ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم كەڭ ئوقۇرمەن دوستلار.
كىتابخانىمىزنىڭ «كىتاب ئوقۇش يىلى»نى تەبرىكلەش مۇناسىۋتى بىلەن ئېلىپ بارغان كىتاب ئوقۇپ تەسىرات يازغانلارغا كىتاب سوۋغا قىلىش پائاليىتىدە تاللانغان تەسىرات ماقالىسىنى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇق.
مەھمۇد كاشغەرىي دىن خاتىرە كىتاب ئىسمى : مەھمۇد كاشغەرىي
ئاپتۇرى :پەرھات جىلان
ئاپتور ھەققىدە : تالانتلىق يازغۇچى پەرھات جىلان 1945-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان .ئۇ «مەدەنىيەت ئىنقىلابىي » مەزگىلىدىكى «سول » چىللىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ تاشچىلىق ۋە ھەرىكەشلىككە ئوخشاش ياللانما ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللانغان . «تۆت كىشلىك گۇرۇھ » ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ،بىر مەزگىل باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى ،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا ۋاقىتلىق تەرجىمە تەھرىرى بولۇپ ئىشلىگەن . 1979-يىلىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا دەسلەپتە رۇسچە تەرجىمان ،كېيىنچە تەرجىمە ماتېرىيال بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ،1991-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ،1994-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ تىل تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن ،2006-يىلى پېنسىيىگە چىققان .
پەرھات جىلاننىڭ نۇرغۇن ھېكايە -پوۋېستلىرى ،«مەھمۇد كاشغەرىي »،«ئورخۇن شەجەرىسى »،«ئىدىقۇت يۇلتۇزى » قاتارلىق تارىخى رومانلىرى نەشىردىن چىقىپ جامائەتچىلىكنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان .
پەرھات جىلان ھازىر جوڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى ،جوڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتنىڭ ئەزاسى ،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ ئەزاسى ۋە شىنجاڭ چەت ئەل تىللىرى تەرجىمانلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى .
كىتاب مەزمۇنى ھەققىدە : بۇ روماندا 11-ئەسىردىكى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ تارىخىي ،ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ ،بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ياشلىق دەۋرىدىن تارتىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە بولغان ھايات مۇساپىسى بايان قىلنىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي قاراخانىيلار جەمەتىدىن بولۇپ ،كاشىغەردىكى ساچىيە مەدرىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ ،كېيىن ئۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ بارلىق يۇرتلىرىنى كېزىپ چىقىدۇ . شۇ سەپەر جەريانىدا ،ئۇ ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرى ،ئېغىز ئەدەبىياتى ،تارىخىي ۋە باشقا جەھەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مول ماتېرىيال توپلايدۇ . ئۇ ئون نەچچە يىللىق دالا تەكشۈرشىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوردىدا تەخىت ماجراسى يۈز بېرىپ ،مەھمۇدنىڭ ئاتىسى ۋە بوۋىسى ئۆلتۈرۈلىدۇ . مەھمۇد كاشغەرىيدىن قېچىپ چىقىپ ،سەمەرقەنت ،بۇخارا ،نىشاپور قاتارلىق جايلاردا مۇساپىر بولىدۇ ۋە ئاخىرى باغدات شەھىرىدە ماكانلىشىدۇ . بۇ يەردە ئۇ ئۇزۇن يىللار داۋامىدا يىغىلغان تىل ماتېرىياللىرى ئاساسىدا ،ئۆزىنىڭ « تۈركىي تىللار دىۋانى » ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىپ ،باغدات خەلىپىسى مۇقتەدى بىئەمرىللاغا تەقدىم قىلىدۇ .
مەھمۇد كاشغەرىي كېيىن يۇرتى ئوپالغا قايتىپ كېلىپ بىر مەدرىسە سالدۇرىدۇ ۋە ئۆزى شۇ مەدرىسىدە سەككىز يىل مۇددەرسلىك قىلىپ ،توقسان يەتتە يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ .
كىتابتىن ئالغان تەسىراتىم : بۇ كىتابنى بىر ھەپتىدە ئوقۇپ تۈگەتتىم . مەھمۇد كاشغەرىي بوۋامنىڭ قانداق بىر مۇھىتتا تۇغۇلۇپ ،قانداق شارائىتلاردا دۇنياغا داڭلىق ئالىم بولغانلىقى ،تارىخىمىزدىكى بىر غايەت زور قىممەتكە ئىگە بىباھا گۆھەر بولغان « تۈركىي تىللار دىۋانى » نى قانداق مەيدانغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلىپلا قالماي،قارا خانىلار سۇلالىسى توغرىلىق نۇرغۇن تارىخى بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم ھەمدە تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم !ئاكا -ئۇكىلار تەخت تالىشىپ نۇرغۇن بىگۇناھ خەلىقنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىكەن ،ئاكىسى پادىشاھ بولسا ئۇكىسى ئۆكتە قۇپۇپ ،ئاكىسىغا قارشى قۇشۇن تارتقان ،ئۇكىسى تەخىتتە ئولتۇرسا ئاكىسى قارشى تىغ كۆتۈرگەن ،ئۇلار ئۆز مەقسەتلىرىگە يەتكۈچە نۇرغۇن بىگۇناھ باشلار تېنىدىن ئايرىلىدىكەن ؛ تەخىتتە ئولتۇرغانلار نەفىسنىڭ كەينىگە كىرىپ ،زېمىن كېڭەيتىمىز دەپ قوشنا قەبىلىلەرگە ھۇجۇم قىلىدىكەن ،يەنە شۇ بىگۇناھ پۇقرالار ،ئەسكەرلەر ئۇلارنىڭ تويماس نەفسى ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىدىكەن .بۇنداق ئىشلار نۇرغۇن قېتىم قايتا -قايتا يۈز بەرگەن ئىكەن ،بىز شۇ تارىخلاردىن ئىبرەت ئېلىشىمىز كېرەك .
ئەسەردىن ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھايات مۇساپىسىدىن خەۋەردار بولۇپلا قالماي ،شۇ دەۋردىكى خەلىقنىڭ تۇرمۇشىدىن ، خان ئوردىسىدىكى ھەرخىل ماجىرالاردىن خەۋەر تاپتىم . قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىردە پادىشاھ دىن تارتىپ ئاددىي پۇقراغىچە ئىلىمگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىكەن ، بىلىملىك كىشلەرنى ھۆرمەتلەيدىكەن،ئوردىدىكى مۇھىم خىزمەتلەرگىمۇ بىلىملىك كىشلەرنى تاللاپ ئورۇنلاشتۇرىدىكەن ، پادىشاھلارمۇ پات پات بىلىملىك،ئىلىم سۆيەر كىشلەرنى يىغىپ ئىلىم توغرىسىدا مۇنازىرلەرنى ئېلىپ بارىدىكەن ، نەق مەيداندا تۇرۇپ شېئىر ئوقۇپ ئۆز ئارا مۇسابىقىگە سالىدىكەن ،مۇشۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئاددى دېھقانلارمۇ باللىرى مەيلى ئوغۇل مەيلى قىز بولسۇن قۇربىتىلا يەتسە مەدرسلەرگە بېرىدىكەن ،ھەرگىزمۇ «قىز بالىنى ئوقۇتۇپ نىمە ئىش قىلىمىز » ئەمەس ،قىز بالىنىڭ ئەدەپ- ئەخلاقلىق بولۇپلا قالماي يەنە بىلىملىك بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدىكەن . بىزنىڭ زور روھىي تۈۋرۈكىمىز بولغان ئىككى ئۇلۇغ بوۋىمىز ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئىلىم مەرىپەتنىڭ گۈللىنىشىنى يۇقىرى پەللىگە چىقارغان . شۇنداق قىلىپ مەدەنىيەتلىك مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىكەنمىز .ئەپسۇس ۋە مىڭ ئەپسۇس ، قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە ئوردا ئىچىدە شەخسى ئاداۋەتلەر كۈنسېرى كۆپەيگەن ،شۇنىڭ بىلەن خەلىقنىڭ قانداق كۈن كۆرىۋاتقانلىقلىرى بىلەن كارى بولمىغان ،ھەرخىل تەبئىي ئاپەتلەر سەۋەبىدىن دېھقانچىلىقتىنمۇ ياخشى ھۇسۇل چىقماي خەلىقنىڭ ماددى ئېھتىياجىمۇ قانمىغان ،بۇنداق بولغاندىكىن مەنىۋى ئېھتىياجغا ئېشىنمايدۇ -دە !شۇنىڭ بىلەن شۇنداق پارلاق مەدەنىيەت زاۋاللىققا قاراپ يۈزلەنگەن .
ئەمدى ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي ئۈستىدە توختالسام ،ئۇلۇغ بوۋىمىز كىچىكىدىن تارتىپ ئۈگنىشكە ناھايىتى ھېرىسمەن ئىكەن ،ھەرقايسى دەرسلەرنى قېتىرقىنىپ ئۈگنىپلا قالماي ،مەدرىسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنمۇ ئىزچىل تۈردە ئۈزى ئىزدىنىپ توختىماي ئۈگەنگەن ھەم دائىم قولىدىن كىتاب چۈشمەيدىكەن . بوۋىسى بۇغراخان ئوردىدا خىزمەت قىل دېسە ،«مەن ۋەزىر بولۇشنى خالىمايمەن ،مۇدەررىس بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن »دېگەن . مەھمۇد بوۋىمىز بىلىم ئېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي يەنە قىلىچۋازلىق ،نەيزىۋازلىق ،چەۋەندازلىق ،ئوقيا ئېتىش ،چېلىشىش ،چەۋگەن(ئات مىنىپ ئوينىلىدىغان توپ ئويۇنى ) ۋە شاھمات ئويناش ،ساز چېلىش لاردىمۇ خېلى يۇقىرى ماھارەتلەرنى ئىگەللەپ ئۈزىنى تاكاماللاشتۇرغان . بۇ يەردە يەنە بىر ئىشنى دەپ ئۆتۈش كېرەككى ،مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ بىر خاس قۇلى بولۇپ ،ئىسمى تۇرۇمتاي كىچىكىدىن تارتىپلا بوۋىمىزغا ھەمراھ بولۇپ ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئۆسكەن ،گۆدەك چاغلىرىدا مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ ئانىسى بۇبى رابىيە ئالتۇن تارىم بوۋىمىز بىلەن بىرلىكتە ئوقۇتۇپ ساۋاتىنى چىقىرىپ قويغان ،شۇنداق قىلىپ ئۇ كىتاب ئوقۇيدىغان ۋە باشقا قۇللار بىلمەيدىغان ئىشلارنى بىلىدىغان ئالاھىدە قۇل بولۇپ قالغان . ئۇمۇ مەيلى قىلىچۋازلىق ۋەياكى ئوقيا ئېتىش بولسۇن خېلىلا ئۇستا بولۇپ ھەردائىم مەھمۇد بوۋىمىز ئۈچۈن تەييار بولۇپ تۇراتتى ،مەھمۇد بوۋىمىز بارلىق تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى تەكشۈرۈشكە چىققان سەپەردە قاراقچىلارغا ئۇچراپ ،ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاسلا قالغان ،بۇۋاقىتتا دەل تۇرۇمتاي بوۋىمىزنى قۇتۇلدۇرۋالغان ،شۇ سەۋەبتىن تۇرۇمتاي قۇللۇقتىن ئازاد قىلىنغان ،تۇرۇمتايمۇ ئىگىسىگە شۇنداق سادىق قۇل بولغان ،مەھمۇد بوۋىمىزمۇ قۇلىدىن كېلىدىغان ياخشىلىقنىڭ ھەممىنى قىلغان ،ئۇنى ھەرگىز قۇل ئورنىدا كۆرمىگەن ،ئاخىرىدا تۇرۇمتاي شۇ بوۋىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۈزى جان ئۈزگەن .
مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ كاشغەرىي تەخەللۇسى «كىتابى جاۋاھىرۇننەھۋى فىللۇغاتىت تۈرك » ناملىق كىتابىنى يېزىپ تاماملاپ ئېچىلغان ئىلمىي مۇزاكىرە يىغىنىدا قۇيۇلغان .
تىل تەكشۈرۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوردىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ بىر كېچىدىلا مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ بوۋىسى ۋە دادىسى ئۆلتۈرۈلگەن ، ئانىسى ئوردىدىن قېچىپ كېتىۋاتقان يولدا ئۆلتۈرۈلگەن ،ئايالى چولپانئاي مەھمۇد بوۋىمىزنى قۇتۇلدۇرىمەن دەپ قىلىچ تېگىپ قۇربان بولغان ،شۇنداق قىلىپ ،مەھمۇد بوۋىمىز ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ،تەقدىر بوۋىمىزنى يىقىتىمەن دەپ شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ بوۋىمىز يەنىلا باش ئەگمىگەن ،ھەر بۇرۇنقى بەختىيار كۈنلىرى ئېسىگە كېلىپ كۆڭلى بۇزۇلغاندا ،بېشىنى بىر سىلكىۋېتىپ «ياق مەن بۇنداق ھېسسىياتقا بېرىلسەم بولمايدۇ ،مەن قىلىشقا تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن ئىشلار بار »دەپ ئۈزىنى ئازابلىق ئەسلىمىلەر قوينىدىن تارتىپ چىقارغان . ئۇلۇغ بوۋىمىزنى بىر بۈيۈك ئەسەر ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت غايىسى شۇ كۆتۈرۈپ قوپقىسىز ئوڭۇشسىزلىقلارغىمۇ باش ئەگدۈرمىگەن. شۇنىڭدىن ھېس قىلدىمكى ،ئادەمدە بىر ئۇلۇغ غايىلا بولسا ،تۇرمۇشتىكى ئوڭۇشسىزلىقلارغا توغرا يۈزلەنسە مىسىلسىز نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىكەن .
مەھمۇد بوۋىمىز تىل تەكشۈرۈشكە چىققان ئۇزۇن سەپەردىمۇ ،30يىل مۇساپىر بولۇپ ياشىغان باغدات شەھىرىدىمۇ شۇنداق ئەزىزلىنىپ ياشىغان ،باغداتتىكى ۋاقتىدا بىر قېتىم ئوردىدىكى قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن زىندانغا كىرىپ قالغاندا پۈتۈن شەھەر خەلقى ئوردا ئالدىغا يىغىلىپ ،مەھمۇد كاشغەرىي نى قۇيۇپ بەرسۇن دەپ نامايىش تولىغان ،بوۋىمىز باغداتتىن كاشىغەرگە قايتقان ۋاقىتتا ،ئېتى بارلار ئېتى بىلەن ،يوقلار پىيادە مېڭىپ ،بوۋىمىزنى خېلى ئۇزۇن يەرلەرگىچە ئۇزىتىپ كەلگەن . كاشىغەر خەلقى ئۇلۇغ بوۋىمىزنى مەدھىيەلەپ «كاشىغەر ناخشىسى » دەپ بىر ناخشا ئىجاد قىلغان . چۈنكى ئۇلۇغ بوۋىمىز پۈتۈن ئۆمرىدە بىرسىگە قىلچىلىك يامانلىق قىلمىغان ،ھوقۇق ياكى مال دۇنياغىمۇ بېرىلمىگەن ،ئىلىم مەرىپەت ئىشلىرى بىلەنلا شۇغۇللانغان . ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي نىڭ روھىي بىزنى ھەردائىم ئۈزلۈكسىز ئۈگنىشكە يېتەكلەپلا قالماي ،بىزنى يەنە ھاياتىمىزدا بىر ئىز قالدۇرۇپ مېڭىشقا چاقىرىدۇ .
ياشلار ! بىز بىلىم ئالايلى ،ئىلىم مەرىپەت ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى !ھاياتىمىزدا بىر ئىز قالدۇرۇش ئۈچۈن توختاۋسىز ئىزدىنەيلى !شۇندىلا ئولۇغ بوۋىللىرىمىزغا يۈز كېلەلەيمىز
ئىسىم : ئائىشە قۇتلۇق
تېلىفۇن :
ئادرېس : پەيزىۋات ناھىيە بارىن بازىرى
ئىزدىنىش كىتابخانىسى
http://izdinix.taobao.com
|