قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 867|ئىنكاس: 5

ئىزدىنىش كىتابخانسىدىن 7-ئايلىق مۇكاپاتلانغانلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

1

دوست

6747

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   34.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6345
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 386
تۆھپە : 1873
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-4 18:23:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   obul21c تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-4 18:25  

7-ئايلىق تاللانغان كىتاب ئوقۇش خاتىرسى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ئوقۇرمەنلەر2015 -يىللىق كىتاب ئوقۇش يىلىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كىتاب ئوقۇش،تەسىرات يېزىش ۋە كىتاب سوۋغا قىلىش پائالىيتىمىز ناھايتى ياخشى داۋاملىشۋاتىدۇ.كەڭ دوستلارنىڭ قىزغىنلىق بىلەن قاتنىششىنى ئۆمۈت قىلىمىز.
تۆۋەندە ئىسمى چىققان ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتابخانىمىزغا كىرىپ ئۆزى خالىغان كىتابنى تاللىۋېلىشىنى ئۆمۈت قىلىمىز.
ئادرىسىمىز:http://izdinix.taobao.com
1.كىتابنىڭ نامى: ئەدەپ – ئەخلاقتىن تەۋسىيىلەر
ئاپتۇرى: ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن ، جېلىل ئۆمەر
نەشىر ۋاقتى: 2004-يىل 12- ئاي
ئوقۇرمەن: دىلمۇرات تاھىر ( يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ئەخمەتجان مەمتىمىن )
ئادرىسى: بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 92***46-0996
2 .كىتابنىڭ نامى: ئەۋلىيا ئاتا
ئاپتۇرى: سەيپىدىن ئەزىزى
نەشىر ۋاقتى:
ئوقۇرمەن: ئىلھامجان ئابلىمىت
ئادرىسى: شىنجاڭ قارا شەھەر ناھىيسى
ئالاقە نۇمۇر: 15****18999
3 .كىتابنىڭ نامى: نۇرۇزنامە
ئاپتۇرى: ئىمىن تۇرسۇن
نەشىر ۋاقتى: 2001-يىل 1-ئاي
ئوقۇرمەن: دىلبەر كېرەم ( يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ئەخمەتجان مەمتىمىن )
ئادرىسى: بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 42****15299
4 .كىتابنىڭ نامى: يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام
ئاپتۇرى: ئەختەم ئۆمەر
نەشىر ۋاقتى: 2008-يىل 6-ئاي
ئوقۇرمەن: گۈلزىرە ئەنۋەر ( يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ئەخمەتجان مەمتىمىن )
ئادرىسى: بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 03****13239
5 .كىتابنىڭ نامى: تارىم قۇۋقى چىكىلگەندە
ئاپتۇرى: ئەسئەت سۇلايمان
نەشىر ۋاقتى: 2002-يىل3-ئاي1-نەشىرى
ئوقۇرمەن: ياسىن داۋۇت
ئادرىسى: شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئونۋېرسىسىتى
ئالاقە نۇمۇر: 840***13009
6 .كىتابنىڭ نامى: سېھىرنىڭ سىرى
ئاپتۇرى: مۇھەممەت ئوسمان ئەمىرى
نەشىر ۋاقتى:
ئوقۇرمەن: دىلخۇمار قەھرىمان (يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ئەخمەتجان قۇربان)
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 815****1389
7 .كىتابنىڭ نامى: ئويغانغان زىمىن
ئاپتۇرى: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
نەشىر ۋاقتى: 2009-يىلى 8-ئاي 1-نەشىرى
ئوقۇرمەن: گۆھەرنىسا ئابدۇۋېلى(يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ئەخمەتجان قۇربان)
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر:
8 .كىتابنىڭ نامى: مەھمۇد كاشغەرىي
ئاپتۇرى: پەرھات جىلان
نەشىر ۋاقتى: 2009-يىلى 8-ئاي 1-نەشرى
ئوقۇرمەن: مەنزىرگۈل راخمان(يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ئەخمەتجان قۇربان)
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر:
9 .كىتابنىڭ نامى: ئىز
ئاپتۇرى: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
نەشىر ۋاقتى: 2000–يىلى 3- ئاي
ئوقۇرمەن: مەرھابا قۇربان(يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ئەخمەتجان قۇربان)
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر:
10 .كىتابنىڭ نامى: ئەقىللىق قىز
ئاپتۇرى: جالالىدىن بەھرام
نەشىر ۋاقتى: 2010-يىلى6-ئاينىڭ 28-كۈنى
ئوقۇرمەن: پاتىگۈل روزى(يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ئەخمەتجان قۇربان)
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر:
11 .كىتابنىڭ نامى: دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچىنىڭ داۋامى
ئاپتۇرى: مورس لول
نەشىر ۋاقتى: 2005-يىلى 5-ئاينىڭ 1-نەشىرى
ئوقۇرمەن: سالامەت تۇردى(يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ئەخمەتجان قۇربان)
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر:
12.كىتابنىڭ نامى: ئىزدىنىش 2 قىسىم
ئاپتۇرى: زۇردون سابىر
نەشىر ۋاقتى: 2009-يىل8-ئاي1-نەشىرى
ئوقۇرمەن: ئاسىمگۈل (يىتەكچى ئوقۇتقۇچى:زەينۇللا مۇئەللىم)
ئادرىسى: قەشقەر ۋىلايەتلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ
ئالاقە نۇمۇر: 08***152090
13 .كىتابنىڭ نامى: چالا تەككەن ئوق
ئاپتۇرى: ئابدۇللا تالىپ
نەشىر ۋاقتى: 1985-يىل6-ئاي1-نەشىرى
ئوقۇرمەن: كامىلە كۆرەش(يىتەكچى ئوقۇتقۇچى:زەينۇللا مۇئەللىم)
ئادرىسى: قەشقەر ۋىلايەتلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ
ئالاقە نۇمۇر: 08***152090
14 .كىتابنىڭ نامى: مەھمۇد كاشغەرىي
ئاپتۇرى: پەرھات جىلان
نەشىر ۋاقتى: 2009-يىلى 8-ئاي 1-نەشرى
ئوقۇرمەن: ئ‍ائىشە قۇتلۇق
ئادرىسى: پەيزىۋات ناھىيە بارىن بازىرى
ئالاقە نۇمۇر: 948***13070
پائاليەتكە قاتناشماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئادرىستىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ.
ئىزدىنىشتىن«كىتاب يىلى»غا ئېسىل سوۋغا
ئىزدىنىش كىتابخانىسى
http://izdinix.taobao.com


uyghuray

14

تېما

1

دوست

6747

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   34.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6345
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 386
تۆھپە : 1873
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-4 18:29:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسىراتتىن پارچىلار

مەھمۇد كاشغەرىي دىن خاتىرە  
   كىتاب ئ‍ىسمى : مەھمۇد كاشغەرىي
  ئاپتۇرى :پەرھات جىلان


   ئ‍اپتور ھەققىدە : تالانتلىق يازغۇچى پەرھات جىلان 1945-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان .ئ‍ۇ «مەدەنىيەت ئىنقىلابىي » مەزگىلىدىكى «سول » چىللىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ تاشچىلىق ۋە ھەرىكەشلىككە ئوخشاش ياللانما ئ‍ەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللانغان . «تۆت كىشلىك گۇرۇھ » ئ‍اغدۇرۇلغاندىن كېيىن ،بىر مەزگىل باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى ،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا ۋاقىتلىق تەرجىمە تەھرىرى بولۇپ ئىشلىگەن . 1979-يىلىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئ‍ىنىستىتۇتىدا دەسلەپتە رۇسچە تەرجىمان ،كېيىنچە تەرجىمە ماتېرىيال بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ،1991-يىلىدىن باشلاپ ئ‍ۇيغۇر تىلى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ،1994-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ تىل تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن ،2006-يىلى پېنسىيىگە چىققان .
   پەرھات جىلاننىڭ نۇرغۇن ھېكايە -پوۋېستلىرى ،«مەھمۇد كاشغەرىي »،«ئورخۇن شەجەرىسى »،«ئىدىقۇت يۇلتۇزى » قاتارلىق تارىخى رومانلىرى نەشىردىن چىقىپ جامائەتچىلىكنىڭ دىققەت ئ‍ېتىبارىنى قوزغىغان .
   پەرھات جىلان ھازىر جوڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى ،جوڭگو ئ‍از سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئ‍ىلمىي جەمئىيىتنىڭ ئەزاسى ،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ ئەزاسى ۋە شىنجاڭ چەت ئەل تىللىرى تەرجىمانلار جەمئىيتىنىڭ ئ‍ەزاسى .



     كىتاب مەزمۇنى ھەققىدە :   بۇ روماندا 11-ئەسىردىكى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ تارىخىي ،ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ئ‍ارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ ،بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ياشلىق دەۋرىدىن تارتىپ ئ‍ۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە بولغان ھايات مۇساپىسى بايان قىلنىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي  قاراخانىيلار جەمەتىدىن بولۇپ ،كاشىغەردىكى ساچىيە مەدرىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ ،كېيىن ئۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ بارلىق يۇرتلىرىنى كېزىپ چىقىدۇ . شۇ سەپەر جەريانىدا ،ئ‍ۇ ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ تىل ئ‍الاھىدىلىكلىرى ،ئ‍ېغىز ئ‍ەدەبىياتى ،تارىخىي ۋە باشقا جەھەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مول ماتېرىيال توپلايدۇ . ئ‍ۇ ئ‍ون نەچچە يىللىق دالا تەكشۈرشىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئ‍وردىدا تەخىت ماجراسى يۈز بېرىپ ،مەھمۇدنىڭ ئ‍اتىسى ۋە بوۋىسى ئ‍ۆلتۈرۈلىدۇ . مەھمۇد كاشغەرىيدىن قېچىپ چىقىپ ،سەمەرقەنت ،بۇخارا ،نىشاپور قاتارلىق جايلاردا مۇساپىر بولىدۇ ۋە ئاخىرى باغدات شەھىرىدە ماكانلىشىدۇ . بۇ يەردە ئ‍ۇ ئ‍ۇزۇن يىللار داۋامىدا يىغىلغان تىل ماتېرىياللىرى ئ‍اساسىدا ،ئ‍ۆزىنىڭ « تۈركىي تىللار دىۋانى » ناملىق مەشھۇر ئ‍ەسىرىنى يېزىپ ،باغدات خەلىپىسى مۇقتەدى بىئەمرىللاغا تەقدىم قىلىدۇ .
    مەھمۇد كاشغەرىي كېيىن يۇرتى ئ‍وپالغا قايتىپ كېلىپ بىر مەدرىسە سالدۇرىدۇ ۋە ئ‍ۆزى شۇ مەدرىسىدە سەككىز يىل مۇددەرسلىك قىلىپ ،توقسان يەتتە يېشىدا ئالەمدىن ئ‍ۆتىدۇ .  

      كىتابتىن ئالغان تەسىراتىم : بۇ كىتابنى بىر ھەپتىدە  ئ‍وقۇپ تۈگەتتىم . مەھمۇد كاشغەرىي بوۋامنىڭ قانداق بىر مۇھىتتا تۇغۇلۇپ ،قانداق شارائىتلاردا  دۇنياغا داڭلىق ئ‍الىم بولغانلىقى ،تارىخىمىزدىكى بىر غايەت زور قىممەتكە ئىگە  بىباھا گۆھەر بولغان « تۈركىي تىللار دىۋانى » نى  قانداق مەيدانغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلىپلا قالماي،قارا خانىلار  سۇلالىسى  توغرىلىق نۇرغۇن تارىخى بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم  ھەمدە تولىمۇ ئ‍ەپسۇسلاندىم !ئ‍اكا -ئۇكىلار تەخت تالىشىپ  نۇرغۇن بىگۇناھ  خەلىقنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىكەن ،ئاكىسى پادىشاھ بولسا ئ‍ۇكىسى ئ‍ۆكتە قۇپۇپ ،ئ‍اكىسىغا قارشى قۇشۇن تارتقان ،ئۇكىسى  تەخىتتە ئولتۇرسا ئ‍اكىسى قارشى تىغ كۆتۈرگەن ،ئ‍ۇلار ئ‍ۆز مەقسەتلىرىگە يەتكۈچە  نۇرغۇن بىگۇناھ باشلار تېنىدىن ئ‍ايرىلىدىكەن ؛ تەخىتتە ئولتۇرغانلار  نەفىسنىڭ كەينىگە كىرىپ ،زېمىن كېڭەيتىمىز دەپ قوشنا قەبىلىلەرگە  ھۇجۇم قىلىدىكەن ،يەنە شۇ بىگۇناھ پۇقرالار   ،ئ‍ەسكەرلەر ئ‍ۇلارنىڭ تويماس نەفسى  ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىدىكەن .بۇنداق ئىشلار نۇرغۇن قېتىم قايتا -قايتا يۈز بەرگەن  ئىكەن ،بىز شۇ تارىخلاردىن ئىبرەت ئ‍ېلىشىمىز كېرەك .
       ئ‍ەسەردىن ئ‍ۇلۇغ بوۋىمىز  مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھايات مۇساپىسىدىن خەۋەردار بولۇپلا قالماي  ،شۇ دەۋردىكى خەلىقنىڭ تۇرمۇشىدىن ، خان ئ‍وردىسىدىكى ھەرخىل ماجىرالاردىن خەۋەر تاپتىم . قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىردە  پادىشاھ دىن تارتىپ ئاددىي پۇقراغىچە ئ‍ىلىمگە ناھايىتى ئ‍ەھمىيەت بېرىدىكەن ، بىلىملىك كىشلەرنى ھۆرمەتلەيدىكەن،ئ‍وردىدىكى مۇھىم خىزمەتلەرگىمۇ بىلىملىك كىشلەرنى تاللاپ ئ‍ورۇنلاشتۇرىدىكەن ،  پادىشاھلارمۇ پات پات بىلىملىك،ئىلىم سۆيەر   كىشلەرنى يىغىپ ئ‍ىلىم توغرىسىدا مۇنازىرلەرنى ئ‍ېلىپ بارىدىكەن ، نەق مەيداندا تۇرۇپ  شېئىر ئ‍وقۇپ ئ‍ۆز ئارا مۇسابىقىگە سالىدىكەن ،مۇشۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئ‍اددى دېھقانلارمۇ باللىرى مەيلى ئوغۇل مەيلى قىز بولسۇن قۇربىتىلا يەتسە  مەدرسلەرگە بېرىدىكەن ،ھەرگىزمۇ «قىز بالىنى ئ‍وقۇتۇپ نىمە ئىش قىلىمىز »  ئ‍ەمەس ،قىز بالىنىڭ ئەدەپ- ئەخلاقلىق بولۇپلا قالماي يەنە بىلىملىك بولۇشىغا  ئەھمىيەت بېرىدىكەن . بىزنىڭ زور روھىي تۈۋرۈكىمىز بولغان  ئىككى ئ‍ۇلۇغ بوۋىمىز ئ‍ۆزىنىڭ بۈيۈك ئ‍ەسەرلىرى ئ‍ارقىلىق ئىلىم مەرىپەتنىڭ گۈللىنىشىنى يۇقىرى پەللىگە چىقارغان .  شۇنداق قىلىپ مەدەنىيەتلىك مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان  ئ‍ىكەنمىز  .ئەپسۇس ۋە مىڭ ئەپسۇس ، قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە ئ‍وردا ئىچىدە شەخسى ئ‍اداۋەتلەر كۈنسېرى كۆپەيگەن ،شۇنىڭ بىلەن خەلىقنىڭ قانداق كۈن كۆرىۋاتقانلىقلىرى بىلەن كارى بولمىغان ،ھەرخىل تەبئىي ئاپەتلەر سەۋەبىدىن دېھقانچىلىقتىنمۇ ياخشى ھۇسۇل چىقماي خەلىقنىڭ ماددى ئېھتىياجىمۇ قانمىغان ،بۇنداق بولغاندىكىن مەنىۋى ئېھتىياجغا ئ‍ېشىنمايدۇ -دە !شۇنىڭ بىلەن شۇنداق پارلاق مەدەنىيەت زاۋاللىققا قاراپ يۈزلەنگەن .   
     ئەمدى ئ‍ۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي ئۈستىدە توختالسام ،ئ‍ۇلۇغ  بوۋىمىز كىچىكىدىن تارتىپ ئ‍ۈگنىشكە  ناھايىتى ھېرىسمەن ئىكەن ،ھەرقايسى دەرسلەرنى  قېتىرقىنىپ ئۈگنىپلا قالماي  ،مەدرىسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنمۇ ئىزچىل تۈردە ئ‍ۈزى ئ‍ىزدىنىپ توختىماي ئۈگەنگەن ھەم دائىم قولىدىن كىتاب چۈشمەيدىكەن . بوۋىسى بۇغراخان ئ‍وردىدا خىزمەت قىل دېسە ،«مەن ۋەزىر بولۇشنى خالىمايمەن ،مۇدەررىس بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن »دېگەن  . مەھمۇد بوۋىمىز بىلىم ئ‍ېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي يەنە قىلىچۋازلىق ،نەيزىۋازلىق ،چەۋەندازلىق ،ئ‍وقيا ئ‍ېتىش ،چېلىشىش ،چەۋگەن(ئ‍ات مىنىپ ئ‍وينىلىدىغان توپ ئويۇنى ) ۋە شاھمات ئ‍ويناش ،ساز چېلىش لاردىمۇ خېلى يۇقىرى ماھارەتلەرنى ئ‍ىگەللەپ  ئ‍ۈزىنى تاكاماللاشتۇرغان . بۇ يەردە يەنە بىر ئ‍ىشنى دەپ ئ‍ۆتۈش كېرەككى ،مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ بىر خاس قۇلى بولۇپ ،ئىسمى تۇرۇمتاي كىچىكىدىن تارتىپلا بوۋىمىزغا ھەمراھ بولۇپ ئ‍ۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئۆسكەن ،گۆدەك چاغلىرىدا مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ ئ‍انىسى بۇبى رابىيە ئالتۇن تارىم بوۋىمىز بىلەن بىرلىكتە ئ‍وقۇتۇپ ساۋاتىنى چىقىرىپ قويغان ،شۇنداق قىلىپ ئ‍ۇ كىتاب ئوقۇيدىغان ۋە باشقا  قۇللار بىلمەيدىغان ئىشلارنى بىلىدىغان ئالاھىدە قۇل بولۇپ قالغان . ئ‍ۇمۇ مەيلى قىلىچۋازلىق ۋەياكى ئ‍وقيا ئ‍ېتىش بولسۇن خېلىلا ئ‍ۇستا بولۇپ  ھەردائىم مەھمۇد بوۋىمىز ئۈچۈن تەييار بولۇپ تۇراتتى ،مەھمۇد بوۋىمىز بارلىق تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى تەكشۈرۈشكە چىققان سەپەردە قاراقچىلارغا ئ‍ۇچراپ ،ھاياتىدىن ئ‍ايرىلغىلى تاسلا قالغان ،بۇۋاقىتتا دەل تۇرۇمتاي بوۋىمىزنى قۇتۇلدۇرۋالغان ،شۇ سەۋەبتىن تۇرۇمتاي قۇللۇقتىن ئ‍ازاد قىلىنغان ،تۇرۇمتايمۇ ئ‍ىگىسىگە  شۇنداق سادىق قۇل بولغان ،مەھمۇد بوۋىمىزمۇ قۇلىدىن كېلىدىغان ياخشىلىقنىڭ ھەممىنى قىلغان ،ئ‍ۇنى ھەرگىز قۇل ئ‍ورنىدا كۆرمىگەن ،ئاخىرىدا تۇرۇمتاي شۇ بوۋىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئ‍ۈزى جان ئۈزگەن .
      مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ  كاشغەرىي تەخەللۇسى «كىتابى جاۋاھىرۇننەھۋى فىللۇغاتىت تۈرك » ناملىق كىتابىنى يېزىپ تاماملاپ ئېچىلغان ئ‍ىلمىي مۇزاكىرە يىغىنىدا قۇيۇلغان .
  تىل تەكشۈرۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئ‍وردىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ بىر كېچىدىلا مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ بوۋىسى ۋە دادىسى ئۆلتۈرۈلگەن ، ئ‍انىسى ئوردىدىن قېچىپ كېتىۋاتقان يولدا ئۆلتۈرۈلگەن ،ئ‍ايالى چولپانئاي مەھمۇد بوۋىمىزنى قۇتۇلدۇرىمەن دەپ قىلىچ تېگىپ قۇربان بولغان ،شۇنداق قىلىپ ،مەھمۇد بوۋىمىز ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ،تەقدىر بوۋىمىزنى يىقىتىمەن دەپ شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ بوۋىمىز يەنىلا باش ئەگمىگەن ،ھەر بۇرۇنقى بەختىيار كۈنلىرى ئ‍ېسىگە كېلىپ كۆڭلى بۇزۇلغاندا ،بېشىنى بىر سىلكىۋېتىپ «ياق مەن بۇنداق ھېسسىياتقا بېرىلسەم بولمايدۇ ،مەن قىلىشقا تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن ئىشلار بار »دەپ ئ‍ۈزىنى ئازابلىق ئ‍ەسلىمىلەر قوينىدىن تارتىپ چىقارغان . ئۇلۇغ بوۋىمىزنى بىر بۈيۈك ئ‍ەسەر ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت غايىسى شۇ كۆتۈرۈپ قوپقىسىز ئ‍وڭۇشسىزلىقلارغىمۇ باش ئ‍ەگدۈرمىگەن. شۇنىڭدىن ھېس قىلدىمكى ،ئ‍ادەمدە بىر ئ‍ۇلۇغ غايىلا بولسا ،تۇرمۇشتىكى ئ‍وڭۇشسىزلىقلارغا توغرا يۈزلەنسە مىسىلسىز نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىكەن .
   
مەھمۇد بوۋىمىز تىل تەكشۈرۈشكە چىققان ئ‍ۇزۇن سەپەردىمۇ ،30يىل مۇساپىر بولۇپ ياشىغان باغدات شەھىرىدىمۇ شۇنداق ئ‍ەزىزلىنىپ ياشىغان ،باغداتتىكى ۋاقتىدا بىر قېتىم ئ‍وردىدىكى قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن زىندانغا كىرىپ قالغاندا پۈتۈن شەھەر خەلقى ئ‍وردا ئ‍الدىغا يىغىلىپ ،مەھمۇد كاشغەرىي نى قۇيۇپ بەرسۇن دەپ نامايىش تولىغان ،بوۋىمىز باغداتتىن كاشىغەرگە  قايتقان ۋاقىتتا ،ئ‍ېتى بارلار ئ‍ېتى بىلەن ،يوقلار پىيادە مېڭىپ ،بوۋىمىزنى خېلى ئۇزۇن يەرلەرگىچە  ئ‍ۇزىتىپ كەلگەن . كاشىغەر خەلقى ئ‍ۇلۇغ بوۋىمىزنى مەدھىيەلەپ «كاشىغەر ناخشىسى » دەپ بىر ناخشا ئ‍ىجاد قىلغان . چۈنكى ئ‍ۇلۇغ بوۋىمىز پۈتۈن ئۆمرىدە بىرسىگە قىلچىلىك يامانلىق قىلمىغان ،ھوقۇق ياكى مال دۇنياغىمۇ بېرىلمىگەن ،ئىلىم مەرىپەت  ئ‍ىشلىرى بىلەنلا شۇغۇللانغان . ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي نىڭ روھىي بىزنى ھەردائىم ئۈزلۈكسىز ئ‍ۈگنىشكە يېتەكلەپلا  قالماي ،بىزنى يەنە ھاياتىمىزدا بىر ئ‍ىز قالدۇرۇپ مېڭىشقا چاقىرىدۇ .
    ياشلار ! بىز بىلىم ئالايلى ،ئىلىم مەرىپەت ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى !ھاياتىمىزدا بىر ئ‍ىز قالدۇرۇش ئۈچۈن  توختاۋسىز ئ‍ىزدىنەيلى !شۇندىلا ئ‍ولۇغ بوۋىللىرىمىزغا يۈز كېلەلەيمىز !
     
  



  ئ‍ىسىم : ئ‍ائىشە قۇتلۇق
   تېلىفۇن :948****1307
  ئ‍ادرېس : پەيزىۋات ناھىيە بارىن بازىرى

14

تېما

1

دوست

6747

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   34.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6345
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 386
تۆھپە : 1873
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-17 23:08:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
12.كىتابنىڭ نامى: ئىزدىنىش 2 قىسىم
ئاپتۇرى: زۇردون سابىر
نەشىر ۋاقتى: 2009-يىل8-ئاي1-نەشىرى
ئوقۇرمەن: ئاسىمگۈل (يىتەكچى ئوقۇتقۇچى:زەينۇللا مۇئەللىم)
ئادرىسى: قەشقەر ۋىلايەتلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ
ئالاقە نۇمۇر: 08***152090
13 .كىتابنىڭ نامى: چالا تەككەن ئوق
ئاپتۇرى: ئابدۇللا تالىپ
نەشىر ۋاقتى: 1985-يىل6-ئاي1-نەشىرى
ئوقۇرمەن: كامىلە كۆرەش(يىتەكچى ئوقۇتقۇچى:زەينۇللا مۇئەللىم)
ئادرىسى: قەشقەر ۋىلايەتلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ
يۇقارقى ئوقۇرمەنلەرگە  ”قۇم باسقان شەھەر“،«كۆمۈرچى بالا»،«قىزلارغا 100 مەسلىھەت» قاتارلىق كىتاپلار سوۋغات قىلىندى.

14

تېما

1

دوست

6747

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   34.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6345
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 386
تۆھپە : 1873
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-17 23:10:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
14 .كىتابنىڭ نامى: مەھمۇد كاشغەرىي
ئاپتۇرى: پەرھات جىلان
نەشىر ۋاقتى: 2009-يىلى 8-ئاي 1-نەشرى
ئوقۇرمەن: ئ‍ائىشە قۇتلۇق
ئادرىسى: پەيزىۋات ناھىيە بارىن بازىرى
ئالاقە نۇمۇر: 948***13070
يۇقارقى ئوقۇرمەنگە نۇر ئەلى ئابلېز يازغان «你的一年8760小时» ناملىق كىتاب سوۋغات قىلىندى.
uyghuray

0

تېما

1

دوست

1754

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   75.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40552
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 562
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-19 18:14:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azhar36 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-19 18:17  

بىز ئىزدىنىش كىتابخانىسى ئورۇنلاشتۇرغان مۇكاپاتلىق كىتاب ئوقۇش ، تەسىرات يېزىش پائالىيىتىگە ئىزچىل قاتنىشىۋاتىمىز .
7- ئايدا بىز تۆۋەندىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇپ تەسىرات يېزىپ مۇكاپاتلاندۇق .
1.كىتابنىڭ نامى: ئەدەپ – ئەخلاقتىن تەۋسىيىلەر
ئاپتۇرى: ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن ، جېلىل ئۆمەر
نەشىر ۋاقتى: 2004-يىل 12- ئاي
ئوقۇرمەن: دىلمۇرات تاھىر ( يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ئەخمەتجان مەمتىمىن )
ئادرىسى: بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى
3 .كىتابنىڭ نامى: نۇرۇزنامە
ئاپتۇرى: ئىمىن تۇرسۇن
نەشىر ۋاقتى: 2001-يىل 1-ئاي
ئوقۇرمەن: دىلبەر كېرەم ( يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ئەخمەتجان مەمتىمىن )
ئادرىسى: بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى
4 .كىتابنىڭ نامى: يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام
ئاپتۇرى: ئەختەم ئۆمەر
نەشىر ۋاقتى: 2008-يىل 6-ئاي
ئوقۇرمەن: گۈلزىرە ئەنۋەر ( يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ئەخمەتجان مەمتىمىن )
ئادرىسى: بۈگۈر ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 03****13239
بىزگە ئىزدىنىش كىتابخانىسى ‹‹ تۇرمۇشتىكى پەلسەپە ›› ، ‹‹ ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر ›› ، ‹‹ مەن نېمىشقا ئوبزۇر يازىمەن ›› ، ‹‹ ئۆزلۈك ۋە كىملىك ›› قاتارلىق كىتابلارنى سوۋغا قىلدى .
ئىزدىنىش كىتابخانىسىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمىز !

0

تېما

0

دوست

119

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   39.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40977
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-25 15:43:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6 .كىتابنىڭ نامى: سېھىرنىڭ سىرى
ئاپتۇرى: مۇھەممەت ئوسمان ئەمىرى
نەشىر ۋاقتى:
ئوقۇرمەن: دىلخۇمار قەھرىمان (يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ئەخمەتجان قۇربان)
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر: 815****1389
7 .كىتابنىڭ نامى: ئويغانغان زىمىن
ئاپتۇرى: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
نەشىر ۋاقتى: 2009-يىلى 8-ئاي 1-نەشىرى
ئوقۇرمەن: گۆھەرنىسا ئابدۇۋېلى(يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ئەخمەتجان قۇربان)
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر:
8 .كىتابنىڭ نامى: مەھمۇد كاشغەرىي
ئاپتۇرى: پەرھات جىلان
نەشىر ۋاقتى: 2009-يىلى 8-ئاي 1-نەشرى
ئوقۇرمەن: مەنزىرگۈل راخمان(يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ئەخمەتجان قۇربان)
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر:
9 .كىتابنىڭ نامى: ئىز
ئاپتۇرى: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
نەشىر ۋاقتى: 2000–يىلى 3- ئاي
ئوقۇرمەن: مەرھابا قۇربان(يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ئەخمەتجان قۇربان)
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر:
10 .كىتابنىڭ نامى: ئەقىللىق قىز
ئاپتۇرى: جالالىدىن بەھرام
نەشىر ۋاقتى: 2010-يىلى6-ئاينىڭ 28-كۈنى
ئوقۇرمەن: پاتىگۈل روزى(يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ئەخمەتجان قۇربان)
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر:
11 .كىتابنىڭ نامى: دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچىنىڭ داۋامى
ئاپتۇرى: مورس لول
نەشىر ۋاقتى: 2005-يىلى 5-ئاينىڭ 1-نەشىرى
ئوقۇرمەن: سالامەت تۇردى(يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ئەخمەتجان قۇربان)
ئادرىسى: چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئالاقە نۇمۇر:

ئىزدىنىش كىتابخانىسى بىزگە 7-ئايلىق كىتاب ئوقۇپ، تەسىراتى يېزىش مۇكاپاتلىق پائالىيىتىدە  «ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر» ، «تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە» ، «ئۆكسۈش» ، «ئەكبەر» ، «تۈندىكى چاقماق» ، «قىيامەت» ، «يامغۇرلۇق يەكشەنبە» ، «روھىيەتنىڭ قاتلىرىنى ۋاراقلاپ» ، «ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقى ۋە تىلى ھەققىدە» قاتارلىق كىتابلارنى سوۋغا قىلدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )