قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 3341|ئىنكاس: 13

سېھرىي كۈچكە تولغان تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

6

دوست

4306

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28166
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 1364
توردىكى ۋاقتى: 204
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-12 20:05:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

     بۇيىل 7-ئاينىڭ 19-كۈنى، روزا ھېيتنىڭ 2-كۈنى ئىدى. ئۈرۈمچىدە ئەتىگەندىلا ھاۋا ئىسسىشقا باشلىدى، كۆپكۆك ئاسماندا بىر پارچىمۇ بۇلۇت كۆرۈنمەيتتى. مۇشۇنداق ئىسسىقتا بىرەر جايغا بېرىپ سالقىنلاش، سەيلە قىلىش پىلانىمىزغا ئاساسەن، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇۋالغىنىمىز بۇيىچە ئۈرۈمچى شەھرىدىن يولغا چىقىپ، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى مەشھۇر ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىرى بولغان تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق.
   بەيدۇ تورىدىن كۆرۈشۈمچە، ئۈرۈمچى شەھرىدىن 50 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن  2000 مېتىردىن كۆپرەك ئىگىز كېلىدىغان تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ كۆلىمى ناھايتى چوڭ بولۇپ، ئاققۇ كۆلى تەبىئىي مەنزىرە رايونى، جاسى داۋىنى مەنزىرە رايونى، قازاق مىللى ئۆرپ-ئادەت رايونى، ئىگىز تاغ يايلاق ئېكئولوگىيە رايونى، قارلىق تاغ مۇز قاتلىمى مەنزىرە رايونى قاتارلىق تۈرلۈك ئىستراھەت، ساياھەت رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شىنجاڭدىكى قۇملۇقلاردىن باشقا بارلىق تەبىئىي مەنزىرىلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بۇ جاي بىر كۆرۈپ كېتىشكە ئەرزىيدىغان ئىپتىدائىي قارلىق تاغ، ئىگىز داۋان ۋە بىپايان ئورمانلىقلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىدىن ئىلگىرىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ جانلىق مۇزىيخانىسى ھىسابلىنىدىكەن. تەيشەن تېغىدىكى ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشلەر، خۋاشەن تېغىدىكى تىك يارلىقلار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئاجايىپ ئېسىل تەبىئىي مەنزىرىلەرنىڭ ھەممىسى دىگىدەك بۇ يەردە تېپىلىدىكەن. ئىنتاين يوقىرى بولغان ساياھەتتىن ھۇزۇرلىنىش، ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە بولغان تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسىغا، دۆلەت دەرىجىلىك تەنتەربىيە ھەركىتى ئىستىراھەت بازىسىغا، دۆلەت بەش A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىغا، ئاپتونۇم رايون بۇيىچە ئومۇمخەلق بەدەن ساغلاملاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشتىكى تەربىيلەش بازىسى ۋە تاغقا چىقىش ھەركىتى بۇيىچە تەربىيلەش بازىسىغا ئايلىنىپتۇ. مۇشۇنداق بىر جايغا ساياھەتكە ماڭغانلىقىمىزدىن ھەممىمىز خۇشال ئىدۇق.
    ماشىنىمىز 50 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى بېسىپ، تاغ ئېغىزىغا يېتىپ كەلدى. بۈگۈن يەكشەنبە بولغاچقىمىكىن، بۇ يەردە ساياھەتچىلەر ۋە ماشىنىلار ناھايتى كۆپ ئىدى. تاغ تۈۋىگە يېڭىدىن ياسالغان مۇز تېيىلىش مەيدانى قاتارلىق تەنتەربىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بىز بۇ يەردە بىر پەس توختاپ مەنزىرە رايونىغا كىرىش بېلىتى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، كۆرسىتىلگەن يول بىلەن ئايلىنىپ تاغ ئارىسىغا قاراپ ماڭدۇق. يول ياقىسىدا قاتار-قاتار كەتكەن داچىلار كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. بىردەم ماڭغاندىن كېيىن ماشىنىمىز نەچچە رەت ئۆچرەت ساقلاپ تۇرغان يۈزلىگەن ماشىنىلارنىڭ قاتارىغا كىرىپ توختىدى. بۇ كۈنى تەڭرىتاغ جىلغىسىغا بارىدىغان ماشىنىلار ناھايتى كۆپ بولغاچقا، قاتناش ساقچىلىرى ماشىنىلارنى ئۆچرەت بۇيىچە بىر-بىرلەپ ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىكەن. ئىككى سائەتكە يېقىن ئۆچرەت ساقلىغاندىن كېيىن ئاندىن بىزگە نۆۋەت كېلىپ، ماشىنىمىز تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسىغا بارىدىغان يولغا كىرىپ، تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.  
    ئوزاق ئۆتمەي مەنزىلگىمۇ يېتىپ كەلدۇق. پاھ، نىمىدىگەن گۈزەل مەنزىرە-بۇ! ئىككى تەرەپتە يېشىل قارىغايلار بىلەن ئورالغان ئىگىز تاغ، ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۈپسۈزۈك تىنىق كۆل، كۆلنىڭ ئايىقىدىكى گۈرۈلدەپ سۇ چۈشۈۋاتقان قوش قەۋەتلىك شاقىراتما...ئاققۇ كۆلى مەنزىرە رايونى مۇشۇ بولسا كېرەك، بۇ يەرنىڭ گۈزەللىكىگە ھەقىقەتەن گەپ كەتمەيدىكەن. مەن 2012-يىلى گېرمانىيەگە تۇغقان يوقلاشقا چىقىپ، ئۇ يەردىكى ئالپ تېغى مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلغىنىمدا، ئۇ جاينىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تەبىئىي گۈزەللىكىگە ھەيران قالغان ئىدىم، ئەمما يۇرتىمىزدىمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمايدىغان مۇشۇنداق سېھرىي كۈچكە تولغان گۈزەل مەنزىرىلىك جايلارنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. بۈگۈن بۇ گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ، يۇرتىمىزنىڭ ئاجايىپ ئېسىل تەبىئىي گۈزەللىكىدىن پەخىرلەنمەي تۇرالمىدىم. چەتئەللەردە بار بولغان تەبىئىي گۈزەللىك بىزدىمۇ يېتەرلىك باركەن ئەمەسمۇ.
      بۈگۈن بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەر ناھايتى كۆپ ئىدى.نۇرغۇن ساياھەتچى گۇيا بۇ گۈزەللىكلەرنى كۆرۈپ قانمىغاندەك شاقىراتمىنىڭ ئەتراپىدىن كېتەلمەي ئەگىپ يۈرۈشەتتى، بەس-بەس بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشەتتى. بەزىلىرى شاقىراتمىنىڭ باش تەرىپىدىكى سۈپسۈزۈك كۆلدە كىچىك كېمىلەرگە چۈشۈپ سەيلە قىلسا، بىرقىسىم ساياھەتچىلەر شاقىراتمىنىڭ ئاياق تەرىپدىكى تېيىز سۇغا قاتار تىزىپ قويۇلغان بالۇنلاردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ قارشى قىرغاققا چىقىشىۋاتاتتى. بەزىلىرى ئالاھىدە ياسالغان رىشاتكىلىق پەلەمپەي بىلەن تاغ ئۈستىگە چىقىپ چۈشۈۋاتاتتى. تاغ ئۈستىدىن قارىغاندا ساياھەتچىلەرنىڭ يول ياقىلىرىدا، بوش يەرلەردە توختىتىپ قويۇلغان نەچچە يۈزلىگەن چوڭ-كىچىك ماشىنىلىرى ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئاققۇ كۆلىنىڭ دائىرىسى خېلە چوڭ بولۇپ، ئىگىزدىن قارىغاندىمۇ ئۇنىڭ باش-ئاخىرىغا كۆز يەتمەيدىكەن. مۇكەممەل ئىشلەنگەن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ساياھەتچىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىپلا قالماي، بۇ يەرنىڭ ئەسلىدىكى تەبىئىي گۈزەللىكىگە يېڭى ھۆسېن قوشقان ئىدى.
   بىز بۇ گۈزەل سەيلىگاھتىن كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا ئايرىلىپ يەنە يولغا چىقتۇق. قازاقلارنىڭ كىگىز ئۆيلىرى، ئارامگاھلىرى مەركەزلەشكەن قويۇق قارىغايلىق تاغ باغرىغا يېتىپ كەلگىنىمىزدە، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ئۈزگىچە گۈزەل كۆرۈندى. ئاسفالت يولنىڭ يېنىدا بىر-بىرىگە تۇتاش كەتكەن نۇرغۇن ئارامگاھلار بولۇپ، بۇ ئارامگاھلار ساياھەتچىلەرنى قونالغۇ، ئەتكەن چاي، مىزىلىك كاۋاپ ۋە قوي گۆشى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئارامگاھلارنىڭ نېرىسىدىكى يېشىللىق قاپلىغان جىلغىدا ئات مىنىپ ئويناۋاتقان، چېغىر يوللاردا كېلىپ-كېتىۋاتقان ساياھەتچىلەر، قويۇق قارىغايزارلىق تۈۋىگە جايلاشقان سان-ساناقسىز كىگىز ئۆيلەر يىراقتىنلا كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن. بىز بۇ يەردە ئەتراپتىكى گۈزەللىكلەرنى تاماشا قىلغاچ بىردەم ئارام ئېلىپ، قازاق قېرىنداشلار پۇشۇرۇپ بەرگەن مىزىلىك پاقلان گۆشى بىلەن غىزالانغاندىن كېيىن، ساياھېتىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇردۇق.
     ماشىمىز قارىغايزارلىق تاغ ئارىسىغا ياسالغان ئىگىز-پەس، يىلان باغرى ئاسفالت يولدا ئاستا كېتىۋاتاتتى، ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن ئەتراپتىكى گۈزەل مەنزىرىلەرگە تويماي قاراپ ئولتۇراتتىم. تاغ يولىدا كېتىۋاتقان ماشىىنىلار بارغانسىرى يۇقىرى ئۆرلەشكە باشلىدى، ئالدى-كەينىمىزدە يەنە نۇرغۇن ماشىنىلار بار ئىدى. بىردەمدىن كېيىن تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسىدىكى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىرى بولغان جاسى داۋىنىغا چىقىپ بولدۇق. بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ ناھايتى كۆپ ئىدى. بىز ماشىنىدىن چۈشۈپ، رىشاتكىلىق پەلەمپەي بىلەن داۋاملىق يۇقىرىغا ئۆرلەپ، جاسى داۋىنىنىڭ ئەڭ ئىگىز چوققىسىغا چىقتۇق. بۇلۇتسىز ئاسمان شۇنداق سۈزۈك ئىدى. داۋاننىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ تۆت ئەتراپقا نەزەر سالىدىغان بولساق، كۆك ئاسماننىڭ تىگىدە قەد كۆتىرىپ تۇرغان قاتمۇ-قات تاغلار، ياپيېشىل قارىغايزارلىقلار، يىراقتىن قارىغاندا خۇددى يەردىن ئۆسۈپ چىققان گۈمبە مەدەككە ئوخشاپ كېتىدىغان سانسىز كىگىز ئۆيلەر، يىلان باغرى سوزۇلۇپ كەتكەن تاشيولدا داۋانغا چىقىۋاتقان ماشىنىلار ناھايتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى، بۇ يەرنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ھەقىقەتەن بەك گۈزەل ئىدى. مەخسۇس ياسالغان رىشاتكىلىق پەلەمپەيدىن داۋانغا چىقىۋاتقان، چۈشۈۋاتقان، سۈرەت تارتىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى.
   تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرگە مەھلىيا بولۇپ كېتىپ، ۋاقىتنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمەي قاپتىمىز. بىز بۇ يەردە بىر پەس سەيلە قىلىپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن قانغىچە ھۇزۇرلىنىۋالغاندىن كېيىن داۋاندىن چۈشتۇق. ماشىنىمىز يىلان باغرى تاغ يولىدا ئاستا سۈرئەت بىلەن مېڭىپ، بىر دەمدىن كېيىن قارىغايزارلىق تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تاشيولغا چۈشۈپ شەھەرگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى، ئۈرۈمچى شەھرىگە يېتىپ كەلگىنىمىزدە ئاللىقاچان كەچ كىرىپ، كوچا چىراغلىرى يورۇپ كەتكەن ئىدى.
  تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسىدىكى بىر كۈنلۈك ساياھېتىمىزنىڭ ئاددىيغىنە خاتىرىسى مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، ساياھەت داۋامىدا تارتىلغان تۆۋەندىكى بىر قىسىم سۈرەتلەر ئارقىلىق تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانغايسىلەر.
                                           مەنبە: ئۆزۈم


DSCF5679.JPG
   DSCF5684.JPG


DSCF5688.JPG
   DSCF5692.JPG

*
DSCF5697.JPG
   DSCF5700.JPG
   DSCF5701.JPG
   DSCF5724.JPG

*
DSCF5722.JPG
   DSCF5725.JPG
   DSCF5735.JPG
   DSCF5745.JPG

*
DSCF5748.JPG
   DSCF5750.JPG
   DSCF5758.JPG

*
DSCF5760.JPG
   DSCF5761.JPG
   DSCF5762.JPG
  

DSCF5763.JPG
   DSCF5764.JPG
  

DSCF5767.JPG
   DSCF5768.JPG
   DSCF5769.JPG
   DSCF5771.JPG
  

DSCF5773.JPG
    DSCF5785.JPG
   DSCF5786.JPG


IMG_20150719_171903.jpg
    IMG_20150719_195748.jpg
   IMG_20150719_145245.jpg


DSCF5781.JPG
    DSCF5778.JPG
  
*

uyghuray

10

تېما

6

دوست

4306

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28166
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 1364
توردىكى ۋاقتى: 204
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-12 20:09:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تىمىنى يوللاپ بولۇپ قارىسام، يازمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى 2-3 قۇر خەت بىر-بىرىگە چاپلىشىپ چىقىپ قاپتۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدىم.

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

64

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.21%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1685
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 5100
توردىكى ۋاقتى: 893
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-13 11:58:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى بولىدىكەن .ئەپسۇس مەن ئۆتكەن ئايدا ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە بارغانتىم .ئۇ يەرگە بارماي قاپتىمەن .كىلەر قېتىم چوقۇم تولۇقلايمەن .
‹‹ئۇ جاينىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى نىمىكىن؟›› دەپ بەرگەن بولسىڭىز .ئاسانراق تاپقىلى بولاتتى .

3

تېما

11

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.01%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 792
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 6522
توردىكى ۋاقتى: 1121
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-13 14:53:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېخى تېما ئىسمىغا قاراپلا   تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسىمىكىن دەپتىمەن .
تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسىنى ساياھەت قىلغانلار بارمۇ ؟
قانداراق جاي ئىكەن ؟
يېقىندا نارات تەرەپلەرگە ئۆتمەكچى ئدىم ،
بىر كۆرۈش خىيالىم بار ئىدى .
uyghuray

10

تېما

6

دوست

4306

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28166
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 1364
توردىكى ۋاقتى: 204
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-13 16:49:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
orkex يوللىغان ۋاقتى  2015-8-13 11:58
بۇ تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى بولىدىكەن .ئەپسۇس مەن ئۆتكەن ئ ...

天山大峡谷

1

تېما

0

دوست

1920

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36006
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 594
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-13 21:53:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغارى ئاكا بولسا داۋاملىق بۇ ساياھەت تىمىڭىزنى داۋام قىلسىڭىز.
بولسا ماڭىدىغان يوللارنى بىر چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز،مەسلەن ئۈرۈمچىنىڭ نەرىدىن يولغا چىقىمىز.

1

تېما

0

دوست

1920

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36006
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 594
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-13 21:54:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈمچىلىك قېرىنداشلار بولسا ئۈرۈمچىنىڭ يوللىرىنى بىر چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار،
سۈرئەت،يەنە قانداق دىققەت قىلدىغان جايلار بار ئەسكەرتىپ قويساڭلار.

0

تېما

4

دوست

681

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   36.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29536
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 206
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-14 10:54:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghari يوللىغان ۋاقتى  2015-8-13 16:49
天山大峡谷

سىز دېگەن ئۇ ساياھەت ئورنى جەنۇبى تاغ دېگەن يەر شۇمۇ ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )