قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2954|ئىنكاس: 37

گۈلەن:سۇدىن ئۆگەندۇق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

31

تېما

40

دوست

2922

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33614
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 67
تۆھپە : 920
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2015-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-29 11:52:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«قىزىمنىڭ ئامېرىكىسى» نىڭ داۋامى
ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلەن


   مەسئۇدە ۋەتەندىكى چاغلىرىدا سۇدىن قورقاتتى. نېمە ئۈچۈنكىن ھەر قېتىم يۇيۇندۇرغاندا بېشىغا سۇ قۇيغۇزماي يىغلايتتى. ئائىلىمىز ئامېرىكىدا جەم بولغان دەسلەپكى چاغلاردا بۇ يەرنىڭ ئادىتى بويىچە كۈندە يۇيۇنۇش قىزىمغا بەك زۇلۇم بولغانىدى. ئەمما يەسلىگە بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەي  ۋاننىدىن چىقماس بولۇپ كەتتى. ياز ئايلىرىنىڭ بىرىدە بىر دوستۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن شەھرىمىزگە مەشھۇر كېلىنتون كۆلىگە سەيلىگە چىقتۇق. ئىسمى كۆل دېيىلگەن بىلەن قارشى قىرغاققا كۆز يەتمەس بۇ جاي كىشىگە دېڭىزنى ئەسلىتەتتى. قىزىم يىراقتىن ساھىل كۆرۈنىشى بىلەنلا ئولتۇرالماي قالدى. تاس قالدى ماشىنىدىن ئۈزۈش كىيىمى كىيمەيلا چۈشكىلى. بىز ساھىلغا چىدىرنى قۇرۇپ بولغىچە ئالدىرىتىپ ئەتراپىمىزنى نەچچە رەت پىرقىراپ چىقتى. كۆلگە ئېلىپ ماڭغىنىمدا ئانىسىغا خوش دېيىشنىمۇ ئۇنتۇپ ئۆزىنى سۇغا ئاتقان مەسئۇدە بەئەينى بېلىققا ئوخشاپ قالغان ئېدى.
   يېڭى كەلگەندە سۇدىن قورقۇپ چېچىنى يۇيۇشنىمۇ خالىمايدىغان مەسئۇدەنىڭ بۈگۈن كۆلدە ئەپچىل ئۈزۈشلىرى مەستلىكىمنى كەلتۈردى.پەيغەمبىرىمىزنىڭ بالىلارغا سۇ ئۈزۈش ۋە ئوقيا ئېتىشنى ئۆگىتىشكە بۇيرىغىنى ئىسىمگە كېلىپ تېخىمۇ سۆيۈندۈم. قىزىمغا ئۈزۈشنى يەسلىدە ئۆگەتكەن بولسا كىرەك.
-قىزىم ئۈزۈشنى كىمدىن ئۆگەندىڭىز؟
-بېلىقلاردىن دادا، ئاۋۋال يەسلىدىكى ئىكراندا بېلىقلارنىڭ ئۈزگەنلىرىنى كۆردۇق. ئاندىن ھەممىمىز دوراپ مەكتەپتىكى كۆلدە ئۈزدۇق،بەك قېزىقارلىق بولىدىكەن.
-ئوقۇتقۇچىلار ئۆگەتمىدىمۇ؟
-ياق، ئۇلارمۇ بىز بىلەن ئۆگەندى. بېلىقلار سۇدا كۆزىنى ئاچالايدىكەن،سۆزلىشەلەيدىكەن، جىم تۇرالايدىكەن. بېلىقلار سۇدا بىزدىن قالتىسكەن،شۇنداقمۇ دادا.
   «شۇنداق!»دېدىميۇ ئويلىنىپ قالدىم. دېمىسىمۇ ئاللاھ جانلىقلارغا شارائىتقا ماس تەن ۋە ئىقتىدار ئاتا قىلغانىدى. ئادەمدە بار سۆڭەك بېلىقلاردىمۇ بار،ئەمما بىزنىڭ ئۇنداق ئەۋرىشىم ئەمەس. بىزدە بار كۆز بۈركۈتتىمۇ بار، لېكىن بىزنىڭ ئۇ قەدەر ئۆتكۈر ئەمەس. قىزىمنىڭ يەسلىدە بېلىقلاردىن ئۈزۈشنى ئۆگەنگىنى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىكى بىر ئۆزگىچىلىك ئېدى. بىزدە ئوقۇتقۇچىلار ھەممىنى بىلىدىغان ۋە ياكى بىلىشى كېرەك بولغان قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. قىزىمنىڭ يەسلىسىدە ئۇلار ئوقۇغۇچى بىلەن بىللە ئۆگەنگۈچى. ئەلۋەتتە بالىلار بېلىقلاردىن ئۈزۈشنى ئۆگىنەلمەيدۇ. بۇ يەردە ئوقۇتقۇچىنىڭ قىلىۋاتقىنى ئوقۇغۇچىنى ئۆگىنىش جەريانىغا بويسۇنغۇچى قىياپەتتە ئەمەس ئۆزى بىلەن باراۋەر ھەمكارلاشقۇچى سالاھىيەتتە قاتناشتۇرۇش ئېدى. قىزىمنى ئوقۇتۇش جەريانىدا ھىس قىلغىنىم، قىزىمنىڭ يەسلىسىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسى ئوقۇغۇچىغا پائالىيەت ۋە تەپەككۇر ئەركىنلىكى بېرىش ۋە ئۇلارنى مۇستەقىل ئۆگىنىش ۋە بايقاش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش ئېدى. ئوقۇغۇچىلارغا بېلىقلاردىن سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىتىش ئۇلارغا سىھىرلىك تەبىئەت دۇنياسى ئالدىدا ھەممىمىزنىڭ مەڭگۈ ئۆگەنگۈچى، بايقىغۇچى ئىكەنلىكىمىزنى ھىس قىلدۇرۇش بولسا كېرەك. ئۈچىنچى بىرى، سەبىلەردە جانلىقلار دۇنياسىغا بولغان قىزىقىش، قىزغىنلىق مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت يېتىلدۈرۈش بولىشى مۇمكىن.
   مەن تەربىيەلەنگەن مائارىپتا «ئادەم تەبىئەتنى بويسۇندۇرغۇچى، ئۆزگەرتكۈچى، خىزمەت قىلدۇرغۇچى» دېگەن ئىددىيە تەرغىپ قىلىناتتى. رۇشەنكى بۇ ئىددىيەدە ئىنسان تەبىئەتتىن ئۈستۈن ۋە تاشقىرى بىر كۈچ سۈپىتىدە چۈشىنىلگەن، بۇنداق ئىددىيە بويىچە تەربىيلەنگەن بالىلاردا تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانلىق ۋە جانسىز مەۋجۈداتلاردىن ئۆگىنىش ئۇلارغا زوقلىنىش، قايىللىق تۇيغۇسى ئەمەس؛ پايدىلىنىش ۋە بۇزۇش خاھىشى شەكىللىنىشى مۇمكىن. مەسئۇدەنىڭ بېلىقلاردىكى ئىنسانلاردا يوق ئىقتىدارلاردىن زوقلىنىشى مەن تەربىيەلەنگەن مائارىپتىن پەرقلىق مائارىپتا يېتىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى. قىزىمنىڭ «بېلىقتىن سۇ ئۈزۈشنى ئۆگەندىم»دېگىنى ئاڭلىماققا سەل غەلىتە تۇيۇلغان بىلەن ئايروپىلاننىڭ قۇش شەكلىدە ياسىلىشى بىزنىڭ جانلىقلار دۇنياسىدىن ئۈلگە ئېلىۋاتقانلىقىمىزنى تەستىقلايدۇ، ئەۋەتتە.
  سۇدا ئويناشقاچ مەسئۇدەدىن بېلىقلار ھەققىدە خېلى كۆپ بىلىملەرنى بىلىۋالدىم. ئۇنىڭ بېلىقلار ھەققىدە ئۆگىنىۋالغانلىرى خېلىلا كۆپ ئېدى. قىزىم ئۆزى تېخى ئۆگىنىپ ئۈلگۈرمىگەن قۇشلار ھەققىدە سورىۋېدى "ئۈزۈشنى بېلىقلاردىن ئۆگەنگەندەك ئۇچۇشنى قۇشلاردىن ئۆگىنەلەيسىز قىزىم، ئەمما بۇنى تېلۋىزوردىن كۆرۈپ ئۆگىنىۋالغىلى بولمايدۇ. ئاسمان بىزگە دېڭىزدەك يېقىن ئەمەس، ھاۋانى سۇنى كۆرگەندەك كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدۇ. شۇڭا قۇشلارنىڭ زادى قانداق ئۇچىدىغانلىقىنىمۇ كۆرگىلى ۋە دورىغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇرۇنراق كىتاب ئوقۇشنى ئۆگەنسىڭىز قۇشلارنىڭ زادى قانداق ئۇچىدىغانلىقىنى كىتابلاردىن ئوقۇپ بىلەلەيسىز. كىتاب ئوقۇماي تۇرۇپ بېلىقلاردىن ئۈزۈشنى ئۆگەنگىلى بولغان بىلەن كىتاب ئوقۇماي تۇرۇپ قۇشلاردىن ئۇچۇشنى ئۆگەنگىلى بولمايدۇ." دېگەنلەرنى سۆزلەپ بەردىم.
قىزىمغا بېلىقلار چىرايلىق كۆرۈنگەن بىلەن تاشپاقا سەت كۆرۈنۈپ قاپتۇ. ئەپسۇسكى، مەن نە بېلىقلار نە تاشپاقىلار ھەققىدە تۈزۈك بىر نەرسە بىلمەيدىكەنمەن.
-تاشپاقىنىڭ نەرى سەتكەن قىزىم؟
-چاپىنى ھەم كۆرۈمسىز،ھەم قاتتىق.
   كۈلۈپ كەتتىم. ئەلۋەتتە، تېنى يوغان، بېشى كىچىك تاشپاقىنى ساھىپجامال مەخلۇق دەپ مەسئۇدەنى ئىشەندۈرگىلى  بولمايتتى. ئەمما ئۇنىڭ شۇ كۆرۈمسىز قېپى ئۇنى رەقىپلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ئامان قىلاتتى. بېلىق چىرايلىق ئېدى، ئەمما رەقىپلىرى ئالدىدا تاشپاقىدىن ئاجىز بولغاننىڭ ئۈستىگە ئۆمرى تاشپاقىدىن قىسقا بولاتتى. دۈشمەنلىرىمۇ كۆپ بولاتتى. قىزىمغا بۇلارنى چۈشەندۈرىۋىتىپ يەنە كىرپىنى مىسال قىلدىم. قارىماققا كىرپىنىڭ تىكەنلىرى توزنىڭ قاناتلىرىدەك گۈزەل بولمىغان بىلەن جىسمانى ئەركىنلىكىنىڭ كاپالىتى ئېدى. ئەگەر توزنىڭ چېرايلىق تېنىنى قوغدىغۇدەك ئۆتكۈر تىرناقلىرى بولغان بولسا ئېدى قەپەزگە مەھكۇم بولۇپ ھۆرلۈكىدىن مەھرۇم قالمىغان بولاتتى. دېمەك، ھەربىر جانلىقنىڭ بىزگە غەلىتە ۋە ياكى كۆرۈمسىز كۆرۈنگەن ھەرقانداق ئەزاسى شۇ جانلىق ئۈچۈن ئەجەللىك قۇدرەتكە ئىگە بولۇپ ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا جانلىقنىڭ گۈزەل ئەزاسى بىلەن ئالماشتۇرۇشقا بولمايتتى.
   مەنچە ئىنسانمۇ شۇنداق ئېدى. تېنىمىزنى، بويىمىزنى ۋە رەڭگىمىزنى ھەر خىل ياراتقان ئاللاھ  ئاشۇ پەرقلىرىمىزنىڭ ئىچگە بىر قۇدرەتنى يوشۇرغان بولۇشى مۇمكىن ئېدى. تۇرقىمىزدىكى كۆرىنەرلىك پەرق سەۋەبىدىن كۆرۈنمەيدىغان خىسلەتلىرىمىزنى بىلەلمەي يۈرگەن بولۇشىمىز مۇمكىن ئېدى. ئاللاھ ھەرقانداق جانلىققا باشقا جانلىقلاردا تېپىلمايدىغان ئىقتىدار ئىنئام قىلغان بولۇپ بۇ رەببىمىزنىڭ ئادىللىق، ئالىملىق ۋە ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىلىق سۈپىتىنىڭ ئىسپاتلىرى ئېدى. قىزىم دېگەنلىرىمنى بېرىلىپ ئاڭلىدى. قىزىمغا ئاللاھنىڭ  ئىنسانغا ئوخشىشى يوق ئەقىل، تەڭداشسىز روھ ئاتا قىلغانلىقىنى، تىرىشىپ كىتاب ئوقۇپ بېرىلىپ ئۆگەنسىلا قانىتى يوق ئۇچالايدىغان، قۇيرۇقى يوق ئۈزەلەيدىغان قابىلىيەتنى يېتىلدۈرەلەيدىغانلىقىنى سۆزلىۋىدىم ھاياجانلىنىپ كەتتى. بېلىقتەك ئۈزەلىگەن مەسئۇدەنىڭ قۇشتەك ئۇچۇپ باققۇسى بار ئېدى. ئۆزۈمچە ئىلھامىم كەلگەندەك بولۇپ «تېنىمىز يەرگە، زېمىنغا مەنسۇپ، قىزىم. پەقەت يەرگە يارىتىلغان سۇ ۋە تۇپراقلا بەدىنىمىزنى باغرىغا ئالىدۇ. روھىمىز ۋە بىلىمىمىزلا ئاسماندا ئۇچالايدۇ، تېنىمىز ئەمەس. ئاسمان روھ، بىلىم ۋە ئارمانلار ماكانى. ئىنساندا ئۇچىدىغىنى ئارزۇ، ئۇچۇرىدىغىنى تىرىشچانلىق  قىزىم» دېدىم پىچىرلىغاندەك. بۇ گەپلەرنى قىزىمنىڭ چۈشىنەلەيدىغان ياكى چۈشىنەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم.

uyghuray

0

تېما

0

دوست

710

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35207
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 208
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2015-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-29 12:33:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت، سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىز بىلەن باغداش ئىلگىركىدىنمۇ ئىللىق بىلىنىدىغان بولدى.

0

تېما

2

دوست

200

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   66.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35221
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2015-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-29 12:37:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىلىرىڭىزنى تۇلۇق ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن  ھەم تىمىلىرىڭىز ئارقىلىق كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇم .

6

تېما

3

دوست

2933

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15570
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 59
تۆھپە : 906
توردىكى ۋاقتى: 180
سائەت
ئاخىرقى: 2015-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-29 12:40:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە كەمچىل بولىۋاتقان بالىلار ھىكايىللىرى ئىكەن. بۇ كىتابىڭىزنىڭ تىزرەك نەشىر قىلىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

67

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   22.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  39100
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2015-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-29 12:50:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىڭىزنىڭ ئامىركىدىكى كەچۈرمىشلىرى ھەۋەس ۋە سۆيۈنۈشىمنى قوزغىسا ،شۇنىڭ بىلەن تەڭ پەرزەنتلىرىم ئۇچىرغان ،ئۇچىرايدىغان مائارىپ ،موھىت ،مۇئامىلە قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەر دىلىمنى كۆيدۈرۈپ ئۆتىدۇ .خەيىر ،ئۈمىدىسز ئەمەسمەن .يازمىللىرىڭىزغا رەھمەت .

0

تېما

0

دوست

384

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  37487
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 106
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2015-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-29 12:57:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ ئەپەندىم ئېچىلىپلا كەتلىغۇ ئاللاھ بىزلەرنىڭ بەختىمىزگە سىلىنى ئامان قىلسۇن

0

تېما

0

دوست

92

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   30.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  39036
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 14
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-29 13:05:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت . بالىلارنىڭ تەربىيلىنىشى ئۈچۈن ياخشى ماتىرىيال بولىدىغان تېما ئىكەن .

0

تېما

1

دوست

186

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  37730
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2015-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-29 13:40:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادا  سىزدەك مەسئۇلىيەتچان ۋە بىلىملىك بولسا پەرزەنىت ئەلۋەتتە بىلملىك ياراملىق ئادەم بولىدۇ.
ئاتا-ئانىلارنىڭ گۈلەن ئەپەندىدىن ئۈگنىپ بالىلارنى ئۇرۇپ تىللاپ، تىل ھاقارەت بىلەن ئەمەس ئۆز بىلىمى بىلەن مېھرىبانىلىقى بىلەن قايىل قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )