بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elqut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-21 10:55
ئىيولنىڭ قاتتىق تومۇز ئىسسىقلىرى بىزنى شاۋقۇت سۇرەنلىك شەھەر تۇرمىشىدىن بىزار قىلىپ قەدىمىمىزنى يۇرتىمىزنىڭ گۈزەل تاغۇ بوستانلىرى، مۇنبەت تۇپراقلىرىدىن بولغان، جەڭگىۋار تارىخىمىزنىڭ شاھىدى بولمىش شوتا تاغلىرىغا باشلاپ ماڭدى.
دىمىق ھاۋا، پىژغىرىم ئىسسىق، كىشىنى بۇرۇقتۇرۇم قىلاتتى. ئاللىقلاچان ئاۋۇ كىشىنى بىزار قىلىدىغان قاتناش قىستاڭچىلىق شەھەر يوللىرىدىن چىقىپ، تاغ يولى تەرەپكە قاراپ يول ئالغان بولساقمۇ، ماشىنىنىڭ كۆپلىكى، يەنىلا شەھەرنىڭ قىستا - قىستاق قاتناش ئەھۋالىنى كۆز ئالدىغا ئەكىلەتتى.
نىمە دىگەن كۆپ ماشىنا؟ نىمە دىگەن كۆپ ساياھەتچى بۇ؟ خۇددى پۈتكۈل جوڭخۇا خەلقى تەڭلا شوتىغا قاراپ ساياھەتكە ماڭغاندەك ئىدى. بۇ تاغلار بۇنچىلا ئادەمنى سىغدۇرالارمۇ؟ دەپمۇ ئويلاپ قالاتتىڭىز. ‹‹توۋا توۋا ھەممە ئادەم تەڭلا تاققا ماڭدىمۇ نىمۇ؟ شەھەردىن قېچىپ تاققا بارساقمۇ ئوخشاشلا شاۋقۇت سۇرەندە قالامدۇق نىمۇ›› دەم غودۇراپمۇ قويدۇم.
يول تاغ باغرىغا كىرىپ ئانا يۇرتۇمنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، مۇنبەت تۇپرىقى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ، ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىشقا باشلىدى. شۇندىلا، بۇ ئانا ماكانغا نىمىشكە شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ سەلدەك كۆچۈم كېلىۋاتقىنىڭ مەنىسىنى بىلگەندەك بولدۇم. بۇنداق سۈيى ئەلۋەك، بايلىقى مول، رىيال دۇنيادىكى جەننەت كەبى مۇنبەت تۇپراققا كىممۇ ئاشىق بولمىسۇن؟ كىمنىڭمۇ بۇ جەننەت ماكاننى چىڭ قۇچاقلاپ ياتقۇسى كەلمىسۇن؟
‹‹قېنى ناننى تاشلاپ ئېقىتىپ يىگەنلىرىم .... ›› بۇ ھىسىيات، بۇ تۇيغۇنى ھازىر مانا مۇشۇ گۈزەل چەت سەھرالاردىلا ھىس قىلغىلى، كۆز ئالدىغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئەي زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇلىرىمىز. بىز شەھەرلەردە سىلەردىن ئاللا بۇرۇن مەھرۇم قالدۇق. ئەمدى پات ئارىدا سىلەردىنمۇ مەھرۇم قالارمىزمۇ؟ بىز پەرزەنتلىرىمىزگە يۈز كېلەلەرمىزمۇ؟ بىزمۇ ئاتا بوۋىلىرىمىز بىزگە قالدۇرغاندەك سىلەرگە ساپ، پاكىز، تەبىئىلىكنى قالدۇرالارمىزمۇ؟ ياكى سىلەرمۇ بىزگە ئوخشاش ‹‹ھەممە قىممەتلىك بايلىقلىرىمىزنى قولدىن بېرىپ قويۇپ ئاندىن ئۇنى باشقىلاردىن سېتىۋىلىشقا ›› مەجبۇر بولارسىلەرمۇ؟
مۇزات دەرياسى تاشتىن - تاشقا ئۆزىنى ئۇرۇپ ئېقىۋاتاتتى، ئۇ خۇددى ماڭا ئاشۇ قايغۇلۇق ھىكايىلەرنى ئېيتىپ بەرمەكچى بولغاندەك، ئاشۇ ئاتا - بوۋىلىرىمىز مۇزات تېغىنى بويسۇندۇرۇش جەريانلىرىنى مىلودىيە قىلىپ ئېيتىپ بەرمەكچى بولغاندەك قىلاتتى... ھەي مۇزات دەرياسى ئۆركەشلە، سەن بولساڭمۇ تاشتىن تاشقا قاڭقىپ ئۆركەشلە، سەندىن بولسىمۇ مەن ئەجدانلىرىمنىڭ جەڭگىۋار روھىنى كۆرىۋالاي!
نىمە دىگەن چەكسىز كەتكەن يايلاق؟ نىمە دىگەن كەڭرى ماكان؟ نىمە دىگەن گۈزەل ماكان؟
كۈلىۋەتتىم.
قاراڭلا ما بىچارە قويلارنى ؟ شۇنچە يايلاققا پاتماي يولغا چىقىپ نەگە بېرىشىنى بىلمەي تەمتىرەپ تۇرغىنىنى! قېنى بۇ قويلارنىڭ پادىچىسى؟ قايسۇ چىدىر ئويگە مۆكۈنۈپ ئاپتاپتىن قورقۇپ سايىغا كىرىۋالدۇ؟ ياكى قايسۇ بىر چىرايلىق خانقىزلارنىڭ ئارقىسىدىن تىمسىقلارپ يۇرىدىغاندۇ؟ ۋە ياكى خوشنا قوشنىڭ پادىچىسى بىلەن ئۇزەڭگە سوقاشتۇرۇپ يۇرت چوڭلىقنى تالىشىپ يۈرەمدىغاندۇ؟
ھەي پادىچى ! ئۆزۈڭ بىلەنلا بولغۇچە ما قويلىرىڭنى ئاۋۇ مۇنبەت يايلاققا باشلىساڭچۇ....؟!
مانا قەدىمى شوتا شەھەر خارابىسىدا بىلىنە بىلىنمەس ئىز بولۇپ قالغان شەھەر سېپىل تاملىرىنىڭ ئىزنالىرى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇزات ۋادىسىدىكى شانلىق تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ كۆكرەك كېرىپ تۇرماقتا. مىڭ نەچچە يىللار بۇرۇن بەلكىم بۇ يەر ناغرا سۇناي سادالىرى ياڭرىغان، ئات بەيگە، نەيزىۋازلىق، قىلىچۋازلىق، ئوۋچىلىق ماھارەتلىرىنى نامايەن قىلىدىغان، باتۇرلۇق، جەسۈرلۈكنى تىللاردا داستان قىلىدىغان ئاۋات شەھەر بولغىيتى ھە ؟ !
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئاتلىق پولىكىنىڭ خاتىرە تېشى ‹‹مەۋلان تاش›› بار يەرگە كېلىپ چوقۇر خىياللارغا چومدۇم.
قۇلاقلىرىمدا ئۇلار چاپتۇرغان ئاتنىڭ تاشقا ئۇرۇلغاندا چىققان ئاۋازى ئاڭلانغاندەك، كۆزلىرىمگە شۇ تاشقا تۇۋاق تەككەندە چاقنىغان ئۈچقۇنلار كۆرۈنگەندەك بولدى. ئەنە شۇ پاتۇرلار مانا مۇشۇ يوللاردا ئاتلىرىنى ئويناقتىشىپ ماڭغان. ئەنە شۇ باتۇرلار مانا مۇشۇ مەسجىتلەردە ياراتقۇچىسىدىن ئۆز خەلقىنىڭ كەلگۈسى بەختى ئۈچۈن دۇئالارنى قىلغان ئىدى.
ھەي بۈركۈت! نىمانچە ئېگىز كۆككە پەرۋاز قىلىۋالدىڭ؟ نىمىلەرنى ئىزدەۋاتىسەن؟ سەن ئاشۇ باتۇرلىرىمىزنىڭ ئىزلىرىنى ئىزدەۋاتامسەن؟ ھەي بۈركۈت قېنى ئېيىتقىنە نىمىلەرنى كۆردۈك؟ كۆرگەنلىرىڭنى ماڭا ئېيتىپ بەرگىنە؟
ھەي تاغ ! ھەي تاش ! ساڭا نىمە بولدى؟ سەن نىمىگە يۈرۈكۈڭنى يېرىۋالدىڭ؟ ئانا ماكاننىڭ گۈزەللىكىدىن، ئانا ماكانغا قىيالماي يۈرۈكۈڭنى يېرىلدىمۇ؟
ياكى سەن ماڭغا يۈرەك سۆزلىرىڭنى يېرىپ كۆرسىتىپ قويماقچىمۇ؟
ياكى سېنىڭ يۈرىكىڭ ...؟
‹‹قۇم شاقىراتما›› دەپ نام ئالغان بۇ گۈزەل مەنزىرە كىشىگە كۆينەكلىرىنىڭ ئېتىكىنى كەڭ كېرىپ ئۇسۇلغا چۈشكەن پاك غۇبارسىز سەھرا قىزىنىڭ سىماسىنى ئەسلىتەتتى.
شۇنداق رىۋايەتلەر خاتىرلىنىپتۇكى ‹ مايمۇندىن تۆرەلگەن، بەڭباش سۇنۋۇكۇڭ، تاڭسىڭ بىلەن غەرىپكە نوم ئالغىلى ماڭغاندا، دىڭىز ئەجدىرھاسىنى قاخشىتىپ بولاپ چىققان ئالتۇن كالتىكى بىلەن، پەسەندى سوڭەڭ ئالۋاستىنى شۇنداق ئۇرۇپتىكەن، ئۇ ئالۋاستى چىقىرىغان پېتى دەل مۇشۇ تاققا ئۇسسۇپ يىقىلىپ بۇ يەردىن سېرلىپ چۈشۈپ بۇ مەنزىرىنى ھاسىل قىلغانمىش›
قانداقلا قارىسام ئالۋاستى يىقىلغان يەر ئەمەس بەلكى ئۇسۇلغا چۈشكەن ئاشىق قىزنىلا ئەسلىتەتتى ماڭا.
ئەي يىگىت سەن ئېتىڭنى يورغىلىتىپ قايسۇ مەنزىلگە يامىشىپ چىقىپ كېلىۋاتقانسەن ھە؟ سەن ھەقىقەتەن بۇ ئانا ماكاننىڭ ئەركىسىسەن!
ھەي قارلىق چوققىلاردىن تاۋلىنىپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى سەن نىمانچىلا سوغۇق؟ سېنىڭ سوغۇقلۇقۇڭ ساڭا چىلانغان قوللىرىمدىن تېنىمنى مۇزلىتىپ ئۇدۇل يۈرىكىمگە تەگدى. سەن مىنىڭ بارماقلىرىمدىن بېرىپ مېنىڭ قەلبىمنى مۇزلاتماقچىمۇ؟ ياكى سەن ئۆزۈڭنىڭ ئەڭ ساپ ئەڭ پاكىز مىھرىڭ بىلەن قەلبىمدىكى كىرلەرنى يۇيۇپ چىقارماقچىمۇ؟
خوش گۈزەل شوتا تاغلىرى ساڭا خوش دەپ يەنە ئاشۇ شاۋقۇتلۇق، كىشىنى بىزار قىلىدىغان شەھەرگە قاراپ ماڭدىم، قايتىش سەپىرىمدە سېنىڭ تۇئەنچاڭلىرىڭغا جايلاشاق بۇ چېكى كۆرۈنمەس مۇنبەت ئېتىز، ئېكىنزارلىققا قاراپ يەنە بىر قېتىم ھەيرانلىقتا قالدىم. ئانا يۈرتۈم سەن ئەسلى شۇنچە بىپايان، شۇنچە مۇنبەتمىدىڭ!
غۇلجا موڭغۇلكۈرە شوتا شىمالى شىنجاڭ بىلەن جەنۈبى شىنجاڭنى، شىنجاڭ بىلەن قازاقىستاننى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم چىگرا رايۈنلارنىڭ بىرسى. ئۇنىغا 74،75، 76،77 تۈەنچاڭلار جايلاشقان يۇقارقى ئېتىزلار بولسا مانا شۇ تۈەنچاڭلارنىڭ ئېكىنزارلىقى بولۇپ، يەر ئاستى سۈيىنى تارتىپ چىقىرىپ، تېمىتىپ سۇغۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە سۇغۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ.
|