قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6206|ئىنكاس: 24

(خاندولوق)گىرمانچە تەپەككۈردىن پارچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

2

دوست

2332

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18913
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 38
تۆھپە : 790
توردىكى ۋاقتى: 124
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-25 01:36:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    گىرمانىيەنىڭ سانائەت جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىشىنى گىرمان مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە خاراكتىرى ۋە مىجەزىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە قاراشلىرى ئۇلارنى مۇشۇنداق مەزموت ئورۇنغا ئىلىپ چىققان.تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدە ياشاۋاتقان بىزدەك خەلىقنىڭ تىرىشىپ،تىرمىشىپ سانائەت يۇلىغا كىرىپ كىلىشىمىز ئىنتايىن كىچىككەن بولسىمۇ،يەنىلا سۈيۈنۈشكەتىگىشلىك بىر ئەھۋال.
   سانائەت يۇلىغا قەدەم بىسىشىمىز باشلانغان ئىكەن، بۇ يولدىن ماڭىدىغانلار بىرنىڭ كەينىدىن بىرى بۇ يولنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئەلۋەتتە.«سانائىتى يوق مىللەتنىڭ،مەۋجۇتلۇق كاپالىتى بولمايدۇ»دىگەندەك بىز ئۈچۈن سانائەتلىشىش،كارخانىلىشىش ئىنتايىن مۇھىم.دىيارىمىزدا چوڭ بولسۇن ،كىچىك بولسۇن مەيدانغا كىلىۋاتقان سانائەت كارخانىلىرىدىن «بۇرتالا شەۋكەت كۆن-خۇرۇم زاۋۇتى»،«قاراشەھەر ياسىنجان يىمەكلىك چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتى» ،«مىرەن يىمەك-ئىچمەك زاۋۇتى»،«ئىھسان مايچىلىق كەسپى چەكلىك شىركىتى»....قاتارلىق سانائەت كارخانىلىرى خەلقىمىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقىدۇر.
سانائەتنىڭ بوۋىسى بولىمىش گىرمانىيەلىكلەرنىڭ سانائەت تەجىرىبىلىرىنى ،ئۇلارنىڭ تىجارەت ئىدىيىسىنى ۋە دۇنيا قاراشلىرىنى چۈشىنىشنىڭ ئۆزى بىزدىكى مۇھىم بىر ئۈگىنىش جەريانى دەپ قاراپ تۈۋەندىكى ماقالىنى تەييارلىدىم.
  گۈزەل نام قالدۇرۇش كۆزئالدىدىكى مەنپەئەتتىن مۇھىم
  گىرمان مىللىتى «يىڭىنى ياخشى كۆرۈپ،كونىدىن بىزار » بۇلىدىغان مىللەت ئەمەس،گىرمانىيەلىكلەر تارىخى بار،مەدەنىيەت ئەسلىمىسى بار  نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ.بىر نېمىس پىروفىسورنىڭ ئۆيىدە 60-يىللاردا ئىشلەپ چىقىرىلغان ياغاچ قاپلىق يۇغان رادىئۇدىن بىرسى بار بۇلۇپ،سۈپىتى ياخشى بولغاچ ،ئۇنى ھىلھەم ئىشلىتىدىكەن.جوڭگولۇق بىر يولداش ئۇنىڭدىن -«بۇ كونا رادىئونى ئىشلىتىۋىرەمسىز،يىڭىغا ئالماشتۇرمامسىز؟» دەپ سورىسا پىرۇفىسۇر ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ«ھەر قىتىم رادىئونى كۆرسەم،بالىلىقىمدا رادىئونىڭ قىشىدا يۈز بەرگەن ئىشلار كۆز ئالدىمغاكىلىدۇ،بۇ مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەتلىك» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
   گىرمانىيەلىكلەر ئىشلەپچىقارغان ماي قەلەم يەرگە 10نەچچە قىتىم چۈشۈپ كەتسىمۇ ،قەلەمنى يەنىلا ئىشلەتكىلى بۇلىدۇ.گىرمانىيەلىكلەر سالغان بىنا 120يىلغىچە مەزموت تۇرالايدۇ.
   بىر پارچە گىرمانىيە بىنالىرىغامۇناسىۋەتلىك رەسىم بۇلۇپ، رەسىمنىڭ ئىسمى «ئۆزگەرمەس گىرمانىيە»،رەسىمدە ئەكىس ئەتتۈرۈلگىنى گىرمانىيەلىكلەر سالغان قۇرۇلۇش رەسىمى بۇلۇپ،پۈتۈنلەي ئۇتتۇرا ئەسىربارۇك ئۇسلۇبى ۋە روكىك ئۇسلۇبىدىكى بىنالار. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن گىرمانىيە ئاساسەن خارابىيلىققا ئايلانغان بۇلۇپ،بۇگىرمانىيەلىكلەرنى قاتتىق ئازاپقا دۇچار قىلغان ،چۈنكى مەدەنىيەتنى ئىنتايىن سۈيىدىغان گىرمانىيەلىكلەرنىڭ يۈرىكى قاتتىق ئىچىشقان ئىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟گېرمانىيەلىكلەر قاتتىق ئىرادىگە كېلىپ ئەينى ۋاقىتتىكى لاھىيە خەرىتىسىنى تېپىپ چىقىپ بارلىق بىنالارنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتى بۇيىچە بىردىن بىردىن قايتا قۇرۇپ چىقتى. ھازىر گېرمانىيە بارسىڭىز كۆرىدىغىنىڭىز، گىرمانىيەنىڭ كۆپ ساندىكىشەھەرلىرىدە زامانىۋى بىنالار ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي باروك ۋە روكىك ئوسلۇبىدىكى بىنالاردۇر.
   گىرمانىيەدىكى خان جەمەتى تىياتىرخانىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنىپ، پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. بۇ تىياتىرخانائەينى ۋاقىتتا 200 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىنىپ ياسالغان بۇلۇپ، ۋەيران قىلىۋېتىلگەندىن كېيىن  گىرمانىيىلىكلەرنىڭ يۈرىكى ئېچىشىپ چىدىمايلا قالغان. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇرۇشتىن كېيىن گىرمانىيىلىكلەر بىر تۈركۈم ئالىم، مەدەنىيەتشۇناس، ئارخىلوگ، ئارخىتىكتور، تېخنىك قاتارلىق نەچچە يۈز ئادەمنى توپلاپ، 35 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ بۇ خارابىيلىقتىن ئەينى ۋاقىتتىكى خان جەمەتى تىياتىرخانىسىنى ئۆز ئەينى بۇيىچە قايتا قۇرۇپ چىقتى.ھازىر بۇ تىياتىرخانىنى كۆرسىڭىز ئەينى ۋاقىتتا ۋەيران قىلىۋېتىلىپ قايتا قۇرۇپ چىققان بىنا ئىكەنلىكىگە كۆزىڭىز ئىشەنمەيدۇ. بۇنىڭدىن گېرمانىيىلىكلەرنىڭ ئۆزمەدەنىيتىنى سۈيۈشتە، ھۆرمەتلەشتە شۇنچىلىك دەرىجىگە بارغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.شۇڭا، بۇ رەسىم «ئۆزگەرمەس گىرمانىيە» دەپ ئاتالغان.
    گىرمانىيەئىقتىسادى ئۆي مۈلۈك كەسپىگە تايانمايدۇ، شۇڭا بىر گىرمانىيەلىك ئارخىتىكتورنىڭ بىر قۇرلۇشقا ئېرىشمىكى ئىنتايىن تەس. ناۋادا ئۇ بىر قۇرلۇش لاھىيەلەشنى قولغاكەلتۈرسە، ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئەجىر قىلىدۇ، ئۇنى چوقۇم بىر نادىر سەنئەت ئەسىرىگەئايلاندۇرۇشقا، كىيىنكىلەرگە مىراس سۈپىتىدە قالدۇرۇشقا تېرىشىدۇ. شۇڭا، گېرمانىيەدەھەرگىزمۇ ئوخشاش ئىككى بىنانى كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇ دەل گېرمانىيلىكلەرنىڭ « گۈزەل نام قالدۇرۇش كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتتىن مۇھىم» دېگەن مىجەزىدىن كەلگەن.
  بىر ئادەم بىلەن بىرلا قېتىم سودا قىلىش
   بىرقېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا بىر چەتئەللىك مۇخبىرپېتر.فون.سېمىنىزدىن: «نىمە ئۈچۈن 80 مىلىيون نۇپۇسقا ئىگە 2300 دىن ئارتۇق دۇنياغا داڭلىك ماركا بار؟» دەپ سورىغاندا، سېمنىس شىركىتىنىڭ بۇ لىدىرى بۇنىڭغاجاۋاب بېرىپ: «بۇنىڭدىكى سەۋەب بىز گىرمانىيىلىكلەرنىڭ خىزمەت پۇزىتسىيمىزدە،شۇنداقلا بىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەر بىر ئۇششاق ھالقىسىغا قاتتىق ئەھمىيەت بەرگەنلىكىمىزدە، گىرمانىيە كارخانا خىزمەتچىلىرى ئەڭ ئېسىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئەڭ ئەلا سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت مەجبۇرىيتىنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان.» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
    گېرمانىيەدەبىرمۇ كارخانا بىر كىچىدە بېيىغان ئەمەس، شۇنداقلا، تېز سۈرئەتتە داڭ چىقارغانمۇئەمەس. ئۇلارنىڭ قىلدىغىنى مەلۇم ساھەگە ۋە مەلۇم مەھسۇلاتقا زېھنىنى مەركەزلەشتۈردىغان «كىچىك شىركەت»،«ئاستا شىركەت» بۇلۇش بۇلۇپ ئىنتايىن ئاز ساندا«ناچار شىركەت» چىقسا چىقىدۇكى ھەرگىزمۇ «يالغان شىركەت» چىقمايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بۇلۇپ مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە ۋەقىممىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغان دۇنياغا داڭلىق شىركەتلەردۇر. ئولارنىڭ دۇنيادا «يۇشۇرۇن چىمپىيون» دىگەن نامى بار.
    گىرمانىيەمەھسۇلاتلىرى باھا ئۇرۇشى قىلمايدۇ، ئوخشاش مەھسۇلات بىلەن رىقابەتلەشمەيدۇ.سەۋەبى، بىرىنچىسى- كەسىپ ساھەسى قوغدىلىدۇ. ئىككىنچىسى -گىرمانىيىلىكلەرنىڭ قارىشىچە :باھا ھەممىنى بەلگىلىمەيدۇ، باھا ئۇرۇشى پۈتكۈل ساھەنى تۇيۇق يولغائەكىرىپ قۇيىدۇ.گىرمانىيە كارخانىلىرى پايدا قوغلىشىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاساسىي پايدىغا كاپالەت بولسىلا بۇلىدۇدەپ قارايدۇ.گىرمانىيىلىكلەر ئاچكۆز ئەمەس بۇلۇپ نۇمۇسسىزلارچە پايدا قوغلاشمايدۇ،ئۇلارنىڭ ئويلايدىغىنى تېخىمۇ يىراق كەلگۈسى ۋە سىجىل تەرەققىيات مەسىلىسى.
    بېرلىندىكى بىر قازان زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان قازاننىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرى 100 يىلدىن ئارتۇق.بىز ئادەتتە ئويلايمىز- «قازاننىڭ ئۆمرى يۈز يىل بولسا، بىر ئادەمگە بىر قازان ساتقاندا  بىر خېرىدار يوقىلىدۇ، چۈنكى ئۇئائىلىدىكىلەر يەنە قازان ئالغىلى كەلمەيدۇ، ياپونىيلىكلەر ئىشلەپچىقارغان قازاننىڭ ئۆمرى 20 يىل، ھەر بىر خېرىدار 20 يىلدا بىر قازان ئالىدۇ، پايدا جىقراق بۇلىدۇ.» بىراق گىرمانىيىلىكلەر ئۇنداق ئويلىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئويلايدىغىنى «بىزنىڭ قازىنىمىزنى سېتىۋالغان خېرىدارنىڭ 2-قېتىم قازان سېتىۋېلىشى ھاجەتسىز، بۇنىڭدابىزنىڭ ياخشى نامىمىز چىقىدۇ، تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلارنى چاقىرىپ كېلىدۇ.» دەپ ئويلايدۇ.
   ماھىيەتكە چوڭقۇر چۈكۈپ،يىراقنى كۆزلەش
    ھازىرقى گىرمانىيەدە بىرلىن،ھامبورگ ۋە فىرانك فورىتتىن ئىبارەت ئۈچلا چوڭ شەھەر باربۇلۇپ،خەلىقئارالاشقان شەھەرلەر دەپ نامى بار.باشقا شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسى كىچىك شەھەرلەر بۇلۇپ،مۇتلەق كۆپ قىسىم گىرمانىيەلىكلەر مۇشۇ 50مىڭ،100مىڭ،150مىڭ،200مىڭ نۇپوسقا ئىگە كىچىك شەھەرلەردە ياشايدۇ.ھەتتا 500مىڭ نوپوسقا ئىگە شەھەرنىمۇگىرمانىيەلىكلەر بەك چوڭ دەپ قارايدۇ.گىرمانىيە شەھەرلىرىنىڭ مۇنداق بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار ،ئۇ بولسىمۇ شەھەردىكى ئەڭ ئىگىز نەرسە چىركاۋنىڭ مۇنارىدۇر،ھەر قانداق بىرئىمارەتنىڭ ئۇنىڭدىن ئىگىز بۇلىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ.
گىرمانىيەلىكلەرنىڭ ۋاقىتقا ئاڭلىق رىئايە قىلىشمىنى مۇشۇ نۇقتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.ئۇلارنىڭ قارىشىچە شەھەر كىچىك بولسا ۋاقىتقا رىئايە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ.شۇڭا شەھەر لاھىيەلىگەندە چۇقۇم كىچىك لاھىيەلەش كېرەك. قاتناش قىستاڭچىلىقىنى ھەل قىلىشنىڭ ئىككى مۇھىم شەرتى بار : بىرى-ھەرقانداق بىنائىگىزلىكى بەش قەۋەتتىن ئاشماسلىقى كېرەك،گىرمانىيەدە بەش قەۋەتتىن يۇقىرى بىنا سالماقچى بولسا چۇقۇم پارلامىنىت بىلەت تاشلاپ قارار قىلىش كېرەك؛ئىككنىچى بىر شەرتى –ھەرقانداق بىر شەھەرنىڭ يىرىم نىسبىتى يول بۇلىشى كېرەك. مۇشۇ ئىككى شەرىتنى ھازىرلىغانداشەھەردە قاتناش قىستاڭچىلىقى كۆرۈلمەيدۇ.



uyghuray

0

تېما

0

دوست

8473

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   69.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8426
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 741
تۆھپە : 2158
توردىكى ۋاقتى: 429
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-25 02:22:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ گىرمانلارنىڭ مىجەزى ماڭا ئوخشاپ قالدىكەن جۇما ..مەنمۇ بەك ئاچكۆز ئەمەسئئ

3

تېما

1

دوست

1940

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7407
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 218
تۆھپە : 482
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-25 02:53:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىرمانلارنى يۇقىرىدىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئالغاندا بىزگە نىسبەتەن ناتونۇش قالغان دىسەك بولغۇدەك دەپ ئويلاپقالدىم.بۇلار تۇغما لاھىيەلىگۈچى مىللەت بولسا كىرەك. ھەربىر گىرمانىيەلىك لاھىيەلەشتىن خالى ياشىمىسا كىرەك دەپمۇ ئويلاپ قالدىم.بۇلار ئۈچۈن تەرەققىياتنىڭ چىكى يوقكەن.مەسىلەن چاق دەيلى. ئاپتوموبىلنىڭ چاقى يۇمىلاق بولىدۇ ئىچىگە يەل تولدۇرىلىدۇ. يەنە تەرەققى قىلسا قانچىلىك تەرەققى قىلىشى مۇمكىن؟ بۇنى تەسەۋۋۇر قىپباقماپتىكەنمەن يىقىندا گىرمانىيەنىڭ بىر شىركىتى لاھىيەلىگەن ئاپتوموبىل بالونلىرىنىڭ ئۇقۇم لاھىيەسىنى كۆرۈپ ئاغزىمنى ئىچىپلا قالدىم.ئۇلار بالوننى ئوخشىمىغان مۇھىتتا ئوخشىمىغان شەكىلگە ياكى ھالەتكە كىرىدىغان ئەقلى ئىقتىدارلىق قىلىپ لاھىيەلىۋىتىپتۇ. بۇلارنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرى يەنىلا دۇنيا بويىچە بىرىنچى. مەن بۇلارنىڭ ئىلىكتىرونلۇق ساقال ئىلىش ماشىنىسىنى ئىشلىتىۋاتقىلى بىريىلدىن ئاشتى. كىچىككىنە ساقال ئالغۇچنىڭ ئەقلىمنى لال قىلغۇدەك تەرەپلىرىنى بايقىغان چىغىمدا خەجلىگەن پۇلۇمغا رازى بوپكەتكەنتىم.

0

تېما

1

دوست

859

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   71.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20312
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 262
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-25 06:36:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
caliskan يوللىغان ۋاقتى  2015-7-25 02:53
گىرمانلارنى يۇقىرىدىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئالغان ...

قانداق ساقال ئېلىش ماشنىسى  ؟  ماركىسى  ، باھاسى ، تىپى قەيەردىن ئالغانلىقىڭىزنى دەۋەتمەمسىز . مەنمۇ بىرنى ئالاي دىگەن ، سەل سۈپەتلىك ياخشىراقىنى ئالاي دەپ ئويلاشقانتىم
uyghuray

0

تېما

7

دوست

3169

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33796
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 964
توردىكى ۋاقتى: 247
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-25 10:08:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن گىرمانلارنى ھەققتەن ياقتۇرمەن،،،،،بۇلارنىڭ مەسۋلاتلىرى بەك ئىسل جۇمۇ.....

0

تېما

0

دوست

2863

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30581
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 904
توردىكى ۋاقتى: 198
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-25 10:30:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Microsoft يوللىغان ۋاقتى  2015-7-25 06:36
قانداق ساقال ئېلىش ماشنىسى  ؟  ماركىسى  ، باھاسى ، تىپى ...

مەن دۆلىتىمىز ياسىغان ساقال ئىلىش  ماشىنىسىدىن بىرنى ئالغان .مىنى كوسا قىپ قويامدىكىن  دەپ قورقىمەن ،تولا يۇلىۋالىدۇ ساقىلىمنى ..قايسى ماركا نەچچە پۇلغا ئالغان بۇ  گىرمانىيەنىڭ ماشىنىسىنى بۇرادەر .

6

تېما

0

دوست

2739

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8691
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 206
تۆھپە : 725
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-25 14:57:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازما ئارقىلىق گىرمانلارنىڭ سانائەتلىشىش يولى بىلەن بىزنى سېلىشتۇرغاندا پەرىق ھەققەتەن زور پەرىق بارلىقىنى ھىس قىلدىم.  بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى .چۈنكى يىلتىزدىن سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك جوڭگوغا ھۆكۈمران  ئىدىيەنىڭ ئەسلى مەنبەسى گېرمانيە بۇلۇپ  ماركىسنىڭ ئۆزى گىرمانىيلىك يەھۇدى ئىدى...........

0

تېما

29

دوست

2813

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34230
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 864
توردىكى ۋاقتى: 179
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-26 01:00:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
caliskan يوللىغان ۋاقتى  2015-7-25 02:53
گىرمانلارنى يۇقىرىدىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئالغان ...

ما ساقال ئالغۇچىڭىزغا قىززىقىپ قېلىۋاتىمەن.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )