HIV نى يېڭىشنىڭ يېڭى تاكتىكىلىرى
تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت بىلگە
ئەيدىز ئېنگىلىزچىدىكى AIDS، يەنى Acquired Immune Deficiency Syndrome (ئېرىشىلگەن ئىممۇنىت كەمتۈكلۈكى كېسەللىكى دېگەن مەنىدە) دېگەن ئاتالغۇدىن ئۇيغۇرچىغا كىرگەن بولۇپ، بۇ بىر خىل ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشتىن كىلىپ چىقىدىغان جانغا زامىن بولغۇچى كېسەلدۇر. ئەيدىز كېسىلى كىشىلەرنىڭ HIV (ئىنسان ئىممۇنىت-كەمتۈكلۈكى ۋىرۇسى)دىن يۇقۇملىنىشى بىلەن پەيدا بولىدىغان كېسەل بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ مايمۇنلاردىن ئىنسانغا يۇققان دەپ قارىلىدۇ. بۇ ۋىرۇس ئۆتكۈر يۇقۇملۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا زور تەھدىت ئىلىپ كىلىدىغان باش جىنايەتچىلەرنىڭ بېرى بولۇپ قالدى. HIV بىلەن تۇنجى يۇقۇملانغۇچى 1980-يىللارنىڭ بېشىدا بايقالغاندىن تارتىپ 35 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتچىلار مەخسۇس مۇشۇ كېسەلنىڭ داۋاسىنى تېپىش ئۈچۈن تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تا ھازىرغىچە بەزى كېسەلنى كونتىرول قىلىدىغان ۋىرۇسقا قارشى دورىلاردىن بۆلەك ئەيدىزنى سەللىمازا ساقايتىدىغان دورا بارلىققا كەلمىدى. HIV تەتقىقاتىنى قوللاش ئۈچۈن ۋە بۇ جەھەتتە زور كۈچ چىقارغان ئالىملارنىڭ تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش يۈزسىدىن، 2008-يىللىق نوبېل مېدىتسىنا ياكى فىزىئولوگىيە مۇكاپاتى HIV ۋىرۇسىنى بايقىغان ۋە ھازىرقى ئەيدىز تەتقىقاتىغا ئۇل سالغان 2 نەپەر فىرانسىيە ئالىمىغا بېرىلدى. نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يۈزلىگەن تەجىرىبىخانىلاردا HIV ۋىرۇسى تەتقىق قىلىنماقتا. چاتاق يېرى، HIV كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىش ئۇسۇلى ۋۇجۇدقا كەلمەيلا قالماستىن بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان بىرەر ئۈنۈملۈك ۋاكسىنىمۇ تېخىچە مەيدانغا كەلگىنى يوق. شۇ سەۋەب ئەيدىزنىڭ داۋاملىق يامراپ كېتىشى ئوبدان كونتىرول قىلىنماي، ئەكسىچە كۈنسايىن كۆپ كىشىلەر بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانماقتا.
2013-يلى سىنتەبېرنىڭ ئاخىرغىچە، شىنجاڭدا دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 40122 نەپەر بولۇپ، 7070 نەپەر كىشى ئەيدىز ئاغرىقى قازا قىلغان. مۆلچەرىنىشىچە، ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 60 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ئىلى، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋە تۇرپان قاتارلىق رايۇن-ۋىلايەتلەردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار پۈتكۈل ئاپتونوم رايۇنىمىز ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمى سانىنىڭ %83.2 ئىگىلىگەن.
ئۇنداقتا، ئەيدىز ۋىرۇسى تەتقىقاتىدىكى ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قايسىلار؟ ئىنسانلار يېقىن كەلگۈسىدە زادى ئەيدىزنى بويسۇندۇرالامدۇ-يوق؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز، دىققىتىڭىز ئامېرىكا دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى باشلىقى دوكتور فىرانسىس كولىن ئەيدىز تەتقىقاتىدىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلەر ئۈستىدە توختالغان تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن.
http://directorsblog.nih.gov/2015/06/30/vaccine-research-new-tactics-for-tackling-hiv/
كىشىلەرنى كېسەل كېلىدىغان نۇرغۇن ۋىرۇسلار، مەسىلەن، قىزىل كېسەل، چېچەك، بالىلار پارالىچ كېسىلى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ئاجىزلاشتۇرۇلغان ياكى ئۆلتۈرۈلگەن ۋىرۇسنى بەدەنگە يەتكۈزۈش ئىممۇنىت سىستىمىسىنىڭ ئانتى ماددىلار (كېسەلگە قارشى تۇرغۇچى ئاقسىللار)نى ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق بەدەننى ئاساسەن ۋىرۇسنىڭ زىيىنىدىن قوغدىنىش ئىمكانىيىتىگە قىلىدۇ. ئەمما بۇ خىل ئاددىي ۋە ئۇدۇل ئۇسۇل ئىنسان ئىممۇنىت كەمتۈكلۈكى يېغىندا كېسەللىكى ۋىرۇسى (HIV) - يەنى ئەيدىزنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ۋىرۇسنى داۋالاشتا ھېچقانداق ئۈنۈمى يوق. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بىزنىڭ ئىممۇنىت سىستىمىمىز HIV نى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا قارشى ئىممۇنىت رىئاكسىيىسى شەكىللەندۈرۈشكە ئامالسىز قالىدۇ. ئۇنى ئاز دەپ، HIV يەنە تېخى كۆپىيىش جەريانىدا توساتتىن ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ ئۆز گېنلىرىنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ. بۇ دېگەنلىك، HIV ۋاكسىنىسى ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن، ئۇ چوقۇم بەدەندە بىر خىل ئەمەس، بەلكى بىر قاتار ئوخشىمىغان HIV سورتلىرىغا قارشى تۇرالايدىغان ئانتى ماددىلارنى شەكىللەندۈرەلىشى زۆرۈر. مۇشۇ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى، HIV ۋاكسىنىسى ئىشلەپچىقىرىشقا كەتكەن 30 يىللىق تىرىشچانلىقتىن كېيىن، ئالىملار يەنىلا غايەت زور قېيىنچىلىق ۋە گاڭگىراشلارغا دۇچار بولدى.
ئەمما مەن خۇشاللىق بىلەن ئامېرىكا دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنىستىتۇتىدىن مەبلەغگە ئېرىشكەن بىر قىسىم ئالىملارنىڭ بۇ يولدا كۆرۈنەرلىك ۋە كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان قەدەملەرنى ئالغانلىقىنى دوكلات قىلىمەن. "ئىلىم-پەن" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالە ۋە "ھۈجەيرە" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان يەنە بىر پارچە ماقالىدا، تەتقىقاتچىلار ھايۋانلاردا ئىشلەنگەن، كۆپ قىسىم ۋاكسىنا مۇتەخەسسىلىرى قوللايدىغان مۇنداق تەتقىقات نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان: ئىممۇنىت سىستىمىسى HIV غا قارشى بەدەننى قوغدايدىغان ئانتى ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىش فۇنكىسىيىسىگە ئىگە، بىراق ئۇنداق قىلىش ئۈچۈن بىردىن ئارتۇق قەدەم باسقۇچلار كېتىدۇ. ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن، بىر مۇۋاپىقىيەتلىك ۋاكسىنا ئىستىراتىگىيىسى "ئىممۇنىت سىستىمىسىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشى" كېرەك، يەنە بۇ مەكتەپتە بىر قانچە دەرسلەردىن مەۋسۈملۈك ئىمتىھان بېرىشى زۆرۈر. ئېنىق قىلىپ ئېيتساق، قانداق قىلىشىمىز كېرەك بولغىنى بەلكىم بىر قاتار ئوكۇللارنى ئۇرۇپ، يەنى ھەر بىرى بىر خىل ئىممۇنىت سىستىمىسىنى قوزغىتىدىغان سېنتىزلەنگەن ئاقسىللاردىن تەشكىل تېپىشى كېرەك ۋە قەدەممۇ قەدەم بەدەننى HIV نىڭ بارلىق سورتلىرىغا قارىتا قوغدايدىغان قىلدۇرۇش كېرەك.
بۇ يېڭى تەتقىقات ئۆتكەن ئون يىلدىكى HIV بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ ئاخىرى كەڭ دائىرىلىك نىيتراللاشتۇرغۇچى ئانتى ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كۈچلۈك ئىممۇنىت سىستىمىسىغا ئىگە بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئاساسىي تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، بۇ خىل ئىممۇنىت رىئاكسىيسى پەقەت ئىنتايىن ئاز قىسىم بىمارلاردا يۈز بېرىدىغان بولۇپ، پەقەت نەچچە يىللىق ھۇجۇم ۋە قارشى ھۇجۇمنىڭ مەھسۇلىدۇر. شۇ خىل بايقاشلاردىن كېيىن، ۋاكسىنا تەتقىقاتچىلىرى بۇ خىل تەبئىي ئۈنۈمنى دورايدىغان ئاددىي ۋە ئىشەنچلىكرەك بولغان HIV دىن يۇقۇملانمىغان كىشىلەردە HIVغا قارشى كەڭ دائىرىلىك ئانتى ماددىلار ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ئىزدەندى.
كەڭ دائىرىلىك ئانتى ماددىلارنى ئالاھىدە قىلىدىغىنى، ئۇلارنىڭ HIV نىڭ تاشقى قېپى ياكى كونۋېرتىدىكى ئۇچلۇق ئاقسىللارنىڭ بىر قىسمىغا باغلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتۇر. HIV ۋىرۇسىنىڭ باشقا قىسىملىرىدىكى ئاقسىللارغا ئوخشىمايدىغىنى، بۇ باغلانغۇچى ئورۇنلار ھەممە تۈرلەردە ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇلار تىز ئۆزگىرىپ تۇرمايدۇ. تەتقىقاتچىلار بۇ خىل ساقلىنىپ قالغان رايونلارنى ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى كەڭ دائىرىلىك ۋە ئۈنۈملۈك، شۇنداقلا ئۇزۇن مۇددەت قوغداش ئىقتىدارىغا ئىگە ۋاكىسىنا ياساشتىكى ئەڭ ياخشى ئورۇن دەپ قارايدۇ.
ئەمما، HIV ۋاكسىنىسى ياساشتىكى چوڭ ئۆتكەللەرنىڭ بىرى شۇكى، ئىنسان گېن گۇرۇپپىلىرى ۋىرۇسقا باغلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە، شۇ ئارقىلىق ۋىرۇسنىڭ ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىپ قالغان، ئەڭ ئاجىز قىسمىغا ھۇجۇم قىلىدىغان ئانتى ماددىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كود يازىدىغان گېنلارغا ئىگە ئەمەس. ئەكسىچە، شۇ خىل ئاددى ماددىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش دەل B ھۈجەيرىلەر (ئاق قان ھۈجەيرىلىرىدىكى مەخسۇس ئانتى ماددا ئىشلەيدىغان ئىممۇنىت ھۈجەيرىلىرى) نىڭ كۆپ قېتىملىق DNA نى قايتا گۇرۇپپىلاش ۋە توساتتىن ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈشىدىن كېيىن بىر ئانا ئاقسىلنى شەكىللەندۈرۈشىدىن باشلىنىدۇ. بۇ ئانا ئاقسىل ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئاستا-ئاستا HIV نى نىيتراللاشتۇرالايدىغان كەڭ دائىرىلىك ئانتى ماددا ئاقسىللىرىغا ئايلىنالايدۇ.
يېڭى تەتقىقاتلارنىڭ بىرىدە، كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ لو خولا شەھرىدىكى سكرىپس تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدىكى دەيۋىد نېمزى، ۋىلىيام شىيف ۋە دېنىس بۇرتون (David Nemazee, William Schief, Dennis Burton) قاتارلىق يېتەكچىلىك قىلغان بىر گۇرۇپپا ئالىملار، دەل B ھۈجەيرىلەردىكى ئانا ئاقسىل ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مەخسۇس سېنتىزلەپ چىقىلغان نانو زەرىچىلىرىنى ياساش ئارقىلىق يۇقىرىدىكى ئۆتكەلگە تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى دوكلات قىلدى.
گېنىتىكىلىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ مەخسۇس ئىنسان ئانتى ماددىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان چاشقانلاردىكى تەجىرىبىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، eOD-GT8 60mer دەپ ئاتىلىدىغان HIV قېپى ئاقسىلى بىلەن ئەملەنگەندە، HIV بىلەن يۇقۇملىنىشىڭ ئالدىنى ئېلىشتا زۆرۈر بولغان خۇسۇسىيەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئىپادىلىگەن كۆپ خىل ئانتى ماددىلارنىڭ بەدەندە ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىكەن. دېمەك eOD-GT8 60mer ۋە ئۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان سېنتىزلەنگەن ئاقسىللار بەلكىم HIV غا قارشى ۋاكسىنا ياساشتىكى تۇنجى ئىشەنچلىك كاندىداتلار بولۇشى مۇمكىن.
ئىككىنچى تەتقىقات ماقالىسىدە، نىيۇيورك شىتاتىدىكى كورنېل ئۇنىۋېرستېتى ۋېيىل مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتى تەتقىقاتچىلىرىدىن جون مور (John P. Moore) ۋە روجىر سەندېرز (Rogier Sanders) قاتارلىق يېتەكلىگەن بىر گۇرۇپپا ئالىملار HIV قېپىدىكى يۈكسەك دەرىجىدە ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىپ قالغان ئاقسىللارنى يۇقىرى دەرىجىدە دورايدىغان بىر سېنتىزلەنگەن ئاقسىلنى سىناق قىلغان. توشقان ۋە ماكاكا مايمۇنلىرىنى ئىشلىتىپ، بۇ تەتقىقاتچىلار بۇ خىل ئاقسىلنىڭ HIV قارشى راستىنلا ئىممۇنىت رىئاكسىيىسىنى قوزغايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئالدىنقى تەتقىقات ماقالىسىدىكىگە ئوخشاشلا، بۇ خىل ئاقسىلمۇ بەدەننى تۈرلۈك سورتلاردىكى HIV يۇقۇملىنىشىدىن تولۇق ساقلايدىغان خۇسۇسىيەتلەرنى ئىپادىلىمىگەن. شۇنداقتىمۇ، بۇ بايقاشلار مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ياكى بىر قانچە سېنتىزلەنگەن ئاقسىللارنىڭ HIV غا قارشى ۋاكسىنا سىناقلىرىدا ئىشلىتىلىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
يىلدا 50 مىڭ ئامېرىكىلىق ۋە دۇنيا بويىچە 2 مىليون كىشى HIV بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملىنىۋاتقان كۈنىمىزدە، HIV قارشى ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىش ئېنىقكى ئەڭ ئالدىن ئويلىشىلىدىغان تەتقىقات تۈرلىرىدىن. بۇ زەنجىرسىمان HIV ۋاكسىنىسى ئۇسۇلىنى سىناق قىلىشتىن بۇرۇن، يەنىلا نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئىشلىنىشكە تىگىشلىك. ئەمما يۇقىرىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئىلىم-پەننىڭ ئەيدىزنى توسۇپ قىلىش يولىدا توغرا يۆنىلىشتە كېتىپ بارغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
|