ئەمەلدارلىرىمىزدىكى چىرىكلىك قاچان تۈگەيدۇ؟
ئىلاۋە: ھوقۇق – ئەمەلىڭدىن كۆرەڭلىمە، بولمىسا جىنازاڭنى كۆتۈرگەنلەرنىڭ ساڭا دۇئا ئەمەس، لەنەت ئوقۇشىغا ئېرىشىپ قالىسەن. پۇل – مېلىڭدىن كۆرەڭلىمە، بولمىسا ئەسلى سەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پۇلنىڭ چاكىرىغا ئايلىنىپ قالىسەن.
ـــ ئۈندىداردىن
يۇقىرى مائاش ئەمەلدارلارنىڭ پاكلىقىنى ساقلىيالامدۇ؟ مېنىڭچە، ناتايىن. شۇنداق، بەزىلەر ئەمەلدارلار پۇلنى ئاز تاپقاچقا، كۈن ئالمىقى قىيىن، شۇڭا ئۇلار چىرىكلىشىدۇ، مۇبادا ئۇلارنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلسە، پاك ياشايدۇ، دېيىشىدۇ. شۇنىسى ئايدىڭكى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارغا يۇقىرى مائاش بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان، ئەمما دەل ئاشۇلار چېرىكلىشىشتىكى ئەڭ ئېغىر ئاپەت رايونىغا ئايلىنىپ قالماقتا.
بەزىلەر ئادەملەرنىڭ كىرىمى كۆپەيسىلا، چىرىكلىك يولىغا ماڭمايدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنداق ئويلايدىغانلار ئادەملەرنىڭ ئەسلى تەبىئىتىنى بىلمەيدىغانلاردۇر. چۈنكى ئادەمنىڭ ئەسلى تەبىئىتى تويماستۇر، شۇڭا، «ئادەملىرىڭ تويماسكەن دۇنيا» دېگەن قىزىقارلىق سۆز بىكار چىقمىغان. سىلەرچە، يىللىق مائاشى بىر مىليارد يۈەن بولغانلار پاك يۈرەلەرمۇ؟ مۇبادا يۇقىرى مائاش بىر ئادەمنىڭ ئارزۇسىنى ئۆزگەرتەلىسە، ئاشۇ خىيانەتچى ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى مائاشىنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىغان پۇلغا خىيانەت قىلامتى؟ يۈننەن ئۆلكىلىك بىرىنچى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ تيەنچاۋ يېقىندا 100 يۈرۈش ئۆي ۋە 100 ئاپتوموبىلغا خىيانەت قىلغان. 2006 – يىلىدىن بۇيان جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدە تۆت نۆۋەت چىرىكلىك دېلوسى يۈز بەرگەن بولۇپ، دېلوغا 14 ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلىرى چېتىلىپ قالغان. ئەمدى سىزدىن يەنە سوراپ باقاي، يۇقىرى مائاش ئەمەلدارلارنى پاك ساقلىيالامدىكەن؟
مۇخبىرلار پۇتبول شاھى بېلدىن: سىزنىڭ بۇ ئۆمرىڭىزدە ۋارتارغا ئەڭ ياخشى ئۇرغان توپىڭىز قايسى؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ: كېلەر قېتىمقىسى، دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن. بېلدىكى بۇ پىسخىكا دەل ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئارزۇنىڭ چەكسىز بولىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر، بېلنىڭ ئارزۇسى تەنتەربىيەدىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، يەنە ئۆي ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەت قىلىش، «ئاشنا» ئىزدەش قاتارلىقلاردىمۇ ئىپادىلىنىدىغانلىقى تەبىئىي ئەھۋال. ئادەمنىڭ ئارزۇسى چەكسىز بولىدۇ، ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش، مۇھىت، شارائىتلارنىڭ چەكلىمىلىرى ئارقىلىق چەكسىزلىككە چەكلىمە قويغىلىمۇ بولىدۇ. سۇن ۋۇكوڭ بىر موللاق بىلەنلا مارسقا چىقىپ كەتسىمۇ بولاتتى، ئەمما تەڭرى ئۇنى «18 مىڭ چاقىرىم» بىلەنلا چەكلىگەن.
بىز چىرىكلىنى يوقىتىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان تۈزۈم ۋە بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ باقتۇق، لېكىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىش جەريانىدا، ھەمىشە تۈزۈمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تەسكە توختىدى، ھەتتا بەزى تۈزۈملەر لايىھەلەنگەندىلا يوچۇقلار قالدۇرۇلدى. ئەمەلىيەتتە، ئاتالمىش «يۇقىرى مائاش» دېگەنلىك تۈزۈمنىڭ ئېزىقتۇرۇش كۈچى دېگەنلىكتۇر. «يۇقىرى مائاش» چاقىرىقىنىڭ كۈچىدە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ يىللىق مائاشى نەچچە مىليون، ھەتتا نەچچە يۈز مىليونغا يەتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ مائاشى يۇقىرىلىغانسېرى، چېرىكلىشىش دەرىجىسىمۇ يۇقىرىلاپ، ئاۋامغا غايەت زور بالايى ئاپات كەلتۈردى. ئۇنداقتا، سىزگە سوئال: يۇقىرى مائاشمۇ ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشىنى توسۇيالمىسا، قانداق ئامال ئاشۇ خىيانەتچى، پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ رەزىل نەپسىنى كونتىرول قىلالايدۇ؟ قىسقىسى، خىيانەتچى ئەمەلدارلاردىكى چىرىلىشىش قاچان تۈگەيدۇ؟
ئەسقەرجان ئەنۋەر تەرجىمىسى
«نادىر فىلىيەتونلاردىن تاللانما» لاردىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى
|