شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئاكسيە تورىنى قۇرغۇچى،مۇستەقىل پاي چېكى ئانالىز قىلغۇچىسى
ئادىل بايقال(موللام)
پاي بازىرى 6-15-كۈنىدىن ئېتبارەن جۇڭگۇ پاي بازىرى تارىخىدا ئىنتايىن ئاز كۆرۇلدىغان چۈشۈش يۇز بېرىپ 7-2-كۈنىگە قەدەر تەخمىنەم 2 تىرلىيۇن پۇل كۆپۈككە ئايلىنىپ ھەر بىر ھېساپتا تەخمىنەم توت يۇز ئۇن مىڭ يۇەن زىيان بولغان،بازارنىڭ 15 كۈن سودا ئىچىدىكى چۈشۈش ئۇسۇلى ۋە يۆلىنىشى ئىنتايىن قەبىھ ۋە رەھىمسىز بولۇپ ئىقتىسادى تەرەققىيات گۈللىنىۋاتقان ،قانۇن تۈزۈم مۇكەممىلىشۋاتقان ،پىشىپ يېتىلۋاتقان جوڭگۇ بازىرى ئۈچۈن بىر قاباھەتلىك چۈش بولۇپ ،مەركەزنىڭ ،دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان،مەركەز جوڭگۇ بازىرىنىڭ بۇ خىل چۈشىشىگە قارىتا ،ئۆسۈم نىسبىتىنى ،تەييارلىق پۇل زاپىسى نىسبىتىنى تەڭ چۈشۈرۇشنى قارار قىلىش بىلەنلا 4000رايوندىكى جوڭگۇ تېرىگىنى قوغداش جېڭى رەسمى پارتىلدى،نىمە ئۈچۈن بىز 4000 نۇختا ئەتراپنى جوڭگۇ تېرىگى دەيمىز؟جاۋاپ شۇكى جوڭگۇ ھۆكىمىتىمىزنىڭ يۇرۇشلەشكەن بازار قۇتقۇزۇش سىياسىتى نەق مۇشۇ رايوندا پارتلىدى،كەينى كەينىدىن چىقىۋاتقان بازار قۇتقۇزۇش سىياسىتىدە ئەڭ بىۋاستە تەسىرى كۈچى زۇر بولغىنى لى كېچاڭ زۇڭلى چەتئەلدىن قايتىپ كېلىپ پاي بازىرىغا تەسىرى زۇر بولغان يېڭى پاينى تاقىتىشنى ۋاقتلىق توختاتتى،مانا بۇ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ جوڭگۇ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەرياندىكى زۇر قارارى،يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ خەلىقچىللىق يولىنى تاللاپ ،خەلق ئارزۇسىنى بىرىنجى ئۇرۇنغا قۇيغانلىغىنىڭ نامايەندىسى،جوڭگۇ تارىخىدا بۇنچىلىك قۇللاش،بۇنچىلىك كۆڭەل بۆلۈش بۇلۇپ باقمىغان،جوڭگۇنىڭ بۇ قوللىشى،چەتئەل تاراتقۇلىرىمۇ ھەيران قالغان،بازار گەرچە ئالدىنقى ھەپتە 4000نى بۇزغان بولسىمۇ،كېلەر ھەپتە بۇ رايونلارنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشى مۈمكىن،فوندلارمۇ بازار قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان بولۇپ،4500گىچە مال ساتماسلىق،كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ زاپاس پۇلغا مال ئېلىشتەك قارارلارنى چىقىرىشقا باشلىغان،دىمەك بىز پارتىيەگە ،ھۆكىمەتنىڭ قارارىنى قەتىي قوغداپ،مەخسەد نىشانلىرىنى چۈشىنىپ،قولىمىزدىكى پاينى ھەرگىزمۇ چەتئەل سۇيقەستچىلىرىگە بەرمەسلىكنى تاپىلايمىز،جوڭگۇ بازىرىمىز تېخى ئەمدى 4000 نۇقتىغا كەلدى،ماڭىدىغان نىشانى ۋە يولى ئۇزۇن،5000 6000 8000 نۇقتىلارنى كۆرىشىمىز كېرەك،تېخىمۇ زۇر بولغان ،تېخىمۇ ئىلغان بولغان،مۇكەممەللەشكەن جوڭگۇ ياساش كەسپىنىڭ 2025نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك،تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دۆلەت كارخانلىرى ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىش كېرەك،جوڭگۇ ئارزىسىنىڭ پاي بازىرىدىكى نامايەندىلىرى ئەمدى كۆرۈلۋاتقان شارائىتتا سەپتىن چۇشۈپ قالمايلى،تېخىمۇ ئىلغار بولغان،سېستمىلىق ،كەسپچانلىققا ئىگە بولغان تەھلىلىمىز بىلەن رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر مەبلەغ سالغۇچىلارنى يېتەكلەپ كېلىۋاتقان تەڭرىتاغ ئاكسيە تورىمىز بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ غەيرەتكە كېلىپ تەرجىمىدىن مۇستەسنا بىۋاستە مۇستەقىل بولغان پاي چېكى تەھىلىلىنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرغا كۆتىرىپ تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلشىقا تىرىشىمىز.
كېلەر ھەپتە بازار يۇقۇرى ئېچىلىپ ،يۇقۇرى ھەركەت قىلىشى مۈمكىن،ئەرزان مال سېتىۋەتكەنلەرگە مالنى قايتۇرۇپ كېلىش مۈمكىنچىلىگىمۇ بەك قالمىغان بولىشىمۇ مۈمكىن،مەشغۇلاتتا:تىببى سايمان،خۇسۇسى دوختۇرخانا،ئېنتىرىنىت پۇل مۇامىلىسى ۋە تاراتقۇغا ئالاھىدە دىققەت قىلساق،قولىمىزدىكى بەزى ئۆلۈك پايلارنى مۇشۇ خىلدىكى پايلارغا ئالماشۇتۇرۇپ زىياننى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ ئەكەلسەك دىگەن قاراشتىمەن.
6-15-كۈنىدىكى تۇرىمىزنىڭ خەتەر ئاگاھلاندۇرۇش ماقالىسى:http://www.aksiya.biz/bbs/read.php?tid=854
تورىمىزنىڭ دۆلەت تېرىگى ھەققىدىكى ماقالىسى:http://www.aksiya.biz/bbs/read.php?tid=870
پاي بازىرى خەتەرلىك دىققەت بىلەن مەبلەغ سېلىڭ ،تەھلىلدىن تەنقىدى پايدىلىنىڭ،كېلىپ چىققان پايدا زىيان بىلەن تۇرىمىزنىڭ ۋە مېنىڭ ھېشقانداق مۇناسىۋىتىم يۇق.تەسەدىپى پاي بازىرىغا تەسىر قىلىدىغان سىياسەت چىقىپ قالسا يۇقارقى قاراش ئىناۋەتسىز.
|