- تىزىملاتقان
- 2015-9-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-9-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 146
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
48.67%
|
دوسلار،مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيىرلىك بولسۇن،ئاۋال ھەممىڭلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،ئائىلەڭلەرگە بەخىت،تۇرمۇشۇڭلارغا بەخىت ئامەت يار بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.مۆتىۋەر كىيىملىرى شىكىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يىجارىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.سۆزۈمنى قەيەردىن باشلىشىمنى نېمە دەپ باشلىشىمنى تازا بىلەلمىدىم،ئەيىپ كۆرمىگەيسىلەر:
7.ئاينىڭ 17.كۈنى(ئەتە روزا ھېيىت دېگەن كۈنى)مەن ۋە ئايالىم ئىككىمىز ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ھېيىت تەييارلىقى قىلغلى بازارغا چىقتۇق.بازار ئارىلاۋېتىپ ئۆزەمگە بىر ئاياغ سېتىۋېلىش مەقسىتىدە مۆتىۋەر شىركىتىنىڭ مەكىت ناھىيىسىدىكى تارماق دۇكىنىغا كىردۇق،دۇكانغا كىرىپ يېڭى كەلتۈرگەن ماللارنى كۆردۇق ۋە يارىغان ئاياغدىن بىرنى(سىرتلان ماركىلىق) تاللاپ سېتىۋېلىش مەقسىتىدە دۇكان ئېگىسىدىن ماڭا كېلىدىغان رەزمىسىنىڭ باريوقلۇقىنى بولسا بىر جۈپ ئېلىپ بېرىشىنى ئېيتتۇق،كىم بىلسۇن دەيسىز بۇ كىشى(ئىسمىنى تىلغا ئالغىم يوق)ھۆل تامغا ئېشەك تەپكەندەكلا ئالسىڭىز ئېلىپ چىقىپ بېرەي،بولمىسا .....دەپ بىرمۇنچىكا قايناپ كەتتى،ئەر -ئايال ئىككىمىز تۇرۇپلا قالدۇق،ئادەملەر ناھايىتى كۆپ،بەزىلىرىنىڭ كۆزى بىزدە،مەن باشقا ئىپادە بىلدۈرمەي ئاياغنىڭ باھاسىنى سورىدىم،دۇكاندار ئاياغنىڭ باھاسىنىڭ 480يۈەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى،مەن دەرھال 500يۈەننى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويدۇم،بوپتۇ ئالدىرىراشچىلىقتا چېچىلىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ.ئاياغنى ئېلىپ چىقتى،بىز ئاياغنى ئېلىپ ئۆيگە قايتتۇق.ھېيتمۇ ئۆتتى،ئارىلىقتىن 17 كۈن ئۆتكەندە ئاياغ يان تەرەپتىن سۆكۈلۈپ ئاجراپ كەتكىلى تۇردى،ئەھۋالنى ئېيتقىلى دۇكانغا كىرسەم ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش،پوزىتسىيە ئىنتايىن قوپال.ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بىزنىڭ مىللىي كىيىم كېچەكلىرىمىز كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى،بۇنىڭغا كۆز يۇممايمىز ئەلۋەتتە،لېكىن يۇقارقى ئەھۋال مېنى بىرخىل غەيرىي قىلىپ قويدى،شۇڭا مەزكۇر شىركەت بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشالمىغاچقا ئۆز تەكلىپ پىكىرمنى باغداش تورى ئارقىلىق يەتكۈزۈشنى توغرا تاپتىم
1.ۋاكالەتچىلەرنى تاللىغاندادىققەت قىلساڭلار،چۈنكى ئۇلار ھەرقايسى يۇرتلاردا سىلەرگە ۋاكالىتەن تىجارەت قىلىدۇ،بۇ سىلەرنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىڭلارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
2.ماللىرىڭلارنىڭ سۈپىتىگە شۇنداقلا ۋاكالەتچى ساتقان ماللارنىڭ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بەرسەڭلار،چۈنكى خېرىدار مەيلى قايسى خىل مال سېتىۋالمىسۇن مۆتىۋەر مەخسۇس دۇكىنىدىن سېتىۋالغان ماللار.
3.سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتكە ئەھمىيەت بەرسەڭلار،بۇنداق بولغاندا سىلەرنىڭ جەمىيەتتىكى ئىناۋىتىڭلار تېخىمۇ ئاشىدۇ، جىق گەپ قىلىپ قويدۇم،تەكلىۋىمنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى تازا بىلەلمىدىم،بولسا شىركەتتىكىلەر بىلەن ئالاقىلاشقىدەك بىر پۇرسەت بولسا،
ئامان بولسۇن!
|
|