قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2147|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىلىمخۇمار: نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار (17)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

177

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   19.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 763
نادىر تېمىسى: 22
مۇنبەر پۇلى: 1226
تۆھپە : 5093
توردىكى ۋاقتى: 1762
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-9
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-21 12:18:17 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-22 23:31  

نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار (17)

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى


مايكۇل جوسېفسون مۇنداق دەيدۇ (تۆۋەندىكى 1-رەسىم): «ئەگەر مۇشۇ بىر تال كىچىككىنە گۈل قۇياش نۇرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىر يول تاپالىغان بولسا، سىزمۇ شۇنداق قىلالايسىز. قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش روھىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى ھەرگىزمۇ تۆۋەن مۆلچەرلىمەڭ.»

k01_joseph.jpg
1-رەسىم: مايكۇل جوسېفسوننىڭ يۇقىرىدىكى سۆزىنىڭ ئىنگلىزچىسى.

ئادەتتىكى كىشىلەردەك كۆرۈنىدىغان بەزى ئادەملەرنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالىشىغا سەۋەب بولىدىغان نەرسە نېمە؟  ئۇ بولسىمۇ قايناق ھېسسىيات ياكى قاتتىق ئىنتىلىش (passion) دىن ئىبارەت.  بىر باشلامچى ياكى لىدېرنىڭ ھاياتىدا ھېچ قانداق نەرسە قاتتىق ئىنتىلىشنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.

تۆۋەندىكى قاتتىق ئىنتىلىش ھەققىدىكى 4 ھەقىقەتكە قاراپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ سىزگە قانداق پايدىلارنى يەتكۈزەلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىڭ:

(1) قاتتىق ئىنتىلىش نەتىجە يارىتىشنىڭ بىرنچى قەدىمى:  سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز سىزنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىڭىز ياكى تەقدىرىڭىز (destiny) نى بەلگىلەيدۇ.  ئادەتتىن تاشقىرى ھاياتنى ياشىغان ھەر بىر ئادەم ئۇلۇغۋار ئارزۇغا ئىگە ئادەمدۇر.  ھەممە ساھەلەر ئۈچۈن ئورتاق بولغان مۇنداق بىر ھەقىقەت بار:  ئاجىز تىلەك كىشىنى ئاجىز نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدۇ.  بۇ خۇددى بىر تال كىچىك ئوت پەقەت كىچىك ئىسسىقلىقنىلا پەيدا قىلالىغانغا ئوخشاش.  سىزدىكى ئوت قانچىكى كۈچلۇك بولىدىكەن، سىزدىكى تىلەكمۇ شۇنچە چوڭ بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن سىز ئېرىشەلەيدىغان نەتىجىلەرمۇ شۇنچە زور بولىدۇ.

(2) قاتتىق ئىنتىلىش سىزنىڭ ئىرادىڭىز (willpower) نىمۇ ئۆستۈرىدۇ:  قاتتىق ئىنتىلىشنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان باشقا بىرەر نەرسە يوق.  ئۇ سىزنىڭ ئىرادىڭىزنىڭ يېقىلغۇسىدۇر.  ئەگەر سىز مەلۇم بىر نەرسىنى يېتەرلىك دەرىجىدە قاتتىق ئىستەيدىكەنسىز، سىز ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىرادىنى تاپالايسىز.  ئاشۇنداق ئارزۇغا ئىگە بولۇشنىڭ بىردىن-بىر ئۇسۇلى ئۆزىڭىزدە بىر خىل قاتتىق ئىنتىلىشنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.

(3) قاتتىق ئىنتىلىش سىزنى ئۆزگەرتىدۇ:  ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ سىز توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى بويىچە ئىش تۇتماي، ئۆزىڭىزنىڭ قاتتىق ئىنتىلىشى بويىچە ئىش تۇتىدىكەنسىز، سىز چوقۇم كۆڭلىڭىزگە پۈككەن ئارزۇلارغا ئۆزىڭىزنىڭ بارلىقىنى تېخىمۇ تولۇق ئاتا قىلغان، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى ياراتقان بىر ئادەم بولۇپ چىقالايسىز.  شۇنىڭ بىلەن سىز باشقىلارغا تېخىمۇ زور تەسىر كۆرسىتەلەيسىز.  ئەڭ ئاخىرىدا سىزدىكى قاتتىق ئىنتىلىشنىڭ باشقىلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى سىزنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىڭىزنىڭ تەسىرىدىنمۇ زور بولىدۇ.  

(4) قاتتىق ئىنتىلىش ئەسلىدە مۇمكىن ئەمەس دەپ قارالغان ئىشلارنى مۇمكىنلىككە ئىگە قىلىدۇ:  ئىنسانلار مۇنداق يارىتىلغان: بىر نەرسە سىزنىڭ روھىڭىزغا ئوت تۇتاشتۇرغاندا، ئەسلىدىكى مۇمكىنسىزلىك غايىپ بولىدۇ.  يۈرىكىڭىزدىكى بىر تال ئوت ھاياتىڭىزدىكى ھەممە ئىشلارنى يۈكسەلدۈرىدۇ.  قاتتىق ئىنتىلىش ياكى قايناق ھېسسىياتقا ئىگە لىدېرلەرنىڭ ناھايىتى ئۈنۈمدار كېلىشىدىكى سەۋەب ئەنە شۇ.  ئىنتايىن كۈچلۇك ئىنتىلىشكە ئىگە، ئەمما ماھارەتكە ئۇنچىۋالا باي ئەمەس بىر لىدېر ناھايىتى ماھارەتلىك ئەمما قاتتىق ئىنتىلىشقا ئىگە ئەمەس يەنە بىر لىدېرگە قارىغاندا بەكراق نەتىجىلىك كېلىدۇ.  

يۇقىرىدىكى 2-مەزمۇن مەن «نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار (9)» دېگەن ماقالەمدە تونۇشتۇرغان جون ماكسىۋېل (John C. Maxwell) نىڭ «ماكسىۋېل كۈنلۈك ئوقۇشلۇقى» دېگەن كىتابىنىڭ 39-بېتى (3-فېۋرال كۈنى) نىڭ مەزمۇنى بولۇپ، ئۇنىڭ تېمىسى «ئۆزىڭىزنىڭ قايناق ھېسسىياتىنى ئۆستۈرۈڭ» دىن ئىبارەت.

ئەگەر مەن ھازىرغىچە «نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار» دېگەن تېما ئاستىدا تونۇشتۇرغان 43 نەپەر قېرىندىشىمىزنىڭ ۋە ئۆزۈمنىڭ ھازىرقىدەك بىر ھالەتكە كېلىش ئۈچۈن قانداق قىلغانلىقىنى يۇقىرىدىكى ئىككى مەزمۇن بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، ئاساسەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرىدىكى بىر تال كىچىك گۈلدەك بوشاشماي تىرىشىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن يول ئاچقانلىقىنى، ھەمدە باشتىن-ئاخىر ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان ئىشقا قاتتىق ئىنتىلىش روھى بىلەن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتىغانلىقىنى بايقايمىز.  بۇ قېتىم مەن ئاشۇنداق قېرىنداشلارنىڭ يەنە بىر يېڭى مىسالىنى تونۇشتۇرىمەن.  بۇ قېتىم تونۇشتۇرىدىغان ئۇكىمىز مەن ھازىرغىچە تونۇشتۇرغان 44-قېرىندىشىمىز بولۇپ، تۆۋەندىكى مەزمۇننى ھازىر تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئىنىمىز ھەسەنجان تەييارلاپ بەردى.  مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھەسەنجان ئۇكىمىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.  دېمەك، «نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىدا يوللىنىلىدىغان مەزمۇننى مەن ئەمەس، تونۇشتۇرىلىدىغان قېرىندىشىمىز ئۆزى ئەمەس، يەنە بىر، ياكى 3-قېرىندىشىمىز تەييارلىسىمۇ بولىۋېرىدۇ.  مەن قولىدىن مۇشۇنداق ئىش كېلىدىغان باشقا قېرىنداشلارنىڭمۇ ماڭا ياردەم قىلىشىنى، ئۆزلىرى تونۇيدىغان «نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار» نىڭ ئەھۋالىنى يېزىپ چىقىپ، ماڭا يوللاپ بېرىشىنى سورايمەن.

رەسمىي مەزمۇننى ئەمدى باشلايمەن.


ئېغىز بوشلۇقى  دوختۇرى ئابدۇكېرىمجان توختى (تۈركىيە)

k02_abdureyimjan.jpg
2-رەسىم: ئابدۇكېرىمجان توختى تۈركىيەنىڭ كىر شەھىردە ئاچقان «ئۈنچە ئېغىز بوشلۇقى ئامبۇلاتورىيىسى» ئېچىلىش مۇراسىمىدا.


ئابدۇكېرىمجان توختى 1977-يىلى 9-ئاينىڭ1-كۈنى قاراماي شەھرىدە تۇغۇلغان. كېيىن ئائىلىسىنىڭ خىزمەت مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن پوسكام نېفىتلىكىگە كۆچۈپ كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پوسكام نېفىتلىكىدە تاماملىغان. 1993-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تۇنجى قاراردىكى ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تەسىس قىلىپ، نېفىتلىك رايونلىرىدىنلا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، ئابدۇكېرىمجان شۇ يىلى تۇنجى قارار ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ، نەنجىڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە خەنزۇ تىلىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغان.  ھەمدە 1996-يىللىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش ئىمتىھانىدا ئاپتونۇم رايون بويىچە 5-ئوقۇغۇچى، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارى رايونى بويىچە 1-ئوقۇغۇچى بولۇپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەييارلىق بۆلۈمىگە قوبۇل قىلىنغان.  مېدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغان ئابدۇكېرىمجان تەييارلىقنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئىچكىرىدە ياخشى بىر مېدىتسىنا ئۇنۋېرسىتېتىنى تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، نومۇرى ئىچكىردىكى داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتلارغا كىرىشكە يەتكەن بولسىمۇ، تىبابەت كەسپىدە ئوقۇش ئارزۇسى بويىچە شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى داۋالاش كەسپىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇشىغا كىرگەن.

شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇش جەريانىدا دىيارىمىزدىكى ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخىس ئادالەت قاسىمى خانىم (ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قىزى)  بەرگەن ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى دەرسى ئابدۇكېرىمجاننى ئۆزىگە قاتتىق جەلىپ قىلىۋالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە تولۇق كۇرسنىڭ 2-يىلى ئادالەت قاسىمىنىڭ باشچىلىقىدا شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئېچىلغان تۇنجى قارار ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى كەسپىگە ئالمىشىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتكەن.

ئۇ ئوقۇش داۋامىدا ئۆزىنىڭ كەسپى دەرسلىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەندىن باشقا، ئىنگىلىز تىلى بىلمەي تۇرۇپ لاياقەتلىك دوختۇر بولالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئىنگلىز تىلىنىمۇ تىرىشىپ ئۆگەنگەن.  ھەمدە 2001-يىلى ئالىي مەكتەپ  ئىنگلىز تىلى دەرىجە ئىمتىھانىدا 4-دەرىجدىن ۋە 6-دەرىجىدىن ئۆتكەن.  شۇنداقلا 2003-يىلى TOEFL  ئىمتىھانىدا 577  نۇمۇر ئالغان.

ئۇ تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن،  ئەنگلىيەنىڭ  Middlesex ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاممىۋىي سەھىيە كەسپىدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن. ئەمما ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى كەسپىدە ئوقۇش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، ئەنگلىيەگە بېرىشتىن ۋاز كەچكەن .

ئابدۇكېرىمجان 2005-يىلى ئوقۇش ئىستىكىدە تۈركىيەگە كەلگەن. تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن قاتتىق تەييارلىق قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز كەسپىدە ئۆرلەپ ئوقۇش پۇرسىتىنى ئىزدىگەن. ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەر يوق بولۇپ، دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ باققانلار ئۇنىڭغا تۈركىيەدە دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان ئابدۇكېرىمجان توختى بىر مەھەل قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن.

ئەمما كىچىكىدىنلا ئىزچىل ياخشى ئوقۇغان ئابدۇكېرىمجان ئۆزىنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ ياخشىلىقىنى، ۋە بۈگۈنگىچە ئوقۇش داۋامىدا قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلار ۋە ئىمتىھانلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ئويلاپ، قەلبىدە ئىشەنچ پەيدا بولغان.  شۇنداقلا كەسىپكە بولغان ئىشتىياقى ئۇنى داۋاملىق ئالدىغا قاراپ مېڭىشقا ئۈندىگەن.  شۇنداق قىلىپ 2006-يىلى تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كىرىش ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئىمتىھانلاردىن تكس ئىمتىھانىدا ئۆزى ئوقۇغان سىنىپىدا نەتىجىسى 1-بولۇپ، غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىببىي پەنلەر فاكۇلتىتى چىش كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ چىشلاردىكى بۇزۇقلۇقلارنى داۋالاش ۋە تۈزلەش كەسپى (口腔正畸، Orthodontics) گە دوكتورلۇق ئوقۇشقا كىرگەن. شۇنى چۈشەندۈرۈپ  ئۆتۈپ كېتىشىمىز زۆرۈركى، تۈركىيەدىكى مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پەرىقلىق بولىشى تۈپەيلىدىن، تۈركىيەدە تىببىي كەسپلەردە باكلاۋۇرلۇققا ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلار بىۋاستە ماگىستىر ئاسپىرانت ئۇنۋانى بىلەن پۈتتۈرۈپ چىقىدىغان بولغاچقا (دىيارىمىزدىكى 本硕连读)، ۋەتەندە تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تولۇق كۇرس پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار تۈركيەدە بىۋاستە دوكتورلۇق ئوقۇشقا كىرىدۇ.

ئوقۇش داۋامىدا گەرچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۈرك تىلىنى ياخشى بىلگەندەك قىلسىمۇ ئاكادېمىك سەۋىيىدە دەرس ئېلىش ئاسانغا  توختىمايدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن تىل جەھەتتىكى سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن كەسپىي دەرسلىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ئەنقەرە شەھىرىنىڭ ئەتىراپىدىكى ناھىيىلەردىكى دوختۇرخانىلاردا كېچىلىك دىجۇرنىلىق تۇرۇش ئارقىلىق قامدايدۇ.

ئۇ ئەينى ۋاقىتلاردىكى قىيىنچىلىقلارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەكتىپىمدىن 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ، كېچىلىك دىجۇرنىدە تۇرۇپ بېرەتتىم. كېچىلىك دىجۇرنىدە بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆزىتىش ۋە بىر قىسىم داۋالاشلارنى قىلغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ دەرسلىرىنى تەييارلىمىسام بولمايتى. شۇڭا كېچىدە ئاران 2-3 سائەت ئۇخلاشقا مەجبۇرى ئىدىم. ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئاپتۇبۇس بىلەن ئۆرە تۇرۇپ دېگىدەك مەكتىپىمگە قايتاتتىم. ھەتتا ئاپتۇبۇسنىڭ تۇتقۇچىغا ئېسىلىپ ئۇخلاپ قالاتتىم. قىش كۈنلىرى ئەنقەرەدە ئاجايىپ سوغۇق بولۇپ كېتەتتى. تاپقان پۇلۇم يېمەك-ئىچمەككىلا يېتىدىغان بولغاچقا، ھەتتا ئۆينى ئىسسىتىشقا گازمۇ سېتىۋالالمايتتىم.  ئولتۇرىدىغان ئۆيىمىز كونا بولغاچقا بەك سوغۇق ئىدى. بەزىدە بۇنداق جاپا تارتقاندىن ئوقۇماي تەرجىمانلىق قىلايمۇ-يە، دەپ ئىككىلىنىپ قالغان ۋاقىتلىرىممۇ بولدى.  چۈنكى تەرجىمانلىق قىلغاندا پۇلنى ئاسان تاپقىلى بولاتتى.  شۇنداق ۋاقىتلاردا ئۆزۈمگە «سەن تۈركىيەگە تەرجىمانلىق قىلغىلى كەلگەنمىدىڭ، ياكى دوختۇر بولغىلىمۇ؟» دەپ سوئال قوياتتىم.  ئىنشائاللاھ ئۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى».

شۇنداق داۋام قىلىش بىلەن بىرگە تۈركىيە بىلەن جوڭگۇنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى پەرىقلەر تۈپەيلىدىن، تۈركىيەدە تىبابەت كەسىپلىرىدە ئوقۇماقچى بولغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار تولۇق كۇرستا ئوقۇغان ئوقۇش تارىخى ۋە نەتىجىسىنى تۈركىيەدە ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئىمتىھانىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ تۈركىيەدە دوختۇر بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايتى. بۇ دېگەنلىك باكلاۋۇرلۇقتا ئوقۇغان كەسپىي دەرسلىكلەردە بىرمۇ-بىر تۈركچىدە ئىمتىھان بېرىش دېگەنلىكتۇر. تۈركىيەنىڭ مائارىپ سىستېمىسىنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەلىپى تۈپەيلىدىن، تىبابەت كەسىپلىرىدە تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى تۈركىيەدە ئوقۇمىغان ئوقۇغۇچىلار  تۈركىيەدە تىبابەت كەسىپلىرىدە  ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتور ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ئۈچۈن كەسپى دەرسلەر ئوخشاش بولمىغان نىسبەتتە تەشكىل تاپقان «Denklik» ئىمتىھانغا قاتنىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ. مەزكۇر ئىمتىھان دىيارىمىزدىكى  "同等学力"  گە ئوخششىپ كېتىدۇ. بۇ ئىمتىھانغا قاتنىشىپ باققان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىردەك مەزكۇر ئىمتىھاننى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدە دوختۇر بولۇشنىڭ ئەڭ قىيىن تەرىپى، دەپ قارايدۇ. چۈنكى بۇ ئىمتىھان پۈتۈن كەسپىي دەرسلەردىن ئېلىنىدىغان بولۇپ، كەسپىي دەرسلەرنىڭ ئەڭ قىيىن نۇقتىلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. نۆۋەتتە تۈركىيەدە بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 10غا بارمايدۇ. ھازىرغىچە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن 10 غا يەتمەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆتكەنلىكى مەلۇم بولغان قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بۇ ئىمتىھاندىن ئابدۇكېرىمجان تۇنجى بولۇپ ئۆتۈپ، دوختۇر بولماقچى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يول ئاچىدۇ.

تۈگىمەس ئىمتىھانلار ئابدۇكېرىمجاننى مەغلۇپ قىلالمايدۇ. ئەكىسچە ئۇنى تېخىمۇ قەيسەر، تىرىشچان قىلىپ تاۋلاپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى ھاياتى ئاساسەن ئۆگىنىش ۋە ئىمتىھان بېرىش بىلەن ئۆتىدۇ. ئائىلە، پەرزەنت ۋە تۇرمۇش بېسىملىرى ئۇنى چارچىتىپ تۇرسىمۇ، ئۇ ئوقۇش نەتىجىسى ياخشى بولغاچقا تۈركىيەنىڭ  TÜBİTAK (دىيارىمىزدىكى پەنلەر ئاكادېمىيسىگە ئوخشاش ئورگان) دىن ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ تىرىشچانلىق روھىدىن يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى قاتتىق تەسىرلىنىپ، مۇساپىر ھاياتىدىكى سىردىشىغا ئايلىنىدۇ، ۋە دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچى بولۇشتىن باشقا، تۇرمۇش ۋە باشقا ئىشلىرىغىمۇ قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىدۇ.  دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى غەلبىلىك تاماملانغاندا، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى مەتىن ئەپەندى «ئوغلۇم، سەن شۇنچە ئۇزاقتىن كېلىپ، باشقا بىر تىلدا مۇشۇنداق ئىلمىي ئەمگەكلەرنى قىلدىڭ. ساڭا ئاپىرىن. ئۇيغۇر تۇپرىقىدىن ساڭا ئوخشاش ياخشى ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار كەلسە، بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە ئۇلارغا ياردەم بېرىمىز»،  دەيدۇ.  شۇنداق قىلىپ  2013-يىلى ئازكەم 7 يىلدا دوكتورلۇقنى تاماملاپ تۈركىيەدە دۆلەت ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دوكتورلۇق ئۇنۋانىدىكى ئۇيغۇر دوختۇر بولۇپ قالىدۇ.
ئۇ ھازىر ئۈچ ئامبۇلاتورىيىدە مۇتەخەسسىسلىك سالاھىيىتى بىلەن كېسەل كۆرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنى ئۇ ئۆز سەرمايىسى بىلەن شىرىكلىشىپ ئاچقان بولۇپ، 2015-يىلى 5-ئايدا  تۈركىيەنىڭ كىر شەھىرىدە ئىش باشلىدى.  كىر شەھىرىدە ئېچىلغان ئامبۇلاتۇرىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا مەزكۇر  شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقى ۋە پارلامېنت ئەزاسى ئالاھىدە قەدەم تەشىرىپ قىلدى، ۋە لېنتا كېسىپ تەبرىكلىدى.
بىز ئۇنىڭدىن «بىزنىڭ نۇرغۇن سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئارىسالدى بولىۋاتقان، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان، نۆۋەتتىكى ئالاھىدە پەرقلىق شارائىتلىرىمىزدا چىقىش يولى تاپالماي، روھىي جەھەتتىن مەدەت ۋە ئىلھام بېرىشلەرگە تەشنا بولىۋاتقان ياشلىرىمىزغا دەيدىغان سۆزلىرىڭىز بارمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: « بىز ئۇيغۇرلار ئەقىللىق. بىز ئەقلىي قابىليەتتە باشقا مىللەتلەردىن تۆۋەن ئەمەس.  ئاللاھ پۈتۈن ئىنسانلارغا ئەقىلنى ئورتاق ياراتقان.  مۇھىم بولغىنى ئۆزلۈكسىز تىرىشچانلىق.  ئۆگىنىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈرمۇ يەتمەيدۇ. ئىنسان ئۆزىنى بىر نەرسىگە بېغىشلىغاندىلا ئاندىن مەلۇم نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ.»
نۆۋەتتە قانداشلىق مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن تۈركىيە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بىر قەدەر كۆپ  بولغان دۆلەت بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش نىسبىتى يۇقىرى بولسىمۇ، بىر مەزگىللىك قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن،  قىسقا مۇددەتلىك تەرجىمانلىق يولىنى تاللىۋالغان، شۇنداقلا ئوقۇشقا كىرىپ بولۇپ، ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئوقۇشنى تاشلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىزمۇ كۆپ. تۈركىيەدىكى سانىمىز كۆپ بولسىمۇ، ئىلمىي ساھەلەردە ئۇتۇق قازانغان ئاكادېمىك دەرىجىسىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بەكمۇ ئاز. شۇڭلاشقا  بىز بۇ قېرىندىشىمىزدىن ئالاھىدە پەخىرلىنىمىز.
k03_abdukerimjan.jpg 3-رەسىم: ئابدۇكېرىمجان غازى ئۇنىۋېرسىتېتدىكى دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان كەسىپداشلىرى بىلەن بىرگە. k04_abdukerimjan.jpg 4-رەسىم: ئابدۇكېرىمجان 2013-يىلى 2-ئايدا دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى ياقلاۋاتقاندىكى بىر كۆرىنىش.
k05_abdukerimjan.jpg 5-رەسىم: ئابدۇكېرىمجان دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىدىن كېيىن يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ۋە دىسسېرتاتسىيە باھالاش ھەيئەتلىرى ئىچىدىكى پروفېسسورلار بىلەن بىرگە. k06_abdukerimjan.jpg 6-رەسىم: كىر شەھىرىدە ئاچقان «ئۈنچە ئېغىز بوشلۇقى ئامبۇلاتورىيىسى»  نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا. لىنتا كېسىۋاتقان كىر شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ۋە پارلامېنت ئەزاسى.  (ۋاقتى 2015-يىلى 5-ئاي )
k07_abdukerimjan.jpg 7-رەسىم: ئابدۇكېرىمجان داۋالاش ئۈستىدە.
k08_abdukerimjan.jpg 8-رەسىم: ئابدۇكېرىمجان تۈركىيەنىڭ ئاقساراي شەھىرىدىكى خىزمەت ئورنىدىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرگە.

ئىنىمىز ئابدۇكېرىمجان ھازىر بەخىتلىك ئائىلىسى ۋە ئىككى ئوماق پەرزەنتلىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە ياشاۋاتىدۇ.

بۇ ماقالىنى سىڭلىمىز ئالمىرە مۇھەممەت تەھرىرلىگەن.
بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى كۆرسەتكەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز ۋە تارقاتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

516

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   3.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34381
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2015-8-28
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-21 16:15:39 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق ئەپەندىم،سىزنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزنى تۇنۇشتۇرۋاتقىنىڭىزدىن ناھايتى مەمنۇنمەن. ئەگەر ئىمكان بولسا بىزنىڭ چاپچال ناھىيە جاغىستاي يىزىسىدىن چىققان سەيدالىم،سەيدەخمەت دەپ ياپونىيەدە دوكتۇرلۇقنى ھەق ئىلىپ ئوقۇۋاتقان بىر قىرىندىشىم بار ئىدى،بولسا شۇنىمۇ بارچە ئۇيغۇرغا تۇنۇشتۇرغان بولسىڭىز دىگەن ئۈمۈتتىمەن.

0

تېما

0

دوست

84

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40699
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-8-29
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-21 18:51:24 |ئايرىم كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە بارىكاللا.خۇيمۇ ئوبدان ئىزدىنىپسىز.ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن.بىزدىن شۇنداق زىيالىلارنىڭ كۆپىرەك چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

0

تېما

0

دوست

872

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   74.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36006
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 264
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-6
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-21 20:06:10 |ئايرىم كۆرۈش
ئەركىن ئاكا ئىسىل تىمىلىرڭىزنى ھەرۋاقىت كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز،رەھمەت سىزگە.
========
پوسكام نېفىتلىكى قانداق يەر ؟ بولسا بىلىدىغانلار بۇ يەرنى چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار؟
uyghuray

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40710
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-8-21
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-21 20:57:16 |ئايرىم كۆرۈش
ئەمەلىيەتتە خەلىقئارادا بىزنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پەخىرلەنگۇدەك ئويغۇر يىگىتلىرىمىز قىزلىرىمىز بار ئەمما بىز چولپانلىرىمىزنى ساناڭ دىسە ھەممىنى بىلىمىزيۇ مۇشۇنداق پەخىرلىكلىرىمىزدىن ئىككىنى دىيەلمەيمىز ....

0

تېما

0

دوست

871

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   74.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5742
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 104
تۆھپە : 191
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-6
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-21 20:58:44 |ئايرىم كۆرۈش
china يوللىغان ۋاقتى  2015-8-21 20:06
ئەركىن ئاكا ئىسىل تىمىلىرڭىزنى ھەرۋاقىت كۆرۈپ تۇرۇۋات ...

پوسكام نېفىتلىكى پوسكام ناھىيە ئىچىدىن سەل يىراقراق،خۇددى قومۇلنىڭ قومۇل نېفىت بازىسى  دەپ ئاتالغان جايغا ئوخشاش بىر جاي(شۇنداق دىسەم بەلكىم چۈشىنەرسىز).

6

تېما

4

دوست

944

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   88.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33131
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 314
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-3
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-22 00:07:18 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ ماقالىنى ئۇقۇپ سۇيۇندۇم .... چۇنكى بۇ بىر مەلىدە بىر چوڭ بولغان بالىلار يەنى مىنىڭ ساۋاقدىشىمنىڭ ئاكىسى بولىدۇ . ئابدۇكىرەمجاننىڭ دادىسى توختىقارىھاجىم قاغىلىق ناھىيەسىدىن ، شۇنداق ئىسىل ئادەمنىڭ باللىرى بۇلار ....بىر بىرىدىن ئىسىل ....ئىنىسى ئابدۇرىھىمجان توختى مەن بىلەن 12 يىللىق ساۋاقداش جانجىگەر ئاغىنەم بولىدۇ ....ئابدۇكىرەمجاننىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن ...
غەربىي جەنۇبىي تارىم نىفىتلىكى پوسكام ناھىيەسىدىن 20 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ئۇرۇن بۇرۇن قارىماي شەھىرىدىن بىۋاستە باشقۇراتتى ھازىر كورلا شەھىرىدىن باشقۇرىدۇ ....... ئۆزى قەشقەر ۋىلايەت تەۋەسىدە بولسىمۇ باشقۇرۇش كورلىدىن ئالاھىدە رايۇن قاتارىدا ....ناخشىچى ھەزىرتىئىلى مۇھەممەتتۇرسۇن .مىسرانىم تۇزگۇچىسى ئابابەكرى ھەمىسى غەربىي جەنۇبىي تارىم نىفىتلىكىدىن .

27

تېما

23

دوست

6704

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   34.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5753
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 367
تۆھپە : 1876
توردىكى ۋاقتى: 821
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-10
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-23 10:32:08 |ئايرىم كۆرۈش
.ئەجرىڭىزگە بارىكاللاياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )