قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 6659|ئىنكاس: 38

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: ئۆتكۈرسىز كۈنلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

1

دوست

1473

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  42327
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 496
توردىكى ۋاقتى: 382
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-18 00:50:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكۈرسىز كۈنلەر

ئابدۇۋەلى ئايۇپ | 2015 - يىلى 17 - سېنتەبىر


   بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل بۇرۇنقى 5- ئۆكتەبىردە سارە ئىسىملىك بىر قىز قار - يامغۇر تۆكۈلۈپ ئالدىمغا كەلدى. نېمە بولغانلىقىنى بىلىپ كۆز ياشلىرىم بىلەن ئۇ قىزغا جۈر بولدۇم. ئۆتكۈرسىز قاپتۇق. بۇ قىز مۇتەللىپ ئىسىملىك ئۆزۈمدىن كىچىك دوستۇمنىڭ ساۋاقدېشىكەن. مۇسىبەتتىكى پىغانلىرىمىزنى ساۋاقداشلار بىلەن قانداق ئورتاقلىشىش توغرىسىدا ھەمسۆھبەت بولدۇق. ئۇ چاغلاردا ئۇستازىمىز ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانى دەستەكلەۋاتقان ‹ئەنجۈمەن› ناملىق بىر ئىلىم سورۇنىغا يېتەكچى ئىدىم. ئادەتتە ئەنجۈمەنىمىز ئىككى ھەپتىدە بىر ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولغاچقا، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ تويۇقسىز پائالىيەت تەشكىللەشكە ئامالسىز ئىدۇق. ئۇيان چاپا، بۇيان چاپا سارە بىلەن مۇتەللىپنىڭ ياشلىق كۆزلىرىدىن كۆزلىرىمنى تەستە قاچۇرۇپ، ئىمكان بولمىغانلىقىنى ئەنجۈمەن تەشنالىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەمما، شۇ كۈنكى ياشلانغان كۆزلەر، تۈرۈلگەن قوشۇمىلار، ئۆمچەيگەن لەۋلەرگە ھازىرغىچە يۈز كېلەلمەيمەن. شۇ چاغلاردا يۈرەكتىن سۆيگەن كىشىلىرىنى قەلب تۆرىدە ئەزىزلەيدىغان ئۇيغۇرنىڭ «ئالىم ئۆلدى، ئالەم ئۆرۈلدى» دەپ چەككەن پىغانى ئالدىدا مەن چارەسىز ئىدىم.
    ئۆتكۈرسىز قالدۇق. ھەر قېتىم بېشىمىزغا مۇسىبەت كېلىپ كۆزىمىزگە زۇلمەت تىقىلغاندا، ھەسرەت بىلەن ئۇنى ئەسلىدۇق. خۇددى بىزگە بىر يول كۆرسىتىدىغاندەك، خۇددى بىزگە مەشئەل سۇنىدىغاندەك، سۇنغان روھىمىزغا، قاغجىرىغان ئارمانلىرىمىزغا، قانىغان قەلبىمىزگە مەلھەم بېرىدىغاندەك...
    لېكىن يەنە ئويلىدۇق، ئۆتكۈرسىز كۈنلەردە. كەتكىنى ھېكمەتكەن... چىدىيالمايتتى، يۈز كېلەلمەيتتى، يېرىلىپ كېتەتتى. كۆزى ئوچۇق كېتەتتى، يۈرىكى چاك كېتەتتى، يۈزى غەمناك كېتەتتى...
   2005  - يىلى تۈركىيەدە ئىلمىي زىيارەتتە بولغىنىمدا ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» دېگەن رومانلىرىنى ۋە «ئۆمۈر مەنزىللىرى»، «تارىم بويلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرىنى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ كىتاب ئىشكابىدا دېگۈدەك كۆردۈم - دە، خەلقپەرۋەر رەھبەر تۆمۈر داۋامەتنىڭ «سەندەك ياشىسام» ناملىق مەرسىيەسىنى ئەسلىدىم. شۇنداق ياشىغۇم كەلدى. ئۆتكۈر ئەپەندىمدەك ئەسەرلىرىم بىلەن سۆيۈلۈپ، مېنى سۆيگەنلەرنىڭ ياشلىرىنى سۈرتۈپ، كۈلكىسىگە كۈلۈپ، ئىززىتىگە جان تىكىپ...
   2015 - يىلى گازى (غازى) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھەققىدە ئىككى قىسىملىق كىتاب يازغان ھۈليا قاساپئوغلۇ خانىمنىڭ مۇشۇ يىل ئىچىدە مەرھۇم ۋاپاتىنىڭ يىگىرمە يىللىقىغا ئاتاپ مۇراسىم قىلماقچى بولغانلىقىدىن سۆيۈندۈم. پەخىرلىك دوكتورىمىز زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ ئالىمىمىزدىن ئايرىلغان يىگىرمە يىللىق ھىجران ئازابىغا پائالىيەتلەر بىلەن تەسەللى بەرگەنلىكىدىن مەمنۇن بولدۇم. تۈركىيەدىكى داڭلىق ناخشىچى، پارلامېنت ئەزاسى ئۇغۇر ئىشىلاق ئەپەندىنىڭ مەرھۇم ئالىمىمىزنىڭ «ئۇچراشقاندا» ناملىق شېئىرىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن ناخشىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئۇرۇنلىغىنىدىن پەخىرلەندىم. ھىندىستان باش مىنىستىرى مودىنىڭ مەرھۇم ئالىمىمىزنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى ئىنگلىزچە دېكلىماتسىيە قىلغانلىقىدىن ئالەمچە ئىپتىخارلاندىم.
    ئۆتكۈرسىز كۈنلەر ئۆتكۈرنىڭ ساداسى بىلەن بىزنى ئويغاتتى. ئۆتكۈرسىز كۈنلەر ئۆتكۈرنىڭ نىداسى بىلەن بىزنى يىغلاتتى. ئۆتكۈرسىز كۈنلەر بىزنى كىم بولۇش ۋە كىم بولماسلىق ھەققىدە ئازابلىق ئويلارغا مۇپتىلا قىلدى.


ئەسكەرتىش: يازغۇچىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن يوللاندى.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

1090

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  37896
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 348
توردىكى ۋاقتى: 85
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-18 19:28:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزباش ئەپەندى پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇپتىما؟ ھەجەپ خەيرلىك ئىش قىپىتىيا، رەھمەتلەر بولسۇن.

0

تېما

0

دوست

4281

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34855
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1284
توردىكى ۋاقتى: 371
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-18 19:31:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت   مۇئەلمنڭ  يازملرې      ئۇزۇر    بردۇ  ئادەمگە

0

تېما

0

دوست

1090

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  37896
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 348
توردىكى ۋاقتى: 85
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-18 19:47:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yaruk يوللىغان ۋاقتى  2015-9-18 19:31
رەخمەت   مۇئەلمنڭ  يازملرې      ئۇزۇر    بردۇ  ئادەمگە

يىگىت يازغان خەتلىرىڭىز بولسىمۇ ھوزۇر بەرسۇن ئادەمگە.
uyghuray

يوق

14

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27688
يازما سانى: 1457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3468
توردىكى ۋاقتى: 901
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-18 20:02:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكۇر ئەفەددىنى ئەسلەيمىز .

1

تېما

2

دوست

1981

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35060
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 604
توردىكى ۋاقتى: 111
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-18 20:23:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇللۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىم ئىدى، ئوقۇتقۇچىمىز ئىشىكتىن كىرىپلا بىزگە بۇ قايغۇلۇق خەۋەرنى يەتكۈزگەن، بىر نەچچىمىز ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىزغا جۆر بۇلۇپ ياش تۆككەندۇق. شۇ مىنۇتلار ھېلىھەم تۈنۈگۈنكىدەك يادىمدا......ئالىمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!

4

تېما

10

دوست

8670

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   73.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35433
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 2620
توردىكى ۋاقتى: 684
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-18 20:50:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىندىستان باش مىنىستىرى مودىنىڭ مەرھۇم ئالىمىمىزنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى ئىنگلىزچە دېكلىماتسىيە قىلغانلىقىدىن ئالەمچە ئىپتىخارلاندىم......................................................................................................ئاڭلاپ باقمىغانلا گەپكىنا ماۋۇ،بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا ئۆتكۈر ئەپەندىمىز چەتئەللەرگىچە تونۇلغان ئادەمكەن .بىز ئەۋلادلار ئۆتكۈر ئەپەندىنى چوڭقۇر ھۆرمەت،ئىپتىخار ئىلكىدەئەسلەيمىز .

1

تېما

4

دوست

4177

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   72.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17559
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1250
توردىكى ۋاقتى: 147
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-18 21:47:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەي يازمىلىرىڭىزغا ،قولۇڭىزغا دەت كەلمىسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )