قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1912|ئىنكاس: 2

ئەنئەنىۋىي ئۆلچەش ئەسۋابى ۋە ئۆلچەم بىرلىكى ___ كۈرە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

0

دوست

1317

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   31.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35322
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 416
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-20 23:57:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنئەنىۋىي ئۆلچەش ئەسۋابى ۋە ئۆلچەم بىرلىكى ـــ كۈرە
ئابدۇشۈكۈر مەخسۇت


   كۈرە ـــ ياغاچتىن سۈكەن شەكلىدە ياسىلىدىغان ئاشلىق ئۆلچەيدىغان بىر خىل ئەسۋاب بولۇپ، ئۇيغۇرلاردا خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئۇ خۇددى چارەككە ئوخشاشلا ھەم ئۆلچەش ئەسۋابى ھەم ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، ئېغىرلىق، ھەجىم ۋە يەر مەيداننى ئىپادىلەشتە قوللىنىلغان. شەكلى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بولىدۇ.
1- رەسىم:  كۈرە
  ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا كۈرە قەدىمكى بابىلۇندا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ ئاشلىق ساقلايدىغان يۇمۇلاق ئۆينى كۆرسەتكەن (ئوسمانىيلار دەۋرىدە باغدادتا بىر كۈرە بۇغداي 1440 دىرھەم يەنى 2754 كىلوگىرام ؛ بەسرەدە  بىر كۈرە بۇغداي  ئالتە ئېشەك يۈكى ياكى 7200 رىتىلغا ۋەياكى 2754 كىلوگىرامغا تەڭ بولغان). تۈركلەر يۇمۇلاق ياسالغان مەدەن ئوچىقىنى «كۈرە» دەپ ئاتىغان. موڭغۇللار سېپىل بىلەن قورشالغان قەلئە – قورغان شەكلىدىكى قۇرۇلۇشلارنى كۈرە دەپ ئاتايدۇ. ھازىرقى زامان تۇرپان شىۋىسىدە تۆت ئەتراپى تام بىلەن قورشالغان ھويلىلىق قۇرۇلۇش «كۈرە» دېيىلىدۇ. دېمەك، كۈرە قەدىمكى دەۋرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەر تىلىدا تام بىلەن قورشالغان قۇرۇلۇشنى كۆرسەتكەن. كېيىنچە ئەشۇ قۇرۇلۇشلارغا تەقلىد قىلىپ تاختاي بىلەن تۆت چاسا شەكىلدە ياسالغان بۇ  ئۆلچەش ئەسۋابىمۇ «كۈرە» دەپ ئاتالغان.
   مەھمۇد قەشقەرى چىغ قاتارلىق نەرسىلەردىن تاغارغا ئوخشاش توقۇلىدىغان ياكى ئۇلاغقا ئارتىشقا لايىقلاشتۇرۇلۇپ خۇرجۇنغا ئوخشاش توقۇلغان سېۋەت، يەنى كاجۇۋانىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «كۈرىن»[ئابلىمىت ئەھەت، دىلدار مەمتىمىنلەر تۈزگەن: «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989- يىل نەشرى، 361- بەت.] دېيىلىدىغانلىقىدىن مەلۇمات بەرگەن.  دېمەك 10 – ئەسىردىكى ئۇيغۇرلاردا ھازىرقى شەكىلدىكى كۈرە تېخى ئىشلىتىلمىگەن بولسىمۇ، ئەما شەكلى ۋە ئاتىلىشى شۇنىڭغا يېقىن بولغان نەرسە قاچىلايدىغان تۇرمۇش – ئىشلەپچىقىرىش بۇيۇمى بولغان.
«كۈرە» دېگەن بۇ سۆز ئەڭ دەسلەپ   قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان يۈەن دەۋرىگە ئائىت ھۆججەت – ۋەسىقىلەردە 》irük 《 (كۈرى) شەكلىدە ئۇچرايدۇ. ۋەسىقىلەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا قوچۇ ئۇيغۇرلىرىدا ھۆكۈمەت ۋە شەخسلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا كۈرىسى بولغان. كۈرىدىن چوڭ ئۆلچەم بىرلىكى «شىغ» دەپ ئاتالغان ھەمدە «شىغ» نىڭ مىقدارى كۈرە ئارقىلىق ئۆلچەنگەن. مەسىلەن:
«... مەن كۇئىنتۇ يەكۈمىشكە تۇۋاستىنىڭ كۈرىسى بىلەن توققۇز شىغ توققۇز كۈرە ساپ – تازا بۇغداينى ئىككى ھەسسە ئۆسۈم (بىلەن قايتۇرىدىغانغا) قەرزگە بەردىم...» مەن يەكۈمىش كۇئىنتۇدىن توققۇز كۈرە ساپ – تازا بۇغداي ئالدىم. بۇ بۇغداينى ئىككى ھەسسە ئۆسۈمى بىلەن سەككىزىنچى ئايدا كۇئىنتۇغا يىغىپ بېرىمەن...»  (مۇھەممەترېيىم سايىت، ئىسراپىل يۈسۈپ: «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003 – يىل نەشرى 268- بەت.)
«... مەن يىگەدمىشكە ئۆسۈمگە تېرىق كېرەك بولۇپ، چاناقتىكى ۋاپىتسۇتۇنىڭ كۈرىسى بىلەن ئىككى شىغ تېرىق ئالدىم...» (مۇھەممەترېيىم سايىت، ئىسراپىل يۈسۈپ: «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003 – يىل نەشرى  271- بەت.)
«... مەن مىسىرگە ئۆسۈمگە تېرىق كېرەك بولۇپ، قايىمتۇدىن تۆت كۈرە (تېرىق)  ئالدىم. (كۈزنىڭ) باشلىرىدا ئالتىنچى (ئاينىڭ) ئىچىدە مەن سەككىز كۈرە تېرىقنى تولۇق بېرىمەن...» (مۇھەممەترېيىم سايىت، ئىسراپىل يۈسۈپ: «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003 – يىل نەشرى  272- بەت.)
«... مەن ...ئۆگرۈس تەمىرگە ئۆسۈمگە ئاشلىق كېرەك بولۇپ، بادرۇندىن ئىككى كۈرە ئاشلىق ئالدىم. كۈزنىڭ باشلىرىدا، ئوتتۇز تەنبىن (يەنى) بىر قاپ مۇسەللەسنى تولۇق بېرىمەن...» (مۇھەممەترېيىم سايىت، ئىسراپىل يۈسۈپ: «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003 – يىل نەشرى 276- بەت.)
ئەينى دەۋردە تۈزۈلگەن «ئىدىقۇت مەھكىمىسىنىڭ سۆزلۈكى» دە بۇ سۆز خەنزۇ تىلىغا «斗» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. «سىخەي» دە: «斗 ــ ئېغىزى چوڭ، تۈۋى كىچىك كەلگەن چاسا شەكىلدىكى بىر خىل ئۆلچەش ئەسۋابى، تۇتقۇچى بولىدۇ، ھەجىم بىرلىكى قىلىپ قوللىنىلىدۇ»[«سىخەي» 1987- يىل نەشرى، 1797- بەت.] دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. فون گابائىن«قوچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى» ناملىق ئەسىرىدە ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى قوللانغان كۈرە 10 شىڭغا تەڭ دەپ يازغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر مەھكىمىسىنىڭ خەت – چەكلىرى» دېگەن كىتابتا: «كۈرى ـــ قەدىمكى بابىلۇننىڭ نەرسە ئۆلچەيدىغان ئۆلچەش ئەسۋابى، 6 ئىشەك يۈكى ياكى 60 سىۋەتكە باراۋەر»[«ئوتتۇرا ئاسىيا ئىلمىي ژۇرنىلى» 5- سان، 264- بەت.] دېيىلگەن.  «خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە لۇغەت» تە: «  1 كۈرە 10 شىڭغا تەڭ» دەپ كۆرسىتىلگەن. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە: «كۈرە ـــ ياغاچ ياكى قومۇچتىن سۈكەن شەكلىدە ياسىلىدۇ. ئون شىڭغا تەڭ ھەجىم بىرلىكى»[«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1999- يىل نەشرى، 926- بەت.] دەپ ئىزاھلانغان. بۇ سىخەيدىن ئېلىنغان چۈشەندۈرۈش بولۇپ، شىنجاڭدا كۈرە قومۇچتىن ئەمەس بەلكى تاختايدىن ياسىلىدۇ.
كۈرە ـــ ئەپچىل، شەكلى ئاددىي، ئىشلىتىش قولاي بولغان ئۆلچەش ئەسۋابى ۋە ئۆلچەم بىرلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى جايلاردا  ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن ئىلگىرىلا كەڭ قوللىنىلىشقا باشلىغان بولۇپ، تارىخىي ماتېرىياللاردا كۈرە ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تىلغا ئېلىنغان. مەسىلەن، ئىرانلىق تارىخچى راشىدىننىڭ «جامىئۇلتەۋارىخ» ناملىق ئەسىرىدە ئىسلاھ قىلىنغان ئۆلچەم بىرلىكلىرى قاتارىدا كۈرە مۇنداق بايان قىلىنغان: «ئۇنىڭدىن قالسا، ھەرقايسى ئۆلكىلەردە ئوخشاش بولمىغان كۈرە، جەرىپ، تاغار... قاتارلىق چوڭ كىچىك ئۆلچەم بىرلىكلىرى بولۇپ، بەزىدە كىچىك، بەزىدە چوڭ، ھەممىلا ئادەم كۈرە، پاتمانلارنى ئۆزى ياسىۋالىدىغان بولغاچقا، ھەرۋاقىت نازارەت قىلىپ تۇرۇش تەس، ھەمدە ھەممىلا ئادەمنىڭ بىلىپ كېتىشىمۇ تەس بولغانلىقتىن ھەر خىل ماجرالار چىقىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، پەرمان بويىچە ھەرقايسى ۋىلايەتلەرنىڭ كۈرىسى بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ: ھەر بىر كۈرە تەبرىز ئېغىرلىق ئۆلچىمىدە 10 مەن، ھەر بىر مەن 260 دىرھەم، 10 كۈرە بىر تاغارغا تەڭ بولىدۇ. ئاشلىقنىڭ تۈرى كۆپ، مەسىلەن بۇغداي، ئارپا، پۇرچاق، كۈنجۈت ....قاتارلىق بولۇپ، بەزىسى ئېغىر، بەزىسى يېنىك بولغانلىقتىن، ھەر بىر ئاشلىققا بىر خىل مەخسۇس كۈرە ياسىلىشى، ھەر بىر كۈرە دەل 10 مەنگە باراۋەر بولۇشى، ئۇنىڭ تۆت تەرىپىگە «مەلۇم ئاشلىققا ئىشلىتىلىدىغان كۈرە» دەپ يېزىلىشى، ئوردىدىن پۇل ۋە ماللارنىڭ ئېغىرلىق بىرلىكىنى باشقۇرىدىغان ۋەكالەتچى سوتچىلار ئاجرىتىلىپ، مۇھتەسىپلەر بىلەن  بىرلىكتە بۇ كۈرەلەرنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، گىرۋەكلىرىگە بەلگە سالدۇرۇپ، ھەر ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرۈپ تۇرۇلۇشى كېرەك. بەلگە سېلىنمىغان كۈرىلەرنى ياسىغان ۋە ئىشلەتكەنلەرنى جازالاپ، ئۇلارنىڭ ئىككى قولىنى كېسىۋېتىش ھەمدە جەرىمانە ئېلىش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن بارلىق ۋىلايەتلەردە  10 مەنلىك كۈرەدىن باشقا ھەرقانداق شەكىل ۋە نامدا ھېچقانداق كۈرە ئوتتۇرىغا چىقماسلىقى ئەگەر چىقىپ قالسا ئىشلىتىلمەسلىك كېرەك. باشقا پاتمان قاتارلىق ئۆلچەش ئەسۋابلىرىمۇ ئىشلىتىلمىسۇن. ئەگەر بەش مەنلىك يېرىم كۈرە ياساشقا توغرا كەلسە: 20 يېرىم كۈرەنى بىر تاغار قىلىپ ھېسابلاتقۇزۇش كېرەك.( راشىددىن (ئىران) «جامىئۇلتاۋارىخ» (خەنزۇچە تەرجىمىسى)،  470-،471-،472- بەتلەر.)
20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا پۈتۈلگەن خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە ئىككى خىل يېزىقتىكى ھۆججەتلەردە «斗» نى «چارەك» دەپ يازغان (رەسىمگە قاراڭ). بۇ جەنۇبىي شىجاڭدا كۈرە ئومۇملاشماي، ئۇنىڭ ئورنىغا چارەك
2- رەسىم: «斗» نى «چارەك» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ھۆججەت
قوللىنىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مۇشۇ دەۋرگە دائىر ماتېرىياللاردا  ئىلى قاتارلىق جايلاردا كۈرە ئېغىرلىق، ھەجىم (سىغىم) ۋە يەر مەيدان بىرلىكى سۈپىتىدە كەڭ قوللىنىلغان. 19- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا ئىلىدا كونسۇل بولۇپ تۇرغان روسىيىلىك پانتوسوف بىلال نازىمىنىڭ «غازات دەر مۈلكىي چىن» داستانىغا يازغان ئىزاھاتىدا ئىلى رايونىدىكى چوڭ – كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ئۈچ خىل كۈرەنى تىلغا ئېلىپ: «بىر خىلى 50 جىڭلىق بولۇپ، چوڭ كۈرە دەپ ئاتىلىدۇ؛ يەنە بىر خىلى 35 جىڭلىق بولۇپ، كىچىك كۈرە دېيىلىدۇ؛ يەنە بىر خىلى 33 جىڭلىق بولۇپ ھۆكۈمەت كۈرىسى دېيىلىدۇ. ئۈچ ھۆۈمەت كۈرىسى يەنى ئىككى چوڭ كۈرە بىر خوغا تەڭ بولىدۇ. بىر خو 100 جىڭ ياكى 150 رۇس قادىقىغا باراۋەر كېلىدۇ»[ما داجېڭ: «يېقىنقى زاماندا شىنجاڭدا قوللىنىلغان ئۆلچەم تۈزۈمى ۋە ئۆلچەش ئەسۋاپلىرى». ماداجېڭ قاتارلىقلار تۈزگەن: «غەربىي يۇرتتىكى تەكشۈرۈش  ۋە تەتقىقات» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ماقالە. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1994- يىل نەشرى، 391- بەت.]  دەپ يازغان. ھەمدە ئاشلىق ئوخشاش بولمىسا بىر كۈرىنىڭ ئېغىرلىق مىقدارىنىڭمۇ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى ئۆلچەپ چىققان. ئۇنىڭ ئۆلچىشىگە ئاساسلانغاندا، بىر چوڭ كۈرە بۇغداي ئىككى پۇت، يەنى 32.76 كىلوگىرام؛ ئارپا 1.75 پۇت، يەنى 28.67 كىلوگىرام؛ تېرىق 1.875 پۇت، يەنى 30.71 كىلوگىرام؛ سۇلۇ 1.375 پۇت، يەنى 22.52 كىلوگىرام كېلىدىكەن.[ما داجېڭ: «يېقىنقى زاماندا شىنجاڭدا قوللىنىلغان ئۆلچەم تۈزۈمى ۋە ئۆلچەش ئەسۋاپلىرى». ماداجېڭ قاتارلىقلار تۈزگەن: «غەربىي يۇرتتىكى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ماقالە. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1994- يىل  نەشرى، 391- بەت.]  .
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا «شىنجاڭدا  1 كۈرە ئاشلىق  2.5 ھۆكۈمەت كۈرىسىگە باراۋەر، 5 كۈرە 1 خو بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ئۈرۈمچىدە ئىشلىتىلىدىغان كۈرە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يېرىم خوغا تەڭ»[ما داجېڭ: «يېقىنقى زاماندا شىنجاڭدا قوللىنىلغان ئۆلچەم تۈزۈمى ۋە ئۆلچەش ئەسۋاپلىرى». ماداجېڭ قاتارلىقلار تۈزگەن: «غەربىي يۇرتتىكى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ماقالە. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1994- يىل  نەشرى، 391- بەت.] ، دېيىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن يېزىلغان خاتىرىلەردە شىمالىي ۋە شەرقىي شىنجاڭدىكى جايلاردا 1 كۈرە 30 نەچچە جىڭ، 35 جىڭ، 38 جىڭ ۋە 39 جىڭ دەپ ھەر خىل يېزىلغان. بۇنىڭدىن كۈرىنىڭ شىمالىي شىنجاڭدا ئىشلىتىلگەن ئۆلچەش ئەسۋابى ۋە ئۆلچەم بىرلىكى ئىكەنلىكىنى ھەمدە يەنە شىنجاڭ كۈرىسىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كۈرەدىن خېلىلا چوڭلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
قۇمۇل، تۇرپان، ئۈرۈمچى ۋە ئىلى قاتارلىق جايلاردا خۇددى جەنۇبىي شىنجاڭدىكىگە ئوخشاشلا مېتر سىستېمىسى قوللىنىلغانغا قەدەر، ھەتتا خەلق ئارىسىدا يېقىنقى يىللارغىچە  يەر كۆلىمىنى چېچىلغان ئۇرۇقنىڭ مىقدارى بويىچە ھېسابلاش ئادىتى بولۇپ، بىر كۈرە ئۇرۇق چېچىلىدىغان يەر «بىر كۈرە يەر» دەپ ھېسابلانغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە مەتبۇئات يۈزىدىمۇ  «كۈرە» يەر مەيدان  ئۆلچەم بىرلىكى سۈپىتىدە داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرغان. مەسىلەن، «شىنجاڭ تەشۋىقاتچىسى» ژۇرنىلىنىڭ 1954- يىللىق 12- سانىدىكى بىر ماقالىدە ئۇزۇنلۇقنى «جاڭ» بىلەن، يەر مەيدانىنى «كۈرە» بىلەن ئىپادىلىگەن. دېمەك،  بۇ ئۆلچەم بىرلىكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ، خەلقئارا بىرلىكلەر سىستېمىسى ئومۇملاشتۇرۇلغاندىن   كېيىنمۇ  بەزى جايلاردا داۋاملىق قوللىنىلغان.  50- يىللاردىكى تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىلى تەۋەسىدە بىر كۈرە يەر 1.4 ـــ1.75 مو، باشقا جايلاردا 2.5 موغا باراۋەر كېلىدىكەن. بۇ بەلكىم ئىلىنىڭ سۇ – تۇپراق شارائىتى ياخشى بولغانلىقتىن ئۇرۇقنىڭ بىرقەدەر زىچ چېچىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسە كېرەك.
uyghuray

0

تېما

7

دوست

3839

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   61.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17596
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1164
توردىكى ۋاقتى: 289
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-22 10:21:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن «كۈرە» نى يەر مەيدان  ئۆلچەم بىرلىكى قىلغاننى ئاڭلاپ باقمەپتىكەنمەن.

9

تېما

37

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   15.45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 1776
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 4797
توردىكى ۋاقتى: 1012
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-29 02:15:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلىمىزدىكى كۈرەك دىگەن سۆز شۇ كۈرەدىن كەلگەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )