قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2354|ئىنكاس: 5

پايدىلىق رېتسىپلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

36

تېما

0

دوست

4245

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  214
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1037
تۆھپە : 590
توردىكى ۋاقتى: 368
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-18 16:05:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىق رېتسىپلار
 
1 . چامغۇرنى قاينىتىپ ، سۈيىدە يۈزنى يۇيۇپ بەرگەندە داغ يوقايدۇ .

2 . ھۆل ياڭاق مېغىزىنى يۇمشاق ئېزىپ ، ئاخشاملىرى يۈزىگە سۈرتۈپ بەرگەندە ، سەپكۈن ۋە باشقا داغلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ .

3 . خولىجاننى سوقۇپ تاسقاپ ، زەيتۇن يېغى ياكى ياسىمەن يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلاپ ، يۈزگە چاپسا ، تېرىنى پارقىرىتىپ ، داغلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ .

4 . ئانار شەربىتىگە ئانار پوستىنى ئېزىپ ئارىلاشتۇرۇپ ، يۈزىگە چېپىپ بەرسىمۇ داغنى يوقاتقىلى بولىدۇ .

11.ئاق مۇم،ھەسەل،باش پىياز شىرنىسى،پىياز گۇل شىرنىسىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 30گرامدىن تەييارلاپ ھەممىسىنى ساپال قاچىغا سېلىپ،ئوتنى سۇس قىلىپ قىزىتىپ،ياغاچ تاياقچە بىلەن تەكشى ئارلاشتۇرۇپ،سۇۋۇغاندىن كىيىن بۇتۇلكىغا سېلىپ ئىشلىتىشكە تەييارلاش كېرەك،ھەر كۇنى ئەتىگەن ۋە كەچتە يۇزنى پاكىز يۇيۇپ،ئاندىن قۇرۇق يۇقىتىش مەلھىمىنى يۇزگە سۇركەپ ئۇن مىنۇتتەك ئاستا ئۇۋۇلاپ،ئاندىن يۇمشاق لاتا بىلەن سۇرتۇۋېتىش كېرەك.بۇخىل مەلھەم قۇرۇق چۇشۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قۇرۇق يۇقىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلۇپ،دائىم ئىشلەتسە يۇزدىكى قۇرۇقنى يۇقىتىپ،يېڭى قۇرۇقلارنىڭ قايتىدىن پەيدا بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

12.كالا سۇتىدىن بىر نەچچە تېمىم تېمىتىپ يۇز ۋە قۇلغا سۇرتۇپ بەرسە،تېرىنىڭ پارقىراق ۋە يۇمشاق بۇلۇشنى ئاشۇرىدۇ.

13.ئاخشىمى ھۆل ياڭاق مېغىزىنى يۇمشاق ئېزىپ ياكى چايناپ يۇزگە چېپىپ بەرسە،يۇزدىكى سەپكۇن ۋە داغنى يۇقىتىشتا ئۇنۇمى بۇلىدۇ.

14.زىغىرلىقتىكى سېرىق ئوتنى دەملەپ ئېچىپ بەرسە،يۇزدىكى سەپكۇن ۋە داغنى يۇقىتىشتا ئۇنۇمى بۇلىدۇ.

15.كۇندە ئەتىگەندە يۇز يۇغاندا داسقا ئىسىق سۇ قۇيۇپ ئۇستىگە لۆڭگە يېپىپ يۇزنى ھۇردىتىپ بەرسە،يۇزگە قۇرۇق چۇشۇشنى داۋالىغىلى بۇلىدۇ.

16.سېرىق پۇرچاقنى قاينىتىپ،قايناتقان سۇيىنى ئۇجلاشتىن بۇرۇن قۇل ۋە يۇزگە سۇرۇتۇپ بەرسە،يۇزگە قۇرۇق چۇشۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

17.تەرخەمەكنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلغاندا،چىراي گۇزەللىكىنى ئاسىرىغىلى بۇلىدۇ.

18.ھەر كۇنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە مەرۋايىتنى يۇزگە ئاستا سۇركەپ بەرسە،تېرىنى ئاسىراش،ھۆسىن تۇزەش،داغ،قۇرۇق يۇقىتىش رۇلىنى ئۇينايدۇ.

19.كۆك رەيھاننى سىقىپ،سۇيىگە ھەسەل ياكى قەنىت سېلىپ داۋاملىق،ئۇزاق مۇددەت ئىچسە،يۇزدىكى داغنى چۇشۇرۇپ،چىراينى نۇرلاندۇرىدۇ.

20.لىمۇننىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۇيىنى تېرىگە چاچسا،تېرە يۇزىدىكى سەپكۇن،داغ،ئاق داغ ۋە دانىخۇرەكلەرگە شىپا بۇلىدۇ.

بادام مېغىزىنى كۆيدۈرۈپ كۈلىنى قاش ۋە كىرپكىگە تارتسا تۈك بەزلىرىگە قۇۋۋەت بىرىپ قاش كىرپىكلەرنى ئوستۈرىدۇ ۋە قارايتىدۇ.
تۇللۇق پىشقان تاتلىق قۇغۇن مېغىزىنى ئىزىپ، شۇ قۇغۇنىڭ سۈيىگە تەكشى ئارلاشتۇرۇپ يەرلىك ئۇرۇنغا چاپسا تۇغۇتتىن كىيىنكى داغنى چۈشىرىدۇ. چىرايدىكى قورۇقلارنى يۇقۇتۇپ يۈز تىرىسىنى پارقىرتىدۇ ۋە سىلغايتىدۇ.
لەۋ سۇرۇختىكى ‹‹زەھەر ›› نى ئۈزۈك بىلەن تەكشۈرۈشنى بىلەمسز ؟
      كۆپىنچە خانىم – قىزلار لەۋ سۇرۇخ سېتىۋالغاندا ، ئۇنىڭ رەڭگىگىلا ئېتىبار بېرىپ ، تەركىبىدىكى قوغۇشۇن مىقدارىنىڭ ئاز – كۆپلۈكى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ ، ئەمەلىيەتتە لەۋ سۇرۇخى تەركىبىدىكى قوغۇشۇن مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى سالامەتلىكىڭىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ئەگەر ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەندە ساغلاملىقىڭىزنىڭ كۈشەندىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ .

      مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، قوغۇشۇن مەركىزي نېرۋا ۋە بۆرەك قاتارلىق مۇھىم ئورگانىزملارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىكەن . بىراق ئۇ ئالاھىدە پارقىرىتىش رولىغا ئىگە بولغاچقا ، كۆپ ھاللاردا لەۋ سۇرۇخىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىلىنىدىكەن .

      لەۋ سۇرۇختىكى قوغۇشۇن مىقدارىنىڭ ئاز – كۆپلۈكىنى ئۆلچەشنىڭ مۇنداق ئاددىي ئۇسۇلى بولۇپ ، سېتىۋالماقچى بولغان لەۋ سۇرۇخنى ئاۋۋال قولغا ئازراقلا تەگكۈزۈپ ، ئاندىن ئاق ئالتۇن ئۈزۈكنى ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قانچىنى سۈرتكەندە ، ئۈزۈككە يۇقۇشقان لەۋ سۇرۇخنىڭ رەڭگى قانچىكى قارىداپ كەتسە ، لەۋ سۇرۇخ تەركىبىدىكى قوغۇشۇننىڭ شۇنچە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن .

      ئۇنىڭدىن باشقا ، خانىم – قىزلار لەۋ سۇرۇخنى سۈرتۈپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن غىزالىنىشى ياكى ئىچىملىك ئىچىشى ، لەۋ سۇرۇخ تەركىبىدىكى قوغۇشۇننىڭ يېمەكلىك ئارقىلىق بەدەنگە قوبۇل قىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك ئىكەن .

يۈز تېرىڭىزنىڭ ئاق ھەم سۈزۈك بولۇشىنى خالامسىز ؟
      ئاياللار يۈز تېرىسىنىڭ ئاپئاق ، سۈزۈك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ، شۇڭا خانىم – قىزلار تۈرلۈك پەرداز بويۇملىرىنى ئىشلىتىپ ، يۈز تېرىسىنى ئاقارتىشقا ئۇرۇنىدۇ . ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ، تېرە زىيانغا ئۇچراپ تېرە كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇنداقتا پەرداز بۇيۇمى ئىشلەتمەيمۇ تېرىنى ئاق ھەم سۈزۈك قىلغىلى بولامدۇ ؟

تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى بىر نەچچە خىل ئاددىي ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمىز :

 كۈندە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۈزىگە تۇخۇمنىڭ ئېقىنى سۈرۈپ 20 منۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ، يۈز تېرىسى چىڭىپ سىلىقلىشىدۇ .
 كۈندە ئەتىگەندە يۈزىگە يېڭى سۈت سۈرۈپ بەرسە ، تېرىنى ئاقارتىدۇ .


 كۈندە ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا بىر ئىستاكان لىمون سۈيى ئىچىۋەتسە ، لىموننىڭ تەبىئىي ئاقارتىش رولى بولغاچقا تېرىنى ئاقارتىپ ، يۈزدىكى داغ ، سەپكۈنلەرنى سۇسلاشتۇرىدۇ ، لىمون سۈيىدە يۈز يۇيۇپ بەرسىمۇ ئوخشاش ئۈنۈم بېرىدۇ .

 ئالما ، تەرخەمەك پارچىلىرى ياكى تاۋۇز شاپىقىنى يۈزىگە سۈرتۈپ بەرسە ، تېرىنى نەملەشتۈرۈپ ، تېرىنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .

 مەرۋايىت تالقىنىدىن ھەر كۈنى 2–3 گرام ئىچىپ بەرسە ياكى مەرۋايىت تالقىنىنى گلتسېرىن بىلەن نەمدەپ يۈزگە سۈرۈپ بەرسە ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يۈز تېرىسى سىلىق ، ئاق ، سۈزۈك بولىدۇ . چۈنكى مەرۋايتتا ئاقسىلغا تەۋە كۆپ خىل ئاممىياك كىسلاتاسى ۋە ھەر خىل مىۋرو ئېلېمىنتلار بولۇپ ، تېرىنىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىنى ياخشىلاپ ، تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ . قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ ،قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

 
كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ،ئانا تىلىنى بىلمەسلىك جىنايەت!

36

تېما

0

دوست

4245

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  214
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1037
تۆھپە : 590
توردىكى ۋاقتى: 368
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-18 16:34:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام!بارلىق كونا -يېڭى تورداشلار. مەن ئالدى بىلەن باغداش تورنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! ھەممىڭلارنىڭ باغداش تورىغا باسقان قەدىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ھەمىمىز بىرلىكتە باغداش تورىنى رەڭگا رەڭ گۈللەر بىلەن تولدۇرۇپ، تېخىمۇ خۇش پۇراق تارقىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشايلى!كۈلكە -چاخچاق،بەھس -مۇنازىرىلەر ،ئىلمىي مۇھاكىمىلەرئۈزۈلمىسۇن!
كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ،ئانا تىلىنى بىلمەسلىك جىنايەت!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

18

تېما

0

دوست

3419

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 835
تۆھپە : 476
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-18 18:43:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  جۇمۇ   ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن        ....................

0

تېما

0

دوست

126

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 21:12:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلىدە ئىشلىنىدىغان مۇھىم رېتسىپلار ئىكەن ،رەخمەت ،سىناپ باقساق بوغىدەك

http://risaletmerdan.blogbus.

59

تېما

11

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81
يازما سانى: 1164
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 6206
تۆھپە : 4115
توردىكى ۋاقتى: 4276
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-20 21:19:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ، بەك پەيزى رىستىپلاركەن. باشقا قىزلارمۇئۆزىنىڭ ھۆسىن تۈزەش رىستىپلىرىنى يېزىپ قويغان بولسا ياخشى بولاتتى.

0

تېما

0

دوست

220

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   73.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  115
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 220
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-23 00:55:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ھۆسۈن تۈزەش ئۇسوللىرىكەن،بىر سىناپ باقاي.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )