قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 6723|ئىنكاس: 28

گرامماتىكىدىن چۈشەنچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

0

دوست

749

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   49.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32729
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 230
توردىكى ۋاقتى: 43
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-3 12:30:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىردان  ئوقۇغۇچىلىرىم مەن بۇيىل81ياشقاكىرىپ،نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئىملاسىداخاتالىقنىڭ نۇرغۇنلىقىنى كۆردۆم.بۇنىڭ ئاساسى سەۋەبى گرامماتىكىنى ئەدىبىياتقائارىلاشتۇرۋەتكەندىن دەپ تونۇپ، جاپا تارىتساممۇ ، سىنتاكسىس بىلەن تېنىچ  بەلگۆلەرنى  قىسقىغىنە  كۆرگۆزۈپ  قويدۇم ، ئاز – تولا پايدىلىنارسىلەر؟
سىنتاكس
سىنتاكىسىس    توغۇرسىدا   ئومۇمى   چۈشەنچە :              
سىنتاكسىس گرېكچە سۆز  بولۇپ ، تىلىمىزدا ‹‹ قۇرۇش›› ياكى ‹‹تۈزۈش>> دېگەن مەنىدە . گرامماتىكىدا بولسا  جۈملە تۈزەش ھەققىدىكى قائىدە- قانونىيەتلەرنىڭ    يىغىندىسى دېگەن مەنىدە قوللۇنىلىدۇ .
سىنتاكسىس _ سۆزبىركمىسى ۋە جۈملە تۈزۈلىشى ھەققىدىكى قائىدە- قانونىيەتلەرنىڭ يىغىندىسى ھەم گرامماتىكىنىڭ موھىم بىر قىسمى بولۇپ، ئۇ سۆزبىرىكمىسى ۋە جۈملە ھەققىدىكى ئىلىمدۇر.
  سىنتاكسىس جۈملىدە سۆزلەرنىڭ باغلىنىشى، مۇناسىۋىتى، جۈملەبۆلەكلىرى ،جۈملىنىڭ مەنە ۋەتۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى قاتارلىق قائىدە-قانۇنىيەتلەرنى؛  جۈملىدەسۆزلەرنى ئۆزئاراباغلايدىغان سىنتاكسىسلىق ئامىل ۋە سىنتاكسىسلىق ئۇسۇللارنى ؛سىنتاكسىسلىق سۆزبىرىكمىلىرى ۋەجۈملىنى تۈرلەرگە بۆلۈشنىڭ ئۆلچىمى ۋە جۈملە تۈرلىرى ھەققىدىكى قائىدە- قانۇنىيەتلەرنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيىكتى قىلىدۇ. بۇئارقىلىق يېزىق ۋە جانلىق تىلدىكى ئوي- پىكىرنى توغرا، ئىخچام ،ئىنىق ۋە راۋان ئىپادىلەشكە ئىمكانىيەت يارتىپ بېرىدۇ.
     مەسىلەن: ئابدۇكېرىم ئۇياق- بۇياققا ئويغۇنىپ قاراپ قويدى-دە،ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى.
     بۇ مىسالدىكى «ئۇياق-بۇياققا »دېگەن سۆز ئۆزى ھالىتىنى بىلدۈرۈشكە تېگىشلىك «قاراپ قويدى» دىگەن خەۋەرنىڭ ئالدىدا كەلمەي، «ئويغىنىپ»دېگەن سۆزنىڭ ئالدىدا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئوي-پىكىرنى تەرتىپسىزلەشتۈرۈپ قويغان .بۇجۈملىنى مۇنداق تۈزگەندەئوي-پىكىر تەرتىپلىك ۋە توغرا بولىدۇ.
     ئابدۇكېرىم ئويغىنىپ ، ئۇياق –بۇياققا قاراپ قويدى –دە، ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى .
   2-جۈملە ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى
  جۈملە –سىنتاكسىسنىڭ ئەڭ مۇھىم تەتقىقات ئوبىيېكتى.سىنتكسىسنى  جۈملە  ھەققىدىكى  ئىلىم  دېيىشكە بولىدۇ .  سىنتاكسىسنىڭ  ئاساسى ۋەزىپىسى  __  ئاددىي  ۋە  قوشما جۈملىگە  ئائىت قائىدە -  قانۇنىيەتلەرنى  يورۇتۇپ  بېرىدۇ.
  جۈملە سۆزياكى  سۆز بىرىكمىلىرىدىن  تۈزۈلىدۇ  .  بەزىدە  بىر سۆزمۇ  ئۆز ئالدىغا  جۈملە  بولالايدۇ.  يەككە سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسىدىن تۈزۈلگەن جۈملىنىڭ  ئاياغلاشقان  ئوي – پىكىرنى ئىپادىلىشى ،  ئۇنىڭ  ئالدى – كەينىدىكى باشقا جۈملىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك .  مەسىلەن :  يېرىم كىچە ، تىمتاس.  دەرەخلىك ئارىسىدىن  بىر ئادەم ئوغرىدەك  تىمىسقىلاپ چىقىپ  كەلدى .
     بۇ مىسالدىكى ‹‹  يېرىم كىچە ››  دېگەن  سۆزبىرىكمىسى ‹‹ ۋاقىت  يېرىم كېچە  ئىدى ››  دېگەن مەنىنى  ،  ‹‹تىمتاس››  سۆزى  ‹‹ ھەممە ياق تىمتاس ئىدى ››   دېگەن مەنىنى ئىپدىلەيدۇ . شۇڭا ئۇلار  ئۆز ئالدىغا  جۈمە  بولالىغان.
  جۈملە __ سۆزلىگۈچىنىڭ  ئاياغلاشقان ئوي – پىكرىنى بىلدۈرىدىغان  تىل بىرلىكىدۇر .
جۈملە تۆۋەندىكىدەك  ئالاھىدىلىكلىرى  ئارقىلىق ،  سۆز ۋەسۆز بىرىكمىلىرىدىن پەرقلىنىدۇ.
  1__ جۈملە  ئاياغلاشقان مەلۇم  بىر ئوي-  پىكىرنى ئىپادىلەيدۇ.  ئۇ سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ مەلۇم سىنتاكسىسلىق قائىدە-  قانۇنىيەتلەر  بۇيىچە  بىرىكىشىدىن  ھاسىل بولىدۇ.  سۆزۋە سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ  ئۆزئارا  سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋىتىدىن  تۈزۈلگەن جۈملە ئوي- پىكىرنى  ئىپادىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم تىل  بىرلىكى ھېساپلىنىدۇ.
  2__  جۈملە خەۋەر بىلەن ئىگىنىڭ سىنتاكسىسلىق  باغلىنشىدىن ھاسىل بولغان بايانىي مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەيدۇ.  . بۇنداق مۇناسىۋەت  بولمىسا  جۈملە  بولالمايدۇ.  بۇ مۇناسىۋەت بەزىدە ئاشكارە ئىپادىلەنمەيدۇ مەسىلەن ، ‹‹كېتىۋاتىمەن ،  تېنىم كۋتىۋاتىدۇ ، خۇددى روھىم  تېنىمدىن  ئاجراپ  كەتكەندەك ...›› ئۇلارنىڭ مەنىسىدىن  خەۋەر بىلەن ئىگىنىڭ  سىنتاكسىسلىق  باغلىنىشىدىن ھاسىل  بولغان  بايانىي  مۇناسىۋەت  يوشۇرۇن  ئىپادىلىنىپ  تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ جۈملىلەرنى  مەنتىقىي  جەھەتتىن ‹‹مەن كېتىۋاتىمەن ، خۇددى روھىم تېنىمدىن  ئاجراپ  كەتكەندەك تېنىم  كېتىۋاتىدۇ ›› دېگەن مەنىدە ياكى ‹‹مەن  كېتىۋاتىمەن ،  تېنىم كېتىۋاتىدۇ ،  خۇددى روھىم  تېنىمدىن ئاجراپ كەتكەندەك قىلاتتى. ›› دېگەن مەنىدە بولىدۇ.
  3__ ھەر قانداق جۈملە ئۆزىگە خاس  ئىنتوناتسىيە بىلەن ئېيتىلىدۇ .  مەيلى بىر سۆزدىن ياكى  بىر قانچە  سۆزدىن ۋە ياكى سۆز بىرىكمىسىدىن تەركىپ تاپقان بولسۇن ،   تاۋۇش  رېتىمى  جەھەتتىن بىر بىرلىك  ھاسىل قىلىپ ،  ئەتىراپتىكى  باشقا جۈملىلەردىن  پائۇزا ئارقىلىق  ئايرىلىپ تۇرىدۇ.  چۈنكى،  ھەر بىر ئوي – پىكىر  ئاياغلاشقاندا ،  تاۋۇش سەل- پەل ئۈزۈلۈپ ،  دەم  ئېلىنىدۇ ،  ئۇنىڭدىن كېيىن  ئىكىنچى جۈملە باشلىنىدۇ.
3-جۈملە تۆت تۇرگە بۆلىنىدۇ :
1.خەۋەر جۈملە
  شەيئى ، ئىش – ھەرىكەت ياكى ۋەقە-ھادىسە ھەققىدىكى ئوي-پىكىرلەرنى بايان تەرىقىسىدە ئىپادىلىگەن جۈملىلەر ــ خەۋەر جۈملە دېيىلىدۇ .
مەسىلەن :
مېنىڭ ھايات ياشاشتىكى مەقسىتىم باشقىلارنى تېخىمۇ گۈزەل ھاياتقا ئېرىشتۈرۇشتىن ئىبارەت .
2. سوئال جۈملە
  بىرەر نەرسە ، ۋەقە- ھادىسە ياكى بىرەر ئىش –ھەركەت توغۇرسىدىكى ئوي-پىكىر سوئال تەرەقىسىدە ئىپادىلەيدىغان جۈملە ــ سوئال  جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ .
  مەسىلەن :
ــ بۇ يەرنى نېمە قىلسام بولىدىكىن ؟ ئالىدىغان خېرىدار بولسا ، سېتىپ راسا ياغ چاينىۋالايمىكىن – تاڭ ؟
سوئال جۈملىلەر ئىپادىلىگەن مەزمۇنىغا قاراپ ، تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ :
1)   ئوچۇق سوئال جۈملە
بىرەر ئىشنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىق ، ئەينەن بىلىش مەقسىتىدە ئېيتىلغان سوئال جۈملە ــ ئوچۇق سوئال جۈملە دېيىلىدۇ .
مەسىلەن :
    يەكشەنبە كۈنى ئۆيىڭىزگە بارامسىز؟ كىنو كۆرەمسىز ياكى ئىمتىھانلارغا تەييارلىق قىلامسىز ؟
2)  گۇمانىي سوئال جۈملە
گۇمانىي مەسىلىلەرنى ئېنىقلاش مەقسىتىدە ئېيتىلغان سوئال جۈملە ــ گۇمانىي سوئال جۈملە دېيىلىدۇ . مەسىلەن : نېمىگە ئاساسلىنىپ شۇنداق دەيسىز ؟  مۇئەللىم مېنى تەنقىدلەپ كېتەرمۇ ؟  ئانا ، سومكىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ بېرەيمۇ ؟  

3)قارشىلىق سوئال جۈملە
*************** سورالغان سوئالغا سوئال شەكلى بىلەن جاۋاب بېرىلگەن سوئال جۈملە ــ قارشىلىق سوئال جۈملە دېيىلىدۇ .  مەسىلەن :  ــ كىچىكىنە بالىلارنى نېمىشقا ئۇرىسەن ؟  بىكار چېقىلسا ، نېمىشقا ئۇرمىغۇدەكمەن ؟   ــ پاھ ، سەن قالتىس ئادالەتچى سوراقچىكەنسەنغۇ ؟
4) ئۈندەش سوئال جۈملە                                      
     ھەم سوئال ، ھەم ئۈندەش مەزمۇندىكى ئوي – پىكىرلەرنى ئىپادىلەيدىغان سوئال جۇملە ــ ئۈندەش سوئال جۈملە دېيىلىدۇ .     ئۈندەش سوئال جۈملىنىڭ ئاخىرىغا سوئال بەلگىسى بىلەن ئۈندەش بەلگىسى تەڭ قويۇلىدۇ . مەسىلەن گۆھەرنى تاش ئورنىدا ساتقانمۇ بارمۇ ؟!ئەمدى ئۆزۈڭنى بىلىۋالساڭ بولارمىكىن ؟!  قاچانغىچە چوڭ بولمايدىغان نېمىسەن !؟
5)  تەسۋىرىي سوئال جۈملە
  ****************
   باشقىلاردىن جاۋاب تەلەپ قىلمايدىغان ، جاۋابى ئۆزىدىن بىلىنىپ تۇرىدىغان سوئال جۇملە ــ تەسۋىرىي سوئال جۈملە دېيىلىدۇ .  مەسىلەن :      ... سىلەر جەڭچىلىرىمىزنى سۆيۇملۈك ئەمەس دەپ ئېيتالامسىلەر ؟ سىلەر ۋەتىنىمىزدە پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ئەنە شۇنداق قەھرىمانلار يوق دەپ ئېيتالامسىلەر ؟  سوئال جۇملىلەر تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە : سوئال جۈملىلەر سوئال ئاھاڭى بىلەن ئېيتىلىدۇ . سوئال جۈملىلەر ، ئادەتتە ، سوئال ئالماشلىرى ( كىم ، نېمە ، قانداق ، قانچە ، قانچىنچى ، قەيەردە ،قەيەر ، نېمىدە ، قايسى ، قاچان ... ) ۋە سوئال ئۇلانمىلىرى ( ما ، مۇ، دۇ، غۇ، چۇ، ھە ... ) ئارقىلىق تۈزۈلىدۇ ، لېكىن سوئال ئۇلانمىلىرى بىلەن سوئال ئالماشلىرى ئۇلانمايمۇ سوئالنى ئىپادىلەيدىغان سوئال جۈملىلەر بار . شۇنىڭدەك ، بۇخىل ئامىللار بولغان بەزى جۈملىلەر سوئال مەزمۇنىنى ئىپادىلىمەسلىكى مۇمكىن ، مەسىلەن : ــ دادا نېمىكەن ئۇ ؟ ــ پۇل . ــ پۇل ؟  
3. ئۈندەش جۈملە
***********
  تۈرلۇك ھېسىياتلىق پىكىرلەرنى ئىپادىلەيدىغان جۈملىلەر ــ ئۈندەش جۈملە دېيىلىدۇ . مەسىلەن :       مەن ئۇنىڭ ئوچۇق چىرايىغا ، كۈلۈمسىرىشىگە قانچىلىك تەشنا ئىدىم – ھە !
  4-. بۇيرۇق جۈملە
بۇيرۇق ، ئۆتۈنۈش ، تىلەك ، شوئار ، چاقىرىق ، ئۈمىد ، مەسلىھەت مەزمۇندىكى ئوي – پىكىرلەرنى ئىپادىلەيدىغان جۈملىلەر ــ بۇيرۇق جۈملە دېيىلىدۇ . بۇيرۇق جۈملىلەر ئىپادىلەيدىغان مەنىسىگە قاراپ، تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بۆلۈندۇ: ئېنىق بۇيرۇق جۈملەئېنىق بۇيرۇق جۈملە سۆزلىگۈچىنىڭ مەلۇم ئىشىنى ئىشلەش ياكى ئىشلىمەسلىك توغرىسىدا تەلەپ قويغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ . مەسىلەن: ساڭا دەپ قوياي ، مەن بۇنداق تېتقسىز ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن ! ئۆتۈنۈش ،تىلەك مەنىسىدىكى بۇيرۇق جۈملەمۇنداق بۇيرۇق جۈملىلەر سۆزلىگۈچىنىڭ مەلۇم ئىشنى قىلىش ياكى قىلماسلىق توغرىسىدا باشقىلارغا ئۆتۈنۈش قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.مەسىلەن: ياخشىراق ئويلۇنۇپ، ئاندىن بىر نېمە دەرسىز . ئېغىر كۆرمەي ،بۇ نەرسىنى ئالغاچ كەتسىڭىز . شوئار –چاقىرىق مەنىسىدىكى بۇيرۇق جۈملە     مۇنداق جۈملىلەر سۆزلىگۈچىنىڭ مەلۇم ئىشنى باشقىلاربىلەن ئورتاق ئىشلەش ياكى ئىشلىمەسلىك ھەققىدىكى مۇراجىئىتىنى ئىپادىلەيدۇ.     مەسىلەن:     پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى ،بىرلىشىڭلار! مەسلىھەت مەنىسىدىكى بۇيرۇق جۈملەمۇنداق بۇيرۇق جۈملىلەر سۆزلىگۈچىنىڭ مەلۇم ئىشنى قىلىش ياكى قىلماسلىق ھەققىدىكى مەسلىھىتىنى ئىپادىلەيدۇ .مەسىلەن: ئۆزىڭىز ياخشىراق ئويلىنىپ بېقىڭ!
  4 __  ئاددى جۈملە
  جۈملە  مەنە جەھەتتىن ھەرخىل بولۇپلا قالماستىن ،  بەلكى تۈزۈلىشى جەھەتتىنمۇ ھەرخىل بولىدۇ . بەزى جۈملىلەر يەككە ئوي – پىكىرنى ئىپادىلىسە ، يەنە بەزى جۈملىلەر ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن  پىكىرنى ئىپادىلەيدۇ.  بۇ ئەھۋالغا ئاساسەن،  تىلىمىزدىكى جۈملىلەر ئاددىي ۋە قوشما جۈملە دېگەن ئىككى  چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ.  سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىدىن  تۈزۈلۈپ ، ئاياغلاشقان يەككە ئوي – پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان  جۈملە __  ئاددىي جۈملە  دېيىلىدۇ.   مەسىلەن :  ئوقۇتقۇچى __ ئادەم روھىنىڭ ئىنژېنېرى .  ئۆزۈمنى كۈندە  ئۈچ قېتىم تەكشۈرىمەن . ئاددىي جۈملىنىڭ ئەڭ  مۇھىم خۇسۇسىيىتى شۇكى ، ئۇ بىر مەركەزلىك بولىدۇ. يەنى ئىگە- خەۋەرلىك مۇناسىۋەت ئىپادىلەنگەن بىر مەركەزدىن تەشكىل تاپقان بولىدۇ. شۇڭا مۇشۇ خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان  يەككە سۆز ياكى  سۆز بىرىكمىسىمۇ  ئاددىي جۈملە بولالايدۇ .  مەسىلەن : كوچىغا چىقىشىم بىلەن چوڭ – كىچىك ، قېرى- ياش ھەممىسى  مېنى ئورىۋېلىشتى.  ھېلى  ئو  ، ھېلى بۇ: نېمە بوپتۇ؟ساقايغىدەكمۇ؟ نېمە قىلدىڭىز ئۇنى؟  تۇغقىدەكمۇ ؟ __ دېگەندەك  سوئاللارنى  ياغدۇرىۋەتتى ، بۇ مىسالدىكى‹‹نېمە بوپتۇ؟›› ، ‹‹ساقايغىدەكمۇ؟ ›› ، ‹‹نېمەقىلدىڭىزئۇنى؟›› ، ‹‹  تۇغقىدەكمۇ؟››  دېگەنلەرنىڭ ھەربىرى  بىر ئاددىي  جۈملىدۇر.  چۈنكى، ئۇلار‹‹ ئۇ نېمە بوپتۇ؟››،‹‹ئۇساقايغىدەكمۇ؟›› ،‹‹ سىزئۇنى نېمە قىلدىڭىز؟››، ‹‹ئۇ تۇغقىدەكمۇ؟››  دېگەن ئىگە- خەۋەرلىك مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەيدىغان  بىر مەركەزدىن تەشكىل تاپقان.مۇنداق ئاددىي جۈملىلەرئەدەبىي ئەسەرلەردە  كۆپ ئۇچرايدۇ.  ئاددىي جۈملە__ نۇتۇقنىڭ ئەڭ كىچىك تەركىبىي قىسمى. ئۇ پىكىرشەكىللىرىنى  ئاددىي ۋە چۈشىنىشلىك  ئىپادىلەش ئارقىلىق ئۆز ئارا چۈشىنىش ، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز ئارا ئالاقە باغلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.  ئاددىي  جۈملە قوشما  جۈملىنىڭ تۈزۈلىشىدە بىردىنبىر   ئاساستۇر .  ھە ر قانداقبىر ئاددىي جۈملە  ئېغىزدا جۈملە ئىنتوناتسىيىسىگە ئىگە؛ يىزىقتا بولسا ، ھەربىر ئاددىي جۈملىنىڭ  مەنە ئالاھىدىلىكىكەقاراپ ، ئاخرىغا تېگىشلىك تىنىش بەلگىلىرى  قويۇلىدۇ.
5-جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ باغلىنىشى
1-   سىنتاكسىسلىق باغلىنىش : تىلىمىزدىكى سۆزلەر  مەلۇم سىنتاكسىسلىق باغلىنىشتا  كېلىپ،  سۆزبىركمىسى ھەم جۈملىنى ھاسىل  قىلىدۇ.  جۈملىدە سۆزلەرنىڭ ئەنە شۇنداق باغلىنىشى  سىنتاكسىسلىق باغلىنىش دېيىلىدۇ.  سۆزلەرنىڭ سىنتاكسىسلىق  باغلىنىشى  ئۈچ خىل بولىدۇ:                                                                                            1)   قاتارى باغلىنىش : بۇنىڭدا جۈملە ۋە سۆز بىرىكمىسى تەركىبىدىكى سۆزلەرئۆز ئارا قاتار باغلىنىپ كېلىدۇ.  بۇنداق باغلىنىش  دەرىجىلىك باغلىنىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل ،باھارنىڭ قەدىرىنى بىلمەس. جاپانى چەكمىگەن ئاشىق ،  ۋاپانىڭ قەدىرىنى بىلمەس.  2- سۆزبىرىكمىسى ۋەجۈملە بىرقانچە سۆز (ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆز) بىر سۆزگە ئورتاق باغلىنىپ كېلىدۇ.بۇنىڭدائورتاق باغلىنىدىغان  بىر قانچە سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسى بەزىدە بىرخىل ،بەزىدە ھەرخىل گرامماتىكىلىق شەكىلدە  كېلىدۇ .  مەسىلەن: ئۆسۈملۈكلەرباھار كېلىپ، ھاۋا ئىسىش بىلەنلا  بىخ چىقىرىشقا، ئۆسۈشكە، غۇنچىلاشقا باشلايدۇ. بىخچىقىرىش، ئۆسۈش،غۇنچىلاش، چېچەكلەش ، مېۋىلەش،  پىشىش ،  يوپۇرماق تاشلاش، ئۇيقا ھالىتىگە ئۆتۈشتەك  بۇخىل ئۆسۈش يېتىلىش رېتىمى ئىقلىم رېتىمى دەپ ئاتىلىدۇ.     يۇقۇرىقى  مىسالدىكى‹‹ بىخ چىقىرىشقا،  ئۆسۈشكە، غۇنچىلاشقان ›› دېگەن سۆز ۋەسۆزبىرىكمىسى ‹‹باشلايدۇ›› دېگەن سۆزگە ھەر خىل گرامماتىكىلىق شەكىلدە ئورتاق باغلىنىپ كەلگەن .  ‹‹ بىخ چىقىرىش،ئۆسۈش،غۇنچىلاش، چېۋەكلەش،  مېۋىلەش، پىشىش ، يۇپۇرماق تاشلاش ،  ئۇيقاھالىتىگە ئۆتۈش ›› دېگەنسۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرى ‹‹  ئۆسۈپ يېتىلىش رېتىمى ››  دېگەن مۇرەككەپ بىرىكمىگە ھەرخىل گرامماتىكىلىق  شەكىلدە ئورتاق باغلىنىپ  كەلگەن.-1  جۈملە  ۋە سۆزبىرىكمىسىدە بىرسۆز بىرقانچە سۆزگە ئورتاق باغلىنىپ كېلىدۇ. مەسىلەن:  بىزنىڭ ئارمىيىمىز بىلەن خەلقىمىز بىلىق بىلەن سۇدەك يېقىن.  بۇجۈملىدىكى‹‹بىزنىڭ››  دېگەن سۆز‹‹ ئارمىيىمىز›› ، ‹‹ خەلقىمىز›› دېگەن ئىككى سۆزگە ئورتاق باغلىنىپ كەلگەن.                                
  2-  سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋەت
   سۆزلەر  جۈملە ۋە سۆزبىركمىلىرى  تەركىبىدە ئۆز ئارا مەلۇم  سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋەتتە كېلىدۇ. مۇنداق مۇناسىۋەت ئىككى خىل  بولىدۇ .
1)تەڭداش مۇناسىۋەت  
**************
تەڭداش مۇناسىۋەتتىكى سۆزلەر ئارىسىدا  بېقىنىش  ۋە بېقىندۇرۇش خۇسۇسىيىتى بولمايدۇ . شۇڭا  بۇ خىل  مۇ ناسىۋەتتىكى  سۆزلەر بىر – بىرىنى  ئېنىقلىمايدۇ  ياكى تولۇقلىمايدۇ  ، بەلكى جۈملىدىكى  باشقا سۆزلەر  بىلەن ئېنىقلىنىپ  ياكى تولۇقلىنىپ كېلىدۇ ۋە ياكى جۈملىدىكى  باشقا سۆزلەرنى تەڭ دەرىجىدە ئېنىقلاپ ياكى تولۇقلاپ كېلىدۇ.  مەسىلەن :   ئۇ ئاسانلىقچە مىننەتدار  بولمايدۇ ھەم خاپىمۇ بولمايدۇ.
2)  بېقىندىلىق  مۇناسىۋەت :
  جۈملە ۋە سۆز بىرىكمىلىرىدىكى ئېنىقلىغۇچى بىلەن ئېنىقلانغۇچىنىڭ ،  تولۇقلىغۇچى  بىلەن  تولۇقلانغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى  ھەمدە جۈملىدىكى ئىگە بىلەن خەۋەرنىڭ مۇناسىۋىتى بېقىندىلىق مۇناسىۋەت ھېساپلىنىدۇ. مۇنداق مۇناسىۋەتتە  مۇناسىۋەتلەشكۈچى تەركىپلەرنىڭ بىرى  بېقىندۇرغۇچى (  يېتەكچى )  ،  يەنى  بىرى  بېقىنغۇچى  ( ئەگەشكۈچى  )  ھالىتىدە بولىدۇ.  مەسىلەن :  ئىلى دەريا ئۆركەشلەپ ئاقماقتا .
   بۇ جۈملىدە ئۈچ سىنتاكسىسلىق  سۆز بىرىكمىسى  بار.  
  ‹‹ ئىلى دەريا ›› ( ئېنىقلىغۇچى _  ئېنىقلانغۇچى ۋەزىپىسىدە كەلگەن)؛ ‹‹ ئۆركەشلەپ ئاقماقتا ››  (  ھالەت،خەۋەر ۋەزىپىسىدە  كەلگەن ؛ ‹‹  دەريا ئاقماقتا ›› ( ئىگە ، خەۋەرلىك  ۋەزىپىسىدە كەلگەن.
  3- سىنتاكسىسلىق يول
ئۇيغۇر  تىلىدا  جۈملە تەركىبىتكى سۆزلەرئۈچ خىل يول بىلەن ئۆزئارا سىنتا كسىسلىق باغلىنىش ۋە سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋەتتە  بولۇپ كېلىدۇ.
1) كېلىشىش ( ماسلىشىش )  يولى
  جۈملىدە سۆز ياكى سۆز بىرىكمىلىرى ئۆز ئارا  سان ۋە شەخس جەھە تتە  كېلىشىش يولى بىلەن  باغلىنىپ كېلىدۇ.  ئىگىلىك  كېلىشتە كەلگەن ئېنىقلىغۇچى بىلەن ئېنىقلانغۇچىنىڭ  ، ئىگە بىلەن خەۋەرنىڭ سىنتاكسىسلىق باغلىنىشى مۇشۇ يول بىلەن بولىدۇ . مەسىلەن :  مېنىڭ  دادام  ياخشى . سېنىڭ كىتا بىڭ  پاكىز. ئۇنىڭ بىلىمى كۆپ.
   يۇقۇرقى مىساللاردىكى ‹‹ دادام›› ، ‹‹ كىتابىڭ ›› ، ‹‹  بىلىمى ››  دېگەن ئىنىقلانغۇچى سۆزلەر 1 - ، 2 - ، 3 – سەخس قوشۇمچىلىرىدا ، ‹‹  مېنىڭ ››  ، ‹‹  سېنىڭ ›› ، ‹‹ ئۇنىڭ››  دېگەن  ئېنىقلىغۇچى سۆزلەر ئىگلىك كېلىشتە  كېلىپ ،  ئۆز ئارا  كېلىشىش يولى بىلەن  باغلانغان .
   بىز دەرىس ئوقۇيمىز ،  سىلەر مۇزاكىرە قىلىسىلەر ،  ئۇلار ئەمگەك قىلىدۇ.
  يۇقۇرقى جۈملىلەردىكى  ئىگەبىلەن خەۋەرمۇ سەخس ۋە سان جەھەتتە  ئۆز ئارا ماسلىشىپ ،  كېلىشىش يولى بىلەن باغلانغان .
2)   باشقۇرۇش يولى
  باشقۇرۇش يولى بىلەن باغلانغان سۆزلەرنى ئۇلارنىڭ تۈزۈلۈش شەكلىگە  قاراپ ئاجىرىتىشقا بولىدۇ . چۈنكى  بۇخىل يول بىلەن باغلانغان  بېقىندى ( تولۇقلىغۇچى )  سۆزچۈشۈم كېلىش، چىقىش كېلىش  ، يۆلىنىش كېلىش ،  ئورۇن كېلىش قوشۇمچىلىرى ياكى تىركەلمىلەر  قوشۇلغان شەكىلدە  بولىدۇ.  بېقىندۇرغۇچى ( تولۇقلانغۇچى )  سۆز مەزكۇر قوشۇمچە  ۋە تىركەلمىلەر  قوشۇلغان شەكىلدىكى  سۆزنى تەلەپ قىلىدىغان (  باشقۇرۇپ كېلىدىغان )  پېئىللاردىن ئىبارەت  بولىدۇ.  باشقۇرۇش يولى بىلەن باغلانغان بىرىكمىلەرنى  ھاسىل قىلىشتا، پېئىللارنىڭ  رولى ناھايىتى زور . مەسىلەن :  ئۇ سىرتتىن  كىردى
                                           . مەن مەكتەپكە ماڭدىم .

   مۇئەللىم سىنىپتا قالدى . سەن ئاپتوبۇس بىلەن كەلدىڭ؟
          ___________         _________________   
  باشقۇرۇش يولى بىلەن  باغلانغان بىر قىسىم بىرىكمىلەرنىڭ بېقىندۇرغۇچى (  باشقۇرغۇچى)  سۆزىئىسىم خارەكتېرلىك  سۆزلەربولۇشىمۇ مۈمكىن، مەسىلەن:  ئاچ نېمە  يېمەس،  توق نېمە دېمەس . ئاتتىن ئېگىز ، ئىتتىن پەس.
_________   _________   _________    ________
3) ياندىشىش  يولى
   جۈملىدە  بېقىنغۇچى  سۆز بېقىندۇرغۇچى سۆزگە مورپولوگىيىلىك قوشۇمچىلارسىز  ۋەتىركەلمىلەرسىز لا باغلىنىپ كېلىدۇ .بۇخىل باغلىنىش يولى _ ياندىشىش يولى دېيىلىدۇ.ياندىشىش يولى  بىلەن باغلانغان بىرىكمىلەر پەقەت قاتار كېلىش ئارقىلىقلا ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىشىدۇ .
   بېقىندى سۆزى  ئىسىم، سۈپەت،  سان ، ئالماش ، رەۋىش ، سۈپەتداش بولۇپ ، بېقىندۇرغۇچى سۆز ئىسىم بولۇپ كېلىدىغان  ياندىشىش باغلىنىشتىكى بىرىكمىلەرنىڭ شەكلى مۇنداق بولىدۇ.
   ياغاچقوشۇق ،  ئوقۇغۇچى بالا  ( ئىسىم + ئىسىم )
  جىمغۇر ئادەم،  يېپىق يول (  سۈپەت+  ئىسىم )
  ئىككىيول ،  يۈز يىل (  سان+ ئىسىم )
ئۇكىشى ، مۇنۇ كىتاپ(  ئالماش+ ئىسىم )
   ئاز ۋاقىت ،  نۇرغۇن پۇرسەت  ( رەۋىش + ئىسىم )
تۇرار  جاي  ،   سارغايغان  ياپراق  (  سۈپەتداش + ئىسىم )
   بېقىندى سۆز  رەۋىش ، تەقلىدىي سۆز  ، رەۋىشداش ، سۈپەت ،  سان بېقىندۇرغۇچى سۆز  پېئىل بولۇپ كېلىدىغان  ياندىشىش باغلىنىشتىكى بىرىكمىلەرنىڭ شەكلى مۇنداق بولىدۇ .
   يازىچە ئىشلەش ،  قارىسىغا سۆزلەش ، ( رەۋىش +  پېئىل )
   ۋاراڭ -  چۇرۇڭ قىلماق ، ئارۋاڭ -  سارۋاڭ  دەسسەش  ( تەقلىدې سۆز +  پېئىل )  
  سۆزلەتكۈزۈپ  ئاڭلاش ، چاينىماي  يۆتۈش ( رەۋىشداش  + پېئىل )
  رەتلىك كىيىنىش ،  ئەدەپلىك  بولۇش  (  سۈپەت  +  پېئىل )  
  ئىككى مېڭىش ، يەتتە ئۆلچەپ ،  بىر كېسىش (  سان+  پېئىل )
يۇقىرىقى   مىساللاردىن  شۇنداق خۇلاسىگە كېلىمىزكى ، ياندىشىش  باغلىنىشتىكى بېقىنغۇچى سۆز   ئىسىم ،  پەت ، سان،  ئالماش ،  رەۋىش ،  سۈپەتداش ،  رەۋىشداش ، تەقلىدى سۆزلەردىن كەلسە بېقىندۇرغۇچى سۆز ياكى ئىسىم ياكى پېئىلدىن كېلىدۇ.
6 -  جۈملە  بۆلەكلىرى  
جۈملە ئۆزىنىڭ لېكسىكىلىق  ھەم گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە ئۆز ئارا پەرىقلىنىدىغان قىسىملاردىن تەركىپ  تاپىدۇ .جۈملىدە مەلۇم سىنتاكسىسلىق ۋەزىپىدە كېلىپ ، ئاددىي جۈملىنى شەكىللەندۇرىدىغان سۆز ۋە سۆز بىرىكمىسى جۈملە بۆلەكلىرى  دەپ ئاتىلىدۇ . مەسىلەن: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى خەلقنى قىزغىن سۆيىدۇ.
بۇ جۈملىدە ‹‹جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ››  __ ئىگە ،  << خەلقنى››  __تولدۇرغۇچى ، ‹‹  قىزغىن›› __ ھالەت، ‹‹  سۆيىدۇ››  __ خەۋەر  ۋزىپىسىنى ئۆتەپ ،  مۇستەقىل جۈملە بۆلىكى بولۇپ كەلگەن . شۇنىڭدەك،  ئۇ سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرى جۈملىگەۋەجۈملە تەركىبىدىكى بىرىكمىگە  نىسبەتەن ئۆزئالدىغا بىردىن بۆلەك  ھېساپلىنىدۇ.
  جۈملە  بۆلەكلىرى جۈملىدىكى رولىغا  قاراپ،  باش  ۋە ئەگەشمە  بۆلەكلەر  دەپ ئىككىگە  بۆلىنىدۇ . باش  بۆلەككە   ئىگە ،  خەۋەر ؛ئەگەشمە بۆلەكلەرگە  ئېنىقلىغۇچى ، تولدۇرغۇچى ،  ھالەت كىرىدۇ.
  ئىگە بىلەن خەۋەر جۈملىنىڭ  ئۇيۇشتۇرغۇچى  مەركىزىي  ھېساپلىنىدۇ. ئۇلار مەنە  ۋە گرامماتىكىلىق جەھەتتە   ئۆز ئارا  زىچ  مۇناسىۋەتتە  بولىدۇ. ھەم شۇ  ئارقىلىق  بىر ئاددىي جۈملە قۇرۇلمىسىنى __ ئاياغلاشقان  بىر يەككە  ئوي – پىكىرنى  ۋۇجۇدقا  كەلتۈرىدۇ.
    ئەگەشمە  بۆلەكلەر  بولسا ،   باش بۆلەكلەرنىڭ  ئەتىراپىغا   توپلىنىپ ، ئۇلارنى  ياكى بىر- بىرىنى ئېنىقلايدۇ ، تولۇقلايدۇ ، ئىزاھلايدۇ .  ئەگەشمە بۆلەكلەر  مەنە ۋە تۈزۈلۈش  جەھەتتە ئىگە بىلەن  خەۋەرگە باغلىنىپ ،  يېيىق ئاددى جۈملە قۇرۇلمىسىنى  ھاسىلقىلىدۇ .ئىگە بىلەن خەۋەر ياكى خەۋەر  ئۆز ئالدىغا  ئا ياغلاشقان   ئوي-پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان بىرئاددىي جۈملىنى ھاسىل قىلىدۇ. لېكىن ئەگەشمە بۆلەكلەر ئۇنداق قىلالمايدۇ.  ئۇلار ئۆزلىرى ئېنىقلاپ ، تولۇقلاپ  ، ئىزاھلاپ  كەلگەن مەزمۇننىلا  ساخلاپ قالىدۇ.
جۈملە بۆلەكلىرى تۆۋەندىكى شەرتلىك بەلگىلەر ئارقىلىق كۆرسىتىلىدۇ :  ئىگە ( _____ )  ، خەۋەر (======) ، تولدۇرغۇچى ( ----)ئېنىقلىغۇچى (^^^^^^^) ، ھالەت  ( ########)
7-       جۈملىنىڭ باش  بۆلەكلىرى
  جۈملىنىڭ  تـۈزۈلۈشىگە  ئاساس  بولىدىغان ، ئوي- پىكىرنى  ئىپادىلەشتە باش رول ئوينايدىغان بۆلەكلەر  باش بۆلەك  دېيىلىدۇ.باش بۆلەكلەر  ئىگە بىلەن  خەۋەردىن  ئىبارەت .
1- ئىگە
جۈملىدە   ئىپادىلەنگەن ئوي- پىكىرگە  ئاساس بولىدىغان ،  خەۋەر  ئارقىلىق بايان قىلىنغان ئىش-ھەركەت  ياكى باشقا  بەلگىلەرنىڭ كىم، نېمىگە  باغلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان جۈملىنىڭ باش بۆلىكىئىگە دەپ ئاتىلىدۇ.
  ئىگە كىم؟  كىملەر؟ ،  نېمە؟نېمىلەر ؟  دېگەن سوئاللارغا جۇۋاپ  بولۇپ  كېلىدۇ.  مەسىلەن :  ئەخمەت  ياخشى  ئوقۇغۇچى . ( ئىسىم)  ، ئۇنىڭ سەمىمىلىكى  مېنى تەسىرلەندۈردى  . (  سۈپەت) نۆل   ئونمىڭ قېتىم قوشۇلسىمۇ ،  بىرگە تەڭ بولالمايدۇ.(  سان )  ياخشى ئۆگەنگەنلەر   نەتىجە  يارىتالايدۇ . ( سۈپەت)   ئۆگىنىش بىزنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىمىز. ( ھەركەتنامە )   
   ئىگە تۈزۈلۈشى جەھەتتىن  ئاددىي  ۋە مۇرەككەپ شەكىلدە كېلىدۇ.  مەسىلەن:  تۇرپان ئۈزۈمى  دۇنياغا  داڭلىق .
  __________
كىتاپ ئوقۇشمۇ   بىر خىل  ئۆگىنىش .
  ____________
بىز ئىككىمىز  ئاكا -  ئۇكا .
  ________
2-   خەۋەر  
جۈملىدە  ئىگىنىڭ ھەركىتى ،ھالىتى،  سۈپىتى ۋە باشقا خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىپادىلەپ ،  جۈملىدە بايان قىلىنغان ئوي -  پىكىرنىڭ  ئاياغلاشقانلىقىنى  بىلدۈرۈپ  كېلىدىغان  باش بۆلەك  _  خەۋەر   دېيىلىدۇ.   مەسىلەن :  ئەسئەت تېلىپۇننى  ئېچىپ  تەكشۈردى.
________
8-  جۈملىنىڭ ئەگەشمە بۆلەكلىرى
باش بۆلەكلەرنىڭ   ئەتراپىغا  توپلىنىپ ، توغرىدىن -  توغرا باش بۆلەكلەرنى ياكى  بىر- بىرىنى  ئېنىقلاپ  ، تولۇقلاپ  كېلىدىغان  بۆلەكلەر  - ئەگەشمە  بۆلەكلەر  دەپ ئاتىلىدۇ .ئەگەشمە  بۆلەكلەر  ئۆزلىرىنىڭ جۈملىدىكى ۋەزىپىسىگە   ۋە ئوينايدىغان رولىغا قاراپ ،  تولدۇرغۇچى  ،   ئېنىقلىغۇچى ، ھالەت دېگەن  ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.  
1)   تولدۇرغۇچى
جۈملىدە  باش كېلىش ۋە ئىگىلىك كېلىشتىن باشقا كېلىشلەرنىڭبىرىدە كېلىپ   ۋەئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بولۇپ  پېئىللارغا  باغلىنىدىغا ن  ئەگەشمە بۆلەك تولدۇرغۇچى  دەپ ئا  تىلىدۇ .   مەسىلەن  :   بىز ۋەتەننى  قىزغىن  سۆيىمىز  .
  ______
(  ئىسىم)   ئىنسان گۆزەللىكنى  سۆيىدۇ، گۆزەللىككە تەلپىنىدۇ.  (  سۈپەت ) ______   ________
ماڭا يىگىرمە پۇڭلۇق ماركىدىن   ئوننى   ئالغاچ  كېلىڭ (  ئىسىم ،  سان )    سەن ئۇنى   ماڭا  قويۇپ بەر !  (   ئالماش )  
   ___   ____  
مۇشۇ  ۋاراڭ _  چۇرۇڭدىن  ھەجەپ تويدۇم .  (  ـەقلىد سۆز  )  
       ---------
سىز  مېنىڭ بارىدغانلىغىمنى   بىلمەمتىڭىز ؟  ( سۈپەتداش )  
           -------
سىزنىڭ كېلىشىڭىزنى پەقەت ئويلىماپتىمەن . ( ئىسىمداش )
       ------
     چۈشۈم كېلىشتە كەلگەن ھەر  قانداق  سۆز  جۈملىدە  تولدۇرغۇچى  بولالايدۇ.  يۆلۈنىش كېلىش ،  چىقىش كېلىش ۋەئورۇن كېلىشلەردە  كەلگەن سۆزلەردىن پەقەت ئادەم ۋە نەرسىلەرنى بىلدۈرىدىغانلىرىلا  تولدۇرغۇچى بولالايدۇ؛ ئورۇن جاي، ، ۋاقىت  ,پەسىلنى  بىلدۈرىدىغانلىرى  بولسا ، ھالەت  بولۇپ كېلىدۇ.   مەسىلەن : مەن 1934 – يىلى ئىسلاميۈزىدە  تۇغۇلغان . (ھالەت )  بىز تۇغۇلغان  ئانا يۇرتنى  مەڭگۈ قەدىرلەيمىز.  ( تولدۇرغۇچى )
تولدۇرغۇچى سىنتاكسىسلىق  رولى  ۋە تۈزۈلۈش شەكلىگە قاراپ  ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ.
1)  ئۆتۈملۈك  ( بىۋاستە)  تولدۇرغۇچى
جۈملىدە  چۈشۈم كېلىشتە كەلگەن  تولدۇرغۇچى  ئۆتۈملۈك  تولدۇرغۇچى  دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۆتۈملۈك تولدۇرغۇچىنىڭ گرامماتىكىلىق  ئېلېمېنتى  چۈشۈم كېلىش قوشۇمچىسى  ‹‹  نى ››  كۆپ ھاللاردا ئاشكارە بولىدۇ.  بەزىدە چۈشۈپ قالىدۇ. بۇنداق ئاھۋالدىمۇ يەنىلا  ئۆتۈملۈك  تولدۇرغۇچى بولىدۇ.  مەسىلەن :   مەن ئاتا- ئانامغا  خەت ( نى )  يازدىم .
2)  ئۆتۈمسىز (  ۋاستىلىك )  تولدۇرغۇچى
  جۈملىدە  يۆلىنىش كېلىش ، چىقىش كېلىش ، ئورۇنكېلىشھەمدە تىركەلمىلەر  بىلەن تۈرلىنىپ كەلگەن  تولدۇرغۇچى __ ئۆتۈمسىز تولدۇرغۇچى   دەپ ئاتىلىدۇ.
   1- يۆ نىلىش كېلىشتە كەلگەن ئۆتۈمسىز تولدۇرغۇچى  ھەركەتنىڭ كىمگە ،  نېمىگە ۋە قەيەرگە  قارىتىلغانلىقىنى  بىلدۈرىدۇ . مەسىلەن:  بىزمەسىلىگە ئەتىراپلىق قاراشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز  كېرەك .
    كۆڭۈلنىڭ  كەينىگە  كىرمىگىن !  
     2-  چىقىش كېلىشتە كەلگەن ئۆتۈمسىز تولدۇرغۇچى   ئىش- ھەركەتكە مۇناسىۋەتلىك شەيئىنىڭ  چىقىش مەنبە سىنى ، ئىش- ھەركەتنىڭ چىقىش ئورنىنى  ھەم ۋاقتىنى ، بىر نەرسىنىڭ يەنە بىرنەرسىدىن ئارتۇق ياكى كەملىكىنى ، سېلىشتۇرمىسىنى ئىپادىلەيدۇ.  مەسىلەن  :  قۇش چاڭگىسى تال- تال ئوت- چۆپتىن  پۈتەر.
     3-   ئورۇن كېلىشتە كەلگەن  ئۆتۈمسىز تولدۇرغۇچى ھەركەت  ياكى ھالەتنىڭ  ئورنى ھەم  ۋاقتىنى  بىلدۈرىدۇ.  مەسىلەن :  تۆمۈر ئوتتا تاۋلىنار ،  ئادەم  مېھنەتتە تاۋلىنار.  بازارغا بارىشىڭدا  مېنى چاقىرىۋالغىن .
     4-  تىركەلمىلەربىلەن كەلگەن ئۆتۈمسىز  تولدۇرغۇچى    ئىش- ھەركەت  ۋەخۇسۇسىيەتكە  ۋاستەبولغان ئوبيېكتنى  ئىپادىلەيدۇ.   مەسىلەن :  مۇئەللىم   شېئىرىيەت توغۇرسىدا   ئىلمى دوكىلات بەردى.
  ئۇ چىداملىقلىقى  بىلەن مېنى  تەسىرلەندۈردى.
   2-  ئېنىقلىغۇچى
     جۈملىدە  ئىسىم ۋە ئىسىم خاراكتېرلىك   سۆزلەرگە  بېقىنىپ ، ئۇلارنىڭتۈرلۈك ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىدىغان  ئەگەشمە بۆلەك ___  ئېنىقلىغۇچى  دەپ ئاتىلىدۇ.  
      ئېنىقلىغۇچى  جۈملىدە  ئىسىم ۋە  ئىسىم  رولىدا كەلگەن ئېنىقلانغۇچى  بۆلەكنىڭ ئالدىدا كېلىپ ،  ئۇنىڭ بىلەن سىنتاكسىسلىق بىرىكمە ھاسىل قىلىدۇ .  تىلىمىزدا  باغلىغۇچى ، تىركەلمە ، يۈكلىمە ۋە ئىملىق  سۆزلەردىن باشقا ھەر قانداق  سۆز جۈملىدە ئېنىقلىغۇچى  بولۇپ كېلىدۇ.  شۇنىڭدەك ئېنىقلىغۇچىغا  ياندىشىش  ۋە  كېلىشىش  يولى ئارقىلىق باغلىنىپ كېلىدۇ.  ئېنىقلىغۇچى  ئېنىقلانغۇچىغا  بېقىندىلىق مۇناسىۋەت ئاساسىدا  زىچ  باغلىنىپ ، ئېنىقلانغۇچىنىڭ  بىر- بىرىدىن پەرىقلىنىدىغان  تۈرلۈك  خۇسۇسىيەت  ۋە  ئالاھىدىلىكلىرىنى ئېنىقلاش بىلەن،  جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئوي-  پىكىرگە گۈزەل ۋە نەپىس تۈس بېرىدۇ.
   ئېنىقلانغۇچى بىر ياكى  بىر نەچچە  سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن  تۈزۈلىشىگە قاراپ،   ئاددى ۋە مۇرەككەپ  ئېنىقلىغۇچى  دېگەن ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. مەسىلەن كەسىپ ھاياتلىقنىڭ _  تۇزى .
يا تقان ئۆكۈزنىڭ قورسىقى تويماس.
==========
  ئېنىقلىغۇچى ئېنىقلانغۇچىغا قانداق سىتاكسىسلىق  يول بىلەن باغلىنىپ كەلگەنلىكىگە  قاراپ ،  ىشىش مۇناسىۋىتىدىكى  ئېنىقلىغۇچى ۋە كېلىشىش مۇناسىۋىتىدىكى ئېنىقلىغۇچى دېگەن ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
  باش كېلىش (قوشۇمچىسىز )  تە كېلىپ ، ئورۇن تەرتىپى جەھەتتە ياندىشىش  ئارقىلىق ئېنىقلانغۇچىغا  باغلىنىدىغان ،  سۈپەت ،  سان ،  ئالماش ، ئىسىم ،  تەقلىدىي  سۆز ۋە سۈپەتداش  قاتارلىقلار ئارقىلىق  ئىپا دىلىنىدىغان  ئېنىقلىغۇچىلار  ياندىشىش مۇناسىۋىتىدىكى ئېنىقلىغۇچى  دېيىلىدۇ. مەسىلەن : سەمىمى تۈلكە بولماس .
        *****                                      
بىر  يىلاننى ئۆلتۈرگىنىڭ  ،  مىڭ پاقىنى قۇتۇلدۇرغىنىڭ .
***  ***
     ئىگىلىك كېلىشتە كېلىپ ،  شەخس قوشۇمچىلىرى ئۇلىنىپ كەلگەن ئېنىقلانغۇچىغا شەخس ۋە سان ئارقىلىق  كېلىشىش يولى بىلەن  باغلىنىدىغان ئېنىقلىغۇچىلار __  كېلىشىش  مۇناسىۋىتىدىكى ئېنىقلىغۇچى دەپ ئاتىلىدۇ.  
مەسىلەن :  سىلەرنىڭ مەكتىپىڭلارنى  كۆرۈپ چىقتۇق
          ^^^^^^
يېزىنىڭ چارۋىسى  خېلى چېقىمغا  ئۇچرىدى  .
^^^^
         3-  ھالەت  
  جۈملىدە  ئۆزى بېقىنىپ  كەلگەن بۆلەكنىڭ تۈرلۈك  ھالەتلىرىنى بىلدۈرۈپ كېلىدىغان ئەگەشمە بۆلەك___ ھالەت دەپ ئاتىلىدۇ.
   مەسىلەن :  قادىر ئىشنى  پۇختا قىلىدۇ.   باھارگۈل ھودۇقۇپ كېتىپ سۆزلىيەلمىدى .
                           &&&                   &&&&&&&
   جۈملىدە ئاساسەن رەۋىش ۋە رەۋىشداشلار ھالەت بولۇپ  كېلىدۇ .بۇنىڭدىن باشقا  سۆز تۈكۈملىرىمۇ  رەۋىشنىڭ رولىدا كېلىپ ،  جۈملىدە ھالەت ۋەزىپىسىنى  ئۆتەيدۇ .شۇنداقلا يەنە  ئورۇن -  جاي  ۋاقىت ، پەسىلنى  بىلدۈرىدىغان  ئىسىملارمۇ ئورۇن كېلىش ، چىقىش كېلىش  ۋە يۆلىنىش كېلىشلەردە كەلگەندە  جۈملىدە ھالەت  ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.  مەسىلەن :
ئۇ ئۈلۈشكۈن كېلىپ كەتتى .     مەن  سېنى كۆرگىلى   كەلدىم .  ئۇ مۇڭلۇق ، خىيالچان  كۆرۈنەتتى .
  @@@@                                @@@                 @@@@@@@@
ھالەتلەر  ئىپادىلىگەن مەنىسىگە قاراپ، بەش تۈرگە  بۆلىنىدۇ.
   1)  سۈپەت ھالىتى
   ئىش –ھەركەتنىڭ
قانداق يول ۋە ئۇسۇل بىلەن ئورۇنلىنىش ھالىتىنى بىلدۈردىغان ھالەت __ سۈپەت ھالىتى دېيىلىدۇ .
     مەسىلەن :
     ئۇ ئالدىراپ-تېنەپلا كېتىپ قالدى .
  2)  سەۋەب ھالىتى
     ئىش- ھەركەتنىڭ ئورۇنلىنىش ياكى ئورۇنلانماسلىق سەۋەبنى بىلدۈرۈپ كېلىدىغان ھالەت  __ سەۋەب ھالىتى دېيىلىدۇ .
     مەسلەن :
     ئابدۇكېرىم ئاغرىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن (مەكتەپكە ) كېلەلمىدى .
3) مەقسەت ھالىتى
     ئىش- ھەركەتنىڭ  ئورۇنلىنىش مەقسىتىنى بىلدۈرۈپ كېلىدىغان ھالەت __ مەقسەت ھالىتى دېيىلىدۇ .
     مەسىلەن :
     ئۇ مېنى قەستەن بوزەك قىلدى .
   4) ئورۇن ھالىتى
     ئىش- ھەركەتنىڭ ئورنىنى بىلدۈرۈپ كېلىدىغان ھالەت __  ئورۇن ھالىتى دېيىلىدۇ .
     مەسىلەن :
     ئىسكەندەر باغدا كىتاب ئوقۇپ قالدى .
  5) ۋاقىت ھالىتى
   ئىش- ھەركەتنىڭ ئورۇنلىنىش ۋاقتىنى بىلدۈرۈپ كېلىدىغان ھالەت __ ۋاقىت ھالىتى دېيىلىدۇ .
     مەسىلەن :
     ماڭا ئىشىنىڭ، سىزنى ئۆلگىچە ئۇنتۇمايمەن .                     
ئىزاھلىغۇچى
    جۈملىدە جۈملە بۆلەكلىرىدىن  باشقاتەركىپلەرمۇ بولىدۇ.  ئۇلارنىڭ بىرى  ئىزاھلىغۇچى . ئىزاھلىغۇچى  بىلەن ئېنىقلىغۇچى بىرچۈشەچە  ئەمەس ،  ئۇلارنىڭ ئوتتۇر ىسىدىكى  پەرىق  تۆۋەدىكىچە :
     1)  ئېنىقلىغۇچى ئۆزى ئېنىقلاپ كەلگەن  بۆلەك  ( ئېنىقلانغۇچى )  نىڭ ئالدىدا  كېلىدۇ ؛   ئەمما  ئىزاھلىغۇچى ئىزاھلانغۇچىدىن كېيىن كېلىپ ،  ئېغىزدا  ئالاھىدە ئىنتوناتسىيە ،  يېزىقتا مەلۇم تىنىش بەلگە ئارقىلىق ئايرىلىپ  تۇرىدۇ.
   2)   ئېنىقلىغۇچى  بىلەن  ئېنىقلانغۇچى مەنە  جەھەتتىن تەڭ ئەمەس؛   ئىزاھلىغۇچى  بىلەن  ئىزاھلانغۇچى  مەنە  جەھەتتىن تەڭ بولىدۇ.
  3)  ئېنىقلىغۇچى بىلەن  ئېنىقلانغۇچى (  كېلىشىش  مۇناسىۋىتىدىكى ئېنىقلىغۇچى كۆزدە تۇتۇلىدۇ)   بىر خىل گرامماتىكىلىق شەكىلدە بولمايدۇ؛  ئىزاھلىغۇچى بىلەن ئىزاھلانغۇچى  بىرخىل گرامماتىكىلىق  شەكىلدە كېلىدۇ.
4 )  جۈملىدە ئېنىقلانغۇچى  چۈشۈپ قالسا ،  ئېنىقلىغۇچى   ئۇنىڭ  ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرالايدۇ،  لېكىن  ئىزاھلانغۇچى چۈشۈپ قالمىغان شارائىتتا ئىزاھلىغۇچى  جۈملىنىڭ رەسمىي بۆلىكى  بولالمايدۇ .
  جۈملىنىڭ مەلۈم  بىر بۆلىكىنى  ئىزاھلاپ -  ئېنىقلاپ كېلىدىغان تەركىبىي قىسىم __ ئىزاھلىغۇچى دېيىلىدۇ.
ئىزاھلىغۇچى ئۆزى ئىزاھلايدىغان  نەرسە ياكى شەخسىنى باشقا بىر نام بېرىش  ياكى  باشقىچە  چۈشەندۈرۈش  يولى بىلەن ئىزاھلايدۇ،  ئىزاھلىغۇچى سۆز  ياكى  سۆز بىرىكمىلىرىدىن تۈزۈلگەنئىزاھلانغۇچىغا (  جۈملە بۆلىكىگە  )   باغلىنىدۇ .  مەسىلەن :  بەختلىك بالىلار ۋاقىتنى  قەدىرلەڭلار .
                                                                                             =========
ياشلىق باھارىمنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ،  ئەڭ گۈزەل ئىش ___  ئىنسانىيەتنىڭ  ئازادلىقى    ئۈچۈن  بېغىشلايمەن .
                                                             =================
    ئىزاھلىغۇچى  سۆز  ،  سۆز بىرىكمىسى ، ھەتتا جۈملىدىنمۇ  تۈزۈلىدۇ.  ئىزاھلىغۇچى ‹‹  يەنى ››  ، ‹‹  ئىكىنچى تۈرلۈك  قىلىپ  ئىتقاندا ››  ،‹‹ باشقىچە ئېيتقاندا ››   دېگەنگە  ئوخشاش  سۆزۋەسۆز بىرىكمىلىرى ئارقىلىق ئىزاھلانغۇچىغا باغلىنىپ كەلگەندە تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ.مەسىلەن :
  سىزنى 2015-يىل11- ئاينىڭ 12- كۈنى ( يەكشەنبە)  سائەت 2دە  چايغا  تەكلىپ قىلىمىز.  
   ئادەم ئاخىرغىچە  جىددىي ئەمگەك قىلمىسا ، يەنى ئۆزى يەيدىغان ھەربىر پارچە ناننى  ئۆزى ئىشلەپ تاپمىسا ، ئۇ بەختلىك بولالمايدۇ .
                                                  ___________________________________________
ئىزاھلىغۇچى تىرناق ئىچىگە ئېلىنمىسا ، ئىزاھلىغۇچى بىلەن ئىزاھلانغۇچى ئوتتۇرسىغا سىزىق قويۇلىدۇ . مەسىلەن:  بىزئۇيەردە__باغدادەرس تەكرارلىدۇق .
                9- جۈملىنىڭ تەڭداش بۆلەكلىرى
جۈملىدە  بىر-بىرىگە  بېقىنماي ،  ئوخشاش  سىنتاكسىسلىق  ۋەزىپە ۋە ئوخشاش  سىنتاكسىسلىق تۈزلۈشتە   كەلگەن بۆلەكلەر ____
جۈملىنىڭ تەڭداش بۆلەكلىرى دېيىلىدۇ.  مەسىلەن :  چوڭلارنىمۇ ،  كىچىكلەرنىمۇ  ئوخشاشلا  قەدىرلەش كېرەك .
   جۈملىنىڭ تەڭداش بۆلەكلىرى  بىر-  بىرىگە بېقىنماي  ، تەڭداش مۇناسىۋەتتە  كېلىپ ،  ئورتاق ھالدا باشقا بىر  بۆلەك  بىلەن سىنتاكسىسلىق باغلىنىشتا بولىدۇ . بىر خىل  سوئالغا  جاۋاپ بولۇپ كېلىدۇ .   ئېغىزدا  ئىنتۇناتسىيە ، يېزىقتا پەش ياكى باغلىغۇچىلار  ئارقىلىق ئۆزئارا باغلىنىدۇ .
    جۈملىنىڭ ھەر قانداق  بۆلىكى تەڭداشلىق  مۇناسىۋەتتە كېلىپ،  تەڭداش بۆلەكنى ھاسىل قىلىدۇ.  
مەسىلەن
كەمتەرلىك  ۋە  كەمۆزلۈك  سۆھبەتتە غايەت زورپايدىلىق پەزىلەت .  ياشلىقتا  باشلانغان دوستلۇق  ئاجرالماس ۋە لەززەتلىكتۇر .
======      ======                                                                   =======    =======
   ساپ ۋىجدان  بۆھتاننىمۇ ،  مىشمىشنىمۇ  پىسەنت قىلمايدۇ.
               =======      ======
10 —  ___   جۈملە   بىلەن  گرامماتىكىلىق   باغلىنىشى  يوق  سۆزلەر
  جۈملە  بۆلەكلىرى بىلىەن  سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋەت ۋەباغلىنىشتا  بولمايدىغان  ،  ئۆزئالدىغا  مەلۇم سىنتاكسىسلىق  ۋەزىپە  ئاتقۇرالمايدىغان  ياكى جۈملىنىڭ رەسمى بۆلىكى بولالمايدىغان   سۆز ياكى سۆز بىرىكمىلىرى __  جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق  باغلىنىشى  يوق سۆزلەر  دېيىلىدۇ .  
     جۈملە بىلەن  گرامماتىكىلىق  باغلىنىشى يوق  سۆزلەر جانلىق  تىلدا ئىنتوناتسىيە  ۋە پائۇزا  ئارقىلىق  ، يېزىقتا پەش ئارقىلىق  جۈملىنىڭ باشقا بۆلەكلىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ . ئۇ سۆزلەر جۈملىدە ئىپادىلەنگەن  مەنىسىگە ۋە مورفولوگىيىلىك تۈزۈلىشىگە  قاراپ ، قاراتما  سۆز ،قىستۇرما سۆز  ۋە ئىملىق سۆز  دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ .
  1)  قاراتما  سۆز
جۈملىدىكى ئوي-  پىكىرنىڭ كىمگە ،  نېمىگە قارتىلغانلىقىنى  ئېنىق كۆرسۈتىش  ۋە  ئۇنىڭغا   باشقىلارنىڭ  دىققىتىنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن  قوللىنىلغان سۆزلەر  __ قاراتما سۆز  دەپ  ئاتىلىدۇ .   مەسىلەن :  
سۆيۈملۈك  ئانا  ،  مەن  سېنى ھەر ۋاقىت ئەسلەپ  تۇرۇۋاتىمەن .
^^^^^^^^^
قەمەر  ،  يۈرۈڭ  يېتەيلى .
^^^^
    جۈملىدە ،  ئاساسەن ، ئادەم  ئىسىملىرى  ۋە ئۇنى بىلدۈرىدىغان  سۆزلەر قاراتما سۆز بولۇپ كېلىدۇ . ئەدەبىي ئەسەرلەردە جانسىز نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرىمۇ قاراتما سۆز  سۈپىتىدە قوللىنىدۇ . قاراتما سۆز باش كېلىشتە كېلىپ ،  ئىگىگە ئوخشاپ قالىدۇ.  ئەمما جۈملە بىلەن سىنتاكسىسلىق باغلىنىشتا بولمايدىغانلىقى  ۋە ئۆزىگە  خاس ئۈندەش ئىنتۇناتسىيىسى بىلەن ئېيتىلىدىغانلىقى  جەھەتتىن ئىگىدىن پەرىقلىنىدۇ. قاراتما سۆزلەر يەككە سۆز ،  سۆزبىرىكمىسى ياكى تەڭداش مۇناسىۋەتتىكى سۆزلەردىن كېلىۋېرىدۇ .  ئۇلار جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشتا بولمىغانلىقى  ئۈچۈن، جۈملىدىكى ئورنى تۇراقسىز بولىدۇ.  مەسىلەن:  
بولىدۇ، ئەپەندى ،  نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى قېنى كۆرەرمىز .ماڭا نېمە سوۋغات ئېلىپ كەلدىڭ ،  دادا ،                                                                            قىستۇرما  ســۆز  جـــۈمــــلـــــىدە  ئىپا دىلەنگەن ئوي- پىكىرگە  قارىتا  سۆزلىگۈچىنىڭ   تۈرلۈك كۆزقارىش ۋە پوزۇتسىيىسىنى بىلدۈرۈپ كېلىدىغان سۆزلەر  __  قىستۇرما سۆز دېيىلىدۇ.  تۆۋەندىكىدەك سۆزلەرجۈملىدە قىستۇرما سۆز بولۇپ كېلىدۇ.
      ئەلۋەتتە، ھەقىقەتەن،  ئېھتىمال  دەر ۋەقە ، ئەكسىچە   مېنىڭچە ،  سېنىڭچە ، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقانا ،  شۇنداق قىلىپ ، قەتئىينەزەر ، بەختكە يارىشا ، بەختكە قارشى  ،  خەيرىيەت ، دېمەك ، ھېچ بولمىغاندا ،تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا ، خۇلاسە قىلغاندا  ، بەلكىم ،  خالاس ، بەرىبىر ، سۆزسىز  ، شۈبىھىسىز  ، ئىش قىلىپ  ، دېگەن بىلەن  ، ھېلى بىكار  ،  جۇمۇ ، زادى ، خۇدايىم بۇيرۇسا  ،  بىرىنچىدىن  ، ئىككىنچىدىن  .........
      قىستۇرما سۆزلە ر  ئۆزىگە خاس  ئىتىۇناتسىيىگە  ئىگە بولۇپ  ،  يېزىقتا پەش ئارقىلىق باشقا سۆزلەردىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ،  مەسىلەن:  بەختىمگە يارىشا ئانام ئامان تۇرۇپتۇ             ^^^^^^^^^^^
بۇ گەپنى ئېسىڭدە  چىڭ تۇت ،  جۇمۇ ؟

3_  ئىملىق  سۆز
جۈملىدە  بايان قىلىنغان  ئوي- پىكىرگە قارىتا سۆزلىگۈچىنىڭ  تۈرلۈك ھېس – تۇيغۇلىرىنى  ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر  __ ئىملىق سۆز دېيىلىدۇ .
  ئىملىق سۆزلەر  جۈملىنىڭ باشقا بۆلەكلىرى بىلەن  گرامماتىكىلىق باغلىنىشدا بولمايدۇ ،  ئۇلار ئۆزىگە خاس  ئىنتوناتسىيە   ۋە  ئۈندەش، پەش قاتارلىق تىنىش بەلگىلىرى ئارقىلىق  جۈملىدىكى باشقا سۆزلەردىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ .  ئىملىق سۆزلەر بىر سۆز ياكى ئاجرالمايدىغان  بىرىكمە شەكىلدە ئىپادىلىنىپ ،  جۈملىگە تۈرلۈك ھېس  - تۇيغۇلارنى  قوشۇدۇ ،  ئوي -  پىكىرنىڭ  ھېسياتلىق،  تەسىرلىكئىپادىلىنىشىدە  مۇھىم رول ئوينايدۇ.  مەسىلەن :  ئېھ ، تاغ شامىلى نېمىدېگەن   ئىللىق!    پاھ،  مۇنۇ ئۆزگۈرۈشلەرگە   قاراڭ !  ئۇھ، ھەجەپ ھېرىپ  كەتتىما ؟  ھە!  گېپىڭ بولسا دېمەمسەن؟!  ۋاي- ۋۇي، نېمانچەتولا گەپ بۇ؟
   11__ ئاددىي جۈملىنىڭ تۈزۈلۈش شەكلىگە  قاراپ بۆلۈنىشى _دى جۈملىلەر ئىگىنىڭ بولۇش __  بولماسلىقىغا ئاساسەن ، ئىگىلىك  جۈملە ۋە ئىگىسىز جۈملە  دەپ  ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ :
  1__  ئىگىلىك  جــــۈمـــــلە
     ئىگىسى بار ياكى ئىگىسى ئېنىق ئېيتىلمىسىمۇ  ، خەۋرىدىن  ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان  جۈملە  ___  ئىگىلىىك  جۈمە دېيىلىدۇ .مەسىلەن :مەن ئانامغا كۈندە سۇ ئەكىرىپ بېرىمەن.    مەيداننى پاكىز تازىلاپ قويدۇق . ( بىز دېگەن ئىگىسى يۇشۇرۇن كەلگەن .)  
ئىگە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋال  ئاستىدا  ئېنىق ئېيتىلماي ، يوشۇرۇن ئىپادىلىنىدۇ :  
  1)  قوشما جۈملىلەرنىڭ  بەزىلىرىدە ئىگە باشتىكى  ئاددى جۈملىدە ئېنىق ئېيتىلىپ ، كېيىنكىلەردە ئېيتىلمايدۇ .  بۇخىل ئەھۋالدا  باشتىكى ئاددىي  جۈملىدىكى  ئىگە  بۈتۈن  قوشما  جۈملىدە ئورتاق ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.  مەسىلەن : قادىر  دېھقانچىلىق قىلاتتى ،  باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى ، شۇنداقلا  باغۋەنچىلىك  بىلەنمۇ  مەشخۇل بولاتتى .
   ____
2)   ئىگىسى خەۋەردىكى  شەخس  قوشۇمچىلىرىدىن  ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان    جۈملىلەردە  ئىگە  ئېنىق ئېيتىلمايدۇ .  مەسىلەن:    ۋەتەن ،  خەلقنىڭ ئۈمىدىنى  ھەرگىز  يەردە قويماسلىقىڭلاركېرەك .  (   ‹‹  سىلەر››   دېگەن ئىگە  خەۋەردىكى  ئىكىنچى شخس ۋەكۆپلۈك  قوشۇمچىلىرىدىن مەلۇم  )  قەيەرگە ماڭدىڭلار ؟   مەكتەپكە ماڭدۇق .
  2 __  ئىگىسىز   جۈملە
     گرامماتىلىلىق      ئىگىسى  بولمىغان  جۈملىلەر __ ئىگىسىز جۈملىلەر  دەپ  ئاتىلىدۇ .   مەسىلەن : ۋەتەن ،  خەلق مەنپەئەتىنى  ھەممىدىن  ئەلا بىلىش لازىم .
   ئۇنىڭ  كۆڭلىدىكىنى  بىلىپ بولمايدۇ.ئاددىي جۈملىلەر  جۈملىدە  بۆلەكلىرىنىڭ  تولۇق  ياكى تولۇق ئەمەسلىكىگە ئاساسەن ،   تولۇق جۈملە ۋە تولۇقسىز جۈملە  دەپ ئىككىگە  بۆلىنىدۇ.
     1)   تـــــو لـــــــۇق   جـــــۈمــــــلە  مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلىرى تولۇق ئېيتىلغان جۈملىلەر __ تــولــۇ ق  جــــۈمـلە   دېيىلىدۇ. مەسىلەن :   بىز بۇ قىسقىغىنە  ھاياتىمىزنى  مەنىلىك ئۆتكۈزۈشىمىز  لازىم.   ئىرادىسىز ئادەم ھېچ  ئىشنى باشقا  ئېلىپ چىقالمايدۇ  .
     2)  تــو لـۇقــســىز  جـۈملە  
مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلىرى تولۇق ئېيتىلمىغان جۈملىلەر ___ تــولـۇقســــــز  جــــۈملە   دېيىلىدۇ .  تولۇقسىز جۈملىلەر  ئەدەبىي  ئەسەرلەردىكى  دىئالوگلاردا  ۋەجانلىق تىلدىكى  سوئال __ جاۋابلاردا  كۆپقوللۇنىلىدۇ . مەسىلەن :  
       ئاڭلدىڭلارمۇ ؟  توختىنىڭ ئۆيى كۆيۈۋېتىپيۇ،
      توختىنىڭ ئۆيى؟
      ئەجەبمۇ ئۆيتى__دە ...  توختىنىڭ ئۆيىقانچە تەڭگىگە پۈتكەندۇ؟
    ____ 10 مىڭ سوم،
   _____20مىڭ  سوم،
   _____ 30مىڭ  سوم
  نەگە  ماڭدىڭلار  ؟
  ___ ئۈرۈمچىگە،
   نېمە ئىش قىلغىلى ؟
   ____  يىغىنغا قاتناشقىلى .
16__ باپ  .   قوشما  جۈملە
   1__  قوشما جۈملە توغۇرسىدا ئومۇمىي  چۈشەنچە
     بىز ئوي – پىكرىمىزنى  ئاددىي جۈملە ئارقىلىقمۇ ئىپادىلەيمىز ،شۇنداقلا مەزمۇنى ئۆز ئارا   مۇناسىۋەتلىك  بولغان ، بىر قانچە ئاددى  جۈملىنى  ئۆز ئىچىگە ئالغان ،   تۈزۈلىشى جەھەتتىن   بىر پۈتۈنلۈكنى  تەشكىل  قىلغان  قوشما جۈملىلەر  ئارقىلىقمۇ  ئىپادىلەيمىز .  مەسىلەن : ئاتا بولۇش ئاسان ،   ئەكسىچە  ئاتىلىق  قىلىش  قىيىن.    ئېغىر كۈنلەردە دوستۇڭنى  تاشلاپكەتسەڭ  ،  ئۆزۈڭمۇكۈلپەتكە  يولۇقسەن.
      مەنە ، قۇرۇلما ۋە ئىنتوناتسىيە   جەھەتتىن  بىر پۈتۈنلۈكنى  تەشكىل قىلغان  ئىككى ياكى  ئۇنىڭدىن ئارتۇق  ئاددىي جۈملىلەردىن  تۈزۈلگەن   جــــۈمـــــلە  ___  قوشما جۈملە  دەپ ئاتىلىدۇ .  
     قوشما جۈملىلەر  تۆۋەندىكىدەك  خۇسۇسىيەتلەرگە  ئىگە :
     1)  قوشما جۈملە تۈزۈلۈش جەھەتتىن  ئىككى ياكى  ئۇنىڭدىن ئارتۇق  ئاددىي جۈملىنىڭ  مەلۇم   گرامماتىكىلىق  ۋاستىلەر  ئارقىلىق بىركىشىدىن  تۈزۈلۈپ ،  مەزمۇن جەھەتتىن  يەككە ئوي  __ پىكىرنى ئەمەس ،  بەلكى  مۇرەككەپ  ئوي __پىكىرنى ئىپادىلەيدۇ.  
   2)   قوشما جۈملە  تەركىبىدىكى ھەر بىر تارماق  جۈملىدە ئوي_ پىكىر  مۇستەقىللىكى  بۇلىدۇ،  شۇنداقلا  ئۇلار مەنە جەھەتتىن  ئۆز ئارا مەنتىقىي  باغلىنىشقا  ئىگە بۇلىدۇ.
     3)  قوشما جۈملە  تەركىبىدىكى تارماق جۈملىلەر نىڭ گرامماتىكىلىق ئىگىسى ۋە خەۋىرى بولىدۇ ، ياكى  ھەر  بىر  تارماق جۈملىگە  نىسبەتەن بىر ئورتاق  ئىگە بولىدۇ  
     4)  قوشما جۈملە  تەركىبىدىكى تارماق جۈملىلەر  جانلىق تىلدا  ئىنتوناتسىيە ،   يېزىقتا  تىنش  بەلگىلىرى  ئارقىلىق  بىر -  بىرىدىن  ئايرىلىپ  تۇرىدۇ.
  قوشما جۈملىلەر ___ تەڭداش قوشما  جۈملە ،  بېقىندىلىق  قوشماجۈملە  ۋە  ئارىلاش قوشماجۈملە  دەپ 3  تۈرگە بۆلىنىدۇ .
   1____   تەڭداش  قوشما  جۈملە
     مەزمۇنى بىر _بىرىگە مۇناسىۋەتلىك  ئاددىي جۈملىلەرنىڭ تەڭداشلىق مۇناسىۋەتتە  باغلىنىپ كېلىشىدىن  تۈزۈلگەن قوشما جۈملە  ___  تەڭداش قوشما جۈملە دېيىلىدۇ .  
     تەڭداش قوشما جۈملە تۆۋەندىكىدەك  خۇسۇسىيەتلەرگە   ئىگە :
       1)   تەڭداش قوشما جۈملە تەركىبىدىكى  تارماق  جۈملىلەرنىڭ  مەزمۇن ۋەتۈزۈلۈش جەھەتتە ئورنى تەڭ ھوقۇقلۇق   بولىدۇ.
       2)    تەڭداش قوشما جۈملە تەركىبىدىكى  تارماق  جۈملىلەر  ئېغىزدا بىر تۇتاش ئىنتوناتسىيە ،  يېزىقتا  تىنىش  بەلگىلىرى  ياكىباغلىغۇچىلار   ئارقىلىق  ئۆز ئارا   باغلىنىپ  كېلىدۇ .
       3)    تەڭداش قوشما جۈملە تەركىبىدىكى  تارماق  جۈملىلەرنىڭ خەۋىرىگە  خاس گرامماتىكىلىق  ئامىللار (  خەۋەرلىك قوشۇمچە ۋە سۆزلەر )   بەزىدە ھەر بىر تارماق جۈملىنىڭ خەۋىرىگە ئايرىم __  ئايرىمئۇلىنىشى ،  بەزىدە  تارماق جۈملىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق ھالدا ئاخىرقى تارماق  جۈملىگە  ئۇلىنىشى مۇمكىن    مەسىلەن :  ئەمگەك __ بەختنىڭ ئوڭ قولى. تىجەش __  بەخجتنىڭ سول قولى.  مۆھتاجلىق چاغلارنى ئۇنۇت ،  لېكىن ئۇلار ئۆگەتكەن ساۋاقنى  ئەستىن  چىقارما .
       تەڭداش  قوشما جۈملە  تەركىبىدىكى  تارماق جۈملىلەرنىڭ قانداق سىنتاكسىسلىق  ۋاستە ئارقىلىق  باغلىنىپ  كەلگەنلىگىگە  قاراپ،  باغلىغۇچىلىق تەڭداش قوشما جۈملە  ۋە  باغلىغۇچىسىز  تەڭداش  قوشما جۈملە  دەپ ئىككى  تۈرگە  بۆلۈنىدۇ.
  1)  باغلىغۇچىلىق تەڭداش  قوشما  جۈملە
   تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەر  باغلىغۇچىلار  ئارقىلىق  باغلىنىپ  كەلگەن تەڭداش قوشما جۈملە __ باغلىغۇچىلق تەڭداش قوشما  جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ.
مۇنداق  قوشما جۈملىلەرنىڭ تۈزۈلىشىدە تۈرلۈك باغلىغۇچىلار (  بىرىكتۈرگۈچى ،  قارىمۇ قارشى ،  سەۋەپ _   نەتىجە ،  تاللانما  ۋە  كۈچەيتمە باغلىغۇچىلىرى  )  سىنتاكسىسلىق  ۋاستە  بولىدۇ.   مەسىلەن :  ئاسمان بىردىنلا تۇمانلاشتى ھەم يامغۇرنىڭ  شەپىسى كەلدى.   ئىنسان جىمى مەخلۇقاتنىڭ  گۈلتاجىسى ،لېكىن  مېنىڭ نەزىرىمدە لايدىن ياسالغان  بۇجان  ئىگىسى  قانچىلىك نېمە ؟  دۈشمەندىن يوشۇرغىنىڭنى دوستۇڭغىمۇ ئېيتما ،   چۈنكى،  دوستلۇقنىڭ ئەبەدىلىكىگە  كاپالەت  يــــو  ق   .    كەمچىلىك  ۋە  نۇقسانلىرىڭنى  كۆرۈپ ، بىلىپ تۇرۇپمۇ ،  ئۇلارنى ئاقلايدىغان ،  ھەتتا ماقۇللايدىغانلارغا   يېقىن يولىما،  بۇنداق ئادەملەر خۇشامەتچى  ياكى قورقانچاق،  ياكى ئەخمەق .
    يۇقىرىقىلاردىن  باشقا ، ‹‹ ئۇ، يۇ ، دە ››  قاتارلىق  يۈكلىمىلەرمۇ باغلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كېلىپ ،  تەڭداش قوشما جۈملە  تەركىبىدىكى  تارماق  جۈملىلەرنى  ئۆز ئارا باغلايدۇ .  مەسىلەن:  ئۇ  ئويناپ يۈرسۈنۇ  ، مەن ئىش  قىلامدىمەن  ؟      مەن ئوغۇل  بالىمەن _ يۇ ،  خۇددى تارتىنىپ ،  يەرگە قاراپ تۇرغان نا زۇك  قىزغا  ئوخشايتتىم؛   سىز قىزبالا ئىدىڭىز _ يۇ ،  گويا  مەغرۇر  ،  غالىپ ،  ئازادە ھالەتتە  تۇرغان ھۆكۈمران  ئوغۇلغا  ئوخشايتتىڭىز.     مەن قاتتىق غەزەپكە  كەلدىم  __ دە ،   ئۆزۈمنى  باسالماي سۆزلەپ كەتتىم.
     2)  باغلىغۇچىسىز  تەڭداش قوشما  جۈملە
      تەركىبىدىكى ئاددىي  جۈملىلەر باغلىغۇچىلارسىز (  ئورۇن _  تەرتىپى  ،  ئىنتوناتسىيە   ۋە تىنىش  بەلگىسى  ئارقىلىق )  باغلىنىپ كەلگەن  تەڭداش قوشما  جۈملە  __  باغلىغۇچىسىز تەڭداش  قوشما جۈملە  دېيىلىدۇ  .
     مۇنداق قوشما جۈمە تەركىبىدىكى  تارماق جۈملىلەر مەزمۇن  جەھەتتە   ناھايىتى  يېقىن بولىدۇ.     مەسىلەن :   دوسىت  ئاغرىتىپ  ئېتار ،  دۆشمەن كۈلدۈرۈپ .    بىلىكى كۈچلۈك  بىرنى  يېڭەر  ،   بىلىمى  كۈچلۈك  مىڭنى يېڭەر  .  سىز ئۆيگە قارايسىز ، مەن بازارغا بارىمەن .
  3_ بېقىندىلىق  قوشما  جۈملە
تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەر  بېقىنىش  ۋە بېقىندۇرۇش مۇناسىۋىتىدە ئۆزئارا  باغلىنىپ  كەلگەن قوشما جۈملىلەر __ بېقىندىلىق قوشما جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ .
بېقىندىلىق  قوشما جۈملە ئىككى  تەركىبتىن يۈزۈلىدۇ. يەنىھەر قانداق بېقىندىلىق  قوشما جۈملە  تەركىبىدە بېقىندۇرغۇچى  تارماق جۈملە بىلەن بېقىندى تارماق جۈملە بولىدۇ  ، بېقىندۇرغۇچى  تارماقجۈملەمەزمۇن ۋە تۈزۈلۈش  جەھەتتىن مۇستەقىللىكىنى  ساخلاپ قالىدۇ .شۇڭا ئۇ بېقىندىلىق قوشما جۈملىدە  ئەگەشتۈرگۈچى  ۋە تەشكۈللۈگۈچىلىك رولىنى ئوينايدۇ. ؛  بېقىندى تارماق جۈملە  بولسا ، مەزمۇن ۋە  تۈزۈلۈش  جەھەتتىنمۇستەقىللىكىنى يوقىتىپ ،   بېقىندۇرغۇچى تارماق  جۈملىگەئەگىشىپ ،  ئۇنىڭ  بىرەر  بۆلىگىنى  ياكى  بۈتۈن جۈملىنى تولۇقلاش،  ئېنىقلاش  رولىنى  ئوينايدۇ .
  بېقىندىلىق  قوشما جۈملە   تەركىبىدىكى   تارماق   جۈملىلەر   بېقىندۇرۇش  ۋە  بېقىنىش  مۇناسىۋىتىدە  كەلگەنلىكتىن ،   ئۇلارنىڭ   بىرى   باش جۈملە ،  يەنە بىرى   بېقىندى  جۈملە  بولۇپ كېلىدۇ.
   بېقىندىلىق  قوشما  جۈملە   تەركىبىدىكى  ئىككىنچى  بىر  ئاددىي  جۈملىنى  ئۆزىگە   بېقىندۇرۇپ   كەلگەن  جۈملە ____  باش جۈملە  دېيىلىدۇ.
بېقىندىلىق قوشما جۈملە   تەركىبىدىكى   باش جۈملىگەبېقىنىپ ،  ئۇنى  ئىزاھلاپ  كەلگەن جۈملە ___  بېقىندى جۈملە دېيىلىدۇ.   مەسىلەن  :   ئادەم قانچىكى ئاجىز بولسا، (   بېقىندى جۈملە )   شۇنچە ئوڭاي  خىيالغا يەم بولىدۇ .    سىزگە شۇنداق  جاۋاپ بېرىمىزكى ،  (   باش جۈملە )    بۇنداق تەلىمات  روسىيىدە  يېڭىلىق بولماي  قالغىنىغا  خېلى  ۋاقىت بولدى (   بېقىندى جۈملە )
  بېقىندىلىق قوشما جۈملىلەر  تەركىبىدىكى  ئاددىي  جۈملىلەرنىڭ بېقىنىش  ۋە  بېقىندۇرۇشتىن  ئىبارەت  سىنتاكسىسلىق   مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۇرىدىغان  ھەم بېقىندى  جۈملەبىلەن باش جۈملىنى  ئۆز ئارا  باغلايدىغان سىنتاكسىسلىق ۋاستىگە  قاراپ  ،  ئۈچ  تۈرگە بۆلىنىدۇ .
1)   مورفولوگىيىلىك   قوشۇمچە ئارقىلىق  باغلىنىپ  كەلگەن  بېقىندىلىق قوشما جۈملە
     بۇنداق بېقىندىلىق  قوشما جۈملىنىڭ  بېقىندى  جۈملىسى   ئالدىدا  ،  باش   جۈملىسى  ئاخىرىدا   كېلىدۇ . تۈزۈلۈش   شەكلىمۇ ھەرخىل بولىدۇ.    مەسىلەن :  ئەگەر دوستلىرىم   مايماق بولسا ،  (   بېقىندى جۈملە )    مەن ئۇلارغا   يان تەرەپتىن   قارايمەن .  (   باش جۈملە )   
2)  ‹‹كى››  باغلىغوچىسى  ئارقىلىق باغلىنىپ كەلگەن بېقىندىلىق  قوشما جۈملە
    بۇنداق بېقىندىلىق قوشما جۈملە  تەركىبىدىكى  باش جۈملە بېقىندىلىق  قوشما  جۈملىنىڭ  بېشىدا،  بېقىندى  جۈملە  ئاياغلاشقان  شەكىلدە  بولىدۇ،   بېقىنىش ۋە  بېقىندۇرۇش   مۇناسىۋەت  مەزمۇن جەھەتتە كۆرۈلىدۇ .  مەسىلەن  :  
   تالانت شۇنداق نەرسىكى ، (   باش جۈملە ) ئۇ  ئۆمۈر  بويى  مېھنەت  سىڭدۇرۇشنى   تەلەپ  قىلىدۇ . (  بېقىندى جۈملە )  
3)   ھەم قوشۇمچە   ،  ھەم باغلىغۇچى ، ھەم ئۇلانمىلار   ئارقىلىق باغلىنىپ كەلگەن  بېقىندىلىق قوشما جۈملە
   بۇنداق بېقىندىلىق  قوشما جۈملىدە بېقىندى   جۈملە  ئالدىدا   باش جۈملە  ئاخىرىدا   كېلىدۇ.   بېقىندى  جۈملە  ئا سا  سەن   ئاياغلاشقان   شەكىلدە   بولىدۇ.   مەسىلەن :   رەھمەتلىك ئاتام بۈگۈنكى  باياشات  تۇرمۇشىمىزنى  كۆرەلىگەن بولسا ئىدى،   ( بېقىندى  جۈملە  )    قانچىلىك  سۆيۈنۈپ  كېتەتتى  _   ھە ؟   (   باش جۈملە )
4__  ئارىلاش  قوشما جۈملە
تەركىبىدىكى  ئاددىي جۈملىلەرنىڭ بەزىلىرى تەڭداش مۇناسىۋەتتە  ،  بەزىلىرى  بېقىندىلىق   مۇناسىۋەتتە  ئۆز ئارا باغلىنىپ كېلىدىغان  قوشما جۈملە  ___ / ئارىلاش  قوشما جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ.ئارىلاش قوشما  جۈملە  قوشما جۈملىلەرنىڭ ئەڭ مۇرەككەپ  بىر تۈرى  بولۇپ ،  ئۇ تۆۋەندىكىدەك  خۇسۇسىيەتلەرگە  ئىگە  :  
   1)  ئارىلاش قوشما جۈملە تەركىبىدىكى ئاددى  جۈملىلىەرنىڭ  بەزىلىرى تەڭداشلىق مۇناسىۋەتتە  ،بەزىلىرى بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتە  كەلگەنلىفى ئۈچۈن  ،  بەزى تارماق  جۈملىلەر ئاياغلاشقان  شەكىلدە ، بەزىلىرى  ئاياغلاشمىغان  شەكەلدە كېلىدۇ.
  2)  ئارىلاش  قوشماجۈملە  ئاز دېگەندە   ئۈچ  ئاددىي  جۈملىدىن  تۈزۈلگەن  بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭتەركىبى  تۈزۈلىشى  تەڭداش قوشما جۈملە بىلەن  بېقىندىلىق قوشما جۈملىگە  قارىغاندا  مۇرەككەپرەك بولىدۇ .
  ئارىلاش قوشما جۈملىنىڭ شەكىللىرى ھەر خىل بولۇپ  ئۇنىڭ  ئاساسلىق  شەكىللىرى ئۈچ خىلدىن ئىبارەت
   1 ___   بىر بېقىندە جۈملىنىڭ تەڭداش مۇناسىۋەتتىكى بىر قانچە  باش جۈملىگە ئورتاق  باغلىنىشتىدىن  تۈزۈلگەن ئارىلاش  قوشما جۈملە .  بۇ خىل  قوشما جۈملىدە   كەم دېگەندە  ئۈچ ئاددىجۈملە  بولىدۇ .  مسىلەن :   ئەگەر  ھەقىقەت  بىزگە نامەلۇم   بىر ئىشنى قىلىشىمىزنىڭ   زۆرۈريىتى   يوخلىقىنى  بىلدۈرسە  ، (   بېقىندى جۈملە  )    ئۇ ھالدا  ئۇ ئىنى   قىلماسلىقىمىز   (باش جۈملە )   ياكى  ئۇ ئىشتىن  ئۆزىمىزنى تارتىشىمىز لازىم.   ( باش جۈملە )  
2___ ئۆزىگە خاس بېقىندى جۈملىسى بار  باش جۈملىلەرنىڭ  تەڭداش مۇناسىۋەتتە  باغلىنىپ كېلىشىدىن  تۈزۈلگەن ئارىلاش قوشما   جۈملە  .   مۇنداق قوشما جۈملىدە  كەم دېگەندە  تۆت  ئاددى جۈملە بولىدۇ مەسىلەن :    بىر ئادەمنىڭ  خاراكتېرى    ئومۇمەن ياخشى  بولسا ،  (  بېقىندى جۈملە )   ئۇنىڭ قىسمەن كامچىلىكلىرى   كۆرۈنمەيدۇ ؛ ( باش جۈملە)       كېچىسى گەپقىلساڭ  ، (  بېقىندى جۈملە )  قۇلاقنى قۇلاققا ياق   .(  باش جۈملە )  
3__بېقىندى جۈملىسى بار  باش جۈملىنىڭ بېقىندى جۈملىسى يوق  باش جۈملە  بىلەن تەڭداشلىق مۇناسىۋەتتە   باغلىنىپ كېلىشىدىن  تۈزۈلگەن ئارلاشما قوشما جۈملە ، مۇنداق  قوشما جۈملىدە   كەم دېگەندە  ئۈچ  ئاددىي جۈملە   بولىدۇ .  مەسىلەن : سېنىڭ قولغا كەلتۈرگەن  نەتىجىلىرىڭ  كۆپ ، (  باش جۈملە )   لېكىن  شۇنى ئېسىڭدە چىڭ  تۇتۇشىڭ  لازىمكى  (   باش جۈملە  )    مەغرۇر لىنىشىڭغا  بولمايدۇ .(  بېقىندى جۈملە)  
  5___  كۆچۈرمە جۈملە ۋە  ئۆزلەشتۈرمە  جۈملە
كىشىلەر  ئاغزاكى  ۋە يازما نۇتۇقلىرىدا  ئۆز ئوي  _  پىكىرلىرىنى  ئىپادىلەشتە  باشلىلارنىڭ   گەپ -  سۆزلىرىنى  ئەينەن  قوللۇنىدۇ . بەزىدە ئاساسىي  مەزمۇنىنى   ساخلاپقالغان ھالدا  قىسمەن ئۆزگەرتىپ  قوللىنىدۇ.
  1- كۆچۈرمە  جۈملە
كۆچۈرمە  جۈملە   ئومۇمەن  ئاپتورنىڭ ئوي – پىكىرىنى  تېخىمۇ روشەن  ،  تېخىمۇ ئېنىق   ۋە ئىسپاتلىق   ئىپادىلەش ئۈچۈن   قوللۇنىدۇ  . شۇڭا كىشىلەر قاراشلىرىنى ،   ئوي- پىكىرلىرىنى  ئىسپاتلاش زۆرۈرىيىتى  بىلەن   ئۆزىنىڭ  يازما ۋە  ئاغزاكى   نۇقتىدا  كۆچۈرمە  جۈملىلەرنى  ئىشلىتىدۇ .
     باشقا  بىر شەخسىنىڭ  ئاپتور  سۆزى   ئىچىدە  ھېچقانداق  ئۆزگىرىشسىز   ئەينەن   قوللىنىلغان  گەپلىرى ___ كۆچۈرمە  جۈملە  دېيىلىدۇ.  
   كۆۋۈرمە جۈملە  تۆۋەندىكىدەك  خۇسۇسىيەتلەرگە   ئىگە  :   
    1)   كۆچۈرمە جۈملە  ئەسلى  سۆزلىگۈچى   ياكى يازغۇچى  قانداق ئېيتقان   ياكى  يازغان بولسا ،  ئاپتور تەرىپىدىن  مەزمۇن ۋە شەكىل  جەھەتتە  ھېچقانداق   ئۆزگەرتمەي ،  ئۆز ئەينى  بويىچە قوللىنىلغان  بولىدۇ.
   2)    كۆچۈرمە جۈملە   ئاپتۇر   سۆزى  ئىچىدە  خۇددىجۈملىنىڭ بىر بۆلىكىدەك   سىنتاكسىسلىق   رول ئوينايدۇ   شۇڭا  كۆچۈرمە جۈملىلەر  ئاپتۇر غۆزى  ئىچىدىكى  كېڭەيتىلگەن  بۆلەك دەپ ئاتىلىدۇ .
  3 )   كۆچۈرمە جۈملە  ئېغىزدا   ئۆزىگە خاس   ئىنتوناتسىيە  ،  يېزىقىداتېگىشلىك  تىنىش  بەلگىلىرى   ئارقىلىق  ئاپتور  سۆزىدىنپەرىقلىنىپ تۇرىدۇ .  كۆچۈرمە  جۈملىلەر  ئاپتۇر سۆزىدىن   ئاۋۋال  ،   ئوتتۇرسىدا ،    ئاخرىدا   كېلىدۇ .  مەسىلەن:  
     ‹‹  مەن  ئۈچۈن  ئېيقاندا ،   ھاياتنىڭ  ئەھمىيىتى    باشقىلارنىڭ غېمىنى يېيىش ،  غەم -   قايغۇدا ۋە  شاتلىقتا  ئۇلار بىلەن  بىللە  بولۇشتا››  دېگەنىدى   ئالىم  ئېينىشتېيىن   .
   پاۋلېنكو : ..   قايسى ئائىلىدە  كىتاپ ئوقۇلمىسا  ____   ئۇ مەزمۇنەن  ، مۇكەممەل   ئائىلە   بولالمايدۇ  ››   كىشىلەر  ئاغزاكى  ۋە يازما نۇتۇقلىرىدا  ئۆز ئوي  _  پىكىرلىرىنى  ئىپادىلەشتە  باشلىلارنىڭ   گەپ -  سۆزلىرىنى  ئەينەن  قوللۇنىدۇ . بەزىدە ئاساسىي  مەزمۇنىنى   ساخلاپقالغان ھالدا  قىسمەن ئۆزگەرتىپ  قوللىنىدۇ.

2- ئۆزلەشتۈرمە   جۈملە
    ئاپتور  ئۆز پىكىرىنى  تولۇق  ئىپا دىلەش   مەقسىتىدە   مەزمۇنىنى  ساقلاپ  قېلىپ ،  گرامماتىكىلىق   شەكلى ئۆزگەرتىلگەن   ھالدا   قوللىنىلغان  باشقىلارنىڭ سۆزلىرى  ___  ئۆزلەشتۈرمە جۈملە دېيىلىدۇ.گوركى ياشلىقنىڭ چەكلىك بولىدىغانلىقىنى ،   بىلىمنىڭ چەكسىز بولىدىغانلىقىنى ،   قىسقىغىنا  ياشلىق دەۋردە  چەكسىز بىلىم ئېلىشنىڭ لازىملىقىنى كۆرسەتكەنىدى .
    ئۆزلەشتۈرمە  جۈملە  تۆۋەندىكىدەك  خۇسۇسىيەتلەرگە  ئىگە :  
   1)  ئۆزلەشتۈرمە جۈملە  ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى   گرامماتىكىلىق   تۈزۈلۈش   شەكلىنى   ساقلاپ  قالالمايدۇ ،   بەلكى  ئۇ ئاپتورسۆزىگە ئۆزلىشىپ ،   ئۇنىڭ  بىر قىسمىغا  ئايلىنىدۇ ،لېكىن  ئۇنىڭدا  سۆزلىگۈچى  ياكى يازغۇچى   پىكىرىنىڭ  ئەسلىدىكى مەزمۇنى  ساقلاپ قېلىنىدۇ.
2)    ئۆزلەشتۈرمە جۈملە  ئەسلىدىكى  ئىنتوناتسىيە    مۇستەقىللىكىنى  ساقلاپ  قالالمىغاچقا ،  يېزىقتا  تىنىش  بەلگىلىرى ئارقىلىق  پەرىقلەنمەيدۇ .  مەسىلەن :  قەدىمكى  زاماندا ئۆتكەن يۇنان مۇتەپەككۇرى  سېنكا مۇنداق دېگەنىدى  ؛  ‹‹   كىتاپلارنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى  كۆپلۈكى پىكىرلەرنى چېچىۋېتىدۇ ››  . ( كۆچۈرمە جۈملە  )     قەدىكى زاماندا ئۆتكەن  يۇنان  مۇتەپەككۇرى  سېنكا  كىتاپلارنىڭ  ھەددىدىن تاشقىرى  كۆپلۈكى پىكىرلەرنى چېچىۋېتىدىغانلىقىنى   ئېيتقانىدى  .   (  ئۆزلەشتۈرمە جۈملە )
    سوئال ۋە  ئۈندەش  جۈملىلەردىن تۈزۈلگەن  كۆچۈرمە جۈملىلەر ،  ئادەتتە  ،  ئۆزلەشتۈرمە  جۈملىگە ئايلاندۇرۇلمايدۇ  ، ئۇلارنى  ئۆزلەشتۈرمە  جۈملىگە ئايلاندۇرۇشقا  توغرا كەلسە ،  تۆۋەندىكى ئۇسۇللار  قوللىنىلىدۇ :  
(1 )   كۆچۈرمە جۈملىنىڭ   خەۋرى سوئال  سوئال ئۇلانمىلىرى  ئارقىلىق  ئىپادىلەنگەن بولسا،   ئۇلانمىنى  چۈشۈرۈپ  قويۇپ  ،   خەۋەرنى بولۇشلۇق   ۋە بولۇشسىز  سۈپەت   پېئىلغا  ئايلاندۇرۇپ ،   تەكرارلاش ئۇسۇلى  قوللىنىلىدۇ .  مەسىلەن :    ___  ئاتام بۈگۈن  قايتىپ  كېلەرمۇ؟  __  دەپ سورىدى قىزچاق  مېنىڭدىن (  كۆچۈرمە جۈملە )      قىزچاق  مېنىڭدىن  ئاتىسىنىڭ  بۈگۈن كېلىدىغان  _  كەلمەيدىغانلىقنى  سورىدى ( ئۆزلەشتۈرمە جۈملە .
(2)   كۆچۈرمە جۈملىنىڭ خەۋىرى سوئال   سۆزلىرى بىلەن تۈگىسە  ، خەۋىرى چۈشۈم كېلىشتىكى   ئىسىملاشقان  سۈپەت  پېئىلىغا    ئۆزگەرتىلىدۇ .   ئۇنىڭدا  سوراق  مەنىسى يەنىلا  ساقلىنىپ قالىدۇ.  مەسىلەن :  ئۇ ئالىي جاناپ  نېمە دەپ  بۇيرۇق قىلدى؟-  دەپ سورىدى  ياسىن  (ۆچۈرمە جۈملە )   ياسىن ئۇ  ئالىيجاناپنىڭ نېمە دەپ بۇيرۇق  قىلغانلىقىنى   سورىدى . ( ئۆزلەشتۈرمە جۈملە )
  تىنىش  بەلگىلىرى  ۋە  ئۇلارنىڭ   ئىشلىتىلىشىدىكى  ئاساسىي  قائىدىلەر
21  چېكىت  ( . )  ۋە  ئۇنىڭ  ئىشلىتىلىشى
     چېكت __  جۈملىنىڭ مەنە ئالاھىدىلىكىنى  ئىپادىلەيدىغان  جۈملە ئاخىرى تىنىش  بەلگىلىرىدىن  بىرى  بولۇپ ،  ئۇ ئوي- پىكىرنىڭ  بايان تەرىقىسىدە  تولۇق  ئاياغلاشقانلىقىنى  بىلدۈرىدۇ.   ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش  ئورنى تۆۋەندىكىچە :  
1.  ئاددىي ۋە قوشما جۈملە شەكىلىدىكى خەۋەرجۈملىلەردىن كېيىن  ھەم  بۇيرۇق  ۋە ئۈندەش ئاھاڭدا ئېيتىلماي ،  بايان ئاھاڭىدا ئېيتىلغان بۇيرۇق ،  ئۈندەش جۈملىلەردىن كېيىن چىكىت  قۇيۇلىدۇ  . مەسىلە ن :بۇرۇن  تېرىلغان .                                         
ئۇنىڭ كۆزلىرى  ئۇيقۇسىراپ   پات-   پات يۇمۇلۇپ  قالسىمۇ ، خىيالىنى ئورىۋالغان پۇشايمان ۋە      ئېغىرھەسىرەتلەر ، بۇنى ئاز دەپ چىۋىنلارنىڭ گىژىلداپ غىدىغلاشلىرى ئۇنىڭ ئۇيقۇسىغائارام بەرمەيتتى .  بىز بۇئۇلۇغ كۈننى كۈتۈۋالايلى.
    2.  قىسقارتىپ يېزىلغان  ئىسىم  بىلەن فامىلە ئارىسىغا چېكىت  قويۇلىدۇ .ئەمما بۇنىڭدىن  باشقا  قىسقارتىلغان خاس ئىسىملار ۋە خاس ئىسىمسۆز بىرىكمىلىرىنىڭ ئوتتۇرسىغا ھېچقانداق بەلگە قويۇلمايدۇ .   مەسىلەن:    م. گوركى(   ماكسىمگوركى) ز. قادىر (  زۇنۇن قادىر ) ب د ت  (  بىرلەشكەن دۆلەتلەر  تەشكىلاتى )  
     3.  رەقەم بىلەن يېزىلغان رەت تەرتىپىنى بىلدۈىدىغان  سانلار  ياكى  باش ماۋزۇ  بىلەن تارماق  ماۋزۇنىڭ  رېتىنى بىلدۈرىدىغان  سانلاردىن كېيىن چېكىت  قويۇلىدۇ .  مەسىلەن :   1.ئەخلاقىي جەھەتتە  
   2. ئەقلى جەھەتتە
  3.يوقسۇللار مۆلكى
     4.  يىل ، ئاي ،  كۈنلەر رەقەم  بىلەن  ئىپدىلەنگەندە  ئۇلارنىڭ  ئارسىغا  چېكىت  قويۇلىدۇ .   مەسىلەن : 2015.8.26  
5.ئونلۇق كەسىردىكى بۈتۈن  سان بىلەن  كەسىر سان  ئارىسىغا ،  جۈملىدىنسائەت بىلەن  مىنۇت  تەڭ كۆرسۈتۈلگەندە  سائەت بىلەن  مىنۇت  ئارسىغا  چېكىت  قويۇلىدۇ  .   مەسىلەن:  2.5( ئىككىپۈتۈن ئوندىن بەش ) سائەت 8.20 دە (  سائەت  سەككىزدىن  يىگىرمەمىنۇت ئۆتكەندە )
  سوئال ( ؟ )   ۋە ئۇنىڭ  ئىشلىتىلىشى
سوئال بەلگىسى ___    جۈنلىنىڭ  مەنە  ئالاھىدىلىكىنى  ئىپادىلەيدىغان  جۈملە  ئاخىرى  تىنىش  بەلگىلىرىدىن  بىرى  بولۇپ  ،   ئۇ  ئوي  -  پىكىرنىڭ   سوراق   تەرىقىسىدە   ئاياغلاشقانلىقىنى   بىلدۇرىدۇ  .  ئنڭ   ئىشلىتىلىش  ئورنى  تۆۋەندىكىچە  :
    1)   ئاددى  ۋە  مۇرەككەپ   شەكىلدىكى   ھەر  خىل    سوئال  جۈملىلەردىن  كېيىن   سوئال   بەلگىسى   قويۇلىدۇ  .  مەسىلەن   :   سەگدەپ  ئولتۇرامسەن  ؟  مەن  ساڭا  ئىچ  ئاغتېتسام  ،  ماڭا  كىم   ئىچ   ئاغرىتىدۇ  ؟
     2)  مۇرەككەپ  شەكىلدىكى  سوئال  قۈملىلەردە ،   ئەەەر  ئۇلار   بىر  بىرىگە  مۇناسىۋەتلىك   بىر  ئومۇمىي   ئوي – پىكىرنى  ئىپادىلىسە  ،   سوئال  بەلگىسى  ئۇلارنىڭ كەينىدىكىسىەىلا   قويۇلىدۇ  .  ئالدىنقكىسىغا   پەش  قويۇلىدۇ  ؛  ئەگە ر  بۇلار  مەزمۇن جەھەتتە   مۇستەقىل  بولسا  ياكى   بۇلارنىڭ  ھەر  بىرى  ئالاھىدە  تەكىتلەپ ئېيتىلسا  ،  بۇنداق  جۈملىلەرنىڭ  ھەر  بىرىدىن  كېيىن   سوئال  بەلگىسى   قويۇلىدۇ  .  مەسىلەن  : ئۇنى  ئاران  بىر  ئۇچراتقاندا  ،  نېمىشقا   ئۇنىڭ  ئالدىغا    يۈگۈرۈپ   بارمىغاندىمەن  ؛ بوينىغا   ئېسىلمىغاندىمەن  ،  دەردىمنى  تۆكۈپ يىغلىمىغاندىمەن ؟ /ئاھ  ،  ئىسىت ..  ،   ئۇ  مېنى   كۆرمىدىغۇ  ،  مېنى  كۆر مەستىن  كېتىپ  قالدىغۇ  ؟
  ئۈندەش  (  !  )  ۋە   ئۇنىڭ  ئىشلىتىلىشى
   ئۈندەش  بەلگىسىمۇ  __  جۈملىنىڭ  مەنە  ئالاھىدىلىكىنى  ئىپادىلەيدىغان  جۈملە  ئاخىرى   تىنىش  بەلگىلىرىدىن  بىرى  بولۇپ  ، ئۇ  ئوي  -  پىكىرنىڭ  ئۈندەش  ۋە  بۇيرۇق  تەرىقىسىدە  ئاياغلاشقانلىقىنى   بىلدۈرىدۇ  .  ئۇنىڭ  ئىشلىتىلىش   ئورنى  تۆۋەدىكىچە  :
  1.  كۆتۈرەڭگۈ  ئاھا ڭ   بىلەن  ئېيتىلىدىغان   ھەر  خىل  شەكىلدىكى   ئۈندەش  ۋە  بۇيرۇق   جۈملىلەردىن  كېيىن   ئۈندەش  بەلگىسى  قويۇلىدۇ  .  مەسىلەن  :
  ئازادلىق  ئۈچۈن  مالال  يەتكۈزگەن   100 يىللىق  ئاسارەت  يوقالسۇن !  چېتىقلار  بىكار  قىلىنسۇن !  كىشەنلەر  ئۈزۈلسۇن !  ئەي  ، بۈيۈك  شىر  !  سەن  كۆرەش  بىلەن  ئۆزۈڭنى  تونۇتتۇڭ  ! ...  ،  ساڭا  شان  شەرەپلەر  بولسۇن  !  يەنىمۇ  زور   غەيرەت  ،   سۈرئەت    بىلەن    نومۇسۇڭنى  ئاقلا  !    (   ل .  مۇتەللىپ  . ‹‹   ئۇنىڭ   كەلگۈسى  زور  ھەم   پارلاق  ››  تىن  )    ۋاي – ۋۇي  ،   بۇ جايلار  نېمىدىگەن  گۆزەل  بولۇپ  كەتكەن  !    پاھ  ،  بۇ  ئەنجۈر لەر   تازىمۇ   ئوخشاپتۇ _ دە  !  يوقال ، كۆ زۈمدىن !   
  2.  ئۈندەش   ئاھاڭىدا   ئېيتىلغان   ئىملىق  سۆز  ۋە  قاراتما  سۆزلەردىن  كېيىن  قويۇلىدۇ .  مەسىلەن  .    ھەي  ! بۇ ياققا   كەلگىنە  .   جېنىم   بالام  !  ساڭا  ئاق  -  يول   بولسۇن  .   يولداشلار  !  غەيرەت  قىلىڭلار  !
          ئەسلەتمە  :
   ھەم  ئۈندەش  ،  ھەم  سوئال   مەنىسىنى  ئاڭلاتقان  جۈملىلەردىن  كېيىن   ئۈندەش  بەلگىسى  سوئال  بەلگىسى   تەڭ  قويۇلىدۇ  .قايسى  بەلگىنىڭ   ئالدىغا  قويۇلىشى   جۈملىدە  ئىپادىلەنگەن ئۈندەش  مەنىسى  بىلەن  سوراق  مەنىسىنىڭ   كۈچلۈك  -  ئاجىزلىقىغا   باغلىق  . مەسىلەن  :  ھە ،  ئۇ   ئەسلىدە    بۇ  ئىشلارنىڭ   ھەممىسىدىن   خەۋەر  تېپىپ  بولغانىكەن  -  دە ! ؟ ئەجەپ  ھە ،يا  قامغاق ،  يا  توغراق  ئەمەس  ، نەق  يۇلغۇن ئۆسكىنى   قەبرە  بېشىدا  !   نە قىسمەت   بار  ئىكىن   بىر  جۈپ  مەرھۇمنىڭ   بىمەھەل   خاك  بولغان   يۈرەك  قېنىدا  ؟  !  
  پەش ( ،  )   ۋە   ئۇنىڭ     ئىشلىتىلىشى
  بۇ  بەلگە  ئاساسەن  جۈملىدىكى تەڭداش  بۆلەكلەرنىڭ  ھەم  قوشما  جۈملە  تەركىبىدىكى  ئاددىي  جۈملىلەرنىڭ  ئۆز ئارا  مۇناسىۋىتىنى ھەمدە  جۈملىدىكى  قاراتما سۆز  ۋە  قىستۇرما  سۆزلەرنىڭ جۈملە  بۆلەكلىرىدىن پەرقىنى  ئىپادىلەيدۇ  . ئۇنىڭ  ئىشلىتىلىش  ئورنى   تۆۋەندىكىچە  :
   1 .  جۈملىدىكى  تەڭداش  بۆلەكلەرنىڭ   ئارسىغا  قويۇلىدۇ .  مەسىلەن  :  بىزنىڭ  يۇرتتىن  ئالما ، ئۈزۈم ، نەشپۈت ،  ئۆرۈك ، ئەنجۈر  ۋە  ياڭاق  چىقىدۇ .  ھېلى  ئۇ  ئىشقا  ،   ھېلى   بۇ  ئىشقا   ئۇرۇنۇش  _  ئۆز _ ئۆزىگە  زىيانكەشلىك   قىلىش   دېمەكتۇر  (  ش  . گۇنو  )
   2.  قوشما  جۈملە   تەركىبىدىكى  ئاددىي  جۈملىلەر  باغلىغۇچىسىز  باغلىنىپ  كەلسە  ،  ئۇلارنىڭ  ئوتتۇرىسىغا  قويۇلىدۇ    مەسىلەن  :
   قەيەردە  ئەقىل  بولىدىكەن  ،  قۇدرەتمۇ   شۇ  يەردە  . ( ۋ . گىيونى )    چاقماق  چاقماقتا   ،  ھاۋا گۈلدۈلىمەكتە  ،  شامال ئارىلاش   يامغۇر  ياغماقتا  .
3 -    قوشما  جۈملە  تەركىبىدىكى  ئاددىي  جۈملىلەر نى  بىر  - بىرىگە  باغلايدىغان بىر  قىسىم  باغلىغۇچىلارنىڭ  ئالدىغا  پەش   قپيۇلىدۇ  .  مەسىلەن  :  ۋاقىت  بار  چاغدا  شاھانە  ئەسەرلىرىنى   ئوقۇۋېلىڭ  ،  ئەكسىچە  كېيىن  بۇنىڭغا  ئۈلگۈرەلمەيسىز  !   ( گ . تورا  )
  4.   جۈمە  بىلەن  گرامماتىكىلىق  باغلىنىشى  يوق سۆزلەرنى  جۈملىدىن  ئاجرىتىش  ئۈچۈن  پەش  قويۇلىدۇ    مەسىلەن  : ئەي ،  ئوقۇغۇچىلار ، مېنىڭ  ئۈمىدىمنى  ئاشۇنداق  ئاقلىماقچىمۇ  ؟  ۋاي  _  ۋۇي  ، سېنىڭ  مۇشۇ  لايىغەزەللىكىڭدىن  ھەجەپمۇ   زېرىكتىم  !
5.   دىئالوگلاردا  پېرسۇناژ  سۆزى  (  بايان جۈملە  شەكلىدىكىسى  )   بىلەن  ئاپتۇر  سۆزىنى  گرامماتىكىلىق   جەھەتتە  پەرىقلەندۈرۈش  ئۈچۈن   سىزىقچە  بىلەن   پەش بىرلىكتە  قويۇلىدۇ  .  مەسىلەن  :  ئەجەپ  خەقكەنسىلەر ، ___  دەپ  تېرىكتى  سايىم  ،  _ ئۆزۈڭلار  بىرەر  ئىشنى  قاملاشتۇرۇپ   قىلالمايدىكەنسىلەر  ،  خەق  قىلسا  كۆرەلمەيدىكە نسىلەر  .....  
     ئەسلەتمە:
1.تەڭداش  بۆلەكلەر  ۋە  قوشما  جۈملە  تەكىبىدىكى  ئاددىي  جۈملىلەر  ئـــە گـــە  ر   ‹‹ ۋە ، ھەم  ، ھەمدە ،يا ( يا كى  )  ››  ەېگەن باغلىغۇچىلار  بىلەن  باغلىنىپ  كەلسە  ،   ئۇلارنىڭ  ئارسىغا  پەش  قويۇلمايدۇ .  مەسىلەن  :  مەكتەپ  دارۋازىسىدىن   ئوقۇتقۇچىلار  ۋە  ئوقۇغۇچىلار  كېرىپچىقىپ  تۇراتتى .  مەن  ھېچكىم  بىلەن  دۈشمەنلەشمەيتتىم   ھەم ھېچكىم  بىلەن يامانلاشمايتتىم  .
2. ‹.ھەم ،يا ، گاھ ، خاھ  ، نە ››  باغلىغۇچىلىرى  ئەگەر  تەڭداش  بۆلەكلەرنىڭ  ياكى قوشما  جۈملە  تەركىبىدىكى  ئاددىي جۈملىلەرنىڭ  ئا لدىدا تەكرارلىنىپ  كەلسە  ،  ئۇ ھالدا  بۇ  باغلىغۇچىلارنىڭ   ئالدىغا   پەش  قويۇلىدۇ  . مەسىلەن  :   بىز  ھەم سانغا  ،  ھەم  سۈپەتكە  ئېتبار  بېرىشىمىز  زۆرۈر  . سەن  ئۇنى   يا ئۇنىڭغا  ، يا  ماڭا  بەر  !  بۈگۈن بىدەم  كۈن  چىقىدۇ  ، بىردەم يامغۇر  ياغىدۇ  ،  ئاجايىپ  بىر  كۈن  بولدى  . خاھى كەل ،  خاھى  كەلمە  ،  بۇ .ۆزەڭنىڭ  ئىشى  . مېنىڭ  نە ئانام ،  نە ئايالىم  ،  نە  پەرزەنتىم ...بىرمۇ  سۆيۈملۈك   ئادىمىم  قالمىغانىدى  .
  چېكىتلىك  پەش (؛)  ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
بۇبەلگە  تەڭداش  تەركىپلەرنى  ئايرىش  ئۈچۈن  قوللۇنىلىدىغان  ،   تەڭداش  تەركىبلەرنى   ئايرىشتىكى  رولى  پەشكە   نىسبەتەن  ئۈستۈن  تۇرىدىغان   تىنىش  بەلگىسى   .
تەڭداش  تەركىبلەرنىڭ  ھەر  قايسى   ياكى  ئۇلارنىڭ   بىرى   يەنە  بىرقانچە   تەڭداش  تەركىبلەرنى   ئېلىپ  كەلگەن   بولسا  ، ئۇلارنىڭ  قاتلاملىق   مۇناسىۋىتىنى   ئېنىق   ئايرىش   ئۈچۈن  ئۈستۈنكى   قاتلامدىكى  تەڭداش   تەركىبلەر   ئارىسىغا   چىكىتلىك  پەش  قويۇلىدۇ  .  مەسىلەن  :  مېۋىلىك   دەرەخ ئېگىلىپ تۇرىدۇ  كىشىلەر  ئاڭا   تىرەك  قويۇدۇ  ؛  مېۋىسىز   دەرەخ  غادىيىپ  تۇرىدۇ  ،    كىشىلەر  ئۇنى   پۇتاپ   تۇرىدۇ  .    ھاياتلىق  بولمىسا  ،  ئۆلۈم   بولمايدۇ  ؛  ئۆلۈم  بولمىسا  ،  ھاياتلىق   بولمايدۇ  ؛   يۇقىرى   بولمىسا  ،   تۆۋەن  بولمايدۇ  ؛  تۆۋەن  بولمىسا  ،  يۇقىرىمۇ  بولمايدۇ ؛   بالايىئاپەت  بولمىسا  ،   بەخت  بولمايدۇ  ؛   بەخت  بولمىسا  ، بالايىئاپەتمۇ  بولمايدۇ
قــــوش  چىـــــكىــــــت   ( :  )   ۋە  ئۇنىڭ  ئىشلىتىلىشى  
قوش  چىكىت  ئاساسەن  بايان  بەلگىسىدۇر  .  ئۇنىڭ  كونكىرېت  ئىشلىتىلىش  ئورنىڭ  تۆۋەندىكىچە  :     
   1.  ئاددىي  جۈملىلەردىكى  ئومۇملاشتۇرغۇچى  سۆز  ۋە  قوشما  جۈملىدىكى  ئومۇملاشتۇرغۇچى  جۈملىدىن  كېيىن  قويۇلىدۇ  .  مەسىلەن  :  
  ئىككى  خىل  ئادە  :  بىرى ، مەككار  دوست  ،  يەنە  بىرى  ،  ياۋۇز  دۈشمەن ئەڭ قورقۇنچلۇق  .
  2. كۆچۈرمە  جۈملە  بىلەن   دىئالوگلارنىڭ   ئالدىدا  كەلگەن  ئاپتۇر  سۆزىدىن  كېيىن  قويۇلىدۇ  ،  مەسىلەن  :  ( 1 ) يادىكار مۇنداق  دېگەن  ئىدى  : ‹‹  مەن  يولۇقتۇرغان  ئادەملەرنىڭ  ھەممىسى  مەلۇم  جەھەتتە  مەندىن  قابىلراق  شۇ  جەھەتتە  مەن ئۇلاردىن  ئۈگىنىشىم  كېرەك  .››
3.ھۆرمەت  تەرىقىسىدە   ئېيتىلغان   قاراتما  سۆزدىن  كېيىن  قوش چىكىت  قويۇلىدۇ  .بۇنداق  قاراتما  سۆز لەر   كۆپۈنچە  خەت  - ئالاقىلاردا  ، تەكلىپ  قەغەزلەردە   ئۇچرايدۇ  .مەسىلەن :    ئاپتونوم  رايۇنلۇق   ئەدىلىيە  نازارىتىگە  :
ھۆرمەتلىك  قادىر  توختىغا  :
    سىزنى  ئەتە  كەچتە   بىزنىڭ  ئۆيگە   چايغا  تەكلىپ  قىلىمىز  .    ھۆرمەت  بىلەن  : xxxxx (   چىسلا  )  
  4.   بىرەر  مەسىلىنى   ئىسپاتلاش  زۆرۈرىيىتى  بىلەن   ئىشلىتىلگەن  ‹‹  مەسىلەن  ››  سۆزىدىن  كېيىن   قوش  چېكىت   قويۇلىدۇ .
   قوش  تىرناق  ( ‹‹  ››  )  ،  يالاڭ  تىرناق  (  ‹  ›  )  ۋە  ئۇلارنىڭ  ئىشلىتىلىشى
قوش  تىرناق  بىلەن  يالاڭ  تىرناق  جۈملىدە  كۆچۈرمە  جۈملە بىلەن  كۆچۈرمە  تەركىبلەرنى   گرامماتىكىلىق  جەھەتتىن  ئىپادىلەش  رولىنى ئوينايدىغان  تىنىش  بەلگىلىرى  بولۇپ  ، ئۇلار  كۆچۈرمە  تەركىبلەرنى  ئاپتۇر  سۆزىدىن  ئايرىپ  كۆرسىتىدۇ  . قوش  تىرناقنىڭ  رولى  يالاڭ  تىر ناققا  نىسبەتەن چوڭراق  ،  ئۇلارنىڭ  ئىشلىتىلىش ئورنى  تۆۋەندىكىچە  :
1. جۈملە   تەركىبىدىكى  كىتاپ  ، گېزىت  ، ژۇرنال  ،  ماقالە ۋە  ئەسەرلەرنىڭ ناملىرى  قوش  تىرناق   ئىچىگە  ئېلىنىدۇ  .  مەسىلەن  :  مەن  بۇ  يىل  ‹‹ دۇنيا  ئەدەبىياتى  ››  ، ‹‹ تارىم  ››  ، شىنجاڭ  گېزىتى  ››  گە  مۇشتىرى  بولدۇم  .  مەن  ‹‹ زۇنۇن  قادىر ى  ئىجادىيىتىنىڭ  بەزى  خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدا  ›› دېگەن   ماقالىنى  ئوقۇپ  چىقتىم  .
2. جۈملە ئىچىدە  كەلگەن  كۆچۈرمە  جۈملە  ۋە  كۆچۈرمە  تەركىبلەر  قوش  تىرناق  ئىچىگە  ئېلىنىدۇ .  مەسىلەن  : پادىشاھنىڭ  سۆزىنى  ئاڭلاپ  ‹‹ خوپ  !  ›› دەپتۇ  ۋەزىر  .  ف . بېكون : ‹‹ ئۇياتتىن  قىزىرىش  _  ياخشىلىق  زىننىتى  ›› دېگەن  ئىدى  .
3. جۈملىدە  ئاتاپ  كۆرسىتىلگەن  ۋە  ئەسلى  مەنىسىدە  ئىشلىتىلمىگە ن  تەركىبلەر  قوش  تىرناق  ئىچىگە  ئېلىنىدۇ  .  مەسىلەن  :
پەقەت ‹‹ سۇ ›› سۆزىگىلا  ئۈچىنچى  شەخستە  ‹‹سى  ››  ئۇلانماي  ‹‹ يى ››  ئۇلىنىدۇ .
  قادىر  كىشىلەرنى  ئانچە -  مۇنچە  قاقتى – سوقتى  قىلىدىغانلىقى  ئۈچۈن   ئۇنىڭغا  ‹‹ ئوۋچى ›› دەپ  لەقەم  قويۇلۇپ  قالغانىدى  .
   4. ئىدارە ، جەمئىيەت  ،  مەكتەپ  ،  زاۋۇت ، كان ، كارخانا  ،  سودا  دۇكانلىرى ، تاۋار ماركىلىرى قاتارلىقلاردا  ئاتاپ  قويۇلغان  ناملار  كۆچۈرمە  تەركىب ھېسابلىنىپ  ، قوش  تىناق  ئىچىگە  ئېلىنىدۇ .  مەسىلەن :   ‹‹ ئالغا ››  كوپىراتىپى ، ‹‹ ئاۋانگارت ›› ئاياغ – كىيىم  فابرىكىسى  ، ‹‹ يېڭىنۇر ››باش كىيىم  زاۋۇتى  .
  ئاخىرىدىكى  تەركىبلەرگە  نىسبەتەن  ئېنىقلىغۇچىلىقى  ئېنىق  بولغان  تەركىبلەر  قوش  تىناق  ئىچىگە  ئېلىنمايدۇ  . مەسىلەن :  نەنمېن بېكىتى  ، يەر ئاستى سودا  سارىيى  ، سۇ  ئۈستى  ساياھەت باغچىسى ....
5.  تارىخىي ۋەقە ، بايرام ، مۇھىم  يېغىن  ياكى  يىغىلىشلارغا  قويۇلغان  ناملار  قوش  تىناق  ئىچىگە ئېلىنىدۇ .  مەسىلەن : ‹‹ 1-ماي ›› خەلقئارا ئەمگەكچىلەر  بايرىمى  .  ‹‹زۇنيى ››   يىغىنى ....
   6. قوش  تىرناق  ئىچىدە  كەلگەن  كىتاب ، گېزىت ، ژۇرنال ناملىرى  ، ماۋزۇلار ، ئەسەر ناملىرى  ھەم كۆچۈرمە  جۈملە  ئىچىدە  كەلگەن  كۆچۈرمە  سۆز  ۋە كۆچۈرمە  جۈملىلەر   يالاڭ  تىرناق  ئىچىگە  ئېلىنىدۇ .  مەسىلەن  :   ئاقىللار  مۇنداق  دەيدۇ :  ‹‹ ياخشى بىلەن  دوست بولساڭ  ، نەپ  تېگىدۇ ، ئۆزۈڭمۇ  ياخشى  ئادەم  بولۇپ  قالىسەن ، (ياخشى  بىلەن  دوست بولساڭ يېتىسەن  مۇرادقا )  دېگەن  شۇ ؛  يامان  بىلەن  دوست  بولساڭ  ، يامان  ئادىتى  يۇقىدۇ  ، ئۆزۈڭمۇ  بۇزۇلۇپ  كېتىسەن ، ( يامان  بىلەن  دوست  بولساڭ  ،  قالىسەن  ئۇياتقا  )  دېگەن  ئەنە شۇ .شۇڭا  بىز (دوست تۇتۇش ) تا  ( ياخشى  دوست  )  تۇتۇشىمىز ، ( يامان دوست ) تۇتماسلىقىمىزلازىم . ››
      تىرناق ( ‹ › )  ۋە ئۇنىڭ  ئىشلىتىلىشى   
تىرناق ___  ئىزاھ  مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان  بەلگە  بولۇپ  ،  ئۇنىڭ  ئىتىلىش  ئورنى  تۆۋەندىكىچە  :
1.  جۈملىدە  مەلۇم  بۆلەكنى  تولۇقلاش  ، ئىزاھلاش  ياكى  شەرھلەش مەنىسىدە  كەلگەن  تەركىبلەر  تىرناق  ئىچىگە  ئېلىنىدۇ .مەسىلەن : بۈگۈن  سىزنىڭ  ئالدىڭىزغا  بىر  كىشى  چىقىدۇ  ، (  ئۆزى  ئەر ئىشچان ، ئوتتۇز  ياشلار  ئەتراپدا ) بىزنىڭ  شىركەتنىڭ   خىزمەتچىسى  .   دوپ   دەرىخى 00___ 150 يىلغىچە  ئۆمۈر  كۆرىدۇ ، بۇ جەرياندا  ئۇنىڭ قۋزىقىنى   ئون  نەچچە  قېتىم   ئالغىلى   بولىدۇ  .  (  بىرىنچى  قىتىمقى  قوۋزاقنى  20 ياشقا   كىرگەندە  ئېلىشقا  بولىدۇ )  .
2.  كۆچۈرۈلگەن  ياكى  نەقىل  ئېلىنغان  جۈملىلەرنىڭ ئاپتۇرى  ياكى ئورنىنى  ئىزاھلاش  ئۈچۈن   تىرناق  قوللىنىدۇ . مەسىلەن :بىز  ھامان ئۆزىمىزنىڭ نەتىجىسىنى  ، ئېھتىياجىنىلا  ئويلاۋەرمەيلى  ،  بىز  ئىمكان  قەدەر  باشقىلارنىڭ  ئارتۇقچىلىقلىرىنى  بايقايلى  ، ئاندىن  كېيىن  خۇشامەت  قىلماستىن  ،  بەلكى ئۇلارنى سەمىمىي  - ساداقەت  بىلەن  ماختايلى  .  ( دالىي  كارنىگ  ‹‹ جاھاندارچىلىق  سەنئىتى ›› 117-بەت )
  3.  سەھنە  ئەسەرلىرىدە  ئاپتۇرنىڭ  پېرسوناژلارنىڭ  ھەركىتى ، كەيپىياتى   توغۇرسىدا  بەرگەن  ئىلاۋىلىرى  تىرناق  ئىچىگە  ئېلىنىدۇ . مەسىلەن :  سىيىت  : (  قەپەزدە  كەكلىك  كۆتۈرۈپ  كىرىپ )  مەشرەپ ،  ھاي مەشىرەپ ، لېنى  سەن ،  چاپسان ماڭ !
مەشىرەپ : ( قولىدا  ئاتنىڭ  نۇختىسىنى  كۆتۈرۈپ   باغ  تەرەپتىن كىرىدۇ ) نېمە بولدى ، ئالتۇن توشقان  تۇتۇۋالغاندەك  ۋارقىراپ  كەتتىڭغۇ  ؟
سىيىت :  خۇش خەۋەر ، ( قەپەسنى  ئېگىز  كۆتۈرىدۇ  )  بۈگۈن مېنىڭ  كەكلىكىم  باراتنىڭ  كەكلىكىنى  قاچۇردى  . ( ‹‹ غۇنچەمدىن ›› دىن  ) سىزىق  ( __ ) ۋە ئۇنىڭ  ئىشلىتىلىشى
سىزىق رولى  ئاساسەن  تىرناققا  ئوخشاپ  كېتىدىغان  بىرخىل  ئىزاھ  بەلگىسى ،  ئۇ  كۆپۈنچە   ئىزاھ ، بايان  ، چەك  مەنىلىرىنى ئىپادىلەش  ئۈچۈن  قوللىنىلىدۇ  :
     1.  ئنگىمۇ ، خەۋەرمۇ  باش  كېلىشتىكى  ئىسىم  ياكى ئسىم  ۋەزىپىسىدە  كەلگەن  باشقا  سۆزلەردىن  بولسا  ، ئۇلارنىڭ  ئارىسىغا   سىزىق  قويۇلىدۇ . مەسىلەن        نومۇس __ بۇ  تاشقىي  ۋىجدان  ،  ۋىجدان  بولسا ___ ئىچكى  نومۇس  .     قوپاللىق  ___  روھىي  گادايلىق  .
      2.  ئەگەر  ئىگە  ئىگىلىك  (  تەۋەلىك  )  قوشۇمچىسى  بىلەن  تۈرلىنىپ  كەلگەن  ئىسىم ياكى  ئىسىم  ۋەزىپىسىدىكى  باشقا  سۆزلەردىن  بولۇپ ، خەۋەر  باش  كېلىشتىكى  ئسىم  ياكى ئىسىم  ۋەزىپىسىدىكى   باشقا  سۆزلەردىن  بولسا  ۋە  ياكى  ئۇنىڭ  ئەكسىچە  بولسا  ، ئىگە بىلەن خەۋەرنىڭ  ئوتتۇرسىغا  لويۇلىدۇ ؛  ئىگىمۇ ،  خەۋەرمۇ ئىگىلىك  ( تەۋەلىك  )  قوشۇمچىسى  بىلەن  تۈرلەنگەن ئىسىم ياكى ئىسىم  ئورنىدىكى  باشقا  سۆزلەردىن  بولسا  ،  ئۇلارنىڭ  ئوتتۇرسىغىمۇ  قويۇلىدۇ .   مەسىلەن :   بىر  دۆشـــــمىنىڭ  __  كۆپ  ،  دوستلىرىڭ  مىڭلاپ  بولسىمۇ ___  ئاز      ياخشى  كۈلكە ____   روھىي  ساغلاملىقنىڭ  ئەڭ  ئېنىق بەلگىسى .
       3.  دىئالوگلاردا  سۆزلىگۆچىلەرنىڭ  سۆزى يېڭى  قۇردىن  باشلانغاندا  ،ئۇلارنىڭ  ئالدىغا  قويۇلىدۇ .  مەسىلەن  :
     ___ ئانامنى  سېغىنىپ  قالدىم  .
___  ئانىڭىز  قەيەردە ؟
____     يىراقتا ،  بەك  يىراقتا  قالدى  .
   4.  ئاپتور  سۆزى  بىلەن  پېرسوناژ  سۆزى  ئارىلاش  كەلگەندە ، ئۇلارنى  پەرىقلەندۈرۈش  ئۈچۈن  قويۇلىدۇ .  مەسىلەن  :
    __  ئنىڭ  پۇت  -  قولىنى  ئەمەس ، تىلىنى  دەڭ ،  تىلىنى ،  ۋاي- ۋۇي ، - سۇلتانمۇرات  يەنە  تەنىلىك  كۈلۈمسىردى، ___  يەرگە قاراپ  شۇنداق  گەپلەرنى  قىلۇدىكى ، ھەتتا  چاياننىمۇ  چىرقىرىتىۋېتىدۇ ، بىلىسىزغۇ  .
  5.  تەڭداش  بۆلەكلەر دىن  كېيىن كەلگەن  ئومۇملاشتۇرغۇچى  سۆزلەرنىڭ  ئالدىغا  قويۇلىدۇ . مەسىلەن  : بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە  يەر ،  سۇ ،  ئورمان ، يەر ئاستى  بايلىقلىرى ___  ھەممىسى ئەمگەكچى خەلققە  مەنسۈپ .
  6.  زامان ، ماكان  مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان  ئىككى سۆز   (  ياكى  سان )  نىڭ  ئارىسىغا  قويۇلىدۇ ، بۇنداق  سىزىق  << ۋە  ،ھەم >>   مەنىلىرىنى ، شۇنىڭدەك  ،  ‹‹ ...دىن ...غىچە ››  مەنىلىرىنى  ئىپادىلەيدۇ  .  مەسىلەن  :  لەنجۇ -  شىنجاڭ  تاشيولىنىڭ   تۇرپان  تەۋەسىدىكى بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ  ياساش  قۇرۇلىشىدا  ئىش  باشلاندى .  ئۇ 2015___ 2016- ئوقۇش مەۋسۇمىدا   ئەلاچى  .
                   سىزىقچە  ( - )  ۋە  ئۇنىڭ  ئىشلىتىلىشى
سىزىقچە  __  ئاساسەن  يېرىم  قوشۇپ  يېزىش   بەلگىسى  بولۇپ ،  سۆزلەرنىڭ مەنە  جەھەتتىكى  بىر  پۈتۈنلىكنى  ئىپادىلەيدۇ  . ئۇنىڭ  ئىشلىتىلىش  ئورنى تۆۋەندىكىچە :
  1. جۈپ سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا  قويۇلىدۇ  . مەسىلەن : ھۆل –يېغىن ، ئىس – تۈتەك ، ئوت-چۆپ ، پال – پۇل  ،    ...
  2. سۆزلەرگە  قوشۇلۇپ  يېزىلمايدىغان  ئۇلانمىلارنىڭ  ئالدىغا  قويۇلىدۇ . مەسىلەن : ئۇ كارىۋاتقا  ئۆزىنى تاشلىدى – دە  ، بۇقۇلداپ  يىغلاشقا  باشلىدى  .  بىز  ئۈچۈن  بۇ تۇنجى  قېتىم  كۆرۈشۈش  -تە ؟  بۇ  ئىشنى  سەنلا  يالغۇز  بىجىرىۋېتەمسەن –يە ؟
  3. ئېنىقلىغۇچى ۋەزىپىسىدە  كەلگەن  دەرىجە  سانلارنى رەقەم بىلەن  يازغاندا ، ئۇلاردىن  كېيىن  قويۇلىدۇ . مەسىلەن :  2015-يىلى  9- ئاينىڭ 5- كۈنى ،  2- ئوتتۇرا  مەكتەپ ،  12-بىنا  4- قەۋەت  45-  ئۆي .....
4.   سۆزلەر قۇردىن  قۇرغا  بوغۇمدىن  ئايرىپ  كۆچۈرۈلگەندە  ، ئايرىلغان  بوغۇمدىن  كېيىن  قويۇلىدۇ . مەسىلەن  :  مەكتەپ-                 ئوقۇغۇچىلار  -
لەرگە       دىن
     كۆپ  چېكىت  (....)  ۋە  ئۇنىڭ  ئىشلىتىلىشى  
كۆپ چېكىت  ___  ئاساسەن  قىسقارتىش  بەلگىسى  بولۇپ ، يېزىقتا  پىكىرنىڭ  تولۇق  ئاياغلاشمىغانلىقىنى  ،  قىسمەن  ئوي – پىكىرنىڭ قالدۇرۇپ  قويۇلغانلىقىنى  ئىپادىلەيدۇ ، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش  ئورنى تۆۋەندىكىچە  :
1.      پىكىرنىڭ  تولۇق  ئاياغلاشمىغانلىقىنى ، داۋامىنىڭ  بارلىقىنى  بىلدۈرۈش  ئۆچۈن  قويۇلىدۇ . مەسىلەن :  باھار  كەپتۇ ، سوپسۇپىياڭ  كېچە – كۈندۈز  بەكمۇ  چىرايلىق بەكمۇ  يېقىملىق سايراشقا  باشلاپتۇ .... ھەي گۈل ،....  دېھقانلار  ناخشامنى ئاڭلىغاندا ،  ھېرىش – چارچاشنى ئۇنتۇپ  قالىدۇ ، سەنمۇ ناخشا  سادايىم  ئىچىدە  ئېچىلىسەن .....
  2.  ئىش – ھەركەتنىڭ  بىر خىلدا  تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى  بىلدۈرۈش  ئۈچۈ ن  جۈملە  ئاخىرىغا  كۆپ  چېكىت قويۇلىدۇ . مەسىلەن :  ئەنە ،  جەنۇپنىڭ تاشلىق  يوللىرى  .....       ئۇ ئوغۇرلىقچە  چۈشۈۋالغان  ماشىنا ......   ئۈرۈمچىدە  ئۇنىڭغا  بىر  نەچچە  گۈن  ئاتدارچىلىق  قىلغان  ئاشپەز .....
  3. سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزىدىكى قورقۇش ،دۇدۇقلاش ، جىددىيلىشىش سەۋەبىدىن  بولىدىغان  ئۆزگۈرۈشلەرنى  ئىپادىلەش  ئۈچۈن  قويۇلىدۇ .  مەسىلەن :
__ زاھىر ، ئانام .....__ دېدىم  مەن قورقۇپ  ۋە تىترەپ تۇرۇپ  ، تېز ئۆيگە ....ئانام ....__ مەن سۆزلىيەلمەي  قالدىم  ، يۈرىكىم ئەنسىز  سوقۇپ  تۇراتتى  .
  4. دىئالوگلاردا جاۋاپسىز  قالدۇرۇلغان ئورۇنغا  قويۇلىدۇ . مەسىلەن  :     __ ئېتىڭ  نېمە  ؟                                                                                      
                       __........
                  ___  بۇ يەرگە  نېمە  ئۈچۈن  كەلدىڭ  ؟
       5.   نۇتۇقتا  سۆزنىڭ  ئۈزۈلۈپ – ئۈزۈلۈپ تەلەپپۇز  قىلىنغانلىقىنى  ياكى مەلۇم  سوزۇق  تاۋۇشنىڭ ئادەتتىكىدىن  سوزۇپراق  تەلەپپۇز قىلىغانلىقىنى  ئىپادىلەش  ئۈچۈن  قويۇلىدۇ . مەسىلەن  :   ئاتام  بىر  تېرە ،بىر سۆڭەك  بولۇپ  قالغان  قولىنى  سۇنۇپ :  __ئاپاڭغا ....  ياخ ...شى ... قارا ... ئۇكىلىرىڭغا ...ھەم ....دەم  __ دېدى-دە  ، كۆزىنى  يۇمدى  .      گۈلشە ...ن  ،  ھەي ،  گۈلشە ... ن  ، مەيەرگە كېلىڭ  ، مەيەرگە   
2015- 9- 3- kvni                                 
uyghuray

aaot=oghuztigin=和平之子

46

تېما

9

دوست

9711

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   94.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10330
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1504
تۆھپە : 1943
توردىكى ۋاقتى: 321
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-3 14:29:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام

2

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25572
يازما سانى: 1003
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 3228
توردىكى ۋاقتى: 1089
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-3 15:03:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز . بەك ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز . ھارمىغايسىز . مەن ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا قانائەت قىلماي قالغان بىر مەزمۇن بار ئىدى . بۇ تېمىنى كۆرگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا مۇجمەل ھېس قىلدىم . تەلىم بەرگەيسىز .
       مەسىلەن : تولۇق ھەم تولۇقسىز جۈملىنى قائىدىسى ھەم مىساللىرىنىڭ ھەر بىرىنى ، ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ، بىرمۇ - بىر ئايرىپ ، چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز . ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز . اللەقا ئامەنەت .

4

تېما

10

دوست

8670

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   73.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35433
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 2620
توردىكى ۋاقتى: 684
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-3 15:24:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېما...جىق قائىدىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم.
uyghuray

4

تېما

0

دوست

416

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34615
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 126
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2015-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-3 20:47:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن ھارمىغايسىز

1

تېما

2

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3512
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 767
تۆھپە : 2980
توردىكى ۋاقتى: 1416
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-3 20:48:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي بىزگە ئۆز تىلىمىزنىڭ مۇھىم قانۇنىيەتلىىنى بىلدۈرگىنىدىن ناھايتى خۇشال بولدۇم، ياراتقۇچى ئىگەمدىن ئۇستازنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئۆمرىگە بەرىكەت،ھاياتىغا خۇشاللىق، ئىجادىيتىگە مول مىۋە ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن. گىزىت-ژورنال، كىتاپ ۋە تاراتقۇلاردىكى باغلاشمىغان جۈملىلەر، مەنتىقىگە چۈشمەس سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ ماڭدامدا بىر ئۇچراۋاتقىنىغا قاراپ گۈزەل ھەم پاساھەتلىك بۇ تىلىمىزنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى بىلىدىغان ئادەملەر قالمىغانمىكىن دەپ گۇمان قىلىپ قالاتتىم.

2

تېما

49

دوست

9497

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   89.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 2969
توردىكى ۋاقتى: 677
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-4 00:48:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
           مۆھتەرەم ئۇستاز!
           ياشىنىپ قالغانلىقلىرىغا قارىماي، سۆيۈملۈك ئانا تىلىمىزنىڭ قەدىر - قىممىتى ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەن قوللىرىدىن قىزىل گۈللەر ئۈنۈپ كەتكەي، ئىلاھىم!
جەنابىي ئاللاھ ئۆمۈرلىرىنى ئۇزۇن، تەنلىرىنى مەڭگۈ سالامەت قىلغاي، ئامىن!
         81 ياشقا كىرگەن تۇرۇغلۇق بۇ قەدەر  قىممەتلىك مەلۇماتنى سۇنالىغانلىرى تولىمۇ كاتتا مىھنەت ھېساپلىنىدۇ، ئەلبەتتە. جەنابىي ئاللاھ بۇ قىممەتلىك مىھنەتلىرىنىڭ ئەجىر - ساۋابىنى ھەسسىلەپ بەرگەي، ئامىن!
          مېنىڭ ئەمدى دېمەكچى بولغىنىم، ھازىر ئۇيغۇر تىلىنىڭ گرامماتىكىلىق قائىدىسىدە ئېغىر بۇزغۇنچىلىقلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. مەسىلەن:
         1) جانلىق تىل بىلەن يېزىق تىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا چۇڭقۇر ھاڭ پەيدا قىلىندى. بۇ بولسىمۇ بەلگىلىك شارايىتتا جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش شەكىللىرىنىڭ جاراڭسىزلىشىش ھالىتىگە، جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرىنىڭ جاراڭلىقلىشىشىغا يول قويۇلماسلىقتا ئىپادىلىنىدۇ.
           مەسىلەن: باغ ، تاغ قاتارلىق سۆزلەر بەلگىلىك ئوي – پىكىرنى ئىپادىلەش ئېھتىياجى سەۋەپلىك باققا ، تاققا دەپ يېزىش كېرەك بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە باغقا ، تاغقا دەپ يېزىش كېرەكلىگى ، ئەمما تەلەپپۇزدا باققا ، تاققا دېيىلىدىغانلىغى، < ك > ، < ق >،< ت > قاتارلىق جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرى ئاخىرىغا بەلگىلىك سۆزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى ئۇلىنىپ كەلگەندە < گ >،< غ >،< د > غا ئۆزگەرگەن ھالدا تەلەپپۇز قىلىنىدىغان بولسىمۇ ، ئەمىلىيەتتە يانىلا جاراڭسىز شەكلىدە يېزىش كېرەكلىگى؛ مەسىلەن: كەلمەك = كەلمىكى (< كەلمىگى > دېيىلمىگۈدەك) ، قۇلاق = قۇلىقى (< قۇلىغى> دېيىلمىگۈدەك) ، مەقسەت = مەقسىتى (< مەقسىدى > دېيىلمىگۈدەك) دېگەندەك.
           2) ئۇيغۇر تىلىدا ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ھەرىپى بۇغۇم بېشى بولۇپ كەلمەيدۇ، دېگەن قائىدە بار دېيىلىپ، چەتئەل تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەردىكى بۇغۇم بېشى بولۇپ كەلگەن قوشما ھەرپلەرنىڭ ئارىسىغا بىر سوزۇق تاۋۇش ھەرىپىنى زومۇ – زو قوشۇپ يېزىش؛ مەسىلەن : تراكتۇر = تىراكتۇر ، ترانىسكرىپسىيە = تىرانسكىرىپسىيە دېگەندەك.
بۇنىڭ نەتىجىسىدە :
          1) تىل – تەلەپپۇز ئورگانلىرىمىزنىڭ ھەرىكەت قۇلايلىغى قىيىنلىشىپ ، گالدا قىلتىرىق تۇرۇپ قالغاندەك ، ياكى گالغا ئۆسمە پەيدا بولۇپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان؛
         2)سۆزلەرنىڭ ئاڭلىنىشى قوپال ، يېقىمسىز بولۇپ قالىدىغان؛
         3) ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ئورۇنسىز تۈۋەنلىتىۋېتىلىدىغان؛
         4) مانا شۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئەمدى ھازىرقى ئەۋلاتلىرىمىز 10 نەچچە يىل بۇرۇنقى كىتاپ – ماتېريااللارنى چۈشۈنۈشتا گاڭگىراپ قالىدىغان؛
         5) ۋە يەنە مانا شۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىلمىي ئەزەللىگى ۋە قىممىتى يوقىلىپ كېتىشكە يۈز تۇتىدىغان يامان ئاقىۋەت پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
        بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟
      زادى تىلىمىز شۇنداقلا بۇزغۇنچىلىقنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ كېتىشى كېرەكمىدۇ؟
      مەن بۇ ئەھۋاللار توغرىسىدا بىرەر قارشى پىكىرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئۇزۇن ۋاقتتىن بۇيان ئىنتايىن سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈپ كەلدىم، سۈكۈت قىلدىم.ئەمما ھېچ قانداق بىر قارشى ئىنكاس ئوتتۇرىغا چىقمىغاننىڭ ئۈستىگە ، ئۇ خاتا پىرىنسىپ ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ.
سىلى بۇ مەسىلىگە قانداق قارايلا؟
     

0

تېما

0

دوست

1647

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   64.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35598
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 506
توردىكى ۋاقتى: 117
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-4 06:44:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەشەككۇر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )