مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندىم قومۇلدا مۇجىبۇل راخمان ئەركىم
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاتاقلىق تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمان ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ مۇبارەك قەدىمى قومۇلغا يەتتى. بۇنى ئاڭلىغان قومۇلدىكى ئىلىم سۆيەر رەھبەرلەر ئالىمىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە داستىخان سېلىپ، ئۇنىڭ قومۇلدىكى زىيارىتىنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك تاماملىنىشى ئۈچۈن ئەتىراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلدى. مىرسۇلتان ئەپەندىمنىڭ قومۇلدىكى پائالىيەتلىرى قومۇل ۋىلايەتلىك، شەھەرلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزىنىڭ مەسئوللىرى سەمەت ئەسرا تۇرا، يۈنۈس ئىبراھىملارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن غەلبىلىك تاماملاندى. 2015- يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى قومۇلدىكى بىر قىسىم رەھبەرلەر ۋە زىيالىيلار قومۇل ئوردا رېستۇرانىغا جەم بولۇپ، پۈتۈن ھاياتىنى خەلقىمىزنىڭ ئىلىم، مەرىپەتىگە ئاتىغان پەخىرلىك ئوغلانىمىز تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندىگە تون كەيگۈزدى. ئەل سۆيگەننى، ئەل سۆيىدۇ. ئۆزىنىڭ بارلىق ھاياتىنى خەلقى ئۈچۈن ئاتىغان بىر بىلىم ئىگىسىگە تون ئەمەس، ئالتۇن تاج كەيدۈرسەكمۇ كەملىك قىلىدۇ.
ئارىسلان ئابدۇللانىڭ تون كەيدۈرۈش مۇراسىمىدىكى سۆزى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۈرمەتلىك رەھبەرلەر، ئۇستازلار، يۇرتداشلار:
بۈگۈن بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ بىلىم ئىگىلىرىنى ئىززەتلەش، ئۇلۇغلاش ئەنئەنىسى بويىچە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەۋەررۈك ئالىمىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋېتى بىلەن بۇ سورۇنغا جەم بولدۇق. بۇ تەۋەررۈك ئالىمىمىز بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تىلىنى ھەر قايسى تارىخى دەۋىرلىرى بويىچە پىشىق ئۆگەنگەن ۋە بۇ ساھەلەردىكى مول نەتىجىلىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان ئاتاغلىق تىلشۇناس، كىلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتىدىكى ئۇتۇقلىرى بىلەن خەلقئارا مەتنشۇناسلىقنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان يىتۈك مەتنشۇناس، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، تەلەپچانلىقى، كەمتەرلىكى بىلەن زىيالىيلىرىمىزغا ئۆرنەك بولۇپ كەلگەن، پۈتۈن زېھنىي كۈچى ۋە يۈرەك قېنىنى خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئىشلىرىغا بەخشەندە قىلغان، دۇنياۋىي سەۋىيىگە ئىگە تالاي نەتىجىلىرى بىلەن ئىلىم سورۇنىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن نوپۇز ئىگىسى مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندىدۇر.
مىرسۇلتان ئەپەندىنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرىنى مۇنداق بىر قانچە جەھەتتىن يەكۈنلىگىلى بولىدۇ:
1-، دىيالېكت-شىۋە تەتقىقاتىدىكى نەتىجىلىرى
مىرسۇلتان ئەپەندى 1950-يىلىدىن كېيىنكى بىر نەچچە قېتىملىق تىل تەكشۈرەش جەريانىدا بىرىنچى قول ماتېرياللارنى توپلاپ، شۇ ئاساستا ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنور دىيالېكتى، خەتەن دىيالېكتى ۋە مەركىزى ديالېكتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دىيالېكتنىڭ پەرىقلىرىنى ئېنىق ئايرىپ چىققان ۋە بۇ ئۈچ دىيالېكتنىڭ دائىرىسىنى ئېنىق بېكىتكەن. « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالېكتلىرى »، « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دىيالېكتى »، « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قومۇل شېۋىسى » قاتارلىق ئەمگەكلەر ئالىمنىڭ 1957- يىلىدىن تاكى 1988-يىلىغىچە بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزدىنىشلىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر. مىرسۇلتان ئەپەندى مۇشۇ تەتقىقاتلار ئاساسىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالېكت-شېۋىلىرى توغرىسىدا تاكى يېقىنقى يىللارغىچە ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن بەزى خاتا كۆز قاراشلارنى تۈزەتكەن. روسىيەلىك س.ي. مالوف، تېنىشوف قاتارلىق ئالىملارنىڭ لوپنور دىيالېكتى ھەققىدىكى گۇمانلىرىغا، بېرنىشتام قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلار بار دېگەن كۆز قاراشلىرىغا كەسكىن رەدىيە بەرگەن.
2-، ئىملا ۋە تەللەپپۇز تەتقىقاتىدىكى نەتىجىلىرى
مىرسۇلتان ئەپەندى ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالېكت-شېۋىلىرى، قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋە چاغاتايچە يازما يادىكارلىقلارنىڭ تىلى توغرىسىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىيدىلىرىنى بېكىتىش، تۇراقلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ئىلمىي تەدبىقلىغان. ئۇ 90-يىللاردىن كېيىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قائىيدىلىرىنى بېكىتىشتە مەركىزىي دىيالېكت بىلەن باشقا دىيالېكتلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ۋە مەركىزىي دىيالېكتنىڭ شېۋىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى توغرا ھەل قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇر-قارلۇق گۇرۇپپىسىنى تەشكىل قىلغۇچى قەشقەر، خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى بىلەن ئۇيغۇر-ئوغۇز گۇرۇپپىسىنى تەشكىل قىلغۇچى شەرقىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىنى بىر ئورتاق ئەدەبىي تىل گەۋدىسىگە ئۇيۇشتۇرغان.
3-، كلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتىدىكى نەتىجىلىرى
مىرسۇلتان ئەپەندى قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى ۋە چاغاتايچە ئەدەبىي مىراسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتى بىلەنمۇ ئىزچىل شوغۇللىنىپ، مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ « دىۋانى لۇغاتىت-تۈرك »نى، مۇتەپپەكۈر شائىر ئەلشىر نەۋايىنىڭ « چاھار دىۋان »نى قاتارلىق دۇنياۋىي ئەسەرلىرىنى نەشىرگە تەييارلاش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتىنىڭ ئۆرنىكىنى ياراتقان ۋە مەتنشۇناسلىقنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن. بۇ يەردە مىرسۇلتان ئەپەندىنىڭ كلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتىدىكى ئىككى چوڭ تۆھپىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش تولىمۇ زۆرۈر. بىرى، مىرسۇلتان ئەپەندى ئاتاقلىق تىلشۇناس مەرھۇم خەمىت تۆمۈر ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە « چاغاتاي تىلى ھەققىدىكى قاراشلىرىمىز ناملىق » مەشھۇر ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، كلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ تىلىنى تەتقىق قىلىشتا يېڭى مىتود يارىتىش بىلەن بىرگە، ئەلشىر نەۋايىنىڭ تەۋەلىكى توغرىسىدا داۋاملىشىپ كەلگەن چىگىش مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىلىم ساھەسىنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن. يەنە بىرى، مىرسۇلتان ئەپەندى « قۇتادغۇبىلىگ »نىڭ ئۈچ خىل كۆچۈرۈلمە نۇسخسىنى نەشىر قىلىشنىڭ « قۇتادغۇبىلىگ » تەتقىقاتىنى، بولۇپمۇ مەتىن تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالدىن ۋە تولۇق چۈشىنىپ، 80 ياشتىن ئاشقانلىقىغا قارىماي، سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولمايۋاتقانلىقىغا باقماي، يۈكسەك مەسئولىيەت تۇيغۇسى بىلەن كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان غەيرەت ۋە چىدام بىلەن ئىشلەپ، « قۇتادغۇبىلىگ » نىڭ پەرغانە نۇسخسىنى نەشىرگە تەييارلىدى. ھەممىمىزگە مەلۇم، ئەسلى ئەسەر ياكى ئەسلى قوليازمىسى غايىپ بولغان ياكى تېپىلمىغان، پەقەت باشقىلار تەرپىدىن كېيىن كۆچۈرۈلگەن نۇسخىلىرى ساقلانغان ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى تېكىستىنى بېكىتىش مەتىنشۇناسلىقتىكى ئىنتايىن مۈشكۈل بىر ئىلمىي ئەمگەك بولۇپ، ئۇ تەتقىقاتچىدىن ئەسەردىكى ھەر بىر سۆزنى، ھەر بىر قوشۇمچىنى ئوخشىمىغان قوليازمىلارغا بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇشنى، سۆزلەرنىڭ، جۈملىدىن قوشۇمچىلارنىڭ ئوخشىمىغان دەۋىرلەردىكى ۋارىيانتلىرىنى، مەنىلىرىدىكى ئىنچىكە پەرقلەرنى پىششىق بىلىشىنى ۋە ئەسەرنىڭ ئەسلى تېكىستىدە بۇ سۆز ۋە قوشۇمچىلاردىن قايسىسىنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىگە ئىلمىي يوسۇندا كېسىم قىلالىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. دېمەك، « قۇتادغۇبىلىگ » نىڭ پەرغانە نۇسخسىنى نەشىرگە تەييارلاش ئەنە ئاشۇنداق مۈشكۈل بىر خىل قايتا ئىجادىي ئەمگەك. مىرسۇلتان ئەپەندى « قۇتاغۇبىلىگ » گە بولغان ھۆرمىتى ۋە ئىلىمگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن بۇ ئەمگەككە كىرىشىپ، « قۇتادغۇبىلىگ » نىڭ باشقا ئەللەردە نەشىر قىلىنغان نۇسىخىلىرىدا كۆرۈلگەن نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەرنى تۈزىتىش ئاساسىدا، ئۇنى خەلقئارانىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىدىن ئاشۇرۇپ نەشىردىن چىقاردى، بۇ ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ قوليازما تەتقىقاتىدىكى سەۋىيسىنى نامايەن قىلدى.
4-، مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ مازىرىنى بېكىتىش جەھەتتكى تۆھپىسى
مەلۇمكى « دىۋان » دىكى « ئوپال » دېگەن سۆزنى « ئابۇل » دەپ خاتا ترانسكىرىپىتسىيە قىلىش، « دىۋان » دا ئىپادىلەنگەن تىل پاكىتلىرىنى نەزەردىن قەستەن ساقىت قىلىشتەك غەيرى ئىلمىي قىلمىشلار نەتىجىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە. مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ مىللەت ۋە يۇرت تەۋەلىكى توغرىسىدا ھەر خىل ئويدۇرمىلار، بۇرمىلاش باش كۆتەرگەن ۋە بىر قىسىم ياۋروپا ئالىملىرىغا ھەدەپ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان 80-يىللاردا مىرسۇلتان ئەپەندى مەرھۇم ئالىمىمىز ئىبراھىم مۇتىئىي ئەپەندى بىلەن بىللە قەشقەردىكى زىيالىيلار ۋە ئۆلىمالار ئارىسىدا چوڭقۇر تەكشۈرەش ئېلىپ بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىشلىرى ۋە يازما پاكىتلار ئاساسىدا قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيسىدىكى ئوپال يېزىسىغا جايلاشقان ھەزرىتى موللام مازىرىنىڭ مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ مازىرى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش دوكىلاتى 1982-يىلى « تارىم » ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەملىكىتىمىز ۋە سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھەم تۈركىيە تىل ئاكادېمىيەسى قاتارلىق ئورۇنلار بۇ دوكلاتنى تەرجىمە قىلىپ دۇنياغا جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن، مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ مىللەت ۋە يۇرت تەۋەلىكى توغرىسىدىكى ئويدۇرمىلار ۋە بۇرمىلاشلارنىڭ بازىرى كاساتلاشقان.
مىرسۇلتان ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا، ھەر مىللەت، ھەر قايسى ئەل پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشكە بەخشەندە قىلغان تەلەپچان ئۇستاز. ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە تەكلىپلىك پىروفېسسورى سالاھىيىتى بىلەن، ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن قۇرۇلىشىغا، ئوقۇتقۇچىلارنى چاغاتاي تىل – ئەدەبىياتى بويىچە تەربىيىلەشكە، ماگىستېر ۋە دوكتور ئاسپىرانىتلارنى، شۇنداقلا، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەشكە ناھايتى كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەجىر- ئەمگەكلىرى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرىسلىكلىرىدە، مۇنبەرلىرىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۈپەت-ساپالىرىدا ۋە ئۇتۇقلىرىدا نامايەن بولماقتا.
مىرسۇلتان ئەپەندى خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىغا قوشقان ئەنە ئاشۇنداق تۆھپىلىرى بىلەن خەلقنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە ۋە ئىززىتىگە نائىل بولۇپ كەلدى، ئىلىم ساھەسىنىڭ تولۇق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلدى، شۇنداقلا، مەملىكەت ئىچىدىلا ئەمەس، خەلقئارادىمۇ زور شان-شەرەپلەرگە مۇشەررەپ بولدى. ئۆتكەن يىلى مىرسۇلتان ئەپەندىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى، خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە ئۇنىڭ 85 ياشقا تولغانلىقىنى قۇتلاپ، مەخسۇس بىر ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغانلىقى بۇنىڭ دەلىلىدۇر.
مىرسۇلتان ئەپەندى 87 ياشقا قەدەم قويغانلىقىغا ۋە سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولمايۋاتقانلىقىغا قارىماي ھازىرمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان چىدام بىلەن، « قۇتادغۇبىلىگ » نىڭ ترانسكرېپىتسىيىسى ۋە ئېنىدىكىسى ئۈستىدە جاپالىق ئىشلىمەكتە.
بىز مىرسۇلتان ئەپەندىدىن پەخىرلىنىمىز، ئۇنىڭ ئەمگەكلىرىگە ئاپرىن ئوقۇيمىز، ئۇنىڭ توختىماي ئىزدىنىدىغان، ئىلىمدە سۈلھى قىلمايدىغان روھىدىن ئىپتىخارلىنىمىز ۋە ئۆگىنىمىز. ئۇنىڭ ئىلىم سۆيەر قومۇل دىيارىغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز، شۇنداقلا، ئۇنىڭ قومۇلدىكى زىيارىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى، تېنىنىڭ سالامەت، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى، تەتقىقاتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن تىلەيمىز! ئاخىرىدا بۈگۈنكى سورۇننى ئۇيۇشتۇرپ، بىزنى مىرسۇلتان ئەپەندى بىلەن قومۇلدا ئۇچراشتۇرغان، بىزنى يۇرتىمىزنىڭ تۆھپىكار رەھبەرلىرى، ئاقساقاللىرى، زىيالىيلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن سەمەت ئەسرا تۇرا، يۈنۈس ئىبراھىم قاتارلىق بۇرادەرلىرىمىزگە، مۇشۇ سورۇنغا جەم بولغان يۇرتداشلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن.
قومۇل تەڭرىتاغ يېزىسى تۆمۈرتى كەنتىدىكى ئەڭ ئىگىزلىككە جايلاشقان سەرۋەڭ يايلىقى، بۇ يايلاققا خېلى مەن مەن دېگەن ياشلارمۇ چىقىپ چۈشسە ھېرىپ ۋايساپ كېتىدۇ. بىراق، ئۆمۈر داۋىنىنىڭ 87-سىدىن داۋىغان مىرسۇلتان ئەپەندىم ئىرادە ۋە جاسارەتتە بىزدەك ياشلارنى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇردى.
ئاراتۈرك ناھىيسى بەچىر ئۇيغۇرشار خارابىلىكىدە
ئاراتۈرك ناھىيسى باي يېزىسى قەدىمىي سېپىل خارابىسىدە زىيارەت
مىرسۇلتان ئەپەندىم قەيىس غوجام مازىرى، مەرھۇم تارىخچى ھاپىز نىياز بوۋىنىڭ قوليازمىلىرىنى كۆرمەكتە
قومۇل ساقا دېھقانچىلىق مەيدانى ئارتام ئۇيغۇرئۆيلىرى خارابىلىكىدىن خاتىرە
قومۇل شەھىرى تەڭرىتاغ يېزىسى تۆمۈرتى كەنتىدە. 1996-يىلى مىرسۇلتان ئەپەندىم مۇشۇ يەردە 20 نەچچە كۈن تۇرۇپ قومۇل شىۋىلىرىنى يىغقان. سول تەپىدىكى ئانىمىز پاتامخان ھەسەن شۇ يىللاردىكى ئاكتىپ تاۋۇش بەرگۈچىلەرنىڭ بىرى.
تون كەيگۈزۈش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈشلەر
ئارىسلان ئابدۇللا مىرسۇلتان ئەپەندىمگە تون كەيگۈزمەكتە
دوپپا تەقدىم قىلىش داڭلىق ناخشىچى، كومپىزىتور ئىسكەندەر سەمەت ئۆزىنىڭ ئىجادىي ناخشىسى بىلەن ئەپەندىمگە كۆڭۈل سوۋغسى تەقدىم ئەتتى
قومۇل ئەدەبىياتى ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر سەمەت ئابدۇراخمان قۇچىغۇن ئالىمنىڭ ھۆرمىتىگە شئېر ئوقۇماقتا
قومۇل گېزىتىدىن شائىر ئابلېز ئۆمەر ھاجى ئۇستازغا ئاتاپ يازغان مۇۋەششەھىنى ئوقۇماقتا خاتىرە
2015-يىلى8-ئاينىڭ10-كۈنى قومۇل
|