قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1001|ئىنكاس: 2

(خاندۇلۇق)كارخاناباشقۇرۇشتىن تامچە: كونا خىزمەتچىلەر نىمىشقا خىز...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

2

دوست

2332

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18913
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 38
تۆھپە : 790
توردىكى ۋاقتى: 124
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-13 15:55:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   handuluk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-13 16:23  


   مەيلى قانداق ئەھۋالدابولسۇن،كونا خىزمەتچىلەر بولسا خۇجايىن ۋە باشقۇرغۇچىلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋەئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان بىر توپ بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
كارخانا تىجارەت پائالىيىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، خىزمەت تەجىرىبىسىگە ئىگە بولغان ،شىركەت ئەھۋالىغا پىششىق بىر تۈركۈم كىشىلەر تەبئىي ھالدابارلىققا كىلىدۇ،ئادەتتە بۇلارنى كونا خىزمەتچى دەپ ئاتايمىز. بىز ھەر قىتىم كونا خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇش ئىشلىرىنى مۇھاكىمەقىلغاندا كۆز ئالدىمىزغا  «ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان»،«تەنقىدلىگىلى بولمايدىغان»،«ئاكىتىپلىقى يۇقىرى ئەمەس»،«قېرىلىقىنى پاش قىلىدىغان»،«بىكارغا كۈن ئۈتكۈزىدىغان» دىگەندەك تەسىراتلار كىلىدۇ.
    بىز كارخانىدا ھەر قىتىم يىڭى بىرتۈرنى يولغا قويماقچى بولغاندا،بىر تۈرلۈك بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەندە،ياكى بىر ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا ،كۆپىنچە ھاللاردا بىسىم ۋە قارشلىق يىڭى خىزمەتچىلەردىن ئەمەس،بەلكى ئاشۇ كونا خىزمەتچىلەردىن كىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ كونكىرىت ئىپادىسى تۈۋەندىكى بىر قانچە شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ:

1.ئۆز  بىشىمچىلىق قىلىش
   كۆرۈنۈشتە ماقول بولغان ،ناھايىتى قوللىغان ھالەتتە ،لىكىن خىزمەت ئەمەلىيىتىدە يەنىلا ئۆز خىزمەت ئوسولىدا ئىشلەپ،ئۆزى بىلگىنىنى قىلىدۇ. خىزمەت تاپشۇرىدىغان ۋاقىتتا نۇرغۇن باھانە –سەۋەپنى ۋەمەسئولىيەت ئىتتىرىدىغان قىلمىشنى چىقىرىدۇ.
2.خىزمەتكە پاسسپ  يۈزلىنىش
   نىمە سورىسا شۇنى بېرىش،نىمىنى تەلەپ قىلساشۇنىلا قىلىپ قۇيۇش،قارىماققا ئىنتايىن ماسلىشىۋاتقاندەك،ئەمما ئىنچىكە كۈزەتسە،تاپشۇرغان نەرسىلىرى پۈتۈنلەي ئۆلچەمگە يەتمىگەن.ئۇنىڭدىن قايتا تەييارلاشنى تەلەپ قىلسا ،ئاغىرىنىدىغان،ۋايسايدىغان قىلمىشنى چىقىرىدۇ.
3.ئۇچۇق-ئاشكارا رەت قىلىش
   مول خىزمەت تەجىربىسى ۋە خۇجايىن ياقتۇرىدىغان ئىنچىكە ئۆلچەمنى بىلىدىغان ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ،تىز سۈرئەتتە سىزنىڭ ئاجىزلىقىڭىزنى تىپىپ چىقىپ،ھوجۇم قىلىدۇ؛ياكى پىشقەدەملىكىنى پەش قىلىپ،ئۇچۇق-ئاشكارا ھالدا خىزمەتكە ماسلاشمايدۇ.بۇ ۋاقىتتا سىز ياكى ئۇنى سۆزلەپ قايىل قىلىشىڭىز كېرەك ياكى ئۇنىڭغا بىسىم ئىشلىتىشىڭىز كېرەك،بولمىسا ئىلىپ بارماقچى بولغان ئىشىڭىزنى ئىلىپ بارغىلى بولماي قالىدۇ.
كوناخىزمەتچىلەر نىمىشقا باشقۇرغۇچىلارغا خىزمەتكە ماسلاشمىغاندەك تەسىر بېرىدۇ؟
   كارخانىدىكى كونا خىزمەتچىلەرخىزمەت سىتاژى ئۇزۇن خىزمەتچىلەر بۇلۇپلا قالماي،يەنە ئۇلارنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇرخىزمەت تەجىرىبىسى ۋە تارىخى ئاساسى بار كىشىلەردۇر.ئۇلار بەلكىم خۇجايىن بىلەن بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلىگەن،ياكى كارخانا تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قۇشقان تۆھپىكاركىشىلەردىن بۇلىدۇ.
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خۇجايىننىڭ ئامراق كىشىلىرى،كارخانىنىڭ تايانىچلىرى؛بەزىلىرى يادىرولوق تېخنىكىلارنى ئىگەللىگەنلەر،نازوك مەخپىيەتلەردىن خەۋىرى بار كىشىلەر؛يەنە بەزىلىرى كارخانائۇزۇن تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىگە سادىق كىچىك كوللىكتىپلارنى شەكىللەندۈرگەنلەر.مەيلى قانداق ئەھۋالدا بولسۇن،بۇلار بولسا خۇجايىن ۋە باشقۇرغۇچىلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان بىر توپ بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
   ئۇلار كارخانا بىلەن چوڭقۇر مەنبەداشلىققا ئىگە،كارخانا مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن كۈچلۈك ئىتىراپ تۇيغۇسى بار؛ئەمما ئۇلارداۋاملىق ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى خاتا ھالدا كارخانىنىڭ قىممەت قارىشى قىلىۋالىدۇ،يىڭى شەيئىلەر پەيدا بولغاندا ،ئۇلار يىڭى شەيئىنى چەتكە قېقىشقاۋە ئۇنىڭغا قارىشى تۇرۇشقا باشلايدۇ. خىزمەتتە كونا خىزمەتچىلەر سىرىتقى بازارنىڭ ئەھۋالى ۋە كارخانىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى بىلەن پىششىق تۇنۇش بولغاچقا،كارخانىنىڭ ئىستىراتىگىيىسىنى تۇغرا ئىگەللىيەلەيدۇ ۋە خىزمەتنى تىخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇپ كىتەلەيدۇ.
خىزمەتكەماسلاشمايدىغان كونا خىزمەتچىلەرنى قانداق باشقۇرۇش كېرەك؟
بۇجەھەتتە چەتئەلدە ۋە ئىچكىرى ئۆلكىدىكى نوپوزلۇق كارخانا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىقاتلىرى ئىنتايىن كۆپ بۇلۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تۈۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغايىغىنچاقلاشقا بۇلىدۇ.
بىرىنچى:ئىدىراك ئارقىلىق قەلىبنى يىتەكلەپ،تۇنۇشنى ئۆزگەرتىش
    مېنىڭچەبۇخىل ئوسولنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى ئەمەس،قىممەت قارىشى بىلەن ئادەتنى ئۆزگەرتىش ئىنتايىن تەس.ئۆزگەرتىكىلى بولدى دىگەن تەقدىردىمۇ، قىسقا مۇددەتلىك ئۈنۈم بېرىش مۇمكىن،بىرمەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن يەنىلا ئەسلى ھالىتىگە قايتىۋالىدۇ،ھەتتا ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك قارىشلىق كۆرسىتىدۇ.
ئىككىنچى:مۇكاپات ۋە جازانى قىلىپلاشتۇرۇش ،مۇكاپات ۋە جازادا ھەممە ئادەم باراۋەر
    مېنڭچەقاتتىق قول ھالەتتە تۈزۈمدىن قول سالغاندا ،مەسىلەن يۇقلىما قىلىش ئىشلىرى دىگەندەكلەردە ،ئەكىس تەسىر ئىلىپ كىلىشى مۇمكىن.ئەگەر ئۈنۈم باشقۇرۇش جەھەتتە،ئادىل،باراۋەر،ئۇچۇق ئاشكارا بولۇپ،پاراۋانلىق باشقۇرۇش جەھەتتە كونا خىزمەتچىلەرگە ئازاراق مايىللىق بىلدۈرۈلسە،مەلوم نۇقتىدىن كونا خىزمەتچىلەرنىڭ قىلمىشىنى يىتەكلەپ كەتكىلى بۇلىدۇ.
     ئۈچىنچى:كەسپى ھايات لاھىيەسى تۈزۈش،كونا خىزمەتچىلەرنى «كونىراتماسلىق»
    بۇ ئوسۇل نىسبەتەن سالمىقى ۋە ۋەزنى بار ئوسول بۇلۇپ، ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى.ئەمما باشقۇرغۇچىلار ۋە كارخانىنىڭ كۆلىمىگە بولغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى.

يۇقارقى ئۈچ خىل ئوسولنىڭ ھەممىسى خىزمەتچى-خادىملارنى باشقۇرۇش جەريانىدا كەم بولسا بولمايدىغان باشقۇرۇش ئوسوللىرىدۇر.
ئەمما بۇ ئۈچ خىل ئوسول ئورتاق ھالدا بىرخىل شەرىت ئاستىدا ئىلىپ بېرىلىشى كېرەك، ئۇ بولسىمۇ –كونا خىزمەتچىلەر ئۆز قىممەت قارىشىنىڭ سەۋەبىدىن خىزمەتكە ماسلاشمىغان بۇلىشى كېرەك.يۇقارقى ئوسوللار گاھ قاتتىقچە -گاھ يۇمشاقچەھالدا كارخانا ئۈمىد قىلىدىغان ئوسولدا ئىلىپ بېرىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى كېرەك.
    چۈنكى بىز مۇنداق ئويلاپ باقايلى ؛كونا خىزمەتچىلەر چاتاق تىپىشنى ،قارىشى تۇرۇشنى،ماسلاشماسلىقنى شۇنچىۋالاياخشى كۆرەمدۇ؟
    ئەگەر ئىككى خىزمەتچىئۇخشاش بىر خىزمەت نەتىجىسىنى تاپشۇرغان بولسا،يەنە ئوخشاشلا ئۆلچەمگە يەتمىگەنبولسا،ئۇلارنىڭ بىرى يىڭى خىزمەتچى ،بىرى كونا خىزمەتچى بولسا ،ئۇنداقتا سىزدەرھاللا يىڭى خىزمەتچى ئىشلارنى تۇلۇق چۈشەنمەيدۇ،كونا خىزمەتچى ماسلاشمايۋاتىدۇدەپ چۈشىنەمسىز؟
بۇ ۋاقىتتا باشقۇرغۇچى ئۆزىدىن مۇنداق بىر سۇئالنى سوراپ بىقىشى كېرەك، -مەن چۈشۈرگەن ۋەزىپە مۇۋاپىقمۇ؟مەن ئىرىشمەكچى بولغان نەتىجىنى ئۇلارغا ئىنىق بايان قىلىپ بېرەلىدىممۇ؟مەنئۇلارنىڭ ماسلىشىشىغا ئىھتىياجلىق،ئۇلارغا ئۇلارنىڭ ماڭا قانداق ماسلىشىشنى ئىنىق بىلدۈرەلىدىممۇ؟ كۆپچىلىك ئۆزلىرىنى ئاللىقاچان خۇجايىنغا ئىنتايىن ماسلىشىپ مىڭىۋاتىمەن ،ئەمما خۇجايىننىڭ تەلىپىگە يەنىلا يىتەلمەيۋاتىمەن دەپ ئويلايدىغانمىدۇ؟
يۇقارقى مەسىلىلەرگە قارىتا قەلەم ئىگىسى كونا خىزمەتىچلەرنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئۈستۈرۈشتە تۈۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك خىزمەتنى كەم بولسا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ:
بىرىنچى:كوناخىزمەتچىلەرنى يىتەرلىك ھۆرمەتلەش
    بۇھۆرمەتلەش يۈزەكى،شەكىل جەھەتتىكى ھۆرمەتلەش بولماستىن بەلكى كونا خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت تەجىربىسى ۋە تەدبىرلىرىنى ھۆرمەتلەشنى كۆرسىتىدۇ.بىز بىر تۈرلۈك يىڭى تۈزۈمنى يولغا قويماقچى بولغاندا، ئالدى بىلەن كارخانىدىكى كونا خىزمەتچىلەر بىلەن پىكىرئالماشتۇرىشىمىز،كۆپچىلىكنىڭ كۆز-قارىشىنى ئاڭلشىمىز،ئۇلارنىڭ ئىلگىرى قانداق قىلغانلىقىنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىپ بېقىشىمىز كېرەك.ئەڭ مۇھىم بولغىنى كارخانىنىڭ نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلماقچى بولغانلىقىنى كونا خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدىيەسىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.ئۆزىمىز ئىلىپ بارماقچى بولغان ئىشنى بەك ئىلغار ،ئىلمىي، خۇجايىن ئىتىراپ قىلغاندىكىن چۇقۇم مۇۋاپىق دەپ قارىماسلىق كېرەك.
    كونا خىزمەتچلەر ئۆزىنىڭ تەجىربىسىگە ئاساسەن نۇرغۇن گۇمانىي سۇئاللارنى ۋە پىكىرلەرنى ئۇتتۇرىغا قۇيىدۇ،بۇئۇلارنىڭ يىڭى شەيئىنى قارىشى ئالمىغانلىقى ياكى ئۆزگىرىشنى رەت قىلغانلىقى ئەمەس.ئەكسىچە بۇ سۇئاللار ۋە پىكىرلەر بىزنىڭ ئىلىپ بارماقچى  بولغان ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئىلىپ بېرىشىمىز ئۈچۈن ئاساس بۇلىدۇ.
ئىككىنچى:ئۇچۇرنىڭ يەتكۈزۈلىشى تۇلۇق،ئىنىق،تۇغرا بۇلىشى كېرەك
    ئىشتىن ئىلگىرى مەسىلھەتلىشىپ بولدۇق ،ھەممىسىنىڭ كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈپ بولدۇق دەپ قارىماڭ.يەنە بىرلىككەكىلەلمەسلىك ،بۈلۈنۈش ئەھۋاللىرى سادىر بۇلۇپ قىلىش مۇمكىن. شۇڭا قاراردىن ئۆتكەن ئىشلارنى چۇقۇم قارارلاشتۇرۇپ،ھۆججەت ياكى ئۇقتۇرۇش شەكلىدە (ئەمەلىيەتتەئۆلچەملەشكەن باشقۇرۇش ئاللىقاچان ئەمەلگە ئاشقان كارخانىلاردا بۇ تەرتىپ چۇقۇم بۇلىدۇ)تارقىتىش،مەزمۇنى بولسا چۇقۇم قاتلاملارغا بۈلۈنگەن،تۇلۇق،ئېنىق،تۇغرابۇلىشى كېرەك.
ئۈچىنچى:ئاكىتىپ سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىنكاس ئاڭلاش
   كۆپىنچە ھاللاردا باشقۇرغۇچىلارخىزمەت ئۇرۇنلاشتۇرغاندىن كىيىن ،نەتىجىنى ساقلاپ ئولتۇرىدۇ. بەلگىلەنگەن ۋاقىتقائاز قالغاندا ھىچكىمنىڭ نەتىجىنى تاپشۇرمىغانلىقىنى كۆرۈپ،ئۇلارنى خىزمەتكەماسلاشمايۋاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ. خىزمەتنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالىنى ئاكىتىپ ھالداسۈرۈشتۇرۇپ تۇرۇش،ۋە ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاپ ،مەسىللىرىنى ھەل قىلىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنى تىپىشقا يىتەكلەش باشقۇرۇش جەريانىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىرئىنچىكە ھالقا بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
   «دۇنيا بىر ئەينەك،ئۇ قەلىبنى يۇرۇتۇپ تۇرىدۇ،بىز قانداق ھالەتتەبولساق،دۇنيامۇ شۇنداق ھالەتتە بۇلىدۇ»،كارخانا باشقۇرۇشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ،سىزباشقىلاردىن ۋايساپ، ئۇلارنى ياخشى ئىشلىمەيۋاتىدۇ دەپ قارىغان ۋاقتىڭىزدا،ئۆزىڭىزدىن –مەن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلدىممۇ ؟دەپ سوراپ بىقىڭ!
uyghuray

0

تېما

3

دوست

4794

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   93.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1482
توردىكى ۋاقتى: 534
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-13 19:19:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hotanboy يوللىغان ۋاقتى  2015-8-13 17:30
ئەگەر مەن خۇجايىن بولۇپ قالسام كۆنا خىزمەتچىلەرگە تۈۋ ...

شۇڭا سىز خوجايىن ئەمەس ، ، ،

0

تېما

0

دوست

108

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40228
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-15 12:20:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ay-sadap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-15 12:29  

پىشقەدەم خادىملارنىڭ  ئۆزلۈكسىز تەربىيلىنىشنى كۈچەيتىش ۋە شۇنىڭغا يىتەكلەش  ئىنتايىن  مۇھىم دەپ قارايمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )