قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 858|ئىنكاس: 0

ئالما تەقسىملەش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

2

دوست

1919

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   91.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35473
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 594
توردىكى ۋاقتى: 299
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-11 11:41:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qim-qim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-11 11:48  

                                                                         ئالما تەقسىملەش  


ھەممىمىزگە مەلۇمكى، پەرزەنتنىڭ تۇنجى ئالىدىغان تەربىيىسى ئائىلە تەربىيىسى يەنى ئانىنىڭ تەربىيىسىدۇر.
ئامېرىكىدىكى بىر پىسخولوگ ئانىنىڭ پەرزەنت ھاياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى بولۇپ، ئامېرىكا مىقياسىدا ھەرقايسى ساھەلەردە ئۇتۇق قازانغان 50 نەپەر كىشى بىلەن بىرگە، جىنايەت خاتىرىسى بار 50 نەپەر كىشىگە ئايرىم-ئايرىم خەت يېزىپ، ئۇلارنى ئانىسىنىڭ ئۆزىگە بەرگەن تەسىرى توغرىلىق سۆزلەپ بېقىشقا تەكلىپ قىلغان. جاۋاپ خەتلەر ئىچىدە، ئانىسىنىڭ ئالما تەقسىملەپ بەرگىنىدەك ئوخشاش بىر ئىش تىلغا ئېلىنغان ئىككى پارچە خەت كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بولۇپ، بۇ خەتلەرنىڭ بىر پارچىسىنى تۈرمىدىكى بىر جىنايەتچىدىن كەلگەن، خەتتە مۇنداق يېزىلغان:
كىچىك ۋاقتلىرىم ئىدى، بىر كۈنى ئاپام ئالما سېتىۋېلىپ ئەكەپتۇ، ئالمىلار ھەم يوغان ھەم قىپ-قىزىل بولۇپ، كۆزۈم بۇ ئالمىلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يوغان، قىزىرىپ پىشقان ئالمىغا چۈشتى... ئاپام ئالمىلارنى ئۈستەلگە قويۇپ، ئۇكام ئىككىمىزدىن قايسىسىنى تاللايدىغانلىقىمىزنى سورىدى. مەن ئويلىغىنىمنى دەپ بولغۇچە ئۇكام چاققان چىقىپ، يوغان ھەم قىزىرىپ پىشقىنىنى تاللىغانلىقىنى دەۋالدى... بۇ چاغدا ئاپامنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ، ئۇكامنى ئەيىپلەپ: « ياخشى نەرسىلەرنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈشنى ئۆگىنىۋال، ئۇنداق نەپسانىيەتچى بولما» دېدى. بۇ چاغدا مەن ئەسلى دېمەكچى بولغىنىمنى يۇتۇۋېتىپ: « مەن كىچىكىنى يەي، چوڭىنى ئۇكامغا بېرىڭ...» دېدىم. ئاپام مەندىن سۆيۈنۈپ كەتتى ۋە پىشانەمەە سۆيۈپ تۇرۇپ، ئۇ ئالمىنى ماڭا مۇكاپاتلاپ بەردى، مەن ئويلىغىنىمغا ئېرىشتىم. شۇندىن ئېتىۋارەن مەن يالغان سۆزلەشنى ئۆگۈنىۋالدىم. كېيىنچە، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، مۇشتلىشىش... ھەممىنى ئۆگەندىم... ئىشقىلىپ ئېرىشمەكچى بولغان نەرسەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمىدىم. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مانا تۈرمىدە يېتىپتىمەن...
يەنە بىر پارچە خەت ئاقسارايدىكى مەشھۇر بىر ئەرباپتىن كەلگەن بولۇپ، خەتتە مۇنداق يېزىلغان:
كىچىك ۋاقتلىرىم ئىدى، بىر كۈنى ئاپام ئالما سېتىۋېلىپ ئەكەپتۇ، ئالمىلار ھەم يوغان ھەم چىرايلىق بولۇپ، كۆزۈم بۇ ئالمىلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يوغان، قىزىرىپ پىشقان ئالمىغا چۈشتى... ئۇكام ئىككىمىز ئۇ ئالمىنى تالىشىپ قالدۇق. بۇ چاغدا ئاپام ئالمىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ: «ئىككىلىڭلارنىڭ بۇنى ئالغۇسى بار، شۇنداقمۇ؟ ئەمىسە ياخشى! بىز مۇسابىقىلىشەيلى، مەن ئىشىك ئالدىدىكى چىملىقنى 3 پارچىغا بۆلدۈم، كىم ئۆزىگە تەۋە چىملىقنى ھەم تېز، ھەم تەكشى قىرقىپ بولسا بۇ ئالما شۇنىڭ بولسۇن!» دېدى. بىز مۇسابىقىلەشتۇق، نەتىجىدە مەن يەڭدىم. ئۇ ئالما مېنىڭ بولدى. مەن ئاپامغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇ بۇ ئىش ئارقىلىق ماڭا، ئەڭ ئاددىي ئەمما بەكمۇ مۇھىم بولغان بىر ھەقىقەتنى ـــ ياخشى نەرسىگە ئېرىشىمەن دەيدىكەنسەن، تىرىشىپ بىرىنجىلىكنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ قويدى. ئاپام بىزنى شۇنداق تەربىيىلىدى ھەم شۇنداق قىلدى. بىزنىڭ ئائىلىدە سىز ياخشى نەرسىگە ئېرىشىمەن دەيدىكەنسىز، چوقۇم مۇسابىقىدە ئۇتىشىڭىز كېرەك. بۇ بەكمۇ ئادىل ئىش ــ ئېرىشىمەن دەيدىكەنسەن تىرىشىشىڭ، بەدەل تۆلىشىڭ كېرەك.
بۈشۈك تەۋرىتىۋاتقان قول دەل دۇنيانى تەۋرىتىۋاتقان قولدۇر. ئانا بولغۇچى پەرزەنتنىڭ تۇنجى ئۇستازى بولۇپ، ئۇ پەرزەنتىگە تۇنجى بولۇپ يالغان سۆزلەشنى ئۆگۈتىشى ۋە ياكى تىرىشىپ، بىرىنجىلىكنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۆگۈتىشىمۇ مۈمكىن.....



.
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )