قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 6152|ئىنكاس: 21

تاشپولات: ئامېرىكىدىن يەنە بىر خۇش خەۋەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

226

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 25
مۇنبەر پۇلى: 562
تۆھپە : 4236
توردىكى ۋاقتى: 293
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-19 11:37:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكىدىن يەنە بىر خۇش خەۋەر

تاشپولات روزى


مەن بۇلتۇر ئامېرىكىدىكى خارۋارد(Harvard) ، يېل  (Yale) قاتارلىق 8 داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بىر قارا تەنلىك بالىنى ۋەتەن تور بەتلىرىدە تونۇشتۇرغان ئىدىم. ئۇ بالا بۇ 8 داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە ئەڭ ئاخىرىدا تاللىغان مەكتىپى يېل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىدى. مانا بۇ يىل بىزنىڭ يەنە بىر ئىسمى جىسمىغا لايىق تىرىشچان ئىنىمىز تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن يېل ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى. يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھازىر ياپونىيەدە دوختۇرلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ بۇ مەكتەپتە قەن سىيىش كېسىلىدە دوختۇر ئاشتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئابلىز ئابدۇقادىر ئىنىمىزمۇ بار بولۇپ، بۇ يىل قوبۇل قىلىنغان بۇ يىگىت يېل ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرگەن 2-ئۇيغۇر بولىدۇ.  بۇ پەخىرلىك ئىنىمىزنىڭ ئىسمى قەيسەر ئەنۋەر، ئۇ قارىمايدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئوتتۇرا مەكتەپنى ئامېرىكا مىچىگان شتاتىدا ئوقۇغان، ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مىئامى شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇپ، بۇ يىل باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ئالىدۇ. قەيسەر ئىنىمىزنىڭ يېل ئۇنىۋېرسىتېت «پىئانىنو چېلىش ۋە ئىجادىيەت» تېمىسىدا ئوقۇشىنى ۋە تەتقىقاتىنى ئېلىپ بارىدۇ.


بىز ئۇيغۇرلار سەنئەت ساھەسىدە داڭلىق ئەسەرلىرىمىز ۋە داڭلىق شەخسلىرىمىز بار دەپ قارىساقمۇ بىراق مېنىڭ بىلىشىمچە تېخىچە دۇنياغا داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مۇزىكا كەسىپلىرىدە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مۇشۇ ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقانلار يوق دېيەرلىك. بۇ قېتىمقى قەيسەر ئىنىمىزنىڭ يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇزىكا مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنىشى بۇ ساھەنى تولۇقلايدۇ ۋە ئۇيغۇر سەنئىتىنى دۇنيا ساھەسىگە تونۇشتۇرۇشتا ئىجابىي رول ئوينايدۇ.


ئوڭدىن قەيسەر، ئابلىز

ئەمدى بىزنىڭ يەنە بىر خارۋاردقا قوبۇل قىلىنغان پەخىرلىك سىڭلىمىز توغرىلىق توختىلاي. مەن بۇ يىل خارۋاردقا ئۆتكەن پەخرىيە سىڭلىمىزنى ۋەتەندىكى تور بەتلەردە تونۇشتۇرۇپ بىر كۈن ئۆتكەندە رەيھان ئەسەت سىڭلىمىزدىن ئامېرىكىدىكى ئۈچ داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىق خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدىم. مەن خېلى بۇرۇندىنلا بۇ سىڭلىمىزنىڭ ئوقۇش ۋە خىزمەتلىرى توغرىلىق سورالغان سوئاللىرىغا مەسلىھەتتە بولۇپ كەلگەن ئىدىم.


بۇ 3 مەكتەپ George ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى مۇكاپات بىلەن، Northwestern ئۇنىۋېرسىتېتى مۇكاپات بىلەن، Duke ئۇنىۋېرسىتېتى تولۇق مۇكاپات بىلەن. مۇشۇ 3 مەكتەپتىكى ئۇقتۇرۇش چىقىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن رەيھان سىڭلىمىز خارۋاردتىن قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. مەن بۇ پەخىرلىك سىڭلىمىزنى خەلقىمىزگە شۇ ۋاقتىدا تونۇشتۇرۇشنى ئويلىغان بولساممۇ بىراق رەيھان سىڭلىم ئۆزىنىڭ مەكتەپكە كېلىپ بولغۇچە باشقىلارغا خەۋەر بەرمەسلىكنى ئېيتقاچقا يازما تەييارلىمىغان ئىدىم. مانا بۇ سىڭلىمىز خارۋاردقا كېلىپ ئورۇنلاشتى. شۇڭا بۇ خەۋەرنى يېزىۋاتىمەن. رەيھان سىڭلىم كانادادا ئوقۇپ، ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەنگلىيەنىڭ تۈركىيەدىكى ئادۋوكاتلار شىركىتىدە خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ بۇ يىل ئىمتىھانغا تۈركىيەدە تۇرۇپ قاتنىشىپ، يۇقىرىقى مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدۇ. خارۋارددا قانۇنچىلىق كەسپىدە ماگىستىرلىق ئوقۇيدۇ. بۇ يىل خارۋاردقا ئىككى پەخىرلىك سىڭلىمىز كېلىپ ئوقۇيدۇ.


ئوڭدىكى ئىنىسى ئەكبەرجان

خارۋارد ۋە يېل دۇنيا بويىچە داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر بولۇپ، بۇ مەكتەپلەرگە كىرىش ھەقىقەتەنمۇ مۈشكۈل. مۇشۇنداق داڭلىق ۋە كىرىشكە تەس دېگەن مەكتەپلەرگە ئۇيغۇر پۇشتىدىن بولغان ياشلىرىمىزنىڭ كىرىشى بىزگە زور ئۈمىدلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئادەمدە ئىرادە، ئىشەنچ، نىشان ئېنىق بولسا قىلالمايدىغان ئىش يوق.بىر نەتىجە قازىنىمەن دېگەن كىشى چوقۇم ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشى، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىقى، مەغلۇبىيەتلەرگە بوي سۇنماسلىقى لازىم. تىرىشىپ قېتىرقىنىپ ئۈزلۈكسىز بىلىم ئىگەللىگەندە مەقسەتلىرىمىزگە چوقۇم يېتىمىز. مەن بىزگە كۈچلۈك روھى ئوزۇق ئېلىپ كېلىۋاتقان بۇ پەخىرلىك ئىنى ۋە سىڭىللىرىمغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، مۇشۇنداق مىللەتكە ۋە جەمئىيەتكە بىر ياراملىق بىلىم ئىگىلىرىنى تەربىيىلەپ بېرىۋاتقان ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلارغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ 3 ياشنىڭ مەكتەپ قوينىدا قاتتىق تىرىشىپ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن!

2015 – يىلى 8 – ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدا يېزىلدى
uyghuray

0

تېما

0

دوست

1738

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33017
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 538
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-19 11:55:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەلبە ئۇتۇقلار ياربولسۇن

0

تېما

4

دوست

681

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   36.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29536
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 206
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-19 12:25:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمەك بۇ يىل ئۇيغۇردىن ئىككى ياش خارۋادتا ئوقۇيدۇ دېگەن گەپ. بۇمۇ بىر ئېسىل ئىش بوپتۇ. دېمەك بىزمۇ قىلالايدىكەنمىز باشقىلار قىلغاننى پەقەت تىرىشساقلا.رەھمەت تېما ئىگىسى.

19

تېما

2

دوست

5176

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   3.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 290
تۆھپە : 1450
توردىكى ۋاقتى: 230
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-19 12:48:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل
uyghuray

يوق

14

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27688
يازما سانى: 1457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3458
توردىكى ۋاقتى: 897
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-19 12:49:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىلەر تىما ئىگىسىگە رەخمەت .

0

تېما

1

دوست

3386

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33034
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1068
توردىكى ۋاقتى: 477
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-19 13:05:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن

0

تېما

4

دوست

2578

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9548
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 138
تۆھپە : 716
توردىكى ۋاقتى: 267
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-19 13:59:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشىنداق خەۋەرلەنى ئاڭلىسام كۈزۈمگە ياش كىلىدۇ مىنىڭ

0

تېما

7

دوست

1821

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   82.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  37487
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 558
توردىكى ۋاقتى: 291
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-19 14:36:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )