قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1513|ئىنكاس: 4

قۇمۇل ۋاڭلىرى ( 1 )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

38

تېما

0

دوست

3137

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   37.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  220
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 744
تۆھپە : 465
توردىكى ۋاقتى: 444
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-18 20:36:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇمۇل ۋاڭلىرى ( 1 )                                                                         
                                          قۇمۇل ۋاڭلىرى


           قۇمۇل ۋاڭلىرى قۇمۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك فېئودال ھۆكۈمرانلىرى ئىدى ، ئۇلار كاڭشىنىڭ 36 - يىلى ( 1697 - يىلى ) ئەبەيدۇللا  قۇمۇلنىڭ تارخان بېگى بولۇپ بېكىتىلگەندىن تارتىپ مىنگونىڭ 19 - يىلى قۇمۇلنىڭ ئاخىرقى ۋاڭى شامەخسۇت ئۆلگەنگە قەدەر توققۇز ئەۋلاد 233 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ، چىڭ سۇلالىسىدىن بۇيانقى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر  فېئودال ۋاڭ - گۇڭلار ئىچىدە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن  بولۇپ ، شىنجاڭ جۈملىدىن قۇمۇل تارىخىدا ناھايتى زور تەسىر پەيدا قىلغان . ئىككى ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتا ، قۇمۇل ۋاڭلىرى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ، ئاساسەن ، چىڭ ھۆكۈمىتىگە تايىنىپ داۋاملاشتۇرغان ، چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئىجازىتى بىلەن قۇمۇل يەرلىك ھۆكۈمىتىدىن مۇستەقىل بولۇپ ، ئۈزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورگىنىنى قۇرۇش بىلەن بىللە ، ئىسلام دىنىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىمۇ ئىگىلەپ ، سىياسىي ھاكىمىيەت بىلەن دىنىي ھاكىمىيەتنى ئۈز قولىغا مەركەزلەشتۈرىۋالغان . قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ھەممىسى  فېئودال ھۆكۈمرانلار سىنىپىغا سادىق بولۇپ ، فېئودال ھۆكۈمرانلىقنى قوغداش ئۈچۈن ، خەلقنىڭ قارشىلىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن باستۇرغان ، شۇڭا ، فېئودال ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن ئالاھىدە قەدىرلىنىپ ، گۇڭ ، بېزى ، بېلىدىن خوشۇت چىڭۋاڭلىقىغىچە ئۈستۈرۈلگەن . ئۇلارنىڭ ئەمەل - ئۇنۋانلىرى << ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا مىراس بولۇپ كەلگەن >> . مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ، يۈەن شىكەي پادىشاھلىق تۈزۈمىنى تىرىلدۈرۈشتە ئۆزىگە قانات - قۇيرۇق قىلىش ئۈچۈن ، قۇمۇل ۋاڭىغا قوش چىڭۋاڭلىق مەنسىپىنى بەرگەن . قۇمۇل ۋاڭلىرى قۇمۇلدىكى ئەمگەكچى خەلقنى تولىمۇ دەھشەتلىك ئەزگەن . دېھقان - چارۋىچىلار ئايدا بىرقانچە كۈن ئۇلارنىڭ يەرلىرىدە ھەقسىز ئىشلەشكە ، چارۋىلىرىنى ھەقسىز بېقىپ بېرىشكە مەجبۇر قىلىنغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئۇلار ۋاڭ ئوردىسىنىڭ باشقا خىراجەتلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنىمۇ ئۈستىگە ئالغان . ۋاڭلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ، ئەمگەكچى خەلق جىسمانىي ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولۇپ ، ئىنتايىن ئېچىنىشلىق تۇرمۇش كەچۈرگەن ، ئاچ - يالىڭاچ ياشىغان . شۇڭا ، قۇمۇلدىكى ئۇيغۇر ئەمگەكچىلەر قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئېزىشىگە قارشى كۈرەشنى ئېگىلمەي - سۇنماي داۋاملاشتۇرغان . قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق ، باردى - كەلدىسى كۆپ بولغاچقا ، شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا ، ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ مەدەنىيەت تەسىرىنى كۆپرەك قوبۇل قىلغان . بىرنەچچە ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭلىرى چىڭ ئوردىسىنىڭ شىنجاڭنى تىنجىتىش يولىدىكى ھەربىي يۈرۈشلىرىگە كۆپ قېتىم قاتنىشىپ ، شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ، ۋەتەن بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن مەلۇم تۆھپە قوشقان . بىرىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئەبەيدۇللا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ، نەۋرىسى بولۇپ ئۈچ ئەۋلادقا ۋاڭلىق مەرتىۋىسى بېرىلمىگەن ، پەقەت ئۇنىڭ ئەۋرىسى يۈسۈپكىلا ئايماق ۋاڭلىق مەرتىۋىسى بېرىلگەن . قۇمۇلنىڭ 6 - ئەۋلاد ۋاڭى بېشىر ئۆلگەندىن كېيىنلا ، ئاندىن ئۇنىڭغا چىڭۋاڭلىق نامى بېرىلگەن . خەنزۇلار قۇمۇل ۋاڭلىرىنى << خۇيۋاڭ >> ( 回王 ) دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن .
             

                       
                داۋامى بار ...

               
 مەنبە : قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسى

0

تېما

0

دوست

168

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2011-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-19 03:59:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قومۇل ۋاڭلىغى  خەلىقنى شۇنچولا دەھشەتلىك ئەزگەندىمۇ ئەمدى مەن يەنىلا قومۇل ۋاڭ قەبىرستانلىقىدىن ئوتسەم دۇئا قىلىشنى ئۇنتىمايمەن ،
بىر پۇتۇم ئايدا
بىر پۇتۇم لايدا
ھەممىنى يامان دەيسەن
ياخشىسى قايدا
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

71

تېما

0

دوست

4756

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 1175
تۆھپە : 627
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-19 14:42:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قومۇلدا 300 يىلدەك خانلىق يۈرگۈزۈلگەن ،لېكىن خەلقنى بەكلا ئېزىۋەتمگەن ،،،،لېكىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋاڭلىق تۈزۈم قومۇل خەلقىنى رايىش ، يۇۋاش ،ئىتائەتمەن قىلىۋەتكەن ،،،،،

بۇ خانلار ئىچىدە ياخشىلىرىمۇ بولغان ،،،زالىملىرىمۇ بولغان  

38

تېما

0

دوست

3137

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   37.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  220
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 744
تۆھپە : 465
توردىكى ۋاقتى: 444
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-19 18:49:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى mirasدە2011-01-19 14:42يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
  قومۇلدا 300 يىلدەك خانلىق يۈرگۈزۈلگەن ،لېكىن خەلقنى بەكلا ئېزىۋەتمگەن ،،،،لېكىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋاڭلىق تۈزۈم قومۇل خەلقىنى رايىش ، يۇۋاش ،ئىتائەتمەن قىلىۋەتكەن ،،،،،

بۇ خانلار ئىچىدە ياخشىلىرىمۇ بولغان ،،،زالىملىرىمۇ بولغان    

كاڭشىنىڭ 36 - يىلى ( 1697 - يىلى ) ئەبەيدۇللا قۇمۇلنىڭ تارخان بېگى بولۇپ بېكىتىلگەندىن تارتىپ مىنگونىڭ 19 - يىلى ( 1930 - يىلى ) قۇمۇلنىڭ ئاخىرقى ۋاڭى شامەخسۇت ئۆلگەنگە قەدەر توققۇز ئەۋلاد 233 يىل ھۆكۈم سۈرگەن . ئەلۋەتتە بۇلاردىن بىرقانچىسى خەلقنى ئىنتايىن قاتتىق ۋاستىلەر بىلەن ئەزگەن بولسا ، يەنە بىرقانچىلىرى قۇمۇلنىڭ پەن - مائارىپ ، دېھقانچىلىق قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلىرىدە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن .   ھازىر ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسى قۇملنىڭ كۆزنەك قۇرۇلۇشلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى ھەمدە قۇمۇلنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىماقتا .

3

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  201
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 996
تۆھپە : 2982
توردىكى ۋاقتى: 240
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-19 21:44:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتام ماڭا كىچىكىمدە دائىم باشقا يۇرتلارنى ئامبال،دوتەي،جاڭجۈن سورىغان بولسا قومۇلنى ئۇيغۇر ۋاڭلار سورىغان دەيتتى. يېزىمىزدىكى نەچچە قېتىملىق يېغىلىقنى قىسقا قىلىپ سۆزلەپ بېرەتتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )