قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 5686|ئىنكاس: 16

تاشپولات: ياپونىيە تەسىراتلىرى (2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

226

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 25
مۇنبەر پۇلى: 562
تۆھپە : 4236
توردىكى ۋاقتى: 293
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-3 13:59:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-3 13:58  

ياپونىيە تەسىراتلىرى (2)

تاشپولات روزى


بىز ئەتىگەنلىك ناشتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ياتىقىمىزغا كىرىپ يۈك-تاقلارنى بىر قۇر يىغىشتۇرۇپ، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 يېرىمدا، نىجات ئۇكىمىزنىڭ ئۆيىگە بېرىش ئۈچۈن بىزنى ئېلىپ بارىدىغان  پەرھات ئۇكىمىزنى ساقلاپ تۇردۇق.  مەن ياتاقتا ئۇنى ساقلىغاچ مۇشۇ مېھمانخانا جايلاشقان يەرنىڭ خەرىتىسىنى كۆرۈپ، بۇ يەرنىڭ تارىخىنى كومپيۇتېر ئارقىلىق تەكشۈرۈپ چىقتىم. بۇ يەر بۇرۇن دېڭىز ئىكەن. ياپونلۇقلار مۇشۇ دېڭىزنى قۇرۇقلۇققا ئايلاندۇرۇپ، بۇ يەرنى بىر گۈزەل يېڭى شەھەرگە ئايلاندۇرۇپتۇ. بىز چۈشكەن مېھمانخانا يېنىدىلا  فۇكۇوكا مۇنارى بار ئىكەن. بۇ مۇنار 1989-يىلى قۇرۇلۇپتىكەن. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 234 مېتىر بولۇپ، ئۇ 14 ئايدا ياسىلىپ بولۇپتۇ. ئۇ 7 بال يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا كەتكەن مەبلەغ تەخمىنەن 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن. ھازىرغا كەلگۈچە مۇشۇ ئەتراپتا ئەڭ كۈچلۈك بولغاندا 6 بال يەر تەۋرەپتىكەن. بۇ مۇنار ياپوندا دېڭىز بويىغا سېلىنغان مۇنارلار ئىچىدە ئەڭ ئېگىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دېڭىزنى قۇرۇقلۇققا ئايلاندۇرۇپ قۇرۇلغان شەھەرنى كۆرىشىم مەن ئۈچۈن بىرىنچى قېتىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز تۇرغان مېھمانخانا ئەتراپىدا يەنە داڭلىق دۇكانلار، مۇزېي، كىتابخانا، ۋە ئۈستى ئېچىپ-يېپىلىدىغان كالتەك توپ ئوينايدىغان تەنھەرىكەت مەيدانى قاتارلىقلار بار ئىكەن. مەن دېڭىز سۈيىنى يوقىتىپ مۇشۇ بىنالارنى سالغان ياپونلۇقلارغا ھەقىقەتەن قول قويدۇم. ياپونلۇقلار ھەقىقەتنىمۇ ئىشچان خەلق. ئۇلاردا مەسئۇلىيەتچانلىق، تىرىشچانلىق، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ئۈستۈن. چۈنكى ئۇلار مائارىپنى بۇرۇندىن باشلاپلا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلدى. ياپونىيەنىڭ يەر بايلىقى ئاساسەن يوق. شۇنداق بولسىمۇ دۇنيادا ئېنېرگىيىنى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان دۆلەتلەر ئىچىدە 5- ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇرۇن ياپونىيە دۆلىتى يادرو ئېنېرگىيە ئىستانسىلىرىنى كۆپ قۇرۇپ، ئېنېرگىيىنى شۇ ئارقىلىقمۇ تولۇقلايتتى. بىراق نەچچە يىللار بۇرۇن يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان ئېغىر رادىئاكسىيەلىك بۇزغۇنچىلىقتىن ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ئازىيىپ، ياپون دۆلىتىنى ئېغىر زەربىگە ئۇچراتتى. بىراق ياپونىيە يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى تەتقىق قىلىپ بۇ بوشلۇقلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇلدا ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ. مەسىلەن يېقىنقى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا ياپونىيە دېڭىز قىرغىقىدىكى سۇدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىش يەنە دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن يەردىكى سۇ دېڭىز قىرغىقىغا يىراقراق يەردىكى سۇدىن ئىسسىقراق بولۇپ، سوغۇق سۇ بىلەن ئىسسىق سۇ ئۇچراشقان ۋاقتىدىكى تېمپېراتۇرا پەرقىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىش. ياپونىيە دېڭىز بىلەن ئورالغاچقا بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا ناھايىتى كۆپ توك ئېنېرگىيىسى پەيدا قىلالايدۇ. ياپونلۇقلار تەڭرى بەرگەن ئەقىلنى زايە قىلماي ئىشلىتىپ، ئۇنى ئۆز خەلقى ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە.


    چۈش ۋاقتى سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە پەرھات ئۇكىمىزدىن تېلېفون كېلىپ، بىزنى بىرىنچى قەۋەتتە ساقلايدىغىنىنى دېدى. ماڭا پەرھاتنىڭ دەل دېيىشىپ قويغان ۋاقتىدا بىزنى ئالغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئادەملەردىكى ۋاقىت چۈشەنچىسىنىڭ توغرا بولۇش بولماسلىقى ئاشۇ ئادەمنىڭ قانداق مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئۆز قەۋمىنىڭ مائارىپ ساپاسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ بىلىپ يەتتىم. بىز بىرىنچى قەۋەتتە پەرھات بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ ماشىنىسى بىلەن بىزنى ئۆيگە چاقىرغان نىجات ئۇكامنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدۇق. ئۇنىڭ ئۆيى بۇ مېھمانخانىدىن ماشىنا بىلەن 30 مىنۇتلۇق يەردىكى ئائىلىلىكلەر قوروسىدا تۇرىدىكەن. بىز ماشىنىدا قىزغىن پاراڭلاشقاچ نىجات ئۇكامنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدۇق. نىجات بىزنى ماشىنا قويىدىغان يەردە ساقلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇ تولىمۇ خۇشخۇي، چاقچاقچى يىگىت بولغاچقا پاراڭلىرىمىز مۇشۇ يەردىلا قىززىپ كەتتى. بىز ئۇنىڭ يول باشچىلىقىدا بىنادىكى بىر ئۆينىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ توختىدۇق. ئۆي ئىچىدىن ئۇنىڭ رەپىقىسى ۋە باشقا مېھمانلار چىقىپ، بىزنى ئۆي ئىچىگە تەكلىپ قىلدى. بىز ئۇلار بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتۇق. نىجاتنىڭ رەپىقىسى گۈلبوستان ناھايىتى ئوچۇق-يورۇق مېھماندوست سىڭلىم ئىكەن. ئۆي ئىچىدە يەنە ئاينۇر سىڭلىم ۋە ئادىل ئىنىم قاتارلىق مېھمانلار بار ئىكەن. بىز بۇ قېرىنداشلىرىمىز بىلەن قىزغىن كۆرۈشتۇق. مەن بىلەن ئايالىم ئۆيگە كىرىپلا ئالدى بىلەن بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈنۈگۈن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئولتۇرۇشىغا ۋاقتىدا كېلەلمەي سەت ئىش بولغانلىقىنى دەپ، ئۇلاردىن ئەپۇ سورىدۇق. مەن ئەزەلدىن بىرىنىڭ ئۆيىگە ياكى ياكى پائالىيەتكە ياكى ئولتۇرۇشقا ياكى خىزمەتكە كېچىكىپ باققان ياكى بالدۇر قايتقان ئىنساندىن ئەمەس ئىدىم. شۇڭا بۇ قېتىمقى ياپونىيەگە بىر كۈن كېچىكىپ قېلىش مېنى بەكمۇ ئازابلىدى. مەن شۇنداق ئويلايمەن تاساددىپى بىر ئىش بولمىسىلا بىرى چاقىرغان پائالىيەت ياكى ئولتۇرۇش بولسۇن 10 مىنۇت كېچىكسىڭىز مېنىڭچە بارمىغىنىڭىز تۈزۈك. مۇشۇنى قىلالمىغان ئادەمنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتتا ۋە ئاشۇ ئادەمنىڭ ئەخلاقىدا ئېغىر مەسىلە بارمىكىن دەپ ئويلايمەن. ۋاقىتنى توغرا ھەل قىلماسلىق ئاخىرقى ھېسابتا بېرىپ ئاشۇ ئادەمنىڭ باشقا ئىشلارنىمۇ ۋاقتىدا ھەل قىلماسلىقىغا بېرىپ تاقىلىدۇ.


بىز ئۆيگە كىرىپلا ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان جوزىغا كۆزىمىز چۈشتى. ياپونلۇقلار بىز ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش پاكار جوزا ئەتراپىدا ئولتۇرۇپ تاماقلىنىدۇ. بىز ئۇيغۇرلارغا بۇ ئادەت تازا ماس كېلىدۇ. شۇڭا ئادىتىمىز بويىچە باداشقاننى قورقماي قۇرۇپ ئولتۇرۇپ جوزا ئۈستىگە تىزىلغان مەززىلىك تاماقلارغا باققاچ قىززىق پاراڭلاشتۇق. ئۈستەل ئۈستىگە پولو، قولداما، نارىن قاتارلىق تاماقلار قويۇلغان بولۇپ، تاماقلار تازا ئوخشاپتۇ. بۇ تاماقلارنى ئوخشاتقان ئۆي ئىگىسى گۈلبوستان سىڭلىمىزغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.  ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن مېھماندوست خەلق. بىرەر مېھمان كېلىدۇ دېسە نەچچە كۈنلەپ مېھماننىڭ تەييارلىقىنى قىلىمىز. ھەتتا مېھمان كەلگۈچە ئۆيلەرنى تازلاپ پاك-پاكىز قىلىمىز. ئامېرىكىدىكى بىز قېرىندىشىم بۇ توغرىلىق قىزىقارلىق قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى، ھازىر ئۆيىمىزدە بالىلارغا مۇشۇ ھەپتە مېھمان كېلىدۇ دەپ بولغۇچە، تازىلىقنى قاچان باشلايمىز دەيدىغان بولدى، دەپ.  بىز بىرسىنى  تونۇمدۇق ياكى تونىمامدۇق ئۇ سالام بەرسە يوق دېگەندە بىر پىيالە چاي بولسىمۇ ئالدىغا قويىمىز. بۇنداق ئاق كۆڭۈل مىللەت دۇنيادا بەكلا ئاز ئۇچرايدۇ مېنىڭچە. بىز تاماق يېگەچ ئۆزئارا تونۇشتۇق ۋە پىكىرلەشتۇق. بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن بۇ دۆلەتتە قانداق جاپا مۇشەققەتلىك بىلەن تىرىشىپ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىۋاتقانلىرىنى ئاڭلاپ خۇش بولدۇق ۋە ئۇلاردىن سۆيۈندۇق. سىز ئۆز يۇرتىڭىزدىن باشقا ئەلگە چىقىپ ئازراق بولسىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىناي دېسىڭىز، ئالدى بىلەن شۇ دۆلەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشىڭىز، ئاشۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇپ چىققان مىللەتلەرنى ھۆرمەتلەشنى بىلىشىڭىز، ئاشۇ دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىنى بىلىشىڭىز، ئاشۇ دۆلەت مىللەتلىرى بىلەن قويۇق ئارىلىشالايدىغان بولۇشىڭىز كېرەك. ئۇنداق قىلالمايدىكەنسىز سىزنىڭ ئۇ دۆلەتتە تۇرۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ۋە ئۇ دۆلەتمۇ سىزنى قوينىغا ئالمايدۇ.


پەرھات ئابدۇۋەلى

ئەمدى بۇ سورۇندىكى مېھمانلارنى ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرۇۋېتەي،  بىزنى ماشىنا بىلەن ئەكەلگەن ئۇكىمىز پەرھات ئابدۇۋەلى، ئۇ غۇلجا پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، ئاشۇ مەكتەپنىڭ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ ھازىر ئائىلىسى بىلەن فۇكۇوكا شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا دوكتور كاندىداتتا ئوقۇۋاتىدۇ. مەن 2008-يىلى  ۋەتەندىكى تور بەتلەردە مەن بىلەن ھازىر بىرلىكتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان پروفېسسور ياسۇخىدە فۇكۇموتو ئەپەندىگە  ئۇيغۇرلاردىن بىر ئوقۇغۇچى ئېلىش ئۇقتۇرۇشىنى چىقارغان ئىدىم. كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار شۇ چاغدا بۇ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغان ئىدى. مەن بارلىق ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر ياش ئوقۇتقۇچىنى كۆرسەتكەن ئىدىم، ئۇ بالا ياپونغا ئوقۇشقا چىقىدۇ. بۇ پروفېسسورنىڭ تەلىپى بەك قاتتىق بولغاچقا ئوقۇتقۇچىنىڭ شەرتلىرىگە كۆنەلمەي ۋەتەنگە قايتىپ كېتىدۇ. ئۇ بالا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن مەن غۇلجا پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پەرھات ئابدۇۋەلىنى بۇ پروفېسسورغا تونۇشتۇردۇم. پەرھات ئابدۇۋەلى يېڭى كەلگەندە ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلەپلىرىگە كۆنەلمەي بەك زېرىكىدۇ. ماڭا خەت يېزىپ ئۆزىنىڭ باشقا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كېتىشنى سورايدۇ. مەن ئۇنىڭغا داۋاملىق تىرىشىش كېرەكلىكىنى جاپاغا چىدىسا ئۇنىڭ نەتىجىسىنى چوقۇم كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيتتىم. ئۇ جاپالىق تەلەپلەرگە چىداپ ئاخىرى بۇ پروفېسسورنىڭ قولىدا ئوقۇپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ماگىستىرلىقنى تۈگەتكەندىن كېيىن، تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى دوكتۇرلۇققا كىرىدۇ. ئۇ بۇلتۇر ياپونىيە فىزىكا ژۇرنالىدا ماقالە ئېلان قىلدى. مەن ئۇنىڭ جاپاغا چىداپ دوختۇرلۇقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن بۇرۇنمۇ تەكىتلىگەن ئادەمدە ئېنىق نىشان، قەيسەر ئىرادە، جاپاغا چىداش روھى بولسا ھەرقانداق بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالايدۇ. شۇڭا قانداق شارائىت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يەتمەكچى بولغان مەقسەت ئۈچۈن جاپاغا چىداپ ئۈزلۈكسىز بىلىم ئىگەللىشى لازىم.


  بۈگۈنكى ئولتۇرۇشنىڭ ساھىبخانى نىجات سەدىردىن بىلەن گۈلبوستان ئەيسا بولۇپ، نىجات ئۇكام، خۇش-چاقچاق، ناھايىتى قىزغىن، يۇمۇرىستىك يىگىت ئىكەن. ئۇ ھەر بىر سۆزىگە قىزىقارلىق يۇمۇرىستىك چاق-چاق ئارىلاشتۇرۇپ ھەممىمىزنى كۈلدۈرۈپ ئولتۇردى. مەنمۇ چاقچاقچىلىرىغا پاس چىقىرىپ بېرىپ ئۆي ئىچىنى كۈلكە بىلەن توشقۇزدۇق. ئادەم خىزمەت بىلەن دەم ئېلىشنى تولۇق ھەل قىلالمىسا تۇرمۇشتا كۆپ ئاۋارىچىلىكلەرنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ ئۆزىگە. خىزمەت قىلغاندا يۈز پىرسەنت بېرىلىپ خىزمەت قىلىشىمىز، دەم ئالغاندا يۈز پىرسەنت خۇشال بولۇپ تۇرمۇشىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشىمىز لازىم. دەم ئېلىشنى ۋە چاقچاق قىلىشنى بىلمىگەن ئادەم چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ دوختۇرخانىغا بارىدۇ ئۇ كىشىلەر مېنىڭچە. كۈلكە تەن ساغلاملىقنىڭ ئەڭ ياخشى ھەقسىز دورىسىدۇر. نىجات ئۇكام يېزىقچىلىقتىمۇ ماھارىتى بولۇپ، كۆپلىگەن شېئىرلارنى يېزىپتۇ.


نىجات سەدىردىن ۋە ئايلىسى

مېنىڭ يۈرىكىم

گۇگۇمدا مۇڭ بېسىپ تۇرۇپ قاپتىمەن،
خىياللار ئىلكىگە پېتىپ قاپتىمەن.
توپا باسقان تەكچىدە تۇرار يۈرىكىم،
تونۇماستىن سوئال سوراپ ساپتىمەن.

«نىچۈن تۇرىسەن توپا بېسىپ تەكچىدە؟
قايدىن كەلدىڭ؟ بارار جايىڭ ئېنىقمۇ؟
تەپچىپ تۇرار ئوتقاش كەبى قانلىرىڭ،
چىقماس سەندىن نەپەس ئالغان تىنىقمۇ.»

ئۆكسۈپ تۇرۇپ بايان ئەتتى ئۇ ماڭا:
«ئەسلى ئورنۇم ئەمەس ئىدى بۇ تەكچە،
توۋا دەيمەن ئەخلەت كەبى تاشلاندىم،
شۇ سەۋەبتىن كۆڭلۈم يېرىم بىلەكچە.»

توۋا دەيمەن توۋا مىڭلارچە توۋا،
قانداق ئىنسان كېرەك قىلماس يۈرەكنى؟
پۇچىلاندىم غەزەپ-نەپرەت ئىچىدە،
تۈردۈم شۇندا جاسارەتتە بىلەكنى.

«ئىگەڭ كىمدۇر ئېيتقىن ماڭا تارتىنما،
ئۆزۈم بېرەي جاجىسىنى ئۇنىڭ مەن.»
زۇۋان چىقتى توپا باسقان تەكچىدىن:
«توۋا دېمە، ئىگىسى دەل ئۆزۈڭ سەن.»

«نېمە دەيسەن؟» غەزەپ بىلەن تىل سالدىم،
گاللىرىنى بوغماق بولۇپ ساراڭنىڭ.
«يارىم دەپ ئاھ ئۇرۇپ ماجال يوق تەندە،
ھەمشېرىكى بولالمايمەن ياراڭنىڭ.»

ئۆكسۈپ تۇرۇپ نىدا قىلدى يۈرىكىم،
«قەددىڭنى تىك تۇتقىن زارلانما ھامان.
ماڭساڭسەن تاپارسەن بوۋاڭ ئىزىدىن،
ئۇپۇقلار ئارا مەشرىق-مەغرىب تامان.»



سولدىن ئاينۇر، گۈلبوستان

گۈلبوستان ئەيسا سىڭلىم، ئۈرۈمچىدىكى مائارىپچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1978-يىلدىن 1983-يىلغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. 1983-يىلدىن 1989-يىلغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1989-يىلدىن 1993-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىدا 2002-يىلىغىچە خىزمەت قىلىدۇ. 2002-يىلى 10-يىلى ياپونىيە فۇكۇوكا شەھىرىگە كېلىپ، ياپون تىلىنى بىر يىل ئوقۇيدۇ. 2003-يىلدىن باشلاپ كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مائارىپ ئىنسانشۇناسلىق كەسپىنىڭ ماگىستىرلىقىغا ئوقۇشىغا كىرىپ، 2007-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ. ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن فۇكۇوكا شەھىرىدىكى بىر شىركەتكە مۇقىم خىزمەتچى بولۇپ كىرىپ، ھازىرغىچە مۇشۇ شىركەتتە ئىشلەۋاتىدۇ. بۈگۈنكى سورۇننىڭ تائاملىرىنى گۈلبوستان سىڭلىم تەييارلىغان بولۇپ، تاماقلار ئىنتايىن مەززىلىك پىشىپتۇ. بىز بۇ تاماقلاردىن ناھايىتى ياخشى ھۇزۇرلاندۇق. قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن گۈلبوستان سىڭلىم سىلەرگە كۆپ رەھمەت!


ئاينۇر ۋە يولدىشى

بۈگۈن بۇ سورۇنغا ياردەملىشىپ بەرگەن ئاينۇر بارات سىڭلىم، 1970-يىلنىڭ كۈز پەسلىدە بۈگۈر ناھىيىسىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ  2-يىلىغىچە ئۇ ئاپىسى بىلەن ئىككىسى بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن، (ئەينى چاغدا دادىسىنىڭ  خىزمىتى ئۈرۈمچى تۆمۈريولدا ئىدى)
باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ  2-يىللىقتا ئۇنىڭ دادىسى ئاخىرى خىزمىتىنى  بۈگۈر ناھىيىسىگە يۆتكەپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولىدۇ، دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى تىرىشىپ ئالىي تېخنىكوم، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن  زىيالىيلار ئىدى. دادىسى  كىچىكىدىنلا، ئاينۇرنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان…قىزىم دەپ، ماختاپ ئۇچۇرىۋېتەتتى، ئۇ كىچىكىدىنلا سەل تارتىنچاق بولغاچ، بەكلا خىجىل بولۇپ كېتەتتى، شۇنداقلا دادىسى ئۇنى غەيرەت قىلىپ ئالىي مەكتەپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشىپ ئوقۇشقا ئۈندىگەندەك تۇيۇلاتتى. ئۇ 1988-يىل كۈزدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان ۋاقتىدا دادىسى ھەممىدىن بەكرەك خۇشال بولغان ئىدى، ھەمدە شۇ خۇشاللىقىدا ئۇنى ئۆزى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ، مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ قويۇپ قايتىپ كەتكەن ئىدى.  ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى ھاياتىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ، «ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىغىنىڭ يازلىق  تەتىل مەزگىلى بولسا كېرەك.  بىر كۈنى دادام خىزمەتتىن قايتىپ كېلىپلا، ھۆججەت سالىدىغان سومكىسىدىن بىر پارچە گېزىتنى چىقىرىپ بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ياپونىيەدە ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلىكىنى، دىسسېرتاتسىيە ياقلاش مەيدانىدىكى نۇرغۇنلىغان ياپونىيەلىك ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ قىزغا يۇقىرى باھالارنى بەرگەنلىكىنى ئالدىرىماي ئوقۇپ بەردى. دادام گەرچە مېنىڭمۇ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشۇمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان بولسىمۇ، دادامنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنگەن ئىدىم. شۇ مەزگىلدە مېنىڭ چەتئەل تىلى سەۋىيەم ياخشى بولمىغاچ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىرلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىممۇ توشمايتتى. مانا مۇشۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىكىمدىن ناھايىتى ئۆكۈندۈم… تۆت يىلدا ئوقۇشنى  پۈتتۈرۈپ، يۇرتۇم بۈگۈرگە قايتىم. دادام ئۈرۈمچىدە خىزمەت تېپىشىمنى قوللايدىغانلىقىنى، بىراق ئاخىرىدا ئۆزۈمنىڭ بېكىتىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى.  ئاپامنىڭ سالامەتلىكى ئانچە ياخشى ئەمەس، ئىنىم بىلەن سىڭلىم مەندىن كۆپ كىچىك بولغانلىقىدىن ئائىلىگە ياردەم بېرىشىم كېرەك… دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بۈگۈرگە قايتىشنى قارار قىلغان ئىدىم.»


ئاينۇر 1992 يىلى 8-ئايدىن باشلاپ  ناھىيىلىك رادىو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ خەۋەرلەر بۆلۈمىدە مۇخبىر، تەرجىمان ۋە تەھرىر بولۇپ  ئىشلەيدۇ. 1996 -يىل ئەتىيازدا ئۇنىڭ ئوغلى بىر يېرىم ياشقا كىرگەندە، دادىسى تۇيۇقسىزلا جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن، 56 يېشىدا ئۇلاردىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى... تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ قىسمەت ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بولىدۇ، دادىسىنىڭ شۇنچىلىك ياش كېتىپ قېلىشى ئۇنى روھىي جەھەتتىن ئوبدانلا قىينايدۇ. ئۇ «ئىسىت دادامغا بۇنى قىلىپ بەرسەم بوپتىكەن، ئۇنداق قىلماي، بۇنداق قىلسام بوپتىكەن دېگەندەك پۇشايمانلار» بىلەن ھايات تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىر قانچە يىللار ئۆتۈپ، خىزمەت ئائىلە ئەھۋالى خاتىرجەم رىتىملىق ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ قەيەرلەردىدۇر، رەھمەتلىك دادىسىنىڭ  ئۇنىڭغا «سەنمۇ ھېلىقى ئۇيغۇر قىزدەك، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇساڭ، مېنى ھەممىدىن بەك رازى قىلىسەن قىزىم» دەۋاتقاندەك تۇيۇلۇشقا باشلايدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ 11 يىل ئۆتكەندە، يەنى 2003-يىل 3-ئايدا   رەھمەتلىك دادىسىنىڭ روھىنى خۇش قىلىدىغان پۇرسەت ئۇنىڭغا ئاخىرى يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭ ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىقىش ئىشى ھەل بولغاندا، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئائىلىسىنى، 8 ياشقا كىرگەن ئوغلىنى ۋە خىزمىتىنى تاشلاپ ياپونىيەگە ئوقۇشقا كېلىدۇ. ئۇ ياپونغا كەلگەندىن كېيىن، ئۆزى ئويلىغان چەتئەلنىڭ ئۇنى بۇنداق سوغۇق قارشى ئالىدىغانلىقى نەدىن بىلسۇن!


ئۇ شۇ ۋاقىتتىكى ياپونىيە ھاياتىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ، «مېنىڭچە ئىقتىساد ۋە تىل ئۆتكىلى، بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، چەتئەلدىكى ئەڭ چوڭ بېسىم بولۇشى مۇمكىن. ياپونىيەگە كەلگەندىن كېيىن، مەندىن ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياپون تىلىنى مەندىن راۋان سۆزلەيدىغانلىقى، كومپيۇتېرنى مەندىن ياخشى ئىشلىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنىڭ بەكلا ئارقىدا ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. ياشلارنىڭ كەينىدە قېلىش مەن ئۈچۈن ئېغىر بېسىم بولدى. تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ ماگىستىرلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشالىشىم ئۈچۈن مەن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، تىل ئۆگەندىم. ۋە بىر يېرىم يىلدىن كېيىن ماگىستىرلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، دەسلەپكى ھاردۇقۇم چىققاندەك بولدى. 2005-يىل 4-ئايدا سەىنان گاكۇىن ئۇنىۋېرسىتېتى، خەلقئارا مەدەنىيەت تەتقىقات كافېدراسى خەلقئارا مەدەنىيەت كەسپىنىڭ ماگىستىرلىق سىنىپىغا قوبۇل قىلىندىم. ياپونىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى بەكلا قىممەت بولۇپ، ئوقۇش پۇلى تۆلەش ئۈچۈن، مەن يەنە خىزمەت قىلىشىم كېرەك ئىدى. ياپونىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەينىدە قالماسلىق ئۈچۈن، ئۆگىنىشكە مەن ئۇلارىدىن بىر ھەسسە ئارتۇق ۋاقىت چىقىرىشىم، تۇرمۇشۇم ۋە ئوقۇش پۇلۇم ئۈچۈن ئۆگىنىش قىلىشقا كەتكەندەك ۋاقىتنى ئاجرىتىشىم كېرەك ئىدى. ئوقۇيمەن ئىشلەيمەن دەپ، ھاردىم دېگىلىمۇ چولام تەگمەي يۈرۈپ، 2 يىلدا ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈپ دوكتورلۇق ئوقۇشقا كىردىم. 3 يىلدا دوكتورلۇق ئوقۇشۇمنى تاماملاپ 2011-يىلدىن باشلاپ  مەكتىپىمدە، دوكتور تەتقىقاتچى ۋە تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. 2006 –يىلى يولدىشىم بىلەن ئوغلۇمنى ياپونىيەگە چاقىرتقاندىن كېيىن، يولدىشىمنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشى بىلەن، ئۆگىنىشكە كۆپ ۋاقىت ئاجرىتالايدىغان بولغان ئىدىم، ئوغلۇممۇ باشلانغۇچنىڭ 6-سىنىپىدىن باشلاپ ياپونىيەدە مەكتەپ تەربىيىسى ئېلىپ ھازىر كيۇسيۇ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر دېتال كەسپىنىڭ 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. مېنىڭ ۋە ئوغلۇمنىڭ ئوقۇشىمىز ئۈچۈن، يولدىشىم ھازىرغىچە نۇرغۇن جاپالارنى چەكتى ۋە ھېلىھەم چېكىۋاتىدۇ. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا  كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. مەن مۇشۇنداق قىلىپ رەھمەتلىك دادامنى رازى قىلالىغاندىمەنمۇ… رەھمەتلىك دادام مېنىڭ مۇشۇ تاللىشىمنى قوللىغانمىدۇ…ھايات يولۇمدا تەمتىرىگەن، دېلىغۇل بولغان ۋاقتىمدا دائىم  دادام ھايات بولغان بولسا «ئاخىرىغىچە يولۇڭنى داۋاملاشتۇرغىن قىزىم، ھازىرغىچە ماڭغان يولۇڭغا ئۆكۈنمەيدىغان پۇشايمان قىلمايدىغان بىر كۈن چوقۇم كېلىدۇ» دېگەن بولاتتى، دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىمەن. مەن ئاينۇر سىڭلىمنىڭ بۇنداق قەيسەر، ئىرادىسىدىن قەتئىي يانمايدىغان بۇنداق ئالىيجاناب روھىنى ياشلىرىمىز ۋە بارلىقىمىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. غەلىبە تىنىمسىز تىرىشقان ئادەملەرگە مەنسۇپتۇر!

ياپون تەسىراتلىرىنىڭ كېلەركى 3- قىسمىدا يەنە بىرقانچە ئىرادىلىك قېرىنداشلىرىمنى ۋە مەن تەتقىقات ئېلىپ بارغان كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات ۋە ئۆگىنىش ئەھۋالىنى بايان قىلىمەن.

2015 – يىلى 8 – ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدا يېزىلدى

(داۋامى بار)

تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چەكسىڭىز، ياپونىيە تەسىراتلىرىنىڭ (1) نى ئوقالايسىز.

./thread-29485-1-1.html
uyghuray

4

تېما

4

دوست

2402

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35511
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 726
توردىكى ۋاقتى: 149
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-3 14:07:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍اخىرى چىقتى ھە بۇ قىسمى

21

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2043
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6158
توردىكى ۋاقتى: 2529
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-3 14:46:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-3 14:47  

ئەسلى سىرتتا بولغاچ ئالدىراش بۇپ كىتىپلىدە تاشپۇلات ئاكا، مۇنبەرلەردىمۇ يوق بۇپ كەتتىلە نەچچە ۋاقىتتىن.
  دىڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرى بىلەن دىڭىز يۈزى تىمپىراتورىسى ئاز دىگەندە 15 گىرادوس پەرىقلىنىدۇ، شۇ پەرىقتىن توك ھاسىل  قىلىۋالىدۇ، بۇ تۈر دۆلىتىمىزدىمۇ يىقىنقى يىللاردا ئەمىلى تەجىربىدىن ئۆتكەن. پىرىنسىپى مىنىڭ تۈرۈمگە ئوخشاش، ئۇخشىمايدىغىنى پەرىقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىلا...
  ئەگەر يەر ئىسسىقلىقى يۇقىرىراق يەرلەر ياكى ئارشاڭ بولسا بىزمۇ شۇنداق توك ھاسىل قىلىمىز، تەڭرى بەرگەن ئەقىلنى زايە قىلماي ئىشلىتىپ، ئۇنى ئۆز خەلقىمىز ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىشلىتىمىز دىسەك بىزگە پۇرسەت يوق. بولمىسا باشقىلار قىلماستا بۇ چاغقىچە مەن قىلغان بۇلاتتىم.

226

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 25
مۇنبەر پۇلى: 562
تۆھپە : 4236
توردىكى ۋاقتى: 293
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-3 15:00:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-8-3 14:46
ئەسلى سىرتتا بولغاچ ئالدىراش بۇپ كىتىپلىدە تاشپۇلات ئ ...

شۇ مەنمۇ مەكتەپنىڭ ئىشلىرى، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ۋە ۋەتەندىن كەلگەن مېھمانلار قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن.  پۇرسەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن ۋە بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەرنىڭ سىزگە نېسىپ بۆلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
uyghuray

7

تېما

5

دوست

7742

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   54.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 595
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 2253
توردىكى ۋاقتى: 550
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-3 15:45:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاشپولات ئاكا  بۇماقالىڭىزنى ئوقۇپ خېلى روھلىنىپ قالدىم.
بەختىلىك يۈزلەردىن كۆرۇنگەن مۇۋەپپىققيەت جىلىۋىلىرى ئادەمگە بۆلەكچىلا تەسىر قىلدىكەن.ھەممىمىز   تىرشايلى!

4

تېما

4

دوست

2402

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35511
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 726
توردىكى ۋاقتى: 149
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-3 15:53:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپۇنىيە راستىنلا بەك ئ‍ىسسىقمۇ

21

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2043
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6158
توردىكى ۋاقتى: 2529
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-3 15:54:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kuxlan يوللىغان ۋاقتى  2015-8-3 15:45
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاشپولات ئاكا  بۇماقالىڭىزنى ئوقۇپ ...

تاشپۇلات ئاكىمىز كىنولارغا رولغا چىقسىمۇ بەك سالاپەتلىك چىقاتتى-ھە...

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   38.29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6145
توردىكى ۋاقتى: 1636
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-3 16:55:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازما ئۇچۇرىنى ئۈندىداردىن كۆرۈپ ،بەكلا قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇدۇم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )