قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 26312|ئىنكاس: 317
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاتتىلا-نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى نېمە ئۈچۈن زۆرۈر

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

68

تېما

36

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3477
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 20
مۇنبەر پۇلى: 2180
تۆھپە : 3168
توردىكى ۋاقتى: 820
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-16
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-6 19:06:16 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى نېمە ئۈچۈن زۆرۈر
مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا


   تىل-بىر مىللەتنىڭ تەپەككۈر ۋە ئالاقىلىشىش قورالى. بىر مىللەتنىڭ بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋىي ھاسىلاتلىرى شۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ تىلنى قورال قىلىپ ئېلىپ بارغان تەپەككۈر جەريانى ئارقىلىق بارلىققا كېلىپ بېيىيدۇ ۋە مىللىي مەدەنىيەت جۇغلانمىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. بىر مىللەت ئەزالىرى پەقەت ئاغىزاكى ۋە يېزىق تىلىنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق ئۆز تەپەككۈرلىرىنىڭ مەھسۇلى بولغان ئىجاد دۇردانىلىرىنى باشقىلارغا يەتكۈزەلەيدۇ ۋە كېيىنكىلەرگە مەنىۋىي ۋە ماددىي مىراس سۈپىتىدە سۇنالايدۇ.
   بولۇپمۇ ئۇچۇر يۈكسەك دەرىجىدە تېزلىشىپ، يەر شارى بىر كەنتكە ئايلانغان، يېڭى كەشپىياتلار ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، تۈرلۈك مەھسۇلاتلار ھەممە يەرگە ئومۇملىشىۋاتقان، يېڭى تىپتىكى كومپۇتېر تەرجىمە ماشىنىلىرى ۋە ئانالىز ماشىنىلىرى بارلىققا كېلىۋاتقان بۈگۈنكى شارائىتتا تىلنىڭ رولى ۋە ئۇنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، بىر ئەۋلاد تىل تەتقىقاتچىلىرىنى يېتىشتۈۈرپ چىقىش ئىنتايىن زۆرۈر.
    ئۇيغۇر تىلىمۇ بىر تىل بولۇش سۈپىتى بىلەن، زامانىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنى چەتكە قېقىشىغا قارىماستىن، زامانىمىزنىڭ يۇقارقى زۆرۈريەتلىرى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ ئۆگىنىلىش ۋە تەتقىق قىلىنىش تەقاززاسىنى بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويماقتا.
مەن تۆۋەندە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ زۆرۈريىتىنى نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ۋەزىيىتىدىن تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.
1. ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل مۇھەببىتى ۋە ئانا تىل ھېسسىياتىنى قوزغاپ، ئۇلارنى ئانا تىلىنى سۆيىدىغان، قوغدايدىغان، ساپلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ساغلام ئانا تىل تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ.
2. ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش تىلىمىزنىڭ مىللىي تىل لۇغەت بايلىقىنى بېيىتىپ، زامانىۋىلىشىش قەدىمىگە ماسلىشىشىمىزنىڭ ئېھتىياجى.
مەلۇم تىلدا قانچىلىك سۆز بايلىقىنىڭ بولىشى شۇ تىلنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ۋە ئۇقۇمدارلىقىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ھەرقانداق بىر تىلنىڭ گىرامماتىكىلىق جۈملە قۇرۇلمىسىدا ئىپادىلەنگەن ئومومىي مەنا شۇ جۈملە قۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلغان يەككە سۆزلەرنىڭ لېكسىكىلىق، كونتېكىسلىق مەنىلىرى ۋە ئۆزى بىلەن تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەردە بولىۋاتقان باشقا سۆزلەر ئارقىلىق شەكىللەندۈرگەن لوگىكىلىق مەنىلىرىنىڭ بىرىكمىسىدىن تەشكىل تاپىدۇ. شۇڭا، ھەر قانداق بىر تىلنىڭ ئۇقۇمدارلىقىدا ئالدى بىلەن سۆز بايلىقى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەگەر بىر تىلدا مەلۇم بىر شەيئى ياكى ھادىسىنى توغىرا ئىپادىلەپ بېرىشكە ماس كېلىدىغان سۆز بايلىقى بولمىسا، شۇ شەيئى ياكى ھادىسە توغىرىسىدىكى ھەرقانداق پىكىر ۋە چۈشەنچىنى ئىپادىلەش مۈمكىن بولمايدۇ.
ھازىرقى تىل رېئاللىقىمىزدىن قارىغاندا، تىلىمىزنىڭ شالغۇتلىشىشى بىر قەدەر تېز. بۇنىڭدا تۇرمۇشىمىزغا كىرىپ كەلگەن يېڭى شەيئى ۋە ئىدىيە-ھادىسىگە ئەگىشىپ كىرىپ كەلگەن ئاتالغۇلار مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئەگەر بىز تۇرمۇشىمىزغا ۋە كەسىپىي ساھەمىزگە ئۈزۈلمەي كىرىۋاتقان يېڭى شەيئى ۋە ئىدىيە-ھادىسىلەرگە ماس بولغان ئانا تىل نام-ئاتالغۇلىرىنى ياسىيالمىساق، بۇ خىل شالغۇتلىشىش تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. شۇڭا مەكتەپ ۋە تىل-يېزىق تەتقىقات ساھىسىدە ئانا تىل ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئومومىي خەلقنىڭ ئانا تىل ھېسسىياتى ھەم ئانا تىل ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق جەمىئىيىتىمىزگە كىرىپ كەلگەن ھەر بىر يېڭى شەيئى ۋە ئىدىيە-ھادىسىلەرگە ماس بولغان ھەم ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئومومىي قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۆزلۈكلەرنى ياساپ چىقىش ھەم ئۇنى جەمىئىيەتلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ھەم ئىپادىلەش كۈچىنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى مەكتەپلەردە ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ئانا تىل تەتقىقاتىنى يولغا قويۇپ جەمىئىيەتلەشتۈرۈش، مۇنەۋۋەر تىل تەتقىقاتچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتۇر.
تۆۋەندىكىلەر بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىلىرى ياساپ چىققان يېڭى ئاتالغۇلار: قول خورت، ئۆز خورت، قازغۇ، ئۇسقۇ، تۈرتكۈ، ئۈندىدار، كىملىك، تىزگىنەك، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ...
3. تىلىمىزنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.
   تىلنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىپادىلەش كۈچى ئۇنىڭ جۈملە قۇرۇلمىسى ئارقىلىق شەكىللەنگەن گىرامماتتىكىلىق بىر پۈتۈنلۈك ۋە لوگىكىلىق باغلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بىر تىلدا سۆزلەشكۈچى ئومومىي خەلقنىڭ تىل ساپاسى يۇقىرى بولسا، ئۇلارنىڭ تۈزىگەن جۈملە قۇرۇلمىسى توغىرا ھەم لوگىكىلىق باغلىنىشقا ئىگە بولۇپ، كېسەل جۈملە ئاساسەن ئۇچرىمايدۇ. بىراق، ھازىرقى تىل رېئاللىقىمىزدىن قارىغاندا، ئومومىي خەلقنىڭلا ئەمەس، خېلى تەربىيە كۆرگەن زىيالىلار قاتلىمىنىڭ، ھەتتا ئالىي مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە بەش يىل مۇنتىزىم تەربىيە كۆرگەن كەسپىي خادىملىرىمىزنىڭ ئانا تىل سەۋىيىسى نىسبەتەن تۆۋەن بولغاچقا، تۈرلۈك يازما ۋە ۋىۋىسكىلىرىمىزدا، نۇتۇقلىرىمىزدا ھە دېگەندە كېسەل جۈملىلەر ئۇچىراپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ساغلام ھالدا يولغا قويۇلۇپ، ئومومىي خەلقنىڭ ئۇيغۇر تىلى سەۋىيىسى ۋە چۈشەنچىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، تىلىمىزنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ.
تۆۋەندىكىلەر تىلىمىزدىكى بىر قىسىم كېسەل جۈملىلەردۇر: ئەرزان باھالىق ئاياللار كىيىم-كېچەك دۇكىنى. ئۇ بەش مىنۇت كېچىككەننى ھېسابقا ئالمىغاندا ھېچقانداق كېچىكمىدى. مەن ئېگىز كۆتۈرۈپ كەتمەن چاپتىم.
4. تەرجىمىنى پاساھەتلىك، ئىخچام ۋە مەزمۇنلۇق قىلىشقا پايدىلىق.
تەرجىمە ئەمىلىيىتىدىن قارىغاندا، بىر ئادەمنىڭ تەرجىمە سەۋىيىسى ئالدى بىلەن مەنبە ئەسەر تىلى جەھەتتىكى سەۋىيىسى تەرەپتىن ئەمەس، تەرجىىمە ئەسەر تىلى جەھەتتىكى سەۋىيىسى تەرەپتىن بەلگىلىنىدۇ. يەنى بىر ئادەم خەنزۇ تىلىدىكى ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلماقچى بولسا، تەرجىمىنىڭ سۈپىتىنى ھەقىقىي بەلگىلەيدىغىنى ئۇنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى، ئۇيغۇر تىلى سەۋىيىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر خەنزۇ تىلى سەۋىيسى ھەرقانچە يۇقىرى بولسۇن، ئۇيغۇر تىلى سەۋىيىسى تۆۋەن، تىلىمىزنىڭ سۆز بايلىقلىرىغا گاداي، گىرامماتىكىلىق قانۇنىيەتلىرىگە چۇلتا بولسا، ئۇنىڭ تەرجىمە قىلغىنى كېلەڭسىز، ئۇزۇن، مەنىسى مۇجمەل ياكى زىددىيەتلىك، ئۇقۇم جايىدا بولمىغان كېسەل تەرجىمە بولۇپ چىقىدۇ. ئەگەر خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى نورمال بولۇپ، ئانا تىل سەۋىيىسى يۇقىرى بولسا ئۇنىڭ تەرجىمىسى پاساھەتلىك، ئىخچام، مەزمۇنلۇق بولۇپ چىقىدۇ.
5. كومپۇتېر كوررېكتور سېستىمىسى، تەرجىمە سېستىمىسى ۋە ئانالىز سېستىمىسى قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق.
كومپۇتېر كوررېكتور سېستىمىسى، تەرجىمە سېستىمىسى ۋە ئانالىز سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارى ئالدى بىلەن بىزنىڭ شۇ مەشغۇلات سېستىمىسى ئىچىگە قاچىلىغان ئىملا قائىدىسى، تىلىمىزنىڭ فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش قائىدىسى، لۇغەت بايلىقى، گىرامماتىكىلىق قۇرۇلما قانۇنىيىتى، گىرامماتىكىلىق قۇرۇلما ئىچىگە يوشۇرۇنغان لوگىكىلىق باغلىنىش قانۇنىيتى ھەم تىلىمىزنىڭ ئىستىلىستىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە باغلىق. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئەگەر بىزنىڭ تىل تەتقىقاتىمىزنىڭ سەۋىيىسى يۇقىرى بولسا شۇنىڭغا ماس ھالدا كومپۇتېر كوررېكتور سېستىمىسى، تەرجىمە سېستىمىسى ۋە ئانالىز سېستىمىمىزنىڭ ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ. ئەكسىچە بولسا تۆۋەن بولىدۇ.
يۇقارقىلاردىن كۆرۈشكە بولۇدۇكى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشىنى ئېلىپ بېرىش ۋە كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم ھەم تەخىرسىزدۇر.
مەنبە: ئىزدىنىشىم
uyghuray

0

تېما

0

دوست

2204

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33160
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 722
توردىكى ۋاقتى: 162
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-23
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-7 19:12:31 |ئايرىم كۆرۈش
ئاغزىمىزدا دەگەرننىڭ پايدىسى يوق،ئاز تولا ھوقوقى بارلار كۇچەپ باقسا ،ھەرساھەدىكى قېرىنداشلار توختىماي پىكىر بىرىىپ تۇرساق پىكىر بەرگەنگە ئېتىۋەتىمىگەندىكىن،چۇقۇم پايدىسى بۇلىدۇ

68

تېما

36

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3477
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 20
مۇنبەر پۇلى: 2180
تۆھپە : 3168
توردىكى ۋاقتى: 820
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-16
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-7 19:46:09 |ئايرىم كۆرۈش
Sultan79 يوللىغان ۋاقتى  2015-9-7 19:12
ئاغزىمىزدا دەگەرننىڭ پايدىسى يوق،ئاز تولا ھوقوقى بارل ...

بۇ ھوقۇقى بارلارنىڭلا ئەمەس بارلىق تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بۇرچى. مەن ئاغزىمىزدا بولسىمۇ دەپ بەرسەك تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئارىسىدىكى مەسۇليەتچان كىشىلىرىمىزگە بولسىمۇ پايدىسى بولار دېگەن مەقسەدتە ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۇ ھەم بۇ يىل يازدا ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا ئېچىلغان ئۈزۈكسىز مائارىپ كۇرسىدا مەن ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇس. ھەممىنى ھوقۇقدارلارغا ئارتىپ، ئاددىي كىشىلەرنىڭ دېيىشىنى پايدىسىزغا چىقىرىش ھەممىگە پەرۋاسىز قاراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا گەپ قىلغاندا بىلىپ-بىلمەي زەھەر ئىدىيىنى تارقاتمايلى، ئويلىنىپ گەپ قىلايلى.

0

تېما

0

دوست

3832

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   61.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34855
يازما سانى: 349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1146
توردىكى ۋاقتى: 322
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-7 21:23:12 |ئايرىم كۆرۈش
بەزدە  بەزې  قېرنداشلرمز    يۇل  تامغا   ئشەك   تەپكەندەكلا  گەپ  قلسېلە   بۇ  يا  بررە  ئۇقۇق  دار  يا  بررە  مەكتاپ  مۇدرې  قلسۇن  دگەن  گەپ  ئەمەس   ئازر  ئشلەۋاتقان  تل  ئەدەبيات  مۇئەلملردن  كۇتكەن  ئۇمۇت   
uyghuray

0

تېما

0

دوست

2358

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32406
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 688
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-17
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-7 21:55:45 |ئايرىم كۆرۈش
yaruk يوللىغان ۋاقتى  2015-9-7 21:23
بەزدە  بەزې  قېرنداشلرمز    يۇل  تامغا   ئشەك   تەپكەندەكل ...

تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنى كىم باشقۇرىدۇ؟

aaot=oghuztigin=和平之子

46

تېما

9

دوست

9705

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   94.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10330
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1504
تۆھپە : 1941
توردىكى ۋاقتى: 321
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-18
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-7 22:14:01 |ئايرىم كۆرۈش

1

تېما

4

دوست

4048

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17559
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1208
توردىكى ۋاقتى: 143
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-24
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-7 22:51:26 |ئايرىم كۆرۈش
ئ‍ەمەلىيەتتە بۇنىڭغا  ھوقۇقى بار رەھبەرلەر بەكراق كۇچىسە بولاتتى ،مائ‍ارىپ نازارىتى، تىل يېزىق كومىتىتى ،ئ‍اخبارات نەشىرىيات ئ‍ىدارىسى قاتارلىق ئ‍ورۇنلار قانۇن دا بېرىلگەن ھوقۇققا ئ‍اساسەن مۇناسىۋەتلىك ئ‍ىشلارنى ئ‍ۇيۇشتۇرسا ،ئ‍ورۇنلاشتۇرسا بولاتتى

0

تېما

0

دوست

1423

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   42.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5319
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 166
تۆھپە : 335
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-7 22:56:01 |ئايرىم كۆرۈش
ئاپتۇرنىڭ يازمىسىدىكى «زامانىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ  ئۇنى (ئۇيغۇر تىلىنى دىمەكچى) ئۇگۇنۇش ۋە تەتقىق قىلىشنى چەتكە قىقىشىغا قارىماستىن،»دىگەن جۇملىلىرىدىن بۇ چەتكە قاققۇچىلارنىڭ بۇنداغ قىلىشتىكى قانۇنى ئاساسنى بىلگىم كىلىپ قالدى . ئۇ؛لار نىمىگە تايىنىپ دولەتنىڭ ئاساسى قانۇنى ۋەمىللى تىرىتۇرىيەلىك ئاپتۇنۇمىيە قانۇنىنى كوزگە ئىلماي، قانۇنغا رىئايە قىلماي بۇنداغ قىلىدۇ . .بىر مىللەت تىلىنى چەتكە قىقىش  قايسى قانۇن، قايسى قانۇنى  بەلگىلىمىدە كۇرسىتىلگەن . ئۇنداغلارنى جامائەت خەۋپسىزلىگى، تەپتىش،سوت ئورگانلىرى تىگىشلىك جازاغا تارتىش كىرەك .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )