بالىلارنى يەسلىگە ئاپىرىپ ئەكىلىشتىكى «بەشنى قىلىش» ۋە «بەشنى قىلماسلىق» نوبېل مائارىپى تەرجىمىسى
بەشنى قىلىش
1.ئۆيگە پىيادە قايتىش
بالىلار يەسلىگە يېڭى كىرگەن ۋاقىتتا، ئائىلىسىدىكىلەرنى بىر كۈن كۆرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى كۆرۈشى بىلەنلا ئەركىلەپ كېتىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئالغىلى بارغان ۋاقىتتا، ئۇلارنى مېھىر بىلەن قۇچاقلاپ قويسا بولىدۇ، بىراق بالىسىنىڭ چوقۇم ئۆيگە مېڭىپ قايتىشى كېرەكلىكىنى ئېسىدىن چىقارماسلىقى كېرەك. ئەمەلىيەتتە بالىلار بۇ مەزگىللىرىدە ئۆيىگە بىمالال مېڭىپ كېتەلەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلار ئۆيگە بارغۇچە مېڭىپ بارسا، پىسخىكا جەھەتتىن بىر خىل ئاگاھلاندۇرۇش بولىدۇ، يەنى ئەمدى چوڭ بولغانلىقىنى بىلىۋالىدۇ، بۇ ئۇسۇل بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە پايدىلىق.
2.تىنچلىقنى ساقلاش
بىر ئائىلىگە نىسبەتەن بالىنىڭ يەسلىگە كىرىشى ناھايىتى چوڭ ئىش. بالا يەسلىگە كىرگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە سەل كۆنەلمەي قالىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال. ئەمەلىيەتتە، بالىلارنىڭ يەسلىگە كۆنەلمەسلىكىدە ئوخشىمىغان مۇھىت ۋە چوڭلارنىڭ ئۇلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى ئاسانلا ئۇچرايدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارنى يەسلىدىن قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلاردا جىددىيچىلىك تۇغدۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆيدە ئۇنىڭ يەسلىگە كۆنەلمىگەنلىكى ياكى يەسلىگە كىرگەنلىكى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزمەسلىكى، ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك تىنچلىقنى ساقلىشى كېرەك. ئاتا-ئانىلارنىڭ سىلىق مۇئامىلىسى بالىلارنىڭ يەسلىگە تېزراق كۆنۈشۈدىكى ئەڭ ياخشى سىرتقى ئامىل ھېسابلىنىدۇ.
3.خۇشاللىقتىن بەھرىلىنىش
بالا يات مۇھىتقا كۆنەلمىگەنلىكتىن روھىي بېسىم ھېس قىلىدۇ، ئۇلاردىكى بېسىمىنى يېنىكلىتىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئۇلارنىڭ روھىدىكى جىددىيچىلىكنى تۈگىتىشتۇر. بالا ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن يەسلىدىكى بىر كۈنىدە نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش كېرەك. مەسىلەن، «بۈگۈن كىملەر بىلەن تونۇشتۇڭلار؟» «مۇئەللىم بىلەن بىللە قايسى ئويۇنلارنى ئوينىدىڭلار؟» قاتارلىقلار. چوڭلار ئۇلارنىڭ بىر كۈنلۈك پائالىيىتىنى ھەۋەس بىلەن ئاڭلاپ ئۇلار بىلەن تەڭ بەھرىلەنسە، بالىلارنىڭ ياخشى كەيپىيات تۇرغۇزۇشى ئۈچۈن پايدىسى بولىدۇ ۋە يەسلىگە تېزلا كۆنۈپ كېتىشىگە ياردىمى بولىدۇ.
4.ئاكتىپ ئالاقە قىلىش
ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ يەسلىگە تېزراق كۆنۈۋېلىشى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئاكتىپ ھالدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ يەسلىدىكى بىر كۈنلۈك تۇرمۇشى ۋە يېڭى دوستلىرى ئۈستىدە پارڭلىشىش، ئۇلار ئامراق ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرىش، ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ ئوينىشىپ بېرىشى كېرەك. بۇلارنىڭ ھەممىسى بالا ھەم سىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم.
5.ئاكتىپ ماسلىشىش
يەسلى تۇرمۇشى بىلەن ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان تەرەپلىرى بولىدۇ، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ يەسلىدىكى تۇرمۇشى، ئويۇنى ھەمدە ئۆگىنىش ئەھۋاللىرىنى چۈشىنىشى، يەسلىنىڭ بالىغا بولغان تەلىپىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنۈپ، يەسلىگە ماسلىشىپ بېرىشى كېرەك.
بەشنى قىلماسلىق
1.تاتلىق سۇ تەييارلاپ ساقلاپ تۇرماسلىق
بىز دائىم ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى يەسلىدىن ئېلىۋېلىش ئۈچۈن بارغان ۋاقىتتا، بالىلىرىنى يەسلىدە جىق سۇ ئىچمىدى دەپ ئەندىشە قىلىپ، قولىدا بىر بوتۇلكا تاتلىق ئىچىملىكنى كۆتۈرۈۋالغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەمەلىيەتتە، ھەر كۈنى شۇنداق تاتلىق ئىچىملىك بىلەن بالىلارنى ساقلاپ تۇرسا، بالىلارنىڭ يەسلىدىكى نورمال سۇ ئىچىشىگە تەسىر قىلىدۇ، ھەم بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ ناھايىتى چوڭ تەسىر قىلىدۇ. بالىلارنى قايناق سۇ ئىچىشكە ئۈندەش كېرەك، چۈنكى قايناق سۇ تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ھەر خىل مىنېرال ماددىلار بار، بىراق ئىچىملىك تەركىبىدە بۇلار يوق.
2.ئۇنى بۇنى سوراۋەرمەڭ
بالا بىر كۈن يېنىدا بولمىغانلىقتىن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇلاردىن ئەنسىرىشى تەبىئىي ئەھۋال، بىراق ئۆيگە قايتىپ كېلىشى بىلەن ھەممىسى ئۇنى ئورىۋېلىپ ئۇنى بۇنى سوراپ تۇرۇۋالسا، بالىلارنى بىزار قىلىپ قويىدۇ، يەنە بىرگە ئۇلارنىڭ يەسلىگە كۆنەلمەسلىك ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ قويىدۇ. چۈنكى بالىلار ئەتراپتىكى ئوبيېكتىپ مۇھىتنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرايدۇ، چوڭلارنىڭ نورمالسىز، جىددىي ئىپادىلىرى بالىلارغا تەسىر قىلىدۇ.
3.ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىك
بالىلارنىڭ كۆڭلى يېرىم ۋاقىتلاردا ئۆزىچىلا خۇيى تۇتۇپ قالىدۇ. يېڭى يەسلىگە كىرگەن بالىلار بەزىدە ئەركىلەپ ياكى ئۇششۇقلۇق قىلىپ شۇنداق قىلىدۇ. ئاتا-ئانىلار بۇنداق ۋاقىتلاردا ھېسداشلىق قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنىڭ دىققىتىنى باشقا نەرسىلەرگە بۇرىۋېتىش ئارقىلىق كۆڭۈلسىزلىكىنى يوق قىلىشى كېرەك.
4.ئۇششاق-چۈشەك يېمەكلىكلەرنى بەرمەسلىك
بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى يەسلىدە ئاش قالدى دەپ ئويلاپ، ئۆيگە بېرىپلا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ھەرخىل ئۇششاق-چۈشەك يېمەكلىكلەرنى قويۇپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلغاندا بالا كەچلىك تاماقنى ياخشى يېيەلمەيدۇ، ھەر كۈنى شۇنداق يېمەكلىكلەر ساقلاپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇمۇ تاماقنى قەستەن ئاز يەپ شۇ يېمەكلىكلەر ئۈچۈن ئورۇن ئېلىپ قويىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇ ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
5.بىر تەرەپنىڭلا گېپىگە ئىشىنىپ كېتىش
ئاتا-ئانىلار بالىلىرى يېڭى يەسلىگە كىرگەن ۋاقىتتا، ھەر خىل ئەندىشىلىرى تۈپەيلى ئۇلاردىن نۇرغۇن سوئاللارنى سورايدۇ. بۇ مەزگىلدىكى بالىلار خىيالى بىلەن ئەمەلىيەتنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان جاۋابلارنى بىرىدۇ. مەسىلەن، بالىلار ئوتتۇرىسىدا بىرەر كۆڭۈلسىز ئىش يۈز بەرسە، ئۇ :«پالانى دوستۇم مېنى ئۇردى» دەيدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپلا ئىشىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلار ئادەتتە سوئاللارنىڭ ئاخىرىنى جاۋاب قىلىپ قايتۇرىدۇ، مەسىلەن، ئاپىسى بالىسىدىن:«قورسىقىڭ تويمىدىمۇ؟» دەپ سورىسا، بالا:«تويمىدى» دەپلا جاۋاب بېرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار مۇئەللىملەر بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ تۇرۇشى، خاتا چۈشىنىش بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بالىسىنىڭ يەسلىدىكى ئەھۋالىنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇشى كېرەك.
|