قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1954|ئىنكاس: 6

لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ خەنزۇچە نامى بىلەن ئالاقىدار بەزى مەسىلىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

2

دوست

6377

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 2162
توردىكى ۋاقتى: 365
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-25 23:34:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ھازىرقى خەنزۇچە نامى «尉犁»بىلەن ئالاقىدار بەزى تارىخىي مەسىلىلەر

ئەخمەت مۆمىن تارىمى

نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇرانتى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى



   لوپنور ـــــ تارىم ئويمانلىقىدىكى قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىرى. ۋاھالەنكى،خۇددى دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن يۇرتلارنىڭ نامىغا ئوخشاش ھازىر« لوپنور ناھىيەسى»دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ يۇرتنىڭ نامىدىمۇ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى بىلەن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن خەنزۇچە ئاتىلىشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت.يەنى بۇ يۇرتنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرچە نامى «لوپنور» بولسا، خەنزۇچە نامى «尉犁»(يۈلى). بۇ ئەھۋال مەيلى تەتقىقاتتا ياكى تەشۋىقاتتا بولسۇن كىشىنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ. ئۇنداقتا، بىر يۇرت نامىنىڭ  ئىككى تىلدا مۇشۇنداق ئىككى خىل ئاتىلىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى نېمە؟ بۇ  ماقالىدە  مۇشۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدۇ.

   ھازىرقى لوپنور ناھىيەسىنىڭ تەۋەلىكى تارىختا ھەرخىل ناملار بىلەن ئاتالغان. ئۇزاقتىن بۇيان دۆلىتىمىز ئىچى–سىرتىدىكى لوپنور تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ قاتارىدا مۇشۇ ساھەدىكى ئەھمىيەتلىك ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچى غالىپ بارات ئەپەندى ئۆزىنىڭ «لوپ نامى توغرىسىدا ئىزدىنىش»،«لوپلۇقلار،قاراقوشۇنلۇقلار، ئابداللار ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇقۇم دائىرىسى توغرىسىدا»، «چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى لوپلۇقلار توغرىسىدا» قاتارلىق ماقالىلىرىدە ھازىرقى لوپنور ناھىيەسى تەۋەسىنىڭ تارىختىكى ناملىرى ھەققىدە توختىلىپ ناھايىتى مۇھىم ئىلمىي بايانلارنى بەرگەن. ئۇ  «لوپلۇقلار،قاراقوشۇنلۇقلار، ئابداللار ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇقۇم دائىرىسى توغرىسىدا»دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق يازىدۇ:«لوپنور ئاتالغۇسى ...مىلادىيەنىڭ باشلىرىدىن18-ئەسىرگىچە ئىزچىل تۈردە لوپ ياكى نوپ دەپ قوللىنىلغان ئىدى،توغرىسىنى ئېيتقاندا تاكى 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ‹لوپ، لوپلۇق،لوپتۇق›شەكىللىرىدە قوللىنىلىپ كېلىنگەن. ئۇنداقتا ، بۇ نام قاچاندىن باشلاپ لوپنور بولۇپ قالغان؟ چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ يېزىشىچە، 1722-يىلى قاراكۆل، قاراقۇشۇن، ساداقتۇ قاتارلىق جايلاردىكى لوپنور مۇسۇلمانلىرىدىن مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قۇربان ئاتلىق كىشىنىڭ باشچىلىقىدا تۇرپانغا چىقىپ، چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرىغا تەۋەلىك بىلدۈرگەن،لوپنور نامى ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ خەنزۇچە ماتېرىياللاردا كۆرۈلۈشكەباشلىغان.چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭغا كەلگەن ئەمەلدار،سەركەردىلىرىنىڭ كۆپى مانجۇ،موڭغۇل تىللىرىدا سۆزلىگەنلىكتىن ، لوپ نامىغا كۆل مەنىسىنى بېرىدىغان  noorسۆزىنى قوشۇپ لوپنور (شۇ ۋاقىتتا罗布诺尔،罗布脑尔 )دەپ يازغان ، ئاھالىلەرنى لوپنور مۇسۇلمانلىرى (回人) دەپ يېزىشقان.19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ چەت ئەل ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرى لوپ رايونىدا كۆپ قېتىم ئىلمىي تەكشۈرۈشلەردە بولغان ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. چەت ئەل ئالىملىرى لوپ رايونىنىڭ تارىختىكى جۇغراپىيەلىك ئۆزگىرىشىنى ، كىروراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان خارابىلەرنى تەتقىق قىلىشتا ، خەنزۇچە ماتېرىياللارغا مۇراجىئەت قىلغان ھەمدە شۇ مەنبەلەردىكى چىڭ سۇلالىسى (1644-1911)دەۋرىدە كۆرۈلىدىغان لوپنور نامىنى لوپ نامى بىلەن بىللە قوللانغان. ئەمما يەرلىك ئاھالە لوپنور  نامىنى قۇبۇل قىلمىغان . ئىشەنچلىك ماتېرىياللارغا قارىغاندا، لوپنور نامىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىشى1945-يىلىدىن كېيىنكى ئىش ھېسابلىنىدۇ ...19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئېكىسپېدىتسىيە كىتابلىرىدا ، تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدىكى بۇ ئاھالىلەر كۆپىنچە ‹لوپتۇق(لوپلۇق)›،بەزىدە ‹لوپنورلۇق›دەپ ئاتالغان...20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ، ھازىرقى لوپنور ناھىيە بازىرى كۆنچى دەرياسىنى بەلگە قىلغان ھالدا كۆنچى دەپ ئاتالغان بولسا، 1898-يىلى ناھىيە تەسىس قىلىنغاندا خەنزۇچە شىنپىڭ (新平) ناھىيەسى دېيىلگەن.شۇ ۋاقىتتا يۈننەن ئۆلكىسىدە مۇشۇ نامدا ئاتىلىدىغان يەنە بىر ناھىيەنىڭ بارلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، 1914-يىلى يۈلى(尉犁)ناھىيەسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن.1945-يىلىغىچە كۆنچى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ھازىرقى لوپنور ناھىيە بازىرى شۇ ۋاقىتتىن كېيىن كۆنچى ۋە لوپنور... دەپ ئىككى خىل ئاتىلىدىغان بولغان.1958- يىلىدىكى يەرناملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى داۋامىدا ناھىيەنىڭ نامىنى بېكىتىش دوكلاتى سۇنۇلغان. 1960-يىلى گوۋۇيۈەن يۇقىرىقى دوكلاتقا تەستىق سېلىپ،خەنزۇچە尉犁، ئۇيغۇرچە ‹لوپنور ناھىيەسى›دەپ بېكىتكەن.شۇنىڭدىن باشلاپ كۆنچى نامى قوللىنىلشتىن قېلىپ، لوپنور نامى ئومۇملاشقان»①.
    يۇقىرىقى باياندىن ھازىرقى لوپنور ناھىيەسى تەۋەسىنىڭ خەنزۇچە نامىنىڭ تاكى  1898-يىلىغىچە ھازىرقى ئۇيغۇرچە نامى بىلەن ئوخشاش ھالدا 罗布诺尔ياكى罗布脑尔 دەپ ئاتالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇنداقتا ، بۇ نام قانداقلارچە 1898-يىلىغا كەلگەندە新平،  
1914-يىلىغا كەلگەندە尉犁 غا ئۆزگەرتىلگەن؟ بۇ ئەمەلىيەتتە چىڭ سۇلالىسىنىڭ 1877-يىلى ياقۇپ بەگنىڭ «يەتتەشەھەر دۆلىتى»نى يوقاتقاندىن كېيىن، بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىپ،  بۇرۇنقى ھەربىي مەھكىمە تۈزۈمى ۋە بەگلىك تۈزۈمىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى كۆرۈپ يېتىپ، بۇ تۈزۈملەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شىنجاڭنى مۇستەھكەم ئىدارە قىلىش ئۈچۈن 1884-يىلى ئۆلكە تەسىس قىلىپ، جايلاردا ۋىلايەت ،مەھكىمە، ئايماق ، نازارەت، ناھىيەلەرنى تەسىس قىلىپ ، ھەرقايسى مەمۇرىي رايونلارنىڭ نامىنى (جۈملىدىن خەنزۇچە نامىنى) بېكىتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۆلكەتەسىس قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تۆۋىنىدىكى ھەرقايسى مەمۇرى رايونلار تەسىس قىلىنغاندا، بەزى مەمۇرىي رايونلارنىڭ خەنزۇچە  ئاتىلىشى شۇ رايوننىڭ بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يەرلىك ئاھالە تىلىدىكى ئاتىلىشىنى ئاساس قىلغان بولسا،بەزىلىرىنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى خەنزۇچە ئەسەرلەردە كۆرۈلىدىغان ئاتىلىشىنى ئاساس قىلغان، بەزىلىرىگە يېڭىدىن خەنزۇچە نام قۇيۇلغان.  چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى خەنزۇچە نامنى قوللىنىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، شۇ مەزگىللەردە شىنجاڭدا  تاشقى جەھەتتە ئەنگىلىيە، چاررۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق خىرىسى ، ئىچكى جەھەتتە ھەرقايسى جايلاردا كۆتىرىلگەن قوزغىلاڭلارنىڭ زەربىسى تۈپەيلىدىن ھاكىمىيەت خەۋىپتە قالغان بولۇپ، خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگەن پادىشاھلىق بولغاچقا، ھۆكۈمەت شىنجاڭنى مۇستەھكەم ئىدارە قىلىش ئۈمىدىنى يۈكلىگەن ئاساستا ئەسلىدىن بار بولغان يەرناملىرىنى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى يەر ناملىرىغا ئۆزگەرتكەن②. مۇشۇمەزگىللەرنىڭ دەسلىپىدە ھازىرقى لوپنور ناھىيەسى تەۋەسىدە تېخى ناھىيە تەسىس قىلىنمىغان بولۇپ، ئۇ  ئاساسەن لۈكچۈن ۋاڭلىقىغا قاراشلىق بىر يۇرت (بەگلىك) بولغان. 1898-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ناھىيە تەسىس قىلىنىپ، خەنزۇچە 新平دەپ ئاتالغان ھەم قاراشەھەر مەھكىمىسىگە قارىغان. ھالبۇكى ، بۇنام خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى نام بولماستىن، بەلكى «يېڭىدىن تىنجىتىش» دېگەن مەنىدىكى يېڭىدىن قۇيۇلغان نام بولۇپ. ھۆكۈمەت بۇ يۇرتتىكى يەرلىك ئاھالىنىڭ ئۆزيۇرتىنى قانداق ئاتايدىغانلىقى بىلەن  ھېسابلاشماي بۇ نامنى قۇيۇشتا ، بەلكىم شىنجاڭنىڭ يېڭىۋاشتىن تىنجىتىلىپ بىرلىككە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى نەزەردە تۇتقان بولسا كېرەك.جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ، شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلار قايتا تەڭشىلىپ،مەھكىمە، ئايماق ، نازارەتلەرئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ، ۋىلايەت بىلەن ناھىيىدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون ساقلاپ قېلىنغاندا، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك يۈننەن ئۆلكىسىدىمۇ 新平  دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر ناھىيەنىڭ بارلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، 1914-يىلى بۇ نام 尉犁غا ئۆزگەرتىلگەن ھەم قاراشەھەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق قىلىنغان③. مانا بۇ尉犁 دېگەن نام دەل خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەسەرلەردە كۆرۈلىدىغان بولۇپ ، شۇ ۋاقىتتىكى غەربىي يۇرتتىكى 36 ئەلنىڭ بىرىنىڭ خەنزۇچە نامى بولغان. يەنى«خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى »دە:« 尉犁 ئېلى ، مەركىزى尉犁 شەھىرى ، چاڭئەنگە 6750 چاقىرىم كېلىدۇ. 2000 تۈتۈن، 9600 نوپۇسى بار،ياراملىق ئەسكىرى 2000، ... غەربتە قۇرۇقچىبەگ تۇرۇشلۇق جايغا 300 چاقىرىم كېلىدۇ،جەنۇپتا پىشامشان ، چەرچەن بىلەن تۇتىشىدۇ»دېيىلگەن④. ئۇنداقتا،尉犁دېگەن بۇ نامنىڭ ئەسلى ئاتىلىشى قانداق؟ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان ئەلنىڭ ئورنى ھەقىقەتەن ھازىرقى لوپنور ناھىيەسىنىڭ تەۋەسىگە توغرا كېلەمدۇ؟ مۇھىم مەسىلە مانا مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت.
     尉犁دېگەن بۇ نامنىڭ ئەسلى ئاتىلىشى ۋە مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان ئەلنىڭ ھازىرقى ئورنى ھەققىدە تەتقىقاتچىلاردىن سېن جوڭميەن، چېن گې، مېڭ فەنرېن، يۈ تەيشەن، لى شۇخۇي قاتارلىق ئەپەندىلەر كۆپ ئىزدىنىپ مۇھىم پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. جۈملىدىن  سېن جوڭميەن ئەپەندى بۇ نامنى Vairya  (ۋائىريە) دەپ تەلەپپۇز قىلغان بولۇپ⑤، بۇ ئېھتىمال 尉犁دېگەن خەتنىڭ  قەدىمكى ئوقۇلۇشى بۇيىچە قىلىنغان تەلەپپۇز بولسا كېرەك. يۈ تەيشەن ئەپەندى : « Vairya.... قەدىمكى ھىندى تىلىدىكى  Varya  (ۋاريا)بىلەن تەڭداش بولۇپ،... بۇنى‹سۇ كۆپ›دېگەن مەنىدە چۈشەنگىلى بولىدۇ،尉犁نىڭ ئوقۇلۇشى Varya بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن尉犁ئېلىنى ‹سۇلۇق ئەل›،尉犁شەھىرىنى ‹سۇلۇق شەھەر›دېگەندە، بۇ مەزكۇر جاينىڭ ئەھۋالىغا دەل ماس كېلىدۇ»دەپ قارىغان⑥.  لى شۇخۇي ئەپەندى بولسا 尉犁 نى ئوغۇزلارنىڭ ئۇرەگىر (يۈرەگىر ) قەبىلىسىنىڭ نامىدىن كەلگەن دەپ قارىغان بولۇپ⑦، بۇنى يەنىمۇ دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنام بىلەن ئاتالغان ئەلنىڭ ۋە ئۇنىڭ مەركىزىنىڭ ھازىرقى ئورنى توغرىسىدىمۇ ئوخشاشمىغان قاراشلار مەۋجۇت. بۇ توغرىدا يەنىلا سېن جوڭمىيەن ئەپەندى ۋە چېن گې ،مېڭ فەنرېن ئەپەندىلەرنىڭ تەتقىقاتلىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
     سېن جوڭميەن ئەپەندى«‹خەننامە›دىكى ‹غەربىي يۇرت تەزكىرىسى› ئۈستىدە جۇغراپىيەلىك شەرھ» دېگەن ئەسىرىدە ، «خەننامە»، «غەربىي يۇرتنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى»، «خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خەرىتىسى ئۈستىدە مۇھاكىمە»  قاتارلىق ئەسەرلەردىكى尉犁 ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلار ھەققىدىكى بايانلارنى سېلىشتۇرۇپ مۇلاھىزە قىلىپ، ئاخىرىدا  بۇ ئەلنىڭ مەركىزىنىڭ ئورنىنى ھازىرقى قاراشەھەر ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قالغائامان(خەنزۇچە ئاتىلىشى 紫泥泉)دەپ قارىغان⑧. چېن گې ئەپەندى بولسا «焉耆،尉犁،危须
ئەللىرىنىڭ مەركىزىي شەھىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە» دېگەن ماقالىسىدە، يەنىلا «خەننامە»، «غەربىي يۇرتنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى»قاتارلىق ئەسەرلەردىكى  尉犁 ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلار ھەققىدىكى بايانلارنى سېلىشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىي تەكشۈرۈپ ، ھازىرقى قاراشەھەر ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دەنزىل قەدىمكى شەھىرىنى (خەنزۇچە ئاتىلىشى四十里城子古城)قەدىمكى 焉耆(ئاگنى)ئېلىنىڭ مەركىزى دەپ قاراش ئاساسىدا ، «خەننامە»دىكى尉犁بىلەن焉耆نىڭ ئارىلىقىنىڭ يۈزچاقىرىم كېلىدىغانلىقى (بۇيەردە بۇ ئەللەرنىڭ مەركەزلىرىنىڭ ئارىلىقى كۆزدە تۇتۇلغان) ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، 尉犁ئېلىنىڭ مەركىزى بولغان 尉犁شەھىرىنىڭ ئورنىنى ھازىرقى كورلا شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا دەپ قاراپ، مۇنداق يازغان:«ئەمەلىي تەكشۈرۈشىمىز ۋە ۋەسىقىلەرنى سېلىشتۇرۇپ تەھقىقلىشىمىزگە ئاساسلانغاندا، 尉犁شەھىرىنى ھازىرقى كورلىنىڭ ئەتراپىدا دەپ قارايمىز...كورلىنىڭ ئەتراپىدا ھازىر ئىككى قەدىمكى شەھەر خارابىسى بار. بىرى شاقەلەندەر قەدىمكى شەھىرى (夏渴兰旦古城)دېيىلىدۇ،كورلىنىڭ جەنۇبىدىن تەخمىنەن ئالتە كېلومېتىر يىراقلىقتا...يەنە بىرى توۋرىچى قەدىمكى شەھىرى(托布里奇古城) دېيىلىدۇ... بۇ كورلىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 18 كېلومېتىركېلىدىغان توۋرىچى گۇڭشېسىدىن 100 مېتىر يىراقلىقتا...بۇ ئىككى قەدىمكى شەھەرنىڭ كۆلىمى ، چوڭ –كىچىكلىكىدىن قارىغاندا، شاقەلەندەر قەدىمكى شەھىرى بىر كىچىك ئەلنىڭ ، جۈملىدىن 尉犁ئېلىنىڭ مەركىزى بولۇشى مۇمكىن»⑨. ھالبۇكى، مېڭ فەنرېن ئەپەندى «尉犁 شەھىرى،焉耆  شەھىرى ۋە焉耆 قورغىنىنىڭ ئورنى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىسىدە، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش دوكىلاتلىرى ئاساسىدا قاراشەھەر ناھىيەسىدىكى دەنزىل قەدىمكى شەھىرىنى قەدىمكى焉耆(ئاگنى)ئېلىنىڭ مەركىزى دەپ قارىمايلا قالماستىن ،尉犁ئېلىنىڭمۇ مەركىزى ئەمەس دەپ قارىغان ھەم  尉犁شەھىرىنىڭ ئورنى ھەققىدە مۇنداق يەكۈن چىقارغان: «شىكشىن   ( 七格星))ھازىرقى قاراشەھەر ناھىيە بازىرىنىڭ تەخمىنەن 21 كېلومېتىر غەربىي جەنۇبىدا، قالغائاماننىڭ تەخمىنەن 13 كېلومېتىر غەربىي شىمالىدا بولۇپ، بۇ يەردە ئىككى قەدىمكى شەھەر خارابىسى بايقالدى... شىكشىننىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 1.5كېلومېتىر كېلىدىغان قەدىمكى شەھەر خارابىسى بۇرۇندىن شىكشىن قەدىمكى شەھىرى(七格星古城))دەپ ئاتالغان... ئومۇمەن شىكشىن ئەتراپىنىڭ ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتى، شىكشىن قەدىمكى شەھىرىنىڭ ھالىتى، دەۋرى ۋە ئۇنىڭ تۆمۈرقاپقا ( 铁门关، ھازىرقى باشئەگىم ) بىلەن بولغان قاتنىشى ھەم مۇساپىسى، بۇ قەدىمكى شەھەر بىلەن شىمالدىكى قايدۇ دەرياسى بويىدىكى  قەدىمكى شەھەر توپىنىڭ ئارىلىقى قاتارلىق ئەھۋاللاردىن ھۆكۈم قىلغاندا،شىكشىن قەدىمكى شەھىرى دەل  尉犁 شەھىرىنىڭ ئورنى بولۇشى مۇمكىن»⑩. ئۇ 尉犁 شەھىرىنىڭ ئورنىنى مۇشۇنداق بېكىتكەندىن كېيىن ، مۇشۇ ئاساستا ئوخشاشلا «خەننامە»دىكى尉犁بىلەن焉耆نىڭ ئارىلىقىنىڭ يۈز چاقىرىم كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلىنىپ،قەدىمكى 焉耆(ئاگنى)ئېلىنىڭ مەركىزىنى قاراشەھەر ناھىيە بازىرىنىڭ تەخمىنەن 61 كېلومېتىر غەربىگە توغرا كېلىدىغان جەنۇبىي ۋە شىمالىي قارامۇدۇن قەدىمكى شەھىرى(哈拉木登古城)دەپ قارىغان. 尉犁ئېلىنىڭ ۋە مەركىزىنىڭ ئورنى ھەققىدە مۇشۇنداق ئوخشاشمىغان قاراشلار بولغانلىقتىن، فېڭ جىۋېن قاتارلىقلار تۈزگەن «غەربىي يۇرت يەر ناملىرى لۇغىتى»دىمۇ: «尉犁، بۇ ئەلنىڭ ئورنى ھازىرقى قاراشەھەر ناھىيەسى تەۋەسىدە، ئەنگىلىيەلىك سىتەيىن بولسا ئۇنى ھازىرقى لوپنورناھىيەسى تەۋەسى شۇ دەپ قارىغان»، «بۇ ئەلنىڭ مەركىزى بىر بولسا ھازىرقى قاراشەھەرناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قالغائاماندا، بىر بولسا ھازىرقى كورلا شەھىرىنىڭ تەخمىنەن 30 كىلومېتىر شەرقىي شىمالىدىكى تاشدەندە دەپ قارىلىدۇ»دېيىلگەن ⑾.

    دېمەك، يۇقىرىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكرى بۇيىچە قارىغاندا، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى 尉犁 ئېلىنىڭ مەركىزىنىڭ ئورنى ھازىرقى قاراشەھەر ناھىيەسى تەۋەسىدىكى قالغا ئامان، بۇيەرنىڭ يېنىدىكى شىكشىن قەدىمكى شەھىرى ۋە كورلا شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى شاقەلەندەر قەدىمكى شەھىرىدىن ئىبارەت ئۈچ جايغا مەركەزلىشىدۇ(تۆۋەندىكى خەرىتىگەقاراڭ). ئۇنداقتا، بۇ ئۈچ جاينىڭ قايسىسى قەدىمكى尉犁شەھىرىنىڭ ئورنىغا ئەڭ ماس كېلىدۇ؟ بۇنىڭدا يەنىلا قەدىمكى ئەسەرلەردىكى خاتىرىلەرنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىش ۋە چۇڭقۇرلاپ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش  ئاساسىدا يەكۈن چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما قانداقلا بولسۇن، ھازىرقى لوپنور ناھىيەسىنىڭ ئورنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ جايدىن خېلىلا يىراق بولۇپ، مۇشۇ ئۈچ جاينىڭ ئىچىدىكى ئەڭ جەنۇبتىكى شاقەلەندەر قەدىمكى شەھىرىمۇ ھازىرقى لوپنور ناھىيە بازىرىغا تەخمىنەن 50 كېلومېتىر كېلىدۇ.مۇشۇنى كۆزدە تۇتقاندا، 尉犁دېگەن بۇ خەنزۇچە نامنىڭ 1914-يىلى لوپنورناھىيەسىگە قۇيۇلۇشى توغرا بولمىغان. بۇنى بەلكىم شۇ يىللاردىكى دەرھال خەنزۇچە نام بېكىتىش زۆرۈرىيىتىدىن خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىخنامىلەردە خاتىرىلەنگەن   尉犁 ئېلىنىڭ ئورنىنى ئېنىق تەكشۈرۈپ بېكىتمەيلا بۇ نامنى لوپنورناھىيەسىگە قۇيۇشتىن كېلىپ چىققان دەپ چۈشىنىش مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا،   尉犁دېگەن بۇ  نامنىڭ  لوپنور ناھىيەسىگە قۇيۇلۇشى ۋە ھازىرغا قەدەر بۇ ناھىيەنىڭ خەنزۇچە نامى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى خەنزۇچە تارىخنامىلەردىكى بايانلارغا زىت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بۇ يۇرتنىڭ  تارىختىكى نامىغا ۋە ھازىرقى ئۇيغۇرچە نامىغىمۇ زىت. شۇڭا ، لوپنور ناھىيەسىنىڭ تارىخىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئەڭ ياخشىسى بۇ يۇرتنىڭ يېقىنقى زاماندىكى ھەم ھازىرقى ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى بولغان «لوپنور» نامىنىڭ خەنزۇچىسىنى ،جۈملىدىن 1700-يىللارنىڭ دەسلىپىدىكى خەنزۇچە ماتېرىياللاردا كۆرۈلىدىغان «罗布诺尔 »نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ـــــ مۇھىم ۋە تەخىرسىز مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.


پايدىلانمىلار:
① غالىپ بارات ئەرك: «لوپلۇقلار، قاراقوشۇنلۇقلار،ئابداللار ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇقۇم دائىرىسى توغرىسىدا»، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژورنىلى 2014-يىل3-سان (ئومۇمىي 198-سان)

鲁靖康:清代新疆行省体制下政区建置的几个问题西域研究2014年第2
于维诚:新疆建置沿革与地名研究,新疆人民出版社,1986年,第5152
陈世明,吴福环主编:《二十四史两汉时期西域史料校注》,新疆大学出版社,2003年,第446页④
岑仲勉:汉书西域传地理校注,中华书局,1981年第12004年第2次印,第565
余太山:两汉魏晋南北朝正史西域传研究,中华书局,2003年,第418
李树辉:《尉犁地名和柔然源流考》,收入《丝绸之路与文明的对话》,新疆人民出版社,2007年,73页⑦
岑仲勉:汉书西域传地理校注,中华书局,1981年第12004年第2次印,第565
陈戈:焉耆尉犁危须都城考西北史地1985年第2
孟凡人:尉犁城、焉耆都城及焉耆镇城的方位中国边疆史地研究1991年第1
冯志文等编著:《西域地名词典》,新疆人民出版社,2002年,582页⑾

( تۆۋەندىكىسى چېن گې ئەپەندىنىڭ ماقالىسىدىكى焉耆،尉犁،危须نىڭ ئورنى كۆرسىتىلگەن خەرىتە، ئۇ بۇ خەرىتىدە 四十里城子古城نى قەدىمكى 焉耆ئېلىنىڭ مەركىزى دەپ،  夏渴兰旦古城نى  尉犁ئېلىنىڭ مەركىزى دەپ قارىغان. مېڭ فەنرېن ئەپەندى بولسا七格星古城نى尉犁ئېلىنىڭ مەركىزى دەپ،哈拉木登古城نى焉耆ئېلىنىڭ مەركىزى دەپ قارىغان )

clip_image002.jpg
uyghuray

2

تېما

6

دوست

5830

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   16.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22034
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1794
توردىكى ۋاقتى: 601
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-26 10:33:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگەن پادىشاھلىق بولغاچقا، ھۆكۈمەت شىنجاڭنى مۇستەھكەم ئىدارە قىلىش ئۈمىدىنى يۈكلىگەن ئاساستا ئەسلىدىن بار بولغان يەرناملىرىنى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى يەر ناملىرىغا ئۆزگەرتكەن

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   40.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1996
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6397
توردىكى ۋاقتى: 1677
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-26 11:35:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir107 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-26 16:02  

بۇمۇ بىر تاكتىكا ئىكەن.لوپنۇر دېگەن ئىسىمنىڭ خەنچە نامىنى ئۇيغۇرچە ئاھاڭ تەرجمىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشنى مەنمۇ قوللايمەن. يەنە بىرسى ئاقسۇ توقسۇ ناھىيىسى نامىنىمۇ توقسۇنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بۇيىچە قوللانساق دەپ قارايمەن. بۇ شىنخى دېگەن سۆزنىڭ ھېچقانداق تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى يوق  .يەنى گۇڭشې دېگەن سۆزمۇ بىزدە بولغان سۆز ئەمەس. بۇمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆزلەشكەن سۆز. بۇنى يېزا دېسەك بۇلىدۇ دەپ قارايمەن.

0

تېما

32

دوست

3240

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34230
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 998
توردىكى ۋاقتى: 203
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-26 18:40:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
尉犁  بۇ خەت ۋېي لى (wei li) دېگەن خەتقۇ نېمىشقا يۈلى دەپ ئالدىڭىز؟
uyghuray

ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ!

0

تېما

4

دوست

7973

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   59.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18936
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 2464
توردىكى ۋاقتى: 613
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-27 13:31:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جوڭگولۇقلار بولۇپمۇ خەنزۇلار نىمە ئۇچۇن دولەت،يەر ۋە ئادەم ئىسىملىرىنى ئۆز ئەسلى ئىسمى بويىچە ئاتىماي  باشقا ئىسىم بويىچە ئىسىم قويۇپ ئاتايدۇ؟ دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەردىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋاللار مەۋجۇتمۇ؟
ماسىلەن ئامىركىنى- مەيگو.......قاراقۇرۇم-كۇنلۇن.......قۇمۇلنى -خامى....................

يوق

14

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27688
يازما سانى: 1457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3468
توردىكى ۋاقتى: 901
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-27 20:28:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sultan777 يوللىغان ۋاقتى  2015-8-27 13:31
جوڭگولۇقلار بولۇپمۇ خەنزۇلار نىمە ئۇچۇن دولەت،يەر ۋە  ...

4

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 763
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 2884
توردىكى ۋاقتى: 657
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-8-28 12:20:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خۇددى مەلۇم بىر جاينى كولاپ شۇ يەرگە مەلۇم بىر نەرسىنى كۆمۈپ قويۇپ ئوتتۇز يىلدىن كېيىن يەنە كولاپ ئېلىۋالغاندەكلا بىر ئىش . ئەجەپلەنمەڭ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )