تىلدىن ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشقا   ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنىڭ   كۈچلۈك ئىپادىلەش، تەسىر قىلىش كۈچىنى  جارى  قىلدۇرۇپ ،    رومانلارنىڭ جەزبدارلىقىنى ئاشۇرغان.  
  6 – يەرلىك لەھجە ( شىۋە ) نىڭ سېھرىي كۈچىنى  ماھىرلىق بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، رومانلارنىڭ تىلىنىڭ رەڭدارلىقىنى ئاشۇرۇپ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشقان. بۇ رومانلاردا پۈتۈنلەي قومۇل شۋىسى   قوللىنىلغان، بۇ ھەرگىزمۇ ۋەقەلىك قومۇلدا بولغانلىقى ئۈچۈنلا  شۇنداق بولغان ئەمەس، بەلكى  مەرھۇم  قومۇل خەلقىنىڭ  پەخىرلىك ئوغلانى ئىكەنلىكىنىڭ، قومۇل  شىۋىسى كىچىكىدىن ئاڭلاپ چوڭ بولغان،  قۇلاققا   سېڭىپ،     قەلبىدىن  چىڭ ئورۇن  ئالغانلىلىقىنىڭ مۇنازىر تەلەپ قىلمايدىغان دەلىلىدۇر.  
  بىباھا  تەۋەرۈكنىڭ يېزىقچىلق  سەنئىتى خوسۇسدىكى  بۇ   يۈزەكىي تەسىراتلىرىم، ئەلۋەتتە، چىن دىلىمدىن  ئالىي ئىززەت بىلەن ئوقىغان ئاپىرىن ! ئاپىرىن !  ئاپىرىن دىگەن يۈرەك  سادالىرىمدىنلا ئىبارەت. خالاس.
  « تارىخقا ھۆرمەت قىلمىغان  كىشى،   چوقۇم  تارىخىي  خاتالىقنى قايتا  سادىر قىلىدۇ. -سانتايانا  ».  
   بۇ ئەرزىمەس ماقالىنى  مەرھۇمنىڭ  خىزمىتىدە بولغان، چوڭقۇر تەلىم ئالغان خەيىرلىك دەقىقىلەرنى ئەسلەپ،  ۋاپاتىنىڭ 20   يىللىقىغا بىغىشلاپ يازدىم. مەرھۇمنىڭ ياتقان ئورنى جەننەتتە بولسۇن !
            
                    2015 – يىلىى 10 –ماي قومۇل     

باغداش تورىغىلا خاس !  قالايمىقان كۆچۈرگەنلەر قانۇنى جاۋاپكارلىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!
uyghuray

4

تېما

10

دوست

8670

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   73.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35433
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 2620
توردىكى ۋاقتى: 684
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-4 21:52:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يازما بوپتۇ ،تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

0

تېما

7

دوست

1306

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36673
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 404
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-4 22:10:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xikarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-4 22:13  

ئېسىل تېما ...... پەخىرىمىز ،ئالىمىمىز ،ئۆلمەس ئابىدىمىز   بولغان ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئاتىمىزنى يۈرىكىمىزدىن ئەسلەيمىز ھەم سېغىنىمىز ..  ئەسەرلىرى بىز ئۈچۈن گۆھەر ....

0

تېما

0

دوست

211

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   70.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36484
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2015-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-4 22:24:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سزگە ،ئابدۈرېھم ئوتكۇر قەلبىمزدە مەڭكۈ ھايات .
uyghuray

1

تېما

0

دوست

452

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17444
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 142
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-4 23:13:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈردەك خەلقنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ سۈيىدە ئاققان ئالىملىرىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلاتتىم.

رەھمەتلىك ئالىمىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي

0

تېما

0

دوست

1921

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34118
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 588
توردىكى ۋاقتى: 170
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-4 23:21:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم !ھەقىقەتەن تېپىلغۇسىز ئىسل ئادەم ئىدى....
7#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )