قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3796|ئىنكاس: 36
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

دۇنيانى تەۋرىتىدىغان قوللار نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

7

دوست

1001

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27179
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 330
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-10
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-20 17:54:41 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
«دۇنيانى تەۋرىتىدىغان قوللار» نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ
مۇھەممەت ئىسمايىل
(كۇچا ناھىيە دۆڭقوتان بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتىن)


     − مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئانىلارنىڭ قولىدا.
                                       − بالزاك
   ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئوقۇتۇش مېتودىغا يېڭى نەزەرىيە ۋە يېڭى قاراشلارنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن يېزىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر ھەپتىلىك ئۆگىنىشى رەسمىي باشلاندى. بۇ قېتىمقى ئۆگىنىشنىڭ مەقسىتى ئوقۇتۇشتا زۆرۈر قوللىنىلىدىغان بىر قىسىم كومپيۇتېر بىلىملىرى، تىل - ئەدەبىياتقا دائىر يېڭى قاراش  ۋە يۈزلىنىشلەرنى ئوقۇتقۇچىلارغا ئىگىلىتىش بولۇپ، بۇ، ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، زامانىۋى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا ياخشى پۇرسەت ھېسابلىناتتى. چۈنكى، خىزمەت ۋە باشقا ۋاقىتلاردا ئوقۇتۇش ۋە تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئۆگىنىشكە كۆپ ۋاقىت چىقارغىلى بولمايتتى. شۇڭا، بۇ ھەممىمىز ئۈچۈن ئۆگىنىشنىڭ تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسىتى ئىدى.
   كۇرسنىڭ تۇنجى كۈنىنىڭ 1 - سائىتى بىزگە دەرس سۆزلىگۈچى ئوقۇتقۇچى بىلەن ئۆزئارا تونۇشۇش، شەھەر مائارىپى بىلەن يېزا مائارىپى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش بىلەن ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كەتتى. 2 - سائىتىدىمۇ باشقا ئوقۇتقۇچى ئالماشقان بولغاچقا، يەنىلا شۇ كونا «مۇقام» تەكرارلاندى. چۈشتىن كېيىن ھاۋا ئىسسىق بولغاچقىمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ، ئەيتاۋۇر، دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلماي  ئىختىيارىي ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار مۇشۇنداق پەيتنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ئۇخلاشقا، قۇرۇق پاراڭ سېلىشىشقا، قارتا ئويناشقا ۋاقىت چىققانلىقىدىن بەكمۇ مەمنۇن بولۇشتى. بىر قىسىم ئايال ئوقۇتقۇچىلار بولسا، ياخشى پۇرسەت دەپ ئويلىغان چېغى، سومكىلىرىدىن پۈتمىگەن كەشتىلىرىنى ئېلىپ تىكىشكە باشلىدى. بۇنداق بىر ياخشى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى سوراپ بىلىۋېلىشقا ئالدىراۋاتقان، كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان، خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن لۇغەت ئاختۇرۇۋاتقان، ئۆزى قىزىققان كىتابلارنى ۋاراقلاۋاتقان ئوقۇتقۇچىدىن بىرىمۇ كۆزۈمگە چېلىقمىدى. كۆز ئالدىمدىكى ئۇخلاۋاتقان، قۇرۇق پاراڭ سېلىۋاتقان، قارتا ئويناۋاتقان، كەشتە تىكىۋاتقانلار، دەل ئوقۇتۇشتا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلالماسلىق، كومپيۇتېر بىلىملىرىنى بىلمەسلىك، خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەسلىك، ئوقۇتۇش تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلدۇرالماي ئۇنۋان ئالالمىغانلىقى سەۋەبلىك نۇرغۇن ئىشلىرىغا تەسىر يەتكەنلىكى ھەققىدە ۋايساپلا يۈرىدىغانلاردىن ئىدى. ئۆزىنىڭ تىرىشمىغانلىقى، ئىزدەنمىگەنلىكى توغرىسىدا ئويلىنىپمۇ باقمايتتى. ئۆگىنىشنىڭ، ئىزدىنىشنىڭ گېپى چىقسا، «ياش بىر يەرگە بارغاندا، قېرىغاندا ئادەمگە خۇشياقمايدىكەن» دەيتتى.
   مەن يەنە ئۈرۈمچىدە ئىككى يىل تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىش جەريانىدا، «ئاران بىر ئۆيدىن ئايرىلغاندا، بەھۇزۇر ياشاپ، ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش» سەپسەتىسى بىلەن، ئۆيى، يولدىشى، بالىچاقىلىرى يوقتەك تاپتىن چىقىپ كېتىۋاتقان، دەرسكىمۇ تۈزۈك قاتناشماي، كوچا - كويلاردا ماگىزىن ئارىلاپ، تۈرلۈك بەزمە - سورۇنلاردا ۋاقىت ئىسراپ قىلغان ئايال ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىمۇ جىق كۆردۈم. ھەتتا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملىرىنىڭ قىلچە تەپ تارتماستىن «بىز بۇ يەرگە ئىككى يىل ئارام ئالغىلى كەلدۇق، ئۆگىنىش قىلىمىز دەپ كاللىمىزنى چارچاتقىلى كەلمىدۇق» دېگەنلىرىنىمۇ ئاڭلىدىم.
تېخى مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىلا يەنە مەركىزىي شەھەرگە 20 كۈنلۈك تەربىيەلىنىشكە باردىم. تۈرلەر بويىچە، ئۆزۈم قىزىقىدىغان خەتتاتلىق كەسپىگە تىزىملاتقان بولغاچقا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇشقا تىرىشتىم. دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن بۇ ساھەدىكى ئۇستازلار ۋە كەسىپداشلار بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىشقا پۇرسەت ئىزدەپ، بۇ جەھەتتىكى يېڭىلىقلار ۋە يۈزلىنىشلەرنى بىلىۋېلىشقا ئالدىرىدىم. شۇنداق قىلىپ بۇ قىسقىغىنا ۋاقىتمۇ ھەش - پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كەتتى. ئۆگىنىپ بولالمىغان نۇرغۇن نەرسىلىرىم باردەك، كۆزۈم قىيمىغان ھالدا مەكتەپتىن ئايرىلدىم. بۇ قىسقىغىنا ئۆگىنىش جەريانىدىمۇ يەنە شۇ يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندىكىدەك ئىشلارنىڭ شاھىتى بولدۇم. كۇرسانت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پارىڭىدا يەنىلا شۇ ۋايساش، قاقشاش؛ يۈرۈش - تۇرۇش ۋە گەپ - سۆزلىرىدە يەنىلا شۇ ئويۇن - تاماشا، كۈلكە - چاقچاق.   
   دەرستىن چۈشۈپ چىقىپ كېتىۋاتاتتىم. ئالدىمدا كېتىۋاتقان، پۇزۇر كىيىنىۋالغان 45 ياشلار ئەتراپىدىكى ئىككى ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى:
− سىنىپ مەسئۇلى دېگەن سويمىنىڭ «ئاخشام نەگە باردىڭلار؟» دەپ بىزنى سوراق قىلىپ كەتكىنىنى دەيمىنا! خۇددى بىز ئۆزىمىزنى باشقۇرالمايدىغاندەك.
− شۇنى دېگىنە، نېمە كارى ئۇنىڭ بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىز بىلەن. بىز بۇ يەرگە 10 - 20 كۈن بولسىمۇ ئارام ئالايلى، ئوينىۋالايلى دەپ كەلگەن، كەچكىچە    سىنىپقا سولىنىپ ئولتۇرامدۇقكىنە! نېمە دېسە دېمەمدۇ، نېمە كارىمىز ئۇ سويما بىلەن. خاتىرجەم بول ئاداش، بىز ئويۇنىمىزنى ئويناۋېرىمىز.
   ياتاققا كىردىم. ياتاقدىشىم ئۈندىدارنى ئېچىپ، ئۈندىدار توپىدا بولۇنۇۋاتقان پاراڭلارنى بېرىلىپ ئاڭلىغىلى تۇرۇپتۇ (شۇ چاغدا، ئالاقىلىشىشكە پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن ھەرقايسى سىنىپلارنى بىرلىك قىلغان ھالدا ئۈندىدار توپى قۇرۇلغانىدى). ئۈندىداردىن ئاڭلاۋاتقىنىم توپتىكى بىرنەچچە قىزنىڭ قايسى دىسكوخانىغا بېرىپ ئوينىماقچى بولغانلىقى، ۋاقىت ئاز قالغان بولغاچقا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كۆپرەك ئوينىۋېلىش ھەققىدە بىر - بىرىنى ئالدىرىتىپ يوللىغان ئۇچۇرلار ئىدى. ياتاقدىشىمنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىمقى كۇرسقا ئاجايىپ شاش قىزلار كەپتۇدەك. ھەر كۈنى ئاخشىمى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدىن قالماسمىش.
   ياقامنى تۇتۇپ بىرھازا ئويلىنىپ قالدىم. كۆز ئالدىمغا دەرھال بىزنىڭ سىنىپتىكى خەنزۇ مۇئەللىملەر (كۇرسانتلار) نىڭ  نەچچە سائەت ئولتۇرۇپ خەت مەشىق قىلىۋاتقان ھالىتى كەلدى. ئۇلار ھەتتا كەچلىرى بىرەرسى ئۆگىنىشكە تەشكىللىمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن خەت مەشىق قىلاتتى. ئاشۇلارنىڭمۇ كۆپىنچىسى ئايال ئوقۇتقۇچىلار ئىدى.  ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاشلا مۇئەللىم، بىر مۇنبەرنىڭ ئىگىسى ئىدى.
   بىزنىڭ ئاشۇ «ئارام ئېلىش ئۈچۈن، ئويناش ئۈچۈن» كەلگەن ئاياللىرىمىزمۇ مۇئەللىمغۇ! ئۇلار نېمىشقا ئۆزىنىڭ ئۇستازلىق سالاھىيىتى، ئوقۇتقۇچىلىق بۇرچى، مىللىي مائارىپ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئويلاپ قويمايدۇ؟ «ئۆزىنى خارلىغان ياتتىن خارلىنار» دېگەن ھېكمەتتە دېيىلگەندەك، بىز ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مائارىپىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىز جان كۆيدۈرمىسەك، ئۆزىمىزنىڭ ئىناۋىتىنى، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئۆزىمىز قوغدىمىساق، كىم قوغدايدۇ؟! توغرا، ئۆگىنىش نىيىتى يوقلار، تىرىشچانلىقنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلمىغۇچىلار ئۈچۈن  20 كۈن ئىچىدە جىق نەرسىلەرنى ئۆگەنگىلى بولماسلىقى مۇمكىن. بىراق، بۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە مائارىپ ھەققىدە، مائارىپنىڭ يۈزلىنىشى ھەققىدە كۆزقاراشنى يېڭىلىغىلى، زامانىۋى مەدەنىيەت ھەققىدە تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى، كىتابخانىلارنى ئارىلاپ يېڭى كىتابلار ھەققىدە، پەن - تېخنىكىدىكى يېڭىلىقلار ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولغىلى، تۈرلۈك لېكسىيەلەرگە قاتنىشىپ تەپەككۇرنى يېڭىلىغىلى، ئىدىيەدىكى قاتماللىقنى چىقىرىپ تاشلىغىلى بولاتتى. شۇنداق بولغاندا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزىدىغان بىلىمىمىزمۇ ئاز - تولا كۆپىيەتتى. بىراق، مىڭ ئەپسۇس! ئۇنداق ئويلايدىغانلار يەنىلا بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەكلا ئىكەن.
يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن بىر قىسىم ئايال ئوقۇتقۇچىلىرىمىز جەدۋەل تولدۇرغاندا كەسىپ ئايرىمىسىغا «ئوقۇتقۇچى» دەپ يازغان  بىلەن، ئەمەلىيەتتە تېخى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ھازىرلاپ بولالماپتۇ، دەپ ئويلىدىم. چۈنكى، ئوقۇتقۇچى دېگەن ئەڭ ئاددىيسى ئەخلاق - پەزىلەت ئۈلگىسى، مەڭگۈلۈك ئۆگەنگۈچى بولۇشى كېرەك. بۇنچىلىك ئاددىي شەرتنى ھازىرلىيالمىغانلارنى قانداقمۇ ئوقۇتقۇچى دېگىلى بولسۇن؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تېخى ھەم ئانا، بىر ئائىلىنىڭ ساھىبى، پەرزەنتلەرنىڭ غەمگۇزارى ئىدىغۇ!
    بىر دانا: «ئەگەر ئاياللار تۈزەلسە جەمئىيەت تۈزىلىدۇ، ئىنسانىيەت گۈللىنىدۇ» دەپ ئېيتقانىكەن. دەرھەقىقەت، ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزىدىغان ئاياللار ئۆز - ئۆزىگە خوجا، مىللەتنىڭ نۇرلۇق كېلەچىكىنى يارىتالايدىغان ئېتىقادلىق ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرەلەيدۇ. ئەكسىچە، مەسئۇلىيەتسىز، ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدىغان، پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە بىپەرۋا قارايدىغان ئانىلارنىڭ قولىدىن يارامسىز، مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇغان، بىخۇد، ئەجدادلىرىنىڭ يۈزىگە قارا سۇۋايدىغان، ئۆزلۈك تۇيغۇسى ئۆلگەن «ماڭقۇرت» لار يېتىشىپ چىقىدۇ. چۈنكى، «ھەر ۋاقىت ئۆز يىلتىــزىدىن ئوزۇق ئېلىپ، بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ئۈستىدە ئويلانمىغان ئادەمنىڭ تىككەن كۆچەتلىرىگىمۇ خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش بەرىكەتسىزلىك ۋە يوقىلىش ئاقىۋىتى پۈتۈلگەن بولىدۇ.»
    تارىختا، بىزنىڭ ئاياللىرىمىزدىنمۇ غايىلىك ۋە شىجائەتلىك، قەيسەر ۋە باتۇر، غۇرۇر ۋە نومۇسىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، ۋەتەننى قوغداش يولىدا قان كېچىپ جەڭ قىلغان تۇمارىس، ئەركىنلىك، پاكلىق ئۈچۈن زۇلۇمغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن نوزۇگۇم، قاراڭغۇ يىللارنىڭ جاھالەت پەردىلىرىنى يىرتىپ، مائارىپ - مەدەنىيەت نۇرلىرىنى تاراتقان راھىلە خانىم، ئايخان ئانا قاتارلىقلار قانداق ئايال بولۇش، قانداق ئانا بولۇش، ئۆز خەلقى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ بېرىش، قانداق ياشاش ھەققىدە بىزنىڭ ئاياللىرىمىزغا شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن. بارلىقىنى ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن بېغىشلاپ، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا تۇپراق ئۈچۈن، مىللىي كىملىك ئۈچۈن، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز تەر تۆكۈۋاتقان دوكتور ئادالەت قاسىم، راھىلە داۋۇت، مەدىنە ئابلىكىم، ساھىبجامال دۆلەت، رەيھانگۈل پەتتار، نەزىرە مۇھەممەد سالىھ... غا ئوخشاش ئىلىم ئاشنالىرى ۋە شۇلارغا ئوخشاش جەمئىيىتىمىزدىكى ھەرقايسى ساھە ۋە كەسىپلەردە توختىماي ئىزدىنىۋاتقان تۆھپىكار ئاياللار، ئەتراپىمىزدىكى  ئائىلىسىگە مەسئۇلىيەتچان ۋە پەرزەنتلىرىگە كۆيۈمچان بولۇپ، پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى پەرزەنتلىرىنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن چېچىنى سۈپۈرگە، قولىنى كۆسەي قىلىپ مۇشەققەت ئوچاقلىرىدا تاۋلىنىۋاتقان پەزىلەتلىك ئاياللىرىمىز ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ئەنە شۇ ئەڭگۈشتەرنى ئەتىۋارلاپ ساقلاپ، ئۆز روھىيىتىدە جۇلالاندۇرۇپ، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى ھەم تىكلەپ بېرىۋاتىدۇ. ئەپسۇس، بۇ ئەڭگۈشتەرلەر ئەتراپىمىزدىكى ئاز بولمىغان قىز - ئاياللىرىمىزنىڭ روھىيەت ئېڭىدىن ئاللىبۇرۇن ئۆچۈرۈلگەن. گەرچە بۇ خىل ئەھۋال «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»تەك ئومۇمىيلىق بولمىسىمۇ، بىراق، خانىم - قىزلىرىمىزدىكى گىرىم بىلەن كىيىمگە بولغان مەپتۇنلۇق، ئۆزىنىڭ پەن - مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك؛ ئاياللىق، ئانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشقا سەل قاراش، ئەنئەنىدىن ياتلىشىش، ئەبجەش مەدەنىيەتكە چاپلىشىش ئەھۋاللىرى ئەقىل - ھوشى بىلەن تەپەككۇر قىلىدىغان، ئائىلە، پەرزەنت ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مەسئۇلىيەت بىلەن قارايدىغان ھەربىر ئەقىل ئىگىسىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرماي قالمايدۇ.
    ھازىر كۆپلىگەن ئاياللىرىمىز ئۆز بەختىنى، خۇشاللىقىنى، قىسقىسى، تەقدىرىنى قىممەت باھالىق كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت، گىرىم بۇيۇملىرى، تۈگىمەس قاتار چاي، قۇلاق - مېڭىنى يەيدىغان مۇزىكىلارغا تولغان رېستوران، تۈرلۈك ئارامگاھلارغا ، يەنى ۋاقىتلىق خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان «ئەخلەت بەخت» كە باغلاپ چۈشىنىدىغان بولدى. ئۇلار ئوينىغان چايلىرى، كىيگەن كىيىملىرى، تاقىغان زىبۇ - زىننەتلىرى ئۈستىدە بەس - بەستە، ھەۋەس بىلەن سۆھبەتلىشىپ كېتىدۇ. بىراق، كەسپىي سەۋىيەگە، پەرزەنت تەربىيەلەشكە مۇناسىۋەتلىك بىرەر كىتاب، بىر قېتىملىق لېكسىيە، بىرەر قېتىملىق پائالىيەت توغرىسىدا بىرەر نەرسە بىلمەيدۇ؛ ئىس - تۈتەك ۋە ھاراق بۇسى بىلەن تولغان، قۇلاقنى پاڭ قىلغۇدەك مۇزىكا ياڭراۋاتقان، سالامەتلىككە زىيانلىق بولغان رېستوران، دىسكوخانىلاردا ئاچچىق قورۇمىلار بىلەن قۇرۇق گەپكە نەچچە سائەتلەپ ۋاقتىنى سەرپ قىلىۋېتىدۇ - يۇ، بىر - ئىككى سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۆز كەسپىگە، ئۆز ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە، ياراملىق پەرزەنت تەربىيەلەشكە پايدىسى بولغان بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى خالىمايدۇ. ھەر خىل سورۇن، ھەر خىل مۇھىت ، يىغىلىشلاردا ئاياللارنىڭ توپ - توپ بولۇشۇپ ئۆزىنىڭ كىيىم - كېچىكى، زىبۇ - زىننەت، گىرىم بۇيۇملىرى، قانداق ئويۇنلارنى ئوينىغانلىقى، ئاخشام كۆرگەن كورېيەنىڭ فىلىمىدىكى پېرسوناژلار توغرۇلۇق بەس - بەستە ھەۋەس بىلەن پاراڭ سېلىشىۋاتقانلىقىنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز ۋە كۆرۈپ تۇرىمىز. لېكىن، ئۇلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى، كەسپى، يېڭىدىن نەشر قىلىنغان ياخشى كىتابلار، يېڭىدىن بارلىققا  كەلگەن يېڭى تېخنىكىلار ئۈستىدە پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ئاز ئۇچرىتىمىز. ھەتتا بىر قىسىم ئاياللىرىمىزمۇ باركى، ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاشتىكى مەقسىتى ياخشى يېيىش ۋە ئىچىش، مودا كىيىنىشتىن ئىبارەت ئىپتىدائىي ياشاش تەلىپىدىن چەتلەپ كېتەلمىگەن. ئۇلار دۇنيادىن، جۈملىدىن ئىلىم - پەن يېڭىلىقلىرىدىن بىخەۋەر ھالدا بىغەم ياشايدۇ، ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى تۈزۈك ئادا قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە ئۆز ئائىلىسىگىمۇ مېھىر - مۇھەببىتىنى بەرمەيدۇ. رەڭدار دۇنياغا تاشلاپ قويۇلغان بالىسىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقى، نېمە ئۆگىنىۋاتقانلىقى، كىملەر بىلەن بېرىش - كېلىش قىلىۋاتقانلىقى بىلەن كارى يوق. ئۇلار ئۈچۈن بارلىقىنى ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن بېغىشلاپ، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا تۇپراق ئۈچۈن، مىللىي كىملىك ئۈچۈن، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز تەر تۆكۈۋاتقان ئىلىم ئەھلىلىرى، كۈندۈزى خىزمەت ۋە ئائىلىسىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىپ، شېرىن ئۇيقۇسىدىن ۋاز كېچىپ نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىۋاتقان ئايال ئەدىبلەر، ھەرقايسى ساھەلەردىكى تۆھپىكار ئاياللار، ئەتراپىمىزدىكى مەسئۇلىيەتچان ۋە كۆيۈمچان ئانىلار ناتونۇش. بۇلارنى ھەم ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى بىلىشنىمۇ خالىمايدۇ. ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى قانداق كىيىنىش، قانداق كۆڭۈل ئېچىش. بۇلار شەھەردىكى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، ئارامگاھلار، كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت دۇكانلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي بىلىدۇ، بىرەر دوستىنىڭ كىيگەن كىيىمى، تاقىغان بېزەكلىرىنىڭ سېتىلىش ئورنىنى كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ، سۈرۈشتۈرۈپ تاپىدۇ - يۇ، قايسى جايدا كىتابخانا بار، كۇتۇپخانا قەيەردە، پەن - تېخنىكا سارىيىغا قانداق بارىدۇ، قايسى جايدا قايسى تىل تەربىيەلەش مەكتەپلىرىنىڭ بارلىقىنى، قاچان، قەيەردە ئىلمىي تەتقىقات، ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرى، ئائىلە، جەمئىيەت، مائارىپ، بالا تەربىيەسى ھەققىدە ئەھمىيەتلىك لېكسىيەلەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ ھەم بىلىشنىمۇ خالىمايدۇ.
    «مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئانىلارنىڭ قولىدا» دەيدۇ فىرانسىيە يازغۇچىسى بالزاك. «ئانىلار بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە، يەنە بىر قولىدا  دۇنيانى تەۋرىتىدۇ» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆزمۇ ھەرۋاقىت قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭراپ تۇرىدۇ. ئەپسۇس، بۇ ھېكمەتلەرنىڭ تاغنى بېسىپ چۈشكۈدەك سالمىقىنى، ھەربىر ھەرپ ۋە بوغۇملىرىغا يوشۇرۇنغان چوڭقۇر ماھىيىتىنى تەپەككۇر يۈكسەكلىكىدە چۈشىنىپ، رىقابەت ۋە خىرىسقا تولغان بۈگۈنكى دۇنيادا مەۋجۇتلۇقىمىز ۋە يۈكسىلىشىمىزنىڭ مۇھىم بىر قوۋۇرغىسىنىڭ ئاياللار ئىكەنلىكىنى قانچىمىز تونۇپ يەتتۇق ۋە تونۇپ يېتىۋاتىمىز؟
   بۇ سوئاللارغا بەزى ئاياللار: «بىزمۇ <يېرىم دۇنيا> بولۇش سالاھىيىتىمىز بىلەن ئەرلەر بىلەن تەڭ خىزمەت قىلىۋاتىمىزغۇ، ھەتتا بىر قىسىملىرىمىز ئەرلەر قىلالمايۋاتقان ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز، رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەۋاتىمىز. بۇ بىزنىڭ جەمئىيەتتىكى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلغانلىق بولماي نېمە؟» دەپ ياندۇرۇپ سوئال قويۇشى مۇمكىن. ھەممىمىز بىلىمىز، ئايال دېمەك، ئانا دېمەكتۇر. ئانا شۇنداق ئۇلۇغ بولغاچقا، ئۆزىمىزگە قەدىرلىك بولغان ئۇقۇملارنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرمەكچى بولساق، بۇ سۆز تەبىئىي ھالدا ئالدىغا قوشۇلۇپ سۈپەتلىنىدۇ، يەنى ئانا ۋەتەن، ئانا تىل، ئانا يۇرت، ئانا دىيار، ئانا دەريا، ئانا مەكتەپ دېگەندەك.
   مەكتەپ ۋە جەمئىيەت توغرا پەرۋىش قىلىنغان مايسىنى تېخىمۇ كۆكلىتەلەيدۇكى، ئەجىرسىز قىڭغىر ئۆسكەن كۆچەتنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەنمۇ مېۋىـگە كىرگۈزەلمەيدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، سىز يەنىلا بالىڭىزنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ قويۇش، كىيىمىنى پۈتۈن قىلىپ قويۇش، خىراجەتلىرى ئۈچۈن پۇل - پۇچەكلىرىنى تەييار قىلىپ قويۇشتىن ئىبارەت ماددىي ئېھتىياجلىرىنىلا قاندۇرۇشنى بالامنى تەربىيەلەۋاتىمەن، ياخشى بېقىۋاتىمەن دەپ ئويلامسىز؟ سىز بالىڭىزنى ئۆيدە تاشلاپ قويۇپ، تۈگىمەس خىزمەت ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالدىراش يۈرگىنىڭىزدە، دوستلىرىڭىز بىلەن تۈگىمەس قۇرۇق پاراڭلارغا چۈشكىنىڭىزدە ياكى رېستوران، بەزمىخانىلاردا ئازغۇن ھەۋەسلەرنىڭ قاينىمىغا غەرق بولغىنىڭىزدا، ئاشۇ ئەزىز پەرزەنتلىرىڭىز سىزنىڭ ئىللىق قۇچاقلىرىڭىزغا، پەپىلەشلىرىڭىزگە، قىزىق چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرىشىڭىزگە، بالىلار كىتابلىرىنى ئوقۇپ بېرىشىڭىزگە موھتاج بولماسمۇ؟ بۇنىڭغا ئېرىشەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئۆز يېشىغا، ئۆز مەدەنىيىتىگە ماس كەلمەيدىغان تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى، پىلاستىنكىلارنى كۆرۈشكە، تور دۇنياسىغا مەپتۇن بولماسمۇ؟ ئۆز خۇشاللىقىنى ۋە بەختىنى باشقىچە ئۇسۇل ئارقىلىق تېپىشقا ئۇرۇنماسمۇ؟ شۇ سەۋەبلىك بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولمىسا، ئەخلاق جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلسە، يەنىلا بالىڭىزنى ئەيىبلىشىڭىز بەك كۈلكىلىك، بەكمۇ بىمەنىلىكتۇر. ئوبزورچى، مائارىپ تەتقىقاتچىسى يالقۇن روزى بىر قېتىملىق لېكسىيەسىدە «سىز بالىڭىزنىڭ قورسىقىنىلا چىڭداپ، ئۇنىڭ كاللىسىغا ئۆزلۈك ۋە كىملىكى توغرىسىدىكى بىلىملەرنى قاچىلاشنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز، باشقىلار ئۇنىڭ كاللىسىغا ئۆزىنىڭ ئىدىيە ۋە مەپكۇرلىرىنى قاچىلايدۇ» دەپ سۆزلىگىنى ئېسىمدە. ئۇنداقتا، بالىلىرىمىزنىڭ كاللىسىغا ئەنئەنىلىرىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى، ئېسىل ئۇدۇملىرىمىزنى قاچان، قانداق ۋاقىتتا سىڭدۈرىمىز؟ ئەلۋەتتە، بۇ مەسئۇلىيەتنى ئاساسلىقى بالىلار بىلەن بىللە بولۇش ۋاقتى كۆپرەك بولغان ئانىلار ئۈستىگە ئالسا مۇۋاپىقراق بولۇپ، ئىشتىن چۈشكەندە، ئارام كۈنلىرىدە، بالىلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن، ئۇلارغا چۆچەك ئېيتىپ بېرىش، كىتاب ئوقۇپ بېرىش، ھەربىر ئىش - ھەرىكەتلەردە ئۈلگە كۆرسىتىش... قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بەلگىلىك مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. شۇنى ئۇنتۇماڭكى، ئىنسان تۇغۇلۇشىدىلا ئۇنىڭدا ياخشى ۋە يامان، گۈزەللىك ۋە رەزىللىكنى تەبىئىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بولىدۇ. ئەمما، رېئاللىقنىڭ كۆزنى قاماشتۇرغۇچى رەڭگارەڭ چىراغلىرى ئاستىدا پەقەت توغرا ئائىلە تەربىيەسىلا بالىدىكى بۇ تەبىئىي ئىقتىدارنىڭ خىرەلىشىپ قالماستىن تېخىمۇ جۇلالىنىشىغا ئاساس سالىدۇ.
   ئىلىم - مەرىپەتنىڭ ئىنساننى ئەزىز غوجايىنغا ئايلاندۇرىدىغىنى، ئەكسىچە، جاھالەت ۋە نادانلىقنىڭ ئىنساننى قۇللۇق ئاسارىتىگە چۈشۈرۈپ قويىدىغىنى تارىخ بىزگە ئاتا قىلغان ھەقىقەتتۇر. ئەۋلادنى ئەۋلادقا ئۇلىغۇچى ئاياللارنىڭ كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ئۆزلۈك ئېڭىغا ئىگە بولۇپ، ھەر ۋاقىت ئىزدىنىش ۋە ئۆگىنىشنى قولدىن بەرمەيدىغان ئىرادە تىكلىمىكى جىددىي زۆرۈرىيەت ۋە باش تارتىپ بولماس تارىخىي بۇرچتۇر. (05)

مەسئۇل مۇھەررىرى: تاھىرخالىق

(«شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 7-،8- قوشما سانىدىن ئېلىندى )

uyghuray

0

تېما

0

دوست

7237

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   44.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8426
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 741
تۆھپە : 1762
توردىكى ۋاقتى: 354
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-10
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-20 18:14:16 |ئايرىم كۆرۈش
ھايۋانلار ئادەملەرنىڭ ئورنىنى ئىگەللىۋالسا مۇشۇنداق ئىشلار بولىدۇ ..

3

تېما

4

دوست

9358

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   87.16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 644
تۆھپە : 2487
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-9
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-20 18:21:59 |ئايرىم كۆرۈش
‹‹بىزگە ياخشى ئانىلارنى بېرىڭلار،بىز ياخشى بالا بولىمىز.››  سېنىكا


ماقالىدىكى مەزمۇندىن قارىغاندا،ئائىلىدە بىر ئانىلا ئەمەس،يەنە ئادەم تەربىيەلەيدىغان مەسئۇلىيىتىمۇ بار بۇ ئانىلار ياخشى ئانا بولالمىغۇدەك،ياخشى ئۇستاز بولۇشى تېخىمۇ...
ئۇنداقتا،ياخشى بالا بولغۇسى بار بالىلارنىڭ ئۆزىگە تەلەپچان ئانىسى،بىلىمگە ئىنتىلىشچان ئۇستازى بولمىسا ئۇلار ياخشى بالا بولۇش ئارزۇسىغا يېتەلەمدۇ؟

0

تېما

0

دوست

181

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   60.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  38169
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2015-8-23
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-20 20:42:02 |ئايرىم كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنى ۋە ئىنسانيەتنى سۆيۈشتىن ئىبارەت يۈكسەك تىپتىكى مەسئولىيەتنى ھازىرلىشى كىرەك. بۇ خىلدىكى نە ئۆزىنى، نە ھاياتنى، نە بىر ۋاقىتنى قەدىرلىمەيدىغان مۇئەللىملەرنىڭ قولىغا قالغان ئاشۇ سەبى بالىلارغا، ئاشۇ مىللەتكە ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە ئىچىنىش كىرەك. بۇ خىلدىكى ئوقۇتقۇچىلار قانچىلىك سالماقنى ئىگەللەيدۇ مەن بىلەيمەن، بىراق بىزدىكى ''مۇقىم مائاشلىق كادىر بولۇش''  ئىللىتىمىز تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىقنى قىلچىلىك سۆيمەيدىغان، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ھازىرلىمىغان نۇرغۇن سىتۇدىنىيتلار پەقەت ۋە پەقەت مۇقىم مائاشلىق خىزمەتكە ئىرىشىش كويىدىلا ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغان.
بىز ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن ئىلىپ تاشلىيالمايمىز بىراق ئۇلارنى ئەڭ گۈزەل ھەركىتىمىز بىلەن ئۆزگەرتىش پۈرسىتىمىز بار.
ئىنسانلار كۆپىنچە ھاللاردا كۆۋرۈك سىلىشقا تىگىشلىك بولغان يولغا تام قوپۇرۋالىدۇ--مەلۇم دانادىن.
ئۇلارنىڭ پىسخىكىسنى توغرا ھالدا ئانالىز قىلىش كىرەك، ئۇلارنىڭ ئۇخىل ھەركىتى ئوقۇتقۇچىلىقتىن زىرىكىشتىن كىلىۋاتامدۇ؟ ياكى باشقا سەۋەبمۇ؟
مىنىڭ بىلىشىمچە بۇنىڭ بىر سەۋەبى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دائىملىق كىتاب ئوقۇش ئادىتى يوق، يەنى ئۇلار ئۆزىنىڭ كەسپىدىن باشقا يەنە ئەدەبى ئاخبارات، ئۇيغۇر تارىخى، پىسخولوگىيە ، ۋە چەتئەل مائارىپىغا ئائىت كىتابلارنى كۆپرەك كۆرۈشى كىرەك ئىدى. بۇ خىلدىكى كىتابلار ئۇلارغا تەبىيىلا مەسئولىيەت تۇيغۇسى ئاتا قىلالايىتى.
ئۇلارنى تىللاش ئۇلارنى مەسئولىيەتتىن تىخمۇ يىراقلاشتۇرۋىتىدۇ. گەپ ئاشۇلارنىڭ تاللغان يولى بىلەن ھەقىقى مەرىپەت يولى ئوتتۇرسىغا قانداق كۆۋرۈك سىلىش مەسلىسى.

uyghuray

0

تېما

4

دوست

356

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23800
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-8-24
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-20 21:02:40 |ئايرىم كۆرۈش
2-دۇنيا ئۇرىشىدا 6-مىليۇندىن ئارتۇق قىرلىپ كەتكەن ، يەھۇدى مىللىتىنىڭ ، بىر جۈملە ھىكمەت سۆزى  بار .
ئۇ  بولسىمۇ.........پۈتۈن مال  -بىساتلىرىڭنى  سېتىپ  بولسىمۇ  ئالىمنىڭ  قىزىنى ئال
بىرپۇللۇق  نەرسە  تويلۇق  سالسىمۇ  ئالىمغا  قىزىڭنى  بەر  ، مانا  بۇ  ھازىرقى  يەھۇدى مىللىتىنىڭ     ئاساسى  .

0

تېما

0

دوست

302

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40205
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-8
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-20 21:05:38 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yadikar889 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-20 21:07  

بۇ ئانىلارنى باشقۇرىدىغان ئەرلىرى يوقما ؟كۇچا مائارىپ سىپىدىكى ئەر يولداشلار ئاياللىرىنى باشقۇرمايدىغان ئوخىشىمامدۇ؟ئۇنداقتا كۇچا مائارىپىدا ئۇقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ يۇقۇرلاپ ئوقۇغۇدەك بىلىم ئالغۇدەك شارائىتىمۇ يوق ئىكەندە...........
بار ....مائارىپ سىپىدىمۇ ئۆز كەسپىنى سويمەيدىغان ،كەسپى ئۇچۇن تىرىشمايدىغان ،كۇن ئۆتكۇزۇشنى ئۇيلايدىغان،ئاي توشسا مائاشىنى ساق ئالسا باشقا ئىشلار بىلەن كارى يوق ئىسمى مائارىپچىلار يوق ئەمەس ،ئاياللاردا ئەمەس ئەرلەرئىچىدىمۇ بار.لىكىن كۆپ ئەمەس.سىز بەكراق مۇبالىغىلاشتۇرۋەتكەندەك تۇرىسىز.
يەنە بىرسى كۇرىس تەشكىللىگەن ئۇرۇنمۇ ئەستايىدىل بولمىدىمۇ قانداق؟ھەر سائەتتە كىرگەندە بىر سائەت ۋاقىتنى تۇنۇشۇش ئۇچۇن ئۆتكۇزىۋەتسە،ھاۋا ئىسسىقكەن دەپ دەرىس ئورۇنلاشتۇرۇلمىسا ،بۇ قانداق تەشكىللەش.ھېرىپ چارچاپ ئاران تەتىل قىلغاندا ئارام ئېلىش ئورنىغا يەنە ئۇگۇنۇش ئېلىپ بېرىلسا ئۇلارنىڭ ئازراق ئارام ئېلىش قىلغان ئىشلىرى سىزگە پەرزەنتىگە ،ئائىلىسىگە كۇيۇنمەيدىغان مىللەتكە يۇز كىلەلمەيدىغان ئاياللاردەك تۇيۇلۇپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ.
دۇنيا ئەركەك قېنى دەيدۇ ئا.مۇھەممەت ئىمىن ئۇستاز.ئۇنداقتا سىزچە كۇچادا مائارىپ سىپىدە خۇتۇن باشقۇرالايدىغان بىرمۇ ئەركەك يوق ئىكەندە...........
  مەنمۇ مائارىپچى ئايالىممۇ ھەم .بىزمۇ مۇشۇ ئاقسۇ ۋىلايەت دائىرسىدە خىزمەت قىلىمىز .كۇچانىڭ مائارىپ ئىشلىرىدىنمۇ خېلى خەۋىرىم بار.كۇچا 4-ئوتتۇرا ۋىلايىتىمىزدىكى ئۇقۇتۇشتا خېلى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.شۇ مەكتەپتىمۇ ئايال ئوقۇتقۇچىلار باردۇ ئۇلارمۇ ئارامگاھتىن كەلمىسە شۇ مەكتەپتىن بىرمۇ ياخشى ئوقۇغۇچى چىقمامدا....
سىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپاسىنىمۇ كۇرۇڭ ھەم ناچار يەرلىرىنىمۇ يېزىڭ .مانا مۇشۇنداق قىلالىسىڭىز ئادىل سۆزلىگەن بۇلىسىز ،،،،،،،،،،،
مائارىپ كەسپىدە ئىشلىمىگەنلەر ،چۇشەنمىگەنلەر ئىنكاس پېتىغداپ يۇرمىگەن بولساڭلار ،،،،ئالدىراش بۇلۇپ قېلىپ ئىنكاسىم سەل چولتا بۇلۇپ قالدى،ئاپتۇرنىڭ ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ توغرا چۇشىنىشىنى سورايمەن.

7

تېما

5

دوست

6633

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   32.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1903
توردىكى ۋاقتى: 451
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-9
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-20 21:37:23 |ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن.رەھمەت

26

تېما

1

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   38.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15695
يازما سانى: 671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 41
تۆھپە : 8194
توردىكى ۋاقتى: 306
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-1
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-20 21:40:20 |ئايرىم كۆرۈش
ئۆزىڭىزىچۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )