- تىزىملاتقان
- 2014-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-9-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4592
- نادىر
- 1
- يازما
- 93
ئۆسۈش
86.4%
|
«ئىز»ۋە «ئويغانغان زىمىن»تىلغا ئېلىنسا ئاچچىق تارىخ ئېسىمىزگە كېلىدۇ. مەن تارىخى رومانلار ئىچىدە بۇ ئىككى روماننى ئەڭ ياقتۇرىمەن. بۇ ئىككى روماننى مانا ھېسابتا 4-قېتىم ئوقۇپ چىقىپتىمەن. تولۇقسىزغا ئەمدى قەدەم قويۇپ تۇنجى ئوقۇپ چىققان تارىخى رومان دەل بۇ ئىككى رومان بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ تارىخى رومانغا باشقىچە قىزىقىپ قالغانىدىم. كىيىن باشقا رومانلارنىمۇ ئوقۇدۇم. تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىمدا ساۋاقداشلار ئارا بۇ ئىككى رومان توغرىسىدا مۇنازىرە بولۇپ قالدى ، مۇنازىرىدە ھىس قىلدىمكى مەن ئەسەر ۋەقەلىكنى ئاساسەن ئۇنتۇپ قاپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى قېتىم ئوقۇدۇم. بۇ قېتىم خاتىرە قالدۇرۇپ ئوقۇدۇم. ئالى مەكتەپكە چىقىپ نەنجىڭ ئونۋىرسىتىتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قۇد بىلىگ ئوقۇرمەنلەر كۇلۇبى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى مۇنبىرى كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى ۋە كىتاب ئوقۇش يىلى باھانىسى بىلەن ئۈچىنچى قېتىم بۇ ئىككى روماننى ئوقۇپ چىقتىم. مانا بىرەيلەننىڭ ۋەقەلىك ۋە پېرسوناژ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى بەك ياخشى ئېسىدە قالىدىكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە تەتىلدە ئۆيدە بولغاچقا ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشلىرىنى قىلغاچ ئاڭلىسىمۇ بولغاندىكىن دەپ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئاڭلاشنى ئېيتتى. مانا ئاڭلاپمۇ بولدۇم.
بۇ تۆت قېتىملىق ئوقۇشتا ھەرقىتىم تاماملانغاندا باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇراتتىم ،ھەم بۇ قىتىممۇ شۇنداق قىلدىم .ئويلاپ باقسام ھەر قىتىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇشتا ناھايىتى گەۋدىلىك بىر مەسىلە ئوتتۇرىغا چوقۇم قويۇلاتتى. ئۇنى دېيىشىپ بۇنى تارتىشىپ ئاخىرىدا قوزغىلاڭ نەتىجىسىگە ھەر بىر ئوقۇرمەن ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىمۇ ئەيتاۋۇر، تۆمۈر خەلپە ۋە خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئۈرۈمچىگە چىقىش مەسىلىسى توغرىسىدا بەك قاتتىق تالاش تارتىشلار بولاتتى .
بەزىلەر ئېنىق قىلىپ تۆمۈر خەلپە ۋە خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئۈرۈمچىگە چىقىشى تۈپتىن خاتا بولۇپ ئەگەر ئۇلارنىڭ ئورنىدا باشقىلار بولسا ھەرگىز چىقمايتتى . ئۇلار بەكمۇ نادانلىق قىلدى ، تاغدا ئەركىن ھۆركىرەيدىغان يولۋاس قەپەستە ھۆركىرىيەلمەيدۇ، ھىچ بولمىغاندا خوجىنىياز ھاجى تۆمۈر خەلپە پاجىئەسىدىن ئىبرەت ئېلىشى كېرەك ئىدى دېسە بەزى دوستلىرىم ھېچقانچە پىكىر قىلمايلا تەقدىر شۇنداق دەپلا قويدى. يەنە بەزىلەر تەقدىر دەپ قارىغۇچىلارغا ئىتىزار بىلدۈرۈپ : تەقدىر دېگىنىمۇ توغرا بىراق بۇ مەسىلىدە تەقدىر دەپلا تۈگىتىش مۇۋاپىق ئەمەس يەنى تەقدىرنى چۈشىنىش خاتا بولغان. ئاللاھ پۈتۈن نەرسىلەرنى يارىتىپ ئىختىيارلىقنى ئاسمان -زىمىن ،تاغ-دەريا ،ئىنسى-جىن ۋە باشقا جانلىق -جانسىز نەرسىلەرگە بەرگەندە پەقەت ئىنسان ۋە جىن ئىختىيارلىقنى ئالغان ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا تاللاش ئەركىنلىكى بولۇپ بۇخىل تاللاشنىڭ نەتىجىسى تەقدىر قىلىنىپ بەلگىلەنگەن ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئىنساننىڭ مۇسۇلمان ۋە كوپۇرلىقنى تاللاش ئەركىنلىكى يوق تۇرۇپ ئاللاھنىڭ كۇپۇرلارنى جازالىشى ئاللاھنىڭ سۈپىتىگە توغرا كەلمەيدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئىككى خىل يولنى تاللاش ئەركىنلىكى بولىدۇ لېكىن تاللاشتىن كېلىپ چىققان نەتىجە مۇكاپات ۋە جازا ، جەننەت ۋە جەھەننەم تەقدىر قىلىغان ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساننىڭ تەقدىرى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. رومانغا قايتىپ كەلسەك، تۆمۈر خەلپە ۋە خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئۈرۈمچىگە چىقىش -چىقماسلىقنى تاللاش ئىختىيارىي بولۇپ بۇ خىل تاللاش خاتا بولغان ،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇخاتالىق ئۇلارنىڭ سەۋەبى دېدى. ئىشقىلىپ يەنە باشقا قاراشتىكىلەرمۇ كۆپ بولدى.
ئەمدى مېنىڭ قارىشىم بولسا مۇنداق ئىدى:
تۆمۈر خەلپە ۋە خوجىنىياز ھاجىنىڭ ھەرئىككىلىسى باتۇرلۇق جاسارەت ۋە ھەققانىيەتچى بولۇپ باشقا نۇرغۇن مىجەز خاراكتېر جەھەتتە نۇرغۇن پەرقلەر بار. كەسكىنلىك تەرەپتە تۆمۈر خەلپە خوجىنىياز ھاجىدىن ئالاھىدە پەرقلىق بولۇپ تىزلا قارار چىقىرىدۇ ،ھاجى بولسا تولا ئارىسالدى بولىدۇ لېكىن قارار چىقاردىمۇ بولدى قەتئىي ئۆزگەرتمەيدۇ ،خاتا بولسۇن توغرا بولسۇن ،جاھىل،چۇس،تۆمۈر خەلپە بولسا ئېغىر بىسىقراق. ئىككىلىسى ناھايىتى تەقۋادار ...شۇنداق مىجەزدىكى بۇ ئىككى يولباشچى شۇ پەۋقۇلئاددە تارىخى شارائىتتا ئۈرۈمچىگە چىقىش مەسىلىسىدە ئۇچرىغان ئەھۋال ئوخشىمايدۇ. زامان شارائىت ۋە تارىخنىڭ تەقەززاسىنى ۋە ئەينى ۋەزىيەتنى ئويلاشماي ھۆكۈم چىقىرىشى مۇۋاپىق ئەمەس.
تۆمۈر خەلپە قوزغىلىپ ۋاڭلار ۋە جاڭجۇڭلارنى ئىغىر ئەندىشىگە سىلىپ قويدى ،قوزغىلاڭنىڭ تەسىرى كۈنسايىن كېڭىيىپ بىرىۋاتقان كۈنلەردە ياڭ زېڭشىن تۆمۈر خەلپە نى ئۈرۈمچىگە چاقىردى. بۇۋاقىتتا ئىچكىردە جۇڭخۇا مىنگونىڭ ئەڭ چوڭ ھوقۇقدارى يۇەنشىكەي بولۇپ قالدى ،ئۇ خانلىقنى ياقىلايدىغان بولۇپ ۋاڭلىق تۈزۈمنىڭ يوقىتىلىشى تەسلىشىپ كەتكەن.يەنە بىر جەھەتتىن تۆمۈر خەلپە دەك تەقۋادار مۇسۇلمان لى شۇفۇ نىڭ قۇرئان تۇتۇپ قەسەم قىلىشى ئۇنى پۈتۈنلەي ياڭزىڭشىنغا ئىشەندۈرگەن. بۇ ئىككى چوڭ سەۋەپ تۆمۈر خەلپە نى ئۈرۈمچىگە چىقىشقا قوشۇلىشىدىكى مۇھىم ئامىل. ھوقۇقنى قىلچە مەقسەت قىلماي ھاكىمىيەت بېشىدا كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر پەقەت خەلق ئەركىنلىك ئازادلىققا ئىرىشىشنىلا ئويلىغان بۇ شارائىتتا ئۆرۈمچىگە چىقىشنى تاللاش خاتا ئەمەس. (مېنىڭ شەخسى قارىشىم)
خوجىنىياز ھاجى شىڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۈرۈمچىگە چاقىرىلغاندا :
1. شىڭ شىسەي بىلەن ھاجى ئوتتۇرىسىدا جىمىسار پۈتۈمى بار بولۇپ بۇنىڭغا سوۋىت ھۆكۈمىتى كېپىل بولغان.
2. سوۋىت قىزىل ئارمىيىسى شىڭ شىسەي ۋە خوجىنىياز ھاجىلار خىلى تىركىشىپمۇ يوقىتالمىغان ماجۇڭيىڭنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا خىلى تىرىپىرەن قىلىۋەتكەن.ئاندىن قالسا ھاجىنىڭ تۆمۈر خەلپە يېغىلىقىدىن كىيىن سوۋېتلەر زىمىنىدا بىر مەزگىل تۇرغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى بۇ ھاجىنىڭ سوۋىت ھۆكۈمىتىگە ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
3. شەرقى turk ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھاجى تەرىپىدىن نامدا بار ئەمەلدە يوق ھۆكۈمەت قىلىنىپ ئۇنىڭ ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىشى ۋە سوۋىتلارنىڭ شەرقى turk ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قوللىماسلىقى. بۇ ھاجىنى پەقەت شىڭ شىسەيگە بېقىنىش ئارقىلىق سوۋىتلارنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش. (ئەگەر جىمىسار پۈتۈمى بويىچە ئىش كۆرمىسە ھاجىمۇ ماجۇڭيىڭغا ئوخشاش سوۋېتلەر تەرىپىدىن تىرىپىرەن قىلىنىش خەۋپى بار.)
4.خوجىنىياز ھاجى جىمىسار پۈتۈمى بويىچە سوۋىتلەرنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىپ مىڭ تال بەشئاتار مىلتىق ۋە ئوق دورا ئالغانلىقى ( بىر تال مىلتىق سەكسەن قوي ھېسابىغا سېتىۋېلىنغان)
ھاجىنىڭ پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىش يولى ئۈزۈلگەن. ۋە ھاكازالار
شۇنداق سەۋەبلەر بىلەن ھاجىنىڭ ئۈرۈمچىگە چىقىشى شۇ زامان شارائىت نۇقتىسىدىن بىر خىل مۇۋاپىق تاللاش بولۇپ بۇ ئارقىلىق ئاساسىي كۈچنى ساقلاپ قىلىشى ۋە قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىشى مۇمكىن ئىدى. بىراق ئاشۇ تاللاشنىڭ نەتىجىسى بولغان تەقدىر رەھىمسىز كېلىپ قالدى.
ئەمدى تۆمۈر خەلپە ۋە خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئۈرۈمچىگە چىقىشى توغرىمۇ دېگەن سوئالغا مېنىڭ شەخسى قارىشىم بولسا توغرا تاللاش دەپ قارايمەن. بەلكىم مۇئەللىپمۇ شۇنداق قارىشى مۇمكىن .يەنى مۇئەللىپ قىسسىنىڭ بېشىدا تارىخى رومان ئاپتورنىڭ تارىخ ئىچىگە چوڭقۇرلاپ كىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ،ئۇ ھەقىقى تارىخ ۋە رومانچىلىق سەنئىتىنىڭ جانلىق بىرىكمىسى بولالىشى كېرەك.ئون يىللىق بوران چاپقۇن ۋە نامەلۇم جوھۇت ئاپتورنىڭ شۇ تارىخنى يورۇتۇش ئۈچۈن قىلغان ئەجرىنى ئۇچۇرۇپ كەتسىمۇ بىراق شۇ تارىخ ئۈستىدە قايتا باش چۆكۈرۈشى بىزگە مۇئەللىپنىڭ بۇ تارىخنى بىزدىن چوڭقۇر چۈشىنىدىغانلىقىغا شۇبھىلەنمەيمىز ،بىز پەقەت ئاپتور يەتكۈزگەننىلا بىلەلەيمىز ،كىتابنىڭ سىرتىدا ئاپتور دېمەكچى بولغان ئەمما ئىيتالمىغان نۇرغۇن سۆزلىرىنى بىز بىلمەيمىز ،شۇ سەۋەپتىن مۇئەللىپنىمۇ بىر ئوقۇرمەن دەپ تەھلىل قىلساق ئۇنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىدىن تۆمۈر خەلپە ۋە خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئۈرۈمچىگە چىقىشنى خاتالىق دېمىگەنلىكىنى ھىس قىلىش مۇمكىن:
ھاجى كامېردا يېتىپ ئۇزۇن -ئۇزۇن خىياللارغا غەرق بولاتتى ،
—يارەب!—دەپ ئورنىدىن چاچراپ تۇردى بىركىچىسى ئۇ ،—كىيىنكى ئەۋلادلار مېنى نىمىلەر دەپ قارغىشىپ كېتەر !نەچچە مىڭلىغان شېھىتلەرنىڭ قىپقىزىل قانلىرى ئۈچۈن تاڭنا مەھشەر كۈنى سېنىڭ ئالدىڭدا نېمە دەپ جاۋاپ بىرۇرمەن ؟ ئەستاغپۇرۇللا!
غايىپتىن بىر سادا ئاڭلانغاندەك تۇيۇلدى :
—ياق! سەن ئاللاھنىڭ ئالدىدا ،ئەل يۇرتنىڭ ئالدىدا ،مىللەتنىڭ ئالدىدا گۇناھكار ئەمەس. سەن ئۆزۈڭنىڭ ئىنسانىي -ۋىجدانىي بۇرچۇڭنى تارىخى بۇرچۇڭنى ئادا قىلدىڭ، بۇ ھەسرەتلىك ئاقىۋەت،بۇ قانلىق پاجىئە زاماندىن كەلدى ،مۇھىتتىن كەلدى ،نادانلىقتىن كەلدى. سەن ياشىغان زېمىن شۇنداق زېمىن. بۇ يەردە جەننەتتەك باغۇ بوستانلىقلار بىلەن بىپايان ۋادىلارمۇ ،تاشلىق داۋانلار بىلەن قاراڭغۇ توقايلىقلارمۇ كۆپ. بىپايان چۆللەردە بولسا دائىم ئېزىتقۇغا ئۇچرايدۇ كىشى. تۈن قاراڭغۇلاشقانسىرى يۇلتۇزلارغا قاراپ يول تېپىشنى سەنمۇ بىلەتتىڭغۇ ،ئەپسۇس! تۆت ئاياغلىق ئاتمۇ بەزىدە مۈدۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ئات مۈدۈرۈلۈپ كەتسىمۇ ئەر غاپىل بولماسلىقى ،گول بولماسلىقى لازىم ئىدى. ئاقكۆڭۈللۈك —ئىنساننىڭ ئېسىل خىسلىتى. ئەمما بۆرە-تۈلكىلەرگە ئاقكۆڭۈللۈك قىلغان كىشى چوقۇم نادامەت چېكىدۇ. خەير بۇ كىيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇپ قالىدۇ. تارىخ -خاتالىقلارنىڭ يىغىندىسى ئەمەس ،ئۇرۇنۇشلار جەريانى. سېنىڭ باشچىلىقىڭدا باشلانغان گۈلدۈرماما بۇ كەڭ زېمىنى ،بۇ كەڭ زېمىننىڭ بۇلۇڭ -پۇچقاقلىرىنى ئويغىتىۋەتتى. ئويغانغان زېمىننى ئەمدى ھىچكىم ئۇخلىتالمايدۇ. چۈنكى ئويغانغان زېمىننىڭ ئىگىلىرى مىليونلىغان خەلق ئاممىسى-—ئۆزىنى ۋە دوست-دۈشمەننى تونۇۋالدى.ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى كۆرۈۋالدى.سان-ساناقسى قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە پارلاق كىلەچەكنىڭ چوقۇم كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلىدى. كەلگۈسى ئەۋلادلار سېنى ۋە سىلەرنى ئۇنۇتمايدۇ. تارىخ چوقۇم بىركۈنى ئادىل ھۆكمىنى تەنتەنە بىلەن جاكارلايدۇ.
بۇ مۇئەللىپنىڭ بۇ تارىخنى بىزدىن چوڭقۇر چۈشىنىدىغان ،بۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بىلگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھاجىلارغا بەرگەن باھاسى. ئۇلار ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىدى. ئۈرۈمچىگە چىقىشىمۇ خاتالىق ئەمەس. ئۇلار مەڭگۈ يادلىنىدۇ.
توغرا، بىزنىڭ بۇلارنى توغرا خاتا دېيىش ئاقىلانىلىك بولماسلىقى مۇمكىن. بۇنىڭغا تارىخ ۋاقىت ئادىل ھۆكمىنى بېرىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ مەسىلە ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئاچچىق تارىخ قايتا ئەسلىنىشى ،تىخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە ئىجابىي رول ئوينىشى مۇمكىن. كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرى ئۈستىدە پىكىرلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
—ئاچيول.
2015-يىلى 2-ئاۋغۇست. قوشتاغ.
|
|