قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 2950|ئىنكاس: 18

تۈرك ، موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ تارىخىغا ئائىت ئىككى كاتتا ئەسەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

2

دوست

6377

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 2162
توردىكى ۋاقتى: 365
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-18 00:12:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتتۇرا ئەسىردىكى تۈرك ، موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ تارىخىغا ئائىت ئىككى كاتتا ئەسەر ـــــ
«تارىخىي جاھانگۇشاي» ۋە «جامىئۇل تاۋارىخ»

ئەخمەت مۆمىن تارىمى(نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتۇرانتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى)


   «تارىخىي جاھانگۇشاي» (دۇنيانى بويسۇندۇرغۇچىنىڭ تارىخى،世界征服者史)  ئىلخانىيلارخانلىقى(چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى ھىلاكۇ تەرىپىدىن ئاساسەن ھازىرقى ئىران زېمىنىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان خانلىق)نىڭ دەسلىپىدىكى باغداد ئۆلكىسىنىڭ ھاكىمى ئالاۋۇددىن ئاتا مالىك جۇۋەينى(مىلادىيە 1226-1283-يىللار) تەرىپىدىن تەخمىنەن 1250-1260-يىللاردا پارسچە يېزىلغان ،چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىراننى بويسۇندۇرۇش تارىخى بايان قىلىنغان كاتتا تارىخىي ئەسەربولۇپ، ئەسەردىكى تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى جۇۋەينى ئۆزى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى ئاساسىدا بايان قىلغان  بولغاچقا، ئۇنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى.
   ئالاۋۇددىن ئاتا مالىك جۇۋەينىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى  ئەسلىدە خارازىم خانلىقىدا ئەمەلدار بولغان بولۇپ، مۇڭغۇللار خارازىم خانلىقىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن ئاتىسى مۇڭغۇللارغا ئەل بولۇپ، خۇراسان قاتارلىق ۋىلايەتلەرنىڭ مالىيە ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەن.جۇۋەينى  بولسا بۈيۈك موڭغۇل خانلىقىنىڭ ئامۇ دەريا ۋاقىتلىق دىۋان ۋازارىتىنىڭ بېگى ئارغۇننىڭ يېنىدا ئۇزاق مۇددەت كاتىپلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆپ قېتىم  بۈيۈك موڭغۇل خانلىقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى پايتەختى بولغان قاراقۇرۇمغا بارغان. ئۇ بۇ ئەسەرنى 1252-1253-يىللاردا قاراقۇرۇمغا ئاخىرقى قېتىم بېرىش سەپىرىدە دوستلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن يېزىشقا باشلاپ، تەخمىنەن 8-9 يىل قەلەم تەۋرەتكەن، ئەمما كېيىن باغداد ئۆلكىسىنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلەنگەنلىكتىن  ھۆكۈمەت ئىشىنىڭ  ئالدىراشلىقى تۈپەيلىدىن تولۇق تاماملاپ بولالمىغان.
     بۇ ئەسەر ئەسلى ئىككى جىلد بولۇپ ، كېيىن ئىرانلىق قازۋىنى ئۇنى رەتلەپ ئۈچ جىلدقا ئايرىغان( جۈملىدىن ئەسلى ئەسەرنىڭ 1-جىلدىنى ئۇ ئىككى جىلد قىلغان). ئەسەرنىڭ 1-جىلدى جەمئىي 41 بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ،ئاساسەن چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ، نەۋرىلىرىدىن ئۆگەدەي، چاغاتاي، جۇچى،كۈيۈك، باتۇ قاتارلىقلارنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە 5-بابتىن7-بابقىچە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، 8-بابتىن 10-بابقىچە قاراقىتانلارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدىكى تارىخى سۆزلەنگەن. 2-جىلد جەمئىي 32 باب بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىراننىڭ تارىخىدۇر. جۈملىدىن 1-بابتىن 25-بابقىچە خارازىم خانلىقىنىڭ تارىخى(بۇنىڭ  ئىچىدە 10-باب قاراقىتانلارنىڭ تارىخى)، 26-بابتىن 32-بابقىچە 1226_1256-يىللاردا ئىرانغاھۆكۈمرانلىق قىلغان موڭغۇل ئەمەلدارلىرى(چىنتۆمۈر، ئارغۇن قاتارلىقلار)نىڭ تارىخى بايان قىلىنغان. 3-جىلد جەمئىي 16 باب بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىنقى يەتتە بابىدا تولى،مۆڭكە، ھىلاكۇ قاتارلىقلارنىڭ تارىخى، كېيىنكى توققۇز بابىدا ئىسمائىليەلەرنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان.
      بۇ ئەسەرنى جۇۋەينى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ۋەقەلەر  ئاساسىدا يېزىپ چىققان بولغاچقا، مەزكۇر ئەسەر1-قول تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتىنى ھازىرلىغان. شۇڭا ، جۇۋەينىدىن كېيىن ئۆتكەن  راشىددىن فازىلۇللاھمۇ «جامىئۇل تاۋارىخ»نى يېزىش جەريانىدا بۇ ئەسەردىن كۆپلەپ پايدىلانغان. بۇ ۋەجىدىن بۇ ئەسەر يالغۇز 13-ئەسىردىكى موڭغۇل تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ، قاراقىتانلارنىڭ ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم مەنبەلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
      بۇئەسەرنىڭ تىلى ئىنتايىن پاساھەتلىك بولۇپ، نۇرغۇن پارسچە قوليازمىلىرى فرانسىيە، ئەنگلىيە، ئىران،سوۋېت ئىتتىپاقى  قاتارلىق دۆلەتلەردە ساقلىنىپ كەلگەن.  ئۇزاقتىن بۇيان ھەر قايسى ئەل تەتقىقاتچىلىرى بۇلارنى قايتا- قايتا سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلدى،تەرجىمە قىلدى ۋە شەرھلىدى. بولۇپمۇ ئىرانلىق قازۋىنى بۇ جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم ئەجىر سىڭدۈردى.ئۇ 1906-يىلىدىن باشلاپ ئەسەرنىڭ ھەرخىل قوليازمىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ رەتلەپ، 1912-يىلىدىن 1937-يىلىغىچە ئۇنى ئۈچ جىلد قىلىپ نەشىرگە تەييارلىدى.كېيىن 1938-يىلىدىن 1958-يىلىغىچە ئەنگىلىيەلىك بويىل قازۋىنىنىڭ رەتلىگەن نۇسخىسى ئاساسىدا ئۇنى ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ، بارتولىد، پېللىئوت، كلېۋىس قاتارلىق ياۋروپا ، ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ  نۇرغۇن ئىزاھ بەردى. جۇڭگودىمۇ  خې گاۋجى مۇشۇ ئىنگىلىزچە نۇسخىسى ئاساسىدا خەنزۇچە تەرجىمىسىنى ئىشلەپ، ئاندىن ۋېڭ دۇجيەن پارسچە نۇسخىسى ئاساسىدا سېلىشتۇردى ھەم شەرھلىدى. ئىچكى موڭغۇل خەلق  نەشرىياتى 1980-يىلى بۇ ئەسەرنى ئىككى قىسىم قىلىپ  نەشىر قىلدى .
«جامىئۇل تاۋارىخ»( جەملەنگەن تارىخلار ياكى تارىخلارنىڭ جەمئىسى،   集史,史集) ــــ ئىلخانىيلار خانلىقىنىڭ خانى غازانخاننىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ۋەزىر راشىددىن فازىلۇللاھ(مىلادىيە1247-1317- يىللاردا ياشىغان) نىڭ باشچىلىقى بىلەن مىلادىيە1300-1310-يىللاردا پارىسچە يېزىلغان، ئەينى زاماندىكى ھەرقايسى  ئەللەرنىڭ ، بولۇپمۇ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنڭ ،شۇنداقلا مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان كاتتا تارىخىي ئەسەر بولۇپ، بۇ ئەسەر ئەينى دەۋردىكى ئىلخانىيلار خانلىقىنىڭ خانى غازانخاننىڭ تەلىپى بىلەن يېزىلغان بولغاچقا، شۇ زاماندا ئېرىشىش مۇمكىن بولغان تارىخىي ماتېرىياللار ئاساسىدا مۇكەممەل يېزىلغان.
    ئەسەر ئەسلى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن بۇلۇپ، 1- قىسمى موڭغۇل تارىخىغا بېغىشلانغان،شۇنداقلا  ئۈچ  جىلىدتىن تۈزۈلگەن. 1-جىلدى تۈرك،موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ تەزكىرىسى ، چىڭگىزخاننىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ھەم ئۆزىنىڭ تەزكىرىسىدىن ،2-جىلدى چىڭگىزخاننىڭ ئىلخانىيلار خانلىرىدىن باشقا ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخىدىن،3-جىلىدى ئىلخانىيلار خانلىقىنىڭ تارىخىدىن تەركىپ تاپقان. ئەسەرنىڭ 2-قىسمى ئاساسەن ئىسلام ئەللىرىنىڭ تارىخىغا بېغىشلانغان بولۇپ، پېرسىيە(ئىران)نىڭ قەدىمكى پادىشاھلىرىنىڭ تارىخىدىن تارتىپ ساسانىيلار سۇلالىسىنىڭ گۈللىنىش ھەم خارابلىشىش تارىخى، مۇھەممەد ئەلەيھەسسالامنىڭ تارىخىدىن تارتىپ ئەرەپ خەلىپىلىكىنىڭ تارىخى، شۇنداقلا غەزنەۋىيلەر خانلىقى ، سەلجۇقىيلار خانلىقى، خارازىم خانلىقى ھەم ھىندىستاننىڭ تارىخى بايان قىلىنغان. ئەسەرنىڭ 3-قىسمى دۇنيادىكى باشقا ئەل-رايونلارنىڭ تەزكىرىسىدىن تەركىپ تاپقان، ئەمما بۇ قىسمى يۇقالغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇزاق يىللىق ئىزدىنىش ئارقىلىق دەلىللىشىچە، ئەسەرنىڭ بۇ ئۈچ قىسمى مىلادىيە 1307-يىلىدىن بۇرۇن  پۈتۈپ بولغان بولۇپ، 1310-يىلى ئەسەر ئومۇمىيۈزلۈك قايتا تولۇقلانغاندا، «ئەرەپ، يەھۇدى، مۇڭغۇل، فەرەڭ ۋە چىنلىقلارنىڭ نەسەبى » دېگەن مەزمۇن قوشۇلغان.
  ئەسەرنىڭ ھازىر ساقلىنىپ قالغان پارسچە قوليازمىلىرى پەقەت 1- قىسمى ، 2-قىسمى ۋە «ئەرەپ، يەھۇدى، مۇڭغۇل، فەرەڭ ۋە چىنلىقلارنىڭ نەسەبى »دېگەن مەزمۇننىلا ئۆزئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، 3-قىسمىنىڭ مەزمۇنى ئۇچرىمايدۇ. ئېھتىمال بۇ قىسمى ئەينى ۋاقىتتا تولۇق يېزىلىپ بولالمىغان ياكى ئاپتۇر سىياسىي رەقىبلىرى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلگەندىن كېيىن يوق قىلىۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن.
   بۇ ئەسەرنى يېزىشقا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئون يىل كەتكەن. راشىدىن فازىلۇللاھ باش قەلەم تەۋرەتكۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەسەرنىڭ بىرقىسىم مەزمۇنلىرىنى يازغاندىن باشقا، يەنە موڭغۇل، ئۇيغۇر،چىن(جۇڭگو) ، ھىندى ئالىملىرىدىنمۇ تەلىم ئېلىپ، ئۇلارنى ئەسەر يېزىشقا قاتناشتۇرغان. شۇنداقلا 11-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ ئۇيغۇر تىلچىسى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»، 13- ئەسىردە ئۆتكەن پارس تارىخچىسى ئالاۋۇددىن ئاتا مالىك جۇۋەينىنىڭ «تارىخىي جاھانگۇشاي» ، ئەرەب تارىخچىسى ئىبنۇل ئەسىرنىڭ «تاۋارىخىي كامىل» (ئومۇمىي تارىخ)ناملىق ئەسىرىدىن باشقا ، ئىلخانىيلار ئوردىسىدا ساقلىنىۋاتقان «ئالتۇن دەپتەر» (ئوردا ئارخىپلىرى) دىن پايدىلانغان. ئۇ ئەسەرنىڭ ئومۇمى مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دېگەن: «تارىخشۇناسلارنىڭ بۇرچى ـــــ مىللەتلەر توغرىسىدا يېزىلغان خاتىرىلەر، تارقىلىپ يۈرگەن سۆز-چۆچەكلەردىن كىتابلارغا يېزىلغانلىرىنى ياكى ئاغزاكى بايان قىلغانلىرىنى ئەسلىي مەنىسى بۇيىچە شۇ مىللەتتە ئومۇملاشقان كىتاب ۋە ئېسىل زاتلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئېلىپ بايان قىلىشتىن ئىبارەت … بۇيرۇققا بىنائەن‹جامىئۇل تاۋارىخ› نى يېزىپ چىقىشتا مۇشۇ كىتابلاردا  شەرھلەنگەن سۆزلەرنى ھېچقانداق ئۆزگەرتمىدىم،باشقىدىن يازمىدىم، ئۆزۈم بىلگەنچە تۈزەتمىدىم. چۈنكى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەشھۇر كىتابلىرىدا كۆرۈلگەن خاتىرىلەر شۇ مىللەتكە تەۋە ھەممە ئادەم خەۋەردار ئاغزاكى رىۋايەتلەر ھەم شۇ مىللەتنىڭ نوپۇزلۇق ئالىملىرى، بىلىملىك كىشلىرىنىڭ ئۆزقاراشلىرى بۇيىچە بايان قىلغان نەرسىلەردۇر». مۇشۇ سەۋەبتىن بۇ ئەسەرنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، «تارىخ قامۇسى »، «ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم ۋەسىقىلەرنىڭ بىرى » دەپ تەرىپلەنگەن.
بۇ ئەسەر ئوتتۇرا ئەسىردە پارس تىلىدا يېزىلغان بارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئۈلگىسى بۇلۇپ،ئۇسلۇبى ئاددىي، تەسۋىرى جانلىق، تارىخى ۋەقەلەر ۋە پاكىتلار ئاددى تىل بىلەن ئەينەن خاتىرىلەنگەن. ئەسەرنىڭ نۇرغۇن پارسچە قوليازمىلىرى تۈركىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ، فرانسىيە، ئەنگلىيە، ئىران، ئاۋستىرىيە، گېرمانىيە، قاتارلىق دۆلەتلەردە ساقلىنىپ كەلگەن.  ئۇزاقتىن بۇيان ھەر قايسى ئەل تەتقىقاتچىلىرى بۇ قوليازمىلارنى قايتا- قايتا رەتلەپ تەتقىق قىلدى،تەرجىمە قىلدى ۋە شەرھلىدى.1946-1960-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدا بۇ ئەسەرنىڭ رۇسچىسى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، جۇڭگودىمۇ  يۈ داجۈن، جوۋ جيەنچى قاتارلىقلار مۇشۇ رۇسچە نۇسخىسى ئاساسىدا خەنزۇچە تەرجىمىسىنى ئىشلەپ، خەنزۇچە،موڭغۇلچە ماتېرىياللار ئاساسىدا سېلىشتۇردى ھەم شەرھلىدى. سودا نەشرىياتى بۇ ئەسەرنى «خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان دۇنيادىكى داڭلىق ئىلمىي ئەسەرلەر مەجمۇئەسى»گە كىرگۈزۈپ، 1983-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە  ئۈچ توم قىلىپ  نەشىر قىلدى .
   يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، بۇ ئەسەردە تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخىغا ئائىت مول مەزمۇنلار بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ئائىت ئۇچۇرلار تولىمۇ دىققەتنى تارتىدۇ. ئالايلۇق، ئەسەردە ئاپتۇر ئۇيغۇرلارھەققىدە : «رﯨﯟاﻳﻪت ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺗﺎلاس ۋە ﻗﺎرا ﺳﺎﻳﺮام ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻳﺎﻓﻪس ﺋﯩﻜﻪن. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯚت ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻗﺎراﺧﺎن، ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﮬﯚرﺧﺎن، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻛﯚزﺧﺎن، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﮔﯚرﺧﺎن ﺋﯩﻜﻪن. ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯘددا دﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن. ﺑﯘ ﺗﯚت ﺋﻮﻏﯘﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎراﺧﺎن ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ۋارﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﯘل ﭘﻪرزەﻧﺖ ﻛﯚرۈپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ‹ﺋﻮﻏﯘز› ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ. ﺋﻮﻏﯘز ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯩﺴلام دﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ ﮬﻪﻣﺪە ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ۋە ﺗﺎﻏﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺟﻪڭ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ، ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺋﯘرۇﺷﺘﺎ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯚﻟﯜﭘﺘﯘ.ﺗﺎﻏﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘرۇﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘ، ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﻪرق ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺋﻮﻏﯘز ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﺎزاﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻪﺑﺮﯨﻚ ﻣﯘراﺳﯩﻤﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﭘﺘﯘ، ﺗﻪﺑﺮﯨﻚ ﻣﯘراﺳﯩﻤﯩﺪا ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺋﻪل ﺑﻮﻟﻐﺎن ﭘﯘﻗﺮالارﻏﺎ ‹ﺋﯘﻳﻐﯘر› دﯦﮕﻪن ﻧﺎﻣﻨﻰ بېرﭙﺘﯘ. ﺑﯘ ﺳﯚزﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ‹ﺋﯘ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﻰ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎردەﻣﻠﻪﺷﺘﻰ› دﯦﮕﻪن ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭼﺎﻏلاردا ﺑﯘ ﺳﯚز ﺋﺎﺳﺘﺎ - ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﭘﺘﯘ»، «ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘرﯨﺴﺘﺎن ۋىلاﻳﯩﺘﯩﺪە ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮڭ ﺗﺎغ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯩﺮى ﺑﯘﻗﺮاﺗﻮ ﺑﯘزﻟﯘق دﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮى ﺋﯘﭼﻘﯘﻧﻠﯘق ﺗﻪﯕﺮﯨﻢ دﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن.ﻗﺎراﻗﯘرۇم ﺷﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎﻧﯩﻜﻪن، ﺋﯘﮔﯩﺪاﻳﺨﺎن ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺷﻪﮬﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚزﯨﻤﯘ ﺷﯘ ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪا ﻗﯘتﺗﺎغ دەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﺎغ ﺑﺎر ﺋﯩﻜﻪن، ﺑﯘ ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﻳﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﺪە ﺋﻮن دەرﻳﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﺪە ﺗﻮﻗﻘﯘز دەرﻳﺎ ﺑﺎر ﺋﯩﻜﻪن، ﺋﻮن دەرﻳﺎ ۋادﯨﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘرلار‹ﺋﻮن ﺋﯘﻳﻐﯘر› دﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن، ﺗﻮﻗﻘﯘز دەرﻳﺎ ۋادﯨﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗلاﺷﻘﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ‹ﺗﻮﻗﻘﯘز ﺋﯘﻳﻐﯘر› دﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن»دېگەن رىۋايەتنى بەرگەن بولۇپ،  ﺑﯘ رﯨﯟاﻳﻪت ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭼﺎغلاردا ﻧﯘرﻏﯘن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮرلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﮕﯩﻤﯘ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﮕﻪن.
ئومۇمەن يۇقىرىقى ئىككى ئەسەر  ئوتتۇرا ئەسىردىكى تۈرك(ئۇيغۇر)، موڭغۇل تارىخىنى ، شۇنداقلا ئىسلام تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.


پايدىلانغان ماتېرىياللار:
(1) ئالاۋۇددىن ئاتا مالىك جۇۋەينى(ئىران) : «تارىخىي جاھانگۇشاي»(ئىككى قىسىم)، خې گاۋجى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان،ئىچكى موڭغۇل خەلق  نەشرىياتى 1980-يىلى خەنزۇچە   نەشىرى .
(2) راشىددىن فازىلۇللاھ (ئىران): «جامىئۇل تاۋارىخ»( ئۈچ توم )، يۈ داجۈن، جوۋ جيەنچى قاتارلىقلار خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان، سودا نەشرىياتى 1983- 1986-يىللار خەنزۇچە  نەشىرى .

uyghuray

0

تېما

0

دوست

2208

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11285
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 700
توردىكى ۋاقتى: 178
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-18 10:28:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ،ھارمىغايسىز !  بۇ ئەسەرلەر پارسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىغانمۇ ؟

1

تېما

2

دوست

4939

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   97.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26478
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1496
توردىكى ۋاقتى: 335
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-18 11:13:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتابلارنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ  نەشىر  قىلىندىمۇ؟كىتابخانىلاردىن سېتىۋالغىلى بولامۇ؟

0

تېما

0

دوست

40

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   13.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40404
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-18 12:15:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موشۇنداق ئۆزىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئەسەرلەردىن پايدىلنىيالمايۋاتىمىز . بىزنىڭ ئەتىراپىمىزدىكى تىبەت ، ھېندى ، پارىس ، مۇڭغۇل قاتارلىق تىللارنى بىلىدىغانلار بەك ئاز . شۇڭا كۆپ تىللارنى ئۆگۈنۈپ تارىخىمىزنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىشىمىز كىرەك .
uyghuray

0

تېما

2

دوست

6474

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   29.48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 1968
توردىكى ۋاقتى: 285
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-18 12:17:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتاپلار بەلكىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىدى   خەنزۇچىسىنى تاپقىلى بولارمۇ ؟؟؟؟......

aaot=oghuztigin=和平之子

46

تېما

9

دوست

9711

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   94.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10330
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1504
تۆھپە : 1943
توردىكى ۋاقتى: 321
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-18 15:29:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ohuztigin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-18 13:46  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم!مەندە مۇنۇ ئەسەر خەنزۇچەسى بار ئىكەن:
راشىددىن فازىلۇللاھ (ئىران): «جامىئۇل تاۋارىخ»( ئۈچ توم )، يۈ داجۈن، جوۋ جيەنچى قاتارلىقلار خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان، سودا نەشرىياتى 1983- 1986-يىللار خەنزۇچە  نەشىرى .
2-كىتاب ‹تارىخىي جاھان كۇشاي世界征服者史›خەنزۇچە تەرجىمەسى يوق.مۇمكىن بولسا«فارسچە،ئەنگىلز،رۇس،ئوردۇ،فرانسۇز....تىللىرىدىكى تەرجىمىسى ياكى سايە كىتابى(ebook)نۇسخاسى كىمدە بولسا مېنىڭ‹10 سېنت تورى كوت-كوت نومۇرى腾讯网qq号›غا ئېۋەتىپ بېرەرسىلەر.كوت-كوت نومۇرى:1034901351
بۇ ئېلان بىر ئاي كۈچكە ئىگە(20150818-20150918)،رەھمەت!
تىنچلىق ئوغلى كۆپ خىل تىللار تەرجىمە-تەھرىرلىك سالونى
كۆپ خىل تىللار ئاچۇرى;ئورۇنباسار باش ئۈگە.ئوغۇزتىگىن

2

تېما

6

دوست

5830

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   16.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22034
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1794
توردىكى ۋاقتى: 601
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-18 16:20:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ohuztigin يوللىغان ۋاقتى  2015-8-18 15:29
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم!مەندە مۇنۇ ئەسەر خەنزۇچ ...

تارىخى جاھانكۇشاي (世界征服者史) نىڭ خەنچىسى تورلاردا بارغۇ .
http://www.chnxp.com.cn/soft/down-129307.html

2

تېما

6

دوست

5830

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   16.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22034
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1794
توردىكى ۋاقتى: 601
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-18 16:22:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موڭغۇللارنىڭ مەخپى تارىخى دىگەن كىتاپنىڭ پ د ف نۇسخىسى كىمدە باردۇ؟ ?
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )