- تىزىملاتقان
- 2015-1-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12855
- نادىر
- 0
- يازما
- 1240
ئۆسۈش
7.14%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا putin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-16 11:04
ياخشى تەسەببۇس بوپتۇ .
بىر تېمىدىكى ئىنكاس ئوبىكتىپ جەھەتتىن :
1.يازمىغا بولغان ئىنكاس
بۇ ئاساسەن يازما ئاساسىي مەزمۇن ۋە ئىدىيەگە بولغان ،مۇنبەرداشنىڭ كۆز-قارىشى يىزىلىدۇ .
2.ئىنكاسكا بولغان ئىنكاس
بۇ دەل سىز ۋە بىزنى ئوڭايسىزلاندۇرىۋاتقان ،مۇنبەر مۇھىتىدىكى بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرىۋاتقان ئىشلار ھىسابلىنىدۇ .ئىنكاسكا يىزىلغان ئىنكاس مەزمۇن خاتالىقىدىن سىرىت ئىدىيە خاتالىقى ھەم ئىدىيەنى مەجبۇرى تىڭىش خاتالىقىدىن كىلىپ چىقىدۇ .بۇنداق خاتالىقنى يۈرگۈزۈشتىن ئۆزىنى تارتىدىغان تورداشلار ئىنتايىن ئاز .
3.ئىدىيەلەرگە بولغان كەڭ قۇرساقلىق ۋە تەرەپبازلىق :
ئوخشىمىغان ئىدىيەلەرنىڭ بىر تېمىدا ئۇچرىشىشى بەلكىم يۈزەكى جەھەتتىن يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغاندەك قىلغان بىلەن ئەمىلىيەتتە زىدىيەتلەرنىمۇ ھىكايىسى بولىدۇ .تەرەپبازلىق بولسا گورۇھلىشىش بولۇپ بۇ دەل مۇنبەردىكى ئۆسمە .
ئىنكاسلارنىڭ مەيلى قانداق ياكى ئانداق بولىشى يامان ئىشمۇ ئەمەس (ھاقارەت ،كەمسىتىش بۇ باشقا )مۇنبەر بولسا بۇمۇ مىكرو ھالەتتىكى مۇنازىرەخانا .مۇنازىرە ئىلىپ بىرىۋاتقان كىشىلەر مەدىنىيەت سەۋىيىسى ،دۇنيا قاراشلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ھەرخىل ئىنكاسلارنى تاشلايدۇ .بىزگە كىرىگى ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىدىيەسىلا ئەمەس بەلكى بۇ ماقالىنىڭ كىشىلەرنىڭ دۇنيا قارىشىدىكى ھەزىم قىلىنىشى بىلىش .
مەسىلەن تارىخقا ئائىت مۇنازىلەرنى كۆرۈشكە ئىنتايىن ھىرىسمەن مەن .چۈنكى ئەسەردە دىيىلگەن تارىخنىڭ چەكلىكلىكىنى ئىنكاستىكى تارىخقا ئائىت تارىخى بىلىملەر بىزنى تىخىمۇ كۆپ بولغان تارىخى بىلىم بىلەن تەمىنلەيدۇ .
دىنىي -ئىتىقادچىلىققا بولغان تېمىلار.ئاساسەن بىرقەدەر زىدىيەت كۈچلۈك بولغان تېمىلار بولغاچقا بىز قانداق قاراشنى ،قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلىشىمىز كىرەك .دىنلار مۇنازىرە تەلەپ قىلىنمايدۇ .بىراق ،دىنغا ئىشىنىدىغان ،دىندارلار ھەم ئىش دىنىي مۇھىت مۇنازىرە قىلسا بولمايدىغان ئىشلار ئەمەس .يەنە كىلىپ بىزدە باشقا دىن ۋە ئىتىقادقا بولغان كەمسىتىش ھەم پەس كۆرۈش ئىنتايىن كۈچلۈك .بىز بۇنداق قاراشتا بولماسلىقىمىز كىرەك جەمىئەت قىززىق نوقتىسى بولىۋاتقان ئىشلارغا ئىنكاس يازغاندا ئاسانلا تەرەببارزلىق كىلىپ چىقىدۇ .بۇنداق ئىشلار كىشى ئوتتۇرا يول بولۇشقا دەۋەت قىلىشىدۇ .بىراق ،بۇ ئىنتايىن تەس ھەم بەزىدە قىلچىلىك ئەھمىيىتى يوق تاللاش بولۇپ قالىدۇ .
تېمىلارغا بولغان ئىنكاسلارنى مۇنازىرىسىز ياكى تالاش-تارتىشسىز قىلىمەن دەپ قىلىپكە سىلىۋىلىشمۇ ياخشى ئىش ئەمەس .مۇنبەر بىۋاستە مائارىپ تەربىيلەش ئورنى ئەمەس .مەزمۇننى قىلىپلاشتۇرىدىغان ،ئىدىيەنى قىلىپلاشتۇرىدىغان .مۇنبەر بولسا ھەرىكەتلىك ھالەتتىكى بىلىمدان .سىز تۇرغۇن بىلىملەر ياكى ئۆزىڭىزگە كىرەكلىك بىلىمنى ئىھتىياج قىلسىڭىز كىتاب كۆرۈڭ .ھەرىكەتتىن بىلىملەر يىڭىلىنىش ھەم قۇبۇل قىلىنىشى تېز ھەم ھەرخىل بولىدۇ .شۇڭا بەك قىلىپلىشىشنى تەسەببۇس قىلمالسىق كىرەك .ئەمدى مۇنبەردىكى تېمىلارنى جىنى مەزمۇندا ئەمەس بەلكى مۇنازىرىلەردىكى .قېممىتى دەل مۇنازىرىدىكى ئىتراپ قىلىنىشلاردا .مەن مۇنازىرە ئىختىلابى بولىشىنى يامان ئىش دەپ قارىمايمەن .مۇنبەر ئەخلاقى ،ئاددى كىشىلىك سۆز ئىچىش قائىدىسىن چىقىپ كەتمەسلىكنى مەۋھۇم دۇنيا بولغان مۇنبەردىمۇ ئادىمىيلىكىنى يوقاتماسلىقىنى تەشەببۇس قىلىمەن .
مىنىڭ بۇ ئىنكاسىم قەلەمداننىڭ ،يازمىسىنى ئىنكار قىلىش ئەمەس . |
|