قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1565|ئىنكاس: 4

كامبىرىج ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇشنى خالامسىز؟(پۇرسەت)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

0

دوست

3872

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   62.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  697
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 740
تۆھپە : 692
توردىكى ۋاقتى: 1098
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-29 16:37:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئەسسالام ئەلەيكوم، باغداش مۇنبەر جامائەتى، ئالدى بىلەن ئايەملىك سالىمىمنى قوبۇل قىلغايسىلەر، ھەممىڭلارنىڭ روزا ھېيىتىغا مۇبارەك بولسۇن!

      بۈگۈن مېنىڭ :"چ چ" توپۇمغا كامبىرىجدا دوكتورلۇق ئوقۇش توغۇرلۇق بىر ئۇچۇر كەلگەن، چەتئەلدە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلدىغانلار بولسا پايدىلانسۇن دەپ مۇنبەرگە يوللىدىم، ئەسلى ماتىريالنى مەن تەرجىمە قىلمىغان، ماتىريال تەمىنلىگۈچى نام- شەرىپىنى قالدۇرماپتۇ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلمەن!

بۇ بىر دوكتورلۇقتا ئوقۇش پۇرسىتى بولۇپ، ئوقۇش پۇرسىتىنى تەمىنلىگۈچى ياۋرۇپا بىئوئۇچۇر تەتقىقاتخانىسى (European Bioinformatics Institute، قىسقىچە EBI) دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئورگان، EBI بولسا ياۋرۇپا مولىكۇلا بىئولوگىيىسى تەجرىبىخانىسى (European Molecular Biology Laboratory، قىسقىچە EMBL) نىڭ بىر تارمىقى. EMBL نىڭ باش شتابى گېرمانىيىگە جايلاشقان بۇلۇپ، دۇنيادىكى داڭلىق ھاياتلىق تەتقىقات ئورگىنىدۇر.
EMBL نىڭ PhD پروگراممىسى ئاساسلىق مولىكۇلا بىئولوگىيىسى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ساھەلىرىنى نىشان قىلىدۇ. ئوقۇش ۋاقتى ئۈچ يېرىم يىلدىن تۆت يىلغىچە. تاللىغان تەتقىقات يۆنىلىشكە قاراپ ياۋروپادىكى ئوخشىمىغان دۆلەتلەرگە جايلاشقان تەجرىبىخانىدا تەتقىقات، ئوقۇش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئوقۇش مۇكاپات پۇلىمۇ دۆلەتلەرگە قاراپ ئوخشىمايدۇ. ئەڭ ئاخىرى پۈتتۈرگەندە دۇنيادىكى داڭلىق ئۇنۋېرسىتېت كېيمبىرىجنىڭ دىپلومىنى ئالىدۇ. تەتقىقات يۆنىلىشى ئەنگلىيىدىكى تارماقتا بولغانلىرى بەلكىم دەرسنى كېيمبىرىجنىڭ بىرەر مەكتەپ رايونىدا ئوقۇش مۇمكىن.
كېيمبرىج توغرۇلۇق ئازراق توختىلىپ ئۆتەي. بۇ مەكتەپ 1209 - يىلى قورۇلغان بولۇپ، دۇنيادىكى قەدىمىي ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن يىلىغىچە بۇ مەكتەپتىن 88 نەپەر نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى چىققان. شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى يىلدا بىر باھالايدىغان «دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەرتىپى» گە قارىسىڭىز 2003 - يىلىدىن 2010 - يىلىغىچە دۇنيادىكى ئون داڭلىقنىڭ ئىچىدە بار، تۆۋەن بولغاندا بەشىنچى ئورۇندا، يوقىرى بولغاندا ئىككىنچى ئورۇندا. بىرىنچىسىنى دېمىسەممۇ بىلىسىلەر ھەقىچان. بەت ئادرېسى
http://www.arwu.org/
ئەمدى مۇشۇنداق ئالىي تەتقىقات ئورگىنى ۋە داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتتا دوكتور تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ كىرىش بوسۇغىسى يۇقىرى ئەمەسكەن، IELTS، TOEFL، GRE زۆرۈر تەلەپ ئەمەس، ئەمما ھەر تۈرلۈك ئالاقە ۋە تەتقىقاتنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك تىل سەۋىيىسىنى تەلەپ قىلىدۇ.
EBI باش بېتى
http://www.ebi.ac.uk/

قايسى كەسىپتىكىلەر ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ دېگەننى تۆۋەندىكى بەت ئۇلانمىسىدىن كۆرەلەيسىز.
http://www.ebi.ac.uk/training/St ... ly.html#Eligibility
بۇ بەتتىكى Available Projects تارمىقىدا
the biological and chemical sciences, computational science, mathematics and statistics
قاتارلىق ئۇچۇر باركەن.
مۇكاپات پۇلىنىڭ ئۇچۇرى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدا
http://www.embl.de/training/eipp/fellowships/fellowsrates.pdf
مەزمۇنى:
 
                                   گېرمانىيە           فرانسىيە               ئىتالىيە               ئەنگلىيە (ياۋرۇ\ئاي)
دەسلەپكى 2 يىل
                 1903.87         1776.13             1948.46             1448.88
كېيىنكى 1.5 يىل
                  1999.06         1864.94             2045.89             1521.32
قاتارلىقلار

بىئوئۇچۇر ياكى مولىكۇلا بىئولوگىيىسىگە قىزىقىدىغانلار تەپسىلى كۆرۈپ باقارسىلەر. ھەرقايسى تەتقىقات يۆنىلىشلىرى نىمىلەرنى قىلىدۇ، ئورنى قەيەردە، ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر..... قاتارلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلار باركەن. ھەممىنى تەرجىمە قىلىشقا ھورۇنلۇق قىلدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە خاتا تەرجىمە قىلىپ قويسام چاتاق چىقمىسۇن، قالغىنى ئۆزۈڭلارغا ئامانەت ئەمىسە.

كامبىرىج ئونۋېرسىتىتى مەكتەپ رايونىدىن كۆرۈنۈش

كامبىرىج ئونۋېرسىتىتى مەكتەپ رايونىدىن كۆرۈنۈش

كامبىرىج ئونۋېرسىتىتى مەكتەپ رايونىدىن كۆرۈنۈش

كامبىرىج ئونۋېرسىتىتى مەكتەپ رايونىدىن كۆرۈنۈش

كامبىرىج ئونۋېرسىتىتى مەكتەپ رايونىدىن كۆرۈنۈش

كامبىرىج ئونۋېرسىتىتى مەكتەپ رايونىدىن كۆرۈنۈش

كامبىرىج ئونۋېرسىتىتى

كامبىرىج ئونۋېرسىتىتى

كامبىرىج ئونۋېرسىتىتى مەكتەپ رايونىدىن كۆرۈنۈش

كامبىرىج ئونۋېرسىتىتى مەكتەپ رايونىدىن كۆرۈنۈش

كۈتۈپخانا

كۈتۈپخانا

14-ئەسىردە نەشىر قىلىنغان قۇرئان

14-ئەسىردە نەشىر قىلىنغان قۇرئان

تەخمىنەن 1330-1340 يىللىرى ئەتراپىدا ئېراندا نەشىر قىلىنغ

تەخمىنەن 1330-1340 يىللىرى ئەتراپىدا ئېراندا نەشىر قىلىنغ

كامبىرىج ئونۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇتۇش رايونى خەرىتىسى

كامبىرىج ئونۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇتۇش رايونى خەرىتىسى

CYACAL53D5GCAY87H6RCAO6GEFBCASN9C3XCABCMRYTCANW1WIYCA9F39XGCA0YQU9CCAPAF8OACAOHK

9 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0

جۇغراپىيلىك ئورنى

ئۇيغۇرۇم ئۆز ئىشەنچىمنىڭ مەنبەسى ! باغداشخان

ئانا تىلىم _ جان

13

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   23.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59
يازما سانى: 856
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 4044
تۆھپە : 3270
توردىكى ۋاقتى: 2435
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-29 22:23:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇش  مۇكاپات  پۇلى   ئايدا  شۇنچىلىك  بولسا   ھەقىقەتەن  يۇقىرىكەن  .  

   1欧元=9.2740人民币元
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

755

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2845
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 180
تۆھپە : 108
توردىكى ۋاقتى: 117
سائەت
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-1 20:59:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كامبىرىج ئۇنۋېرسىتى قايسى دۆلەتتە ؟

11

تېما

0

دوست

3872

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   62.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  697
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 740
تۆھپە : 692
توردىكى ۋاقتى: 1098
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-2 09:07:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كامبىرىج ئۇنۋېرسىتى ئەنگىليەدە.
ئۇيغۇرۇم ئۆز ئىشەنچىمنىڭ مەنبەسى ! باغداشخان

0

تېما

0

دوست

10

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   3.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3103
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2011-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 17:35:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بەك چىرايلىق مەكتەپكەن بۇ !~ئاۋۋال بۇ يەردىكى ئوقۇشۇمنى تاماملاپ ئاندىن...............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )