(
"تىكلىشىش ھادىسىسى" بايقالغان بىز تەجىربىدە ئىشلەتكەن گىرۇسكۇپ مانا مۇشۇ.
رەسىمدىكىدەك قۇرۇلما ئارقىلىق نۇرغۇن قېتىم تەجىربە ئىشلىنىپ ئانتى ئېغىرلىق كۈچى،پېرېتسىيەدېيىلىۋاتقان ھەركەت شەكلى ۋە ھادىسلەرنىڭ 29-تېئورېمىچە ئېغىشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىگى بايقالدى.ئۈچ پۇتلۇق قۇرۇلما ئۈستىدىكى ۋېرتىكال ئوق ئۈستىدە كىچىك ئويمان چىقىرىلغان تاينىش نۇقتىسى بولۇپ،ئۆستىدىكى نۇر(سېرىق دېسكا)گورزىنتال ئوقتا سائەت سىتىرىلكىسى يۆنىلىشى بۇيىچە ئايلاندۇرۇلۇپ تاينىش نۇقتىسىغا دەسسىتىلىدۇ.يىتەرلىك تېزلىكتە ئايلاندۇرۇلغان نۇر ئۇزىنىڭ گورىزىنتال ئايلىنىش ئوقى بىلەن بىرگە ئۈچ پۇتلۇق قۇرۇلمىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ۋېرتىكال ئوقنى مەركەز قىلىپ،سائەت سىتىرىلكىسى بويىچە رەسىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك چەمبەرسىمان ئايلىنىدۇ.مۇشۇ چەمبەرسىمان تىرايىكتۇرىيىدىكى ئايلىنىشىنى كىلاسسىك فىزىكاپېرېتسىيە ھادىسىسى دەپ ئاتايدۇ.ئانتى ئېغىرلىق كۈچى تەرەپتارلىرى ئۈستىدىكى ئايلىنىۋاتقان نۇر(دېسكا)ئورۇنلاشتۇرۇلغان قۇرۇلمىنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتمەسلىكىنى ئانتى ئېغىرلىق كۈچى ھادىسىسىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىشىدۇ.ھالبۇكى بۇ ھادىسىلەرنىڭ فىزىكىلىق سەۋەبى ھەققىدە قايىل قىلارلىق چۈشەندۆرۆش ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى يوق.يۇقۇرقى ھادىسىلەرنى29-تېئورېما بۇيىچە ناھايتى ياخشى چۈشەندۆرگىلى بولىدۇ.سائەت سىتىرىلكىسى بويىچە ئايلىنىۋاتقان نۇر(دېسكا) ۋېرتىكال ئوقتا چەمبەرسىمان ئايلىنىش جەريانىدا دېسكىنىڭ ئۆستۈنكى يېرىمىنىڭ چەمبەرسىمان تىرايىكتۇرىيىدىكى سىزىقلىق تېزلىكى ئاستىنقى يېرىمىنىڭ سىزىقلىق تېزلىكىدىن كىچىك بولىدۇ.دېسكا سىزىقلىق تېزلىك ئاستا تەرەپكە ئاغقانلىغى ۋەجىدىنلا تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتمەي ۋېرتىكال ئوقىنى مەركەز قىلغان چەمبەرسىمان تىرايىكتۇرىيدە ئايلىنىدۇ.دېسكىنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتمەسلىكىنىڭ سەۋەبى ئاللىقانداقتۇر ئانتى ئېغىرلىق كۆچى بولماي،29-تېئورمىچەئىنىرىتسىيىلىك ئېغىشنىڭ نەتىجىسىدىن ئىبارەت.ۋېرتىكال ئوقتىكى چەمبەرسىمان تىرايىكتۇرىيىدىكى ئايلىنىشتىن پېرېتسىيە ھادىسىسىمۇ پەقەت نۇر(دېسكا)نىڭ29-تىئورمىچە ئېغىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان مۇقەررەر نەتىجە.يەنى،29-تېئورېمىچە ئېغىش بولمىسا پېرېتسىيە ھادىسىسىمۇ،ئانتى ئېغىرلىق كۈچى ھادىسىسمۇ يۆز بەرمەيدۇ.
بۇتەشەببۇسلارنىڭ ئورۇنلۇقلىغىنى ئىسپاتلايدىغان يەنە بىر مۇھىم تەجىربە نەتىجىسى بار.ئۇ بولسىمۇ،دەل رەسمدىكىدەك قۇرۇلمىدا نۇر(دېسكا)يىتەرلىك تېزلىكتەئايلاندۇرۇلۇپ،نۇرنىڭ ئايلىنىش ئوقى(گورزېنتال ئوق)بىلەن ئۈچ پۇتلۇق قۇرۇلما ئۈستىگە مۇقىملاشتۇرۇلغان ۋېرتىكال ئوق ئارىسىدىكى ئارا بۇلۇڭ يىتەرلىك چوڭ بولغاندا گورزېنتال ئوق تەدرىجى ھالدا تىكىلىشىپ ۋېرتىكال ئوققا ئايلىنىدۇ. بۇنداق"تىكلىشىش ھادىسىسى" رەسىمدىكىدەك قورۇلمىىدا نۇرغۇن قېتىم تەجىربەئىشلەپ تەكرار-تەكرار كۆزىتىلدى.نەتىجىسى بىردەك ھالدا 29-تېئورېمىنى قانائەتلەندۆردى.ھازىرغىچە شۇنچە ئىزدىنىلگەن بولسىمۇ،ئىلگىرى بۇنداق تىكلىشىش تەجىربىسى ئىشلەنگەنلىگى ھەققىدە بىرەر ئۇچۇر بايقالمىدى. |