- تىزىملاتقان
- 2015-6-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 941
- نادىر
- 0
- يازما
- 24
ئۆسۈش
88.2%
|
دۇنيا كىشلىرگە ھەيرانمەن.شۇنچىكى غەمسىز ياشاۋاتقاندەك ،پەقەت ئۆزى بىلەن كەتسە بولىدىغاندەك كۆرنىدۇ. بەزىدە تاتلىققىنە كۈلۈمسىرەپ قويمەن،بۇ كۈلۈمسىرشىمنىڭ ئىچىدە ئاجايىپ بىر ئاچچىق ئەلەم تىپىرلەپ يۈردۇ. باشقىلار بۇ ئاچچىق ئەلەمنى بىلدىغاندەك،ياق ئۇلار بۇ ئەلەمنى تەستە بىلدۇ. پۈتۈن مال-دۇنيادىن،جان-جەھلىدىن ئايرىلغاندا بىلىدۇ.
بۇ ئاچچىق زادي نىمە؟ كىم بۇ ئاچچىق ئەلەمنى چۈشىندۇ ھەم چۈشەندۈرەلەيدۇ؟بۇ ئاچچىق ئەلەم بىزدىكى ئۆزىنى يوقۇتۇش،نىمىدۇر بىر نەرسىلەرگە قارىغۇلارچە ئەگىشىپ مىڭىش. ئۆزنىڭ قايسى يولدا مىڭىشىنى بىلمەي پۇلغا ، كاللىسقا ئەگىشىپ مىڭىش بولدى.ئەركەكلىمىز ئەركەكتىكى مەسئۇليەتنى ئۇنۇتتى،ئاياللىرمىز ئاياللىق بۇرچىنى يەنە كىلىپ ئەڭ ئۇلۇغ ئانىلىق بۇرچىنى ئۇنۇتتى. ئىغىزلاردا ئەركەك دەپ جار سالدۇقيۇ،ئەمىلىيەتتە ئاياللارچىلىك بولالمىدۇق. دۇنيا بىلىملىك ئايالغا مۇھتاج دەپ چۇقان سالدۇقيۇ،يەنە ساددىللىق بىلەن دۇنيا ئويۇنلىرىغا مەركەزلەشتۇق.
ئوقۇ دىگەن ،ئوقۇش بىزگە پەرىز قىلىنغان،لىكىن نىمىنى ئوقۇدۇق. ئەركەك ياشلىرىمىزنى ئوقۇڭلار دىسە ئويۇنلارغا بىرىلىپ جەمىيەتتە تاشلاندۇقلارغا ئايلىنىشقا باشلىدى. قىزلار ئوقۇسا بولمايدۇ دەپ پەتىۋا چىقاردۇق،ئوقۇش ئوغۇللارغا پەرىز قىلىنغاندەك. جەمىيەتنى ئۆزىمىز بۇزۇپ ئۆزىمىز جەمىيەتتىن ئاغىرىندۇق،بۇ ئاغرىنىش بۇزگە نىمىدىن دىرەك بىردۇ؟يۈرەكلەردىن ياشلار ئاقتى، ئەجداتلارنىڭ كۆزلىردىن تاراملاپ ئىقىشقا باشلىدى. تۈنۈگۈن ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ كۆزلىردە ياش ئىدى، مانا بۈگۈن مىنىڭمۇ كۆزۈمدە لىققىنە ياش.
مەن بىلەرمەن بولۇپ يىغلاپ كۆزۈمدە ياش ئەمەس،يۈرەكنىڭ تەكلىردىن زىمىننىڭ ئاستىغا قاراپ تولغان ياش. زامانغا بىرلىپ ماكاننى ئونۇتقان كىشلەرگە قاراپ ياش ئاقتى. بۈگۈنىلا كۆرەلىدۇق،ئەتىنى تامامەن ئونۇتتۇق. بۈگۈن بىزگە شۇنچىكى قەدىرلىك تۇيلۇپ كەتتى. ھەي…ھەي…
مەسئۇليەتسىز ئەردىن قانداقمۇياخشى ئوغۇل چىقىدۇ، بىلىمسىز ئانىدىن قانداقمۇ ئالىم بالا يىتىشىپ چىقىدۇ. ئونۇتما ئەي ئىنسان سىنىڭ قەرزىڭ شۇنچىكى كۆپ . ئۆيۈڭگە گىلەم سالغۇچە ،قەلىب تۆرۈڭگە بىلىمدىن ئاق ۋاراقلار سال. ئىگىز بىنالارغا كۆچۈشتىن بۇرۇن قەددىڭنى رۇسلاپ ئىگىز بىنالارغا گىدەيگىدەك بول. مەن دەيمەن،سەن ئاڭلايسەن. ئاتالار دەيدۇ ،پەرزەت ئاڭلايدۇ.
مۇھەببەت ئۆز بەختىنىڭ دىۋانلار كوچىسىغا كىرىپ كىتىشتىن بۇرۇن،مۇھەببەتنىڭ قولىدىن چىڭ تۇتىۋال. ئەر ئەردىكى مەسئۇليەتنى،ئايال ئانلىق بۇرچىنى ئۇنۇتمىسۇن…
پۇل دەپ ياشما،قۇشقاچ جىنىدا دان دەپ سايرىمايدۇ.
بىلىف يازمىسى |
|