قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1667|ئىنكاس: 5

شۆھرەت ئويۇنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

977

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   95.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31959
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 294
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-27 13:07:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەشۋىقاتىغا قارىساڭ شۇ گەپ، ئەگە تونۇلمىساڭ ياشىغاننىڭ پايدىسى يوق. قىلىۋاتقان ئىشىڭ مۇھىم ئەمەس،تونۇلۇش مۇھىم. ئاتالمىغان ئەردىن ئاتالغان دۆڭ ياخشى، مۇشۇ ئىدىيە ھەممىنى بەربات قىلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە قىلىۋاتقان ئىشىمىز ۋە بۇ ئىشتىن ھۇزۇر ئېلىشىمىز مۇھىم ئىدى، تونۇلمساق-تونۇلمىساق كارىيىتى چاغلىق ئىدى. قولىمىزدىن ئىش چىقىشى ۋە بۇ ئىشنى ياخشى كۆرۈپ قىلىشىمىزكېرەك ئىدى.
   مەسىلىگە توغرا قاراش كېرەك، ئەگەر بىر ئىشنى ياخشى كۆرسەڭ تىرىشقىن، داڭ چىقىرىشقا كۈچەپ كەتمە. ئەگەر داڭقىڭ چىققان بولسا نازلانماي قوبۇل قىل. ئەگەر داڭقىڭ چىقمىغان بولسا بۇنى ئويلىما. قىلىۋاتقان ئىشىڭدىنلا رازى بول. ئەگەر ھەممە ئادەم ئۆز ئىشىنى ياخشى كۆرۈشنى بىلسە، نېمە ئىش قىلىۋاتقان بولسۇن تونۇلۇش خىيالىدا بولماي، ئىشىنى ئوبدان قىلىپ ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلسە،دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل بولغان بولاتتى.
   ھازىرقى ئەھۋالدا، دۇنيا سېنى بىر ناچار ئادەتنىڭ قاپقىنىغا چۈشۈردى. قىلىۋاتقان ئىىشڭنى ياخشى كۆرگىنىڭ ھەم ئوبدان قىلغىنىڭ ئۈچۈن ئەمەس، باشقىلار بىلسۇن، مۇكاپاتلار كەلسۇن، شان-شۆھرەتلەر ياغسۇن دەپ قىلىدىغان بولدۇڭ. نوبېل مۇكاپاتى مىڭلىغان، مىليونلىغان ئالىملاردىن بىر نەچچىسىگە نېسىپ بولىدۇ، بىراق بۇنداق مۇكاپاتلار كىشىلەردە مەشھۇرسىراش كېسىلى پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن، خاتىرجەملىك،جىمجىتلىق، ھۇزۇر ئىچىدە ئىش قىلالماسلىق ۋەزىيىتى شەكىللەندى. ھەممە ئادەمگەمۇكاپات بېرىپ خوش قىلىش مۇمكىن ئەمەس. شان-شۆھرەت تەمەسى ئىشنىڭ ئۆزىدىكى تىرىشچانلىق ۋە ئىجادكارلىقنى يوققىلىپ، نۇرغۇن ئادەمنى كېرەكسىز مەخلۇققا ئايلاندۇردى. ھاياتلىق كىچىك، ئۇششاق ئىشلاردىن تەركىپ تاپىدۇ، ئەمما بۇ كىچىك ئىشلار ئۈچۈن شان-شەرەپ، مۇكاپات ياكى پەخرىي دوكتورلۇق بېرىلمەيدۇ.
    ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئەڭ مەشھۇر شائىرلىرىدىن رابىندارت تاگور ھىندىستاننىڭ بېنگال رايونىدا ياشايتتى. شېئىرلىرىنى، رومانلىرىنى بېنگال تىلىدا نەشر قىلدۇردى، لېكىن ھېكىم ئۇنىڭغا دىققەت قىلمىدى. كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ"گىتانجالى" (ھەدىيەلىك ناخشىلار) ناملىق كىچىك كىتابىنى ئىنگىلىزچىغاتەرجىمە قىلدى. بۇ تەرجىمىسىنىڭ ئەسلى ئەسەردىكى گۈزەللىكنى تولۇق ئىپادىلىيەلمىگەنلىكى ھەم ئىپادىلىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. چۈنكى بېنگال تىلى بىلەن ئىنگىلىزچىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرى ئوخشىمايتتى. بېنگال تىلى ئىككى ئادەم تىللاشسىمۇ چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان شېرىن سۇخەن تىل ئىدى، ھەر بىر سۆزنىڭ رېتىمى ۋەئاھاڭدارلىقى بار ئىدى، ئىنگىلىزچىدە بۇنداق ئالاھىدىلىك يوق ئىدى ھەم ئۇنىڭغابېنگالچىنىڭ گۈزەللىكىنى تاڭغىلى بولمايتتى. شۇنداق بولسىمۇ، تاگور بۇ ئەسىرىنى مۇۋاپپەقىيەتلىك تەرجىمە قىلدى، تەرجىمىسى ئەسلىدىكىدەك گۈزەل بولمىسىمۇ، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھىندىستان ئۇنى تونۇدى، ئەسەرلىرى مەشھۇر بولدى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بېنگال تىلى ۋە ھىندى تىللىرىدا نەشرقىلىنغىلى خېلى  ئۇزاق بولغان بولسىمۇ،كىتابخانىلاردا توپا بېسىپ تۇرغانىدى، ھېچكىم بايقىمىغانىدى. ئۇنىۋېرسىتېتلەرئۇنىڭغا پەخرىي دوكتورلۇق بەرمەكچى بولۇشتى. تاگور تۇرۇۋاتقان شەھەر كالكوتتادىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئۇنىڭغا تۇنجى بولۇپ پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى بەردى، تاگور بۇنى رەت قىلىپ: ”سىلەر بۇ ئۇنۋاننى ماڭا ياكى ئەسەرلىرىمگە ئەمەس، نوبېل مۇكاپاتىغابەردىڭلار. چۈنكى كىتابىم، ئۆزىنىڭ ئەسلى تىلىدا يىللاردىن بۇيان بېسىلىپ ياتتى،ھېچكىم ئوقۇمىدى، ھېچكىم بىر نېمەدېمىدى، بىرەر پارچە ئوبزۇرمۇ يازمىدى“ دېدى.
   شۇنداق قىلىپ ئۇ پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىنىڭ ھېچقايسىسىنى قوبۇل قىلمىدى ۋە بۇنى ئۆزىگە قىلىنغان ھاقارەت دېدى.مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىنىڭ پېشىۋاسى، ئىنسانلار پىسخىكىسىنى چوڭقۇر قازغان مەشھۇر يازغۇچى جېئان پاۋل سارترې نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى رەت قىلىپ: ”مەن ئەسەرلىرىمنى يېزىۋاتقان چاغدىلا يېتەرلىك مۇكاپات ئالدىم. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ماڭا قىلچە پايدىسى يوق، ئەكسىچە مېنىڭ قەدىر-قىممىتىمنى چۈشۈرىدۇ. بۇ مۇكاپات تونۇلۇش سەۋداسىغاچۈشكەن ھەۋەسكارلار ئۈچۈن ئامەتتۇر. مەن قېرىپ قالدىم، قانغۇدەك ياشىدىم. قىلغان ئىشىمنى ياخشى كۆرۈپ قىلدىم، ئەنە شۇ ئەڭ چوڭ مۇكاپاتتۇر، بۇ مۇكاپاتتىنمۇ ئېسىل مۇكاپات يوق“ دېگەن.  
ئۇ توغرائېيتقانىدى. ئەمما ھۇشيار، ئەقىللىق، ھەقنى سۆزلەيدىغان ئىنسانلار بۇ دۇنيادابەكلا ئاز. دۇنياغا ئالدانغان، دۇنيا توزاقلىرىغا چۈشكەن ئىنسانلار تولىمۇ كۆپ.
نېمىشقاتونۇلسام، مەشھۇر بولسام دەيسەن؟ تونۇلىمەن دېيىشتىن ئاۋۋال قىلىۋاتقان ئىشىڭنى بىر ئويلاپ باق، ئەگەر قىلىۋاتقان ئىشىڭنى ياخشى كۆرمىسەڭ، بۇنداق تەمەدە بولساڭ بولىدۇ. نام قازىنىش ئۈچۈن بىر ئىشنى ياخشى كۆرمىسەڭمۇ چىداپ تۇرۇپ قىلىشىڭ مۇمكىن. لېكىن بۇنىڭدا جان قىينايسەن، بۇنىڭدىن كۆرە كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، ئۆزەڭنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشىڭنى قىلغىنىڭ تۈزۈك. ئەگەر كەسپىڭنى ياخشى كۆرسەڭ، تونۇلىمەن دەپ ئاۋارە بولما. چۈنكى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئۆزى بىر ھەدىيە، شۇ ئىشنى ھۇزۇرلىنىپ، زوق-شوخ بىلەن قىلىشىڭنىڭ ئۆزى مۇكاپات.
   شۇقائىدىنى ئۆگىنىپ قوي: نېمە كەسىپ قىلغىڭ كەلسە شۇنى قىل، ياخشى كۆرىدىغان ئىشلىرىڭنى قىل، ئەمما نام چىقىرىمەن دېمە. بۇ بىر تىلەمچىلىكتۇر. ئۆزەڭنى تونۇتۇپ نېمە قىلىسەن؟ نېمىشقا ئۆزەڭنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن جاپا چېكىسەن؟ ئىچىڭنى ئوبدان تىڭشا، بەلكىم قىلىۋاتقان ئىشىڭنى ياخشى كۆرمەيدىغانسەن، بەلكى خاتا يولغاكىرىپ قېلىشتىن قورقىدىغانسەن، بەلكى خاتا يولدا بولساڭمۇ باشقىلار قوبۇل قىلسائۆزەڭنى توغرا يولدا دەپ ھېس قىلىدىغانسەن، بەلكى مەشھۇر بولسام كېيىنكى يوللىرىم داغدام بولىدۇ دەپ ئويلايدىغانسەن...
    تۇيغۇ-ئىستەكلىرىڭ، ۋەسۋەسىلىرىڭ بارلىق مەسىلىنىڭ نېگىزىدۇر، ئۇنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسى يوقتۇر. نېمىشقا باشقىلارغا باغلىنىپ قالىسەن؟ تونۇلۇش، ئېتىراپ قىلىنىش باشقىلارغا باغلىنىپ قېلىش دېمەكتۇر. باشقىلارئېتىراپ قىلسا ئاندىن ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان، باشقىلار تونۇسا ئاندىن ياشىغاندەك بولدۇم دەيدىغان، باشقىلار مۇكاپاتلىسا ئاندىن ئۆز قەدرىنى ھېسقىلىدىغان كىشىلەر شۆھرەت دىۋانىلىرىدۇر.  
   شۆھرەت ئىزدىمە، خالىسا ئۇ ئۆزى كەلسۇن. نېسىپ بولغان شۆھرەتنى قوغدايمەن دەپمۇ ئاۋارەبولما، سەن ئۆزەڭ دۇرۇس بولساڭ، ئۇ ئۆزى قوغدىلىدۇ. سەن ئۆزەڭگە چىڭ بولساڭ،ئۇ  ئۆزلۈكىدىن ساقلىنىدۇ. شۆھرەتنى كەلگەن جايىغا قايتۇرۇپ ھۆرمەتنى ئېلىپ قال.  شۇنداق قىلساڭ ئۆزەڭ بولالايسەن. ئەركىنلىك ئىچىدە ياشايدىغان، ئۆز يولىدا ماڭالايدىغان،ئۆز مەۋقەسىدە چىڭ تۇرالايدىغان، ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىدىن ئوزۇق ئالالايدىغان ئادەم يىلتىزى  ساغلام ئادەمدۇر. بۇنداق ئادەم ھامان كۆكلەپ ياشنىيالايدۇ.
بۇجەمئىيەتنىڭ مەشھۇر ئادەملىرى، ئابرۇيلۇق ئادەملىرى چىرايلىق ئەخلەت تۇڭىدىن باشقانەرسە ئەمەس، كىشىلەر ئۇنىڭغا يارايدىغان نەرسىلەرنىمۇ، كېرەكسىز نەرسىلەرنىمۇ تاشلاۋېرىدۇ، ئاخىردا ئۇنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ئۇلارغا مۇكاپات بېرىدۇ.
    ئۆزىنى بىلىدىغان ئادەم ياخشى كۆرىدىغان ئىشىنى ئۆزلۈكىدىن قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ قانداق ئويلىشى بىلەن كارى بولمايدۇ. قىلىۋاتقان ئىشىڭ قانچە كاتتا بولسا، ھۆرمەت تېپىش ئېھتىمالىڭ شۇنچە ئاز بولىدۇ. ئەگەر داھىيلارچە ئىش قىلىۋاتقان بولساڭ، ھۆرمەت تېپىش تۈگۈل، ئۆمۈر بويى تىل-ھاقارەت ئاڭلايسەن. ئىككى-ئۈچ يۈز يىلدىن كېيىنكىشىلەر ھەيكىلىڭنى تىكلەيدۇ، ئەسەرلىرىڭنى ماختايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ سەندەك داھىنىڭ پاراسىتىنى چۈشىنىشىگە تېخى ۋاقىت كېرەك. (ئۇلار سەندىن ئۈچ يۈز ياش كىچىك...)
    ئەخمەقلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىمەن دېسەڭ، ئۇلارنىڭ قاراشلىرى ۋە سەندىن كۈتىدىغانلىرىغا مۇناسىپ ئىش قىلىشىڭ كېرەك. كېسەلمەنلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك كېسەل بولۇشۇڭ كېرەك. شۇ چاغدا ئاندىن سېنى ھۆرمەتلەيدۇ. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن نېمىگە ئېرىشىسەن؟ ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيسەن. ئەكسىچە، ئۆزەڭنى يوقىتىسەن.
uyghuray
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

13

دوست

774

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   54.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36543
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 222
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-27 13:56:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   salamdekabir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-27 14:02  

ئاق كېسەل توغرىسىدىكى ئ‍ىنكاسمۇ ماسلىشىپ قاپتۇ . كېرەك يوق . چۈنكى بۇمۇ كېسەل توغرىسىدىكى ماقالا ئ‍ىكەن
تاگور بىلەن سارتىرى شەرق بىلەن غەرپنىڭ ئ‍ەركەك شىرلىرىدىن. بولۇپمۇ ئ‍ۆزىنىڭ كۆزى ۋە قۇلىقى يوق 3-دۇنيا مىللەتلىرى ئ‍ارىسىدا ياشىغان تاگورنىڭ روھىي قۇۋۋىتى چەكسىزدۇر. ئ‍ۇنىڭدىكى ئ‍ەشۇ قۇۋۋەت، مىليارت مىللىتىنىڭ قاراشلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلىيالىغان . ئ‍ۇ تەنھا تاگور ئ‍ۈچۈن خىزمەت قىلالىغان.  مانا بۇ خىزمەتنىڭ خاتىمىسى تاگور ۋە شەرق دىگەن ماركىنى ياراتقان .
ئ‍ۇنداقتا بىزگە ئ‍وخشاش 3-دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ پاسىلىدىن بويلاۋاتقانلار ئ‍ىچىدە تاگور بامۇ ؟!

ئ‍ەلۋەتتە بار. ئ‍ىنشائاللاھ ! چوقۇم بار . ئ‍ۇلاردا سەبرى بار. ئ‍ۇلاردا مىليونلىغان چاۋاكنى مەنسىتمەيدىغان غالىپ يۈرەك چوقۇم بار.

رەخمەت سىزگە (تولۇق مىننەتدار بولغان چىراي ئ‍ىپادىسى)
ئ‍ۈندىداردا ھەمبەھىرلىدىم

6

تېما

6

دوست

1344

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   34.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22383
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 424
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-26

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-7-27 14:33:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  شۆھرەت ئىزدىمە، خالىسا ئۇ ئۆزى كەلسۇن. نېسىپ بولغان شۆھرەتنى قوغدايمەن دەپمۇ ئاۋارەبولما، سەن ئۆزەڭ دۇرۇس بولساڭ، ئۇ ئۆزى قوغدىلىدۇ. سەن ئۆزەڭگە چىڭ بولساڭ،ئۇ  ئۆزلۈكىدىن ساقلىنىدۇ. شۆھرەتنى كەلگەن جايىغا قايتۇرۇپ ھۆرمەتنى ئېلىپ قال.  شۇنداق قىلساڭ ئۆزەڭ بولالايسەن. ئەركىنلىك ئىچىدە ياشايدىغان، ئۆز يولىدا ماڭالايدىغان،ئۆز مەۋقەسىدە چىڭ تۇرالايدىغان، ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىدىن ئوزۇق ئالالايدىغان ئادەم يىلتىزى  ساغلام ئادەمدۇر. بۇنداق ئادەم ھامان كۆكلەپ ياشنىيالايدۇ.
....................
رەخمەت سىزگە!
uyghuray

1

تېما

2

دوست

5798

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   15.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12157
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 236
تۆھپە : 1686
توردىكى ۋاقتى: 321
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-27 19:13:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izqel تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-27 19:15  

راسىت گەپنى قىلغاندا مەنمۇ بىر ئادەتتىكى بىر ئادەم،بىراق نامىم چىقىشنى ئارزۇلايدىكەنمەن،ئەمما مۇۋاپپىق كۈچىمەيدىكەنمەن.يەنى نامىم چىقسۇن دەپ باشقىلارغا ئۇنچە كۈچىمەيدىكەنمەن.شۇنىڭغا قارىغاندا نامىم چىقسۇن دەپ ئويلىشىم تاشقى دۇنيانىڭ تەسىردىن،يەنى تەشۋىقاتتىن  بولسا،ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ ئىشىمنى ياخشى قىلايچۇ ،خەقنىڭ ئىشىغا ئارلاشماي،ئىتىقادىم ۋە كىملىكىمدىن تانماي ياخشى ياشاي دىيىشىم بۇ مەندىكى قاننىڭ ،يەنى ئەجدادىمىزنىڭ  قىنىمىزغا سېڭدۈرگەن ئەخلاقىدىن ئىكەن.شۇنىڭدىن مەلۇمكى،مەندىكى بۇ ئىككى خىل ئىديە بىر بىرى بىلەن پات پاتلا پۇت تىپىشىپ قۇيىدىكەن...شۇنداق بولغاندا ئۆمۈرىمىزنىڭ ئاخىرغىچە ھامان ئۇيغۇر بولۇپ ياشايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يېتىدۇ،يەنى كىچىك پىئىل،چىقىشقاق،ئادەم خالايدىغان ئۇيغۇر بولالىشىمغا ئىشىنىمەن...قانداقتۇر نام شۆھرەتكە ئادەم ھەۋەس قىلىدۇ.بىراق بۇ بىر ئۇيۇنكەن بىلسەم.ئادەمنى تۈگەشتۈردىكەن بۇ قۇرۇق نام ئاتاق.ھەممىسىلا ئەمەس،چوڭ بىلىمنى ئىگىلەپ دۇنيا ئۈچۈن تۆھپە قۇشىۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن بۇ نام ئاتاقلار ئەرزىيدۇ،چۈنكى ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر ياخشى ئىشنى قىلىسا ئەلۋەتتە تۇنىمايدىغانلارمۇ :ۋۇي،ئەجقپ نۇچى ئىش قىپتا بۇ ئادەم، دەپ ئىتىراپ قىلىدۇ،نام بېرىدۇ ھەم قۇتلۇقلايدۇ.ئەمما ئەل خەلىق ئەمەس،مۇشۇ تۇنىييدىغانلار ئارسىدىلا يۈرگۈزۈلدىغان ماختاش خارەكتېرلىق نام ئاتاق ئادەمنى كاردىن چىقىردۇ.

1

تېما

0

دوست

1920

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36006
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 594
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-27 20:48:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلار :
قانداق قىلساق ئاسانلىقچە ئېغىپ كەتمەيدىغان ،مۇستەقىل خاراكتىر يىتىلدۈرگىلى بۇلىدۇ؟
بولسا تەجرىبەڭلارنى دەپ بەرسەڭلار؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )