- تىزىملاتقان
- 2014-11-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 977
- نادىر
- 0
- يازما
- 46
ئۆسۈش
95.4%
|
ئاتىللا فىكرى ئەرگۈن
كونىلار، ئەقىل بولمىسا ساقالنىڭ نېمە ئىشى دېگەن چاغلىرىدا بۇ گەپنى ئەلۋەتتە ھېكمەت بىلەن ئېيتقان. بىر ياققا ئېغىپ كەتكەن دىنىي چۈشەنچىلەرنىڭ داۋراڭچىلىرىدىن بولماي، بۇرۇنقى ھېكمەتلەرگە قۇلاق سېلىپ قويغان بولساق تۈزۈك ئىشقىلغان بولاتتۇق.
مەنىۋىيەت ۋە ئەخلاقنى چۆرىۋېتىپ، ئىدىئولوگىيەگە مەھكەم يېپىشقان دىنىي چۈشەنچە تۈپەيلىدىن ئەسلى غايىمىزنى ئۇنتۇپ قالدۇق. كۆپىنچىمىز ئىدىئولوگىيەتەرەپدارلىرىغا ئايلىنىپ، بىر-بىرىمىزگە ھەيۋە قىلدۇق. ئاساسلىق خۇسۇسىيىتىمىزقۇرۇش ئەمەس، بۇزۇش بولىۋىدى، ئەخلاق، ئىلىم-ئىرپان چۈشەنچىلىرىمىز يوقالدى. بۇۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىدىغان ۋاقىت كەلمىدىمۇ؟ سەمىمىي دەۋەتچى بولىمىز ياكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى داۋاملىشىۋېرىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ھېچكىمنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج ئەمەس.
قايسى زاماندا، قانداق دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلىمىز. كاپتالىزم ئىنسانلارنى ئەسىر قىلىپ، ئىنسانىي خىسلەتلەرنى يوق قىلدى.جىمى نەرسە ۋە قىممەت قاراشلىرىنى تاۋار ھالىتىگە ئېلىپ كەلدى، ئىنسانلار بىرنەرسىنى ئىگىلىۋېلىشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان بولدى، مال-مۈلۈك، پۇل-پىچەك مەئبۇدقا ئايلاندى.ھالبۇكى، ئىسلام بىزگە ئىگىدار بولۇشنى ئەمەس، ئامانەتنى ساقلىغۇچى بولۇشنىئۆگەتكەنىدى. ئىنسانلارنىڭ ئويۇنى داۋاملىشىۋاتىدۇ، بىرىنچى پەردىنىڭ ئارقىسىقىيامەت، بۇنىڭغا گۇمان يوق. ئىككىنچى پەردىدىن كېيىن ئويۇن تۈگەپ، جەننەت ۋەجەھەننەم سەھنىسى باشلىنىدۇ، بۇنىڭغا چىقىدىغان كىشىلەرنىڭ رولى ئالمىشىدۇ، رولنىتوغرا ئېلىشقا مەجبۇرمىز.
دۇنياغا بۇزۇقچىلىق، نامراتلىق ۋە ئۆلۈم پاجىئەلىرىنى ئېلىپ كەلگەنكاپتالىزم سىستېمىسىغا قارشى تۇرساق بولىدۇ، قوللىمىساق بولىدۇ، ئەمما بۇنى غەربمەدەنىيىتىنى قارا قويۇق تىللىماستىن، بىزگە ئوخشاش ئويلىمايدىغانلارنى چەتكەقاقماستىن ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.
ۋىجدان بىلەن ئىش قىلىش ئۈچۈن سۈپەت ساپاغا مۇھتاجمىز. ساننىڭ ئانچەئەھمىيىتى يوق. زور كۆپچىلىكتىن مەدەت تىلەش ئاقمايدىغان ئىش، ھەتتا خاتالىقتۇر.جالالىدىن رۇمى توغرا دەيدۇ: قۇدۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقى كۆپچىلىكنىڭ كۆلەڭگىسىدىن ياخشىدۇر.قۇدۇقتىن بېشىڭنى چىقىرالايسەن، ئەمما كۆپچىلىكنىڭ كۆلەڭگىسىدىن بېشىڭنى چىقىرالمايسەن. رەسۇلۇللاھمۇ كۆپ سانلىققا قىزىقمىغان، دائىم سۈپەت ساپاغائەھمىيەت بەرگەن. سۈرە بەقەرەنىڭ 249- ۋە سۈرە ئەنفالنىڭ 65-ئايەتلىرى بۇنىڭ ئەڭ ئوچۇق دەلىللىرىدۇر. بەدىر غازىتىدىن باشلاپلا مۇسۇلمانلار سۈپەتنىڭ ساندىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كەلگەن.
رىم ئىمپېرىيەسى ئىبەر يېرىم ئارىلىنى ئىككى يۈز يىلدا ئاران ئالالىغانىدى،مۇسۇلمانلار ئۇنى سەككىز مىڭ كىشى بىلەن ئۈچ يىلدا ئالدى. چۈنكى ئۇ يەردىكى خەلق پادىشاھ ۋە بەگلەرنىڭ زۇلمىدىن، ئالۋاڭ ياساقلىرىدىن جاق تويغانىدى، مۇسۇلمانلارنى ئادىل ئىنسانلار دەپ بىلگەنىدى. بۇنداق مىساللار كۆپ. سۈپەت ساپانىڭ مۇھىملىقى، دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە قادىرئىكەنلىكى تارىختىن بۇيان ئىسپاتلىنىپ كەلگەن ھەقىقەتتۇر . شۇ سەۋەبتىن، ئازبولساڭمۇ ئۆزەڭ بول، يالغۇز قالساڭمۇ ھەق دەپ بىلگەن يولۇڭدا ماڭ. سانغا ياكى كۆپسانلىققا چوقۇنما، بولمىسا ئېقىمغائەگىشىپ كېتىسەن-دە، ئاقماي ئىلاجىڭ يوق.
ئۈممەت بۆلۈنۈپ كەتكەن بۇ ۋەزىيەتتە ئىتتىپاقلاشتۇرغۇچى بولۇشىمىز كېرەك.قەلبلەرنى ئاللاھ ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ، سېنىڭ پەقەت نىيىتىڭ خالىس، ئەمەللىرىڭ سالىھبولسىلا بولدى. كۆزۈڭنى توسۇۋالغان قارا پەردىنى ئېلىۋەتمەي تۇرۇپ، باشقىلارنىڭكۆزىنى ئاچىمەن دېمە، شۇنداق قىلساڭ توغرايولنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باسقان بولىسەن.
خاتا ئۇسۇل بىلەن توغرا نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. تارىخ ۋە بۈگۈن بۇنىئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. تارىخ، ئەنئەنە، قائىدە-يوسۇنلىرىمىزنى چۆرىۋېتىش، ئىلىم ۋەپەلسەپىۋى بايلىقىمىزنى، مىللىي تەجرىبىلىرىمىزنى يوققا چىقىرىش، مەدەنىيىتىمىزدىنيۈز ئۆرۈش، تارىخىي مەنبەلەرنى خالىغانچە چۈشەندۈرۈش، دىندار ئادەمنى پەس كۆرۈش،مۇسۇلمانلارنى باشتىن ئاياغ يامان كۆرۈش، ئارقىدىن ئىسلام دىنىنى تېررورلۇق دىنىدەپ قارايدىغانلار بىلەن ئورتاق چۈشەنچىگە كېلىپ يېڭى دۇنيا قۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، يوقدۇئاغا ئامىن دېگەندەك بىر ئىش.
نۆۋىتى كەلگەندە، پىكىر قىلىشتا رىئايە قىلىدىغان پرىنسىپلىرىمىزنى قىسقىچەئوتتۇرىغا قويغىنىمىز ياخشى: فرانسوزلارنى قەتئى دورىمايمىز، ئىسلامغا باشقادىنلار ياكى ئىدىيەلەردىن ھېچنېمىنى قوشمايمىز. خىرىستىيانلاشمايمىز، مەۋجۇت تۈزۈمبىلەن ئىچقويۇن تاشقويۇن بولالمىساقمۇ، ئۆكتىچىلەرگە ھەم قېتىلمايمىز.
ھۇشيار بولۇشىمىز كېرەك. چۈنكى ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ قىززىق نۇقتىسىياخشىلىق، ئادالەت، ئىلىم-ئىرپان ئەمەس، بەلكى كاللا كېسىدىغانلار، ئۇلار ئىنسانلارنىڭبېشىنى كېسىپ توپ قىلىپ ئويناۋاتىدۇ. غەرب تاراتقۇلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىرچەتتە كۈتۈپ ياتماقتا. خاتا تەشۋىقات دولقۇنى ئەۋجىگە چىقماقتا، مەقسەتلىكئوينىلىۋاتقان بۇ ئويۇن كىشىلەرگە: ئىسلام دېگەن مانا شۇ، دېمەكتە. بۇنىڭ ھەيرانقالغۇدەك يېرى يوق، بۇ پەقەت، سۇرىيە ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى كونا ھېساب-كىتابنىڭتۈگىمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. شەرت-شارائىت ئىنسانغابېقىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، قورالنىڭ ئۇچى دائىم ئوخشىمىغان يۆنىلىشكە توغرىلىنىپتۇرىدۇ، خالاس.
ئىككى مۇھىم نۇقتىغا سەل قارىماسلىق كېرەك: بىرىنچىسى، ئىسلامنىڭبۇيرۇغىنىدەك، جىھاد ئاۋۋال نەپسىڭ بىلەن جىھاد قىلىشتۇر. ئىككىنچىسى، ئەھلىقىبلىنى كاپىرغا چىقىرىشقا بولمايدۇ. ئەمما سۈرىيەدىكى مۇسۇلمانلار مەزھەپلىرىئوخشىمىغاچقىلا بىر بىرىنى كاپىرغا چىقىرىۋاتىدۇ، بىر بىرىنى پەس كۆرۈۋاتىدۇ،ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ.
كاللا كېسىپ ئويناۋاتقان، مازارلارنى پارتىلىتىپ كۈلىنى كۆككە سورۇۋاتقانئادەملەر ئىنسانلارنىڭ قايسى مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدۇ؟ دۇنياغا قانداق مەدەنىيەتئاتا قىلالايدۇ، كىمنىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكى مۇھىم ئەمەس، ئۇلارنىڭ: قەبرىلەر بۇتياكى بۇتخانا قىلىۋېلىندى دەپ چۈشەندۈرۈشلىرىگىمۇ بىر نەرسە دېمەيمىز. قەبرىلەر،تارىخىي قۇرۇلۇشلار، ئىبادەتخانىلار، جامىلەر، چېركاۋالار... ياكى باشقا يەرلەرنى پارتىلىتىشبىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، ئەكسىچە بۇنداق ھەرىكەتلەر ئىسلامغا قارشىتەشۋىقاتقا ياردەم بېرىدۇ، يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. قەبرىلەر، مازارلىقلار تاشياكى ياغاچنى ئۇلۇغلاشنىڭ مەھسۇلى ئەمەس، بەلكى مەلۇم ئىدىيە ياكى تارىخىيشەخسلەرگە ئوخشاش بىرەر خاتىرە، بەلگەياكى تارىخىي مىراستۇر.
كاللا كېسىپ يۈرگەن، قەبرە-مازارلارنى، تارىخىي يادىكارلىقلارنى،ئىبادەتخانىلارنى پارتلاتقان ئادەملەرنىڭ ئىدىيىسى بىلەن، " شۇلارغا قاراپدىنسىز بولۇپ كەتكەنلەر ئۆزۈرلۈكتۇر" دېگەنلەرنىڭ ئىدىيىسى بىر چالمىنىڭ ئىككى پارچىسىدۇر. ھەر ئىككىلىسىمەسىلىنى "تۈپ يىلتىزىدىن" ھەل قىلىشقا مايىل، بولسا بولسۇن، بولمىسايوق بولسۇن دېيىشىدۇ. بىرسى ماددىي جەھەتتىن، بىرسى مەنىۋىيەت جەھەتتىنياخشىلىقنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتىدۇ.
|
|