قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1566|ئىنكاس: 5

جىگدە قىسمىتى (ھېكايە )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

دوست

250

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   83.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  183
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 250
تۆھپە : 142
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2012-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-18 22:01:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىگدە قىسمىتى
(ھېكايە)
شىنجاڭ مەدەنىيتىگەئېلان قىلىنغان بۇ ئەسىرىمنى باغداش تورىدىكى تورداشلارغا  سۇندۇم
ئابدۇلھەمىد ياسىن

− جىگدە دېگەن ناھايىتى ئولۇغ دەرەخ قىزىم،-دەيتتى ئاتا ھارۋىدا ئاللىقانداق تاتلىق خىياللار بىلەن ئولتۇرغان قىزىغا قاراپ قويۇپ،- ئۇ ئەزەلدىن خانغىمۇ يارىغان، تازغىمۇ يارىغان. كونىلار ئۇنى يوپۇرمىقى كۆمۈش ، مېۋىسى ئالتۇن دەپ تەرىپلەپ كەلگەن. ئۇنى قۇمغا تىكسەڭمۇ، شورغا كۆمۈپ قويساڭمۇ ياشىرىۋېرىدۇ. سۇسىز تۆمۈردەك قېتىپ كەتكەن شورلۇقتا ھېچقانداق دەرەخ كۆكلىمىسە جىگدە باراخسان كۆكلەپ مېۋە بېرەلەيدۇ. باشقا دەرەخلەرنى قەلەمچە قىلمىسا يېتىشتۈرگىلى بولمىسا ئۇنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىپ قويساڭمۇ ئۈنىۋېرىدۇ...
       − پاھوي، سۆزلەپلا كەتتىڭغۇ دادا، سەن بۇلارنى ماڭا تالاي قېتىم دەپ بولغان. باشقا پاراڭلارنى قىلىپ ئولتۇرساڭچۇ؟ ماڭا ئېلىپ بەرگەن كىيىملەرنى بەك قىممەت ئېلىۋەتتىڭمىكىن دەيمەن.
          − قانچە قىممەت بولسىمۇ مەيلى قىزىم. بۇمۇ ئاشۇ جىگدىنىڭ خاسىيىتىدىن ئەمەسمۇ؟
         − راست دەيسەن دادا، جىگدە كۆچەتلىرىنى ساتقاندىن كېيىن ئەمدى بىزنىڭمۇ پۇلىمىز بار بولدى. ئەمدى ئۆيىمىزنى ئوڭشىساق، ئاندىن...
         − ئاندىن سېنىڭ بېشىڭنى ئوڭشاپ تالالىق قىلىۋالسام قىزىم...
         − ۋاي بولدى دادا، ئۆينى سېلىپ بولغاندىن كېيىن ئاۋۋال سېنىڭ بېشىڭنى ئوڭشاپ، بىرسىنى ماڭا ئاپا قىلىپ بىرىپ بولۇپ ئاندىن ...
         − يوق گەپنى قىلمىغىنە، ئادەمنى نېمىنداق خىجىل قىلىدۇ ماۋۇ بالا.
         − ئەمدى دەيمەن دادا، سەنمۇ مېنى چوڭ قىلغۇچە جاپا تارتتىڭ، شۇنچە قاتتىق كۈنلەردىن ئۆتۈپ ئەمدى بىزنىڭمۇ پۇلىمىز بار بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە توي دېگەندە ئاپىسى بولمىسا بولمايدۇ- دە.
       − ئۇنى دېسەڭ بالام كۆزلىرىمگە ياش كېلىدۇ. ئاناڭدىن كىچىك قېلىپ، يالغۇز بېقىپ مۇشۇنچىلىك قىلماق ئاسانغا چۈشمىدى سېنى. ئۆينىڭ چەتلىكى، خەقلەرنىڭ مەسخىرە- تاپىلىرى... ئەمما بالام ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى. كۆزۈمنىڭ ئوچۇقىدا سېنى تالالىق قىلىۋالسام باشقا ئارمىنىم قالمايدۇ. ئەمدى ئاناڭ يوق، بەزى گەپلەرنى ساڭا دېمەك تېخى تەس. دېيىشىپ قويغان يەر يوقتۇ...
      − ۋىييەي نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسەن دادا. ئەمما ساڭا دېسەم، مەن كىمگە ماقۇل دېسەم شۇنىڭغا بېرىسەن، سەن ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ...

        − نېمىلەرنى دەيدىغانسەن، مۇشۇ ئۆمرۈمگىچە باشقىلار مېنى ياقتۇرمايلا كەلدى. مەن ياقتۇرمايدىغان كىمكەن ئۇ، بۇ ئىشتا قىزىم، سېنىڭ دېگىنىڭ ھېساب، بولدىمۇ؟ 
          قىزى گەپ قىلماي بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالدى. شۇتاپ ئاتا بالا ئىككەيلەننى بىر خوشاللىق چىرماپ تۇراتتى. مانا تال- بوستانلىق مەھەللىدىن ئۆتۈپ بولغىلىمۇ خېلى بولدى. بوز مىدە ئالدىرىماي قەدەم سالاتتى. بوۋايمۇ ئىشەكنى ئالدىرىتىپ تاياق چۆرۈشتىن قالغان، شۇتاپتا خىيالغا چۈشۈپ كەتكەنلەر بوۋاي بىلەن قىزىلا ئەمەس مونۇ ئىشەكمۇ مۇڭلىنىپ قالغاندەك ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆيى مەھەللىدىن ئۈزۈكراق بولغاچقا، تېخىچە ئۇلارنىڭ يالغۇز جىگدىسى كۆرۈنمەيتتى.
          «يۈزى قېلىن، ئەجەپ ئەلچى ئەۋەتەي دېمەيدا»، دەيتتى ئىچىدە قىز. ئوزايىدىن ئەللىك ياشتىن ئاشقان، ئەمما جاپادىن ئالدىغا ئېڭىشىپ قالغان مونۇ دۈمچەك بوۋاينىڭ يالغۇز قىزى بەختاجىخان شۇتاپتا ئاللىقانداق خىياللارغا غەرق بولغان ئىدى، ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا مەھەللىنىڭ ئايىغىدا، يەنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە يېقىن دۆڭلۈكتە ئۆتكۈزۈلگەن چېلىشىش سورۇنى كەلدى. بۇ سورۇندا مۇشۇ مەھەللىلىك سادىر ئىسىملىك يىگىت ھەممىدىن زور چىقتى. سادىر يۈزلىرى چوقۇر، تۈرمىدە يېتىپ چىققان قارام يىگىت ئىدى. ئۇنىڭ قارا ئۆڭى، بۇرتۇپ چىققان بىلەكلىرى يىگىتلىك جاسارىتىگە تولغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. بەختاجىخان شۇ قېتىم خەقلەرنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ ئاشۇ سادىر ئىسىملىك يىگىتكە قاراپلا قالدى. كىشىلەر سادىرنىڭ ئاستىدا قالغان مەھەللىنىڭ نوچى يىگىتلىرىگە ھەسسىنەي دېيىشىپ قالدى. چۈنكى مۇشۇ ئاياغ مەھەللىدە ھېچكىم ئاشۇ سادىر ۋە ئۇنىڭ قارام شىرىكلىرىنى ياقتۇرمايتتى. ئۇلارنىڭ زورلۇق- زۇمبۇلۇقىنى، نەرسە- كېرەكلىرىنى ئوغرىلايدىغان، ھەتتا ئوچۇقتىن- ئوچۇق بولايدىغان قاراملىقلىرىنى تولا كۆرگەن، ئۇلارنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتقان بولغاچقىمۇ ئۇلارنىڭ چېلىشتا يىقىلىشىنىلا ئەمەس، بۇ مەھەللىدىنمۇ غايىپ بولىشىنى شۇ قەدەر ئارزۇ قىلىشىپ قالاتتى. شۇ قېتىمقى مەھەللىۋى چېلىشىشتىن كېيىن ئاللىقاچان رەسىدە بولۇپ قالغان بەختاجىخان ھەمىشە ئاشۇ قارىمۇتۇق سادىرنى خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالدى. بىر قېتىم كەنت قوروسىدا كىنو قويۇلدى. دادىسىنى مىڭ تەستە ئۇنۇتۇپ كىنوغا ئېلىپ كەلگەن بەختاجىخان يېنىدا تۇرۇپ كىنو كورىۋاتقان سادىرنى كۆرۈپ ھاياجاندىن ئۈنلۈك تىنىشقىمۇ پېتىنالماي قالدى. ئۇنىڭ پۈتكۈل سەزگۈلىرى سادىرنىڭ ھەركىتىدە ئىدى. دادىسى ئۆزىدەك قېرىلار قاتارىغا كەتكەن بولغاچقا بەختاجىخان ئاغىنىلىرى بىلەن نوقۇشۇپ ئولتۇرغان سادىرنىڭ ئۆزىگە بىرەر قېتىم قارىشىنى شۇقەدەر ئارزۇ قىلىپ قالغان ئىدى. دەل شۇ پەيتتە توك كەتتى. كىشىلەر چۇرقىرىشىپ بىر- بىرسىنى ئىتتىرىشكە باشلىدى. سادىرنىمۇ ئاغىنىلىرى ئىتتىردى بولغاي، سادىر بەختاجىخاننىڭ ئۈستىگىلا چۈشتى. بەختاجىخان ئوتلۇق بىر ھارارەتتىن مەستخۇش بولۇپ تۇرغىنىدا يەنە سادىر ئۇنىڭ نازۇك كۆكسىنى يۇمشاققىنا تۇتۇپ قويدى. بۇ ئوتلۇق ئالقان يەنە بەختاجىخاننى بىر قىسما قىلىپ قويدى. شۇ چاغدا توكمۇ ياندى. ئەمدى سادىرمۇ پات- پات بەختاجىخانغا قاراپ قوياتتى.
           شۇ ئىشتىن كېيىن بەختاجىخان تېخىمۇ باشقىچە بولۇپ قالدى. ئاشۇ قېتىمقى ئىشنى ئويلىسىلا ئۇنىڭ سادىرنى سېغىنىشى تېخىمۇ ئەۋجگە چىقاتتى. ئۇنى كۆرۈۋېلىشنى ئىستەپ، دادىسىدىن يىراق بىر تۇققىنىنى يوقلاپ كېلىشنى سوراپ مەھەللىگە پات- پات بارىدىغان بولۇپ قالدى. بىرنەچچە قېتىم ئۇلار ئۇچرىشىپمۇ قالدى. ئۇچراشقاندا ھەر ئىككەيلەن كەينىگە قاراپ- قاراپ كېتىپ قېلىشاتتى. بەختاجىخان سادىرنىڭ ھەربىر قارىشىنى كۆرگەندە خۇددى يۈرىكى ئۆزىنىڭ ئەمەستەك قاتتىق سېلىپ كېتەتتى. بەختاجىخاننىڭ خىيالىدا يەنە دادىسىنىڭ جىگدە ھەققىدە ئېيتقانلىرىمۇ جۇلالىنىشقا باشلىدى. چۈنكى ئۇمۇ جىگدىگە ئامراق. بولۇپمۇ ئەتىيازنىڭ ئاخىرلىرى ئۆيىنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ سېلىنغان قېرى جىگدىلەرنىڭ تۈۋىدىن كېتەلمەيتتى. جاھاندا جىگدە چېچىكىنىڭ ھىدىدىن خۇشبۇي ھىد بار دېيىلسە بەختاجىخان بۇنىڭغا چىنپۈتمەيتتى. گۈپۈلدەپ خۇشبۇي پۇرايدىغان جىگدە چېچىكى ئۇنىڭغا ئاللىقانداق ھوزۇرلۇق تۇيغۇلارنى ئاتا قىلاتتى. بۇ خۇش ھىد تاكى ياز ئاخىرلىرىغىچە ئۇنىڭ ئۆيى ئەتراپىدىن تارقالمايتتى. ئەمما ھازىر پەقەت شۇ بىر تۈپلا جىگدە قالدى.
           ئادەملەرمۇ قىزىق، دەرەخلەرنىڭ ھەممىنى كېسىۋەتتى. بەختاجىخاننىڭ ئويىدا بۇ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ئەمەس، پەقەت قىلغىلى ئىش تاپالمىغان، ئاللىقانداق يېڭىلىق باھانىسىدا ئۆسۈشنى ئويلىغان يەرلىكتىكى قاپاقباشلارنىڭ ئىسلاھ قىلىمىز دەپ تاپقان ئىشى ئىدى. شۇڭا بورۇن ئاسمان بىلەن بوي تالىشىپ ئۆسىدىغان سەگۈ تېرەك، قاپاق تېرەكلەر مەھەللىدە ھازىر قالمىدى. ئاللىقانداق ئوي، ھويلا- ئارام ئۆزگەرتەرمىش. مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىدىمۇ تۆت كونا قاتارىدا يوقىتىلماي قالغان كونا دەرەخلەرمۇ بۇ قېتىمقى ئۆزگەرتىشتە ئامان قالمىدى. قانداقلا بىر يېڭى سىياسەت كەلسە ئۇنىڭ دەردىنى ئادەملەر بىلەن دەرەخلەر تەڭ تارتىش، يارالمىشتىن بىر قىسمەت ئوخشايدۇ، مەھەللە تاپ- تاقىرلا بولۇپ قالدى. ھەتتا ئۇلار مەھەللىدىن خېلىلا ئۈزۈك بولغان مونۇ قاسىماخۇننىڭ ئۆيىگىمۇ پالتا- ھەرىلەرنى كۆتىرىپ يېتىپ كېلىشتى. كېسە- كەس بىلەن ھەممە جىگدىلەرنى كېسىپ بىرلا جىگدە قالغاندا قاسىماخۇن بىلەن ئۇنىڭ يالغۇز قىزى بەختاجىخان جىگدىنى قۇچاقلىۋېلىپ كەستۈرگىلى ئۇنىمىدى. قاسىماخۇن ئۈنلۈك توۋلىدى: پالتا كۆتۈرگەن نادانلار يوقىلىش، جېنىم كادىر بالام، مۇشۇ بىر تۈپ جىگدەم ئامان قالسۇن، جىگدە دېگەن ئەسلى خانغىمۇ ياراپتىكەن، بۇ جىگدە ھېچقانداق يەرگە سايە سالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭ مېۋىسى چوڭ، ئۇچات جىگدە ئىدى، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان يېزىدىن كەلگەن ياش كادىر بالا، بوۋايغا گەپ يىگۈزەلمەسلىكتىن قورقتىمۇ، ياكى باھالاشنى بۇ چەتكە كەلمەيدۇ دەپ ئويلىدىمۇ بېشىنى ماقۇلغا لىڭشىتتى ۋە ئادەملەرنى باشلاپ كېتىپ قالدى. شۇ ئىش بولۇپ كېلەركى يىلدىن باشلاپ يەرلەر قورغاقلىشىشقا باشلىدى. بوران ئۇچۇپ، يەر- جاھان ھەمىشە توپا رەڭگىدە بولۇپ قالدى. بۇران چىقمىغان كۈنلىرى توپا ياغاتتى. تولا كۈنلەردە بوران چىقىپ، ئالەمنى قاراڭغۇلۇق قاپلايتتى. شۇ مەزگىلدە ئەزەلدىن مۇھتاجلىقتا ئۆتۈپ چاپىنى تىزىدىن ئاشمىغان، مەھەللىنىڭ قەرز ھېسابىدا ئىسمى ئۆچمەيدىغان قاسىماخۇن ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى بىر ئېتىز يەرگە غەلۋىر جىگدىنى ئەپ چىقىپ تېرىپ قويدى. جىگدىلەر ئاز كۈن ئۆتمەيلا سوقتا ئۆسۈشكە باشلىدى. شۇ مەزگىلدىمۇ كاللىسى ئوڭدىن بىرسى بۇ يەرنىڭ تۇپرىقىغا جىگدە ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى. جىگدە بولمىسا بولمايدىغانلىقى، كۆپلەپ جىگدە سېلىپ، بوراننى توسۇش بەلبېغى ياسىمىغاندا قورغاقلىشىش ۋە قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان چېغىۋا، جىگدە كۆچىتى ئىزدەش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ئەمما جىگدە كۆچىتىنى نەدىن تاپىسەن؟ كۆچەت تۈگۈل جىگدىنىمۇ تاپقىلى بولمايدىغان، بورۇنقى ئاغزىغا بىرنى سالسا قوۋزى لىق تولىدىغان ئۇچات جىگدىلەرنى ئۇچرىتىش چۈشكە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كۈچەتنى تېخىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ- دە، ئەمما كىشىلەر قاسىماخۇننىڭ كۆچەتلىرىنى كۆرۈپ قېلىشتى. تېرىغىلى بىر يىلدىن ئاشقان جىگدىنىڭ كۆچەتلىرى ئادەمنىڭ بويىدىن ئېگىز بولۇپ كەتكەن ئىدى. بۇنى ئاڭلىغان كەنت باشلىقىنىڭ موتوسىنىڭ سەت ئاۋازى ھەركۈنى دېگۈدەك قاسىماخۇننىڭ شادا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىن كېتەلمىدى.

-پۈتۈن قەرزلىرىڭنى كوتىۋىرەتتۇق قاسىماخۇن، جىگدىنى كەنتە ئۆتكۈزۈپ بېرىڭلا.
- ياق.
- قەرزنى كۆتىرىۋەتكەننىڭ سىرتىدا مىڭ سوم بېرىمىز كەنتكە...
-ياق. ھەممىسى ئۆزەمگە لازىم.
- ئىككى مىڭ سوم...
- ياق..
- ئۇنداق قىلىشىپ كەتمەيلى قاسىماخۇن، يەنە بىر- بىرسىمىزگە ئەسقاتارمىز. بوپتۇ. بەش مىڭنى بەردۇق.
- بوپتۇ، ئەمما بۇندىن كېيىن قەرز دەپ كەلمەيسىلەر، بەش مىڭنى ساق سانايسىلەر، يەنە ماڭا يۈز تۈپ قويۇپ قويىسىلەر.
- ماقۇل قاسىماخۇن، سېلىمۇ پەيتنى تۇتۇشنى بىلىدىكەنسىلە. مانا بەش مىڭنى ئېلىپ كەلگەن سانىۋېلىڭلا.

             قاسىماخۇن پۇلنى ساناپ بولغىچە مەھەللىدىكى بىر مۇنچە كىشىلەر كۆچەتلەرنى قومۇرۇشقا باشلىدى. قاسىماخۇن ساناپ يۈزنى ئېلىپ قالدى. ئەمما ئەسكى تېمىنىڭ كەينىدە باشقىلارنىڭ «كەنت باشلىقىمۇ يامان ئەدەمكەن. ماۋۇ قاسىمۇخۇن دېگەن گادايغا بەش مىڭ كوينى تۇتقۇزۇپ قويۇپ، بۇ بەش مىڭ تۈپ كۆچەتنى ئورمانچىلىق ئىدارىسىغا دانىسىنى ئۈچ سومدىن ئون بەشمىڭغا قويۇپتۇ دېسە» دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ قالدى. بۇنى ئاڭلاپ قاسىماخۇن بىلەن بەختاجىخاننىڭ يۈرىكى ئېچىشقاندەك بولدىيۇ، مەيلىلا دەۋەتتى. شۇنىڭدىن بىرەر ئاي ئۆتۈپ، بۇ چەتتىكى ئۆي يەنە قايناشقا باشلىدى. چۈنكى ئەمدى قاسىماخۇن يۈز تۈپ كۆچەتنى ئۆينىڭ ئەتراپىغا سالغان كۈننىڭ ئەتىسى ھەممىسىنى ئوغرىلاپ كېتىشكەن بولسىمۇ، قاسىماخۇن يەنە مەيلى دەپ، ئۆيىدىكى تۆت تاغار جىگدىنىڭ ھەممىسىنى سۇغا باستى. ئەمدى تېرىسام بولىدۇ دېگەن يېرىگە كەلگەندە ھەممىسىنى بەش مو يېرىگە تېرىپ ئۈستىدىن سۇ قويىۋەتتى. بىر ئايدىن كېيىن جىگدىلەر ئۈنۈپ بىر غېرىچ بولغاندىكى كارامەتنى كۆرۈڭ. كەنت باشلىقى يەنە ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دەمدۇ، يوغان قورساق بىر ئادەمنى باشلاپ كېلىپ قاسىماخۇننى ئولتۇرغىلى قويمىدى. ئوتتۇز مىڭ، قىرىق مىڭ، ئەللىك مىڭ، ئەللىك مىڭغا چىققاندا ئەمدى كەنت باشلىقى قاسىماخۇنغا يالۋۇرۇشتىن تەھدىت سېلىشقا ئۆتتى. ئەزەلدىن غەۋغادىن قېچىپ كۆنۈپ قالغان قاسىماخۇنغا كەنت باشلىقى ۋە ھېلىقى يوغان قورساقنىڭ تەھدىتى تەسىر قىلدىمۇ ياكى ئەمدى باھاسىغا چىقتى دەپ قارىدىمۇ كۆچەتلەرنى ئەللىك مىڭغا بېرىۋەتتى. ئۇلار بۇ قېتىممۇ ئەللىك مىڭ يۈەن پۇلنى نەقلا قاسىماخۇنغا تۇتقۇزۇپ، ئالدىن تەييار قىلغان ھۆججەتكە قاسىماخۇننىڭ قولىنى باستۇردى ۋە تىزلا كېتىپ قېلىشتى. بۇ گەپمۇ بىر دەمدىلا ھەممىنىڭ ئېغىزىغا چىقىپ كەتكەن، تېرىغىلى بىر تالمۇ جىگدە تاپالمىغان كىشىلەر بۇرۇنقى سوقتا- سوقتا ئۆسىدىغان، مەرۋايىتتەك پارقىرايدىغان جىگدىلىرىنى ئويلاپ پۇشايماندا ياقىسىنى چىشلىمەكتە ئىدى.

            مانا ئەتىگەن قاسىماخۇن نەچچە قات ئورالغان پۇللىرىنى ئۆيدىمۇ قويماي ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى بەھەيۋەت ئۆسكەن ئاشۇ بىر تۈپ جىگدە دەرىخىنىڭ پورىغا چىڭ تىقىۋەتتى. ئاندىن ئېلىپ قالغان مىڭ يۈەن پۇلنى يانچۇقىغا پۇختىلاپ سالدى ۋە قىزىنى ئېلىپ بازارغا كىردى. ئۇلار بازاردىن كۆزىگە ئۇز كۆرۈنگەننىڭ ھەممىسىنى ئالدى. بولۇپمۇ قاسىماخۇن قىزىنىڭ كۆزى قانداق كېيىمگە چۈشسە تالاشمايلا سودا قىلىپ شۇ كېيىمنى ئېلىپ بەردى. ئاندىن بىر ئاز گۆش ئېلىپ بازاردىن يانغان ئىدى.

            بەختاجىخان ئۆيگە كېلىپلا ئاۋال گۆشلەرنى قازانغا سېلىۋەتتى. ئاندىن قوي- كالىلارغا ھەلەپ بېرىپ بولۇپ، ئۆيدە مۈگدەپ ئولتۇرغان دادىسىنى باشقا ئۆيگە چىقىرىۋەتتى-دە، يېڭى ئالغان كېيىملىرىنى بىر- بىرلەپ كىيىپ بېقىشقا تۇتۇندى...
    شۇ كېچىسى بەختاجىخان چۈش كۆردى. چۈشىدە ئۇنىڭ سادىر بىلەن تويى بولغىدەك، ئەمما توي بولىۋاتقاندا قاتتىق بوران چىقىپ دادىسىنى ئۇچۇرتۇپ كەتكۈدەك...

          ئۇ ئۇيقۇلۇقتا شۇنداق چۈشلەرنى كۆرىۋاتقاندا كېچە قاراڭغۇلۇقىدا بىر مۇدھىش پىلان ئورۇندىلىۋاتاتتى. ئۈچ قارا گەۋدە ئۈن چىقارماي قاسىماخۇننىڭ شادا دەرۋازىسىدىن ئاتلاپ ھويلىغا كىرىپ كەلدى. قومۇش چەللىلىك ھويلىدا يېتىپ ئۇخلاۋاتقان قاسىماخۇننىڭ خورىكى دەم توختاپ قالسىمۇ بىر ھازادىن كېيىن بوغۇلۇپ يەنە خارتىلدايتتى. ئۈچەيلەن پىلان بويىچە تىۋىش چىقارماي قاسىماخۇنغا يېقىنلاشتى ۋە بىرسى قاسىماخۇننىڭ ئاغزى- بۇرنىنى، يەنە ئىككەيلەن ئۇنىڭ پۇت- قولىنى دەست كۆتۈرگىنىچە ھويلىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
    -     ئۇكىلىرىم، بۇ نېمە قىلىق،- ئۆيدىن خېلىلا يىراق بىر يەردە ماتاپ باغلىۋېتىلگەن قاسىماخۇن يەردە يېتىپ ئېغىر تىناتتى. ئۇ ئۆزىنى باغلىغانلارنى تونۇپ قالدى.
        -     سادىر ئۇكام، مەن سېنى تونۇپ قالدىم، مەن داداڭ بىلەن يېقىن ئۆتكەن. نېمىشقا مېنى يەر بىلەن تەڭ قىلىپ باغلاپ بۇنچە خار قىلىسەن. 
         -     خاپا بولما ئاكا،- سادىرنىڭ ئۈنىمۇ بوغۇلۇپ چىقاتتى،- مېنىڭمۇ بۇنداق قىلىش نېيىتىم يوقتى. ئەمما مۇھتاجلىق ئادەمنى ھەر كويغا سالىدىكەن. نەق گەپ، پۇلنى چىقار.
       -     قايسى پۇلنى، ئەستا، جىگدە ساتقان پۇلنىمۇ، مەن ئۇنى...
     -     تىلىڭنى چاينىما ئاكا، چىقارمايدىغان بولساڭ، ئاۋۇ قىزىڭنى تىرىك كۆمىۋېتىمىز. ئاڭلىدىڭمۇ؟
       -     نېمە؟ ئەستا، كۈن ئالغىلى قويمامسىلەر ئادەمنى...
          -     تېز بول ئاكا، پۇل نەدە؟

         قاسىماخۇن ئەمدى تالاشقاننىڭ پايدىسى يوقلىقىنى جەزىم قىلغاندىن كېيىن پۇلنىڭ بار جايىنى ئېيتىپ بېرىشنى قارار قىلدى. چۈنكى مۇنۇلار قولىدىن ھەر بالا كېلىدىغان قارام نېمىلەر ئىدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇلار بەختاجىخاننىڭ ئىسمىنى چىقىرىپ تەھدىت سېلىۋاتاتتى. نېمە ئامال، ئاۋۇ قىزى بىلەن ئۆزىنى ئامان قويسا بولدى ئەمەسمۇ؟
-     ئۇكام سادىراخۇن، بوپتۇ، پۇلنى سېلەرگە بېرەي. ئەمما قىزىم بىلەن ماڭا چېقىلماسلىققا ۋەدە بېرىڭلار. پۇلنى ئېلىپ ھەم بۇ يەردىمۇ تۇرماي يىراققا كېتىڭلار.
-     بىزگە ئىش ئۆگىتىپ كەتكىنىنى بۇ قېرىنىڭ، ئەلۋەتتە يىراققا كېتىمىز. كېيىن قولىمىز ئۇزىراپ قالسا پۇلۇڭنىمۇ قايتۇرامدۇق تېخى، تىز بول. پۇل نەدە.
-     جىگدىنىڭ، ھويلىدىكى جىگدىنىڭ پورىدا.
-     سەن مۇسا، بۇيەردە قاراپ تۇر، مەخەت ئىككىمىز بېرىپ، پۇلنى ئېلىپ كېلەيلى.

ئۈچەيلەن بوۋاينى ئاشۇ يەرگە باغلاقلىق پېتى تاشلاپ قويۇپ پۇلنى ئېلىپ ماڭدى. ئەمما شۇنچە كۆپ پۇلغا ئەجەپمۇ ئاسان ئېرىشكەن ئۇچەيلەننىڭ قەدىمى بىردىنلا ئاستىلاپ قالدى. بوۋاينى ئەتە خەقلەر قۇتقۇزىۋالىدۇ. ئەمما ئۆيىدىكى ھېلىقى قىزى ئويغىنىپ كەتسە قانداق قىلغۇلۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قارا قۇمچاق، تازا رېسىدە بولغان ئوماق قىزى، بىر جانان ئۆيدە يالغۇز ياتىدۇ ئەمەسمۇ؟
       -     شۇنداق قىلايلىچۇ ئاكا، قىزىنىمۇ باغلاپ، قىلغۇلۇقىمىزنى قىلىپ ئاندىن ماڭايلى. تېخى تۈن ئوزۇن، ئاللىقاچان كېتىۋالىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتە ئۆگۈنمۇ، ھەتتا بىرەر ھەپتىگىچىمۇ بۇيەرگە مەھەللىدىكىلەر كەلمەيدۇ.
     -     ياق، بۇنداق قىلمايلى.
    
-     ماقۇل دېگىنە سادىر ئاكا، بىرىنچى نۆۋەت سېنىڭ...
ئۇلار بىر ھازا دېلىغۇل بولۇشتى. ئاندىن سادىرنىڭ بىردىنلا ئارقىسىغا بورۇلۇشىغا قالغان ئىككىسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
            بەختاجىخان كۆرگەن چۈشىدىن قورقۇپ ئويغىنىپ كېتەيلا دەپ تۇرغاندا تويۇقسىز ئۈستىگە قوپال ھەم ئېغىر بىر گەۋدە تاشلاندى. بەختاجىخان دەسلىپىدە بۇ گەۋدىنىڭ زورلىقىدىن تىنالمىغان بولسا، ئەمدى تولۇق ھېس قىلدىكى بۇ سادىر ئىدى. ئۇ سادىرنىڭ پۇرىقىدىنلا ئۇنى تونىيالايتتى. بۇ چاغدا سادىر ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، بەختاجىخان توختىماي تېپچەكلەيتتى. ئۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ، بىر قولىنى بوشىتىۋالدى. ئاندىن ئۈستىدە يەنە بەختاجىخاننىڭ كىيىملىرى بىلەن ھەپىلىشىۋەتقان سادىرنىڭ يۈزىگە بىرنى تۈكۈردى ۋە:

       -     تۈفىي، سېنىڭ يىگىت بولۇپ قالغىنىڭغا، ساڭا كۆيۈپ يۈرگىنىمگە...-،دېدى بوغۇق ئاۋازدا.
پۈتۈن بەدىنى تىترەپ تۇرغان سادىر بەختاجىخاننىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ لاسسىدە بوشاپ كەتتى. ئۇ بەختاجىخانغا قاراپ بىر ھازا ئولتۇرۇپ قالدى. گەرچە بۇ ئىككى گەۋدە بىر- بىرىنى كۆرمىسىمۇ شۇ تاپتا ھەر ئىككىلىسىنىڭ قەلبى ئۆزلۈكسىز غەليان كۆتۈرمەكتە ئىدى. سادىر ئاستاغىنە بەختاجىخاننى يۆلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ:
     -     بەختاجىخان، راست ماڭا كۆيەمسەن؟،- نىھايەت جىملىقنى بۇزۇپ ئۇنىڭدىن سورىدى. بەختاجىخان زۇۋان سۈرمىدى.
    -     راست گېپىڭنى ئېيىت بەختاجىخان، ماڭا كۆيەمسەن؟
ئەمدى بەختاجىخاننىڭ ۋۇجۇدىدا جان دېگەن نەرسىنىڭ ئەسىرى قالمىدى. يېرىم يالىڭاچ ھالدا ئولتۇرغان بەختاجىخان ئاخىرى سادىرنىڭ قۇچىقىغا يۆلىنىپ قالدى ۋە:
-     راست سادىر، جېنىم، مەن ساڭا كۆيىمەن. بەك... بەكمۇ كۆيىمەن-، دېدى پىچىرلىغاندەك ئاستا ئاۋازدا. ئۆي ئىچىنى يەنە جىملىق قاپلىدى. بەختاجىخان بىردىن چۆچىگەندەك بولۇپ:
-     سادىر تىز چىقىپ كەت. دادام تالادا بار-،دېدى جىددى ئاھاڭدا. –داداڭ يوق بەختاجىخان، مەن كەلسەم داداڭ يوقكەن. شۇڭا يېنىڭغا كىرگەن. -     نەگە كەتكەندۇ؟
-     تاڭەي-، سادىر ئۇنىڭغا يالغان ئېيتتى.
-     كۈندۈزى كەلسەڭ بولمامتى ساراڭ.
-     داداڭ بار تۇرسا.
-     تېخى كۈندۈزى دادام ئۆيدە تۇرمايدۇ.
-     راستمۇ؟
-     سېنى كۆرۈش ئۈچۈن نەچچە مەھەللىگە بارغىنىمنى بىلەمسەن ساراڭ.
بۇنى ئاڭلىغان سادىرنىڭ ۋۇجۇدى بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. ئاندىن ئاستىلا بەختاجىخاننى قۇچاقلاپ تۇرۇپ،
-     مەن ھېس قىلغان، بەختاجىخان، مەنمۇ سېنى ياخشى كۆرەتتىم. ئەمما ئۆزەمگە ئىشىنەلمەي كەپتىكەنمەن.
-     چېلىشتا ھەممىنى يەڭگەن تۇرساڭ. يەنە شۇنچە يۈرەكسىز بولامسەن.
-     ياق، بەختاجىخان. ئەمدى مەن يۈرەكسىز ئەمەس.
-      نېمىشقا بىزنىڭ ئۆيگە ئەلچى ئەۋەتمەيسەن؟
-     مەن... مەن ئەۋەتەي دېگەن لېكىن داداڭنىڭ ئۇنىماسلىقىدىن قورقۇپ...
-     مەن دادامنى ئۇنىتىپ بولغان...
-     نېمە ئاھ جېنىم... بەختاجىخان. مەن نېمىلەرنى قىلىپ قويدۇم، مەنمۇ ساڭا كۆيىمەن. ئەمما... ئەمما ساڭا دېسەم بەختاجىخان مەن ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويدۇم.
-     قانچە ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان بولساڭمۇ دادام مەن ئۈچۈن سېنى كەچۈرىۋېتىدۇ. جېنىم مەن سېىنى بەك ياخشى كۆرىمەن. ساڭا بىر ئۆمۈر ۋاپادار بولىمەن. سادىر، يىگىتتەك بول. ئەلچى كىرگۈز. ماقۇلمۇ؟

بەختاجىخان شۇ سۆزلەرنى دېگەندىن كېيىن سادىرنى ھىدلاپ جىمىپ قالدى. شۇتاپ نېمىشقىدۇر سادىرنىڭ نەپسى توختاپ قالغاندەك بولۇپ قالغان، يۈرىكىنىڭ سوقىشى بەكمۇ كۈچلۈك ئىدى. ئۇ توساتتىن ئورنىدىن دەست تۇردى ۋە ئۆزىگە خىتاپ قىلغاندەك پەس ئاۋازدا:
-     ماقۇل، بەختاجىخان، مەن ئەلچى كىرگۈزەي...
-     توختا سادىر، توقايلىقتىن كېچىدە يالغۇز ماڭساڭ بولمايتتى...
بەختاجىخاننىڭ سۆزى تۈگىمەيلا ئىشىك گۈپ قىلىپ يېپىلدى...
كېچە قاراڭغۇلۇقىدا سادىر ئىككى ھەمراھىنى چاقىردى.
-     قانداق ئاكا، ئىش ئوڭۇشلۇق بولغاندۇ، بەك ھايال قالدىڭ جۇمۇ، ئەمدى مەن كىرەيمىكى.
-     ياق، كىرىشكە بولمايدۇ. بەختاجىخاننى ئالىمەن. ئۇنى ئەمرىمگە ئالىمەن.
-     ساراڭ بولدۇڭمۇ، نەدىكى تېجمەل گاداينىڭ سەت قىزىنى ئالىمەن دېمىسەڭمۇ، شەھەرگە كىرسەك ساڭا قىزلار تولىغۇ. جۆيلۈمىگىنە، ئەمدى مەن كىرەي.
-     توختا مەخەت. مەن بىر قارارغا كەلدىم. ئەزەلدىن ئىككىڭلار مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ كەلگەن، بىز ھېچنىمىمىزنى بىر- بىرسىمىزدىن ئاياپ باقمىغان. بۇ قېتىممۇ بىر نۆۋەت گېپىمنى ئاڭلاڭلار. ئەزەلدىن مېنى ھېچكىم ياخشى كۆرمەيدۇ، دەيتتىم. ئۇ مېنى قاتتىق ياخشى كۆرىدىكەن. سىلەرگە دېسەم مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم. بولدى ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن. ئەمدى باشقىلارنىڭ مېنى ياراتماسلىقىدىن، قاسىم ئاكامنىڭ ئۇنى ماڭا بەرمەسلىكىدىن قورقمايمەن. ماڭا بەختاجىخاننىڭ مۇھەببىتىلا كۇپايە.
-     مانتا كۆرمىگەن ھابدال قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۈ دېگەندەك بىر ئىشقۇ بۇ. كاللاڭنى سىلكىۋەت ئاكا، بۈگۈنلا كۇلىغا مېڭىپ كېتىدىغاننى دېيىشكەنىدۇققۇ. ئاشۇ پەس...
     مەخەتنىڭ ئېغىزىدىن شۇ سۆز چىقىشى بىلەن ئۇنىڭ ئېغىزىغا سادىرنىڭ قاتتىق بىر شاپىلىقى كېلىپ تەگدى.
-     ئۇنى پەس دېمە، قەلبىدە مۇھەببەت بار ئادەم ھەرگىز پەس ئەمەس، ئۇقتۇڭمۇ؟
شۇ تاپتا ئۇ ئىككەيلەن ھەسىرەپ ئېغىر تىناتتى.
-     پوق يەپسەن سادىر،- باياتىن بىرى جىم تۇرغان مۇسا بىردىن ۋارقىرىۋەتتى،- بىزنىمۇ ئانىمىز يىگىت دەپ تۇققان، سەن قىلىدىغان قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ، بىزنى شوۋىكەش كۆرۈپ قالدىڭمۇ، ئەمدى نۆۋەت مېنىڭ...

            ئۇ شۇنداق دەپلا گۈس- گۈس دەسسەپ ئۆي تەرەپكە قاراپ يول ئالدى. غەزىپىنى ئاران بېسىپ تۇرغان سادىر ئىككى سەكرەپ بېرىپ ئۇنى بىر تېپىك بىلەن دۇم سېلىۋەتتى. ئاڭغىچە يىتىپ كەلگەن مەخەتمۇ سادىرنى چاپۇتلاپلا يېقىتتى ۋە ئورنىدىن تۇرغان مۇسا بىلەن ئىككىسى ئۇنى ئۇرۇشقا باشلىدى. قاتتىق جىدەل باشلىنىپ كەتتى. يالغۇز سادىر ئۇلارغا تېتىيالايتتى. ئەمما ئۇ ئىككىسىمۇ قارام نېمىلەر بولغاچقا جىدەل ھەدىگەندە بېسىقمايۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا زاڭىقىغا قاتتىق بىر تېپىك يىگەن مۇسا ئورنىدىن تۇردى، ئەمما ئۇنىڭ قولىدا بىر پىچاق سوغۇق يالتىرايتتى. سادىرنىڭ دۈمبىلىرى كۆيۈشكەندەك بولدى ۋە قاراپلا مۇسانىڭ ئۆزىگە پىچاق سالغىنىنى بىلىپ ئۇمۇ يېنىدىن پىچىقىنى ئېلىپلا مۇسانىڭ كۆكرىكىنى چەنلەپ تىقىۋەتتى. ئاڭغىچە يەنە بىر دۇلىسى ھەرە چاققاندەك ئېچىشىپ كەتتى. ئۇنىڭغا مەخەتمۇ پىچاق سېلىۋەتكەن ئىدى. سادىر پىچاقنى تەتۈرسىگە سىقىمدىدى ۋە كەينىدىن يېتىپ كەلگەن مەخەتنىڭ ئۆلەر يېرىگە قارىتىپ پىچىقىنى سېپىغىچە پاتۇرىۋەتتى. مەخەتمۇ قاتتىق بىر ۋارقىراپ يىقىلدى. سادىر ئىككىسىگە سوغۇق بىر قاراپ قويۇپ، ئۆي تەرەپكە قاراپ چامدىدى. ئەمما ئىككى قەدەم ماڭمايلا يەرگە يىقىلدى. ئەتراپتا قانغا بويالغان يۈز كويلۇق باغلام- باغلام پۇللار چېچىلىپ ياتاتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ قولىقىغا بەختاجىخاننىڭ ‹‹سادىر!›› دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى غۇۋا ئاڭلانماقتا ئىدى. سادىر بەختاجىخاننىڭ شۇ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاجايىپ شىرىن بىر بەخت تۇيغۇسىدا كۈلدى. ئەمما ئۇنىڭ كۈلكىسى مېيىقىدا قېتىپ قالغان ئىدى...


بۇ ئەسەر «شىنجاڭ مەدەنىيتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
ئاپتۇر ئادرىسى: قاراقاش ناھىيە 1- ئوتتۇرا مەكتەپ




 

3

تېما

0

دوست

3926

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   64.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  134
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 940
تۆھپە : 563
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-18 23:46:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسىرىڭىزنى مەن ژۇرنالدا ئوقىغان !  باشقا يەنە ياخشى ئەسەرلىرىڭىز بولسا توردا كۆرسەك !!!1
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئىنسانسەن، ئىنس

32

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62
يازما سانى: 707
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 3923
تۆھپە : 2342
توردىكى ۋاقتى: 738
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-22

ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-19 00:36:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ نادىر ئەسەرلىرىڭىزنى باغداش ئەزالىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىشىڭىزگە تەشنامىز!

71

تېما

0

دوست

4756

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 1175
تۆھپە : 627
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-19 02:22:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن ،،،ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈشكە تەشنامىز !!!!

0

تېما

0

دوست

5

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   1.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  229
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 3
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-19 03:21:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنى بۇ يەردە ئۇچراتقىنىمدىن بەكمۇ خوشالمەن !!

http://risaletmerdan.blogbus.

60

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81
يازما سانى: 1170
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 6208
تۆھپە : 4221
توردىكى ۋاقتى: 4325
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-19 03:22:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ھېكايىكەن، ھېكايىلىرىڭىزنى داۋاملىق ئوقۇشنى خالايمىز. ھارماڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )